سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ئىسلامدا مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قانداق سالام قىلىدۇ؟ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەيمىزمۇ ياكى ئۇلارنىڭ سالام قىلىش ئۇسۇلى بويىچە سالام قىلىمىزمۇ؟ يەنە بىر مەسىلە، ئېغىزىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان، بىراق ھېچقانداق ئىسلامىي ئەمەللەرنى قىلمايدىغان، ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغان كىشىلەرگە قانداق سالام قىلىمىز؟ بۇنىڭغا تەپسىلى بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
بۈگۈنكى كۈنلەردە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئىلگىرىكى ئەسىرلەرگە قارىغاندا ئوخشىمىغان دىن ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ ياشايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىر قىسىم ھەدىسلەردىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە سالام قىلماسلىق ھەققىدە بەزى مەزمۇنلار ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، ئارىلىشىپ ياشايدىغانلار كوچا – كويلاردا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا ۋە تۈرلۈك سورۇنلاردا ئۇلار بىلەن سالاملىشىش جەھەتلەردە ھەرەج تارتىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال.
مەسىلىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىنى بايان قىلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.
1. بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلارمۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ بار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇسۇلمانچە بىرلا سالام قىلىش جائىز. بۇنىڭدا ئىمام نەۋەۋى ئېيتقاندەك، ئالىملار ئىتتىپاق([1]).
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارمۇ، بۇتقا ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىلارمۇ ئارىلاش توپلانغان بىر سورۇندىن ئۆتكىنىدە، ئۇلارغا سالام قىلىپ توختىغان، ئاندىن ئۇلىغىدىن چۈشۈپ، ئۇلارنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغان ۋە قۇرئان ئوقۇپ بەرگەن ئىدى([2]).
2. مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كاپىرلارغا سالام قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ھارام بولۇپ، ئەگەر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە سالام قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا، بۇ، ئۇلارغا ئامانلىق بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىدىمۇ ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق.
3. كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كاپىرنىڭ سالىمى ئىلىك ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ياخشىراق ياكى ئەينەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابە ۋە تابىئىنلار ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. جانابى ئاللاھنىڭ: [سىلەرگە سالام قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق ياكى ئەينەن قايتۇرۇڭلار]([3]) دېگەن كۆرسەتمىسىدىكى ئومۇمىيلىق كۆزدە تۇتۇلغان ئىپادىلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ئومۇمىيلىقتىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كاپىرلارلا مۇستەسنا قىلىنىدۇ.
بىراق، كاپىرلار مۇسۇلمانلارغا سالام قىلغىنىدا، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئۈچۈن «سالام» سۆزىنى باشقا مەنىگە بۇرمىلاپ ئىشلەتكەن ياكى دارىتمىلاپ قارغىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا، ئۇلارغا قىسقارتىپلا «ۋەئەلەيكۇم» (يەنى، سىلەرگىمۇ شۇنى تىلەيمەن) دېيىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا كۆرۈلگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: يەھۇدىلاردىن بىر توپ ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ئەسسامۇئەلەيكۇم (سىلەرگە ئۆلۈم تىلەيمەن) دېدى([4]). مەن ئۇنى چۈشىنىپ، سىلەرگىمۇ ئۆلۈم بىلەن لەنەت بولسۇن، دېۋىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئائىشە! ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئىشتا سىپايى بولۇشنى ياقتۇرىدۇ» دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: «سىلەرگىمۇ شۇنى تىلەيمەن، دېدىمغۇ» دېدى([5]).
بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، ئۇلار ئېنىق تەلەپپۇزدا سالام قىلسا، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىش ئارقىلىق سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ئاللاھ تائالا بىزنى رىئايە قىلىشقا بۇيرۇغان ئادالەت ۋە ئېھسان جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئايەت – ھەدىسلەرمۇ، شەرىئەت قائىدىلىرىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا يامان نىيەتتە باشقىچە ئېھتىماللىقى بار سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالام قىلغان تەقدىردە، ئۇلارغا «ۋەئەلەيكۇم» (يەنى، سىلەرگىمۇ شۇنى تىلەيمەن) دېيىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلىدۇ([6]).
4. مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىن باشقا «تىنچلىقمۇ»، ياكى «ياخشىمۇسىز»، ياكى «مەرھابا»، ياكى «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن»، ياكى «كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دېگەندەك ئادەتتە ئومۇم كىشىلەر سالاملىشىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالام قىلىشمۇ كۈچلۈك قاراش بويىچە جائىز([7]).
5. كاپىرلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىسرا، ھىرەقل ۋە نەجاشىيلارنى ئىسلامغا چاقىرىپ يازغان مەكتۇبلىرىدا كەلگەندەك: «توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!» دەيدۇ. مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارمۇ فىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن.
ئەمدى، ئالىملارنىڭ ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كاپىرلارغا سالام قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە سالام قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى كۆپچىلىك ئالىملار ئۇلارغا سالام قىلىشنى مەكروھ ياكى ھارام، لېكىن سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ۋاجىپ، دەپ قارىغان. بىر بۆلۈك ساھابە ۋە تابىئىن، شۇنداقلا بەزى مۇجتەھىد ئالىملار ئۇلارغا سالام قىلىشمۇ، سالىمىنى ئېلىك ئېلىشمۇ جائىز، دەپ قارىغان([8]).
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق دەلىل قىلىدىغىنى تۆۋەندىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بېكىتىشتە بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، شۇنداقلا ئۇنى قايسى تەرىقىدە چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىي ـ ناسارالارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار! ئۇلاردىن بىرەرسىنى يولدا ئۇچرىتىپ قالساڭلار، ئۇنى يولنىڭ چېتىگە قىستاپ مېڭىڭلار!» ([9]).
بۇ ھەدىسنى گەرچە ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇ مۇسلىم»ىدە رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىس ئىككى جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا دەلىل بولالمايدۇ:
بىرى، بۇ ھەدىسنى ئاجىز دېگەن ھەدىسشۇناسلار كۆپ. نەتىجىدە، ئاجىز دېگەن قاراش ئېغىر باسىدۇ.
يەنە بىرى، سەھىھ دەپ قارىغان تەقدىردە، بۇ بۇيرۇق مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان.
بىرىنچى نۇقتىنى ئىزاھلايدىغان بولساق، مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مۇسلىملار رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بولغان سۇھەيل ئىبنى ئەبۇ سالىھنى ئىشەنچلىك راۋىي دەپ قارىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەدىسىنى سەھىھ دەپ باھالىغانلىقى، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئەبۇ ھاتەم ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق سۇھەيلنى ئاجىز دەپ قارىغان ھەدىس پېشىۋالىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. ئىمام بۇخارى: «ئۇ بىر قېرىندىشى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئەستە تۇتۇشى قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغان» دېگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەدىسىنى «سەھىھۇل بۇخارى»غا كىرگۈزمىگەن. ئۇنىڭ باشقا بىرقانچە ھەدىسلىرىنى باشقا راۋىيلار سەھىھ ھەدىسلىرىگە قوشۇمچە قىلغان ئاساستا رىۋايەت قىلغان. باشقا مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە ئاپىرىپ تاقىغان. يەھيا ئىبنى مەئىين ۋە ئەبۇ ھاتەم قاتارلىقلار: «ئۇنىڭ ھەدىسى دەلىل قىلىنمايدۇ» دېگەن بولسا، ئىبنۇلمەدىينىي ئۇنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان([10]).
ئەگەر مەزكۇر راۋىينىڭ بۇ ھەدىسىنى باشقا راۋيىلار كۈچلەندۈرىدىغان بولسا، بەلكىم، ئۇنىڭ رىۋايىتى كۈچلەنگەن بولاتتى. لېكىن، باشقا راۋىيلاردىن «يەھۇدىي – ناسارالارغا» دېگەن تېكىست بىلەن ئۇنىڭ رىۋايىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەرمۇ كەلمىگەن. بۇ سەۋەبتىن، ئىبنى ئەدىي ئۇنىڭ بۇ ھەدىسىنى مۇنكەر رىۋايەتلەر قاتارىدىن سانىغان([11]).
شۇنداق، مەزكۇر ھەدىسنىڭ باشقا يوللاردىن كەلگەن بەزى ۋارىيانتلىرى بار. ئەمما بۇ رىۋايەتلەر مەلۇم جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقەلىكتە، مەلۇم ئۇراندا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، سۇھەيل دېگەن راۋىينىڭ رىۋايىتىدىكى مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ ۋە ئۇ رىۋايەت قىلغان مەزكۇر ھەدىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە دەلىل بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئالايلۇق، ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەلمۇزەنىي رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئەتە يەھۇدىيلارغا لەشكەر تارتماقچى. شۇڭا، ئۇلارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار! ئۇلار سىلەرگە سالام قىلسا ۋەئەلەيكۇم (سىلەرگىمۇ) دەڭلار!»([12]). بۇ ھەدىسنى يەنە ئەبۇ بەسرە ئەلغىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ رىۋايەت قىلغان([13]).
بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولۇپ، سۇھەيل رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ ئەسلىسى مانا مۇشۇنداق. يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ بۇيرۇقى مەدىنىدىكى خەندەك غازىتىدا خىيانەت قىلغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا قارىتا جازا يۈرۈشى قىلماقچى بولغاندا كەلگەن. ئۇ چاغ ئۇرۇش مەزگىلى بولغاچقا، مۇسۇلمانلاردىن قايسى بىرى بىرەر يەھۇدىيغا سالام قىلسا ياكى سالام سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا، يەھۇدىيغا ئامانلىق بەرگەن ھېسابلىناتتى – دە، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقىلى بولمايتتى ياكى كېيىنچە بىرەر مۇسۇلمان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قالسا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان بولاتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا سالام قىلىشنى ۋە سالىمىنى قايتۇرۇشنى چەكلىۋەتكەن. دېمەك، سۇھەيلنىڭ رىۋايىتىدىكى «مۇشرىكلار»، ياكى «ناسارالار»، ياكى «ئەھلى كىتابلار» دېگەن ئىبارىلەر سەھىھ ئەمەس. سەھىھ بولغىنى پەقەتلا «يەھۇدىيلار» دېگەن سۆز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ ھەدىس ئەسلىدە مەلۇم ۋەقەلىكتىكى جازالانماقچى بولغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ھەققىدە كەلگەن. ھەرگىزمۇ ئومۇم كاپىرلار ھەققىدە كەلمىگەن. سۇھەيل ھەدىسنىڭ ئەسلى تېكىستى ۋە جەريانىنى ئۇنتۇپ قالغان، ياكى خاتا ئويلاپ قالغان، ياكى ئۆز كۆڭلىدە مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلماقچى بولغان ۋە باشقا يەھۇدىي – ناسارالارنى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا ئوخشاتقان. نەتىجىدە، باشقىچە ھۆكۈم چىقىرىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان([14]).
مۇھەققىق ئىماملار سۇھەيلنىڭ ھەدىسى ھەققىدىكى يەكۈنى ئەنە شۇنداق. ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئۇلارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار!› دېگەن سۆزى يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن بارغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى ئامانلىق بەرگەنلىك دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى». ئىمام ئىبنى تەيمىيە، ئىمام ئىبنى قەييىم ۋە رەشىد رىزالارمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن. مانا بۇ، ھەدىسنى ئەسلى ئۇرانى بويىچە توغرا چۈشىنىش([15]).
مەسىلىنى يۇقىرىقىدەك چۈشىنىشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان يەنە مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك دەلىل بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. كۆپلىگەن ئايەتلەر ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كاپىرغا سالام بەرسە ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: [سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ]([16]).
[سىلەرگە سالام قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق ياكى ئەينەن سالام قايتۇرۇڭلار]([17]).
[ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز – نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر]([18]).
ئىبراھىم (ئازەرگە) ئېيتتى: «ساڭا سالام! پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر]([19]).
[ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ: »بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە سالام! بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ]([20]).
[سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن، ئۇلار كەلگۈسىدە بىلىدۇ]([21]).
[مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە سالام!» دەيدۇ]([22]).
[كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار!]([23]).
ئىمام سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىمام ئەۋزائىي، ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، ئىمام ئەۋزائىي ۋە ئىمام رەشىد رىزا قاتارلىق تونۇلغان مۇجتەھىد ئىماملار يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىيلىقىغا ئاساسلىنىپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئالدىن سالام قىلىشنىڭ جائىزلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن([24]).
2. مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئايرىمىغان ۋە تونىغان – تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشكە بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئىسلامدىكى قايسى خىسلەتلەر ئەڭ ياخشى؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «تائام بېرىشىڭ، تونىغان – تونىمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن([25]).
يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان([26]).
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېھرىبان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، مىسكىنلەرگە تاماق بېرىڭلار، سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇڭلار! شۇنداق قىلساڭلار، جەننەتكە خاتىرجەم كىرىسىلەر» دېگەن([27]).
يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاشۇ شەكلىدە،([28]) بويىنى ئاتمىش گەز ئېگىزلىكتە ياراتتى. ئۇنى يارىتىپ بولۇپ ئۇنىڭغا: بېرىپ ئاۋۇ پەرىشتىلەرگە سالام بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىگە قۇلاق سالغىن. بۇ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ قوللىنىدىغان سالامدۇر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دېدى. پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋاب سالامىدا: ‹ئەسسالامۇئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ› دەپ ‹ۋەرەھمەتۇللاھ› دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى…»([29]).
مانا بۇلار ھەدىستە كەلگەن تەرىقىدە سالاملىشىشنىڭ مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن بارلىق ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۆزئارا قىلىشىدىغان سالىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يەھۇدىي – خىرىستىيانلار مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ تەرىقىدە سالام قىلاتتى. مۇسۇلمانلارمۇ چىرايلىق جاۋاب بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى بىرەر ساھابە كاپىرلارنى بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز بويىچە سالام قىلما دەپ توسمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار ئىسلام قائىدىسى بويىچە سالام قىلسا، ئۇلارغا تېخىمۇ چىرايلىق جاۋاب بېرىشنى تاپىلىغان.
3. ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي، ئەبۇددەردا ۋە فەزالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابە كىراملارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگىمۇ سالام قىلغانلىقى سەھىھ يوللار بىلەن كەلگەن. ئەممار ئىبنى ياسىر، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ، كۆپلىگەن تابىئىنلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. نەتىجىدە سەلەفلەر، شۇنداقلا سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق تونۇلغان مۇجتەھىد ئىماملار يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئومۇمىيلىقنى سالام قىلىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل قىلغان. ئىمام رەشىد رىزامۇ جائىز دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولامدۇ، ياكى يەھۇدىي بولامدۇ، ياكى خرىستىيان بولامدۇ، كىمگە ئۇچرىسا سالام قىلماي ئۆتمەيتتى([30]).
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇھەممەد ئىبنى زىياد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىۋاتاتتىم. ئۇ مۇسۇلمان ياكى خىرىستىيان بولسۇن، كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ئۇچرىغانلا كىشىگە سالامۇن ئەلەيكۇم! سالامۇن ئەلەيكۇم! سالامۇن ئەلەيكۇم! دەپ سالام قىلىۋەردى. ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بارغىنىمىزدا، ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ: ئى جىيەنىم! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان، دېدى([31]).
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمسەپەر بولغان كاپىرلاردىن ئايرىلغىنىدا ئۇلارغا سالام قىلغان. ئۇنىڭدىن: ئاۋۇ كاپىرلارغا سالام قىلامدىلا؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ھەئە، ماڭا ھەمراھ بولغان ئىدى. ھەمراھ بولغاننىڭ ھەققى بار، دېگەن([32]).
يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇددەردا، فەزالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مۇشرىكلارغىمۇ ئالدىن سالام قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان([33]).
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئۈچ خىسلەت بار. كىمكى ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرسە، ئىماننى تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇلار: ئۆزىگە قارشى ئادىل بولۇش، جىمى ئادەمگە سالام بېرىش، يوقسۇل تۇرۇقلۇق سېخى بولۇش([34]).
مانا بۇ ئىسلامنىڭ كەڭ قانات يايدۇرماقچى بولغان گۈزەل ئەدەب – ئەخلاقى. سالام قىلىش ئۇرۇش، دۈشمەنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان تەقدىردە، ئامانلىقنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ ۋە نىيەتنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، سالاملىشىشنى مۇسۇلمانلار ئارا قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا، باشقىلارغىمۇ ئىسلام ئەدەپ – ئەخلاقىنى كەڭ يېيىش چەكلەنمەيدۇ.
بۇ نۇقتىنى ئىخچاملىساق، كاپىرلارغا سالام قىلىش جائىز ۋە مۇستەھەب. بۇنىڭدىن ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كاپىرلا مۇستەسنا. شۇڭا، ھەركىم مۇئامىلە قىلىشتا كاپىرنىڭ ئەھۋالىغا، تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئادىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ. مۇسۇلمانچە سالامغا ئادەتلەنمىگەن جايلاردا، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئورنىغا «تىنچلىقمۇ؟» دېگەندەك ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىمام ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئۇنىڭدىن كاپىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا سالام قىلغان مۇسۇلمان كىشى ھەققىدە سورالغىنىدا، ئۇ: «سالام قىلساڭ سەندىن ئىلگىرىكى سالىھلارمۇ سالام قىلغان. سالام قىلمىساڭ، سەندىن ئىلگىرىكى سالىھلارمۇ سالام قىلمىغان» دەپ جاۋاب بەرگەن([35]).
سوئالنىڭ كېيىنكى قىسمىغا كەلسەك، ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانايدىغان، لېكىن مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئازغۇن ئېتىقاد تارقىتىدىغان، ياكى چوڭ گۇناھلارنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىپ تەۋبە قىلمايدىغان، نامازمۇ ئوقۇمايدىغان، پاسىق، شۇنداقلا كاززاپ، زالىم، مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان خىيانەتكار، نائەھلىي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەر بىلەن سالام – سەھەت قىلىشماسلىق ئۇلارغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قىلمىشىنىڭ يامانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئەدەپلەش جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە مۇستەھەپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مەدىنىدىكى بارلىق ساھابىلەر تەبۇك غازىتىغا سەۋەبسىز چىقمىغان ئۈچ ساھابىگە 50 كۈنگىچە سالام – سەھەت، گەپ – سۆز قىلمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھاراقكەشلەرگە سالام قىلماڭلار!» دېگەن. ئەلۋەتتە، ھەر شەخسنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يەڭگىللىكىگە، تەۋبە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراپ سالام – سەھەت قىلىش ياكى قىلماسلىق، شۇنداقلا، قانچىلىك مۇددەت سالام قىلماسلىق ئوخشاش دەرىجىدە بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر سالام قىلىپ تۇرۇۋالسىمۇ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرۇشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ([36]).
ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كاپىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ھەققىدە ئايرىم كۆرسەتمە كەلمىگەن. لېكىن، بۇمۇ سالاملىشىشقا تەۋە مەسىلىلەردىن بولغاچقا، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ سالاملىشىشقا ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنىڭغا قول ئۇزۇتۇشنى مەكروھ، لېكىن ئۇ مۇسۇلمانغا قولىنى ئۇزاتسا كۆرۈشسە جائىز، دەپ قارايدۇ. شۇنداقتىمۇ قۇلۇم – قوشنا قاتارلىق قولىنى ئۇزاتمىسا رەنجىپ قالىدىغان بەزى ئەھۋاللاردا ئۇزاتسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ([37]).
خۇلاسە قىلغاندا، كاپىرلار بىلەن قول ئېلىشىشتا ھەر كىشى دۇچ كەلگەن شارائىت ۋە ئالدىدىكى شەخسنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئىش تۇتۇش مۇناسىپ. مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى يوق، ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولغان كاپىر تۇغقىنى، ياكى قوشنىسى، ياكى ساۋاقدىشى، ياكى خىزمەتدىشى، ياكى باشلىقى، ياكى ئىسلامغا دەۋەت قىلماقچى بولغان كاپىرغا قول ئۇزاتسا جائىز. بۇنى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل يوق. جانابى ئاللاھنىڭ: [سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ]([38]) دېگەن ئايىتىمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشمۇ دۇنيادىكى جىمى مىللەت ۋە جەمئىيەتلەردە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل مۇئامىلە قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە چىرايلىق ئەدەب – ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن!» دېگەن([39]).
ئەمما مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى بارلارغا، قول ئۇزاتسا مۇسۇلمانغا خورلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان ئەھۋاللاردا، قول ئۇزاتماسلىق كېرەك. كاپىر قول ئۇزاتسا قول ئېلىشىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2019. 1. 3
————————————
([1]) «شرح النووي على صحيح مسلم»، 12/158.
([2]) «بۇخارى»، 5663 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1798 – ھەدىس. ھەدىس ئىخچاملاپ ئېلىندى.
([3]) «نىسا» سۈرىسى، 86 – ئايەت.
([4]) «سام» دېگەن ئۆلۈم مەنىسىدە، «سالام» دېگەن ئامانلىق مەنىسىدە كېلىدۇ. ئەمما تەلەپپۇز جەھەتتىن «سام» بىلەن «سالام» بىر – بىرىگە يېقىن.
([5]) «بۇخارىي»، 6024 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 2165 – ھەدىس.
([6]) «أحكام أهل الذمة»، 1/425.
([7]) «الآداب الشرعية»، 1/390.
([8]) «الأذكار»، 1/199. «المجموع»، 4/507. «زاد المعاد»، 2/425. «المغني»، 9/290. «الفواكه الدواني»، 2/425. «سبل السلام»، 4/68. «بدائع الصنائع»، 5/128. «حاشية ابن عابدين»، 6/412. «نيل الأوطار»، 8/226.
([9]) «مۇسلىم»، 2167 – ھەدىس.
([10]) «مۇسلىم»، 2167 – ھەدىس. «الجرح والتعديل»، لابن أبي حاتم 4/246 . «تاريخ الإسلام»، 8/449. «تقريب التهذيب»، 1/259 برقم 2675. «الكامل في الضعفاء»، 3/448.
([11]) «الكامل في الضعفاء»، 3/449.
([12]) «شرح معاني الآثار»، 4/341. ئىمام تاھاۋىي: «ھەسەن» دېگەن.
([13]) «الأدب المفرد»، 1/377. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([14]) بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنمەكچى بولغانلار بۇ ماقالىگە قارىسۇن: «الإعلام بدراسة حديث: لا تبدؤوا المشركين بالسلام» للدكتور حاكم المطيري.
([15]) «الأدب المفرد»، 1/377. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. «مسائل الإمام أحمد وإسحاق بن راهويه»، 1/87. «أحكام أهل الذمة»، 3/1326. «زاد المعاد»، 2/338. «تفسير المنار»، 5/257.
([16]) «مۇمتەھىنە» سۈرىسى، 8 – ئايەت.
([17]) «نۇر» سۈرىسى، 27 – ئايەت.
([18]) «نىسا» سۈرىسى، 86 – ئايەت.
([19]) «مەريەم» سۈرىسى، 47 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([20]) «قەسەس» سۈرىسى، 55 – ئايەت.
([21]) «زۇخرۇف» سۈرىسى، 89 – ئايەت.
([22]) «فۇرقان» سۈرىسى، 63 – ئايەت.
([23]) «بەقەرە» سۈرىسى، 83 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([24]) «تفسير القرطبي»، 11/112. «تفسير المنار»، 5/257.
([25]) «بۇخارىي»، 12 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 39 – ھەدىس.
([26]) «بۇخارىي»، 5175 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 2066 – ھەدىس. قىسقارتىپ ئېلىندى.
([27]) «تىرمىزىي»، 1855 – ھەدىس. سەھىھ.
([28]) يەنى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىلا بويى ئاتمىش گەز قىلىپ ياراتقان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى بولسا، ئابى مەنى، ئويۇل قان، بىر چىشلەم گۆشتىن ياراتقان ۋە بوۋاقلىق، سەبىيلىك … قاتارلىق بىر نەچچە باسقۇچتىن كېيىن چوڭ ئىنسان قىلغان. «عمدة القاري»، 22/229.
([29]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6227 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2841 – ھەدىس.
([30]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/249. برقم. 25751. ئىمام بۇسەيرىي: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
([31]) «شعب الإيمان»، 6/425 برقم. 8752. سەنەدى سەھىھ.
([32]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/259. برقم. 25865. «شعب الإيمان»، 6/425 برقم. 6/463. برقم: 8909. سەنەدى سەھىھ.
([33]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/249. برقم. 25752. سەنەدى ھەسەن.
([34]) «بۇخارىي»، «سالامنى قانات يايدۇرۇش ئىسلامدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا» دېگەن باب. سەنەدى سەھىھ. «عمدة القاري»، 1/197.
([35]) «تفسير القرطبي»، 11/112.
([36]) «عمدة القاري»، 32/484. «المجموع»، 4/507. «الذخيرة»، 13/291. «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 25/167. «حاشية ابن عابدين»، 6/415. «غذاء الألباب»، 1/ 276.
([37]) «الفتاوى الهندية»، 5/348. «حاشية ابن عابدين»، 6/412، «المجموع»، 19/415، «كشاف القناع»، 3/129.
([38]) «مۇمتەھىنە» سۈرىسى، 8 – ئايەت.
([39]) «تىرمىزىي»، 1987 – ھەدىس. ئىمام تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
Please follow and like us: