شەھۋانىي تۈس ئالغان سۈرەت ۋە فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شەھۋانىي تۈس ئالغان سۈرەت ۋە شەھۋانىي تۈس ئالغان فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنداق ئەھۋالدا، زىناغا ئوخشاش گۇناھ شەكىللىنەمدۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئايال ياكى ئەرنىڭ ئەۋرىتىنىڭ ئېچىلىشى ئىنسان تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىش بولغاچقا، ئادەم بىلەن ھاۋا ئانىمىز چەكلەنگەن دەرەختىن يەپ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالغان چاغدا ئۇنى دەرھال يۆگىۋالغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن].([1])

[يەنە مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن].([2])

بۇنىڭغا ئاساسەن يېرىم – يالىڭاچ، شەھۋانىي تۈس ئالغان سۈرەت ۋە فىلىملەرنى كۆرۈش شەرئى جەھەتتىن ھارام. مۇسۇلمان كىشى بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن قەتئىي يىراق تۇرۇشى لازىم.

بۇنداق سۈرەت، فىلىملەرنى كۆرۈش دىلنى قارايتىپ، غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە، كىشى ئېغىر گۇناھلارنى قىلىپ سالىدۇ. تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ئەجرىنى يەپ تۈگىتىۋېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆز – قۇلاقلىرى قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇ:

[كۆز، قۇلاق ۋە دىل بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن مەسئۇلدۇر].([3])

يەنە بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئاخىرى زىناغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. زىناغا مۇقەددىمە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن.

[يەنە زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، نېمىدېگەن يامان يولدۇر].([4])

بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا پسىخىكا جەھەتتىن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن شۇنداقلا سەھىيە جەھەتتىن نۇرغۇن زىيانلىرى بار.

دىندار كىشى بۇلارنى كۆرسە ئارقىدىنلا گۇناھ ھېس قىلىپ ۋىجدانىي ئازابقا قالىدۇ، نەتىجىدە، پۈتۈن ئىشلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، تۇرمۇشىدا شەيتانغا يول ئېچىلىدۇ.

ئەگەر بۇلارغا خۇمار بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ خۇمار ئاق زەھەرگە خۇمار بولغاندىنمۇ يامانراق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇنى كىشىلەر ئاق زەھەردەك خەتەرلىك دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا چارە ئىزدەشتە ئاق زەھەرگە چارە ئىزدىگەندەك كۈچەپ كەتمەيدۇ.

شەھۋانىي سۈرەتلەر ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىدە مەلۇم تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ. قارىغان كىشىنىڭ شەھۋىتىنى قوزغاپ، پىتنە – پاساتقا سالىدۇ. شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالسا بەزى ئاياللارغا ئەرلىرى يارىماي خېتىنى ئالىدىغان، ئەرلەرگە خوتۇنلىرى يارىماي تالىقىنى بېرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى ئايال كىشى بىلەن يالىڭاچ قۇچاقلاشمىسۇن، بولمىسا، ئۇنى ئېرىگە سۈپەتلەپ بېرىپ كۆرگەندەك قىلىپ قويىدۇ.» دېگەن.([5])

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايال كىشىنى باشقا بىر ئايالنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈشتىن توسقان. كۆرسە كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ھۆسن – جامالىنى ئېرىگە سۈپەتلەپ بەرسە، ئېرى ئۇ ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەرنىڭ خىيال قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش، ئەگەر ئۇنداق سۈپەتلەپ بەرمەي ئۇ ئايالنى بىۋاسىتە يالىڭاچ ھالەتتە كۆرسە قانداق بولماقچى؟

بىر ئايالنىڭ ھۆسنىنى خىيالىدا ئويلاشتىن بۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدىغان بولسا، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت تېخىمۇ ئېغىر ھەم خەتەرلىك بولماسمۇ؟

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىرەر ئالىممۇ ئىجتىھاد قىلىپ بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشنى جائىز دەپ باققىنى يوق، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قاراشنىڭ ھاراملىقىدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

ئەۋرەتتىن باشقا ئەزالارنىڭ زىناسى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان مۇنۇ سۆزىدىكىدىنمۇ كىچىك گۇناھلارغا ئوخشايدىغان نەرسىنى كۆرمىدىم، ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، مەسىلەن، كۆزنىڭ زىناسى قارىماقتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. ئىنساننىڭ نەپسى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى راستقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ».([6])

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، مەسىلەن، كۆزنىڭ زىناسى قارىماقتۇر، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى بېرىشتۇر، دىل بولسا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى روياپقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ».([7])

«بۇ ھەدىستىكى «كىچىك گۇناھلار» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ: [بۇلار شۇنداق كىشىلەركى، كىچىك گۇناھلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ۋە قەبىھلىرىدىن ساقلىنىدىغانلاردۇر، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر]([8]) دېگەن سۆزىدىكى كىچىك گۇناھلارنىڭ تەپسىرى بولۇپ، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: كىچىك گۇناھلاردىن باشقا گۇناھلاردىن ساقلىنىدىغانلارغا كىچىك گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېگەنلىك. بۇ مەزمۇن ماۋۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشايدۇ: [ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنىۋاتقان گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، سىلەردىن گۇناھلىرىڭلارنى يۇيۇۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا كىرگۈزىمىز].([9]) دېمەك، بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى، چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش كىچىك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، بۇ كىچىك گۇناھلارنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىستە قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىقلار بىلەن شەرھلىگەن».([10])

بۇ ئايەت – ھەدىسلەردىكى «كىچىك گۇناھ» دېگەن گۇناھلار باشقا چوڭ گۇناھلارغا نىسبەتەن كىچىك بولغىنى بىلەن بۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئى ئائىشە! كۆزگە ئىلمايدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭ، چۈنكى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بار» دېگەن.([11])

ئىمام غەززالىي دەيدۇ: «دىلنىڭ قارىيىپ كېتىشىدە كىچىك گۇناھلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ رولى زور، بۇ خۇددى سۇ تامچىلىرى تاش ئۈستىگە توختىماي چۈشۈپ تۇرغىنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سۇ تامچىلىرى يۇمشاق بولغىنىغا قارىماي قاتتىق تاشتا ئورا پەيدا قىلىۋېتىدۇ».([12])

ئەمدى بۇ نامەھرەمگە قاراش كىچىك گۇناھ بولغىنى بىلەن باشقىلار زىنا قىلىۋاتقان ئەھۋالنى كۆرۈش ئۇنىڭدىن چوڭراق گۇناھ بولۇشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا، بۇنداق گۇناھلارغا سەل قارىماسلىق، قةتئىي يىراق تۇرۇش، قىلىپ سالغان ئەھۋالدا دەرھال تەۋبە قىلىپ تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش لازىم.

ياشلار ئىمكانىيىتى بولسىلا بۇرۇنراق توي قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم، كېچىككەن ئەھۋالدا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەردىن يىراق تۇرۇش، پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش، تەنتەربىيە قىلىش، نامازلارنى ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ خۇشۇ بىلەن ئوقۇشقا تېرىشىش، ياخشى دوستلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ ئۆزئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، روزا تۇتۇپ شەھۋىتىنى كېسىشى لازىم.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن بەكراق ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى، روزا شەھۋىتىنى كېسىدۇ».([13])

بۇنداق سۈرەت، فىلىملەرنى كۆرۈش ھارام بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى بۇلارنى ئىشلەش، سېتىش ۋە تارقىتىشمۇ ھارام بولىدۇ. بەلكى، تېخى بۇنداق قىلمىشلار چوڭ گۇناھلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

[ئىمان ئېيتقانلار ئارىسىدا يامان سۆز ۋە قىلىقلارنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب باردۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ شەپقەتلىك، ناھايىتى مېھرىبان بولمىسا ئىدى، – سىلەرنى قاتتىق جازالىغان بولاتتى].([14])

دېمەك، پاك مۆمىنلەر ئارىسىدا زىنا – پاھىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەخلاقسىزلىقلارنى يايىدىغان، تارقىتىدىغان دى ۋى دىچىلار، تورخانىچىلار ۋە شۇلارغا ئوخشىغانلار ناۋادا بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا تارقاتسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى كۆچلەندۈرگەي، ئەيىب – نۇقسانلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە تۇيدۇرۇپ قويغاي! بىزدىن ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارنى يىراق قىلغاي! چوڭ – كىچىك مەئسىيەتلەردىن ساقلىغاي! قىلمىشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەي! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 6 – 24

———————–
([1]) «نۇر» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([2]) «نۇر» سۈرىسى، 31 – ئايەت.
([3]) «ئىسرا» سۈرىسى، 36 – ئايەت.
([4]) «ئىسرا» سۈرىسى، 32 – ئايەت.
([5]) «بۇخارى»، 5240 – ھەدىس.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 6243 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2657 – ھەدىس.
([7]) «مۇسلىم»، 2657 – ھەدىس.
([8]) «نەجم» سۈرىسى، 32 – ئايەت.
([9]) «نىسا» سۈرىسى، 31 – ئايەت.
([10]) «شرح صحيح مسلم»، 16/205.
([11]) «مسند أحمد»، 24460 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە» 4243 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([12]) «فيض القدير»، 3/128.
([13]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1905 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1400 – ھەدىس.
([14]) «نۇر» سۈرىسى، 19 – 20 – ئايەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز