ئادەم! ئېتىراپ قىل

دوكتور سالمان ئەۋدە

ئىككەيلەن دەرەختىن يېگەندىن كېيىنلا شەيتاننىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈپ سالغان خاتالىقىنىڭ سالمىقىنى ھېس قىلىشىپ خاتالاشقان ئورۇندىن قاچقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرەخ ئۇلاردىن يىراقتا قالدى. ئاللاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى، مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟»([1]) دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

«تىلكە» ئەرەب تىلدا يىراق ئورۇننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ ئۇلارغا «مىن ھازىھىششەجەرە»، يەنى، «بۇ دەرەختىن» دېگەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ يىراقلىشىشى شۇ ئىشنى قىلىشتىن ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئاللاھدىن ھايا قىلىشنى ئىپادىلىگەن ئىستىخىيىلىك ئىنكاستۇر.

ئۇلار قىلىپ قالسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئاللاھ مەنئىي قىلغان بىر ئىشنى قىلىپ سالدى. ئۇلارغا رەببىدىن بولغان كايىش ئۇلار گۇناھنى قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ نوقۇش سوئالى شەكلىدە سىلىقلا كەلگەن ئىدى. يەنى، مەن سىلەرنى دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن توسىمىغانمۇ؟! سىلەرگە شەيتاننىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمىگەنمۇ؟!

بۇ خىل شەكىلدە تاتلىق كايىش ئۇلارغا تەۋبە ئىشىكنىڭ تاقالمىغانلىقىنى ۋە رەھمەتنىڭ كەڭرىلىكىنى تەكىتلەيتتى. ئادەم بىلەن ھەۋۋادا تەۋبە قىلىشتىن بولىدىغان نىجاتلىق ئۈمىدى ۋە گۇناھ تۇيغۇسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھېسسىيات تەڭ مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئېچىنىشلىق چېكىنىشتىن كېيىن رەببىنىڭ كۆرسەتمىسىنى كۈتۈشكەن ئىدى. «تەلەققا» سۆزى شەرتسىز، ئۇزىراپ كەتمەستىن، كېچىكمەستىن قوبۇل بولىدىغان تەۋبىگە ئىنتىزارلىقنى ۋە كۈتۈشنى ئىپادىلىگەچكە، ئۇلىشىپ كەلگەن تەرتىپنى ئىپادىلەيدىغان «ف» ھەرپى ئىشلىتىلدى.

خاتالىقتىن ئىلگىرى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، خاتالىقتىن كېيىن يەڭگىل كايىش تولىمۇ گۈزەل، بولۇپمۇ، دەرسنى چۈشەنگەن كىشىگە تېخىمۇ شۇنداقتۇر. ئەسلەش بىزنى بىئارام قىلىدىغان گۇناھ مەئسىيەتلىرىمىزنى قىيامەت كۈنى تارازىمىزدا ياخشىلىق قاتارىدا كۆرۈشىمىز نېمىدېگەن مېھرىبانلىق ھە!

كىشىلەر سەندىن ئەپۇ قىلىشنى سورىسا جاۋاب قايتۇرۇشقا، ئۆزۈڭنى يېڭىشكە، زۇلۇم قىلماسلىققا ئالدىرىغىن. «كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ»([2]). چۈنكى، سەنمۇ ھەم ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە، كىشىلەرنىڭ كەچۈرۈشىگە موھتاج بولىدىغان خاتالاشقۇچىسەن.

ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىقىپ ئىسسىق كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلغان كەلىمىلەر ئىدى. ئاللاھقا نىسبەتەن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ كۆز يېشىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولمىسا كېرەك. شۇڭا، ئۇ ئىككەيلەن:  «ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق»([3]) دېيىشتى. ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئۆزرە ئېيتماستىن گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى زالىم قەۋملەردىن بولۇپ قالماسلىقلىرى ئۈچۈن دەرھال ئەپۇ ۋە مەغپىرەت تىلەشتى. چۈنكى، زېمىندا گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئازابلانغان قەۋملەر ئۆتكەن ئىدى.

بۇ سۆزلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سىنالغاندەك تەكلىپاتلار بولۇپ پاكلىققا، فىترەتتىن ئايرىلماسلىققا، ھاياتلىقنى، ھوقۇقلارنى، مۇھىتنى ساقلاشقا، شەيتانغا ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا ئەگىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىش -ھەرىكەتلەرگە ئايلانغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى قېتىم ھەرەمنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن ئەۋلادلىرىغا مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇبارەك زېمىننى پاك تۇتۇشنى، دەرەخلەرنى كەسمەسلىكنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئۈركۈتىۋەتمەسلىكنى تەلىم بەرگەن زات دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالارلىق تەرىپى يوق، چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسارى بولۇش ۋە زېمىننى ئىسلاھ قىلىش ئىكەنلىكى (ھەممىمىزگە) ئايان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمىكى ھەج قىلىپ، يامان سۆز ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلمىسا خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغان كۈندەكلا گۇناھلاردىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ»([4]) دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى.

ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىشىڭ، ئۇنىڭ يامان سۆز – ھەرىكەتلىرىنى ئەپۇ قىلىشىڭ ۋە ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشۇڭ مۇكەممەل ئېھساننىڭ جۈملىسىدىن.

ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ جەننەتتىكى بىر خاتالىقى ئۇ ئىككىسىنىڭ زېمىندا خاتالاشماسلىقى ئۈچۈندۇر. زېمىن ئۇ ئىككىسى ئۈچۈن ھاكىملىق، سۇلتانلىق ۋە ئۇلۇغلۇق ئورنىدۇر. «زېمىن مەن ئۈچۈن پاكىز جاي ۋە نامازگاھ قىلىپ بېرىلدى»([5]). بەزى خاتالىقلار كېيىنكى توغرىلىققا تۈرتكە بولىدىغان، ياكى كەمتەرلىككە كۆندۈرىدىغان، ياكى ياخشى ئەمەللەرگە ئۈندەيدىغان رەھمەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇ خاتالىقنى سادىر قىلمىغان بولساڭ، بۇلارنى قىلمىغان بولاتتىڭ.

ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئىخچام، دەردلىك سۆزلىرى ھەر قېتىم گۇناھلار بىزنى ئورىۋالغاندا بىزگە ئاللاھ تەرەپكە بولغان خاتىرجەم يولنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇ سۆزلەردىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكنى، داۋاملىق تەكرارلانسىمۇ ياكى بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايدىغان يامان خۇمار بولسىمۇ خاتالىققا باش ئەگمەسلىكنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى، گۇناھنى پۈتكەن زات تەۋبە قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، يولنى قىسقارتىپ ۋاسىتىسىز ئۆزىگىلا يېتىدىغان قىلغان ئىدى.

ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىمۇ خاتالىقىغا ئوخشاشلا ئاشكارە بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكى قۇرئان كەرىمدە يەتتە قېتىم تەكرارلىنىپ، گۇناھنىڭ سادىر بولۇشىدىن تارتىپ تاكى ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىپ قىلىشى ۋە ئەۋرەتنى يېپىشقا دەرەخ يوپۇرمىقىنى ئىزدەپ يۈگۈرگەن ھالەتكىچە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېچكىمنىڭ خاتالىقتىن خالىي ئەمەسلىكىنى، راستچىللىقنىڭ پاكلىقنى دەۋا قىلىش، سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئۆزرە ئېيتىش، پۇشايمان قىلىش، گۇناھقا مۇناسىپ بولغان كەفارەتلەرنى بېرىش ۋە خالايىقتىن ئەمەس، ئاللاھدىنلا قورقۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى گۇناھنى ئاشكارىلاش گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ بولۇپ، بۇ ئاللاھنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئاممىۋىي مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر.

(ئۇ ئىككىسى) تەۋبە قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىك، ئۇلۇغلۇق ۋە تاللىنىش مەيدانغا كەلدى. تەۋبىدىن كېيىنكى ھالەت ئىلگىرىكى ھالەتتىن ياخشى ئىدى، ئۇنداقتا، ئۇنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى، ئۇ يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان ھەقىقىي تەۋبە ئىدى. بىر قىسىم ئىنسانلار خاتالىق سەۋەبلىك يوقىتىپ قويغان ئىجتىمائىي ئورنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەۋبىسى كىيىم – كېچەككە ياكى تاشقى كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شەكىلدىنلا ئىبارەت. بەزىدە ئۇ يۇقىرىغا يامىشىش، باشلىق بولۇش ۋە سۆزمەنلىك قىلىشقا ئالدىراپ كېتىپ، ھەربىر سۆزىدە «مەن ئىلگىرى…» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ، بۇ خىل خاراكتېر ئۇنى گۇناھ دەرىخىدىن قېچىش، قان تۆكۈش، ئىنسانلارغا تاجاۋۇز قىلىش، مۇتەئەسسىپلىك قىلىش ۋە باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىشتەك چوڭ گۇناھلارنىڭ قوينىغا چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

ئۇ ئىككىسى تەڭ خاتالاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا يامان ئىشلارغا قىزىقتۇرۇشۇپ ۋە ئۇنى بىر – بىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىشىپ جامائەت خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەڭلا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق»([6]) دەپ قىلغان تەۋبىسى تولىمۇ گۈزەل ئىدى.

بىزنىڭ جامائەت تۈسىنى ئالغان خاتالىقىمىز، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىمىز ۋە باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان ئىزباسارلىق ۋەزىپىسىگە سەل قارىشىمىز مەدەنىيەتتىكى چېكىنىشنى، بىلىمسىزلىكنى، ئىختىلاپنى، تەرەپۋازلىقنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنى قۇرۇق ھالقا ئەتراپىدا ئايلاندۇرىدىغان، بىزنىڭ ئىنسانلىق ياكى مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن زېمىندىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈشكە يېتەكلەيدىغان يولنى ئىزدىمەس قىلىدىغان بىر دۆۋە ماددىي ۋە مەنىۋى ئادەتلەرنى پەيدا قىلدى.

ئۇ ئىككىسىلا گۇناھىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ زېمىندىكى ھاياتلىقنىڭ خىلمۇخىل قىيىنچىلىقىنى، يەنى، جەننەتتىن چىقىرىلغانلىقنىڭ ئاچچىق (تەمىنى) تېتىغان ئىدى. بىز ئۇ ئىككىسىنىڭ خاتالىقىغا مىراسخور ئەمەس، بەلكى بىز ئىنسانلىقىمىز ۋە شەرىئەتكە تەكلىپ قىلىنىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى قوبۇل قىلىدىغان خاراكتېرگە مىراسخورمىز.

بىز ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىدىن خاتالىقنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى، بەلكى شۇنىڭدىن كېيىن قەلبنىڭ تېخىمۇ ساپ ۋە يۇمشاق ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە تەۋبىنىڭ مۇناجاتقا، پۇشايمانغا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىراپ قىلىشقا موھتاج بولىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كۆز يېشىنىڭ تەۋبە چىرىقىنىڭ يېغى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.

بىز ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىدىن جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈلۈشنىڭ جازالاش ئەمەسلىكىنى بىلدۇق. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەپۇ قىلغان تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئازابلىسۇن؟ شۇڭا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن ئىلگىرى زېمىنغا چۈشۈرگەن» دەپ ئاللاھنىڭ «مەن زېمىندا ئورۇنباسار قىلماقچى» دېگەن سۆزىنى كۆزدە تۇتاتتى. دېمەك ئۇ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يارىتىلغان.

بىز يەنە زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش، قان تۆكۈشنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. مانا بۈگۈنكى ئەۋلادلار مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولۇشى، سىياسەتنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى قاتارلىق پاجىئەلەرگە، شۇنداقلا ئۆزئارا زۇلۇم قىلىش، قارىغۇلارچە ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەلەرگە شاھىد بولماقتىمىز. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسى پەيغەمبىرى ھەقلەرنى تولۇق ئادا قىلىشنى ۋە (ئاتا – ئانىنى) قاقشىتىشنىڭ ھاراملىقىنى تەلىم بەرگەن ئاخىرقى ئۈممەتنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرمەكتە.

مەن ھازىر نېمىنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك؟

ئۇلار بىزنى دەۋەتچىلەر ۋە تالىبلار دەپ تونۇيدۇ. بۇ يەردىكى ئۆزۈمنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزۈم بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدىكى خاتالىقىمنى ياكى دوستلىرىمدىن يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى يۆگەپ تۇرغان ئاللاھنىڭ پەردىسىنى ئېچىش مەقسەت ئەمەس. ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،  ئەل – جامائەت،  بولۇپمۇ ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە ياشاش مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار دەۋاتقان، كۈتۈۋاتقان، ئىنتىزار بولۇۋاتقان نەرسىلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش خاھىشىنى كۈچەيتىۋەتتى – دە، تەبىئىيلىك ئازىيىپ، باشقىلارنى كۆزدە تۇتۇش ۋە خوشامەت كۆپەيگەن، راستچىللىق ۋە ئىخلاس ئاجىزلىشىپ باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق باها بېرىشى ۋە بىز توغرىلىق نېمە دەيدىغانلىقى بىر غەمگە ئايلانغان ئىدى. بەلكى بۇ ئېتىراپنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ مەزمۇندىن يىراققا كەتمەيدۇ. مەدھىيەلەيدىغان دوست ئۇنى قانداق باھالار، نەشتەر سانجىيدىغان رەقىب ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىپ كېتەر؟

مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمنىڭ قانچىگە يەتكەنلىكى، كىتابىمنىڭ قانچىلىك سېتىلغانلىقى، تىۋېتتىردە سايرىشىمنىڭ قانچە قېتىم قايتا سايرالغانلىقى، كىمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىم، كىمنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە غەم قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىم زۆرۈر. چۈنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزمۇ بۇ دۇنيادىن كېتىمىز. ئۇ كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلەر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ خەۋىرىمىز ئۆچۈپ بەلكىم بىز راستچىل، سەمىمىي ئىماملارغا، ئىلىم، دەۋەت، جىھاد ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بۈيۈك كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنمەيدىغان چىكىت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن كىشىلەرگە چوڭ كۆرۈنۈپ سېنىڭ دەرگاھىڭدا كىچىك بولۇپ قېلىشىمدىن پاناھلىق تىلەيمەن.

 

مەنبە: اعترف يا آدم – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: خورما

————————-
([1]) «ئەئراف» سۈرىسى 22 – ئايەت.
([2]) «شۇرا» سۈرىسى 40 – ئايەت.
([3]) «ئەئراف» سۈرىسى 23 – ئايەت.
([4]) «سەھىھەين».
([5]) «تىرمىزى»، : 1553 – ھەدىس. سەھىھ.
([6]) «ئەئراف» سۈرىسى 23 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ