(ھىجرىيە 673 – 748 / مىلادىيە 1274 – 1348)
تەھقىق ۋە ئىنساپ شەيخى
ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىگە بەرگەن مەنىۋى نېمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇلۇغ سۈپەتلەر بىلەن بېزەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەنە شۇ ئېسىل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنىدى.
مۇشۇ يۈكسەك ۋە ئالىي ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرى ئىنساپ ئەخلاقىدۇر. ئۇ ئۈستۈن خۇلقتۇر، ئېسىل ئادەتتۇر ۋە مۇھىم پىرىنسىپتۇر. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ئېيتىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ: ﴿ئاللاھ ئادالەتكە ۋە ئېھسانغا… بۇيرۇيدۇ﴾ ([1]) دېگەن سۆزى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ: «ئادالەت دېمەك ئىنساپ قىلماقتۇر، ئېھسان دېمەك مەرھەمەت قىلماقتۇر» دېگەن. ئەھنەف ئىبنى قەيس مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساپ مۇھەببەتنى چىڭىتىدۇ، ئېسىل ئۈلپەتچىلىك بىلەن دوستلۇق ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «مېھىر – مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدىغان ئۈچ خىسلەت بار. ئۇلار: تىرىكچىلىكتىكى ئىنساپ، قاتتىقچىلىقتىكى ياردەم، دوستلۇقتىكى ساداقەت».
ئومۇم مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىرى ۋە كۈندىلىك مۇئامىلىلىرىدە ئىنساپقا قانچىلىك موھتاج بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ئىنساپقا تېخىمۇ بەك موھتاجدۇر ۋە ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ بەك مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىغا ئەگىشىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ باھاسى قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئالىملاردا ئىنساپنىڭ يوقىلىشى ئاپەتتۇر، ئەكىلىدىغان زىيانلىرىمۇ زوردۇر.
بىز ھازىر «ئىنساپ ئەتىۋارلىقتۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزنىڭ ساھىبى، تەھقىق ۋە ئىنساپ شەيخى، ئەڭ مەشھۇر تەرجىمىھال ۋە سىيرەت كىتابلىرىنىڭ ئاپتورى، ھەدىس، شەخس – راۋىيلار ۋە ئىسلام تارىخى ئىلىملىرى ساھەسىدە نادىر شەخسلەرنىڭ بىرى سانىلىدىغان بۈيۈك ئىمام _ زەھەبىي ھەققىدە توختالماقچىمىز. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە پىكرىي يۆنىلىشلىرى ئۇنىڭ ئىلمى ۋە مەلۇماتىنىڭ كەڭرىلىكىگە، ئەستە ساقلىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە، شەخسلەرنى باھالاش ۋە تارىخنى تەسۋىرلەشتىكى يۈكسەك قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان بولۇپ، زەھەبىينىڭ ئۆزى تەرجىمىھالىنى ئىشلەپ، تارىخىنى يازغان كىشىلەر ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن باھالىغۇچىلار ۋە تارىخچىلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك بىر ئىشتۇر.
ئىمام زەھەبىينىڭ نەسەبى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
مۇھەددىسلەر ئىمامى ۋە ئىسلام تارىخچىسى شەمسىددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز ئىبنى ئابدۇللاھ زەھەبىي فارىقىي دىمەشقىي شافىئىي ھىجرىيە 673 – يىلى رەبىئۇلئاخىر ئېيىدا، مىلادىيە 1274 – يىلى ئۆكتەبىردە دىمەشقتە تۇغۇلغان. زەھەبىي تېگى تۈركمەن ئائىلىدىن بولۇپ، بۇ ئائىلە دىياربەكىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىر بولغان مەييافارىقىن (ھازىرقى ئىسمى سىلۋان) شەھىرىدە تۇرغان. ئايان بولۇشىچە، دادىسىنىڭ بوۋىسى قايماز دېگەن ئادەم ھاياتىنى شۇ شەھەردە ئۆتكۈزگەن ۋە ھىجرىيە 661 – يىلى يېشى يۈزدىن ئېشىپ ۋاپات تاپقان. زەھەبىي مۇنداق دېگەن: «شەيخ ئابدۇللاھ تۈركمەنىي فارىقىينىڭ ئوغلى قايماز مېنىڭ دادامنىڭ بوۋىسىدۇر». زەھەبىينىڭ دادىسى شىھابۇددىن ئەھمەد بولسا تەخمىنەن ھىجرىيە 641 – يىلى تۇغۇلغان ۋە زەرگەرلىكتە ئالاھىدە كۆزگە چاقنىغان ۋە شۇ كەسىپ بىلەن (زەھەبىي يەنى زەرگەر دەپ) تونۇلغان.
ئۇنىڭ زەھەبىي دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى
ئۇشبۇ تارىخچىمىز دادىسىنىڭ ھۈنىرىگە نىسبەت بېرىلىپ، «ئىبنى زەھەبىي» دەپ تونۇلغان. ئۇ ئۆزىمۇ كىتابىدا ئىسمىنى ئىبنى زەھەبىي دەپ يازغان. ئايان بولۇشىچە، زەھەبىي دەسلەپكى چاغلىرىدا دادىسىنىڭ ھۈنىرىنى ئۆزىنىڭ كەسپى قىلغان. شۇجەھەتتىن، ئۇ سالاھ سەفەدىي (تولۇق ئىسمى سالاھىددىن خەلىل ئىبنى ئايبەگ ئىبنى ئابدۇللاھ سەفەدىي)، تاجىددىن سۇبكىي، ھۇسەينىي ۋە ئىبنى كەسىرگە ئوخشىغان بەزى چاغداشلىرىغا «زەھەبىي (زەرگەر)» دەپ تونۇلغان. دېمەك، ئۇنىڭ زەھەبىي دېگەن نامى ئالتۇننى ناچىرىدىن ئايرىپ چىقىش ھۈنىرىدىن كەلگەن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ زامانداشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر گۇۋاھلىق بەرگەندەك (راۋىيلار ۋە شەخسلەرنىڭ ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئايرىپ باھالاشتا) ئۆز دەۋرىنىڭ زەرگەرى ئىدى.
ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە ئىلمىي سەپەرلىرى
زەھەبىي كىچىكىدىن ئىلىم ئوقۇغان ۋە دىققىتىنى ئاساسلىق ئىككى نۇقتىغا قاراتقان: بىرى، قىرائەت. يەنە بىرى، ھەدىس شەرىف. ھەدىس ئۆگىنىشنى ھىجرىيە 690 – يىلى 18 يېشىدا باشلاپ، تا ۋاپات تاپقۇچە ھاياتىنى ئىلىمگە ئاتىغان. ئۇ قىرائەت، تارىخ ۋە ھەدىسكە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ھەدىس ئىلمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۆز يۇرتىنىڭ شەيخلىرى ۋە باشقىلاردىن تەلىم ئالغان.
ئىمام زەھەبىي شام ئېلى ئىچىدە ئىلىم ئۆگىنىش ئىستىكىدە ھەلەب، بەيتۇلمۇقەددەس، رەملە، نابلۇس، بەئلەبەككە، ترىپولى، ھۇمۇس، ھاما قاتارلىق يۇرتلارغا سەپەر قىلغان.
ئىمام زەھەبىينىڭ مىسىر ئېلى ئىچىدىمۇ ئىلمىي سەپەرلىرى بار بولۇپ، مىسىر ئۇنىڭ سەپەر قىلغان جايلىرى ئىچىدە ئالدىنقى يارقىن ئورۇندا ئىدى. ئايان بولۇشىچە، ئۇ مىسىرغا ھىجرىيە 695 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 16 – كۈنى كېلىپ، قاھىرە، ئىسكەندەرىيە، دىميات قاتارلىق جايلارغا بارغان ۋە مىسىردا كۆپ كىشىلەردىن ھەدىس ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى ئىبنى دەقىقۇل ئىيد، ئەللامە شەرەفۇددىن دىمياتىي قاتارلىقلار بار. سەدرۇددىن سەھنۇندا ۋەرش ۋە ھەفسنىڭ قىرائىتىنى ئوقۇپ خەتمە قىلغان.
ھىجرىيە 698 – يىلى زەھەبىي ھەجگە بارغان ۋە ھەجدە بىر تۈركۈم يارەنلىرى، شەيخلىرى بىلەن ھەمراھ بولغانىدى. شۇ شەيخلىرىنىڭ قاتارىدا مۇستەنسىرىيە مەدرىسەسىدىكى ھەدىس يۇرتىنىڭ باش شەيخى ئىبنى خەرراتمۇ بار ئىدى. ئۇ مەككە، ئەرافات، مىنا ۋە مەدىنىدە بىر بۆلۈك شەيخلەردىنمۇ ھەدىس ئاڭلىغان.
خۇلاسىكالام، زەھەبىي ساناپ بولغىلى بولمىغۇدەك نۇرغۇن ھەدىس كىتابلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلار ۋە كىچىكلەر ئىلىم ئالغان بولۇپ، تاجىددىن سۇبكىي مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇنىڭدىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەدىس ئاڭلىدى. ئۇ مۇشۇ پەنگە خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ، ئۇ پەنگە ئىچكىرىلەپ كىردى، كېچە – كۈندۈزلەر ھارسىمۇ ئۇنىڭ تىلى ۋە قەلىمى ھارمايتتى، ئۇنىڭ نامى تىللاردا داستان قۇياش بىلەن تەڭ يۈكسەلدى. يامغۇر ياغقاندا قۇياش پاتقان بىلەن ئۇنىڭ نامى پاتمايتتى، كېچىلەردە قۇياش غايىب بولغان بىلەن ئۇنىڭ نامى غايىب بولمايتتى».
زەھەبىي ھەدىس ۋە قىرائەت ئىلمى بىلەنلا چەكلەنمەي، گىرامماتىكا ۋە ئەدەبىيات ئۆگىنىشكىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، گىرامماتىكىدا شەيخى ئىبنى ئەبۇلئەلا نەسىبىي بەئلەبەككىيدە «الحاجبية (ئەلھاجىبىييە)»نى ئۆگەنگەن، شۇنداقلا شۇ چاغدىكى مىسىردىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىمامى ۋە ئەرەب تىلىنىڭ شەيخى ئىبنى نەھھاستىمۇ ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن شېئىر، تىل ۋە ئەدەبىيات توپلاملىرىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە تارىخقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شەيخلىرىدىن سىيرەت ۋە ئومۇمىي تارىخ ئۆگەنگەن.
زەھەبىينىڭ كىتابلىرى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىنى تەتقىق قىلىپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئۇ ئومۇمىي دىنىي بىلىملەرنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدىغان گىرامماتىكا، تىل، ئەدەبىيات ۋە شېئىرلاردەك ئىلىملەرنىمۇ ئۆگەنگەن، شۇنداقلا ئاز – تولا پەلسەپە كىتابلىرىنىمۇ مۇتالىئە قىلغان.
لېكىن، زەھەبىينىڭ ئىلمىي ئورنى ۋە ماھارىتى ئۇنىڭ مۇھەددىسلىكىدە بەكرەك چاقنىغان. زەھەبىي ھەدىس ئىلمىدە ئۇستا بولغان ۋە ئۇ ھەقتە كۆپلىگەن كىتابلارنى يېزىپ، ئۆز دەۋرداشلىرى ئىچىدە ئەسىرى ئەڭ كۆپ كىشى بولغان.
زەھەبىينىڭ ئۇستازلىرى
زەھەبىينىڭ يەتتە خىل قىرائەت، ھەدىس، سىيرەت ۋە باشقىلاردا ئىلىم ئالغان شەيخلىرى نۇرغۇن سانغا يەتكەن بولۇپ، زەھەبىي ئۆزىنىڭ شەيخلىرى ھەققىدە يازغان كىتابىدا 1300 شەيخنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ يارقىنلىرى: ئەبۇ زەكەرىييا ئىبنى سەيرەفىي، ئىبنى ئەبۇلخەير، ئىبنى ئەسرۇن، ئىبنى دەقىقۇل ئىيد، قاسىم ئىبنى ئەربىلىي، ئەھمەد ئىبنى ھىبەتۇللاھ ئىبنى ئەساكىر قاتارلىقلار.
ئۇنىڭ پىكرىي قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇستازلىرى ئۈچ بولۇپ، بۇ ئۈچى شۇ ئەسىرنىڭ چوڭ شەيخلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار: شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە (ھ 661 – 726)، جامالىددىن ئەبۇلھەججاج يۈسۈف ئىبنى ئابدۇررەھمان مىززىي شافىئىي (ھ 654 – 742)، ئەلەمۇددىن قاسىم ئىبنى مۇھەممەد بەرزالىي (ھ 665 – 739) قاتارلىقلار. بۇلار ئىچىدە ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئىلمىي مېتودىغا ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكىنى ئىبنى تەيمىيەدۇر. زەھەبىي بۇ ئۈچى بىلەن ھايات بويى ھەمراھلاشقانىدى. زەھەبىي بۇ ھەمراھلىرى ئىچىدە يېشى كىچىكرەكى ئىدى، ئەبۇلھەججاج مىززىي بولسا ئۇلارنىڭ چوڭراقى ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا بىر – بىرلىرىگە ھەدىس تىڭشىتىشاتتى. چۈنكى، ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا شەيخ ۋە قۇرداشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى مەزگىللەردىن تارتىپلا ھەدىس ئۆگىنىشتىكى يۆنىلىشى بۇ ھەمراھلىقنىڭ رىشتىلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتقانىدى.
شاگىرتلىرى
ئىمام زەھەبىينىڭ ئىلمىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەھقىق ۋە يازمىلىرىنىڭ جىقلىقى سەۋەبىدىن، ساناپ تۈگەتكۈسىز شاگىرتلىرى بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن ھەدىس ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نە – نەلەردىن كېلەتتى. شەۋكانىي ئېيتقاندەك: ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرى مەقبۇل ۋە مەرغۇپتۇر، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن (ئۇنىڭ يېنىغا) سەپەر قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئۇ ئەسەرلەرنى ئېلىپ، قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوقۇشاتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇ ھايات چېغىدا (كۆچۈرۈپ) يازغان بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەر زېمىننىڭ پۈتۈن تەرەپلىرىگە تارالغانىدى. ئۇ ئەسەرلەردە ئۇنىڭ كۆپىنچە قالتىس تەبىرلىرى ۋە گۈزەل ئىبارىلىرى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ دەۋرداشلىرىمۇ، ئىلگىرىكىلەر ۋە نە كېيىنكىلەرمۇ ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ باقمىدى.
ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرى
سالاھىددىن سەفەدىي (تولۇق ئىسمى سالاھىددىن خەلىل ئىبنى ئايبەگ ئىبنى ئابدۇللاھ سەفەدىي)، ھافىز ئىبنى كەسىر، تاجىددىن سۇبكىي، ھافىز شەمسىددىن ھۇسەينىي، تەقىييۇددىن ئىبنى رافى سالامىي ۋە ئەبۇتتەييىب مەككىي ھەسەنىي فاسىي، ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي، «طبقات الشافعية الكبرى (تەبەقاتۇش شافىئىييەتۇل كۇبرا)»نىڭ مۇسەننىپى ئابدۇلۋاھھاب سۇبكىي قاتارلىقلار.
ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ۋە مۇدەررىسلىك مەنسەپلىرى
زەھەبىينىڭ ئىجادىيەتتىكى ئىلمىي ھاياتى ھىجرىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا باشلانغان. ئۇ ئىشىنى ئۆزى ئوقۇۋاتقان ھەرخىل ئىلىملەردىكى، بولۇپمۇ تارىخ ۋە ھەدىس بارىسىدىكى نۇرغۇن ئانا كىتابلارنى ئىخچاملاپ قىسقارتىش بىلەن باشلىغان. ئاندىن ئۆزىنىڭ كاتتا كىتابى «تاريخ الإسلام (تارىخۇل ئىسلام)»نى يېزىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى ھىجرىيە 714 – يىلى پۈتتۈرگەن.
زەھەبىي 703 – يىلى دىمەشق غۇۋتەنىڭ كەفر بەتنا مەسجىدىدە تا 718 – يىلىغىچە خەتىپلىق قىلغان. ئۇ يېزىقچىلىققا تولۇق ئاجرىلىپ، بۇ تىنچ يېزىدا ئۆزىنىڭ سەرخىل كىتابلىرىنى يازغان. ئۇ ھەدىس پېنىدە كەڭ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈنلەردە ئۇ دىمەشقتىكى چوڭلىغان ھەدىس يۇرتلىرىغا باش بولغانىدى. زاھىرىيە ھەدىس يۇرتىنىڭ باش شەيخى، نەفىسىيە مەدرىسەسىنىڭ ھەدىس مۇدەررىسى ۋە مەدرىسە ئىمامى، ھىجرىيە 739 – يىلى تەنكىزىيە ھەدىس ۋە قۇرئان يۇرتىنىڭ باش ھەدىس شەيخى بولغان ئىدى.
748 – يىلى ۋاپات تاپقان چېغىدا بەش ئورۇندا باش ھەدىس شەيخى ئىدى. ئۇلار: ئۇرەۋىيە ھەدىس يۇرتى، نەفىسىيە ھەدىس يۇرتى، تەكنىزىيە ھەدىس يۇرتى، كۇلاسەدىكى فازىلىيە ھەدىس يۇرتى، ئۇممۇ سالىھ مازارلىقىدىكى ھەدىس يۇرتى قاتارلىقلار.
ئىمام زەھەبىينىڭ ئەسەرلىرى
زەھەبىينىڭ ئىلمىي ئورنى ۋە پىكرىي يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە ئۇنىڭ قالدۇرغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، باشقىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قىمىتىنى بايان قىلىش، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇ ئەسەرلەرگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئىسلام مەدەنىيىتىگە سۇنغان ئەمەلىي تۆھپىلىرى قاتارلىقلاردۇر.
تەتقىقاتچى تۇنجى بولۇپ، زەھەبىي ئىخچاملاپ قىسقارتقان ۋە 50 دىن ئاشىدىغان بۇ زور ساندىكى كىتابلارنى بايقايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى تەتقىقاتىچلارنىڭ نەزىرىدە زور ئەھمىيەت قازانغان چوڭ كىتابلاردىندۇر. دىققەت تارتىدىغىنى، زەھەبىينىڭ قىسقارتمىلىرى قاتماللىق ۋە نەقىل غالىب كەلگەن ئادەتتىكى قىسقارتمىلار ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر كۆزەتكەن ئادەم ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدىلىق قوشۇلمىلار ۋە نەپىس ئىزاھلار، قالتىس تولۇقلىمىلار، تۈزىتىش ۋە توغرىلاشلار، سېلىشتۇرمىلارنى بايقايدۇكى، بۇ ئۇنىڭ مەرىپىتىگە ۋە قىسقارتما كىتابقا چوڭقۇر چۆككەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئىش پەقەت كەڭرى ئىلىم ۋە مول مەرىپەت بېرىلگەن ئۇستا تەتقىقاتچىلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.
ئىمام زەھەبىي قىسقارتقان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى: ئىبنى يۇنۇسنىڭ «تاريخ مصر (تارىخۇ مىسر)»، ئىبنۇلئەسىرنىڭ «أسد الغابة (ئەسەدۇل غابە)»، ھاكىم نىسابۇرىينىڭ «المستدرك على الصحيحين (ئەلمۇستەدرەك ئەلاسسەھىھەين)»، بەيھەقىينىڭ «السنن الكبرى (ئەسسۇنەنۇل كۇبرا)»، خەتىب باغدادىينىڭ «تاريخ بغداد (تارىخۇ بەغداد)»، ئىبنى ئەساكىرنىڭ «تاريخ دمشق (تارىخۇ دىمەشق)» قاتارلىقلار.
زەھەبىي قاتماللىق، نوقۇل نەقىل ۋە قىسقارتىش غالىب كەلگەن بىر ئەسىردە ياشىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە زېرەكلىكى بىلەن ئۇلاردىن خالاس بولغان. شاگىرتى سالاھىددىن سەفەدىي مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇنىڭدا مۇھەددىسلەرنىڭ قاتماللىقى، نەقىلچىلەرنىڭ گالۋاڭلىقىنى بايقىمىدىم، بەلكى ئۇ نەزىرى ئۆتكۈر، ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ھەمدە سەلەفلەردىن ۋە ئىجتىھاد ئەھلىدىن بولغان ئىماملارنىڭ مەزھەپلىرىگە پىششىق ئىدى. ئۇ ئەسەرلىرىدە بىر ھەدىسنى كەلتۈرسە، ئۇنىڭدىكى مەتنىنىڭ زەئىپلىكى، ياكى ئىسنادنىڭ نۇقسانلىقى، ياكى راۋىيلىرىدىكى تەنقىدلەرنى دېمەي ئۆتمەيدىغانلىقى مېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ بۇ تەرەپكە رىئايە قىلغانلىقىنى كۆرمىدىم…».
ئۆز دەۋرىنىڭ ھافىزى ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىينىڭ زەھەبىينىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قالتىسلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ زەمزەم سۈيىنى ئاللاھنىڭ ئۆزىنى يادلاش ۋە زېرەكلىكتە زەھەبىينىڭ مەرتىۋىسىگە يەتكۈزۈشىنى تىلەپ تۇرۇپ ئىچكەن.
زەھەبىينى باشقا بەزى تەرجىمىھال كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىرى، ئۇ ئەسەرلىرىدە مۇئەييەن بىر دەۋرگە، ياكى مۇئەييەن بىر توپقا، ياكى مۇئەييەن بىر گۇرۇھ بىلەنلا چەكلەنمىگەن، بەلكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلامنىڭ ئاۋۋىلىدىن تا ئۆزىنىڭ دەۋرىگىچە بولغان ئىسلامىي شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
زەھەبىينىڭ شەخسلەر بارىسىدىكى مەلۇماتى تاجىددىن سۇبكىينى مۇنداق دېيىشكە ئېلىپ بارغان: «ئۇ راستتىنلا ئادەم تونۇشنىڭ پىرىدۇر. گويا ئۈممەت بىر ئوچۇق تۈزلەڭلىككە توپلانغان، ئۇ ئۇلارغا نەزەر تاشلاپ، ئاندىن ئۇلار ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك خەۋەر بەرگەندەك».
ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى
ئىمام زەھەبىي 200 پارچە كىتابقا يەتكەن، ئىسلام مەدەنىيىتى مەيدانلىرىنىڭ كۆپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئىجادىيەتلىرىنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قىرائەت، ھەدىس ۋە ھەدىس ئۇسۇل – قائىدىلىرى، فىقھى ۋە فىقھى ئۇسۇل – قائىدىلىرى، ئەقىدە ۋە نەسىھەت قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تارىخ بىلىملىرى ھەققىدىدۇر.
ئەمما ئىمام زەھەبىينىڭ نامىنى يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ، بۇ مەيداندا ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان دەرىجىدە ئۇنى تەھقىق ۋە ئىنساپ بايراقدارى قىلغان ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى بولسا، ئۇنىڭ «تاريخ الإسلام (تارىخۇل ئىسلام)» ۋە «سير أعلام النبلاء (سىيەرۇل ئەئلامۇن نۇبەلا)» دېگەن ئىككى ئەسىرىدۇر.
ئۇنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرى تۆۋەندىكىلەر:
1. تاريخ الإسلام
2. سير أعلام النبلاء
3. تذكرة الحفاظ / طبقات الحفاظ للذهبي
4. ميزان الاعتدال
5. من تكلم فيه وهو موثق
6. الكبائر([2])
7. الكاشف
8. رسالة طرق حديث من كنت مولاه فعلي مولاه
9. الدينار من حديث المشايخ الكبار
10. الرواة الثقات المتكلم فيهم بما لا يوجب ردهم
11. المغني في الضعفاء
12. المعين في طبقات المحدثين
13. تلخيص كتاب الموضوعات
14. أحاديث مختارة من موضوعات الجورقاني وابن الجوزي
15. زغل العلم
16. العلو للعلي الغفار
17. المنتقى من منهاج الاعتدال
18. ثلاث تراجم نفيسة للأئمة الأعلام
19. الكبائر للذهبي
20. المقتنى في سرد الكنى
21. مختصر العلو للعلي العظيم
22. العرش للذهبي
23. الموقظة في علم مصطلح الحديث
24. معرفة القراء الكبار على الطبقات والأعصار
25. الرد على ابن القطان في كتابه بيان الوهم والإيهام
26. المعجم المختص بالمحدثين
27. التمسك بالسنن والتحذير من البدع
28. مناقب الإمام أبي حنيفة وصاحبيه
29. حق الجار
30. من تكلم فيه وهو موثق
31. تاريخ الإسلام
32. معجم الشيوخ الكبير للذهبي
33. كتاب الأربعين في صفات رب العالمين
34. تنقيح التحقيق للذهبي
35. العبر في خبر من غبر
36. ذكر من يعتمد قوله في الجرح والتعديل
37. إثبات الشفاعة للذهبي
38. ترجمة الإمام مسلم ورواة صحيحه
39. موضوعات المستدرك للذهبي
40. المعجم اللطيف
41. المقدمة الزهرا في إيضاح الإمامة الكبرى
42. ديوان الضعفاء
43. ذيل ديوان الضعفاء
44. أخبار أبي مسلم الخراساني
ئىمام زەھەبىينىڭ ئىنساپى
زەھەبىيدىن بۇرۇنقى تەرجىمىھال ۋە تەبىقىلەر كىتابلىرى ئورتاق بىر نەرسىنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خالىي بولالىغىنى ئازدۇر. ئۇ نەرسە بولسىمۇ مەزھەپ، ياكى تەرىقەت، ياكى يۇرت مۇتەئەسسىپلىكىدۇر، خاتالىق سادىر بولغاندا باھانە ئىزدەشتۇر. ئىمام زەھەبىي باھالىغاندا ھەتتا ئەڭ قاتتىق مۇخالىپەتچىلەرگە بولسىمۇ ئىنساپلىق بولۇش ۋە ئوبيېكتىپ بولۇش ئاساسىدىكى ئىلمىي يۆنىلىشى بىلەن مەيدانغا چىققانغا قەدەر، ئومۇمەن، تەرجىمىھال كىتابلىرى ئاشقۇنلۇققا، تەئەسسۇپلۇققا ۋە ئىنساپسىزلىققا توشۇق ئىدى.
ئىمام زەھەبىي ئىككى ھافىز – ئەبۇ نۇئەيم ئەسبەھانىي بىلەن خەتىب باغدادىينى ئۇلارنىڭ قاتتىق تەئەسسۇپلۇق ۋە مۇخالىپەتچىلەرگە ھەققانىي بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىتابلىرىدا توقۇلمىلارنى رىۋايەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەنىدى.
ئىمام زەھەبىي تەرجىمىھالدا كىشىنى ماختاش بىلەن باشلاپ، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى ۋە ئېسىل ئىشلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئاندىن يۈز بېرىپ قالغان خاتالىقلىرىنى بايان قىلىدۇ. كىتابنىڭ ھەممە يېرىدە مۇشۇنداق قىلىدۇ. شۇنىڭ مىساللىرىدىن:
1. ئىبنى تۇمەرت بەربەرىينىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەيدۇ: شەيخ فەقىھ ئىمام، قائىدە – پىرىنسىپشۇناس، زاھىت كىشى بولۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى، يامانلىقتىن توسقۇچى، غۇرۇرلۇق، باتۇر، مۇئامىلە ۋە ئىبادىتىدە ھەيۋەتلىك، سالماق ۋە چوڭ سۈپەت بىرى ئىدى… ئىلمىكالامغا مەستانە ۋە قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان يەرلەرگە چۆككۈچى ئىدى، بەربەرلەرنى مەسۇملۇق دەۋاسىغا باغلاپ، خاۋارىجلارچە قان تۆكۈشكە قەدەم باسقانىدى.
2. ئابدۇلۋارىس ئىبنى سەئىدنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەيدۇ: پىشقان ئالىم ۋە دىيانەتلىك، پەرھىزكار، لېكىن بىدئەتچى، تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچى ئىدى.
3. شەرىف مۇرتەزانىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەيدۇ: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زەكىيلەردىن، كالام، مۇئتەزىلىيلىك، ئەدەبىيات، شېئىر قاتارلىقلارغا چۆككەنلەردىن بىرى ئىدى. لېكىن، ئۇ مۇتەئەسسىپ ئىمامىيدۇر (شىئەنىڭ 12 ئىمام مەزھىپىدىن)، ئاللاھتىن ئەپۇ سورايمىز.
4. جاھىز ھەققىدە: كۆپ پەنگە پىششىق ئەللامىدۇر… زەكىيلەرنىڭ بىرى ئىدى… يۈزى قېلىن، دىيانىتى تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ نادىر فولكلورلىرى بار.
5. قۇررە ئىبنى سابىت ھەققىدە: شەقىي يۇلتۇزپەرەس (يۇلتۇزغا چوقۇنغۇچى)، ھەررانلىق، ئۆز دەۋرىنىڭ پەيلاسوپىدۇر، زېرەكلىكىدىن چاقنىغانىدى.
6. مۇئتەزىلىلەرنىڭ بېشى ئەمر ئىبنى ئۇبەيدنىڭ تەرجىمىھالىدا: «زاھىت ۋە ئابىدتۇر» دەپ، ئاندىن ئىبنى مەئىننىڭ «ئۇ دەھرىيلەردىن ئىدى» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ، مۇنداق دەپ ئىزاھات بېرىدۇ: «دەھرىيلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! چۈنكى، ئۇلار كاپىرلاردۇر. ئەمما، ئەمر ئۇنداق ئەمەس ئىدى».
7. مەنسۇر ھەللاج ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي فەقىھ! سېنىڭ مۇسۇلماننى كەسكىن پاكىت يوق تۇرۇپ، كاپىرغا چىقىرىشىڭ توغرا ئەمەس، شۇنداقلا، خىيانىتىگە پاكىت تۇرغۇزۇلۇپ، ئىچكى سىرى ۋە زىندىقلىقى ئېچىپ تاشلانغان كىشىنى ياخشى ساناپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشڭمۇ توغرا ئەمەس. بەلكى ئادىلى، كىمنى مۇسۇلمانلار سالىھ ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچى دەپ كۆرىدىكەن، ئۇ زادى شۇنداق. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر. شۇڭا، ئۈممەت ئازغۇنلۇقتا بىرلەشمەيدۇ. كىمنى مۇسۇلمانلار فاجىر، ياكى مۇناپىق، ياكى بۇزۇق ئىش قىلغۇچى دەپ كۆرىدىكەن، ئۇ زادى شۇنداق. بىركىمنى ئۈممەتنىڭ بىر تۈركۈمى ئازغۇنغا چىقىرىپ، يەنە بىر تۈركۈمى ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە ماختىغان بولسا، ئۈچىنچى بىر تۈركۈمى سۈكۈت قىلىپ، ئۇنىڭغا تېگىشتىن پەرھىز تۇتقان بولسا، بۇنداق ئادەم يۈز ئۆرۈشكە (يەنى ھەققىدە گەپ قىلماسلىققا)، ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلۇشقا ۋە ئومۇمەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىنىشكە تېگىشلىك كىشىلەردىندۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى جەزمىيەت بىلەن ئەسلىيدۇر، ئازغۇنلۇقى شەكلىكتۇر. مۇشۇنداق قىلساڭ راھەتكە چىقىسەن ۋە قەلبىڭ مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ئۆچ – ئاداۋەتتىن سۈزۈك بولىدۇ».
مانا بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مۇتەئەسسىپلەر ۋە گۇرۇھۋازلار ماڭمىغان بىر يولدۇر.
ئالىملارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيەلىرى
ئالىملار ئۇنىڭغا كۆپ مەدھىيە ئوقۇغان ھەمدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىماملىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن، بولۇپمۇ ھەدىس، تارىخ ۋە شەخسلەر ئىلمىدە كۆپ گۇۋاھلىق بەرگەن.
تاجىددىن سۇبكىي مۇنداق دەيدۇ: شەيخىمىز ۋە ئۇستازىمىز ئىمام، ھافىز ۋە دەۋر مۇھەددىسى. بىزنىڭ دەۋرىمىز تۆت ھافىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى ۋە خاس تەرەپلىرى بار. ئۇلار مىززىي، بەرزالىي، زەھەبىي ۋە ئاتام شەيخ ئىمام تەقىييۇددىن سۇبكىيلاردۇر. بۇلارنىڭ دەۋرىدە ئۇلارنىڭ بەشىنچىسى يوق… ئەمما، ئۇستازىمىز ئەبۇ ئابدۇللاھ (زەھەبىي) تەڭدىشى يوق بۇلاقتۇر ۋە كاندۇر، قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندىكى مۇراجىئەتگاھتۇر، ئەستە ساقلاش مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئىمامىدۇر. مەنە ۋە لەۋز جەھەتتە دەۋرنىڭ ئالتۇنىدۇر، ئاقلاش ۋە قارىلاشنىڭ پىرىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئەركەكلەرنىڭ ئەركىكىدۇر.
سۇيۇتىي مۇنداق دەيدۇ: ئىمام، ھافىز، دەۋر مۇھەددىسى، ھافىزلارنىڭ تۈگەنچىسى، مەشھۇرلار تارىخچىسى، زاماننىڭ يېگانىسى ۋە بۇ پەننىڭ ئۇستىسى… مەن دەيمەنكى، مۇھەددىسلەر ھازىر شەخسلەر (نى باھالاش) ۋە ئۇندىن باشقا ھەدىس پەنلىرىدە تۆت كىشىگە موھتاجدۇر، ئۇلار مىززىي، زەھەبىي، ئىراقىي ۋە ئىبنى ھەجەر.
شەۋكانىي مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرى مەقبۇل ۋە مەرغۇپتۇر، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن (ئۇنىڭ يېنىغا) سەپەر قىلاتتى، ئۇنىڭدىن ئۇ ئەسەرلەرنى ئېلىپ، قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوقۇشاتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇ ھايات چېغىدا (كۆچۈرۈپ) يازغان بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەر زېمىننىڭ پۈتۈن تەرەپلىرىگە تارالغانىدى. ئۇ ئەسەرلەردە ئۇنىڭ كۆپىنچە قالتىس تەبىرلىرى ۋە گۈزەل ئىبارىلىرى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ نە دەۋرداشلىرى، نە ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەر ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ باقمىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەردىن ئىبارەت تارىختىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا موھتاجدۇر. بۇ پەندە ھېچكىم ئۇ توپلىغاندەك توپلاپ باقمىدى ۋە ئۇ تەھرىرلىگەندەك تەھرىرلەپ باقمىدى.
مەرئىي ئىبنى يۈسۈف كەرمىي مۇنداق دەيدۇ: شەخسلەرنى باھالاشتا مۆجىزە، ئاقلاش ۋە قارىلاشتا تايانچ، شاخچە ۋە ئاساسلارغا ئالىم، قىرائەتلەردە ئىمام، نەزەرىيەلەردە فەقىھ، ئىمام – مۇجتەھىدلەرنىڭ مەزھەپلىرىگە پىششىق، خەلەفلەر (كېيىنكىلەر) ئارىسىدا سۈننەتنى ۋە سەلەفلەرنىڭ مەزھىپىنى تارقاتقۇچى ئىدى.
ۋاپاتى
زەھەبىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئۆلۈمىدىن تۆت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك يىل بۇرۇن كۆزىگە سۇ چۈشۈش سەۋەبلىك قارىغۇ بولۇپ قالغان. ئۇ مىلادىيە 1348 – يىلى، ھىجرىيە 748 – يىلى زۇلقەدەنىڭ 3 – كۈنى دۈشەنبە كېچىسى ئۇممۇ سالىھ مازارلىقى دېگەن يەردە ۋاپات بولغان ۋە بابۇسسەغىر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. بىر بۆلۈك ئالىملار ئۇنىڭ نامىزىغا ھازىر بولغان. ئۇلار ئارىسىدا تاجىددىن سۇبكىيمۇ بار ئىدى. سالاھ سەفەدىي ۋە تاجىددىن سۇبكىيغا ئوخشاش قانچىلىغان شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا مەرسىيە ئوقۇغان.
مەنبە:
1. https://islamstory.com/ar/artical
2. https://khutabaa.com
تەرجىمىدە: قاراخانىي
([1]) «نەھل» سۈرىسى، 90 – ئايەت.
([2]) زەھەبىينىڭ بۇ كىتابى «چوڭ گۇناھلار» نامىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.