شەيخ ئىبراھىم قارىي پېشقەدەم

شەيخ ئىبراھىم قارىي پېشقەدەم

(ھ. 1256– 1361/ م. 1840 – 1942)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم مۇھەممەد يۈسۈپ پېشقەدەم بولۇپ، دىندار، ياخشى ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ چوڭ دادىسى زاھىد كىشى بولۇپ، ئاتا – ئانىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى تەربىيەلىگەن ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ دىنىي ئىلىمنى دادىسىدىن ئۆگىنىپ، كېيىنچە بەزى يەرلىك مەدرىسەلەردە ئوقۇغان.

شەيخ ئىبراھىم كىچە – كۈندۈز ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان، بالاغەتكە يەتكەندە «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلاپ ھاپىزلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ «قۇرئان»نى ناھايىتى تەجۋىدلىك ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۆزى تۇرىۋاتقان مەھەللىدە بىر قارىيخانا ئاچقان.

بەزىلەر ئۇنى دىنىي ئوقۇتۇشتا ئىجازەت ئېلىپ ھەدىس، تەفسىر، ئەرەب تىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىلىملەردىن دەرس بەرگەن دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان يېتۈك قارىيلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، شاگىرتلىرى تا ھازىرغىچە ئۇستازىنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ قەشقەردىكى بىر قەدىمىي مەسجىدتە ئۆتكەن 50 يىللىق ئىمامەتچىلىك، خاتىبلىق ھاياتى ۋە دەرس سورۇنىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ ئەسلەپ تۇرىدۇ.

شەيخ ئىبراھىم قارىي ئاخۇنۇم 105 يىل ياشاپ ھىجرىيە 1361 – يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالادىن شەيخ ئىبراھىم قارىي ئاخۇنۇمنىڭ مۇبارەك «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەت ئىلىملىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە چەكسىز ساۋاب، ئەجىر ۋە رەھمەت تىلەيمىز. ئامىن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ