شەيخ ئىبراھىم داموللام بۈگۈرىي

شەيخ ئىبراھىم داموللام بۈگۈرىي

(ھ. 1309– 1369/ م. 1891 – 1949)

شەيخنىڭ ئىسمى ئىبراھىم ئابدۇرۇسۇل بولۇپ، ھىجرىيە 1309 – يىلى بۈگۈردە تۇغۇلغان.

بۈگۈر ناھىيىسى كۇچار ناھىيىسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان ئۆزى كىچىك، گۈزەل بىر يۇرت بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي ئىزلار ۋە مەڭگۈلۈك تارىخلار ساقلانغان.

ئىبراھىم داموللام كۇچاردا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئوقۇشنىڭ ئاخىرىنى ھىجرىيە 1338 – يىلى قەشقەردە تاماملاپ، ياش ئالىملار قاتارىغا ئۆتكەن.

داموللام ھەدىس ئىلمىگە ناھايىتى پىششىق بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

ھىجرىيە 1351 (م. 1932) – يىلىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ 1356 (م. 1937) – يىلى تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن ۋە مائارىپ ساھەسىدە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن. ئاندىن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بەزى مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان.

داموللام ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىگەن – ئاخشاملىرى ئۆز ئۆيىدە ئۈلۈكسىز ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنداق ئەركىن – ئازادە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش، تەرجىمە ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئىبراھىم داموللام ھىجرىيە 1369 – يىلى، 60 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، كۇچارغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ