شەيخ ئەھمەد ئاخۇن داموللام خوتەنىي

شەيخ ئەھمەد ئاخۇن داموللام خوتەنىي

(ھ. 1309– 1374/ م. 1891 – 1954)

 شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد ھۈسەين توخسۇن نىياز بولۇپ، ھىجرىيە 1309 – يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل خوتەندە ئوقۇپ، ئاندىن دادىسى بىلەن بىللە تىجارەت ئىشى بىلەن شىمالغا سەپەر قىلىپ، تۇرپاندا بىرقانچە يىل تۇرۇپ قالغان. تۇرپاندا ئىلىمگە قايتىدىن ئىشتىياق باغلاپ، تۇرپان توخسۇندىكى ئۆلىمالاردا ئوقۇغان.

1339 – يىلى قەشقەرگە كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شاھادەت ئېلىپ، خوتەنگە قايتقان. خوتەندە بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، يەنە تۇرپانغا سەپەر قىلغان ۋە 1374 – يىلى ۋاپات بولغىچە تۇرپاندا تۇرۇپ قالغان.

شەيخ «قۇرئان كەرىم»گە ناھايىتى پىششىق، تەجۋىدلىك قارىي بولۇپ، پۈتكۈل ئۆمرىنى ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ