بانكا كارتىلىرى ۋە پۇلتۇتار ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ئەھكاملار

 

تەييارلىغۇچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ھـ 1441 -، م2020 – يىلى

 

ئىچىدىكىلەر:

مۇقەددىمە

بانكا كارتىلىرىنىڭ پايدا – زىيانلىرى

بانكا كىرېدىت كارتىسى بىلەن جازانىنىڭ مۇناسىۋىتى

جازانىنىڭ تۈرلىرى

جازانە سەۋەبلىك ھارام قىلىنغان سودىلار

بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card)

ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge)

«ئىسلام بانكىلىرى» تارقاتقان كارتىلارنىڭ ھۆكمى

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ تونۇلغان «قاتىلىم بانكىلىرى» سۇنغان ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge)

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»نىڭ كىرېدىت كارتا شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

پۇلتۇتار (POS پوس ئاپپاراتى) قويغان تىجارەتچىلەر تۆلەيدىغان ھەقنىڭ ھۆكمى

خاتىمە

 

مۇقەددىمە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بۈگۈنكى كۈندە، بانكا كارتىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرۇش رولى ۋە ئەھمىيىتىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بەلكى ھەممىمىزدە، بۇ كارتىلارنىڭ بىرى ياكى بىرنەچچە خىلى بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە كارتىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، بانكا كارتىسى دېگىنىمىزدە، دەرھال كۆز ئالدىمىزغا ئىناۋەت ياكى كىرېدىت كارتىسى كېلىدۇ. ئىقتىسادتىكى «كىرېدى» كەلىمەسى ئەسلىدە ئەرەبچە «قەرز» كەلىمەسىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە، قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغۇچىغا قىلغان ئىشەنچىسىگە، ياكى بىر شەخس ياكى ئورۇننىڭ قەرز ئېلىش ئمكانىيىتىگە، ياكى قەرز تۆلەشكە بېرىلگەن مۆھلەتكە، ياكى قەرز پۇلغا ۋە قەرزگە ئىشلىتىلىدىغان بولغان. دېمەك، كىرېدىت سۆزى قەرز بېرىشكە بولغان ئىشەنچ، قەرز ۋە قەرز قايتۇرۇشقا بېرىلگەن مۇددەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە «ئىناۋەت» سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن.

كىرېدىت بىلەن قەرز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇنداق ئىزاھلىساقمۇ بولىدۇ: كىرېدىت ياكى ئىناۋەت قەرز ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ پۇرسەتكە ئىگە بولغان كىشى ئېھتىياجىغا قاراپ خالىسا قەرز ئالىدۇ، خالىسا ئالمايدۇ. ئۆسۈم تۆلەشتىمۇ بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كېچىكتۈرۈۋەتمىسە ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ.

ئەسلىدە، بانكىلار پۇل – مۇئامىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان بىرنەچچە خىل كارتا تارقاتقان بولۇپ، بۇ كارتىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن كىشى، ئۇ كارتا ئارقىلىق نەق پۇلغا، تاۋارغا ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق قىممىتى بار نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

لېكىن، بۇ كارتىلارنىڭ بەزىسى ئىناۋەت ياكى ئىشەنچ بىلەن تەمىنلىسە، بەزىسى قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بەزىلىرى بانكا ھېساۋىغا قويغان پۇلىنى قولىغا ئېلىشقا ۋە خەجلەشكىلا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ماقالىمىزدا بانكا كارتىلىرى ۋە پۇلتۇتار ئىشلىتىشنىڭ جازانە ۋە جازانىلىك توختاملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەپسىلىيرەك توختىلىپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار مۇھىم ئەھكاملار بايان قىلىشقا تىرىشىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بانكا كارتىلىرى، بانكا ھېساب كارتىسى، كىرېدىت كارتىسى، ئىناۋەت كارتىسى، جازانە، قەرز، ئۆسۈم، ئىينە سودىسى، تەۋەررۇق سودىسى، ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»، پۇلتۇتار.

 

بانكا كارتىلىرىنىڭ پايدا – زىيانلىرى
 

بانكا كارتىلىرى كارتا ئىشلەتكۈچىگە تۆۋەندىكىدەك پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ:

1.     بىخەتەرلىك. نەق پۇلنى يېنىدا ساقلاشتىن ۋە كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدە. شۇنداقلا كارتا بىلەن بېلەت سېتىۋالغان تەقدىردە، سەپەر ھادىسىلىرى ياكى سەپەردىكى ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا قارىتا سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

2.     بانكىدىكى ھېسابىمىزدا پۇلىمىز بولسا ئۇنى ساقلاش، ئېلىش ۋە باشقىلارغا ئەۋەتىش، شۇنداقلا باشقىلار بىزگە ئەۋەتكەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىش.

3.     قەرز ئېلىش. بانكا ھېسابىمىزدا پۇلىمىز بولمىسىمۇ، بانكىدىن قەرز ئالالايمىز.

4.  تاۋار سېتىۋېلىش. بۇ دۇكان، سودا – سارايلىرىدىكى پۇلتۇتار (POS پوس ئاپپاراتى) غا سۈركەش ياكى توردا تاۋار سېتىۋېلىش بىلەن بولىدۇ.

5.  ئىجارىگە ئېلىش ۋە مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىش. مەسىلەن، ماشىنا كىرالاش، ياتاقتا يېتىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىقىش… قاتارلىقلار.

6. ئېتىبار باھادىن بەھرلىنىش. بەزىدە كارتا ئىگىسى تاۋارنىڭ تۈرىگە قاراپ 5% تىن 30% ئارىلىقىدا ئېتىبار باھادىن پايدىلىنىدۇ. مېھمان كۈتۈش ۋە بېلەت ئىشلىرىدىمۇ شۇنداق. شۇنداقلا ياتاق ياكى بېلەت ئېلىشتا كارتا ئىگىلىرىگە بەزىدە ئالدىن ئورۇن بېرىلىدۇ ۋە قولايلىق سۇنىلىدۇ.

7. ھىمايىگە ئېرىشىش. سېتىۋېلىنغان تاۋار تەلەپكە لايىق چىقماي قالسا، بانكا كارتا ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بەزى دۆلەتلەردە سۈپەتسىز تاۋارغا 60 كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققى بولىدۇ.

8. ئىناۋەت. بەزى كارتىلار ئادەتتە كىرىمى ياخشى كىشىلەرگە بېرىلىدىغان بولغاچقا، كارتا ئىگىسى جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ كارتىنى چوڭ بىلىدىغان ئورۇنلاردا مەلۇم ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

9.  كارتا ئىشلىرىنى شۇ خىلدىكى بانكا بار دۆلەتتىن باشقا بىر دۆلەتتە قىلغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ ئىشلارغا پۇل ئالماشتۇرۇش توختىمىمۇ قېتىلىدۇ.

10. خاتىرىلەش. كارتا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بارلىق كىرىم – چىقىم ئىنچىكە خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ ھەم مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ.

كارتا ئىگىسى يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، بانكىلار كىشىلەرنى بۇ تۈرلۈك كارتىلارغا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە سۇنغان تۈرلۈك مۇكاپات ۋە ئالاھىدىلىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشى مۇمكىن.

 

بۇ كارتىلارنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملاش مۇمكىن:

1.  ھارام توختامغا كىرىپ قېلىش. بۇ تۈرلۈك كارتىلار جازانە ۋە ئۆسۈملۈك قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىر قاتار باتىل شەرتلەر بار توختامغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن قوللىنىلىدىغان بولغاچقا، قەستەن جازانىگە كىرىش ۋە جازانىخورلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە جازانىنى قانات يايدۇرۇشتەك ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

2.  قەرزگە بوغۇلۇش. ئىناۋەت كارتىسى ئىشلەتكەندە، كىرىمىگە ياكى بانكا ھېسابىدىكى پۇلغا قارىماستىن، كېيىنچە پۇل تاپالايمەنغۇ دېگەن ئارزۇدا ھەقىقىي ئېھتىياجدىن ئارتۇق تاۋار سېتىۋېلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى. قەرزنى قايتۇرۇش كېچىككەنسېرى ئۆسۈمى ئېشىپ قەرزگە تېخىمۇ بوغۇلىدۇ.

3.  پۇل يىغالماسلىق. بۇمۇ قەرزگە كىرىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى، تاپقان – تەرگىنى قەرز ۋە ئۆسۈمىنى تۆلەشكە كېتىدۇ.

4. خېيىم – خەتەر. كارتا ئوغرىلانسا ياكى ئوغرىلانمىسىمۇ ئالمىغان تاۋارنىڭ پۇلىنى تۆلىتىش يۈز بېرىپ قالسا، زىيان كېلىپ چىقىدۇ([1]).

5. ئۆزىنىڭ پۇلىنى خالىغانچە ئىشلىتەلمەسلىك. يېنىدا نەق پۇل بولمىغاچقا، چوقۇم پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM)، پۇلتۇتار ۋە بانكىنىڭ تارماقلىرى ئارقىلىق چىقىم قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

 

بانكا كىرېدىت كارتىسى بىلەن جازانىنىڭ مۇناسىۋىتى
 

ئىسلامدا بانكا كىرېدىت كارتىسىنىڭ ھۆكمى، تىجارەت، پۇل – مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىشتا ساقلىنىش كېرەك بولغان باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش، جازانە ۋە ئېنىقسىزلىق قاتارلىق 3 چوڭ ھارامنىڭ بىرى بولغان جازانىگە چېتىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ، جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان. شەرىئىتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. چۈنكى، ئۇنىڭدا جەمئىيەتكە قىممەت يارىتىش ياكى ھەقىقىي گۈللىنىش دېگەن نەرسە بولماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭدا زۇلۇم سېلىش بار ھەمدە جازانە ھېچقانداق تەر ئاققۇزماستىن ياكى خەتەرگە يولۇقماستىن پۇلغا ئېرىشىپ يېتىپ ياشايدىغان پارازىت ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

ئىسلام پۇل – – مېلىنى جازانە ئارقىلىق كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشىگە يولنى تاقاپ، جازانىنىڭ كۆپىنىمۇ، ئېزىنىمۇ ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا: ﴿جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ) : «سودا – سېتىق جازانىگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾ ([2]) دېگەن ۋە: ﴿ئى مۇئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار﴾ ([3]) دېگەن.

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن جازانە چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق جازانە يېگەن يەھۇدىيلارنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە ئۇلارغا ئالدىن تەييارلانغان قاتتىق ئازابنى بايان قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى جازانىدىن توستى.

﴿يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىلگىرى ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق﴾([4]).

ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ﴿ئاللاھ جازانىنىڭ پايدىسىنى توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ پايدىسىنى زىيادە قىلىدۇ﴾([5]).

ئاللاھ تائالا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلىرىدە مۇنداق دېگەن:

[﴿ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! مۆمىن بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىڭلار، قالغان جازانىنى تاشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار ئۆزۇۈزەڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر]﴾([6]).

بانكا ئۆسۈمى بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجماسى، فىقھى كومىتېتلارنىڭ بىردەك قارارى بىلەن شەرىئەت ھارام قىلغان جازانىنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئۆسۈم ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، قەرز بەرگەندە شەرتلەشكەن بولسۇن ياكى قەرزنى تۆلىيەلمىگەندە كېچىكىپ تۆلەش ئۈچۈن بولسۇن، ئىستېمال ئۈچۈن بولسۇن ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بولسۇن ئوخشاشلا هارام.

پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ جىنايەتنى ئۆسۈم يېگۈچىگىلا قارىتىپ قويماي، بەلكى ئۆسۈم يېگۈزگۈىچىنىمۇ، يەنى، باشقىلاردىن ئالغان قەرزگە ئۆسۈم بېرىدىغاننىمۇ، ئۆسۈم كېلىشىمىنى يازغۇچىنىمۇ ۋە ئۆسۈم كېلىشىمىگە گۇۋاھ بولغۇچىلارنىمۇ بۇ جىنايەتنىڭ گۇناھىغا شېرىك، دەپ ئېلان قىلدى.

ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ تائالائاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان»([7]).

ئەگەر ئۆسۈم بەرگۈچى پەۋقۇلئاددە جىددىي زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بولسا، قەلبىدە ئۇنى ھالال سانىماستىن ئۆچ كۆرۈپ تۇرۇپ بەرسە، جازانىنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئۆسۈم ئالغۇچىغا، گۇۋاھچىغا ۋە يازغۇچىغىلا بولىدۇ، قەرز ئالغۇچىغا بولمايدۇ.

زۆرۈر ئېھتىياج دېگىنىمىز – ئەگەر قەرز ئالمىسا ھالاكەتكە چۈشۈپ قالىدىغان، ئوزۇق – – تۈۆلۈك، سوغۇقتىن ساقلايدىغان كىيىم – كېچەككىيىم – كېچەك، يېقىلغۇ، دورا ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلاردەك، ھاياتىغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالمىسا باشقا ھېچقانداق يول بىلەن قامدىيالماسلىق ھالىتىدىكى موھتاجلىقتۇر.

جازانىنىڭ تۈرلىرى
1.     قەرز جازانىسى. يەنى ئۆسۈملۈك قەرز. بۇ يەنە «جاھىلىيەت جازانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ جاھىلىيەتتىكى جازانە تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىرىدۇر.

2.     نېسىنى ھەسسىلەش جازانىسى. بۇ نېسىنى دېيىشكەن ۋاقتىدا بېرەلمىسە ئۆسۈم قوشۇش بەدىلىگە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بانكىلاردىكى پۇلنى قەرەلىدە تۆلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن قويۇلىدىغان جازا مۇشۇ تۈردىن. بۇ تەقسىتلىك (قەرەللىك سېتىش) ئىشلىرىدىمۇ بولىدۇ.

3.     جىنسداش تاۋارنى كەم – زىيادە قىلىپ ئالماشتۇرۇش جازانىسى. بۇ يەنە «سودا جازانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4.     نېسى جازانىسى. بۇ ئامېرىكا دوللىرىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇپ، لىرانى نەق تاپشۇرۇپ بەرمىگەندەك ئەھۋاللاردا شەكىللىنىدۇ.

5.     ناتوغرا سودىلار. ھەنەفىي مەزھەپتە: «زىيادىلىك بولسۇن – بولمىسۇن، مەلۇم سۈپەت سەۋەبلىك ناتوغرا بولغان سودىلارنىڭ ھەممىسى جازانە ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى جازانە بەدەلسىز نەرسە بولۇپ، ناتوغرا شەرتلەرنىڭ ماھىيىتى بولسا توختامغا ماس كەلمەيدىغان ئارتۇق نەرسىنى قوشۇۋېلىشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە، ناتوغرا توختاملاردا بەدەلسىز نەرسە بولغان بولىدۇ ۋە بۇ جازانىنىڭ ئۆزىدۇر([8]).

جازانە سەۋەبلىك ھارام قىلىنغان سودىلار
1. پۇل ۋە ئالتۇنلارنى ئالماشتۇرۇشتا بىر نەرسىنى ئۆز جىنسىغا ئارتۇق – كەم ئالماشتۇرۇش ياكى بىرىنى نېسى ئالماشتۇرۇش.

2. «ئىينە سودىسى». بىر كىشىگە بىر تاۋارنى مەلۇم باھادا مەلۇم ۋاقىتقا نېسى سېتىپ، ئاندىن كېيىن ئۆزى ساتقان ھېلىقى تاۋارنى ھېلىقى سېتىۋالغۇچىدىن بۇرۇنقىدىن تۆۋەنرەك باھادا نەقخ سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ھارام سودىدۇر. مالنى نېسى سېتىۋېلىپ نەق ساتقۇچى بۈ بۇ سودا ئارقىلىق نەقخ پۇلغا دەرھال ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن شۈنداقشۇنداق ئاتالغان. بۇنداق شەكىلدىكى مۇئامىلە تاشقى كۆرۈىنۈىشتە سودا، ھەقىقەتتە ھىلەھىيلە ئىشلىتىلگەن جازانە بولغانلىقتىن ھارام قىلىنغاندۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىينە سودىسى قىلىشساڭلار، كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئەگىشىپ (بۇ دېھقانچىلىققا كىنايە)، دېھقانچىلىققا رازى بولۇپ ئولتۇرساڭلار ۋە جىھادنى تاشلاپ قويساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا شۇنداق بىر خارلىقنى يۈكلەپ قويىدۇكى، تاكى دىنىڭلارغا قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى بوينۇڭلاردىن ئېلىۋەتمەيدۇ»([9]).

3.     تەۋەررۇق

1)    ئاددىي تەۋەررۇق: نەق پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى نەق پۇل تاپالمىغان تەقدىردە، بىرەر تاۋارنى نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا سېتىپ بەرگەن كىشىدىن باشقا كىشىگە نەق سېتىشى تەۋەررۇق دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، ئىينە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا ئىككى سودا قىلىش بىلەن بولسا، تەۋەررۇق ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىدا بولىدۇ.

بۇ تۆۋەندىكى 3 شەرت تېپىلسا جائىز:

1. ئادەتتىكى مۇباھ يول بىلەن نەق پۇل تاپالمىغان بولۇشى.

2. نەق پۇلغا جىددىي ئېھتىياجى بولۇشى.

3. تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا بولۇشى.

2) پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق.

بۇ خىل «تەۋەررۇق سودىسى»دا، نەق پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بىرەر تاۋارنى نېسىي سېتىۋالىدۇ. ئاندىن ساتقۇچىنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى ئۇ تاۋارنى تۆۋەنرەك باھادا نەق سېتىپ قويىدۇ. بۇنىڭغا باشتىلا پۈتۈشۈۋالىدۇ. كۆپىنچە تاۋارنى ساتقۇچى بانكا بولىدۇ. سودىمۇ شەكلىي سودا بولىدۇ. نەتىجىدە، قەرز بېرىپ تۇرۇپ پۇلىنى ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇنداق شەكىلدىكى مۇئامىلە تاشقى كۆرۈنۈشتە سودا، ماهىيەتتە ھىيلە ئىشلىتىلگەن جازانە بولغانلىقتىن شەرئەن ھارام بولۇپ، بۇ «ئىينە سودىسى»غا يېقىن([10]). شۇڭا ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار ھارام دەپ كېسىۋەتكەن.

«ئىسلام فىقھى كومىتېتى»نىڭ 2003 – يىلدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

«ئىسلام بانكىسىنىڭ نەق پۇل ئىزدىگەن كىشىگە بىرەر تاۋارنى خەلقئارا سودا بازارلىرىدىن ياكى باشقا بازارلاردىن نېسى سېتىۋېلىشنى شەكلىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، بانكىنىڭ توختامدا ياكى ئۆرپ -ئادەتتە بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە ئۇ تاۋارنى ئۇ كىشىگە ۋاكالەتەن باشقا بىر كىشىگە نەق سېتىپ قويۇشنى شەرت قىلىشى ۋە پۇلنى نەق پۇل لازىم بولغان كىشىگە تاپشۇرۇشى ئىينە سودىسىغا ئوخشىغانلىقتىن ۋە شەرىئەتتىكى تاۋارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن ۋە يەنە قەرز بېرىپ ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇۋېلىشنى تەپمە ھالال قىلغانلىقتىن جائىز بولمايدۇ. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» بارلىق «ئىسلام بانكىلىرى»غا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان ھالدا ھارام قىلىنغان مۇئامىلىلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ»([11]).

4.     قەرزنى قەرزگە سېتىش

قەرزنى قەرزگە بوغۇلغۇچىنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقا بىرىگە نېسى سېتىش. بۇ جازانىنىڭ بىر تۈرى بولغاچقا، ئالىملار بىردەك ھارام دەپ قارايدۇ.

قەرزگە بوغۇلغۇچىنىڭ ئۆزىگە سېتىشنىڭ مىسالى: بىر كىشى يەنە بىرسىگە: مەن سىزدىن ماۋۇ تاۋارنى بەش دوللارغا سېتىۋالدىم، تاۋارنىمۇ، پۇلىنىمۇ بىر ئايدىن كېيىن تاپشۇرىمىز، دېسە([12]) ياكى بىر توننا بۇغداينى كېيىن تاپشۇرىدىغانغا نەق پۇلغا سېتىپ، ۋاقتى كەلگەندە بىر توننا بۇغداي قولىدا بولماي قالسا، سېتىۋالغۇچىغا: ئۇ بىر توننا بۇغداينى ماڭا بىر يېرىم توننا بۇغدايغا (ياكى يېرىم توننا خورمىغا) سېتىپ بەرگىن، دېسە، ماقۇل دەپ سېتىۋەتسە، ئىككىيلەن ئوتتۇرىدا تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ياكى تاپشۇرۇش بولمىسا، بۇ جازانە بولىدۇ.

قەرزنى قەرزگە بوغۇلغۇچىدىن باشقا بىرىگە سېتىشنىڭ مىسالى بولسا، بىرسى بىر كىشىگە: مېنىڭ پالانىدىكى تاۋىرىمنى ساڭا پۇلىنى بىر ئايدىن كېيىن بېرىدىغانغا نېسىي ساتتىم، دېسە، بۇمۇ ھارام بولىدۇ.

ئاكسىيە بازارلىرىدا بولۇۋاتقان سودىلارنىڭ كۆپ قىسمى تاۋار تاپشۇرۇش ياكى تاپشۇرۇپ ئېلىش بولماستىن، قەرزنى قەرزگە سېتىش شەكلىدە مۇشۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدۇ([13]).

بىر كىشى: مېنىڭ پالانىدا 1000 دوللىرىم بار دېسە، باشقا بىر كىشى ئۇنىڭغا: ئۇ كىشىدىكى 10000 دوللىرىڭنى ئۇنىڭدىن مەن ئېلىۋالاي، ئورنىغا ساڭا يىل ئاخىرىدا 12000 دوللار بېرەي دېسە، قەرزنى قەرزگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى مىڭ ئارتۇقلۇق بىر جازانە بولسا، نېسىيلىك بىر جازانە، دېمەك بۇ ئىككى تەرەپتىن جازانە بولىدۇ.

ئەگەر: ئۇ كىشىدىكى 10000 دوللىرىڭنى ئۇنىڭدىن مەن ئېلىۋالاي، ئورنىغا ساڭا يىل ئاخىرىدا پالانى ماركىلىق بىر ماشىنا بېرەي دېگەن بولسا، قەرزنى قەرزگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭدا بىرلا تۈرلۈك جازانە شەكىللىنىدۇ.

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» دىكى قەرزنى قايتا جەدۋەللەشتۈرۈش مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ. مەسىلەن، بىر كىشى بانكىدىن 10000 دوللار قەرز ئالغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، قايتۇرالماي: 10000 دوللار قەرزىمنى كېلەر يىلى 12000 دوللار قايتۇراي دېسە، قەرزنى قەرزگە سېتىۋالغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى بەدەل قەرزدىن ئىبارەت. بۇ جاھىلىيەتتىكى جازانىنىڭ ئۆزىدۇر.

 

ئەمدى ئەسلىي مەقسەتكە قايتساق، تۆۋەندە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە كارتا تۈرىنى ئايرىم – ئايرىم تونۇشتۇرۇپ، ھەربىرىنىڭ ھۆكمىگە قاراپ چىقايلى:

 

بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card)

بۇ، نەق بار پۇلنى تۇتۇپ قېلىش كارتىسى بولۇپ، بۇ كارتا بانكىدا ھېساب ئاچقان كىشىگە ھەقسىز ياكى بەزىدە ھەق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھېساب ئىگىسى بۇ كارتا ئارقىلىق ھېسابىدىكى پۇلىنى بانكىنىڭ تارماقلىرىدىن ۋە پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، (گاز، توك شىركەتلىرىدەك ئورۇنلارغا) ھەق تۆلەش، پۇل ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئومۇمەن، بۇ كارتا بىلەن ھېسابىدىكى ئۆزىنىڭ پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلالايدۇ. بۇ كارتا ئىگىسىگە بانكا قەرز بەرمەيدۇ.

ئادەتتە، كارتا ئىگىسى بۇ كارتىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ. لېكىن، شۇ كارتا ئارقىلىق كارتا تارقاتقان بانكىدىن باشقا بىر بانكىدىن پۇل ئالسا ياكى پۇل ئالماشتۇرسا، ياكى پۇل ھاۋالە قىلسا، ئاندىن مەلۇم مىقداردا مۇلازىمەت ھەققى تۆلەيدۇ.

بۇ كارتىنى سۈركەپ ياكى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ پۇلىغا بىر نەرسە سېتىۋالغاندا، كارتىنى تارقاتقان بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىدىن (بەزى دۆلەتلەردە) مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ. ئالسىمۇ سودا سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئەمەس، ھەر بىر قېتىملىق پۇلتۇتۇشقا مەلۇم مىقداردا ھەق ئالىدۇ. مەسىلەن، پۇلتۇتار 100 دوللار تۇتسىمۇ، 2 دوللار مۇلازىمەت ھەققى، 200 دوللار تۇتسىمۇ، ، 2 دوللار مۇلازىمەت ھەققى، 1000 دوللار تۇتسىمۇ، 2 دوللار مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ. يەنى ھەر بىر پۇلتۇتۇش قېتىم سانىغا قارىتا ھەق ئالىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە سودا سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ھەق ئالىدۇ.

 

بۇ كارتىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

 

بۇ كارتا ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش قاتارلىق جازانە كېلىشىملىرىدىن ۋە كاشىلىلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ([14]). لېكىن، ھېسابتا قويۇلغان پۇللار بانكىغا بېرىپ تۇرۇلغان قەرز بولغاچقا، ئۇ بانكىلارنىڭ ئۇ پۇللارنى جازانە ئىشلىرىدا ئىشلىتىۋېلىشى جەھەتتىن، خالىمىسىمۇ جازانىگە ياردەم بولىدۇ. شۇڭا، زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا، بانكىلاردا ھېساب ئاچمىغان تۈزۈك. ئاچقان تەقدىردە، بانكا ھېساب كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

بۇ ھەقتە، دوكتور يۈسۈف شەبىيلىي مۇنداق دەيدۇ: «دەرھال پۇل تۇتۇپ قالىدىغان كارتىلارنى ئىشلەتكەندە، ھېساب ئىگىسىنىڭ ھېسابىدىكى بار پۇل تۇتۇپ قېلىنىدۇ. يەنى بۇ كارتا بانكىدا پۇلى بار كىشىلەرگىلا تارقىتىلىدۇ. بار پۇلدىن ئارتۇق مىقداردا ئىشلىتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى: ئۇنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش جائىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ كارتا ھېساب ئىگىسىنىڭ بار پۇلى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدا بانكا قەرز بېرىپ تۇرۇش بولمايدۇ. لېكىن بانكىنىڭ جازانە مۇئامىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىلاردىن بولماسلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك([15]). بۇ كارتىنى تارقاتقاندا بانكا ئالىدىغان رەسمىيەت ھەققىمۇ جائىز. بۇ رەسمىيەت ھەقلىرى كارتا بېجىرىش ئۈچۈن بولسۇن، ياكى پۇل ئېلىش ئۈچۈن بولسۇن، ياكى تاۋار پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن بولسۇن، ئوخشاشلا جائىز. شۇنداقلا، بۇ رەسمىيەت ھەقلىرى مەلۇم مىقداردا بولسۇن، ياكى ئالغان ۋە تۆلىگەن پۇلنىڭ مەلۇم نىسبىتىدە بولسۇن، ئوخشاشلا جائىز. چۈنكى بۇ رەسمىيەت ھەقلىرى بانكا سۇنغان مۇلازىمەت ئۈچۈندۇر. ئۇ رەسمىيەت ھەقلىرىنى ئېلىش ۋە تۆلەشتىن شەرئىي جەھەتتىن بىرەر چاتاق كېلىپ چىقمايدۇ. بۇ كارتا بىلەن نەق بولغان ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇلنى سېتىۋېلىشقا، شۇنداقلا نەق پۇل تاپشۇرۇش شەرت قىلىنغان سەلەم سودىسى([16]) قىلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پۇل، سېتىۋالغۇچىدىن دەرھال تۇتۇلۇپ، ساتقۇچىنىڭ ھېسابىغا چۈشىدۇ»([17]).

 

بۇ كارتىدا پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

 

مەلۇمكى، تۈرلۈك پۇللارنى بىر – بىرىگە ئالماشتۇرۇشتا نەقمۇنەق بولۇش قاتارلىق پۇل ئالماشتۇرۇش (سەرف) ئەھكاملىرىغا ۋە شەرتلىرىگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك.

كۆپچىلىك ئالىملار ياقلىغان كۈچلۈك قاراشتا، بۇ خىل بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دىكى پۇل بىلەن، سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن باشقا تۈردىكى نەق پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، كارتا ئىگىسىنىڭ پۇلى بانكىدىكى ھېسابىدا بار. سودا قىلغاندا، ئۇنىڭ ھېسابىدىكى پۇلىدىن سېتىۋالغان پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ پۇلى دەرھال تۇتۇپ قېلىنىپ، دۇكاندارنىڭ ھېسابىغا ئۆتىدۇ. بۇ، نەق قولغا ئېلىش ئورنىدا تۇرىدۇ([18]).

بۇ مۇئامىلىدىكى نەق تاپشۇرۇپ ئېلىش ھەقىقىي بولماستىن، ھۆكمىي جەھەتتىن بولۇپ، كارتا ئىگىسى پۇلتۇتارغا كارتىسىنى سۈركەپ ئالتۇن – كۈمۈش ياكى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا، ئىمزا قويغان تالوننى دۇكاندارنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. بۇ چاغدا پۇلنىڭ ئۆزىنى تاپشۇرۇش بولمىسىمۇ، ھۆكۈم جەھەتتىن تاپشۇرغان ھېسابلىنىدۇ. بۇ «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ «پۇلنىڭ بانكا ھېسابىغا كىرىشىگە، قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئېلىش ھۆكمى بېرىلىدۇ» دېگەن قارارىغا قىياسەن چىقىرىلغان ھۆكۈمدۇر. نەتىجىدە، بۇ قاراش بويىچە پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىدىكى شەرئىي شەرت تېپىلغان بولىدۇ([19]).

يەنە بىر قىياس: كارتا سۈركىگەندىكى ئىمزالانغان تالوننى دۇكاندار قولىغا تاپشۇرۇۋالغىنىدا، ئاشۇ تالوندىكى مەبلەغ سوممىسىنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ تالون، ئىمزالانغان چەككە ياكى بانكا تەرىپىدىن يېزىلغان چەككە ئوخشاش دەرىجىدە. بەلكى تېخى، ئۇ تالون چەكتىن كۈچلۈك. چۈنكى بۇ تالوندىن دۇكاندارمۇ، بانكىمۇ باش تارتالمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كارتا ئىگىسى قەرزدىن دەرھال قۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ تالون ئارقىلىق پۇل تۆلىنىشكە قارىتا ئېتىراز قىلىش ھەققىمۇ بولمايدۇ([20]). «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ئاشۇ تۈرلۈك چەكلەر نەق تاپشۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ بىلەن ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋالسا بولىدۇ دەپ قارار چىقارغان([21]).

ئادەتتە پۇل تۇتۇپ قالغانلىق خەۋىرى سەل كېچىكسىمۇ، پۇل شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ساتقۇچىنىڭ ھېسابىغا چۈشىدۇ.

بەزى ئالىملار: بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دىكى پۇل بىلەن، نەق تاپشۇرۇپ ئالالايدىغان باشقا تۈردىكى پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى تېپىلمايدۇ. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بىز سودا جەريانىغا قارايدىغان بولساق، كارتا ئىگىسى كارتىنى سۈركەپ ئالتۇن سېتىۋالغاندا، ئالتۇننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تالونغا ئىمزا قويىدۇ. دۇكاندارغا پۇل تۆلىمەيدۇ. ئۇنىڭ پۇلىنى (كارتا تارقاتقان ياكى دۇكاندار مۇئامىلە قىلغان) بانكا تۆلەيدىغان بولۇپ، دۇكاندار تالوننى بانكىغا سۇنغىنىدا، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مۇددەتتىن كېيىن ئاندىن بانكا پۇلنى دۇكاندارغا تۆلەيدۇ. بۇ ئارىلىق، ئەڭ تېز بولغاندا بىر سوتكىدىن ئۈچ كۈنگىچە، ئاستا بولغاندا، بىر ياكى ئىككى ئايغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، سودا بولغان سورۇندا يەنى كارتا سۈركىگەن ۋاقىتتا نەق پۇل تاپشۇرۇش مەۋجۇت بولمايدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ئاساس قىلغان ئىككى قىياس، يەنى، پۇلنىڭ دۇكاندار ھېسابىغا كىرىشى بىلەن تالوننى دۇكاندار قولىغا تاپشۇرۇۋېلىشى ھۆكۈم جەھەتتىن، مەبلەغنى نەق قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغانغا ئوخشاش دېگەن ئىككى قىياس بولسا، پەرقلىق قىياسلاردۇر. چۈنكى، ھېسابقا كىرگەن پۇل بىلەن ئىمزالانغان چەكتىكى پۇلنى دەرھال خەجلىيەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئۇ نەق پۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كارتا سۈركىگەندە كارتىدىن تۇتۇپ قالغان پۇلنى دەرھال خەجلىيەلمەيدۇ. چوقۇم بىر سوتكا ياكى بىر ئاي ئۆتۈشى كېرەك. مانا بۇ، شەرئىي شەرتلەرگە توغرا كەلمەيدىغان تەرىپى([22]).

 

 بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دا پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىشنىڭ ھۆكمى

 

بانكا ھېساب كارتىسىنى ئىشلىتىپ، كارتىنى تارقاتقان بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئالغاندا، ئەگەر ئۇ پۇل ئوخشاش تۈردىكى پۇل بولسا، يەنى ھېسابىدا دوللار بولسا، دوللار ئالغان بولسا، كارتا ئىگىسى بانكىغا بەرگەن قەرزىنى قايتۇرۇپ ئالغان بولىدۇ. بۇ جائىز ئىش. چۈنكى بۇ قەرزنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن ئىبارەت.

ئەگەر ئۇ ماشىنا بانكىنىڭ ھېساب ئاچقان شۆبىسىدىكى ماشىنا بولسا، بانكا بۇ خىزمىتىگە قارىتا مۇلازىمەت ھەققى ئالسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، قەرز ئىگىسى قاچان قەرزىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، بانكا پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن بولسىمۇ، قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ھەق ئالغان بولىدۇ.

ئەمما ئۇ ماشىنا باشقا بىر شۆبىدە ياكى باشقا بىر يۇرتتا ياكى باشقا بىر دۆلەتتە بولسا، بانكا پۇلنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەرگىنىگە ئىش ھەققى ئالسا بولىدۇ. قەيەردە يەتكۈزۈپ بەرگىنىگە قاراپ ئىش ھەققى ئاز ياكى كۆپ بولسا بولىدۇ. بىر قېتىمغا مەلۇم مىقداردا مەبلەغ بېكىتسىمۇ ياكى ئالغان پۇل سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ، قىلغان مۇلازىمەتنىڭ ئىش ھەققى بولۇپ، شەرئىي جەھەتتىن چەكلىمە بولمىغانلىقتىن پۈتۈشكەن بويىچە بولىدۇ. بۇنىڭدا جازانىگە يولۇقۇش خەۋپى يوق. شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئالىدىغان ھەق سۇنغان خىزمەتكە قاراپ ئادىللىق بىلەن بېكىتىلىشى كېرەك.

ئەگەر ھېسابىدا بار بولغان پۇلنىڭ تۈرىدىن باشقا بىر تۈردىكى پۇلنى پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن ئالغان ياكى باشقا دۆلەتتە كارتا سۈركەش ئارقىلىق تاۋار سېتىۋالغان تەقدىردە، مەسىلەن، ھېسابىدا دوللار بار. ئەمما ئۇ ھەجگە بارغاندا ماشىنىدىن رىيال ئالدى ياكى كارتا سۈركەپ رىيالغا تاۋار سېتىۋالدى. بۇ، قەرزىنى باشقا تۈردە قايتۇرۇپ ئېلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسى قىلغان بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، پۇل ئالغان ياكى كارتا سۈركىگەن چاغنىڭ ئۆزىدە بانكا ئۇنىڭ ھېسابىدىكى دوللاردىن خەجلىگەن رىيالنىڭ مىقدارىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. باشقا ۋاقىتتا تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. يەنە بۇ ئىش ئۈچۈن ھەق ئالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جازانىگە ياتىدۇ.

ئەگەر بانكا، ئۇ خەجلىگەن دوللارنىڭ قىممىتىدىكى رىيالنى كېيىنچە تۇتۇپ قالىدىغان بولسا، مەسىلەن ھەجدە رىيال خەجلىدى. ئەمما بانكا ئۇنىڭ ھېسابىدىكى دوللارنى ئۇ خەجلىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بىر ئايدىن كېيىن تۇتۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا بانكا ئۇ كىشىگە رىيال قەرز بېرىپ تۇرغان بولىدۇ. كېيىن بانكا قەرز بېرىپ تۇرغان رىيالنى ئۇ كىشىنىڭ ھېسابىدىكى دوللاردىن تۇتۇپ قالماقچى بولغاندا، ئاندىن پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسى بولىدۇ. بۇنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن، ئايرىۋاشلاش باھاسى ئايرىۋاشلاش بولغان شۇ كۈندىكى باھا بويىچە بولۇشى كېرەك. ھەجدە رىيال خەجلىگەن كۈندىكى باھادا تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئىشقا ھەق ئالسا، جازانە بولىدىغانلىقى جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بانكا قەرز بېرىپ تۇرغان.

بانكا ھېساب كارتىسىنى ئىشلىتىپ، كارتىنى تارقاتقان بانكىدىن باشقا بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئالغان بولسا، بۇ، مۇنداق تەھلىل قىلغىنىمىزدا توغرا مۇئامىلە بولىدۇ: كارتا ئىگىسى ماشىنىدىن ئالغان پۇل قەرز ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن قەرز پۇلنى ئېلىۋېلىشنى كارتا تارقاتقان بانكىغا ھاۋالە قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولسا ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھاۋالە توغرا بولغان بولىدۇ. چۈنكى كارتا تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسىگە قەرزدار. ئەگەر ماشىنىدىن ھېسابىدىكى پۇل تۈرىنى ئەمەس، باشقا تۈردىكى پۇلنى ئالغان بولسا، مەسىلەن ھېسابىدا دوللار بار، لېكىن ئۇ سەئۇدىي ئەرەبىستاندا باشقا بىر بانكا ماشىنىسىدىن رىيال ئالدى. بۇ ئەھۋالدا كارتا تارقاتقان بانكا ماشىنا ئىگىسى بىلەن پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسى قىلىش كېرەك. بۇ سودىنى ماشىنا ئىگىسىگە پۇل تۆلىگەن كۈننىڭ باھاسىدا قىلىشى، ماشىنىدىن پۇل ئالغان كۈننىڭ باھاسىدا قىلماسلىقى كېرەك([23]).

 

ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge)

بۇ، بىرەر بانكا تەرىپىدىن بىرەر شەخس ياكى ئورگانغا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى توختام بويىچە بېرىلىدىغان كارتا بولۇپ، ئۇ كارتا ئارقىلىق بانكىنىڭ كاپالىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئورۇن بىلەن قىلغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە، نەق پۇل بولمىسىمۇ، پۇل ئالغىلى، دۇكاندا پۇلتۇتاردا ياكى توردا پۇل تۆلىگىلى، تاۋار سېتىۋالغىلى، مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ([24]).

ئىخچاملاپ چۈشەندۈرسەك، كارتا ئىگىسىنىڭ بانكىدىكى ھېسابىدا پۇلى بولمىسىمۇ، ھەرقايسى جايلاردا نەق پۇلغا، تاۋارغا ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان بانكا كارتىسىدىن ئىبارەت.

بۇ تۈرلۈك كارتىلاردا، بانكا مەلۇم مىقداردا پۇل خەجلىۋالغىلى (پۇل ئالغىلى، تۆلىگىلى) قويىدۇ. ئاندىن كارتا ئىگىسىدىن خەجلىگەن ئۇ پۇلنى مەلۇم مۇددەت (بىر ياكى ئىككى ئاي) ئىچىدە قايتۇرۇشنى، ۋاقتىدا قايتۇرالمىغان تەقدىردە، كېچىككەنلىك سەۋەبىدىن ئۆسۈم تۆلەشنى شەرت ۋە تەلەپ قىلىدۇ. ئۆسۈم تۆلەپ قايتۇرۇشقىمۇ مەلۇم مۇددەت بەلگىلەيدۇ. بۇ كارتىلارنىڭ بەزىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەت پۇللىرى ئۈچۈن بىر ياكى ئىككى ئاي ئۆسۈم ئالمىغىنى بىلەن، كارتتىن نەق پۇل ئالغان تەقدىردە، ئۆسۈمسىز مۆھلەت بەرمەيدۇ. گايىدا، پۇلنى قايتۇرۇشقا مەلۇم مۇددەت بېكىتمەستىن، ھەر ئايدا ئۆسۈم بىلەن قېتىپ مەلۇم مىقداردا مەبلەغ بېرىپ مېڭىشنى شەرت قىلىدۇ([25]). ئامېرىكان ئېكىسپىرىس (American Express)، ۋىيزا كارتا (Visa card)، ماستېر كارتا (Mastercard) ۋە داينېرز كىلاب (Diners Club) قاتارلىق تۈرلۈك كارتىلار مۇشۇ تۈرگە تەۋە.

بۇ تۈردىكى ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىلىرىنىمۇ مۇنداق ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ:

بىرى، بۇرۇنقى قەرزنى تولۇق تۆلىمەيمۇ يېڭىدىن قەرز ئالغىلى بولىدىغان كارتا (Credit card) بولۇپ، كارتا ئىگىسى كارتىسى بىلەن 1000 دوللارغا تاۋار سېتىۋالغان بولسا، ئۆسۈم كەچۈرۈم مۇددىتى (30 كۈن، ياكى 45 كۈن، ياكى 60 كۈن) ئىچىدە ئۇ پۇلنى قايتۇرسىمۇ ياكى بولمىسا، ئۇ پۇلنىڭ 10% تىنى تۆلەپ، قالغىنىنى كېيىنكى ئايلاردا ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تۆلىسىمۇ ئىختىىيارى. لېكىن بۇ ئەھۋالدا ئۆسۈم ئېغىرلىشىدۇ. ۋىيزا كارتا، ماستېر كارتا قاتارلىقلار مۇشۇ تۈرگە تەۋە.

بۇ كارتىلاردا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا: بۇ كارتا بىلەن نەق پۇل ئالغان بولسىڭىز، (بەزى دۆلەتلەردە) ئۇ پۇلنى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئۆسۈمى تۆلىنىدۇ. ئەمما، تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالغان بولسىڭىز، كەچۈرۈم مۇددىتى ئىچىدە تۆلىۋەتسىڭىز ئۆسۈم كەلمەيدۇ. چۈنكى، مال ساتقۇچى مەلۇم مۇددەتكىچە مالنىڭ پۇلىغا ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى بانكىمۇ مەلۇم مۇددەتكىچە پۇل چىقىم قىلمايدۇ.

يەنە، بۇ كارتىغا كېچىكىپ تۆلىگەنلىك جەرىمانىسى بىلەن بىللە ئۆسۈم قاتمۇقات كېلىدۇ. مەسىلەن، 1000 دوللار قەرز ئالغاندا، كەچۈرۈم مۇددىتى (30 كۈن، ياكى 45 كۈن، ياكى 60 كۈن) ئىچىدە ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى تۆلىۋەتسە، جەرىمانە كەلمەيدۇ. ئەگەر قەرز پۇلنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كەچۈرۈم مۇددىتى ئىچىدە تۆلىمىسە، جەرىمانە تۆلەيدۇ. ئاندىن بۇ جەرىمانە كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى بەرىبىر تۆلەيدۇ. يەنى، بۇ ئۆسۈم، كېچىكىش جەرىمانىسى تۆلىمىگەن تەقدىردىمۇ، قەرز داۋاملاشسىلا كېلىۋېرىدۇ.

بۇ قەرزنىڭ ئۆسۈمى ئادەتتىكى بانكا قەرزىدىن ئىككى ھەسسىگە قەدەر بېرىشى مۇمكىن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆسۈممۇ ئاۋۇپ ماڭىدۇ. مەسىلەن، 1000 دوللارنى كەچۈرۈم مۇددىتى ئىچىدە تۆلىمىگەنلىكتىن كېيىنكى بىر ئايدا تۆلىسە، كەچۈرۈم مۇددىتىدە تۆلىمىگەنلىك جەرىمانىسىغا 100 دوللار، بىر ئايلىق ئۆسۈمى 100 دوللار كەلدى دەيلى. بۇ قەرز يەنە بىر ئاي كېچىكسە، ئەسلىي قەرز بولغان 1000 دوللارغا يەنە 150 دوللار ئۆسۈم كېلىدۇ. جەرىمانە بولغان 100 دوللارغا 15 دوللار ئۆسۈم كېلىدۇ. ئۆتكەنكى ئۆسۈمى بولغان 150 دوللارغا 15 دوللار ئۆسۈم كېلىدۇ… مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلىگەندىن سىرت، ئۆسۈمنىڭمۇ ئۆسۈمىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر ئايدىكى ئۆسۈم ئوتتۇرا ھېسابتا 28% كە يېتىپ بارىدۇ.

بۇ جەرىمانە ۋە ئۆسۈملەر قۇرئان «ئاللاھقا جەڭ ئېلان قىلىش» دەپ سۈپەتلەپ ھارام قىلىۋەتكەن قىپقىزىل جازانىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، بۇنى ئالىملار بىردەك ھارام دەپ قارايدۇ.

بۇ كارتىنى سۈركەپ ياكى ئىشلىتىپ بىر نەرسە سېتىۋالغاندا، كارتىنى تارقاتقان بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ. ئالغاندىمۇ ھەر بىر قېتىملىق پۇلتۇتۇشقا مەلۇم مىقداردا ھەق ئالماستىن، سودا سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ھەق ئالىدۇ. مەسىلەن، پۇلتۇتار 100 دوللار تۇتسا، 2 دوللار مۇلازىمەت ھەققى، 200 دوللار تۇتسا، 4 دوللار مۇلازىمەت ھەققى، 1000 دوللار تۇتسا، 20 دوللار مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ. يۇقىرىدىكى بانكا ھېساب كارتىسىدىن پۇل تۇتقاندا بولسا ھەر بىر تۇتۇشقا ئوخشاش پۇل تۇتاتتى.

بۇ كارتىلاردا كېلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بەزىدە كېچىكىش جازاسى بىلەن بىللە قوشقاندا ئادەتتىكى بانكا قەرزىدىن ئاشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆسۈمى قەرز پۇلدىن ئېشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆسۈم قەرزگىلا ئەمەس، ئۇ قەرزنىڭ ئۆسۈمىگىمۇ كېلىدۇ. بىر مەزگىل تۆلىمەي كېتىۋەرسە سوتقا بارىدىغان گەپ. شۇڭا بۇ خىل كارتىنى ئىشلىتىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىناۋەت كارتىسىنىڭ يەنە بىر خىلى، ۋاقىتلىق ياكى بىر ئايلىق قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كارتا (card Charge) بولۇپ، بۇ كارتا بىلەن يانفۇن ياكى توردا، شۇنداقلا چەت ئەللەردىمۇ سودا قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئۇ كارتىنىڭ قەرزىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە، مەسىلەن، 30 كۈن ئىچىدە بىراقلا تۆلەش كېرەك. تۆلىمىسە بەك ئۇزۇنغا كېچىكتۈرۈشكە پۇرسەت بولمايدۇ.

بۇ كارتىلاردا كارتا ئىگىسىنىڭ پۇلى بولمىسىمۇ، كارتىنى نەق پۇلنىڭ ئورنىدا قوبۇل قىلغۇچى دۇكاندار ياكى ئورۇن، كارتىنى نەق پۇل ئورنىدا قوبۇل قىلىشتىن تۆۋەندىكى مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ:

1.  تېخىمۇ كۆپ سېتىش.

2.  نەق پۇلنى ساقلاش ۋە قەرز سۈيلەش ئاۋارىچىلىقىغا، ئوغرى – يالغانغا ئۇچرىماسلىق.

3.  كارتا تارقاتقان ئورۇننىڭ ئېلان تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىش([26]).

نەتىجىدە، بۇ كارتىنى تارقاتقان بانكا، كارتا ئارقىلىق خەجلەنگەن پۇللارنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، كارتا ئىگىسىدىن ھەق ئالمايدۇ. بەلكى، پۇلتۇتار ئىگىسىدىن (مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە) ھەق ئالىدۇ.

پۇلتۇتار ئىگىسى ئادەتتە، نەق پۇلغا ساتقاندىمۇ پۇلتۇتاردا پۇل تۇتۇپ ساتقانغا ئوخشاش باھادا ساتىدىغان بولسا، بۇ ھەق، كارتا ئىگىسىنى ئالاقىدار قىلمايدۇ. ئەمما، پۇلتۇتار ئىگىسى نەق پۇلغا ساتماي كارتىدىن پۇل تۇتۇپ ساتقانلىقى ئۈچۈن كارتا ئىگىلىرىگە باھانى ئۆستۈرۈۋالغان تەقدىردە، بانكا مۇلازىمەت ھەققىنى پۇلتۇتار ئىگىسىدىن ئەمەس، كارتا ئىگىسىدىن ئالغان بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە، كارتا ئىگىلىرىگە نەق ساتقان باھادىن يۇقىرىراق باھادا سېتىشنى قانۇن چەكلەيدۇ.

ئەمما، كارتا ئىگىسى كارتا تارقاتقان بانكىغا كارتىنى قولىغا ئالغاندا بىر قېتىم، ئاندىن ھەر يىلى يىللىق رەسمىيەت يېڭىلىغاندا، كارتا ئالماشتۇرغاندا ياكى يۈتۈپ كەتكەننىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىرنى چىقارغاندا پۇل تۆلەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ تۈرلۈك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

 

بانكىنىڭ كىرېدىت كارتىسى بېجىرىش، يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئالىدىغان ھەقنىڭ ھۆكمى

 

كارتىنى تارقاتقان ئورۇن قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ھەق چىقىملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ، ئەمەلىي چىقىمنى كارتا ئىگىسىدىن ئالسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالغىنى جازانە دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئارتۇق پۇل قەرزگە كاپالەتلىك قىلغانلىققا ئالغان ھەق بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا ئۆسۈملۈك قەرزدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەسلىدە، بۇ تۈرلۈك رەسمىيەت ھەقلىرى قەرزگە باغلانمىغان ئەھۋاللاردا، قانچىلىك بېكىتىلسە بولىۋېرەتتى. قەرز ۋە كاپالەت بىلەن باغلىنىپ كەلگەن بۇ ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا بەدەل ئېلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مۇلازىمەت ھەققى دېگەن ئىسىم ئاستىدا قەرزگە ئۆسۈم ئېلىش بىلەن كاپالەتكە ھەق ئېلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، جازانە بولىدۇ.

ئىخچاملىساق، كارتا ئىگىسى بانكىغا تۆلىگەن بۇ تۈرلۈك رەسمىيەت پۇللىرى ئەگەر ھەقىقىي رەسمىيەت چىقىمىدىن ھالقىپ كەتمىسە، مۇلازىمەت ھەققى سۈپىتىدە ئېلىنسا مەسىلە يوق. ئەمما ھالقىپ كەتسە جازانە بولغانلىقتىن هارام بولىدۇ([27]).

لېكىن، بۇ چىقىملارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىدىغان ئورۇن ھازىرچە يوق بولسا كېرەك. بانكىلارنىڭ مۇلازىمەت ھەقلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار مۇشۇ مۇلازىمەت پۇلىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆسۈمگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دېمەك، مۇلازىمەت ۋە رەسمىيەت ھەققىنىڭ بىر قىسمى ئۆسۈمدىن ئىبارەت.

بۇنى تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، بانكىلار رەسمىيەت ھەققىنى بېكىتىشتە، قەرزنى تۆلىمەسلىك ئېھتىماللىقىدىن كېلىدىغان خەتەر بىلەن، قەرزدىن ئالىدىغان ئۆسۈمنى كۆزدە تۇتۇپ بېكىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىناۋەت كارتىلىرىنىڭ بىر خىلى بولغان ۋاقىتلىق ياكى بىر ئايلىق قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كارتا (card Charge) بىلەن، بۇرۇنقى قەرزنى تولۇق تۆلىمەيمۇ يېڭىدىن قەرز ئالغىلى بولىدىغان كارتا (Credit card) رەسمىيىتىنى پەرقلىق بېكىتىدۇ. يەنى كېيىنكىسىنىڭ رەسمىيەت ھەققى كۆپرەك بولىدۇ. بۇمۇ قەرز ئۆسۈمى سەۋەبلىك([28]).

 

 بۇ تۈرلۈك ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

 

بۇ كارتىنى تارقاتقان بانكا بىلەن كارتىنىڭ ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قەرز بېرىش ۋە قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، بانكا كارتا ئىگىسىگە ئالدىن پۈتۈشكەن شەرتلەر بويىچە مەلۇم مىقداردا پۇلنى قەرز بېرىدۇ ۋە قايتۇرۇش ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈۋەتسە ئۆسۈم ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كاپالەت مۇناسىۋىتى دېگەن تەقدىردىمۇ، كاپالەتكە ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە كاپالەت ئوبيېكتى قەرزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەگەر كاپالەتلىك قىلىنغۇچى (كارتا ئىگىسى) قەرزنى تۆلىيەلمىسە، كېپىل (بانكا) ئۆسۈم ئالماي قالمايدۇ.

نەتىجىدە، بۇ تۈرلۈك كارتلارنى جازانە مۇئامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بېجىرىش ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ئۆسۈم شەرتى بولغانلىقتىن، گەرچە كارتا ئىگىسى ئۆسۈم تۆلەش ۋاقتى كېلىپ بولغۇچە كېچىكتۈرمەستىن تۆلىۋېتىشكە بەل باغلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ تۈرلۈك كارتلارنى بېجىرىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ئالغان. كېچىككەنلىككە قارىتا ئۆسۈم ياكى جەرىمانە تۆلەش شەرتى بولمىسا، ئۇنى بېجىرىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولاتتى([29]). ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

بۇ تۈرلۈك كارتلاردا پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

 

ئالىملار بۇ تۈرلۈك كارتلاردا سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن باشقا تۈردىكى نەق پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن. چۈنكى، كارتا ئىگىسىنىڭ بانكىدىكى ھېسابىدا پۇلى بولمىغاچقا، سودا قىلغاندا سېتىۋالغان پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ پۇلى دەرھال تۇتۇپ قېلىنمايدۇ، نەتىجىدە، پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سودىسى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان نەق پۇل تاپشۇرۇش شەرتى تېپىلمىغاچقا، بۇ سودا توغرا بولمايدۇ([30]). ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ناۋادا بانكا بۇ سودا پۇلىنى ساتقۇچىغا نەق تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئەھۋال بولسا، بۇ سودا يەنىلا توغرا بولىۋېرەتتى([31]). لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش يوق.

 

بۇ تۈرلۈك ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسىدا پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىشقا رەسمىيەت ھەققى ئېلىشنىڭ ھۆكمى

 

ئىناۋەت كارتىسىدا، كارتىنى تارقاتقان بانكىنىڭ ياكى باشقا بانكىلارنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئالغاندا، پۇل ئېلىشقا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋاللاردا، كارتا بىلەن ئالىدىغان پۇل بانكا بەرگەن قەرز بولغاچقا، ئۇنىڭغا رەسمىيەت ھەققى قوشۇلسا، جازانىگە ياتىدۇ.

 

«ئىسلام بانكىلىرى» تارقاتقان كارتىلارنىڭ ھۆكمى

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» (تۈركىيەدە «قاتىلىم بانكىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ) بىر قانچە تۈرلۈك كارتا تارقاتماقتا.

 

 ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» سۇنغان ھېساب كارتىلىرى

 

بۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئادەتتىكى بانكا ھېساب كارتىلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ كارتىلارنى ئىشلەتكەندە، ھېساب ئىگىسى بۇ كارتا ئارقىلىق ھېسابىدىكى پۇلىنى بانكىنىڭ تارماقلىرىدىن ۋە پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، (گاز، توك شىركەتلىرىدەك ئورۇنلارغا) ھەق تۆلەش، پۇل ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئومۇمەن، بۇ كارتا بىلەن ھېسابىدىكى ئۆزىنىڭ پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلالايدۇ. بۇ كارتا ئىگىسىگە بانكا قەرز بەرمەيدۇ.

ئادەتتە، كارتا ئىگىسى بۇ كارتىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ. لېكىن، شۇ كارتا ئارقىلىق كارتا تارقاتقان بانكىدىن باشقا بىر بانكىدىن پۇل ئالسا ياكى پۇل ئالماشتۇرسا، ياكى پۇل ھاۋالە قىلسا، ئاندىن مەبلەغ سوممىسىغا قاراپ پەرقلىق نىسبەتتە مۇلازىمەت ھەققى تۆلەيدۇ.

 

بۇ كارتىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

 

بۇ كارتا ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش قاتارلىق جازانە كېلىشىملىرىدىن ۋە كاشىلىلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ([32]). ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

بۇ كارتىدا پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

 

بىز يۇقىرىدا، ئادەتتىكى بانكىلار تارقاتقان ھېساب كارتىسى بىلەن سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن باشقا تۈردىكى نەق ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇل سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمىدە توختالغان ئىدۇق ۋە كۆپچىلىك بۇ خىل بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دىكى پۇل بىلەن، سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن باشقا تۈردىكى نەق پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ: جائىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى تېپىلمايدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» سۇنغان ھېساب كارتىلىرىنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

شۇنداقلا، ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» تارقاتقان بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دا پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىشنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ([33]).

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ تونۇلغان «قاتىلىم بانكىلىرى» سۇنغان ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge)
شەكسىزكى، ھارام بولغان بىر نەرسىگە ئەسلى ئىسمىدىن باشقا بىر ئىسىم قويۇپ، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش بىلەن ئۇنىڭ ھاراملىقى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. مەسىلەن، جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن، مەيلى قانچىلىغان ھىيلىلەر ئىشلىتىلسۇن ياكى ھاراق ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بولسۇن، بەرىبىر جازانە ۋە ھاراقنىڭ ئەسلىدىكى ھاراملىقى ئۆز پېتىچە قېلىۋېرىدۇ. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈممىتىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر ھاراقنى باشقا ئىسىم بىلەن ئاتاپ ھالال قىلىۋالىدۇ»([34]). يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشىلەر جازانىنى ئېلىم – سېتىم نامى بىلەن ھالال سانىۋالىدۇ»([35]).

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جازانىگە ‹ئۆسۈم – پايدا›… دېگەندەك ئىسىملارنىڭ بېرىلىشى مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. كىشىلەر بۇ تەرىقىدە ئاللاھقا، رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان بۇ تۈرلۈك ئېغىر قىلمىشلارنى كەڭ ئاممىغا يېقىملىق كۆرسىتىدىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىۋالغان، لېكىن دانا كىشىلەر بۇ ئىسىملارغا ئالدىنىپ كەتمەيدۇ. ئىلىمدە توشقان ئالىملار بەزى ئىلىم ۋە دىيانەت تونىغا ئورۇنىۋالغان بەزى كىشىلەر پەيدا قىلىۋالغان بەزى ھىيلىلەرنى پاش قىلغان، ئۇلار ئورۇنىۋالغان تونلار ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ھەرگىزمۇ قوغداپ قالالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھىيلە، ئالدامچىلىق كار قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەممە ئىش قەلبكە، نىيەتكە باغلىق. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىمۇ ‹سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى›نى مۇشۇ سەھىھ ھەدىس بىلەن باشلىغان: ‹ئىشلار پەقەت نىيەتلەرگە باغلىق، ھەركىشىگە پەقەت نىيەت قىلغىنى بولىدۇ›([36]). كاتتا ئالىملار دىندا بولمىغاننى دىنغا چاپلاشتىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك ھىيلىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن»([37]).

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»نىڭ جازانىنى تەپمە ھالال قىلىشلىرى، ماڭا ئاتىلىرىمىزنىڭ: «كۈلەلمىسەڭ ھىجايما» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ.

كىرېدىت كارتا مەسىلىسىدىمۇ، ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» قەرز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە، جازانىدىن خالىي تۈزۈك بىرەر چارە تاپالماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىسىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەندەك، مۇسۇلمانلار جازانە ئىشلىرىدا شەرىئەتتە ھاراملىقىغا پەرۋا قىلماستىن، غەربتىكى كاپىرلارغا قەدەممۇقەدەم ئەگىشىپ، جازانىنى تەپمە ھالال قىلماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدىلا گويا ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزنى ئىنتايىن توغرا سۈپەتلەپ بەرگەن.

ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇغېرىچ، گەزمۇگەز ئەگەشمەي قالمايسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ چوقۇم ئۇلارغا ئەگىشىپ كىرمەي قالمايسىلەر، ــ دېگەن ئىدى. بىز:

ــ يا رەسۇلۇللاھ! (بىز ئەگىشىدىغانلار) يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارمۇ؟ ــ دېسەك،

ــ ئۇلار بولماي كىم؟ ــ دېدى([38]).

ئىناۋەت ۋە كىرېدىت كارتىلىرى دۇنيادا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»مۇ بۇ ئىشنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىماي، شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىرېدىت كارتىلىرىنى تارقىتىمىز دەپ قوپقان. مەلۇمكى، كىرېدىت كارتىسى ئۆسۈملۈك قەرز كارتىسى بولۇپ، ئۇ جازانىدىن خالىي بولغاندىلا، ئاندىن شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار بۇ مەقسەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىدىمۇ؟

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»نىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان توختاملىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق. مەسىلەن، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى (مەسىلەن، شامىل بانكىسى – بەھرەين، 2020 – يىلى) كىرېدىت كارتىسىدىكى ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش مەسىلىسىنى «تەۋەررۇق توختامى» بويىچە ھەل قىلىشنى تاللىغان. مالايسىيا قاتارلىق شەرقى ئاسىيا جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بولسا، «ئىينە سودىسى» توختامى بويىچە ھەل قىلىشنى تاللىغان. يەنە «ئېي بىي سىي (ABC) ئىسلام بانكىسى»مۇ كىرېدىت كارتىسى تارقىتىشقا باشلىدى، «سەئۇدىي راجىھىي بانكىسى»مۇ ئۆزى شەرىئەتكە ئۇيغۇن دەپ قارىغان ۋىيزا كارتا ۋە ماستېر كارتىلارنى تارقاتقان بولدى. بۇ تەرىقىدىكى ئىسلامچە كىرېدىت كارتا، ئۆسۈم مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ئۆسۈمسىز كارتا بىلەن تەمىنلەش ئەمەس، دەل ئۆسۈمگە تايانغان «تەۋەررۇق سودىسى» توختامىنى قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جازانىنى تەپمە ھالال قىلىش بىلەن «ھالال كىرېدىت كارتا» سۇنغان بولدى. نەتىجىدە، ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» تارقاتقان كىرېدىت كارتىلاردا ئۆسۈمسىز قەرز مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان.

ئۇنداقتا، «تەۋەررۇق سودىسى» توختامى بويىچە، كىرېدىت كارتىسىدىكى قەرزنىڭ ئۆسۈمى قانداق بولىدۇ؟

مىسال قىلساق، بىر خېرىدار ئايدا 5000 دوللار قەرزگە مۇھتاج. بانكا ئۇ كىشىگە بىر ئايلىق 5000 دوللار بېرىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنى پۇلتۇتار ئىشلەتكەن دۇكاندارغا، پالانى كىشى بۇ كارتا ئارقىلىق سەندىن تاۋار سېتىۋېلىپ، ئايدا 5000 دوللار خەجلىسە، ئۇنىڭ پۇلىنى مەن تۆلىۋېتىمەن، دەپ كېپىل بولىدۇ. بۇ ئىش، بۇ يەرگە قەدەر نورمال كاپالەتتەك كۆرۈنىدۇ.

كېيىنچۇ؟ كارتا ئىگىسى پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن بۇ 5000 دوللارنى ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ پەقەت 10% تىنى ئالالايدۇ. بۇنىمۇ مەيلى دەپ تۇرايلى. چۈنكى، بانكا 10% تىنى نەق قەرز بېرىپ تۇرىمەن، قالغان 90% تىنى كارتا سۈركەش ئارقىلىق سودا قىلساڭ، پۇلتۇتار ئىگىلىرىگە 39 كۈندىن كېيىن بېرىشكە كېپىل بولىمەن، دەيدۇ. سىز بۇ 5000 دوللارنى 30 كۈندىن كېيىن قايتۇرسىڭىز، ئۇ بۇ پۇلنى يەنە 9 كۈن ئىشلىتىۋېلىپ ئاندىن پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەيدۇ دېگەن گەپ. بۇمۇ بەرگەن قەرزدىن ئۆسۈم ئېلىشقا ياتىدىغان ئىش.

ئەمما، بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە تەۋەررۇق توختامى ۋە ئۆسۈمدۇر. ئۇنداقتا بۇ كارتىلاردىكى توختاملاردا «تەۋەررۇق سودىسى» قانداق بولىدۇ؟

بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياكى مۇنداق دەي: مېنىڭ ھازىرچە بىلگىنىم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل:

بىرى، بانكا سىزگە 5000 دوللار قەرز بېرىشىنى «تەۋەررۇق سودىسى»غا باغلايدۇ. تەپمە ھالال قىلىش دەل مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. ئادەتتىكى كىرېدىت كارتىسىدا سىزگە 5000 دوللارنى بىر ئاي قەرز بېرىپ تۇرسا، قايتۇرۇشتا كېچىكىپ قالسىڭىز ئۇنى كېلەر ئايدا 6000 دوللار قىلىپ قايتۇراتتىڭىز. «ئىسلام بانكىلىرى» بۇ 1000 دوللار ئۆسۈمنى سودا قىلدۇق دېگەن نام ئاستىدا سىزدىن مۇنداق ئۇسۇلدا ئالىدۇ: كىرېدىت كارتىسى توختامى تەۋەررۇق توختامىنى، شۇنداقلا ۋەكالەت توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز كارتا بېجىرگەندە نەچچە بەتلىك ئۇششاق خەتتە يېزىلغان توختامنى ئوقۇمايلا ئىمزا قويىسىز. ئۇلارمۇ سىزنىڭ ئۇنى ئوقۇشىڭىزنى خالىمايدۇ. يەنى، سىز كارتا سۈركەپ 5000 دوللار خەجلىگىنىڭىزدە، ئۇنى 30 – چىسلادا قايتۇرالمىسىڭىز، «تەۋەررۇق سودىسى» توختامى بويىچە (سىز ئىمزالىغان) ۋەكالەت ئاكتىپلىشىدۇ. سىز سېتىۋالغان تاۋارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، سىز بانكىغا ۋەكىل سۈپىتىڭىز بىلەن سېتىۋالغان بولىسىز. ئۇنىڭ پۇلىنى سىزنى ۋەكىل قىلغان بانكا يەنى، تاۋارغا ئىگە بولغۇچى بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەيدۇ. ئاندىن يەنە سىز ئىمزالىغان باشقا بىر ۋەكالەت ئارقىلىق سىز بانكا ئۈچۈن سېتىۋالغان ئۇ تاۋارنى بانكىدىن ئۆزىڭىز نېسى سېتىۋالغان بولىسىز. بۇ «تەۋەررۇق سودىسى» دېگەن گەپ. يەنى، بىر ئاي ئۆتسە، 5000 دوللارنى قايتۇرالمىسىڭىز، سىز قىلغان ئاخىرقى سودىنىڭ نېسى پۇلى بولغان 6000 دوللارنى ئىسلام بانكىسىغا قايتۇرىسىز. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھالال سودا بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ جەرياننىڭ ئادەتتىكى بانكا جازانىسىدىن پەرقى يوق. ئىككى سەككىز ئون ئالتە.

بۇنى بەلكى مۇنداقلا دەۋالغان گەپ، دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىزنى بۇ يەردە «تۈركىيە قاتىلىم بانكىلىرى ئىدارە ھەيئىتى» ئەزاسى ۋە كۇۋەيتتۈرك قاتىلىم بانكىسىنىڭ مۇدىرى ئۇفۇك ئۇيان ئەپەندىنىڭ 2017 – يىلىدىكى «قاتىلىم بانكىلىرى ئۇل – ئاساسلىرى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلىنىشى» (Katılım Bankaları Çalışma İlkeleri ve Uygulamaları) سەرلەۋھىلىك سۆھبىتىدىكى، تۈركىيەدىكى قاتىلىم بانكىلىرىنىڭ كىرېدىت كارتىلىرى ئىشىدىكى تۇتقان يولىنى ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىمەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قاتىلىم بانكىچىلىقىدا كىرېدىت تەتبىقلىنىشى مۇنداق تەرىقىدە بولىدۇ: بىز كارتىنى ئىشلىتىپ تاۋار سېتىۋالماقچى بولغان كىشىگە بىر ۋەكالەت بېرىمىز. ئۇ ۋەكالەتتە كارتا ئىشلەتكۈچىنى: سەن بۇ كارتا ئارقىلىق بىزنىڭ ۋەكىلىمىز سۈپىتىڭ بىلەن دۇكانلاردىن تاۋار سېتىۋالساڭ بولىدۇ، دەپ ۋەكىل قىلىمىز. ئۇ پۇلتۇتارغا كارتا سۈركەپ تاۋار سېتىۋالغاندا، بىزگە ئۇچۇر كېلىدۇ. بىز تەستىقلايمىز. ئاندىن ئۇ كىشىگە ئۇ سېتىۋالغان تاۋارنى بۇرۇن بەرگەن ۋەكالەت بويىچە قايتا نېسى ساتقان بولىمىز. كارتا قەرزىنى بىزگە تۆلەشتە بىر قىسمىنى تۆلەپ تۇرۇش يوق. چوقۇم ھەممىنى بىراقلا تۆلىشى لازىم. بىزنىڭ كارتىلىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كارتىلىرىمىز بىزنىڭ پىرىنسىپلىرىمىزغا زىت كېلىدىغان مەسىلەن، ھاراق، تاماكا ۋە قىمار دېگەنگە ئوخشىغان ساھەدە ئىشلىمەيدۇ. قەرەللىك تاۋار ياكى مۇلازىمەت قىلىنمايدىغان يەرلەردىمۇ ئىشلىمەيدۇ»([39]).

بۇ يەردە ئادەتتىكى كىرېدىت كارتىسى بىلەن قاتىلىم بانكىسى كىرېدىت كارتىسى ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق بار دېسەك، يۇقىرىدىكى سۆھبەتتە كەلگىنىدەك، قاتىلىم بانكىسى كىرېدىت كارتىسى ھاراق، تاماكا ۋە قىمار دېگەنگە ئوخشىغان ھارام ساھەدە ئىشلىمەيدۇ. لېكىن ئۆسۈمنى چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ئاتاپ تەپمە ھالال قىلىپ بېرىدۇ.

كىرېدىت كارتىسىدىكى «تەۋەررۇق سودىسى»نىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بولسا، بۇنىمۇ شۇ ساھەنىڭ تونۇلغان مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇنزىر قۇھفنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ئاڭلايلى. بەزى دۆلەتلەردە ئىسلامغا ئۇيغۇن دەپ سۈپەتلەنگەن بەزى كىرېدىت كارتىلىرى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ كارتىلار تەۋەررۇق توختامىغا تايىنىدۇ. بۇنىڭدا كارتا ئىگىسى كارتىنى تارقاتقان بانكىنى خەلقئارا بازاردىن مەلۇم تاۋارنى سېتىۋېلىشقا ۋە ئۇنى كارتا ئىگىسىگە نېسى سېتىشقا ۋەكىل قىلىدۇ. بۇ سودا ئەلۋەتتە، كارتىدا خەجلىيەلىشى ئۈچۈن بەلگىلىمەكچى بولغان سومما مىقدارىغا ئۇدۇللىنىدۇ. مەسىلەن، كارتا ئىگىسى بىر ئايدا 10000 دوللارنى خەجلىيەلەيدىغان كىرېدىت كارتىسى بولسا، سودىنى شۇنىڭغا لايىق ئېلىپ بارغان بولىدۇ. ئاندىن كارتا ئىگىسى خەجلەپ تۇرغان بۇ 10000 دوللارنى بانكا ئۇنىڭدىن تۆلىتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ تاۋارنى كارتا ئىگىسىگە ۋەكالىتەن ساتقان بولىدۇ. نەتىجىدە، كارتا ئىگىسى خەجلەپ تۇرغان بۇ 10000 دوللار قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا قەرەل بەلگىلىنىدۇ. ئۇ سومما مىقدارى ئەلۋەتتە، «تەۋەررۇق سودىسى» سەۋەبلىك ئاشقان بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بانكا كارتا ئىگىسىگە قەرز بېرىپ تۇرۇپ، ئۆسۈم ئالدى. لېكىن بۇنى «تەۋەررۇق سودىسى ئېلىپ باردۇق» دەپ تەپمە ھالال قىلغان بولدى. بۇ ھىيلەنىڭ ھاراملىقىدا شەك يوق. چۈنكى بۇ، قەرزنى ئارقىغا سوزۇپ ئۆسۈم قوندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىكى شەكلىي جەھەتتىن قىلىنغان تەپمە ھالاللىق ئېنىق([40]).

بۇ بانكىلار جازانىنى تەپمە ھالال قىلىشتا قوللانغان بۇ خىل تەۋەررۇق ئاددىي تەۋەررۇق بولماستىن، پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق بولۇپ، ئىينە سودىسىغا يېقىن. شۇڭا ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار ھارام دەپ كېسىۋەتكەن. ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىز بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا بايان قىلىپ بولدۇق.

ئەمدى، مالايسىيا قاتارلىق شەرقى ئاسىيا جەنۇبىدىكى دۆلەتلەردە ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»نىڭ كىرېدىت كارتىسى جازانىسىنى «ئىينە سودىسى» توختامى بويىچە قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا قارايلى.

ئۇ دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» ئىسلامچە كىرېدىت كارتىسى سۇنۇشتا ئاساسلىقى «ئىينە سودىسى»غا تايانغان ۋە ئۇ كارتىلارنى «شەرىئەتكە ئۇيغۇن» دەپ تەپمە ھالال قىلغان. مەسىلەن، ئېمبانك (AmBank) ۋە «بانكا ئىسلام BIC))» قاتارلىق بانكىلار 2001 -، 2002 – يىللىرى تارقاتقان كارتىلار «ئىينە سودىسى» ئاساسىدا بولغان. ئەلۋەتتە، بۇ جازانىلىك ئىشقا خەير – ساخاۋەت تۈسىنى بېرىشمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان ۋە ئاساسلىق قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ھەربىر مۇئامىلە سوممىسىنىڭ 1% تى خەير – ئېھسان پىروگراممىسىغا بېرىلىدىغان بولغان. ئۇنداقتا، بۇ ئىشتا «ئىينە سودىسى» توختامى قانداق بولىدۇ؟

«ئىينە سودىسى» توختامى ئىككى توختامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى توختامدا بانكا مەلۇم نەرسىنى كېلىشكەن باھادا كارتا ئىگىسىگە سېتىشقا ماقۇل كېلىدۇ. يەنە بىر توختامدا، كارتا ئىگىسى بۇرۇن بانكىدىن سېتىۋالغان نەرسىنى تۆۋەنرەك باھادا بانكىنىڭ ئۆزىگە سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى توختامنىڭ قايسىبىرى ئىلگىرى، قايسىبىرى كېيىن قىلىنسا، نەتىجە بەرىبىر ئوخشاش.

مەسىلەن، بانكا بىر توننا پالما يېغىنى 6000 دوللارغا 6 ئاي ئىچىدە قەرەللىك تۆلەيدىغانغا نېسى ساتقان بولىدۇ. كارتا ئىگىسى بۇنى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا، بانكىغا 5000 دوللارغا نەق ساتقان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بانكا بۇ سودىدىن پايدا ئېلىشى ئۈچۈن نېسى سودا نەق سودىدىن يۇقىرى باھادا بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ بانكىلاردا سودا ئوبيېكتى بولغان پالما يېغى ياكى باشقا تاۋار مەۋجۇت ئەمەس. بۇ پەقەت قۇرۇق قەغەز ئۈستىدىكى سودا خالاس. ھەقىقىي تاۋار بولغان تەقدىردىمۇ، بىر توننا پالما يېغى مىڭ سودىنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. مالايسىيا ۋە شۇ ئەتراپتىكى «ئىسلام بانكىلىرى» ئىينە سودىسىدىن نۇرغۇن پايدا ئالغان بولغاچقا، كىرېدىت كارتا ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىدىمۇ ئاساسەن ئىينە سودىسىغا تايىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى جازانە بانكىلاردىن پەرقى قالمايدۇ.

پەرقى بار دېيىلسە، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ كارتىلارنى ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام ساھەدە ئىشلىتەلمەيدۇ. دېمەك، «ئىسلام بانكىلىرى» قىلغان توختاملىرىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا قارىغاندا، كارتىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ھارام سودىدا ئىشلىتىلمەسلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بانكىلارنىڭ كىرېدىت كارتىلىرىدا يەنىلا جازانە بولىدۇ. ئەمما بۇ جازانىلىك قەرز پۇلنى ھاراق، قىمار ياكى باشقا ھارام يەرگە خەجلەشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى، «ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ» دېگەندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟

 

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» تارقىتىدىغان يەنە بىر خىل كىرېدىت كارتىسى

 

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» يەنە بىر خىل كىرېدىت كارتىسى تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كارتا ئىگىسى 1000 دوللار ئامانەت قويىدۇ. ئاندىن ھەر ئايدا بانكا كارتا ئىگىسىگە 1000 دوللار قەرز بېرىپ تۇرىدۇ. ئامانەت قويۇلغان مەبلەغ بانكىدا كاپالەت پۇلى سۈپىتىدە تۇرىدىغان بولغاچقا، بانكا بۇ پۇلنى شېرىكچىلىك تىجارىتىگە ئىشلىتىمەن، بۇنىڭدىن پايدا ئايرىپ بېرىمەن دەيدۇ. ئۇنداق دېمەيلا ئىشلىتىۋېرىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئادەتتە، بۇ شېرىكچىلىك ئىشىنى بەزى كارتا ئىگىلىرى بىلمەي قالىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا، «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە كەلگىنى بويىچە، بانكا ئالغان كاپالەت پۇلىنى كارتا ئىگىسى ئىشلىتەلمەيدىغان بولسا، ئۇ پۇلنى كارتا ئىگىسى بىلەن شېرىكچىلىك ئاساسىدا تىجارەتكە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، پايدىنى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن پىرسەنت بويىچە ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك([41]).

شۇنداق ئېنىق ئەسكەرتىپ توختام قىلغان تەقدىردىمۇ، بانكا ئۇ مەبلەغنى ھەقىقىي ھالال تىجارەتكە سالماي، جازانىلىك تىجارەتكە ئىشلىتىۋېلىپ، كارتا ئىگىسىگە ئۆسۈم ئايرىپ بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇ قەرزنىڭ ھەشقاللىسى سۈپىتىدە كارتا ئىگىسىگە قەرز بېرىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئۆزى قەرز ئالىدۇ.

يەنە ئەنگىلىيەدەك بەزى دۆلەتلەردىكى «ئىسلام بانكىلىرى» كاپالەت ئاساسىدا كىرېدىت كارتىلىرىنى تارقاتقان. بۇنىڭدا كارتا ئىگىسى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە 5000 دوللارنى قەرز ئېلىپ خەجلەيدۇ. بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىگە بۇ پۇلنى بېرىشكە كېپىل بولىدۇ. ۋاقتىدا قايتۇرسا ئۆسۈم ئالمايدۇ. كېچىكسە ئۆسۈم ئالماي كارتىنى قوللىنىشنى توختىتىش ۋە سوتقا بېرىش دېگەندەك باشقا چارە قوللىنىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىشتىمۇ بانكا كارتا بېجىرىش ھەققى، يىللىق رەسمىيەت يېڭىلاش ھەققى… قاتارلىق مۇلازىمەت ھەقلىرىنى ئەمەلىي سۇنغان خىزمەت چىقىمىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ، قەرزگە ۋە كېپىل بولۇشقا ھەق ئالغان بولىدۇ. نەتىجىدە يەنىلا جازانىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئەنگىلىيەدە يەنە، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «بانكا ئىسلام BIC))» قاتارلىق بانكىلاردىكى «ئىينە سودىسى»نىڭ ئورنىغا «تەۋەررۇق سودىسى»نى قويۇش ئارقىلىق قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»مۇ بار.

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» كىرېدىت كارتلىرىنىڭ يەنە باشقا تۈرلىرى بولۇشى، تۈرلۈك دۆلەتلەردە، تۈرلۈك بانكىلار ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا كارتا تارقىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەربىرىنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» تارقاتقان كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ ھەممىسى شەرىئەتكە خىلاپ بولۇپ، بۇنى «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» ئېنىق چەكلىگەن. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» بۇ توغرىدا مۇنداق قارار ئالغان:

1. قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كارتىلارنى تارقىتىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ئۆسۈم شەرت قىلىنغان تەقدىردە، كارتا ئىگىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۆلىۋېتىشكە بەل باغلىغان بولسىمۇ جائىز بولمايدۇ.

2. قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كارتىلارنى تارقىتىش، ئەسلى قەرز پۇلغا ئۆسۈم قوندۇرۇش شەرت قىلىنمىغان تەقدىردە، جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك شاخچە ئەھكاملار كېلىپ چىقىدۇ:

بىرىنچىسى، بۇ تۈرلۈك ئۆسۈم شەرت قىلىنمىغان كارتىلارنى تارقاتقان بانكا، كارتىنى بېجىرىش ۋە يېڭىلاش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن، سۇنغان خىزمەتلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئورنىدا، كارتا ئىگىسىدىن ئېنىق مىقداردا (مەبلەغ سوممىسى نىسبىتىگە باغلىماي) مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بولىدۇ.

ئىككىنچىسى، كارتا تارقاتقۇچى بانكا پۇلتۇتار ئىگىسى بولغان دۇكانداردىن كارتا ئىگىسى قىلغان سودىلارغا قارىتا ئىش ھەققى ئالسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۇكاندار كارتا ئىگىسىگە باشقا نەق ئالىدىغان خېرىدارلارغا ساتقان باھانىڭ ئۆزىدە سېتىشى (كارتا بىلەن ساتقاندا يۇقىرى باھادا ساتماسلىقى) شەرت.

ئۈچىنچىسى، كارتا ئىگىسىنىڭ كارتا بىلەن نەق پۇل ئېلىشى بانكىدىن قەرز ئالغانلىق. بۇنىڭغا قارىتا ئۆسۈم بېكىتىلمىسە، شەرئىي جەھەتتىن بىرەر چەكلىمە يوق. بۇ خىزمەت ئۈچۈن، قەرزنىڭ مىقدارى ياكى مۇددىتىگە باغلانمىغان، مىقدارى ئېنىق بېكىتىلگەن (مەبلەغ سوممىسى نىسبىتىگە باغلىماي) مۇلازىمەت ھەققى ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمەلىي سۇنۇلغان خىزمەت چىقىمىدىن ئاشقان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ھەرقاندىقى ھارامدۇر. چۈنكى، ئۇ شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان جازانىنىڭ بىر تۈرى. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»نىڭ بۇرۇنقى بىر قارارىمۇ بۇنى ئېنىق بايان قىلغان.

تۆتىنچىسى، بۇ تۈرلۈك كىرېدىت كارتلىرى بىلەن ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ([42]).

يۇقىرىقى قاراردا «بۇ خىزمەت ئۈچۈن، قەرزنىڭ مىقدارى ياكى مۇددىتىگە باغلانمىغان، مىقدارى ئېنىق بېكىتىلگەن (مەبلەغ سوممىسى نىسبىتىگە باغلىماي) مۇلازىمەت ھەققى ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمەلىي سۇنۇلغان خىزمەت چىقىمىدىن ئاشقان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ھەرقاندىقى ھارامدۇر» دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىزاھى مۇنداق:

كىرېدىت كارتىسى ئارقىلىق ئالغان پۇل بانكىنىڭ كارتا ئىگىسىگە بەرگەن قەرز پۇلى بولغاچقا، بۇ قەرزگە ئۆسۈم ئالسا جازانە بولىدۇ. لېكىن بانكا ئۆسۈم ئالماستىن، پۇل قەرز بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىپ مۇلازىمەت سۇنۇش ئۈچۈن قىلغان چىقىملىرى قانچىلىك بولسا شۇنى ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن، پۇل ئېلىش ماشىنىسى چىقىمى، تېلېفون ۋە ئۇچۇر – ئالاقە چىقىمى… قاتارلىقلار. بانكا بۇ چىقىمنى توغرا ھېسابلاپ بۇ چىقىملارنى كارتا ئىگىلىرىدىن ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەربىر قېتىم پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئالغاندا 5 دوللار مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالسا جازانە بولىدۇ. يەنە مەبلەغ سوممىسى مىقدارى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ ئالسىمۇ جازانە بولىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىمدا 100 دوللار ئالسا 2 % يەنى 2 دوللار ھەق ئالدى، يەنە بىر قېتىمدا 1000 دوللار ئالسا، ئۇ قېتىمقى پۇل ئېلىشقا 20 دوللار ئالدى. بۇمۇ جازانە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىمقى پۇل ئېلىشنىڭ چىقىمى ئوخشاش بولۇشى ۋە ھەقىقىي مۇلازىمەت چىقىمىدىن ئاشۇرۇلمىغان بولۇشى كېرەك.

لېكىن ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال، بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بانكىلار بۇ شەرتكە رىئايە قىلمايدۇ. بەزىلىرى مەبلەغ سوممىسى نىسبىتىدە ھەق ئالىدۇ. يەنە بەزىلىرى ھەر قېتىمغا ئوخشاش ھەق ئالسىمۇ يەنىلا ئەمەلىي چىقىمدىن ئاشۇرۇپ ئالىدۇ.

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى»نىڭ كىرېدىت كارتا شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ۋىيزا (Visa)، ئامېرىكان ئېكىسپىرىس (American Express)، ماستېر كارتا (Mastercard) ۋە داينېرز كىلاب (Diners Club) قاتارلىق كىرېدىت كارتا شىركەتلىرى شۇ ئىسىملاردىكى تىجارىي ماركىلارنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇ شىركەتلەر دۇنيادىكى كارتا تارقىتىدىغان بانكىلار بىلەن قىلغان توختامى بويىچە، ھەممە تەرەپنى توردا باغلاپ تۇرۇپ كارتا مەلۇماتىنىڭ توغرا – خاتالىقى، كارتا ئارقىلىق پۇل ئالسا ياكى تاۋار سېتىۋالسا بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى، بانكىلار ئارا ھېساباتنى توغرىلاش… قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى سۇنىدۇ. ئۇ شىركەتلەرنىڭ بەرگەن ئىجازەتنامىسىغا بىنائەن، بانكىلار ئۇ شىركەتلەرگە ئەزا سۈپىتىدە كىرېدىت كارتىسى تارقىتالايدۇ ۋە كارتا ئىگىلىرىنىڭ قەرزلىرىنى پۇلتۇتار ئىگىلىرىگە تۆلەپ قويالايدۇ. بانكىلار ئۇ شىركەتلەرگە ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن باشقا، ئايلىق ياكى يىللىق مۇلازىمەت ھەققى تۆلەيدۇ.

ئەلۋەتتە ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» ئۇ شىركەتلەرگە ئەزا بولۇپ كىرېدىت كارتا تارقىتىشتا ئۆسۈم شەرتى ياكى شەرىئەتكە خىلاپ بولغان باشقا شەرتلەر قويۇلماسلىقى، ھەقىقىي مۇلازىمەت ياكى ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن باشقا ئىناۋەت ئۈچۈن مۇلازىمەت ھەققىنى ئاشۇرۇۋالماسلىقى، شۇنداقلا ھاراق، قىمار قاتارلىق ھارام ئىشلاردا ئىشلىتىلمەسلىك شەرت قىلىنىشى كېرەك([43]).

بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىككىنچى شەرت، يەنى، كارتىنى ھارام ئىشلاردا ئىشلەتمەسلىك شەرتىگە «ئىسلام بانكىلىرى» رىئايە قىلسىمۇ، كىرېدىت كارتا شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدە جازانە ياكى شەرىئەتكە خىلاپ توختاملاردىن باش تارتالماسلىقى مۇمكىن.

ئۇ شىركەتلەر ئادەتتە مۇلازىمەت ۋە رەسمىيەت ھەقلىرىدىن مىليونلاپ كىرىم قىلىدۇ. بۇ كىرىملارنىڭ بىر قىسمى ئۇ شىركەتلەر سۇنغان خىزمەت مۇلازىمەت ھەققى بولسىمۇ، لېكىن، كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ ئۆزى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، قەرەللىك سېتىش، كېچىكىش جەرىمانىسى قاتارلىق جازانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىكى قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمۇ ھارام دائىرىگە كىرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ھەق ئېلىشىمۇ ھارام بولىدۇ. جازانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا ھارام بولمايتتى.

 

قەرزنى ۋاقتىدا تۆلەپ، ئۆسۈم تۆلەپ قالمايمەن دېسە، كىرېدىت كارتا بېجىرىشكە بولامدۇ؟

 

كىرېدىت كارتا توختامى جازانە شەرتىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە جازانىگە كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى جەھەتتىن، شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان ناتوغرا توختام بولغاچقا، ئۇ توختامنى باشتىلا قىلماسلىقى، بۇندىن بۇرۇن قىلغان بولسا تەۋبە قىلىپ ناتوغرىلىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى ۋاجىپ.

لېكىن، هازىر بەزى دۆلەتلەردە ھەممە نەرسىنى كىرېدىت كارتىسىغا باغلاپ قويىدىغان بولۇپ، كىرېدىت كارتىسى بولمىسا، يا بېلەت سېتىۋالغىلى، يا ماشىنا كىرالىغىلى، يا ياتاق ئالغىلى، با توردىن تاۋار سېتىۋالغىلى، يا باج تۆلەش قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتلەردىن بەھرىلەنگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كارتا بېجىرمىگەن تەقدىردە، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋالدا، شەرىئەتكە ئۇيغۇن كارتا تېپىلمىغان ياكى بانكا ھېساب كارتىسىنى ئىشلىتەلمىگەن بولسا، بۇ تۈرلۈك كارتىلارنى قەرزنى كېچىكتۈرمەي تۆلىۋېتىش نىيىتىدە ئامالسىز، رازى بولماستىن بېجىرسە، كېچىكتۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا، ئۆسۈم تۆلىشى كەسكىن ئەمەس ھەمدە زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە يېقىنلاپ قالىدىغان قىينچىلىق بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دېمەك، بۇنى ئىنتايىن تار ئەھۋالدا، بەكلا مەجبۇرلىنىپ قالغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇ ئېھتىياجلار باشقا ئۇسۇلدا قامدىلىدىغان بولسا، كىرېدىت كارتىسى بېجىرىش توغرا بولمايدۇ.

ھازىر بىز گاز، ئېلېكتىر، سۇ، تېلېفون، ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پوچتا شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن قىلىدىغان توختاملارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ توختاملاردا كېچىكىشكە قارىتا ئۆسۈم شەرتى بولىدۇ. لېكىن، ئادەتتە، بۇ توختاملارنىڭ ماددىلىرىغا ئابۇنىچىلار خالىغانچە تۈزىتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. يا ئۇنى ئەينەن قوبۇل قىلىپ ئىمزالىشى، يا ئۇنى رەت قىلىشى كېرەك. ئۇ توختاملارنى رەت قىلسا ئۇ جەمئىيەتتە نورمال ياشىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ تۈرلۈك توختاملار كېچىكىش جازاسى، باھانى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق ھارام شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئابۇنىچىقا گۇناھ بولمايدۇ. مۇھىمى، ھارام شەرتكە كۆڭلىدە رازى بولماسلىق ۋە پۇلنى كېچىكتۈرمەي تۆلىۋېتىشكە نىيەت قىلىش.

بۇ ئەھۋالدا ئۇ توختاملارنىڭ گۇناھى، ئاشۇ توختاملارنى كەڭ ئاممىغا تاڭغان، كەڭ خەلق ئاممىسىغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ بىرەر شىركەت تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىشىغا يول قويغان مەسئۇللارغا بولىدۇ.

«ئىسلام فىقھى كومىتېتى» بۇ تۈرلۈك مەجبۇرىي توختاملار توغرىسىدا مۇنداق قارار ئالغان:

«مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ تۈرلۈك توختاملاردا، باھا ۋە شەرتلەرنى بىر تەرەپ ئوڭچە بېكىتىدىغان، ئومۇم ئاممىغا زىيان يېتىدىغان دەرىجىدە سالاھىيىتىنى ئىشلىتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئادالەت تەقەززاسى بويىچە، توغرىسىنى قىلىپ، مەجبۇرلانغان تەرەپكە زۇلۇم سېلىنىپ قالىدىغان ناتوغرىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تۈزىتىش ئۈچۈن، بۇ تۈرلۈك مەجبۇرىي توختاملارنىڭ جىمىسى باشتىنلا (مۇئامىلە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا) دۆلەتنىڭ نازارەت ئاستىدا بولۇشى، شەرىئەتتە ۋاجىپتۇر»([44]).

نەتىجىدە، بۇ تۈرلۈك مەجبۇرىي توختاملار ناتوغرا توختام دائىرىسىگە كىرسىمۇ، توختاملاشقۇچىنىڭ ئىختىيارلىقى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ.

بۇنىڭ بىلەن كىرېدىت كارتىسىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ئاخىرلاشتى. تۆۋەندە پۇلتۇتارغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى بايان قىلىمىز:

 

پۇلتۇتار (POS پوس ئاپپاراتى) قويغان تىجارەتچىلەر تۆلەيدىغان ھەقنىڭ ھۆكمى
 

بانكا ھېساب كارتىسى ۋە تۈرلۈك كىرېدىت كارتىلىرىنى پۇلتۇتارغا سۈركەش ئىشى، كارتا ئىگىسى بىلەن پۇلتۇتار ئىگىسىنى ئالاقىدار قىلغاندەك، كارتا تارقاتقان بانكىنى، شۇنداقلا پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسىنى (ئەگەر كارتا تارقاتقان بانكىدىن باشقا بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا) ۋە كارتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋىيزا ۋە ماستېركارد قاتارلىق دۇنياۋى شىركەتلەرنىمۇ ئالاقىدار قىلىدۇ. دۇكان ۋە تۈرلۈك ئورۇنلاردا پۇلتۇتار قويۇشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ بەش تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدىكى توختاملارغا ۋە توختام شەرتلىرىنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا بولۇشىغا شۇنداقلا جازانىدىن خالىي بولۇشىغا قاراپ چىقىش كېرەك بولىدۇ.

ئالدى بىلەن كارتا تارقىتىلىش ۋە پۇلتۇتارغا سۈركەشتىن ئىبارەت جەريانغا قاراپ چىقايلى:

كارتا تارقاتقۇچى بانكا، ۋىيزا ۋە ماستېركارد قاتارلىق دۇنياۋى شىركەتلەرگە ئەزا بولۇپ، تىجارىي ئورۇنلاردىكى پۇلتۇتاردا قوبۇل قىلىنىدىغان كارتا تارقىتىش ۋە ئۇ كارتىلار خەجلىگەن پۇللارنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توختاملىشىدۇ.

كارتىنى تارقاتقىنىدا، كارتا بېجىرگۈچى بىلەن توختاملىشىپ، ئۇ كارتىدا خەجلىگەن پۇللارنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ توختاملىشىدۇ.

پۇلتۇتار قويغان تىجارەتچى كارتا تارقاتقان بانكا بىلەن توختاملىشىدۇ. بۇ توختام پۇلتۇتار ئىگىسى كارتا ئىگىسى تەلەپ قىلغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۇنىڭغا سۇنۇشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇلىنى كارتا تارقاتقان بانكا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەگەر پۇلتۇتار ئىگىسى كارتا تارقاتقان بانكىدىن باشقا بىر بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسى كارتىدا خەجلەنگەن پۇللارنى پۇلتۇتار ئىگىسىگە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ پۇللارنى كارتا تارقاتقان بانكىدىن ئېلىۋالىدۇ. بۇ مۇلازىمەت ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ بانكىمۇ بۇ مۇلازىمەتنى ۋىيزا ۋە ماستېركارد قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن توختاملاشقاندىن كېيىن سۇنالايدۇ.

يۇقىرىقى توختاملارغا ئاساسەن، كارتا ئىگىسى بىرەر دۇكان ياكى مېھمانخانىدەك ئورۇنلاردا بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى بىرەر مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن كارتىسىنى سۇنىدۇ. كارتىنى سۇنۇش «مەن تۆلىمەكچى بولغان پۇلنى مۇشۇ كارتىنى تارقاتقان بانكا تۆلەيدۇ، ھەققىڭنى ئاشۇ بانكىدىن ئالىسەن» دېگەنلىك. دېمەك، كارتا تارقاتقان بانكا ئۇ پۇلنى پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەشكە كېپىل بولىدۇ. تۆلىگەندىن كېيىن كارتا ئىگىسىگە شۇ پۇلنى بەرگەن بولىدۇ. سۈركىگىنى بانكا ھېساب كارتىسى بولسا، بانكا ئۇ كىشىنىڭ پۇلىنى پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەپ قويغان بولىدۇ. كىرېدىت كارتىسى بولسا، بانكا كارتا ئىگىسىگە قەرز بېرىپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەپ قويغان بولىدۇ.

پۇلتۇتار ئىگىسى ئۇ كارتىنى پۇلتۇتارغا سۈركىگەندە، كارتا تارقاتقان بانكىغا ئۇچۇر بارىدۇ ۋە بىرەر سېكۇنتتا يا ماقۇل دەيدۇ، يا رەت قىلىدۇ. ماقۇل كەلگەن ئەھۋالدا، كارتا ئىگىسى تالونغا ئىمزا قىلىدۇ ۋە تاۋارنى ياكى مۇلازىمەتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. تالوننىڭ ئەسلىسىنى پۇلتۇتار ئىگىسى ساقلاپ قېلىپ، بىر نۇسخىسىنى كارتا ئىگىسىگە بېرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن كارتا تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشقا كېپىل بولغان بولىدۇ. كارتا ئىگىسىنىڭ دۇكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ. دۇكان ئىگىسى كېيىنچە پۇلىنى بانكىدىن تەلەپ قىلىدۇ. كارتا ئىگىسىدىن تەلەپ قىلالمايدۇ.

كىرېدىت كارتا ئىگىسى قەرزىنى بانكىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۆلىۋەتمىسە، كېچىكىش جەرىمانىسىنى ئانا پۇلغا قوشۇپ تۆلەيدۇ. ئەگەر قەرزنىمۇ، جەرىمانىسىنىمۇ، ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىمەي تۇرۇۋالغان تەقدىردە، كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ پۇلىنى قانۇنىي يول ئارقىلىق ئېلىۋالىدۇ([45]).

ئاندىن ئەڭ تېز بولسا، 1- 3 سوتكىغىچە ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن (مەسىلەن 39 ياكى 60 كۈن) مۇددەت ئىچىدە، ئۇ پۇلنى كارتا تارقاتقان بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلىۋېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بولۇپ تۆلەيدۇ.

قەرەللىك سودىدا كارتا سۈركەشتە، ئىككى خىل ئۇسۇل بار. بىرى، پۇلتۇتار ئىگىسىگە جىمى مەبلەغنى بىراقلا تۆلىۋېتىش ياكى قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەش. مەسىلەن، 1000 دوللار ئۈچۈن پۇلتۇتارىڭىزغا كارتا سۈركەلگەندە، ھەر ئايدا 250 دوللاردىن 4 قەرەللىك بولسا، بىرىنچى تاللاشتا ھەر ئايدا مۇلازىمەت ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ 240 لىرادىن 4 ئايدا 960 دوللار پۇل بېرىش. ئىككىنچىسى، بۇ پۇلنى بىراقلا تېز ئالاي دېسىڭىز، كارتا سۈركىگەن كۈننىڭ ئەرتىسى 920 دوللار بېرىدۇ. دېمەك 4 ئاي ساقلاپ ئولتۇرماسلىق ئۈچۈن 40 دوللار ئۆسۈم تۆلەيسىز.

پۇلتۇتار ئىگىسى پۇلىنى كارتا تارقاتقۇچى بانكىدىن ئالغاندا، ئەگەر ئەتىسىلا ئالغان تەقدىردە، ئىككى تەرەپ قىلىشقان توختام بويىچە، بانكا 1% – 7% ئەتراپىدا (كۆپىنچە 2% – 3%) مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قېلىشى، ياكى مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە ئەمەس، ھەر قېتىملىق سۈركەشكە مۇنچە پۇل دەپ مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قېلىشى، ياكى مۇلازىمەت ھەققى ئالماي 39 كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بانكىلارنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

بىز يۇقىرىدا بانكىنىڭ كارتا ئىگىسىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ھۆكمىنى بايان قىلغان ئىدۇق. بۇ يەردە پۇلتۇتار ئىگىسىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنىڭ ھۆكمىدە توختىلىمىز.

بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر كارتا تارقاتقان بانكا بىلەن كارتا ئىگىسى ۋە پۇلتۇتار ئىگىلىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت، كاپالەتلىك قىلىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، كارتا تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسى خەجلىگەن پۇلنى پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلغان.

1.    ھۆكۈم. بۇ خىل كاپالەتنىڭ ئۆزى توختام جەھەتتىن توغرا بولىدۇ.

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر: ئۇنىڭغا مىڭ تەڭگىگە قەدەر بىر نەرسە ساتساڭ، مىڭ تەڭگىگە قەدەر ساتقان پۇلنى مەن بېرىمەن، دېسە، ئاندىن ئۇ كىشى ھېلىقى كىشىگە 500 تەڭگىگە بىر نەرسە سېتىپ ئارقىدىن 500 تەڭگىگە بۇغداي ساتقان بولسا، كېپىل بولغۇچى ھەر ئىككى سودىنىڭ پۇلىنى بېرىشى كېرەك»([46]).

دېمەك، كارتا تارقاتقان بانكا كېپىلدۇر.

2.    ھۆكۈم. كېپىل پۇل تۆلەش جەريانىدا تېلېفون، خىزمەتچىلەر مائاشى ۋە باشقا چىقىملارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېپىل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەق ئالسا بولامدۇ؟

قارايدىغان بولساق، بانكىنىڭ پۇلتۇتار ئىگىسىدىن تۇتۇپ قالغان پۇل تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ پۇلى:

بىرى، مۇلازىمەت چىقىمى. بانكا خىزمەتلىرىنى سۇنۇشتا نۇرغۇن چىقىم تارتىدۇ ۋە بۇ چىقىملار مۇلازىمەت ھەققى بولغانلىقتىن تۆلەنسە بولىدۇ. لېكىن جىق مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەت، ئاز مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەتنىڭ ئۆزى بولغاچقا، ھەر بىر قېتىملىق كارتا سۈركەشكە مەلۇم مىقدار مۇلازىمەت ھەققى بېكىتىلىشى، مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە بېكىتىلمەسلىكى كېرەك. يەنە، بۇ مۇلازىمەت ھەقلىرى ئېلىش بانكا كارتا ئىگىسىگە كېپىل بولۇش شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، بۇ مۇلازىمەت ھەققىمۇ ھارام بولىدۇ. چۈنكى بۇ، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش باھانىسىدا كېپىللىككە ھەق ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە بۇ، قەرزنىڭ ئۆسۈمى بولىدۇ.

يەنە بىرى، بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىگە پۇلنى تۆلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئالىدىغان ھەق. بۇ جائىز بولمايدۇ. چۈنكى بۇ، قەرزگە كېپىل بولغانلىق ئۈچۈن ئالىدىغان ھەق بولۇپ، بۇ ھەقنى ئېلىش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ھارام([47]).

كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ تۈرلىرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كارتىنى سۈركىگەنگە پۇلتۇتار ئىگىسىدىن تۇتۇپ قالىدىغان مۇلازىمەت ھەققى، كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. شەرئىي جەھەتتىنمۇ كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ([48]).

بۇ خىل ھەق ئېلىش ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كاپالەت ھەققى مۇلازىمەت ھەققى بىلەن ئارىلاشقان بولغاچقا، كارتا تارقاتقۇچى بانكىنىڭ پۇلتۇتار ئىگىسىدىن ھەق ئېلىشىنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئىككى خىل.

بىرى، پۇلتۇتار ئىگىسىدىن ھەق ئېلىنسا جائىز. چۈنكى بۇ، بىدىكچىلىك ھەققى، ياكى ۋەكالەت ھەققى، ياكى مۇلازىمەت ھەققى، ياكى ھاۋالە ھەققى… دىن ئىبارەت. «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە مۇشۇ قاراش ياقىلانغان([49]).

يەنە بىرى، «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» بۇ توغرىدا مۇنداق قارار ئالغان:

كارتا تارقاتقۇچى بانكا پۇلتۇتار ئىگىسى بولغان دۇكانداردىن كارتا ئىگىسى قىلغان سودىلارغا قارىتا ئىش ھەققى ئالسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۇكاندار كارتا ئىگىسىگە باشقا نەق ئالىدىغان خېرىدارلارغا ساتقان باھانىڭ ئۆزىدە سېتىشى (كارتا بىلەن ساتقاندا يۇقىرى باھادا ساتماسلىقى) شەرت.

ئەمەلىي سۇنۇلغان خىزمەت چىقىمىدىن ئاشقان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ھەرقاندىقى ھارامدۇر. چۈنكى، ئۇ شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان جازانىنىڭ بىر تۈرى. ئىسلام فىقھى كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى بىر قارارىمۇ بۇنى ئېنىق بايان قىلغان([50]).

بۇ يەردە بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىدىن ئالىدىغان مۇلازىمەت ھەققىنى مەيلى جائىز دەيلى ياكى شەرتلىك جائىز دەيلى، بىر ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەمەلىي ئەھۋالدا بۇ ئىش ۋەكالەت دائىرىسىگە ئەمەس، كاپالەت دائىرىسىگە كىرىشى توغرىراق. يەنە بىر نۇقتا: ئېلىنغا مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي خىزمەت چىقىمىدىن خېلىلا يۇقىرى.

بۇ ھەقتە دوكتور ئابدۇسساتتار ئەبۇ غۇددە مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇمكى، شەرىئەتتە بىرەرسىگە ۋەكالىتەن قەرزىنى سۈيلەپ ئەپ قويۇشقا ياكى قەرزنى ئېلىپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەق ئالسا بولىدۇ. بىرىنچى قاراشتىكىلەر، بانكىنىڭ پۇلتۇتار ئىگىسىدىن 1% – 5% ئارىلىقىدا ھەق ئېلىشىمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، بىرسىنىڭ قەرزىنى سۈيلەپ ئېلىپ قويۇپ قەرز نىسبىتى بويىچە ھەق ئېلىش ۋەكالەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن قەرزنى تېخى قولىغا ئالالمىغان ۋەكىل، ئۇ پۇلنى پۇلتۇتار ئىگىسىگە يېنىدىن تۆلەپ قويمايدۇ. يېنىدىن تۆلىۋەتسە، بۇ كاپالەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. كاپالەت بىلەن ۋەكالەت پەرقلىق توختاملاردۇر. چۈنكى ۋەكالەت ئامانەت دائىرىسىگە كىرسە، كاپالەت كېپىللىك دائىرىسىگە كىرىدۇ. ۋەكىل قولىغا پۇل چۈشسە ئۇنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. چۈشمىسە يېنىدىن پۇل تۆلىمەيدۇ. ئەمما كىرېدىت كارتا ئىشىدا بانكا بىر ئىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، قەرزنى يېنىدىن تۆلىۋېتىپ ئاندىن كېيىن ئۇنى كارتا ئىگىسىدىن تۆلىتىۋالىدۇ. شەرئىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قەرز پۇلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى يېنىدىن تۆلىۋېتىپ، بۇ ئىشى ئۈچۈن تاپان ھەققى ياكى پىرسەنت بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش جازانە ئىشىنى ۋەكالەت ئىشى بىلەن يۆگەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. گەرچە قەرز ۋاقتى بىلەن ئۇنى تۆلىۋېتىش مۇددىتى ئارىلىقى جەھەتتىن بۇنداق يامان نىيەت تېپىلمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي تەتبىقلاشتا بۇ نىيەت كۆزگە چېلىقىدۇ. چۈنكى قەرزنى تۆلەپ قويغان بانكا ۋەكالەت ئۈچۈن يۇقىرى ھەق ئالىدۇ. يۇقىرى ھەق ئېلىشتا، سودا قەرەللىك بولغان تەقدىردىمۇ، پۇلىنى پۇلتۇتار ئىگىلىرىگە نەق تۆلىۋېتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. ۋەكالەت ھەققىنى بۇ تەرىقىدە يۇقىرى ئېلىش ئەسلىدە، يوشۇرۇن جازانىلىك قەرز بېرىپ تۇرۇشنى يۆگەپ تۇرىدۇ»([51]).

شۇڭا، دۇكان ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا پۇلتۇتار ئىشلىتىشمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا بولۇشى كېرەك.

ئۇنداقتا، كارتا تارقاتقۇچى بانكىنىڭ پۇلتۇتار ئىگىسىدىن ھەق ئېلىشى قايسى تەرىقىدە بولۇشى كېرەك؟

پۇلتۇتار قويۇشقا مەجبۇر بولغان كىشى پۇلتۇتار قويغاندىن كېيىن بانكا بىلەن توختاملاشقاندا، پۇلىنىڭ قولىغا كىرىش ۋاقتى جەھەتتىن ئىككى ئۇسۇلنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك.

بىرى، بىر سوتكىدىن ئۈچ سوتكىغىچە قولىغا كىرىشى.

يەنە بىرى، 39 كۈن ياكى 60 كۈندىن كېيىن قولىغا كىرىشى.

3.    ھۆكۈم. مەجبۇر بولغان كىشى پۇلتۇتار قويغاندا پۇلىنىڭ قولىغا بىر سوتكىدىن ئۈچ سوتكىغىچە كىرىشىنى تاللىشى كېرەك. 39 كۈن ياكى 60 كۈندىن كېيىن قولىغا كىرىشىنى تاللىشى توغرا بولمايدۇ.

4.    ھۆكۈم. پۇلتۇتار قويۇشقا مەجبۇر بولغان كىشى بانكىغا مۇلازىمەت ھەققىنىڭ قانچىلىك بولۇشى جەھەتتىن ھەر قېتىمقى كارتا سۈركەشكە قارىتا ھەق بېكىتىشنى تاللىشى كېرەك. ھەر قېتىمقى مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە ھەق بېكىتىشنى بەزى ئالىملار توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى ھەر قېتىمقى كارتا سۈركەشكە قارىتا قىلىدىغان مۇلازىمەت مەبلەغ سوممىسى ئاز بولسۇن ياكى جىق بولسۇن تەڭمۇتەڭ. ئەگەر ھەر قېتىمغا قاراپ مۇلازىمەت ھەققى ئالسا، ئۇنى مۇلازىمەتكە قارىتا ئالغان بولىدۇ. مەبلەغ سوممىسىغا قارىتا ئالسا، بۇ قەرز بېرىپ تۇرغىنى ئۈچۈن ئالغان پايدا بولۇپ قالىدۇ([52]).

لېكىن، بەزى دۆلەتلەردە بۇنى پۇلتۇتار ئىگىسى تاللىيالامدۇ يوق؟ تاللىيالمايدىغان بولسا، مەجبۇرلانغان بولىدۇ.

5.    ھۆكۈم. پۇلتۇتار ئىگىسى كارتا تارقاتقان بانكا بىلەن ئەمەس، باشقا بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئەھۋالدا، مەسىلەن، «زىرائەت قاتىلىم» بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان پۇلتۇتار ئىگىسى، «كۇۋەيتتۈرك قاتىلىم» ياكى باشقا دۆلەتتىكى بىر بانكا تارقاتقان كارتىنى سۈركەپ مال ساتقاندا، پۇلتۇتار ئىگىسى تالوننى ئۆزى مۇئامىلە قىلغان بانكىغا (ياكى باشقا دۆلەتتىكى بىر بانكا كارتىسى بولسا ۋىيزا كارت شىركىتىگە) سۇنىدۇ. «زىرائەت قاتىلىم» ئۇنىڭ پۇلىنى 3 كۈن ئىچىدە بېرىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىدىن تۇتۇپ قېلىنغان مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالىدۇ. بۇ مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسى مۇلازىمەت ھەققى ئالسا جائىز دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ، پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ پۇلىنى يىغىپ بېرىشكە قارىتا مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ۋەكالىتەن ئىش بېجىرىش ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى شۇكى، ئەگەر كارتا تارقاتقان بانكا پۇلنى پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسىغا بېرىشنى رەت قىلغان تەقدىردە ياكى كارتا تارقاتقان بانكا تاقىلىپ كەتكەن تەقدىردە، قەرز پۇل پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەگەر پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلەپ بولغان بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالالايدۇ. دېمەك بۇ ئىشتا، بۇ ئىككى بانكىنىڭ مۇلازىمىتى پەرقلىق. بىرى ۋەكالىتەن ئىش قىلغۇچى، يەنە بىرى قەرز بەرگۈچى ۋە قەرزگە كاپالەتلىك قىلغۇچى.

ئاز بىر قىسىم ئالىملار پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسى ئالىدىغان ھەقنى ھارام دەپ قارىغان. چۈنكى، ئۇ بانكا پۇلتۇتار ئىگىسىگە تۆلىۋەتكەن پۇلنى كارتا تارقاتقان بانكىدىن تۆلىتىۋالغان ۋە ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئۇ پۇلدىن ئېلىۋالغان. يەنى ماھىيەتتە، پۇلتۇتار ئىگىسىگە پىرسەنتلىك ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرىپ تۇرغان. بۇ جەريانغىمۇ مەلۇم مۇددەت كېتىدۇ. دېمەك بۇ ئشتا، نېسىيلىكمۇ، ئۆسۈممۇ تېپىلىدۇ.

6.    ھۆكۈم. ئالىملار كىرېدىت كارتىسىدا سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن باشقا تۈردىكى نەق پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن. چۈنكى، كارتا ئىگىسىنىڭ بانكىدىكى ھېسابىدا پۇلى بولمىغاچقا، سودا قىلغاندا سېتىۋالغان پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ پۇلى دەرھال تۇتۇپ قېلىنمايدۇ، نەتىجىدە، پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سودىسى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان نەق پۇل تاپشۇرۇش شەرتى تېپىلمىغاچقا، بۇ سودا توغرا بولمايدۇ([53]). كىرېدىت كارتىسى ئەمەس، بانكا ھېساب كارتىسى سۈركەپ ئالتۇن – كۈمۈش ۋە نەق پۇل سېتىۋېلىشمۇ كۈچلۈك قاراشتا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، كارتا سۈركىگەندە كارتىدىن تۇتۇپ قالغان پۇلنى دەرھال خەجلىيەلمەيدۇ. چوقۇم بىر سوتكا ياكى بىر ئاي ئۆتۈشى كېرەك. مانا بۇ، شەرئىي شەرتلەرگە توغرا كەلمەيدىغان تەرىپى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇنداق دۇكانلاردا پۇلتۇتار قويۇپ بىر نەرسە سېتىشقا بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

خاتىمە
 

بۇ ماقالىدىن تۆۋەندىكى يەكۈنلەرگە ئېرىشەلەيمىز:

1.  بانكا كارتىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرى بار.

2.  ئىسلامدا بانكا كىرېدىت كارتىسىنىڭ ھۆكمى، تىجارەت، پۇل – مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىشتا ساقلىنىش كېرەك بولغان ئۈچ چوڭ ھارام (باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش، جازانە ۋە ئېنىقسىزلىق قاتارلىقلار )نىڭ بىرى بولغان جازانىگە چېتىلىش – چېتىلماسلىقىغا باغلىق.

3.  بانكا ئۆسۈمى بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجماسى، فىقھى كومىتېتلارنىڭ بىردەك قارارى بىلەن شەرىئەت ھارام قىلغان جازانىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

4.  جازانە تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ:

1) قەرز جازانىسى (ئۆسۈملۈك قەرز).

2) نېسىنى ھەسسىلەش جازانىسى.

3) جىنسداش تاۋارنى كەم – زىيادە قىلىپ ئالماشتۇرۇش جازانىسى.

4) نېسى جازانىسى.

5) ناتوغرا سودىلاردىن شەكىللەنگەن ئاشكارا يوشۇرۇن جازانىلەر.

5.  جازانە سەۋەبلىك ھارام قىلىنغان سودىلار تۆۋەندىكىچە:

1) پۇل ۋە ئالتۇنلارنى ئالماشتۇرۇشتا بىر نەرسىنى ئۆز جىنسىغا پەرقلىق مىقداردا ئالماشتۇرۇش ياكى بىرىنى نېسى ئالماشتۇرۇش.

2 («ئىينە سودىسى«.

3) پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق.

4) قەرزنى قەرزگە سېتىش.

6.  بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) ئۆسۈملۈك قەرز قاتارلىق جازانە كېلىشىملىرىدىن ۋە كاشىلىلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، لېكىن، ھېسابتا قويۇلغان پۇللار بانكىغا بېرىپ تۇرۇلغان قەرز بولغاچقا، بانكىلارنىڭ ئۇ پۇللارنى جازانە ئىشلىرىدا ئىشلىتىۋېلىشى جەھەتتىن، خالىمىسىمۇ جازانىگە ياردەم بولىدۇ. شۇڭا، زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا، بانكىلاردا ھېساب ئاچمىغان تۈزۈك. ئاچقان تەقدىردە، بانكا ھېساب كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق.

7. بانكا ھېساب كارتىسىدا پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىش ھۆكمىدە ئىككى خىل قاراش باربولۇپ ، ئۇنىڭدا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى تېپىلمايدۇ. شۇڭا توغرا بولمايدۇ دېگەن قاراش كۈچلۈك.

8.  بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card) دا پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئېلىشنىڭ ھۆكمى: ئەگەر ئۇ پۇل ئوخشاش تۈردىكى پۇل بولسا جائىز.

ئەگەر ئۇ ماشىنا بانكىنىڭ ھېساب ئاچقان شۆبىسىدىكى ماشىنا بولسا، بانكا بۇ خىزمىتىگە قارىتا مۇلازىمەت ھەققى ئالسا توغرا بولمايدۇ.

ئەمما ئۇ ماشىنا ھېساپ ئاچقان بانكىدىن باشقا يەردە(شۇ بانكا بار يۇرت ياكى باشقا دۆلەتتە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر) بولسا، بانكا پۇلنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەرگىنىگە مۇۋاپىق ئىش ھەققى ئالسا بولىدۇ. قەيەرگە يەتكۈزۈپ بەرگىنىگە قاراپ ئىش ھەققى ئاز ياكى كۆپ بولسا بولىدۇ. بىر قېتىمغا مەلۇم مىقداردا مەبلەغ بېكىتسىمۇ ياكى ئالغان پۇل سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ.

9. ئەگەر ھېسابىدا بار بولغان پۇلنىڭ تۈرىدىن باشقا بىر تۈردىكى پۇلنى پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن ئالغان ياكى باشقا دۆلەتتە كارتا سۈركەش ئارقىلىق تاۋار سېتىۋالغان تەقدىردە، بۇ، قەرزىنى باشقا تۈردە قايتۇرۇپ ئېلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسى قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، پۇل ئالغان ياكى كارتا سۈركىگەن چاغنىڭ ئۆزىدە بانكا ئۇنىڭ ھېسابىدىكى پۇل تۈرىدىن خەجلىگەن پۇل تۈرىنىڭ مىقدارىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. باشقا ۋاقىتتا تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. يەنە بۇ ئىش ئۈچۈن ھەق ئالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جازانىگە ياتىدۇ.

10. بانكىنىڭ ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge) بېجىرىش، يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئالىدىغان ھەق ھەقىقىي رەسمىيەت چىقىمىدىن ھالقىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن هارام بولىدۇ.

11. بانكىنىڭ ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتلىرى جازانە مۇئامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بېجىرىشكە ۋە قوللىنىشقا بولمايدۇ.

12. بانكىنىڭ ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتلىرىدا كارتىنى تارقاتقان بانكىنىڭ ياكى باشقا بانكىلارنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM) دىن پۇل ئالغاندا، پۇل ئېلىشقا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋاللاردا، كارتا بىلەن ئالىدىغان پۇل بانكا بەرگەن قەرز بولغاچقا، ئۇنىڭغا رەسمىيەت ھەققى قوشۇلسا، جازانىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ.

13. ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» سۇنغان ھېساب كارتىلىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش قاتارلىق جازانە كېلىشىملىرىدىن ۋە كاشىلىلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

14. ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» سۇنغان ھېساب كارتىسى بىلەن سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدىن نەق ئالتۇن – كۈمۈش ۋە باشقا تۈردىكى پۇل سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمىدە ئىككى قاراش بار. ئەمما ، ئۇنىڭدىمۇ، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى تېپىلمىغانلىقتىن، توغرا بولمايدۇ دېگەن قاراش كۈچلۈك.

15. ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ تونۇلغان «قاتىلىم بانكىلىرى» سۇنغان ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge) جازانىنى تەپمە ھالال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى جازانە بانكىلار تارقاتقان كىرېدىت كارتىلىرىدىن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقى يوق. ئەمما بۇ جازانىلىك قەرز پۇلنى ھاراق، قىمار ياكى باشقا ھارام يەرگە خەجلەشكە رۇخسەت قىلمىغاچقا ئادەتتىكى بانكىلاردىن ياخشىدەك كۆرۈنىدۇ.

16. ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» كىرېدىت كارتلىرىنىڭ يەنە باشقا تۈرلىرى بولۇشى، تۈرلۈك دۆلەتلەردە، تۈرلۈك بانكىلار ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا كارتا تارقىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەربىرىنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم.

17. كىرېدىت كارتىسىنى ئىنتايىن زۆرۈر ئەھۋالدا، بەكلا مەجبۇرلىنىپ قالغاندا رازى بولماستىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇ ئېھتىياجلار باشقا ئۇسۇلدا قامدىلىدىغان بولسا، كىرېدىت كارتىسى بېجىرىش توغرا بولمايدۇ.

18. مەجبۇر بولغان تىجارەتچى پۇلتۇتار POS) پوس ئاپپاراتى) قوللانغاندا پۇلىنىڭ ئۆز ھېسابىغا بىر سوتكىدىن ئۈچ سوتكىغىچە كىرىپ بولۇشىنى تاللىشى كېرەك. 39 كۈن ياكى 60 كۈندىن كېيىن قولىغا كىرىشىنى تاللىشى توغرا بولمايدۇ.

19. پۇلتۇتار قويۇشقا مەجبۇر بولغان كىشى بانكىغا مۇلازىمەت ھەققىنىڭ قانچىلىك بولۇشى جەھەتتىن ھەر قېتىمقى كارتا سۈركەشكە قارىتا ھەق بېكىتىشنى تاللىشى كېرەك. چۈنكى ھەر قېتىمقى مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە ھەق بېكىتىشنى بەزى ئالىملار توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەردە بۇنى پۇلتۇتار ئىگىسى تاللىيالمايدىغان بولغاچقا، مەجبۇرلانغان بولىدۇ.

20. پۇلتۇتار ئىگىسى كارتا تارقاتقان بانكا بىلەن ئەمەس، باشقا بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئەھۋالدا، كۆپچىلىك ئالىملار پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسى مۇلازىمەت ھەققى ئالسا جائىز دەپ قارايدۇ. ئاز بىر قىسىم ئالىملار پۇلتۇتار ئىگىسىنىڭ بانكىسى ئالىدىغان ھەقنى ھارام دەپ قارىغان.

21. سەرراپلىق ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىدا پۇلتۇتار قويۇپ بىر نەرسە سېتىشقا بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

تەۋسىيە:

مۇسۇلمان كىشى ھارام ۋە جازانە ئارىلاشقان مۇئامىلىلەردىن قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۆسۈملۈك قەرز، كىرېدىت كارتىسى ۋە پۇلتۇتار قاتارلىق جازانىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغىنىدا، قەرزلەرنى ۋاقتىدا تۆلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

——————————————————–
([1]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 7 (387 – 388)، العدد 8 (655 – 656).
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 275 – ئايەت.
([3]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 130 – ئايەت.
([4]) «نىسا» سۈرىسى، 160 ـ، 161 – ئايەتلەر.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى، 276 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([6]) «بەقەرە» سۈرىسى، 278 – – ، 279 – – ئايەتلەر.
([7]) «مۇسلىم»، 1598 – ھەدىس.
([8]) «حاشية ابن عابدين»، 5/169. «البحر الرائق»، 7/267.
([9]) «مۇسنەدى ئەھمەد»، 5007 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 3462 – ھەدىس؛ تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 13583 – ھەدىس؛ بەيھەقىي «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 11017 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنۇل قەتتان (ئىمام ئىبنۇ دەقىيقىل ئىيدنىڭ «ئەلئىلمام» دېگەن كىتابىدا 977 – ھەدىستە) ئىمام ئىبنۇلقەييىم («تەھزىيبۇسسۈنەن» 2 – توم، 147 – بەتتە) ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام» 160 – ھەدىستە) «سەھىھ» دېگەن.
([10]) بۇنىڭدا ئۈچ تەرەپ بۇ خىل سودىغا ئالدىن پۈتۈشۈۋالغانلىق جەھەتتىن، «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىينە سودىسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا ئىككى سودا قىلىش بىلەن بولىدۇ، تەۋەررۇق ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىدا شەكلىي ئۈچ سودا قىلىش بىلەن بولىدۇ.
([11]) قرار «المجمعِ الفقهي الإسلامي»، المنعقد في المدة من 19 – 23 / 101424 هـ – 13 – 17 / 12 / 2003م.
([12]) بۇ خىل سودىنىڭ توغرا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، نەق بار نەرسىنى كېيىن تاپشۇرۇشنى شەرت قىلىش ناتوغرا شەرتتۇر. چۈنكى، نېسىي تاپشۇرۇش نەق نەرسىنى ساتقاندا ئەمەس، يوق نەرسىنى ساتقاندا بولىدۇ. نەتىجىدە، تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇش سودىدا بەدەلسىز پايدا بولىدۇ ۋە بۇ جازانىگە كىرىدۇ. «الهداية»، المرغيناني، 3/48. «المبسوط»، السرخسي، 13/18، «بدائع الصنائع»، الكاساني 5/169.
([13]) «الفقه الإسلامي وأدلته»، دكتور وهبة الزحيلي، 7/49 -، 50 – بەتلەر.
([14]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 79 – بەت. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 12 (3/459).
([15]) جازانە بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بانكا ئەمەلىيەتتە يوق دېيەرلىك.
([16]) «سەلەم سودىسى»: پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىش سودىسى.
([17]) «مقدمة في المعاملات المالية وبعض التطبيقات المعاصرة»، د. يوسف الشبيلي، 55 – بەت.
([18]) «قضايا فقهية معاصرة في المال والاقتصاد»، د. نزيه حماد، 160 – بەت، «مجلة مجمع الفقه الإسلامي، العدد7 (1/ 672). «التكييف الشرعي للبطاقات المصرفية»، بيت التمويل الكويتي، 23 – 25 – بەتلەر.
([19]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 87 – بەت.
([20]) «الخدمات الاستثمارية في المصارف» د. يوسف الشبيلي، 2/42 – 45.
([21]) «مجمع الفقه الإسلامي»، القرار رقم 84 (1/9) تجارة الذهب، (الدورة التاسعة – أبو ظبي، نيسان. 1991م) قرارات وتوصيات مجمع الفقه الإسلامي ، الدورات 1 – 14. تنسيق: عبد الستار أبو غدة. وزارة الأوقاف والشئؤن الإسلامية – قطر 2003م.
([22]) «بطاقات الائتمان – مؤتمر الأعمال المصرفية الاكترونية بين الشريعة والقانون»، الصديق محمد الأمين الضرير، 656 – بەت.
([23]) «بطاقات الائتمان – مؤتمر الأعمال المصرفية الاكترونية بين الشريعة والقانون»، الصديق محمد الأمين الضرير، 647 – 648 – بەتلەر.
([24]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، 7/1/717، قرار المجمع رقم ،65 في الدورة السابعة للمجمع من 7 إلى 12 ذي القعدة 1412هـ.
([25]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 79 – بەت.
([26]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، بحث الدكتور محمد القري ابن عيد، 7/1/385، «قرار الهيئة الشرعية لشركة الراجحي المصرفية»، رقم 464، في 19/2 /1422هـ.
([27]) قرار مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة المؤتمر الإسلامي بشأن موضوع بطاقات الائتمان غير المغطاة في دورته الثانية عشرة بالرياض، من 25 جمادى الآخرة 1421هـ ـ 1 رجب 1421هـ الموافق 23 – 28 أيلول (سبتمبر) 2000م. قرار رقم: 108 (2/12)[1].
([28]) «بطاقات الائتمان – مؤتمر الأعمال المصرفية الاكترونية بين الشريعة والقانون»، الصديق محمد الأمين الضرير، 652 – بەت.
([29]) «أحكام التجارة الإلكترونية في الفقه الإسلامي»، د. عدنان بن جمعان الزهراني، 289 – بەت، «مجلة مجمع الفقه الإسلامي، العدد 12 (3/ 676). «التكييف الشرعي للبطاقات المصرفية»، بيت التمويل الكويتي، 23 – 25 – بەتلەر.
([30])«مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد12 (3/459).
([31]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 81 – بەت.
([32]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 79 – بەت. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 12 (3/459).
([33]) «بطاقات الائتمان – مؤتمر الأعمال المصرفية الاكترونية بين الشريعة والقانون»، الصديق محمد الأمين الضرير، 647 – 648 – بەتلەر.
([34]) «مۇسنەدى ئەھمەد»، 22900 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد» 3688 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 4020 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 12 – ھەدىس) ۋە باشقا كىتابلىرىدا «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
([35]) بۇ ھەدىسنى ئىبنى بەتتا ئىمام ئەۋزائىيدىن مۇرسەل رىۋايەت قىلغان. «تەھزىبۇسسۈنەن» ناملىق كىتابنىڭ 2 – توم، 153 – بېتىدە شۇنداق بايان قىلىنغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «بۇ ھەدىس مۇرسەل بولسىمۇ، باشقا ھەدىسلەر بىلەن كۈچلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇ مەزمۇننى تەكىتلەيدىغان مەرفۇ ھەدىسلەر بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹ئۈممىتىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر ھاراقنى باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچىشىدۇ› دېگەن ھەدىسىمۇ بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ ھەدىسنى «مەجمۇئەتۇلفەتاۋا» دېگەن كىتابىنىڭ 6 – توم، 41 – بېتىدە كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ سەنەد كۈچلىنىشكە يارايدۇ… ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ئىينە سودىسىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇسنەد ھەدىسلەر تەكىتلەيدۇ». ئالبانىي بۇ ھەدىسنى («غايەتۇل مەرام»، 13 – ھەدىس) مۇرسەللىكىنى ئاساس قىلىپ: «ئاجىز» دېگەن.
([36]) «بۇخارىي»، 1 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1907 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
([37]) «الحلال والحرام في الإسلام»، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي، 39 – بەت.
([38]) «بۇخارىي»، 7320 – ھەدىس.
([39]) 14 – 17 – مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىق. https://www.youtube.com/watch?v=BTgQVhCkbNM
([40]) «أساسيات التمويل الإسلامي»، د. منذر قحف. 181 – بەت. «العلاقات التعاقدية الناشئة عن بطاقات الدفع الإلكتروني»، حمود محمد غازي، 4 – بەت.
([41]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 80 – بەت.
([42]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد12 (3/459). القرار رقم 13 (10/2) و رقم 13 (1/3).
([43]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 80 -، 81 – بەت.
([44]) قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لمنظمة المؤتمر الإسلامي بشأن عقود الإذعان في دورته الرابعة عشرة بالدوحة (دولة قطر) في الفترة من 8 إلى 13 ذو القعدة 1423 هـ الموافق 11 – 16 كانون الثاني (يناير) 2003م. قرار رقم 132 (6/14).
([45]) «بطاقة الائتمان وتكييفها الشرعي»، مجلة مجمع الفقه الإسلامي العدد 7، 286 – 287 – بەتلەر.
([46]) «المبسوط»، السرخسي، 20/51.
([47]) «الإشراف على مذاهب أهل العلم»، ابن المنذر، 1/120. «مواهب الجليل»، الحطاب، 5/113.
([48]) «بطاقة الائتمان»، دوكتور عبد الله سليمان المنيع، مجلة مجمع الفقه الإسلامي، العدد 11، 106 – بەت.
([49]) «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 2، هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 87 – بەت. «الهيئة الشرعية لشركة الراجحي المصرفية» القرار رقم 464 في 19/3/1422هـ 2 – بەت. «بطاقة الائتمان وتكييفها الشرعي»، مجلة مجمع الفقه الإسلامي العدد 7، 286 -، 287 – بەتلەر. «قضايا فقهية معاصرة في المال والاقتصاد»، د. نزيه حماد، 153- بەت.
([50]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد12 (3/459). القرار رقم 13 (10/2) و رقم 13 (1/3).
([51]) «بطاقة الائتمان وتكييفها الشرعي»، مجلة مجمع الفقه الإسلامي العدد 7، 286 – بەت. «قضايا فقهية معاصرة في المال والاقتصاد»، د. نزيه حماد، 153- بەت.
([52])«مجلة مجمع الفقه الإسلامي» العدد 12، 3/665.
([53]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد12 (3/459).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز