شەيخ ئەھمەد ئاخۇن داموللام

شەيخ ئەھمەد ئاخۇن داموللام

(ھ. 1303– 1374/ م. 1885 – 1954)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد جامال سەپەر بولۇپ، ھىجرىيە 1303 – يىلى قەشقەر شەھرىدە زەردار باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۇنى بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمگە ئوقۇشقا بەرگەن. ئۇ ناھايىتى چېچەن، ئەقىللىق بولغاچقا ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا «قۇرئان كەرىم»نى يادىلاپ بولغان.

كېيىنچە دادىسى ئەرەب تىلى ۋە دىنىي بىلىم ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇنى بىر مەدرىسەگە ئەكىلىپ بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆگىتىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ياخشى تەربىيەلىگەن.

شەيخ ئەھمەد ئاخۇنۇم 1326 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شاھادەت ئالغان ۋە 1330 – يىلىغىچە دەرس سورۇنىدىن ئايرىلماي ئوقۇشنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇ فىقھ، ھەدىس، ئەقىدە، ئەدەبىيات پەنلىرىنى ياخشى ئۈگەنگەن، بولۇپمۇ ئەدەبىياتتا ئالاھىدە تالانتى بار ئىدى.

ئۇ قەشقەر شەھىرىدە بىرقانچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، يېزا تۇرمۇشىنى كۆڭلى تارتىپ، مارالبېشى سىرىقبۇيىغا كۆچۈپ كېلىپ، تا 1374 – يىلى ۋاپات بولغىچە بىر تەرەپتىن دەرس ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق قىلىپ ھايات كەچۈرگەن. دىنىي ئىلىمنى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن.

ئۇ باشقىلارغا مەنپەت ئۈچۈن خۇشامەت قىلمايدىغان، ناھايىتى غۇرۇرلۇق، تەقۋادار، تەقى – تۇرقى كېلىشكەن ئادەم بولۇپ، ھەدىس ئىلمىگە پۇختا، فەقىھ كىشى ئىدى.

ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ