سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئون ئالتە مو يەرنى ئانىسى، ئىككى ئوغلى، تۆت قىزى بۆلۈشمەكچى، قانچە مودىن تېگىدۇ؟ بۆلۈپ بەرگەن بولساڭلار، قېيىن ئاتام ھايات ۋاقتىدا شۇ يەردىن باشقا ئۆي، زېمىنلارنى بۆلۈۋەتكەن، ھازىر قالغىنى 16.3 مو يەر ئىدى. ئائىلىنىڭ كىرىم ئەھۋالىغا كەلسەك، بۇرۇن ئاشۇ 16.3 مو يەرنىڭ ئىجارىسى ۋە باشقا 4 مو يەرنىڭ كىرىمى بىلەن كۈن ئالاتتى، ئۇ 4 مو يەر ئانىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغۇلنىڭ كەنتتىن بەرگەن يېمەك يېرى.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
سوئالدا كەلگىنىدەك مېيىت ھايات ۋاقتىدا زېمىندىن باشقا مال – مۈلكىنى پەرزەنتلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتكەن بولسا، بۇ تەقسىمات بېرىۋەتكەن ھەدىيە ھېسابىدا كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا مال – مۈلۈك بولمىسا، ئاشۇ 16.3 مو يەر مىراس ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:
1. مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، مېيىتنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى ئاللاھ بەلگىلىۋەتكەن پەرز بويىچە تېگىدۇ. يەنى، 2 مو 7 پۇڭ 1 لى.
2. مىراستىن ئانا نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان 13.59 مو يەرنىڭ ھەممىنى پەرزەنتلەر ئۆزئارا بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ نېسىۋىسى بويىچە ئۈلۈشۈپ ئالىدۇ. يەنى، ھەر بىر قىزغا: 1.69 مودىن، ھەر بىر ئوغۇلغا 3.39 مودىن تېگىدۇ.
ئەگەر ئەھۋال سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا شۇنداق. سوئالدا ئايالى بار يوقلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەگەر ئايالى بولسا ئايالىغا سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ.
ئەمدى ئانىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغلىغا كەنتتىن بەرگەن تۆت مو يېمەك يېرىگە كەلسەك، مېنىڭچە، بۇمۇ شۇ ئائىلىنىڭ ئاتا تەسەررۇپ قىلىدىغان مۈلكى ھېسابىدا مىراس يەر قاتارىدا تەقسىم قىلىنىشى مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇنداق يەرنى ئادەتتە، شۇ ئائىلىنىڭ بېشى بولغان ئاتا ياكى ئەر ئۆز ئىقتىسادى قاتارىدا ئىشلىتىدۇ.
ئەگەر شۇ يۇرتتا بۇنداق زېمىننى كەنت كىمنىڭ نامىدا بەرگەن بولسا شۇ كىشى ئۆزىنىڭ مۈلكى ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەت بولسا، ئاندىن بۇ تۆت مو زېمىن مىراس قاتارىدا تەقسىم قىلىنمىسا بولىدۇ.
ھەرھالدا بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆزقاراش ئوخشاش چىقماي قالسا، مىراسخورلار ئۆزئارا سۈلھى قىلىشىپ رازى بولۇشۇپ كەتسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 6. 5
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 133 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
Please follow and like us: