ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرىگە زاكات بېرىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرىگە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالىملار ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ دەپ بىرقانچە كۆزقاراشلاردا بولغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش بايلىق ئۆلچىمىگە (85 گرام ئالتۇنغا) يەتسە، بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن زاكات بېرىشى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.(1)

بۇ قاراش يەنە ھەزرىتى ئائىشە، ئۆمەر، ئوغلى ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ قارىشىدۇر. شۇنداقلا ھەزرىتى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب، سەئىيد ئىبنى جۇبەير، ئەتا، مۇجاھىد، ئەززۇھرى، ئەسسەۋرى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئىمام ئەۋزائى، ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بىر تۈركۈم تابىئىن ۋە مۇجتەھىدلەردىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.(2)

بۇ ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ كەلگەن بىر قاراشتۇر.(3)

بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلانغان دەلىللىرى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئالتۇندا زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە كەلگەن دەلىللەرنىڭ ئومۇملۇقىدۇر، يەنە زىبۇ – زىننەتكە خاس كەلگەن بەزى ھەدىسلەردۇر. ئومۇم كەلگەن دەلىللەردىن مەسىلەن:

[ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقىنىڭلار، يىغقىنىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ].(4)

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەش ئۇقيە(5) دىن تۆۋەن (كۈمۈش)گە زاكات يوق، بەش تۆگىدىن ئاز مالغا زاكات يوق، بەش ۋەسەقكە (6)يەتمىگەن ھوسۇلدا (ئۆشرە) زاكات يوق».(7)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل – مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل – مېلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى جاۋغىيىدا كۆپۈك ئۆرلەپ تۇرغان بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى قاماپ تۇرۇپ: «مەن سېنىڭ پۇل – مېلىڭ، مەن سېنىڭ يىغقان دەپىنە – دۇنيايىڭ» دەيدۇ» دېدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: [ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا بەرگەننى سەرپ قىلماي بېخىللىق قىلىدىغانلار ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەكسىچە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر، ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر، قىلىدىغان بارلىق ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ خەۋەرداردۇر ].(8)

يەنە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «بىرەر خەزىنىنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خەزىنە زەھىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بېشىنىڭ قاسرىقى چۈشۈپ كەتكەن ئەركەك يىلانغا ئايلىنىپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ئۇنى قوغلايدۇ، ئۇ قاچىدۇ، يىلان: «كۆمۈپ قويغان خەزىنەڭنى ئېلىۋال، ماڭا كېرەك ئەمەس» دەپ توۋلايدۇ. خەزىنىنىڭ ئىگىسى يىلاندىن قۇتۇلالماي، قولىنى يىلاننىڭ ئاغزىغا تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭ قولىنى خۇددى ھايۋان چۆپنى پاراسلىتىپ چاينىغاندەك چاينايدۇ».(9)

زىبۇ – زىننەتكە خاس كەلگەن دەلىللەردىن مەسىلەن،

ئىككى ئايال كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللىرىدا ئالتۇن بىلەزۈك بار ھالەتتە كەلگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

_ جانابى ئاللاھ سىلەرگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن بىلەزۈك سېلىشىنى ياقتۇرامسىلەر؟ _ دەپ سورىغان، ئۇلار:

_ ياق_ دېگەندىن كېيىن ئۇلارغا:

_ ئۇنداقتا قوللىرىڭلاردىكى بۇ ئالتۇننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار _ دېگەن.(10)

ئابدۇللاھ ئىبنى شەدداد ئىبنى ئەلھاد مۇنداق دېگەن: بىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭكىگە كىرگەن ئىدۇق، ئۇ مۇنداق سۆزلەپ بەردى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمغا كىرىپ، قولۇمدىكى چوڭ – چوڭ كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى كۆرۈپ:

_ ئى ئائىشە! بۇ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۇلارنى ئۆزلىرىگە زىننەتلىنىش ئۈچۈن ياساتتىم، دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

_ بۇلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلامسىز؟ دەپ سورىدى، مەن:

_ ياق (ياكى شۇنداقراق بىر سۆز) _ دېسەم:

_ ئوتتىن بۇ سىزگە يېتەرلىك، – دېدى.(11)

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئالتۇندىن زىبۇ – زىننەت تاقىۋالغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھتىن:

_ يارەسۇلەللاھ! بۇ سەرپ قىلماي توپلىۋالغان بايلىق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

_ زاكات بېرىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ زاكىتى بېرىلگەن بولسا سەرپ قىلماي توپلىۋالغان بايلىق بولمايدۇ _ دېدى.(12)

ئەسما بىنتى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاممام بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىغا كىرگەن ئىدىم، ھاممامنىڭ قولىدا ئالتۇن بىلەزۈكلەر بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

_ ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرەمسىلەر؟ دەپ سورىۋىدى، بىز:

_ ياق _ دېسەك، رەسۇلۇللاھ:

_ ئاللاھ سىلەرگە ئوتتىن بىلەزۈك سېلىپ قويۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار _ دېدى».(13)

باشقا بىر تۈركۈم ئالىملار زاكات كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. مەسىلەن:

ئىمام مالىك ھەزرەتلىرى زىبۇ – زىننەتنى تىجارەتكە ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياكى قىزىمنى چىقارغاندا ئىشلىتەرمەن دەپ ئەمەس، ئۆزى ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا نەقەدەر كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ زاكات بېرىش ۋاجىپ ئەمەس، دەپ قارىغان.(14)

ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ سەھىھرەكىدە ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرى ئىسراپ دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ھالەتتە نورمال بولۇپ، ئۇنى ئايال كىشى ئۆزى سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىش ۋاجىپ ئەمەس دەپ، يۇقىرىقىدەك ھەدىسلەرنى ئىسراپ قىلغان ئەھۋاللاردا كەلگەن، دەپ قارىغان.(15)

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئىشلىتىشكە تەييارلانغان زىبۇ – زىننەتكە زاكات كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان.(16)

بۇ قاراش جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان، شۇنداقلا شەئىبى، ھەسەن بەسرى، قەتادە، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ئەبۇ سەۋر ۋە ئەبۇ ئۇبەيد قاتارلىق تابىئىين ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىمام شەۋكانى، ئىمام قەرداۋى قاتارلىق بەزى ئالىملار مۇشۇ قاراشنى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك دەپ تەرجىھ قىلغان.(17)

بۇ قاراشنىڭ دەلىلى: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زىبۇ – زىننەتتە زاكات يوق» دېگەن. لېكىن، بۇ ھەدىسنى ھەدىسشۇناسلار: «باتىل، ئەسلى يوق» دېگەن.(18)

ئىمام بەيھەقى رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاياللارنىڭ زىبۇ – زىننەتلىرىگە زاكات بېرىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغان، ئۇ: «ياق» دېگەن، بەزىلەر ئۇنىڭدىن: مىڭ تىللاغا يەتسىمۇ زاكات كەلمەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى جابىر: «ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ زاكات كەلمەيدۇ» دېگەن.(19)

يەنە ئىمام بەيھەقىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما خېنىم قىزلىرىغا ئەللىك مىڭ تىللاغا يېقىن ئالتۇن بىلەن زىبۇ – زىننەت ئېلىپ ئۇلارنى بېزىگەن، ئۇنىڭغا زاكات بەرمىگەن.(20)

يەنە ئىمام مالىك رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاكىسىنىڭ يېتىم قىزلىرىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرى بار ئىدى، ھەزرىتى ئائىشە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىگە زاكات بەرمىگەن.(21)

دېمەك، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكىدە، شۇنداقلا سەھىھ بولغان تەقدىردە، نېمىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىدا ئالىملار بىرلىككە كېلەلمىگەن. ئېنىق ۋە سەھىھ ھەدىس كەلمىگەنلىكتىن ساھابىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا قاراپ ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.(22)

مېنىڭچە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن، ئەڭ خاتىرجەم قاراش بولۇپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان تەقدىردە، ھېچقانداق مالامەتكە دۇچار قالمايدۇ. ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن شەيخ بىننى باز، شەيخ ئۇسەيمىن ۋە بىننى جىبرىن قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتماقتا.(23)

ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى دەلىللەرنى مۇۋاپىق جەملەشتە ئەڭ ئوتتۇرا قاراش دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاياللارنىڭ نورمال زىننەتلىرىگە زاكات كەلمەيدۇ دېيىش بىلەن بىرگە ئىسراپ قىلىشنى، ئالتۇننى بېسىپ يېتىۋېلىشنى چەكلەيدۇ. ھازىرقى ئالىملار مۇشۇ قاراشنى تاللاپ پەتىۋا بەرمەكتە. پېقىرمۇ ئىلگىرى مۇشۇ قاراش بويىچە پەتىۋا بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، كېيىنكى يىللاردا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىنى كۈچلۈك دەپ قاراپ زاكات كېلىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىدىغان بولدۇم.

چۈنكى، زاكات كېلىدۇ دەپ قارىغان ئالىملار دەلىل قىلغان ئومۇم دەلىللەر بىلەن بىرگە ئۇلار دەلىل قىلغان خاس ھەدىسلەرنى مۆتىۋەر ھەدىسشۇناس ئىماملار سەھىھ ۋە ھەسەن دەپ باھالىغان. قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ بىرەر سەھىھ ھەدىستىن دەلىلى بولماستىن، پەقەتلا ساھابىلارنىڭ قاراشلىرىغا تايانغان، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ساھابىلار بۇ مەسىلىدە ئىككى قاراشتا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قارىشى بۇ مەسىلىنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساس بولالمايدۇ. قارشى تەرەپتىكىلەر قىياستىن دەلىل كەلتۈرگەن بولسىمۇ يۇقىرىقى سەھىھ ۋە ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ قىياسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 4. 7

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 85 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————————————–
1. «الهداية وفتح القدير»، 2/216 – 217 – بەتلەر. «بدائع الصنائع»، 2/17.
2. «الأموال»، ئەبۇ ئۇبەيد 1/537 – 539 – بەتلەر. «بداية المجتهد»، 1/183 «المغني»، 2/322 «المجموع»، 6/24 «سبل السلام» 2/135 – 136 – بەتلەر. «المحلى»، 6/80.
3. «الأم»، 2/41 «المجموع»، 6/24 «المغني»، 2/322.
4. «تەۋبە» سۈرىسى، 34 – 35 – ئايەتلەر.
5. بىر ئوقيە قىرىق دىرھەمگە (تەڭگىگە) توغرا كېلىدۇ، بىر تەڭگە ھازىرقى ئۆلچەمدە 2,975 گرامغا تەڭ كېلىدۇ. دېمەك، بەش ئوقيە ئىككى يۈز تەڭگىگە يەنى، 595 گرامغا باراۋەردۇر.
6. بىر ۋەسەق: 122.5 كىلوگرامغا باراۋەر. بەش ۋەسەق 612.5 كىلوگرامغا باراۋەردۇر.
7. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1405 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 979 – ھەدىس.
8. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 180 – ئايەت. «بۇخارى»، 1403 – ھەدىس.
9. «مۇسلىم»، 988 – ھەدىس.
10. «مسند أحمد»، 6901 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد»، 1563 – ھەدىس. «نەسائى»، 2258 – ھەدىس. يەھيا ئىبنى قەتتان: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋى: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. «نصب الراية»، 2/369 «المجموع»، 6/25.
11. «ئەبۇ داۋۇد»، 1565 – ھەدىس. «المستدرك»، 1437 – ھەدىس. ھاكىم ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملار: «بۇ ھەدىس سەھىھ شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن. «نصب الراية»، 2/371 «تلخيص الحبير»،  1/178.
12. «ئەبۇ داۋۇد»، 1564 – ھەدىس. «المستدرك»، 1438 – ھەدىس. ھاكىم: «بۇ ھەدىس سەھىھ شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن. يەھيا ئىبنى ئەلقەتتان بىلەن موللا ئەلى قارىلار: «سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋى: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. «نصب الراية»، 2/371 «المجموع»، 6/26 «المرقات»، 4/277.
13. «مسند أحمد»، 27655 – ھەدىس. «المعجم الكبير » تەبەرانى 431 – ھەدىس. مۇنزىرى بىلەن ھەيسەمى قاتارلىق ئالىملار: «ئىسنادى ھەسەن»دېگەن. «الترغيب والترهيب» 2/115 «مجمع الزوائد» 3/67.
14. «المدونة»، 2/254 «القوانين الفقهية»، 1/69.
15.«الحاوي الكبير»، 3/272 «المجموع»، 6/29.
16. «المغني»، 2/322.
17. «السيل الجرار»، 2/21. «فقه الزكاة»، 1/317 – 330.
18. «نصب الراية»، 2/374 «إرواء الغليل»، 3/294.
19. «السنن الكبرى» بەيھەقى 4/138 – بەت. 7330 – نومۇر.
20. «السنن الكبرى» بەيھەقى 4/138 – بەت. 7333 – نومۇر.
21. «موطأ» 586 – نومۇر.
22. «بداية المجتهد»، 1/183 «المحلى»، 6/80.
23. »فتاوى النساء» 8 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز