(1306 ھ ~ 1364 ھ)
(1888 م ~ 1944 م)
خەلپىتىمنىڭ ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى يەئقۇب قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قېچىرچا دېگەن يۇرتتىن بولۇپ، بۇ يۇرتتىكى «يېڭى قەشقەر» دەپ ئاتالغان، كىچىك شەھەر ئىسكەتىدە سېلىنغان پۇختا بىر قەلئە ئىچىدە تۇغۇلغان. بۇ قەلئە كېيىنچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىللىرى بىلەن قوشۇپلا يوق قىلىۋېتىلگەن. خەلپىتىمنىڭ ئائىلىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. خەلپىتىم ئوقۇشنى قەشقەردە باشلاپ، قەشقەردە تاماملىغان ھەمدە پەزىلەتلىك كاتتا ئۆلىمالار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئەللامە شەمسۇددىن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام، مەھمۇد ئاخۇن خەلپىتىم، سابىت داموللام قاتارلىق ئالىملاردا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ «ئىجازەت» نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن «قازان مەدرىسى» دە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. رەھمەتلىك داموللام مېنىڭ (مۇئەللىپنىڭ) ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، مەن ئۇنىڭدا كەئب ئىبنى زۇھەير ئىبنى ئەبى سەلمانىڭ «قەسىدە بۇردە» ناملىق قەسىدىسىنى، «مەقامات ھەرىيرى» ۋە باشقا ئەرەب ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. رەھمەتلىك داموللام سۆزمەن، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى، سۈننەتكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىس ئىدى. ئۇ «قەشقەر قەدىمى جامەسى» دە خاتىپ بولۇپ، ھەمدۇ-سانا ۋە دۇرۇتلاردىن كېيىن ئانا تىلىدا خۇتبە سۆزلەيتتى. ئۇ مېنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرەتتى. مەن ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە ئازراق ۋاقىت خىزمىتىدە بولغان. رەھمەتلىك داموللام قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ھازىرقى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا باراۋەر كەلگىدەك ئۆلچەمدە «قونالغۇ سارىيى» دىن بىرنى بىنا قىلغان.
رەھمەتلىك خەلپىتىم بىزنى ئەتىگىنى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى مەسچىتتە ئوقۇتاتتى، ئاندىن مەدرىسكە باراتتى. مەدرىسمۇ يېقىنلا جايدا ئىدى. مەن تېخى بويۇمغا يەتمىگەن چاغلاردا بەزى ئۆي ئىشلىرىغا بۇيرۇيتتى.
رەھمەتلىك خەلپىتىم «يۈرەك سەكتىسى» بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. ئۇنىڭغا پۈتۈن قەشقەر شەھىرى يىغلىغان. بۇنى مەن دادام ئاتلىق ھالدا مەھكىمىدىن ئۆيىگە كېتىۋاتقان ئەللامە ھاشىماخۇن داموللامغا، رەھمەتلىك خەلپىتىمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزگەن چاغدا، ھاشىماخۇن داموللامنىڭ يىغلىغانلىقىنى دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە يېغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان. بۇ ھىجرىيە 1364-يىلى ئىدى. رەھمەتلىك خەلپىتىم قەشقەر شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مەرھۇمغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلسۇن!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.