تۇرمۇش ماشىنىسى بىلەن تىجارەت ماشىنىلىرىغا زاكات كېلەمدۇ؟

تۇرمۇش ماشىنىسى بىلەن تىجارەت ماشىنىلىرىغا زاكات كېلەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش ماشىنىلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بۇ ماشىنىلارغا زاكات كېلەمدۇ؟ ئۇ ماشىنا قىممەت بولسۇن ياكى ئەرزان بولسۇن ئوخشاشمۇ؟ تىجارەت ماشىنىلىرى بولسىچۇ؟ ئۇنىڭ تاپقان پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ ياكى ئۆزىگىمۇ قوشۇپ زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئەرزان بولسۇن، قىممەت بولسۇن ئۆزى تۇرمۇشىغا ياكى تىجارەت ئىشلىرىغا ياكى كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا زاكات كەلمەيدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ (مىنىدىغان) ئېتى بىلەن (خىزمەت قىلىدىغان) قۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ».(1)

ماشىنا ئېلىپ ساتىدىغان تىجارەتچى بولسا، قولىدىكى ماشىنىلارنىڭ بازاردىكى سېتىش قىممىتىنى ھېسابلاپ، ماشىنىلارنىڭ پۇلىنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ %2.5 مىقداردا زاكات بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ماشىنىلار تىجارەت تاۋارلىرى ھېسابلىنىدۇ.

كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنىنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. ساپ كىرىمىگە %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 5

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 82 – نومۇرلۇق پەتۋا.
—————————————————
1. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1463 – ھەدىس، «مۇسلىم»، 982 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ