قازى، تارىخچى ئەمىر ھۈسەين قۇتلۇق شەۋقىي

قازى، تارىخچى ئەمىر ھۈسەين قۇتلۇق شەۋقىي

(ھ. 1325– 1405/ م. 1907 – 1984)

ئەمىر ھۈسەين قۇتلۇق شەۋقىي قەشقەر شەھىرىدە ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى گېزىتچىك بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ھۆرلۈك ئىستىگۈچى قەلەمكەشلەرنىڭ بايراقدارى، يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئەۋلاد گېزىتچىكلەرنىڭ ئۇستازى، «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىدى. ئەمىر ھۈسەين دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە تەلىم – تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى. ئۇ ساۋات خاراكتېرلىك دىنىي بىلىملەرنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭ تەلىم – تەربىيە ھاياتىدىكى تۇنجى ئۇستازى بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن ئۇ مۇنتىزىم ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن.

ئۇ كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 60 – يىللاردا ياشقا سەل چوڭايغان ۋاقىتتا مۇئاۋىن سوتچى سالاھىيىتىدە شەرئىي سوت مەھكىمەسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ دادىسىدىن تارىخىي ۋەقەلەر ۋە شەخسىلەر توغرىسىدىكى نۇرغۇن رىۋايەت ۋە ۋەقەلىكلەرنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەزمۇن قىلغان قەھرىمانلىق داستانلىرىنى ۋە ئېپوسلارنى، قەسىدىلەرنى ئاڭلىغان ۋە پىششىق يادلىۋالغان ئىدى. ئۇ سۆزمەن، ھەرىكىتى چاققان، ھازىر جاۋاب، يۇمۇرىستىك، قەددى – قامىتى كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان كىشى ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ جۈرئەتلىك، قورقماس، گېزى كەلسە ھەرقانداق ئادەمگە يۈز قىلمايدىغان ئادىل كىشى ئىكەنلىكىدەك خاراكتېرى نامايان بولغان ۋە «ئەمىر ھۈسەين قۇتلۇق شەۋقى قازى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ ھىجرىيە 1405 (م. 1984) – يىلى ھەجگە كەلگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم ئاممىۋىي سورۇندا كۆرۈشكەن، نۇرغۇن قېتىم مەخسۇس مەككە مۇكەررەمەدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ يوقلىغان ئىدۇق. ئۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېنىك دەرىجىدە ھالسىزلىنىپ كېتىپ، «ئەجياد دوختۇرخانىسى»غا ئېلىپ بېرىلغان ۋە دوختۇرخانىدا ۋاپات بولۇپ «مۇئەئلا قەبرىستانلىقى»غا دەپنە قىلىنغان. بۇ ھىجرىيە 1405 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى (م. 1984 – يىلى) ئىدى.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ