(1280 ھ ~ 1382 ھ)
(1863 م ~ 1962 م)
ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئاخۇنۇم ئىلچىنىڭ خوتەن ياكى قارىقاشتا ھىجرىيە 1280-يىلى تۇغۇلغان. ئوقۇشىنى خوتەندە باشلاپ كېيىن قەشقەرگە بارغان ۋە قەشقەردە ئىلىمىنى خەتمە قىلغان. ئۇ قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد بىلەن پۇختا، تولۇق يادلاپ تۈگەتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى ئىزاھلاپ تەپسىرلەپ بېرىشنى، باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنى مۇرادىغا يېتىشكە مۇۋەپپەق قىلىپ، ئۇنى دىندا ئالىم بولۇشقا نائىل قىلىدۇ. ئۇ ھىجرىيە 1316-يىلى كېرەكلىك ئىجازەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئابدۇلقادىر داموللام، سابىت داموللام، شەمسۇددىن داموللام، باھائۇددىن مۇخسۇم قاتارلىقلار ئىدى. ئۇ ئىجازەتلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا قايتىپ قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇ دائىم ئاللاھ خالىسا بىز ياخشى كىشىلەردىندۇرمىز، چۈنكى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر» دېگەن دەيتتى. ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى نەقلىياتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ، ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە قۇرئان ئۆگەتكەن، تەجۋىدتىن دەرس بەرگەن، ئۇلارغا قۇرئاننى دانىمۇ-دانە ئوقۇشنى ئۆگەتكەن.
مەرھۇم ئىسمائىل قارىي داموللام ئاق قارىم ھىجرىيە 1382-يىلى يۈز ياشقا كېرىپ ئاشقان پەيتلىرىدە ئىلچى شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى مەغپىرەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا رەھمەت ئەيلىسۇن!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.
Please follow and like us: