شەيخ توختى ئاخۇنلۇقۇم پېشقەدەم

شەيخ توختى ئاخۇنلۇقۇم پېشقەدەم

(ھ. 1287– 1379/ م. 1870 – 1959)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى توختى بارات بەكرى بولۇپ، ھىجرىيە 1287 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زاۋا دېگەن يېرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا يېتىم قالغان بولۇپ، ئانا تەرەپ تاغىسى يۈسۈف ئاخۇنۇمنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. تاغىسى يۈسۈف ئاخۇنۇم ئەھلى ئىلىملەردىن بولغاچقا، ئۇنى ياخشى تەربىيەلىگەن ۋە ئېغىزىغا ئىلىم سالغان، ئەخلاق ئۆگەتكەن. شەيخ توختى ئاخۇنلۇقۇم ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىگە قەدەم قويا – قويمايلا تاغىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپىسىنىڭ قېشىغا يەنى ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان. ئۆگەي دادىسى ئېسىل ئادەم ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرالىغان.

ئۇ بىر مەزگىل خوتەندە ئوقۇپ ئاندىن يەركەند، قەشقەر تەرەپلەرگە ئۆتۈپ تاكى ھىجرىيە 1321 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملىغىچە بۇ جايلاردا ئىلىم ئالغان. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى زاۋىغا قايتقان ۋە 10 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ بىلىمىنىڭ موللىقى، تەقۋادارلىقى بىلەن يۇرت خەلقى ئارىسىدا تونۇلغان. كېيىن ئۇنى ئىلچى ئاھالىسى يۇرتىغا كېلىپ شەرئىي سوت مەھكىمەسىدە ياردەمچى سوتچىلىق ئورنىغا تەڭ كېلىدىغان 4 – دەرىجىلىك سوتچىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ پەتۋا ئىشلىرىغا ئىگە بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەتۋاسى بار مەسىلىلەردە (دەۋالاردا) ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى ۋە سوت مەجلىسىخانىسىغا تام قوشنا كېلىدىغان ھۇجرىسىدا ئارام ئېلىپ تۇراتتى. كېيىن ئۇ پەتۋا ئىشلىرىدىن تولۇق قول ئۈزگەن. ئۇنىڭ ئادىل ئىكەنلىكى چوڭ – كىچىك ھەممىنىڭ ئارىسىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرەتتى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى، ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ – يۈز ئۇدۇللىشىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئۇ تەقۋادار فەقىھ، سۈننەتكار زاھىد ئىدى.

مەرھۇم ھىجرىيە 1379 – يىلى ئىلچى شەھىرىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ