ئۇلار ئەسلا مەنپەئەت ئالالمايدۇ

ئۇلار ئەسلا مەنپەئەت ئالالمايدۇ

ئېسىمدە قىلىشىچە، بىر كۈنى يان تېلېفونۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى. ئۇ ئۇچۇردا: «پەزىلەتلىك شەيخ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دەپ سورالغانىدى. مەن سوئال سورىغۇچىغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى ئۆمرىنىڭ گۈزەل مەزگىلىنى ياشاۋاتقان بىر ياش يىگىت ئالدى. مەن ئۇنىڭغا:

— كەچۈرۈڭ، سوئالىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. سوئالىڭىزنى قايتا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟ — دېدىم. ئۇ ئۆزىدىن قاتتىق ئىچى پۇشقان (قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن) ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى:

— سوئالىم ئېنىق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

مەن ئۇنىڭغا كۈتمىگەن بىر جاۋابنى بەرمەكچى بولۇپ:

— مۇستەھەب، — دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

— نېمە؟! — دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.

— ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان ئۇسۇلنى تاللاشتا سىزگە ياردەملەشسەم بولامدۇ؟

ئۇ جاۋاب بەرمىدى.

— خوش، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولىسىز؟

— چۈنكى، مەن (بىرەر) ئىش تاپالمىدىم. كىشىلەر مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەسلىدە، مەن مەغلۇپ بولغان (بىر) ئىنسانمەن…

بۇ ياش ماڭا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەشكە باشلاپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىشتىكى يارامسىزلىقىنى… بايان قىلدى.

بۇ ئىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ ھەر بىرىمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە تۆۋەن نەزەردە قارايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تاغ چوققىسىدىكىلەرگە قاراپ، ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشاش تاغ چوققىسىغا چىقىشتىن … ياكى ئەقەللىسى ئۇلارغا ئوخشاش تاغقا چىقىشتىن ئاجىز دەپ ئويلايدۇ؟

تاغلارغا چىقىشتىن قورققان ئادەم ئۆمۈر بويى ئازگاللار ئارىسىدا ياشايدۇ.

بۇ كىتابتىن ۋە باشقا ھەرقانداق بىر ئىقتىدار ئۈستۈرۈش كىتابىدىن ئەسلا مەنپەئەت ئالالمايدىغانلار كىم، بۇنى بىلەمسىز؟!

ئۇلار بولسا خاتالىقلىرىغا تەسلىم بولۇپ، ئىقتىدارلىرىغا قانائەتلىنىپ، «بۇلار مەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ماڭا ئادەت بولۇپ كەتكەن تەبىئىتىمدۇر. مەن تەبىئىتىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، كىشىلەرمۇ مېنىڭ تەبىئىتىمگە كۆنگەن. مېنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدا خالىدقا، ئوچۇق چىراي بولۇشتا ئەھمەدكە، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىدە زىيادقا ئوخشاش بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان بىچارە ئادەملەردۇر.

بىر كۈنى، بىر ئاممىۋى سورۇندا، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن بىر ياشانغان بوۋاي بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەر ئىدى. بۇ بوۋاي يېنىدىكى كىشىلەر بىلەن ئوپچە پاراڭلىشىۋاتاتتى ۋە سورۇندىكىلەرگە نىسبەتەن ياشتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئىدى

مەن ئازراق سۆز قىلىپ، سۆز ئارىلىقىدا شەيخ ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ پەتۋاسىنى كەلتۈردۈم. سۆزۈمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن بۇ بوۋاي پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ماڭا:

— مەن قىرىق يىل ئىلگىرى شەيخ ئىبنى باز بىلەن بىللە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم مەسجىدىدە بىللە ئوقۇغانىدىم، — دېدى.

بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىسام، بۇ گەپلەردىن ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئادەم بىلەن بىر كۈن بولسىمۇ بىللە بولالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. مەن ئىچىمدە ئۇنىڭغا قارىتا مۇنۇ سۆزلەرنى دېيىشكە باشلىدىم: «ۋاي بىچارە، نېمە ئۈچۈن ئىبنى بازغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن يولنى بىلگەن تۇرۇقلۇق داۋاملاشتۇرالمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ئىبنى باز ئۆلسە، ئۇنى يوقىتىپ قويغانلىقتىن ئۇنىڭغا مۇنبەرلەر، مېھرابلار ۋە كىتابخانىلار يىغلايدۇ؟ كىشىلەر نالە قىلىدۇ؟ بىر كۈنى سەنمۇ ئۆلىسەن. بەلكىم ساڭا ھېچكىم يىغلىماس، يىغلىغان تەقدىردىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت ياكى ئادەت يۈزىسىدىن يىغلار».

ھەر بىرىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە: «پالانچىنى تونۇيمىز»، «پالانچى بىلەن ساۋاقداش بولغان»، «پالانچى بىلەن بىللە ئولتۇرغان» دېيىشىمىز مۇمكىن. بۇلار پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى پەخىرلىنىدىغان ئىش بولسا ئۇلارغا ئوخشاش چوققىلارغا چىقىشتۇر.

جەسۇر بولغىن، مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىقتىدارلىرىڭنى ھازىردىن باشلاپ تەتبىقلاشقا بەل باغلىغىن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىن؛ چىرايىڭنى تۈرۈشنى كۈلۈمسىرەشكە، خاپىلىقىڭنى خۇشاللىققا، بېخىللىقڭنى سېخىيلىققا، غەزىپىڭنى كەڭ قورساقلىققا ئالماشتۇرغىن؛ مۇسىبەتلەرنى خۇشاللىق، ئىماننى قۇرال قىلغىن؛ ھاياتىڭدىن ھۇزۇرلانغىن. چۈنكى ھايات قىسقا، غەم – قايغۇ قىلىشقا ۋاقىت يوق. ئۇنداقتا بۇ ئىشلار قانداق قىلىنىدۇ؟ مەن بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ كىتابنى تۈزدۈم. مەن بىلەن بىرگە بولغىن، ئاللاھ خاھلىسا، مەقسەتكە يېتەلەيمىز.

 

بىز بىلەن شۇنداق كىشىلەرلا قالدى:

ئۇلار ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە قابىلىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا بەل باغلاپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغانلاردۇر.

 

 

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ