ھەم فەقىھ، ھەم قازى، ھەم ئەمىر
(ھىجرىيە 142 – 213 / مىلادىيە 759 – 828)
مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق بابىنىڭ مۇئەييەن بىرىدە ئالاھىدە بولۇشى كىشىلەرنىڭ ماختىشى ۋە تىلغا ئېلىشىغا تېگىشلىك كاتتا بىر ئىشتۇر. ئەمما، مۇسۇلماننىڭ ھەم فەقىھ، ھەم ئالىم، ھەم مۇھەددىس، ھەم مۇجاھىد، ھەم باش قوماندان، ھەم ئالىي دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى، ھەم قازى، ھەم مۇئەللىم، ھەم سۈننەتنى قوغداپ بىدئەتكە قارشى تۇرغۇچى، ھەم ئۆلگۈچە ئاللاھ يولىدا مۇھاپىزەتتە تۇرغۇچى بولۇشىغا كەلسەك، بۇ خىل قەھرىمان ئوغلانلارنىڭ تارىخى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ خاتىرىلىشىمىزغا تېگىشلىك تارىختۇر، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا.
ئەسەد ئىبنى فۇرات كىم؟
ئۇ بولسا بۈيۈك ئەمىر، كۆزگە كۆرۈنگەن فەقىھ، مۆتىۋەر مۇھەددىس، مۇجاھىدلار ئەمىرى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەسەد ئىبنى فۇرات ئىبنى سىنان بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 142 – يىلى شامنىڭ دىياربەكىرگە قاراشلىق ھەرران[1] شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، تېگى نىشاپۇرلۇق. 144 – يىلى دادىسى فۇرات ئىبنى سىنان بىلەن مەغرىب (ماراكەش) كە كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، دادىسى مەغرىبتە ئىسلام تارقىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان مۇجاھىدلارغا قوماندان بولغانىدى. ئۇ دادىسى بىلەن قەيرەۋاندا ئولتۇراقلاشقان. كىچىكىدىن ئىلىمگە ئامراق چوڭ بولغان بولۇپ، گۆدەكلىك مەزگىلىدىلا ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادلاپ پۈتتۈرگەن ۋە 18 ياشقا كىرمەستىلا، قۇرئان مۇئەللىمى بولغانىدى.
ئىلمىي باسقۇچى
ئەسەد ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادلاپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شەرئى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، فىقھىدا كۆزگە كۆرۈندى.
ئۇ ئىجتىھاد قىلىشقا، كۆپ تارماقلىق مەسىلىلەرگە ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىپىگە مايىل بولدى ۋە شۇ مەزھەپ بويىچە ماڭدى. كېيىن ئۇ مەغرىبكە ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ مەزھىپىنى ئېلىپ كىرگەن تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدىغان ئەلى ئىبنى زىياد بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدا «مۇۋەتتا مالىك»نى ئوقۇدى ھەمدە ئۇنىڭدىن مالىك مەزھىپىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەندى. كېيىن ئەسەد قىرانلىق يېشىدا، ھىجرىيە 172 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىلمىي سەپەر ئۈچۈن مەشرىققە يۆتكىلىشنى قارار قىلدى.
ئەسەد ئىبنى فۇرات «مۇۋەتتا»نى ئىمام مالىكتىن بىۋاسىتە ئۆگىنىش ئۈچۈن مەدىنىگە باردى. ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»نى ئۆگىتىشتە ئۆزگىچە بىر تەرتىپى بار بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلەتتى.
بىرىنچى تۈركۈم: مەدىنە ئەھلى
ئىككىنچى تۈركۈم: مىسىر ئەھلى
ئۈچىنچى تۈركۈم: قالغان كىشىلەر.
ئىمام مالىك ئەسەدنىڭ ھەدىس ئاڭلاشقا قاتتىق ھېرىسمەنلىكىنى، ئىلىمگە ئاشىقلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ئىككىنچى تۈركۈم – مىسىر ئەھلىنىڭ قاتارىغا قوشۇپ قويدى. لېكىن، ئەسەد ئىبنى فۇرات ئىلىمگە قاتتىق ئاشىق بولغانلىقتىن، مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» كىتابىدىكى ھەدىسلەرنى ئىگىلەپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ھەدىس ئاڭلاشنى تەلەپ قىلدى. مالىك ئۇنىڭغا: «كىشىلەرگە قانچىلىكى يەتكەن بولسا ساڭىمۇ شۇنچىلىكى يېتەر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەد مەدىنىدە تۇرۇۋېرىپ باشقا مۇھەددىسلەردىن ھەدىس ئاڭلىيالماي قالماي دېگەن مەقسەتتە «مۇۋەتتا»نى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىراققا سەپەر قىلدى.
ئەسەد ئىراقتا مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيغا ئوخشاش ئەبۇ ھەنىفەنىڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن ئىلىم ئالدى. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي ھەدىس راۋىيلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى ئىدى. بىر كۈنى ئەسەد ئىبنى فۇرات مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىپ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ دەرسكە ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇۋاتلىقىنى كۆردى ۋە ئادەملەرنىڭ جىقلىقىدىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ قېشىغا بارالمىدى. مەسجىدكە ھەركۈنى بالدۇر بارغان بولسىمۇ، يەنىلا يېقىنلىشالمىدى. ئاخىرى، بىر كۈنى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ قېشىغا بارالىدى ۋە دەرس ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ: «مەن ياقا يۇرتلۇق بىر غېرىب ئادەم، ئىقتىسادىم تۆۋەن، ۋاقتىم بەك ئاز؛ باغدادتا جىق تۇرالمايمەن، قانداق قىلسام بولار؟» دېۋىدى، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەتىگىنى دەرسكە كېلىدىغان ئىراق ئەھلى بىلەن بىرگە ئاڭلىغىن، كېچىسى مەن ساڭا يالغۇز ئۆيدە ئۆگىتىپ قوياي» دېدى. ئەسەد ئىبنى فۇرات ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كېچە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ ئۆيىگە باراتتى ۋە ئۇستازى بىلەن بىرلىكتە كېچىنى بىدار ئۆتكۈزەتتى. ھەرقاچان مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە ئۇيقۇ غالىب كەلسە، شۇ ھامان يۈزىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇياتتى، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن سۇغۇق سۇنى يېنىغا قويىۋالاتتى. ئەگەر ئەسەد ئىبنى فۇراتنى ئۇيقۇ بېسىۋالسا، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ چاچاتتى ۋە ئۇنى ئويغىتاتتى[2].
ئەسەد ئىبنى فۇرات يەنە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەڭ فەقىھ ۋە ئەڭ خاس شاگىرتى بولغان قازى ئەبۇ يۈسۈف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋۋال ھەنەفىي مەزھىپىنى ئۆگەندى ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن كۆپ ھەدىس ئاڭلىدى. ئۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيدىن بەك كۆپ پايدا ئالغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن مەشھۇر ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى يېزىۋالغانىدى.
ئەسەد ئىراقتا ھەدىس ۋە فىقھى ئۆگىنىپ، ھىجرىيە 179 – يىلىغىچە تۇردى. مۇشۇ يىلى ئىمام مالىك ۋاپات بولدى، ئىراق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تەۋرەپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەر يەردىن مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھەدىس ئاڭلاشقا كەلدى. شۇ چاغدا ئەسەد مالىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى ۋە ئۆز – ئۆزىگە «مالىكنى چىڭ تۇتالمىغان بولسام، ئەمدى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى بولسىمۇ چىڭ تۇتاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەد مىسىرغا سەپەر قىلدى. مىسىردا ئىبنى ۋەھب ۋە ئىبنى قاسىمغا ئوخشىغان مالىكنىڭ ئەڭ ئالىم ۋە ئەڭ تەقۋادار شاگىرتلىرى بار ئىدى. ئەسەد ئالدى بىلەن ئىبنى ۋەھبنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىپى بويىچە يازغان كىتابلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى ۋە ئۇنىڭدىن كىتابلىرىدىكى مەسىلىلەرگە مالىكىي مەزھىپى بويىچە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىبنى ۋەھب جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەد ئىبنى قاسىمنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. ئىبنى قاسىم ئۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، مالىكىي مەزھەپنى ئۇنىڭغا تولۇق تەلقىن قىلدى. نەتىجىدە، ئەسەد بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى داڭلىق كىتابى «الأسدية (ئەلئەسەدىييە)»گە توپلاپ يازدى، ئاندىن تەھرىرلەپ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بۇ كىتابى شۇ ۋاقىتتىكى مەغرىب دىيارىدا مالىكىي فىقھىسىنىڭ بىرىنچى مەنبەسىگە ئايلاندى. ئەسەد ئىبنى فۇرات مەدىنە، مەككە، باغداد، كۇفە، فۇستات قاتارلىق يۇرتلاردا ئىلىم ئۆگىنىپ، مەغرىب ئالىملىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ۋە مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇ ئىجتىھاد ۋە تەرجىھ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن پەتىۋا بېرەتتى ۋە مۇئەييەن بىر مەزھەپكە باغلىنىۋالمايتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق جاپالىق ئەمما ئۇتۇقلۇق بولغان ئىلمىي سەپەرلىرىدىن كېيىن ھىجرىيە 181 – يىلى قەيرەۋانغا قايتتى.
مەغرىبتىكى ئىلمىي پائالىيىتى
ئەسەد ئىبنى فۇرات ھەنەفىي ۋە مالىكىيدىن ئىبارەت ئەڭ ئالدىنقى ئىككى مەدرىسەدە ئىگىلىگەن ھەدىس ۋە فىقھىدىكى مول ئىلمى بىلەن، شۇ چاغدىكى مەغرىبنىڭ مەركىزى ۋە پۈتۈن شىمالىي ئافرىقىدىكى بىرىنچى ئىلىم بۆشۈكى بولغان قەيرەۋانغا قايتىپ، ئۇقبە جامەسىدە ئىلىم سورۇنى قۇردى. مەغرىب ۋە ئەندەلۇس قاتارلىق ھەر يەرلەردىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ئۇنىڭ قېشىغا يۈزلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى چىقتى ۋە ئىلمى پارلىدى، دەرىجىسى ئۆرلەپ، ئىماملىقى كىشىلەر ئارىسىغا يېيىلدى ۋە ھەتتا چەت جايلاردىن ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن سوئاللار كېلىشكە باشلىدى.
ئەسەد ئىجتىھاد قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىن، مەلۇم قاراشقا چىڭ ئېسىلىۋالماستىن، ئىجتىھادى قايسى نەتىجىگە ئېلىپ بارسا شۇنىڭ بىلەن پەتىۋا بېرەتتى. ئۇ مەدىنە ئەھلى ۋە ئىراق ئەھلىنىڭ قاراشلىرىدىن ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھەقكە ئۇيغۇن بولغىنىنى تۇتاتتى. ئۇ ئىلىم مەجلىسىدە ئولتۇرۇپ، ئىراقلىقلارنىڭ يەنى ئەبۇ ھەنىفە مەزھىپىنىڭ قاراشلىرىنى قاتار كەلتۈرسە، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان مەدىنە ئەھلىنىڭ مەزھىپى يەنى مالىكنىڭ مەزھىپىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ماشايىخلار ئۇنىڭغا: «ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئىككىنچى چىراغنىمۇ ياققىن» دەيتتى – دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنىلىكلەرنىڭ قاراشلىرىنى سۇۋارى[3] كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلاتتى.
ئەسەد ئىبنى فۇرات يازغان كىتابلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ناھايىتى ئىنچىكە تەھرىرلەيتتى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ بۇنىڭدا داڭدار ئۈلگىگە ئايلانغانىدى.
بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇشى
ئەسەد ئىبنى فۇرات سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسى بولغان ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدە ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ مەغرىب ئالىملىرى ئىچىدە بىدئەت ئەھلىگە ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلاردىن ئىدى، ھەتتا ئىفرىقىيە[4]نىڭ سىرتىدا يەنى ھازىرقى تۇنىستا سۈننەتنى تارقاتقانلىقى بىلەن تونۇشلۇقتۇر. ئۇ بىدئەتچىلەرنى كۆپ ئەيىبلەيتتى. بىر كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ئىلاھ يوق، ماڭىلا ئىبادەت قىل﴾[5] دېگەن سۆزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن: «ۋاي بىدئەتچىلەرنىڭ ھالىغا! ئۇلار ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆزىنى ياراتتى، دەپ دەۋا قىلىدۇ. مەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ مۇساغا بىۋاسىتە سۆز قىلغانلىقىغا، سۆزنىڭ يارالغۇچى ئەمەسلىكىگە ئىمان ئېيتتىم. لېكىن، ئاللاھنىڭ قانداق سۆز قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەنىدى.
مۇجاھىدلار ئەمىرى ئەسەد ئىبنى فۇرات
ئەسەد ئىبنى فۇرات كىتاب – قەلەملەر ئارقىسىغا تۈگۈلىۋېلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىلمى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلمايدىغان ئۇنداق سەلبىي تۈردىكى ئالىملاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ ئەمەلىيەتچان ئالىملاردىن، شۇنداقلا ئاللاھ يولىدىكى بۈيۈك مۇجاھىدلاردىن ئىدى. ئۇ جىھاد سۆيگۈسىنى ھەرران مۇجاھىدلىرىنىڭ ئەمىرى بولغان دادىسىدىن مىراس ئالغان بولۇپ، دادىسى كىچىك ئارسلانى ئەسەدنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاللاھ يولىدا جىھادلارغا بىللە ئېلىپ چىقاتتى. شۇڭا، ئەسەد جىھادپەرۋەر، پىداكار ۋە باتۇر بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، يېتۈك ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە جەسۇر بىر ئەسكەر، قارام بىر دېڭىزچى بولۇپ يېتىشكەن. ھەتتا ئۇ ياش چاغلىرىدا، مەشھۇر ئىلمىي سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا دېڭىزدا نۇرغۇنلىغان دېڭىز ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن مۇنداق دەيدۇ: «ئەسەد ئىبنى فۇرات قەۋسەرە ئارىلىنى فەتھى قىلغان كىشىدۇر». قەۋسەرە (ئىنگىلىزچە pantelleria) ھازىرقى تۇنىسنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كىچىك بىر ئارالدۇر.
ئىفرىقىيە ئۇ چاغدا ئەغلەبىيلەر دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى. ئەغلەبىيلەر ئەسلىدە ئابباسىيلار دۆلىتىگە قاراشلىق بولۇپ، ھىجرىيە 184 – يىلى (مىلادىيە 800 – يىلى) مۇستەقىل بولغان. بۇ دۆلەت دەسلەپكى چاغلىرىدا جىھاد ۋە ئىسلام ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆزىنى سىتسىلىيە ئارىلى، كورسىكا ئارىلى، ساردىنىيە ئارىلى ۋە باشقا جايلارغا قاراتقانىدى، بولۇپمۇ سىتسىلىيە ئارىلىغا تېخىمۇ بەكرەك مەركەزلەشكەنىدى.
سىتسىلىيە ئارىلىنى فەتھى قىلىش
سىتسىلىيە ئارىلى (ئىنگىلىزچە sicily) ئوتتۇرا دېڭىز ئاراللىرى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىسادىي مەنبەلەر جەھەتتىن ئەڭ باي، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئەڭ ئەۋزەل ئارال ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ئارالنىڭ ئەھمىيىتىنى ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ بالدۇرلا بايقىغاچقا، ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئاندىن مۇئاۋىيە ئىبنى ھۇدەيجنىڭ، ئاندىن ئۇقبە ئىبنى نافىنىڭ، ئاندىن ئەتا ئىبنى رافىنىڭ دەۋرىدە، ئەڭ ئاخىرىدا ھىجرىيە 135 – يىلى ئابدۇررەھمان ئىبنى ھەبىبنىڭ دەۋرىدە ئۇ يەرنى فەتھى قىلىشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەغرىب دىيارىدا ئەرەبلەر بىلەن بەربەرلەر ئارىسىدا ئىچكى توقۇنۇش بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۈشمەنگە قارشى جىھادتىن توختاپ قالغان. دۈشمەنلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىفرىقىيە رايونىدىكى مەغرىب ساھىللىرىغا ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ، بۇ ۋىزانتىيە تاجاۋۇزىغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلانغان.
بۇ مەزگىلدە، ۋىزانتىيەگە قاراشلىق بولغان سىتسىلىيە ئارىلىدا نۇرغۇن داۋالغۇشلار يۈز بېرىپ، ئارالنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يۇفىمىيوس بىلەن بەلاتەرىيوس ئىسىملىك ئىككى كىشى تالىشىپ قالىدۇ ۋە بەلاتەرىيوس دېگىنى يۇفىمىيوسنى يېڭىدۇ. بۇ يۇفىمىيوس ئىفرىقىيەگە قېچىپ، ئىفرىقىيەنىڭ ھاكىمى زىيادەتۇللاھ ئىبنى ئەغلەبتىن ئارالنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم سورايدۇ. زىيادەتۇللاھ ئارالنى فەتھى قىلىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىيادەتۇللاھ كىشىلەرنى جىھادقا چىقىشقا ۋە سىتسىلىيەنى فەتھى قىلىشقا چاقىرىدۇ. كىشىلەر تېزلا چاقىرىققا ئاۋاز قوشىدۇ. خىلمۇخىل ساھىللاردىن كېمىلەر توپلىنىدۇ. زىيادەتۇللاھ ئاشۇ چوڭ دېڭىز ھۇجۇمىغا كىمنى ئەمىر قىلىشنى ئويلىشىپ، گەرچە بۇ مەزگىلدە يەنى ھىجرىيە 212 – يىلىدا 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان باتۇر ئارسلان، ئىلغار قەھرىمان ئەسەد ئىبنى فۇراتتىنمۇ ياخشىراقىنى تاپالمايدۇ. مانا بۇ تاللاش بۇ مەزگىلدە ئىسلامىي تۇيغۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ، رەببانىي ئالىملارنىڭ مۇسۇلمان خەلققە چوڭ تەسىرى بارلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەسەد ئىبنى فۇرات ئاللاھ يولىدىكى جىھاد ئايەتلىرىنىڭ مەنە ۋە تەلەپ – تەقەززالىرىنى، ئالىملارنىڭ جىھادتىكى رولىنى بىلىدىغان، جىھادسۆيەر بىر ئالىم بولغاچقا، شۇنداقلا شۆھرەت ۋە رىيانى يامان كۆرىدىغان بولغاچقا، (مەنسەپ تۇتماستىن) ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان سۈپەتتە غازات قىلىش رىغبىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن، زىيادەتۇللاھ ئىبنى ئەغلەب ئۇنىڭ قىممىتىنى، كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەربىي ھەرىكەتكە ئۇنىڭ قوماندانلىق قىلىشىنى، شۇنداقلا يەنە بۇ ھەرىكەتنىڭ قازىسى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ.
ئۆلگۈچە جىھاد قىلىش
ئەسەد ئىبنى فۇرات زور بىر ھەرىكەت ئۈچۈن 10 مىڭ پىيادە ئەسكەر، 700 نەپەر چەۋەندازدىن تەشكىل تاپقان قوشۇننى باشلاپ، چوڭ – كىچىك 100دىن ئارتۇق كېمە بىلەن قەيرەۋاندىن ئاتلىنىپ چىقتى. كېمە نۇرغۇن ساندىكى يۇرت ئەھلىنىڭ ئۇزىتىشى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سۇسە پورتىدىن يولغا چىقتى. ئىسلام فلوتى ھىجرىيە 212 – يىلى 15 – رەبىئۇلئەۋۋەل شەنبە كۈنى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئاتلاندى. دەرۋەقە، مۇسۇلمانلار ئۈچ كۈنلۈك دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ئارالنىڭ غەربى تەرىپىدىكى فازىر دېگەن بىر جايغا يېتىپ كەلدى. ئاندىن ئەسەد ئىبنى فۇراتنىڭ باشچىلىقىدا قوشۇن ئارالنىڭ شەرقىگە يۈرۈش قىلدى. ئەسەد ئىبنى فۇرات ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، زىيادەتۇللاھ ئىبنى ئەغلەبتىن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم سورىغان ئىنقىلابچى يۇفىمىيوسنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر رۇم قىسمىنى ئۇچراتتى. يۇفىمىيوس سىتسىلىيەگە قارشى جەڭگە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، بىراق ئاللاھنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئالىم، يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلغۇچى بۇ مۇسۇلمان قوماندان ئوھۇد كۈنى يەھۇدىيلاردىن ياردەم سوراشنى رەت قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ، مۇشرىكلاردىن ياردەم سوراشنى رەت قىلدى.
ئەسەد ھەربىي يۈرۈشىدە باللۇت قەلئەسى، دىب قەلئەسى ۋە تەۋاۋىس (pfaueninsel) قەلئەسىگە ئوخشاش نۇرغۇن قەلئەلەرنى بويسۇندۇرۇپ، سىتسىلىيەنىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بالاتا تۈزلەڭلىكىدىكى جەڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. شۇ چاغدا بالاتا 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. يەنى، ئۇلارنىڭ سانى مۇسۇلمان قوشۇننىڭ سانىدىن ئون نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىدى. شۇئان ئەسەد ئىبنى فۇرات قولىدا بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەپ، ئۇلارغا جەننەتنى ھەم ئاللاھنىڭ ياردەم ۋە زەپەر ۋەدىسىنى ئەسلەتتى، ئاندىن قۇرئاندىن بىرقانچە ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جەڭگە ئاتلاندى ۋە زور سىتسىلىيە قوشۇنى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى. مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلدى. جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى. جەڭدىن پەقەت قىلىچلارنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ۋە ئاسمان – زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەن تەكبىر سادالىرىدىن باشقىسى ئاڭلانمايتتى. يېشى 70تىن ھالقىغان قېرى ئارسلان ئەسەد ئىبنى فۇرات قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىۋاتاتتى، ھەتتا جەڭنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىنىڭ جىقلىقىدىن ئۇنىڭ دۇبۇلغا – نەيزىسىدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇ قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە كىشىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قوزغايتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىلىرى تېخىمۇ قەتئىيلىشەتتى. ئاخىرىدا، مۇسۇلمانلار سىتسىلىيە قوشۇنىنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا مەغلۇپ قىلدى. بالاتا جەڭگاھتىن قېچىپ، قەسرىيانە شەھىرىگە چېكىندى، ئاندىن مۇسۇلمانلار بىلەن ئېلىشىشتىن قورقۇپ، ئىتالىيەگە قېچىپ كەتتى. ئۇ قورقۇنچاقلىق قىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قاچقانلىقى ئۈچۈن، ئۆز دىنداشلىرىنىڭ قولىدا شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدى.
مۇشۇ كەسكىن غەلىبىدىن كېيىن، ئەسەد ئىبنى فۇرات داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، سىراكۇز (Syracuse) شەھىرى ۋە پالېرمو (Palermo) شەھىرى[6]گە يېتىپ كەلدى ۋە شەھەرلەرنى قاتتىق قامال قىلدى. ئۇنىڭغا ئىفرىقىيەدىن ياردەملەر كېلىپ تۇرغانىدى. ئەسەد ئىبنى فۇرات پالېرموغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ فلوتلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئۇ شەھەرنى قولغا ئالاي دەپ قالغاندا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى يەنى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر ۋابا تارقالدى، كۈچلۈك پەرەزگە ئاساسلانغاندا خولىرا ياكى چېچەك كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن جەڭچىلەر ئۆلۈپ كەتتى. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئىلغار قوماندان ئەسەد ئىبنى فۇراتمۇ ئائىلە – بالىچاقىسى ۋە دەرس ھالقىلىرىدىن يىراق ھالدا، ئىسسىق كۆرپە ۋە ئىللىق يۇرتىدىن ئۇزاق ھالدا، رەببىنىڭ رازىلىقى ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشنى تاللىغان ھالدا، ھىجرىيە 213 – يىلى شەئباندا، مۇجاھىد ھالىتىدە ئۆلۈم بىلەن قۇچاقلاشتى. ئۇ ھەقىقەن ئىلىم ۋە تەقۋادارلىق، جىھاد ۋە شاھادەتتىن ئىبارەت جىمى ياخشىلىق خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە جۇغلىغان ئىدى. ئىسىت، ئۈممەت ئالىملىرى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ قەھرىماننىڭ تارىخىدىن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە ئۆگىنەلىگەن بولسىچۇ، كاشكى![7]
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. الكامل في التاريخ.
2. تاريخ الطبري.
3. البداية والنهاية.
4. سير أعلام النبلاء.
5. تذكرة الحفاظ.
6. الديباج المذهب.
مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرنىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي
[1] ھازىر تۈركىيەگە قاراشلىق يەرلەر.
[2] شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ «صفحات من صبر العلماء» ناملىق كىتابى، 118 – بەت.
[3] تامامەن، پۈتۈنلەي، باشتىن – ئاياغ، ھەممىسى، بىراقلا دېگەن مەنىلەردە. _ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».
[4] ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەبلەر ھازرقى تۇنىسنى مەركەز قىلغان جايلارغا ئىفرىقىيە دېگەن ئىسىمنى قوللانغان.
[5] «تاھا سۈرىسى، 14 – ئايەت.
[6] ھازىر ئىتالىيەگە قاراشلىق شەھەرلەر.
[7] شۇ ڭا، شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە ھەزرەتلىرى «صفحات من صبر العلماء» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: مەن ھەربىر ئىرادىلىك ۋە باتۇر ئوقۇغۇچىنى ئىمام ئەسەد ئىبنى فۇراتنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇشقا چاقىرىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئىلىم ۋە ئېسىللىقتىكى، پاراسەت ۋە ئەدەپتىكى، جىھاد ۋە شىجائەتتىكى، پىداكارلىق ۋە شېھىتلىكتىكى، تەقۋادارلىق ۋە كەمتەرلىكتىكى، ئىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاق ھاسىل قىلىشتىكى مۇشەققەتلەرگە قارىتا بەرداشلىقى قاتارلىق ئۇنىڭ ۋە شەيخلىرىنىڭ تۈرلۈك پەزىلەتلىرىدىن ۋاقىپلىنالايدۇ. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى كشىىنى ئالغا سىلجىتقۇچى تېتىك تەرجىمىھالدۇركى، ئادەم ئوقۇپ تويمايدۇ».