شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇن قاراقاش

 شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇن قاراقاش

(ھ. 1294 – 1356/ م. 1877 – 1937)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد تۇرسۇن، چوڭ دادىسنىڭ ئىسمى توختى نىياز بولۇپ، ھىجرىيە 1274 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىلچىدا تۇغۇلغان. ئوقۇش جەريانىدا گەرچە خوتەننىڭ سىرتىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئوقۇشتا پۈتۈن ئىجتىھادى بىلەن تىرىشىپ ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى، ئەدەب – ئەخلاقى، سەۋر – تاقىتى بىلەن خوتەن دىيارىدا دەرىسلىك قىلىنغان ھەممە ئىلىملەرنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلمىي جەھەتتىن يېتىشكەن، خەلق ئېتىراپ قىلغان ياش ئالىملارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالغان.

ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شاھادەت ئالغان چاغدا، ئون – نەچچە ئۇستازى شۇ سورۇندا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمى ھاياتىغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە توغرا يول تىلەپ دۇئا قىلغان. بۇ شۇ دەۋردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، پەزىلەتلىك ئۇستاز – ئۆلىمالارنىڭ ئادىتى بولۇپ، شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇمدەك ئۈمىدلىك ياش ئۆلىمالارغا شۇنداق دۇئا قىلاتتى.

مەن بۇنداق ئادەتنى مەككە – مۇكەررەمە ۋە مەدىنە – مۇنەۋۋەرەدە بىرقانچە قېتىم كۆرگەن. ئۇلارمۇ ياش ئۆلىما – ئالىملار ئىلمىي ساھەدە نەتىجە قازىنىپ، تەڭ دىمەتلىكلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ تەبرىكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن مۇشۇنداق دۇئا قىلىدىكەن.

شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇم بىرقانچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، خاتىبلىك ۋە مۇفتىيلىق خىزمىتىنى قىلغان، ئاندىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك شەيخۇلئىسلام نائىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

شەيخۇلئىسلاملىق تۈزىمى قەشقەرگە يىڭى ھۆكىمەت كەلگەنگە قەدەر، يەنى ھىجرىيە 1378 – يىلىغىچە داۋاملاشقان.

شەيخ ئەھمەد خاتىب قارىقاش ھىجرىيە 1356 – يىلى ئىلچىدا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت – مەغپىرەت ئاتا قىلغاي. ئامىن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ