شەيخ ئاق ئەلەم ئاخۇنۇم يەركەندىي

شەيخ ئاق ئەلەم ئاخۇنۇم يەركەندىي

(ھ. 1301– 1368/ م. 1883 – 1948)

ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئاق ئاخۇن ئىبنى سەئىد مۇھەممەد يەركەندىي بولۇپ، ھىجرىيە 1301 – يىلى يەركەندتە تۇغۇلغان. ئوقۇشنى يەركەندتە باشلىغان. كېيىن قەشقەرگە يۆتكەلگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر كاتتا ئالىملارنىڭ قولىدا بىلىم ئالغان. ھىجرىيە 1331 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋە كېرەكلىك ئىجازەتنامەلەرگە ئېرىشىپ يەركەندكە قايتىپ كەلگەن. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىمام – خاتىبلىك قىلغان. ئاندىن «شەقۇۋفىي مەدرىسەسى»دە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. ھىجرىيە 1363 – يىلى يەركەندتىكى يەتتە قازى قاتارىغا ياردەمچى قازى سالاھىيىتى بىلەن قوشۇلغان. 1368 – يىلى ھىجازغا بارماقچى بولىدۇ. كۈتۈلمىگەندە يول ئۈستىدە ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ