(1299 ھ ~ 1379 ھ)
(1881 م ~ 1959 م)
ئىسمائىل ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئەھمەد ھىجرىيە 1299-يىلى قاغىلىقتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شەيخ ئىسمائىل قارىھاجىم ئوغلىنىڭ دىندا ئالىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ تائالاغا توختىماي دۇئا قىلىدىغان، تەقۋادار، ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى سۆيىدىغان دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. دادىسى ئۇنى كىچىك چېغىدىلا خۇسۇسىي مەكتەپكە بەرگەن ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ ئىنتايىن ياخشى تەربىيەلىگەن. ئۇ 10 ياشقا بارماي تۇرۇپلا قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىپ بولغان. ئاندىن دىنىي پەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەدرىسكە كىرگەن. ئۇ قاغىلىقتىكى ئۆلىما-ئۇستازلاردا مەلۇم مۇددەت تەربىيەلەنگەندىن كېيىن يەكەنگە يۆتكەلگەن. يەكەندە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە باھائۇددىن مەخسۇم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام كەبى كاتتا ئالىملاردىن رەسمىي «ئىجازەت» كە نائىل بولغان. ئاندىن ئانا يۇرتىغا قايتىپ قۇرئان كەرىم يادلىتىش بىلەن بىرگە دىنىي بىلىملەرنى ئوقۇتىدىغان شەخسىي مەدرىس ئاچقان.
شەيخ ئىسمائىل قارىھاجىم تىلى ئۆتكۈر، دەلىل-پاكىتلىق سۆزلەيدىغان، قىياپىتى سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان، ئاقپىشماق، يۇمىلاق يۈزلۈك، قويۇق ساقاللىق كىشى ئىدى. ئۇ ناتىق بولغاچقا خەتىبلىك قىلغان ۋە ئەھلى يۇرت ئارىسىدا ھەممىگە تونۇلغان. ئۇ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش ۋە دىنىي دەۋەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قىسىم يېزا-كەنتلەرنى ئارىلايتتى. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن قارىيلار ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان مۇئەللىملەر يېتىشىپ چىققان.
رەھمەتلىك قارىھاجىم ۋاپات بولۇشتىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغان. ھىجرىيە 1379-يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ قارىھاجىمغا رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.