شەرىئەتتىكى پۇل - كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(2)

شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە كېلىشىم تۈزۈش ئۇسۇلى

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە ئادەتتە كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بولغان ئاقىل، بالىغ ھەربىر كىشى كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بار بولغان باشقا بىر كىشى بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. بىر تەرەپ تەكلىپ بەرسە، بىر تەرەپ قوبۇل قىلسا كېلىشىم پۈتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «بۇ مىڭ دوللارنى سىزگە پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە تىجارەت قىلىشقا بېرەي، سىز بۇنى تىجارەت قىلىپ ئايلاندۇرۇڭ. پايدىنىڭ يېرىمى ماڭا، يېرىمى سىزگە قالسۇن» دېسە، پۇلنى ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىدىغان كىشى: «مەن بۇ شەرتنى قوبۇل قىلدىم» دېسە ياكى باشقا بىر سۆز بىلەن رازىلىقىنى بىلدۈرسە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى پۈتكەن بولىدۇ. ياكى بولمىسا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسىمۇ، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئىبارىنى ئىشلىتىپ كېلىشسە بولىدۇ. چۈنكى، كېلىشىم دېگەن سۆزنىڭ شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ بولىدۇ.

پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرى

بۇ كېلىشىمنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن، ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك شەرت تېپىلىشى كېرەك:

1. تىجارەت قىلىشقا تاپشۇرۇلىدىغان پۇل نەق ۋە تەييار پۇل بولۇشى كېرەك. تىللا، تەڭگە، مىس ياكى قەغەز پۇل قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان نەق پۇل بولسىلا بولىدۇ. كېپەك ئالتۇن، يامبۇ ۋە ئادەتتە پۇل شەكلىدە ئىشلىتىلمەيدىغان ئالتۇن – كۈمۈشلەر نەق پۇل ھېسابلانمايدۇ. نەق پۇل بولماي مال ياكى باشقا تاۋاردەك نەرسىلەر بولسا، ياكى قەرز بولسا توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن، «بۇ مىڭ مېتىر رەختنى سىزگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىگە بېرەي، بۇنىڭدا تىجارەت قىلىڭ، پايدىسىنى تەڭ ئۈلۈشەيلى» دېسە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مالنىڭ باھاسى ۋە ئۇنىڭدىن نەقلىشىدىغان پۇل مۆلچەر ۋە پەرەز بىلەن توختالغان بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ باھالىشى بىلەن يەنە بىر كىشىنىڭ باھالىشى پەرقلىق بولىدۇ. كېيىن كېلىشىمنى ئاياغلاشتۇرغان چاغدا سەرمايە قىلغان تاۋارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ئەھۋالدا، پايدىنىڭ بىر قىسمى پۇل ئىگىسىگە كېتىپ قالىدۇ. تۆۋەنلەپ كەتكەن تەقدىردە، كۈچ ئىگىسىگە كېتىپ قالىدۇ، بۇنداق بولسا توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن، سەرمايە بىر توننا بۇغداي دەپ قارىساق، بۇنى كۈچ ئىگىسىگە بەرگەن كۈنى بۇ بۇغداينىڭ قىممىتى مىڭ دوللار بولسا، كېيىن كېلىشىمنى ئاياغلاشتۇرغان چاغدا بۇغداينىڭ باھاسى ئۆرلەپ 1200 دوللارغا چىققان بولسا، 200 دوللار پايدا ھېسابلىنىدۇ. مال ئىگىسى كېلىشىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مېلىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغاندا كۈچ ئىگىسى ئانا سەرمايىگە پايدىدىن 200 دوللارنى قېتىپ، بۇغداي ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىلا ئالغان بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا، يەنى بۇغداينىڭ باھاسى 800 دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولسا، ئانا سەرمايىدىن 200 دوللار كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا قالغان بولىدۇ، بۇنداق قىلسا جائىز بولمايدۇ.(1) شۇڭا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ سەرمايىسى نامەلۇم بولۇپ قېلىپ پايدىنى تەقسىم قىلغاندا تالاش – تارتىش قىلىشقا ۋە جېدەللىشىپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تاۋارنى سەرمايە قىلىش تۆلىمەيدىغان مالنىڭ پايدىسىنى ئېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «پۇل – كۈچ كېلىشىمى نەق پۇل بىلەن جائىز بولىدۇ، تاۋار بىلەن جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، تاۋار دېگەن مۇئەييەنلىشىپ كېتىدۇ، بۇ مۇئەييەن نەرسىگە پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە تۆلەم كەلمەيدۇ، بەلكى بۇ كۈچ چىقارغۇچىنى تۆلىمەيدىغان نەرسىنىڭ پايدىسىنى ئېلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ چەكلەنگەندۇر»(2). بۇ يەردە ئىمام سەرەخسىي «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆلىمەيدىغان نەرسىنىڭ پايدىسىنى ئېلىشنى چەكلىگەن»(3) دېگەن ھەدىسنى دېمەكچى.

ئەمما، «بۇ مىڭ مېتىر رەختنى سىز سېتىڭ، قانچە پۇل نەقلەشسە ئۇنىڭ پۇلىنى سىزگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بېرەي، سىز ئۇنى تىجارەتتە ئايلاندۇرۇڭ، پايدىسىنى تەڭ بۆلۈشەيلى» دېسە، پۇل نەقلەشكەندە نەقلەشكەن پۇلنىڭ مىقدارى ئېنىق بولسا، كېلىشىم توغرا بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبىنىڭ قارىشىدۇر. بۇ كۈچلۈك قاراش بولغاچقا، مۇشۇ قاراش بويىچە ئەمەل قىلساق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا رەخت ئىگىسى ئىككىنچى شەخسنى رەختنى سېتىش ئىشىدا ۋەكىل قىلغان بولىدۇ. رەخت سېتىلىپ بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا رەخت ئىگىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. رەخت سېتىلىپ، پۇلى نەقلەشكەندىن كېيىن قانچە پۇل نەقلەشكەن بولسا، شۇ سائەتتىن تارتىپ بۇ پۇل ئىككىيلەن كېلىشكەن بويىچە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە دەسمايە بولغان بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا مال قانچە پۇلغا سېتىلغان بولسا، شۇ پۇل پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە دەسمايە بولىدۇ(4).

يۇقىرىقى شەرتكە ئاساسەن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە قەرزنى دەسمايە قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلەن «ئا» شەخسنىڭ «ب» شەخستىن ئالىدىغان مىڭ دوللار قەرز پۇلى بولسا، «ئا» تەرەپ «ب» تەرەپكە: «سىزدىكى مىڭ دوللار پۇلۇمنى سىزگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىشقا بەردىم» دېسە، توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە پۇلنى قولىغا تاپشۇرۇش بولمىغان. شۇڭا، ئۇ پۇلنى قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن «ب» تەرەپكە تاپشۇرۇپ، كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. بۇ ئالىملار ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن شەرتتۇر(5).

ئەمما، بىرسىگە: «پالانىدىن ئىككى مىڭ دوللار قەرزىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ پۇل بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىڭ، پايدىسىنى مۇنداق بۆلۈشەيلى» دېگەن بولسا، بۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، توغرا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۇ كىشىدىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان قەرزگە چېتىلغان. دېمەك، قەرزنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كىشى قەرزنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتا پۇل ئىگىسىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پۇل قولىدا نەق بولغاچقا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىن تارتىپ باشلانغان بولىدۇ. بۇ خۇددى «مېنىڭ كاسسىرىمدىن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىڭ» دېگەنگە ئوخشاشتۇر. لېكىن، بەزى ئالىملار: «مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ مەكرۇھ بولىدۇ» دېگەن(6). بەلكىم بۇ ئالىملار كۈچ ئىگىسى قەرزنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن «قەرزنى چوقۇم تاپشۇرۇپ ئالىمەنغۇ» دەپ، ئۆز يېنىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، كېيىن قەرزنى ئالالماي چاتاق چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. ياكى بۇنداق كېلىشىمدە ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى ئېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پۇل – كۈچ كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ئايرىم بىر مەنپەئەت شەرت قىلغاندەك بولغاچقا، يامان كۆرگەن بولسا كېرەك. لېكىن، پۇلنى تېخى قولىغا ئالمىغان ئەھۋالدا ۋەكىل بولغاچقا، تېخى پۇل – كۈچ كېلىشىمى باشلانمىغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەندىشىنىڭ ئورنى يوق.

ناۋادا كۈچ ئىگىسى بۇ قەرزلەرنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بىرنەرسە سېتىۋالغان بولسا، بۇ سودىدىكى پايدا – زىيان پۇل ئىگىسىگە بولماي، كۈچ ئىگىسىگە بولىدۇ(7).

بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كىشىدە ئامانەت قويۇلغان پۇل بولسا، پۇلنىڭ تۈرى ۋە مىقدارى ئېنىق بولسا ۋە يوقاپ كەتمىگەن بولسا، ئامانەت ئىگىسى ئۇنىڭغا: «سىزدىكى ئامانىتىمنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىپ تىجارەتتە ئايلاندۇرۇڭ» دېسە، بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ نەق پۇل تاپشۇرغانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بەزىلەر: «ئامانەتتە پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى ئامانەت ساقلىغان كىشى ئۇنى خەجلىۋېتىپ قالغان بولسا، بوينىدىكى قەرز بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلغان بولىدۇ» دېگەن. بۇلار: «ناۋادا ئامانەتنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتسە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى جائىز بولىدۇ» دېگەن(8).

بۇنىڭدا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، ئامانەت ساقلىغۇچىمۇ، كۈچ ئىگىسىمۇ بەرىبىر ئامانەت ساقلىغۇچى بولغاچقا، ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ، ئاندىن يەنە ئۇنى قولىغا ئېلىشى كېرەك ئەمەس. ئەمما، ئامانەت قولىدا يوقاپ كەتكەن بولسا، بۇ قەرز بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.

ئەمدى، بىرسىدىن تارتىۋالغان ياكى بۇلىۋالغان پۇلدا پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلسا قانداق بولىدۇ؟ مەسىلەن، «ئا» تەرەپ «ب» تەرەپنىڭ پۇلىنى تارتىۋالغان، كېيىن ئىنسابىغا كېلىپ: «مەن سەندىن تارتىۋالغان پۇلدا تىجارەت قىلاي، پايدىنى ئۈلىشەيلى» دېگەن بولسا، تارتىۋالغان پۇل ئۆز پېتى تۇرغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تارتىۋالغان مالنى تۆلىشى كېرەك. پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى باشلىغان چاغدا بولسا پۇلنى تۆلىگەن بولىدۇ. باشلىغاندىن كېيىن تۆلەش خاراكتېرىدىكى مالدىن تۆلىمەيدىغان ئامانەت مالغا ئۆزگەرگەن بولىدۇ(9).

2. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بەرگەن پۇل مىقدارى ئېنىق بولۇشى شەرت. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر خالتا ياكى بىر باغلام پۇلنى سانىمايلا ياكى سانىنى ئېيتمايلا: «بۇ پۇل بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىل» دېسە، بولمايدۇ. چۈنكى، دەسمايەنىڭ سانى ئېنىق بولمىسا، ئۇنى تىجارەتتە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن دەسمايە بىلەن پايدىسىنى ئايرىغىلى بولماي قالىدۇ – دە، جېدەل چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ(10).

بىر كىشىگە مىڭ دوللار پۇل بېرىپ: «بۇ پۇلنىڭ يېرىمىدا تىجارەت قىلغىن، پايدىسىنى تەڭ ئالايلى» دېسە، بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، مىڭ دوللارنىڭ يېرىمى بەش يۈز دوللار ئىكەنلىكى ئېنىق، قالغان بەش يۈز دوللار ئۆزى بەلگىلىگەن بويىچە يا ئامانەت، ياكى باشقا سۈپەت بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن ئايرىم تۇرىدۇ. ئەمما، «يېرىمى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى، قالغان يېرىمى قەرز ئۈچۈن» دېگەن بولسا، بۇ بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز دەپ قارالغان، بەزى ئالىملار بولسا بۇنى ياقتۇرمىغان. چۈنكى، بۇنىڭدىكى قەرز بەلكىم پايدا ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنى پۇل ئىگىسى بەش يۈز دوللارنى قەرز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەشيۈز دوللار پۇلىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىپ ئايلاندۇرۇشقا، ياكى مەلۇم مىقداردا پايدا ئېلىشقا ماقۇل كەلتۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. پايدا كەلتۈرگەن قەرز بولسا جازانە بولىدۇ.(11) شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا، قەرز بېرىپ تۇرغانلىق سەۋەبىدىن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلغان ياكى پايدىنى تەقسىم قىلىشتا كەڭچىلىك قىلغان ئەھۋال بولسا جازانىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىش ياكى ئۇنى قىلماسلىق تەقۋادارلىققا يېقىنراقتۇر. ئۇنداق مەقسەت بولماستىن ئۇدۇل كېلىپ قېلىشتەك ئەھۋال بولسا، ئۇ چاغدا دۇرۇس بولىدۇ.

3. پايدا پۇل ئىگىسى بىلەن كۈچ ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا پىرسەنت ياكى ئۈلۈش بويىچە تەقسىم قىلىنىشى شەرت. مەسىلەن، پۇل ئىگىسى %40، كۈچ ئىگىسى %60 ياكى پۇل ئىگىسى تۆتتىن بىرىنى، كۈچ ئىگىسى تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى… دېگەندەك. ئەمما، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە مەلۇم مىقداردا پۇل ئېلىش بەلگىلەنسە، مەسىلەن، پۇل ئىگىسى مىڭ دوللار ئالىدۇ، ياكى كۈچ ئىگىسى مىڭ دوللار ئالىدۇ، دېسە، پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى ئەھۋاللاردا تىجارەتتە ئاشۇ مىڭ دوللار پۇلدىن باشقا پايدا چىقماي قېلىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولسا يەنە بىر تەرەپ پايدىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان بولىدۇ. ياكى ئون مىڭ دوللار پايدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، يەنە بىر تەرەپ پايدىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇنداق كۈتۈلمىگەن ئېھتىماللىق پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمىنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ. شۇڭا، بارلىق ئالىملار بۇ شەرتتە بىرلىككە كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل ئىگىسىگە مەلۇم مىقداردا پايدا بەلگىلىگەن ئەھۋالدا، بۇ مۇئامىلىنىڭ خاراكتېرى قەرز بېرىپ تۇرۇپ، ئۆسۈمىنى ئېلىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى شەكلىدىكى جازانە مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. جازانە ياكى ئۆسۈم بولسا ھارامدۇر.

يەنە ئۆزىگە بەلگىلەنگەن ئۈلۈش ياكى پىرسەنتكە مەلۇم مىقداردا پۇل قېتىپ شەرت قىلسىمۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن، «ساڭا پايدىنىڭ يېرىمى، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز دوللار بولسۇن»… دېگەندەك. شۇنداقلا «پايدىنىڭ يېرىمى ساڭا بولسۇن، ئۇنىڭدىن يۈز دوللار تۇتۇۋالىمەن» دېسىمۇ توغرا بولمايدۇ.

دېمەك، بۇ يەردە شەرت قىلىنغان پايدا نىسبىتى مۇئەييەن بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، «ماۋۇ دۇكاننىڭ پايدىسىنى مەن ئالىمەن، ئاۋۇ دۇكاننىڭ پايدىسىنى سەن ئال» دېسىمۇ بولمايدۇ.

يەنە بۇ شەرتكە ئاساسەن، «زىياننىڭ ھەممىسى كۈچ ئىگىسىگە ياكى زىيان ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ بولسۇن» دەپ شەرت قويۇپ كېلىشسىمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، توغرا ئۇسۇل بويىچە كېلىشىم تۈزۈش كېرەك. ئۇنداق قىلماي، شۇ شەرت بويىچە پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلىپ بولغان بولسىچۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولۇۋېرىدۇ. دېمەك، شەرت يوق ھېسابتا بولىدۇ، زىيان پۇل ئىگىسىگە بولىدۇ. بۇ يەردە «زىياننى ھەر ئىككى تەرەپ كۆتۈرىدۇ» دېگەن شەرتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى شۇكى، زىيان دېگەن يوقاپ كەتكەن پۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پەقەتلا شۇ پۇلنىڭ ئىگىسىگە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ شەرتنى ھېسابقا ئالماي، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى توغرا دەپ قاراۋېرىمىز ۋە توغرا بويىچە يۈرگۈزۈۋېرىمىز.

«پايدىنىڭ ھەممىسىنى پۇل ئىگىسى ئالىدۇ» دەپ شەرت قىلغان، كۈچ ئىگىسى بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، ھەقسىز ئىشلەپ بېرىشكە ماقۇل كەلگەن بولسا، بۇ كېلىشىم پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمى بولماستىن، ئەكسىچە بىكارغا ئىشلەپ بېرىش كېلىشىمى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پايدا – زىيان پۇل ئىگىسىگىلا بولىدۇ، كۈچ چىقارغۇچىغا ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ. باشقا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىن ئىبارەتتۇر. لېكىن، بىر تەرەپلا پايدا ئېلىشنى شەرت قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇزۇق كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ.

«ھەممە پايدىنى كۈچ ئىگىسى ئالىدۇ» دەپ شەرت قىلغان تەقدىردە، بۇ كېلىشىم پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمى بولماي، قەرز بېرىپ تۇرۇش بولغان بولىدۇ، چۈنكى كېلىشىملەردە مەزمۇن ئاساس قىلىنىدۇ.

كۈچ ئىگىسى ياكى پۇل ئىگىسى ئۆزى ئالىدىغان پايدىنىڭ ئۈستىگە ئايلىق مائاش شەرت قىلسا بۇ شەرت توغرا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، شەرت ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، كېلىشىم توغرا شەرت بويىچە يۈرگۈزۈلىۋېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئالىدىغان پايدىدىكى شېرىكچىلىك بولۇپ، كۈچ ئىگىسى پۈتۈشكەن ئۈلۈشنى چىقارغان كۈچىگە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلىغا قارىتا ئالغان بولىدۇ. مۇقىم مائاش بەلگىلىگەن تەقدىردە، شۇ مائاشلا پايدا قالغان بولسا، پايدىنىڭ ھەممىنى بىر تەرەپ ئالغان بولىدۇ. بۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن كۆزلەنگەن مەقسەتكە زىت كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ پايدىدىن ھەر ئىككى تەرەپ بەھر ئېلىش. بۇ شەرت يەنە شېرىكچىلىك توختامىنى ياللاش ۋە ياللىنىش توختامىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مۇقىم ئالغان مائاش ئۇ كىشىنى ياللانما ئىشچى قىلىدىغان بولغاچقا، پايدىدىن مەلۇم ئۈلۈشنى ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. مەلۇم ئۈلۈش بىلەن مۇقىم مائاش شەرت قىلغان تەقدىردە، بۇ جازانە دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا، ئالىملار بىردەك كۈچ ئىگىسىنىڭ مۇقىم مائاش ئېلىشىنى جائىز ئەمەس دېگەن. ئەگەر كۈچ ئىگىسىمۇ مەلۇم مىقداردا پۇل قوشقان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۆزىمۇ، شېرىكىمۇ ئىشلىسە مائاش بېكىتىپ ئالسا بولىدۇ.

پۇلنى كۈچ ئىگىسىگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن بېرىپ، ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئولتۇرىۋېلىشقا بېرىپ تۇرۇشنى شەرت قىلسا ياكى زېمىنىنى تېرىۋېلىشقا بېرىپ تۇرۇشنى شەرت قىلسىمۇ كېلىشىم بۇزۇلىدۇ(12).

4. پۇل ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىكى تىجارەت قىلىدىغان پۇلنى كۈچ چىقىرىدىغان كىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، تاپشۇرمىغاندا تىجارەت قىلالماي قالىدۇ. يەنە پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسى قىلىدىغان تىجارەتكە تەڭ ئارىلىشىشنى شەرت قىلغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ پۇلنى تولۇق تاپشۇرماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى تولۇق ئەركىنلىكى بىلەن ھەرىكەت قىلالماي قالىدۇ. ئەمما، كېلىشىمدە بۇنداق شەرت قويماستىن تەسادىپىي توغرا كېلىپ قالغاندا، كۈچ ئىگىسىنىڭ تىجارىتىگە پىداكارلىق بىلەن ياردەملەشسە، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىزدۇر.

بۇ شەرتكە ئاساسەن، بىر يېتىم بالىنىڭ پۇلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ قويىدىغان كىشى باشقا بىر كىشىگە يېتىمنىڭ پۇلىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تىجارىتىگە تاپشۇرۇپ: «يېتىم بالا سىز بىلەن بىللە تىجارەت قىلىدۇ» دەپ شەرت قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يېتىم بالا پۇلنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغاچقا، بۇ خۇددى ئۇ بالىنىڭ پۇلنى كۈچ ئىگىسىگە تاپشۇرماي تۇرۇۋالغانلىقىغا ئوخشاش بولىدۇ. شۇنداقلا باشقا بىر شېرىكى بار كىشى بىر كىشىگە شېرىك پۇلىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بېرىپ: «شېرىكىم سىز بىلەن بىللە تىجارەت قىلىپ، بۇ پۇلنى ئايلاندۇرىدۇ» دەپ شەرت قىلسىمۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى توغرا بولمايدۇ. بىر كىشى پۇلنى يەنە بىر كىشىگە بېرىپ، ئۇنى باشقا بىر كىشى بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلىشقا ۋەكىل قىلغان بولسا، بۇ ۋەكىل كېلىشىم قىلغاندا: «كۈچ ئىگىسى بىلەن بىللە تىجارەتكە قاتنىشىمەن، ماڭا پايدىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىسىز» دەپ كېلىشسىمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ۋەكىل دېگەن ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا بولغاچقا، بۇ خۇددى پۇل ئىگىسىنىڭ كۈچ ئىگىسىگە پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكى بىلەن ئوخشاش(13).

5. كېيىنچە، جېدەل چىقىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپ ئالىدىغان پايدا مىقدارىنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك. بۆلۈشىدىغان پايدا مىقدارىنى ئېنىق بەلگىلىمەي، «پايدىسىغا ئىككىيلەن شېرىك» دەپ پۈتۈشكەن بولسا، ئەمما كېلىشىمدە ھەربىر تەرەپنىڭ ئالىدىغان پايدا مىقدارى ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولسا، بۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى توغرا بولۇۋېرىدۇ، ئىككى تەرەپ پايدىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ. چۈنكى، شېرىكلىك باراۋەرلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدىمۇ شېرىكلىك باراۋەرلىكىنى بىلدۈرگەن: ﴿ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بىردىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 12) (14).

6. كۈچ ئىگىسى ئالىدىغان پايدا سەرمايىدىن ئاجرىتىلماسلىقى كېرەك.

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى پايدىدا شېرىكلىشىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، كۈچ ئىگىسىگە شەرت قىلىنغان پايدا دەسمايىدىن ئەمەس، بەلكى پايدىدىن بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا بىنائەن، پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىگە: «بۇ پۇلدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىڭ، بۇ پۇلنىڭ تۆتتىن بىرى ياكى يېرىمى سىزگە بولسۇن» دېسە، توغرا بولمايدۇ. ياكى: «دەسمايىنىڭ يېرىمى بىلەن پايدىنىڭ %10ى سىزگە بولسۇن» دېسىمۇ كېلىشىم بۇزۇلىدۇ.

يەنە كۈچ ئىگىسى «دەسمايىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەم دەسمايىنىڭ، ھەم پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئالىمەن» دەپ شەرت قىلسا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۇزۇلىدۇ. كېلىشىم مۇشۇ شەكىلدە قىلىنىپ، تېخى تىجارەت باشلانمىغان بولسا بۇ كېلىشىم بىكار قىلىنىدۇ. ئەمما، «ئىككى تەرەپ رازى بولغاندىن كېيىنلا كېلىشىم توغرا بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئويلاپ، پۇلنى تىجارەت ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت ئىشلەتكەن بولسا، يۇقىرىقى شەرت بىكار قىلىنىپ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى چىققان پايدىدىن نېسىۋىسىنى دېيىشكەن مىقدار بويىچە ئالىدۇ، ئەمما دەسمايىدىن ئالالمايدۇ(15).

يۇقىرىقىلار پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەر بولۇپ، ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بۇ شەرتلەرنىڭ قايسىبىرى تېپىلمىسا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————–
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۆلىمى؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/236؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/112.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 22/33.
3. «نەسائىي»، (4646).
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۆلىمى؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/112.
5. ئىبنۇلھۇمام، «فەتھۇلقەدىر»، 7/59؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/190؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 7/360. ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بەزىلەر بۇنى جائىز، دەپ قارىغان.
6. مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى شۇنداق قارىغان. لېكىن، بۇ قاراش كۈچلۈك ئەمەس.
7. شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/72.
8. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/335؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/67؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/83؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/36؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/843، 844.
9. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۆلىمى؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 7/306؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/112.
10. ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/36؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/844.
11. شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/71.
12. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/30؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/86؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، يۇقىرىقى بەتلەر؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/874؛ مجلس المجمع الفقهي الإسلامي، برابطة العالم الإسلامي، في دورته الرابعة عشرة، المنعقدة بمكة المكرمة، يوم السبت 20 من شعبان 1415هـ، / 1995.1.21 م.
13. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/84؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/36؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/846؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/72.
14. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/874.
15. شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/73.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ