شەيخ ئەھمەد داموللام خوتەنىي

شەيخ ئەھمەد داموللام خوتەنىي

(ھ. 1316 – 1373/ م. 1898 – 1953)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد سامساق مۇھەممەد تۇرسۇن بولۇپ، ھىجرىيە 1316 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىلچى دېگەن يۇرتىدا تۇغۇلغان. ئاۋۋال خوتەن ۋە يەركەندتە ئوقۇپ، ئوقۇشنىڭ ئاخىرىنى 1341 – يىلى قەشقەردە تاماملاپ، خوتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە يىراق بىر يېزىدا ئولتۇراقلىشىپ، شۇيەردە مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىلىم ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق قىلىپ ئۆز قولىدىن ھالال رىزىق تېپىپ يەيتى. زېمىندىن چىققانغا قانائەت قىلىپ ياشايتتى. ئۇ يۇرتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلىمىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى شەرىئەت كۆرسەتكەن يول بويىچە ئېلىپ ماڭاتتى.

شەيخ ئەھمەد ئۇلارنىڭ شەرىئەت ھۆكمىدىكى تايانچىسى، ئۇلارنىڭ قازى – مۇفتىيسى ئىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شەيخ ئەھمەد داموللام ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ئۆز ئىلىمگە ئەمەل قىلدىغان، تەقۋادار، سالىھ، فەقىھ كىشى ئىدى. بىر ئۆمۈر ئىلىم – مەرىپەت، شەرىئەت ئۈچۈن قان- تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلىپ، ھىجرىيە 1373 – يىلى شۇ يۇرتتا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ