باھائۇددىن بەگ مارالبېشى

باھائۇددىن بەگ مارالبېشى

(ھ. 1311 – 1358 / م. 1893 – 1939)

 

نەسىرۇددىن ئوغلى باھائۇددىن بەگ ھىجرىيە 1311 (م. 1893) – يىلى تۇمشۇقتا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدىلا ئوقۇش – يېزىشنى پۇختا ئۆگەنگەن باھائۇددىن بەگ ئىنقىلابتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە خىزمەت قىلغان. ھىجرىيە 1341 – يىلى ئانا يۇرتى ھېسابلىنىدىغان، مارالبېشىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى مۇنبەت زېمىن بولغان تۇمشۇق دېگەن يۇرتنىڭ بېگى بولغان. ئۇ ئىسلام ئىنقىلابىغا قاتناشقان. قول ئىلىكىدە بار كىشى بولغاچقا، بۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان. ئۇ تا گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىي ھىجرىيە 1357 – يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن نوپۇزىنى جەنۇب تەرەپلەرگىچە كېڭەيتكەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق چىن ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى 1358 – يىلى تۈرمىگە قامىغان ۋاقىتقىچە قوزغىلاڭ رەھبەرلىكىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ۋەتەن ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان. كېيىن ئۇ تۈرمىدە قەتلى قىلىۋېتىلگەن.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ