شەيخ ئىمىن ئاخۇن ھاجىم خەلپىتىم

(1301ھ ~ 1371ھ)

(1883م ~ 1951م)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئىمىن ئابدۇللاھ بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىگە 21 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق يۇرت «مۇش»تا تۇغۇلغان. بۇ يۇرتنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرلىشى ئاللاھ خالىسا ئۆز ئورنىدا كېلىدۇ. شەيخ ئىمىن داموللام قەشقەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام، شەمسىددىن داموللام ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردە ۋاپات بولغان ھاشىم ئاخۇن داموللام قاتارلىقلاردۇر. ئۇ قەشقەردىكى ئىنستىتۇتلارنى (شۇ دەرىجىگە تەڭ كېلىدىغان مەكتەپلەرنى-ت) پۈتتۈرگەندىن كېيىن «مۇش» قا قايتىپ، بىر قانچە يىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇستازى ھاشىم ئاخۇن داموللام ئايالى ۋە ئوغلى ھارۇنخان مەخسۇم ھاجىمنى ئېلىپ ھەجگە بارماقچى بولغاندا، ئۇنى «مۇش»تىن كېلىپ ھەجدىن قايتىپ كېلىپ بولغىچە خانلىق مەدرىسكە ئۆز ئورنىغا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئەللامە ھاشىم ئاخۇن داموللامنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەردە ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات تېپىشىنى خالىغان ئىكەن. داموللامنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى ھارۇنخان مەخسۇم ھاجىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، شەيخ ئىمىن داموللام مەرھۇم ئۇستازى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئىدى. كېيىن شەيخ ئىمىن داموللام ھەجگە بارماقچى بولدى. بىز بىللە يولغا چىقىپ، ھىجرىيە 1369-يىلى (مىلادىيە 1950-يىلى) 6-ئايدا ساق-سالامەت ھەرەمگە يېتىپ كەلگەن ۋە بىللە ھەج قىلغان ئىدۇق. كېيىنكى يىلى يەنى 1370-يىلىمۇ بىللە ھەج قىلغان ئىدۇق. ئۇ ھىجرىيە 1371-يىلى مەككە مۇكەررەمەدە «ئەجياد مەھەللىسى» دە ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا كۇچالىق ئابدۇزاھىر ھاجىم سوپى ئىگىدارچىلىق قىلغان بولۇپ، «مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز