ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمدە «قۇرئان» لازىم بولۇپ مەسجىدۇلھەرەمدىن ئاشكارا ھالدا بىر «قۇرئان» ئېلىپ چىققان. ھەرەمدىكى تازىلىق خادىمىمۇ ئېلىپ چىقساڭ بولىدۇ دېگەن بولدى. لېكىن، مەسجىد مەسئۇللىرىدىن سوراش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسجىدۇلھەرەم بولسۇن باشقا مەسجىد بولسۇن ياكى بىرەر قارىيخانا ياكى مەدرىسە بولسۇن، ئۇ يەرگە ۋەقف قىلىنغان مۇسھەف ۋە كىتابلار شۇ جايغا قىلىنغان ۋەقف بولۇپ، ۋەقف قىلغۇچىنىڭ شەرتى بويىچە ئۇلارنى شۇ يەردىلا ئوقۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋېلىشقا، ئورنىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە ياكى ئوقۇپ ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن سىرتقا ئەچىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلغان تەقدىردە پايدىلىنىشى كېرەك بولغان ئامما ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. ئەمما، ھەرەمدە ئوقۇشقا ۋەقف قىلىنماي ھاجىلارغا تارقىتىشقا قويۇپ قويۇلغان مۇسھەفلەر بولسا ئۇنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. شۇڭا، توغرىسى مەسجىد نازىرلىرىدىن تەپسىلىي سوراپ، ئىجازەت ئېلىپ ئەچىقىش ياكى ئارىيەت ئېلىش ياكى باشقا يەرگە يۆتكەش، بولمىسا ئەچىقماسلىق، ئەچىققان بولسا جايىغا قايتۇرۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
