مېھماندارچىلىق سەۋەبىدىن نەفلە روزىنى بۇزۇۋېتىش

مېھماندارچىلىق سەۋەبىدىن نەفلە روزىنى بۇزۇۋېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن نەفلە روزا تۇتۇشنى ئۆزەمگە ئادەت قىلغان ئىدىم. بەزى سورۇنلارغا نەفلە روزا تۇتقان كۈنۈم توغرا كېلىپ قالدى، بەزى چاغدا: مەن روزىدار ئىدىم، دېدىم، ئەمما رىيا بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سورۇندا بىر نەرسە يەۋەتسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نەفلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن:

سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە ‹رەييان› دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بار بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇ ئىشىكتىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلارلا كىرىدۇ. ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىسى كىرمەيدۇ. ‹روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟› دېيىلسە، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىدۇ – دە، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدۇ. روزا تۇتقۇچىلار كىرىپ بولغاندا ئىشىك تاقىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدۇ»..(1)

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمكى ئاللاھ يولىدا (جىھاد قىلىۋاتقاندا) بىر كۈن روزا تۇتسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىل يىراقلاشتۇرۇۋىتىدۇ».(2)

نەفلە روزا دېگىنىمىزدىن پەرز ياكى ۋاجىب بولمىغان روزا مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە سۈننەت، مۇستەھەب ۋە تەرغىب قىلىنغان بارلىق روزىلار كىرىدۇ.

نەفلە روزا تۇتقان كىشى مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ قالسا ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى 3 ئىشنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ:

بىرىنچىسى: مېھماندارچىلىققا بارماي ئۆزرە ئېيتىپ روزىسىنى تۇتۇۋېرىش.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «چاقىرىلغۇچى ئۆزرە ئېيتسا، ساھىبخانغىمۇ ئۇنىڭ كېلىپ تاماق يېمەي كېتىشى ئېغىر كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ياكى باشقا سەۋەب ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلسا، بۇ ئۇنىڭ بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ھېسابلىنىدۇ».(3)

ھەدىستە: «بىرىڭلار روزىدار ھالەتتە تاماققا چاقىرىلسا، مەن روزىدار دېسۇن» دېيىلگەن.(4)

ئىمام ئەبۇ بەكر ئەلجەسساس ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەفلە روزا تۇتقان كىشى بىلەن پەرز روزا تۇتقان كىشىنى ئايرىمىغان».(5)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىكى ‹مەن روزىدار دېسۇن› دېگەن كۆرسەتمىنى ئۆزرە ئېيتىش ۋە ئەھۋالىنى بايان قىلىش دەپ چۈشىنىمىز. ئەگەر ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ مېھماندارچىلىققا كەلمەسلىكىگە رۇخسەت قىلسا، بارمىسىمۇ بولىدۇ. رۇخسەت قىلمىسا بېرىشى لازىم بولىدۇ. روزا بارماسلىققا ئۆزرە بولالمايدۇ. لېكىن، بارسا چوقۇم تاماق يېيىشى كېرەك ئەمەس. روزىدارلىقى بىر نەرسە يېمەسلىكىگە ئۆزرە بولىدۇ».(6)

بۇ ئەھۋالدا روزىدارلىقىنى ئېيتسا رىيا بولمايدۇ. چۈنكى، ئالىملىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەدىس يەنە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، «بىرەر ئېھتىياج بولغاندا ناماز ۋە روزا قاتارلىق نەفلە ئىبادەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. ئېھتىياج بولمىغاندا يوشۇرۇش مۇستەھەب».(7)

نەفلە ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇش مۇستەھەب بولسىمۇ، بارمىسا ساھىبخاننىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ھەدىس، بارالمايدىغان مېھماننى «مەن روزىدار» دەپ ئۆزرە ئېيتىشقا بۇيرۇغان.(8)

ئىككىنچىسى: مېھماندارچىلىققا بېرىپ بىر نەرسە يېمەي روزىسىنى تۇتۇۋېرىش.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار تاماققا چاقىرىلسا بارسۇن، ئەگەر ئۇ روزىدار بولسا دۇئا قىلىپ قويسۇن، روزىدار بولمىسا، تاماق يېسۇن».(9)

ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تويغا چاقىرىلسا، روزىدار بولسۇن ياكى بولمىسۇن بارماي قويمايتتى. روزىدار بولۇپ قالسا دۇئا قىلىپ، بەرىكەت تىلەيتتى. روزىدار بولمىسا، تاماق يەيتتى.(10)

ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئەبى يەزىد دەيدۇكى، ئاتام ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى چاقىرغان ئىدى. ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. تاماق كەلتۈرىلىۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قولىنى ئۇزۇتۇپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلىڭلار» دەپ بولۇپلا قولىنى تارتىۋېلىپ: «مەن روزىدار» دېدى.(11)

روزىدار تاماق يېمەيدىغان تۇرۇپ مېھماندارچىلىققا بېرىشنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك پايدىسى بولۇپ، مېھمان ساھىبخانغا دۇئا قىلىدۇ. ساھىبخانمۇ مېھماننىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ. مېھمان بىلەن سورۇنى زىننەتلىنىدۇ. مېھماننىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بەزى مېھمانلار كەلمىسە، ساھىبخاننىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغان بولسا، مېھماننىڭ كېلىشى بۇنى توسۇپ قالالايدۇ. بارمىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىلار قولغا كەلمەيدۇ. ساھىبخان بىئارام بولىدۇ.(12)

ئۈچىنچىسى: مېھماندارچىلىققا بېرىپ بىر نەرسە يەپ روزىسىنى بۇزۇۋېتىش.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ يېنىمغا كىردى ۋە:

— يېگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ؟ — دەپ سورىدى، بىز:

ــ يوق، ـ دېگەن ئىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنداق بولسا، مەن (بۈگۈن) روزا تۇتىمەن، — دېدى. باشقا بىر كۈنى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمغا كىرگەندە:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ھەيس (خورما، سېرىقماي ۋە قۇرۇتتىن ھازىرلانغان) تامىقى بار، — دېگەنىدىم:

— كەلتۈرۈڭ، مەن ئەتىگەن (نەفلە) روزا تۇتۇۋالغانىدىم، — دېدى ۋە تاماقتىن يېدى.(13)

ئۇممۇ ھانى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، بىر قاچىدا ئىچىملىك كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن ئىچكەندىن كېيىن ماڭا سۇنۇپ بەردى، مەنمۇ ئىچتىم. ئاندىن:

— مەن گۇناھ قىلىپ سالدىم، ماڭا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا، — دېگەنىدىم:

— نېمە گۇناھ قىلدىڭىز؟ — دەپ سورىدى.

— روزىدار تۇرۇپ بۇنى ئىچىپ سالدىم، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قازا روزىمىدى؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، — دېسەم:

— ئۇنداقتا، ھېچنېمە بولمايدۇ، — دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «نەفلە روزا تۇتقۇچى، ئۆزىگە ئۆزى خوجىدۇر. خاھلىسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، خاھلىسا روزىسىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ» دېگەن.(14)

ئىمام شەۋكانىي يۇقىرىقى ھەدىسلەر ھەققىدە ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىسلەر نەفلە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىز ئاچسا، بولۇپمۇ، مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى چاقىرغان مېھماندارچىلىقتا بولسا، ئېغىز ئاچسا جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ».(15)

ئەلبەتتە، مېھماندارچىلىق روزىدارنىڭ نەفلە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە ئۆزرە بولالايدۇ. بۇنىڭدا روزىدار ساھىبخان بولسۇن ياكى مېھمان بولسۇن ئوخشاش. چۈنكى، بەزىدە ساھىبخان مېھمىنىنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇشى، بىئارام بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇشى ياكى بىئارام بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى بۇ ھەدىسمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالمان بىلەن ئەبۇددەردائنى قېرىنداش قىلىپ قويغانىدى، سالمان ئەبۇددەردائنى يوقلاپ كېلىپ، ئەبۇددەردانىڭ ئايالى ئۇممۇددەردانىڭ كىيىنىشتە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇممۇددەرداغا: نېمە بۇ تۇرقىڭىز؟ دېگەنىدى، ئۇممۇددەردا: قېرىندىشىڭىز ئەبۇددەردانىڭ دۇنياغا ھاجىتى يوق، دېدى. ئاندىن ئەبۇددەرداﺋ كېلىپ سالمانغا تائام راسلىدى. سالمان ئەبۇددەرداغا: سەنمۇ يېگىن، دېگەنىدى، ئەبۇددەردا: مەن روزا تۇتۇۋالغان، سەن يېگىن، دېدى. سالمان: سەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن، دېگەنىدى، ئەبۇددەرداﺋ يېدى. كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئەبۇددەرداﺋ تۇرماقچى بولغانىدى، سالمان: ئۇخلا، دېدى، ئەبۇددەرداﺋ ئۇخلىدى. سەل تۇرۇپ ئەبۇددەرداﺋ يەنە تۇرماقچى بولۇۋېدى، سالمان: ئۇخلا، دېدى. كېچىنىڭ ئاخىرى بولغاندا سالمان: ئەمدى تۇر، دېدى. ئىككىسى ناماز ئوقۇپ بولغاندا سالمان ئۇنىڭغا: رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، نەپىسىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. شۇڭا، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك، دېدى. ئەبۇددەرداﺋ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سالمان راست ئېيتىپتۇ» دېدى.(16)

يۇقىرىقى ھەدىستە سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مېھمان ئىدى. ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە ساھىبخان ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەفلە روزىسىدىن ئېغىز ئېچىۋەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ۋەقەدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن «سالمان راست ئېيتىپتۇ» دەپ سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغىنىنى توغرا تاپقان.(17)

خەرەشە ئىبنۇلھۆر ئېيتىدۇ: بىز ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھۇزۇرىدا ئىدۇق. ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇ سورۇندىكىلەرگە: يەڭلار، دېدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى، مەن روزىدار، دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ ئېغىز ئېچىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ئاخىرى ئۇلار ئېغىز ئېچىۋېتىشتى.(18)

ئەتاﺋ دەيدۇ: مەن سالمان ئىبنى مۇسادىن:

— بۇرۇن كىشىلەر مېھمانلىرى ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتەمتى؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ھەئە، — دېگەن.(19)

ھەسەن بەسرىي روزىدار كىشىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالسا ئېغىز ئېچىۋېتىپ ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلاتتى.(20)

يۇقىرىقىلاردىن نەفلە روزا تۇتقان كىشىنىڭ مېھماندارچىلىق سەۋەبدىن ئېغىز ئېچىۋېتىشكە رۇخسەت بارلىقى، ئەھۋالغا قاراپ 3 ئىشتىن ئەڭ مۇناسىپ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتى بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «ئەڭ مۇۋاپىق قاراش شۇكى، روزىدار ھالەتتە تويغا بارسا، ئەگەر تاماققا ئېغىز تەگمىسە ساھىبخاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان بولسا، تاماق يېگىنى ئەۋزەل. ساھىبخاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولمايدىغان بولسا، روزىسىنى تاماملىغىنى ئەۋزەل. ساھىبخانمۇ: تاماق يېسىلە، دەپ يېمەي تۇرۇۋالغان مېھماننىڭ كۆزىگە كىرىۋالسا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى ئىش جائىزدۇر».(21)

ئەگەر ئېغىز ئېچىۋېتىشنى تاللىغان تەقدىردە، ھەنەفىي ۋە مالىكىي ئالىملار قارىشى بويىچە، ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ قاراش كۈچلۈك بولۇپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى، ئىبنى ئابباس، جابىر، ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، شۇنداقلا ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان.(22)

ئەگەر روزىدار رامازاننىڭ قازاسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاجىب روزىنى تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا، مېھماندارچىلىققا دۇچ كېلىپ قالغان تەقدىردە، ئېغىز ئېچىۋېتىشى ھارام بولىدۇ. ئېغىز ئېچىۋەتسە، بۇ ئىشىدىن تەۋبە قىلىشى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى ۋە ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «كىمكى رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋاتقان، ياكى مۇئەييەن بىر كۈن روزا تۇتۇشنى ياكى مۇتلەق بىر كۈن روزا تۇتۇشنى نەزر قىلىپ(23) تۇتۇۋاتقان، ياكى كەففارەت روزىسى تۇتۇۋاتقان، يەنى ۋاجىب روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ كۈن ئۇنىڭ روزا تۇتۇشى بىلەن شۇ كۈنى تۇتمىسا بولمايدىغان پەرز روزا ئورنىدا بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق».(24)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 10 – زۇلھەججە / م. 2015، 23 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، – توم، 42 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1896)؛ «مۇسلىم»، (1152).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2840)؛ «مۇسلىم»، (1153).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/247.
4. «مۇسلىم»، (1150).
5. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/297.
6. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/28.
7. ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 7/96.
8. موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 4/401.
9. «مۇسلىم»، (1431).
10. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14311).
11. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14312).
12. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/247.
13. «مۇسلىم»، (1154).
14. «تىرمىزىي»، (731 – 732). ئىمام نەۋەۋىي بىلەن ئىمام ئىبنى ھەجەر: «ھەسەن» دېگەن.
15. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/358.
16. «بۇخارىي»، (6139).
17. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/269؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 9/161.
18. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9703).
19. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9704).
20. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9705).
21. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/558.
22. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/79.
23. نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ: ﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/136 – 152؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1388 – 1389 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
24. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/45.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ