Jennet_ehlining_serdarliri

جەننەت ئەھلىنىڭ سەردارلىرى

جەننەت ئەھلى دەرىجىلىرى، جەننەتلىرىنىڭ مەرتىۋىلىرى ۋە نېئمەتلىرىنىڭ مىقدارىدا پەرقلىق بولغىنىدەك، ئۇلار يەنە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى قەدرى ۋە دەرىجىسىدىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسى قايسى؟

جەننەت ئەھلىنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلىرىنىڭ سەردارلىرى كىملەر؟

جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرى كىملەر؟

جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىدىكىلىرى رەسۇل – ئەنبىيائلەر بولۇپ، ئۇ زاتلار ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرى، ھەقنى سۆزلىگۈچىلەر، راستچىللىق بىلەن دەۋەت قىلغۇچىلار، تەقۋادارلارنىڭ يولباشچىلىرى ۋە سالىھ ئەۋلىيائلەردۇر.

جەننەت ئەھلىنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلىرىنىڭ سەردارى ئىككى كىشى

ئۇ ئىككىسى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ھەمراھلىرى ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن قەبر قوشنىلىرى بولغان ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەسۇل – ئەنبىيائلەردىن قالسىلا، ئىلگىرىكىلەردىن ۋە كېيىنكىلەردىن بولغان جەننەت ئەھلىنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلىرىنىڭ سەردارلىرىدۇر» دېگەن(1).

ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر قانداقسىگە جەننەت ئەھلىنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلىرىنىڭ سەردارلىرى بولىدۇ؟ ھالبۇكى، ئىنسانلار جەننەتكە ئوتتۇز ئۈچ ياش ھالىتىدە كىرىدىغان تۇرسا؟

ھەدىستىكى «كھول / ئوتتۇرا ياشتىكىلەر» بولسا «كھل / ئوتتۇرا ياش»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. «كھل» بولسا ئەرلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇز ياشتىن قىرىق ياشقىچە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ياشتا ۋاپات بولۇپ جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ سەردارلىرىدۇر. ئەمما، ياش ھالىتىدە ۋاپات بولغانلارغا كەلسەك، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككىسى جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرىدۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەسىرىنى كۆردى. ئۇ بەك گۈزەل قەسىر بولۇپ، ئەتراپىدا ئۆستەڭلەر ۋە دەرەخلەر بار ئىدى. بۇ قەسىر ئۆزىدە تۇرىدىغان كىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راستچىل بولغانلىقى، جىھاد قىلغانلىقى، ئىبادەتگۇيلىقى ۋە زاھىدلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ۋاقتىدىلا بۇ بېشارەت بېرىلىشكە لايىق بولغان زات ئىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «(چۈشۈمدە) جەننەتكە كىرىپتىمەن، قارىسام ئالدىمدا ئالتۇندىن سېلىنغان بىر قەسىر تۇرىدۇ. ‹بۇ قەسىر كىمنىڭ؟› دەپ سورىسام، پەرىشتىلەر: ‹قۇرەيشلىك بىر كىشىنىڭ› دېيىشتى، كىرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇميۇ، كۈنلىشىڭنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلگەچكە كىرمىدىم، — دېۋىدى، ئۆمەر:

— يا رەسۇلەللاھ! سىلىدىنمۇ كۈنلەيمەنمۇ؟! — دەپ كەتتى»(2).

جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ ئىككى سەردارى

ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەلى بىلەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرىدۇر. بۇلار بۇ شەرەپكە لايىقتۇر. چۈنكى، بۇ ئىككى زات ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، پىداكارلىقلىرى ۋە جىھادلىرى ئۈچۈن، بۇ ئۈستۈن مەرتىۋىگە لايىق بولدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەسەن بىلەن ھۈسەين جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرىدۇر»(3) دېگەن.

جەننەتكە بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىدىن ئون كىشىنىڭ ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، پىداكارلىقلىرى ۋە جىھادلىرى ئۈچۈن، جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەرگىزمۇ «ئەسھابلەردىن پەقەت مۇشۇ ئون كىشىلا جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئەسھابلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پەزىلىتى بار. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر غازىتىغا قاتناشقان ئەسھابلەر (ئۇلار ئۈچ يۈزدىن كۆپ ساھابەدۇر) ھەققىدە: «… بەلكى سەن بىلمىگىنىڭ بىلەن ئاللاھ بەدر غازىتىغا قاتناشقانلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا: ‹خاھلىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىۋەتتىم› دەۋەتكەن بولسا ئەجەب ئەمەس»(4) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ھۇدەيبىيەدە دەرەخنىڭ ئاستىدا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا رىزۋان بەيئىتى قىلغان بىر مىڭ تۆت يۈز ساھابەگە گۇۋاھلىق بېرىپ: «پەقەتلا قىزىل تۆگىنىڭ ئىگىسىدىن باشقا، دەرەخنىڭ ئاستىدا بەيئەت قىلغانلار جەننەتكە كىرمەي قالمايدۇ»(5) دېگەن.

لېكىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئون ساھابەنىڭ پەزىلىتىنى ۋە شەرىپىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا خاس گۇۋاھلىق بېرىپ ئېيتىدۇ: «ئون كىشى جەننەتتىدۇر: ئەبۇبەكرى جەننەتتىدۇر، ئۆمەر جەننەتتىدۇر، ئوسمان جەننەتتىدۇر، ئەلى جەننەتتىدۇر، زۇبەير جەننەتتىدۇر، تەلھە جەننەتتىدۇر، ئىبنى ئەۋف جەننەتتىدۇر، سەئد جەننەتتىدۇر، سەئىد ئىبى زەيد جەننەتتىدۇر ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتىدۇر»(6).

دېمەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەرتىۋىلىرى ئۈستۈندۇر.

گۇۋاھلىق

ئايەت ۋە ھەدىستە «جەننەتىي» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە «جەننەتىي» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلمەيدۇ.

 

جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ سەردارلىرى
ئاللاھ تائالا جەننەتنى مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار ئۈچۈن قارارگاھ قىلدى. خۇددى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، سەھەرلىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلايدىغانلار بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭ ئىچىدىمۇ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، سەھەرلىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلايدىغانلار بار.

ئۇنداقتا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللاردىن بىرەرسىگە «جەننەتىي» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنمۇ؟

ئۇلار كىملەر؟

قانچىلىغان ئاياللار باركى، ئۇلار ياخشى سۆز ۋە ئەمەللەردە ئەرلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا، دىنىغا ياردەم بېرىشتە، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل – مال سەرپ قىلىشتا ۋە ئىلىم ئۆگىنىشتە ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بەلكى تارىخ سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، قانچىلىغان ئەڭ كاتتا پەزىلەتلەرنىڭ ئاياللارغا مەنسۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز.

تۇنجى قېتىم ھەرەمدە ئولتۇراقلىشىپ، زەمزەم سۈيىدىن ئىچكەن ۋە سەفا – مەرۋەنىڭ ئارىلىقىدا يۈگۈرگەن ئايال ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەر ئانىمىز ئىدى. تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا كىرگەن ۋە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بەرگەن ئايالمۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە ئانىمىز ئىدى. خوجايىنى تەرەپتىن ئازابلانغان، ئاخىرى ئاللاھ يولىدا تۇنجى بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئايالمۇ ئەممار ئىبنى ياسىرنىڭ ئانىسى سۇمەييە ئىدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرقانچە ئاياللار ئۈچۈن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنىڭ قاتارىدىن:

1) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

ئۇ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ ئانىسى، سالىھ ئاياللارنىڭ يولباشچىسى ۋە تەقۋادار ئاياللارنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. شۇنداقلا ئەقىل، ھېكمەت ۋە قۇربانلىق بېرىشتە ئالدىنقى قاتاردا ئىدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «جىبرىل نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹مانا بۇ خەدىجە ساڭا تاماق ياكى ئىچىملىك بار قاچا ئېلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن سالام ئېيتقىن، ئۇنىڭغا ۋاراڭ – چۇرۇڭ، جاپا – مۇشەققەت بولمىغان جەننەتتىكى مەرۋايىت ساراي بىلەن خۇش بېشارەت بەرگىن› دېگەن»(7).

2) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

ئۇ سىددىقنىڭ قىزى سىددىقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بولۇپ، ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ۋە ئۆمۈر رەپىقىسى ئىدى. شۇنداقلا ئاللاھ «قۇرئان»دا سۈرە نۇرنىڭ ئون ئايەتىدە ئۇنى پاكلىغان ئايال ئىدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئەرلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر كامالەتكە يەتكەن. ئاياللاردىن پەقەت فىرئەۋىننىڭ ئايالى ئاسىيە بىلەن ئىمراننىڭ قىزى مەريەملا كامالەتكە يەتكەن. ھەقىقەتەنمۇ ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئەۋزەللىكى سەرىد (شورپىغا چىلانغان نان) نىڭ باشقا تاماقلاردىن ئەۋزەللىكىگە ئوخشاشتۇر»(8).

شورپا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

— سىز مېنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئايالىم بولۇشقا رازىمۇسىز؟ — دېگەنىدى، مەن:

— شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رازىمەن، — دېسەم، ئۇ زات:

— ئۇنداقتا سىز مېنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئايالىمسىز، — دېدى»(9).

3) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى، يۈرەك پارىسى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرىدىن بولغان ھەسەن بىلەن ھۈسەينننىڭ ئانىسىدۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، بۇ پەرىشتە بۇ كېچىدىن ئىلگىرى زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغانىكەن. ئۇ ماڭا سالام بېرىشكە ۋە فاتىمەنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ خانىشى ئىكەنلىكى ۋە ھەسەن بىلەن ھۈسەيننىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىرىنىڭ سەردارلىرى ئىكەنلىكىنى بېشارەت بېرىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىدىن ئىجازەت ئاپتۇ» دېگەن(10).

4) ئىمراننىڭ قىزى مەريەم ۋە مۇزاھىمنىڭ قىزى ئاسىيە

بۇ ئىككى زات ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بولغان سالىھ ئاياللار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككى ئايال زاتنى ئىمان ئېيتىشقا، رەببىگە ئىتائەت قىلىشقا، بالا – قازالارغا سەۋر قىلىشقا، كۆپ ئىبادەت قىلىش ۋە كۆپ دۇئا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىش بىلەن ھۆرمەتلىگەنىدى.

مەريەمگە كەلسەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا ئۇنىڭ شەنىنى زىكىر قىلدى.

ئاسىيە بولسا مۇزاھىمنىڭ قىزى ۋە پىرئەۋننىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ قاتتىق ئازابلانغان بولسىمۇ، ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان ئىدى ۋە ئۆيدىن ئىلگىرى قوشنىنى تاللىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دېگەنكى: ﴿ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن﴾(66/«تەھرىم»: 11).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت سىزىقنى سىزدى، ئاندىن:

— بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېدى. ئۇ زات:

— جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرى: خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىجە، مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە، ئىمراننىڭ قىزى مەريەم ۋە مۇزاھىمنىڭ قىزى، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەدۇر، — دېدى(11).

ئاللاھ تائالا مۇزاھىمنىڭ قىزى ئاسىيە ۋە ئىمراننىڭ قىزى مەريەم ئەلەيھىسسالاملار توغرۇلۇق ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى. ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى﴾(66/«تەھرىم»: 11، 12).

بۇ مۇئمىن ئايالنىڭ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ھەققىدە بىر دەرس بولۇپ، بۇ مۇئمىن ئايال كافىرلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا مەجبۇرلانغان بولسىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋالىقى ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ياكى كافىرلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن دىنىدىن ۋاز كېچىشتىن ساقلاپ قالغان ئىدى.

پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس قىلغان مۇئمىن ئايال ئىدى. پىرئەۋن بولسا ھەددىدىن ئاشقان بىر تاغۇت ئىدى. ئاسىيە رەببىگە ئىتائەت قىلغان چاغدا، ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ كافىر بولغانلىقى تەسىر كۆرسىتەلمىدى. بۇنداق بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىنى باشقا بىرسىنىڭ گۇناھىنىڭ سەۋەبى بىلەن جازالىمايدىغان ئادىل، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. پىرئەۋننىڭ ئايالى رەببىدىن ئۆزىنى رەھمىتىگە يېقىن قىلىشىنى، ئۆزى ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىشىنى، ئۆزىنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ناچار ئەمەلىدىن قۇتقۇزۇشىنى ۋە زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى تىلىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.

ئاللاھ تائالا ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن يەنە بىر مىسالنى كەلتۈردى. ئۇ بولسىمۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان ۋە رەببىدىن قورققان ئىمراننىڭ قىزى مەريەمدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايالنى ئىززەتلىدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىززەتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ھەمشىرىلىرىمىز، قىزلىرىمىز ۋە بارلىق ئاياللار ئۈچۈن يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئاياللارنى ئۈلگە قىلىشى لايىق بولۇر.

نامى ئۆچمەس ئاياللار

جەننەت ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈندۇر. قانچىلىغان ئاياللار باركى، ئۇلار ئەمەللەردە ئەرلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتكە كىرىش ھالىتى
جەننەت ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋە چوڭ قارارگاھتۇر. ئۇ بەخت – سائادەت ماكانىدۇركى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەختسىزلىك يوقتۇر. بىر ئارامگاھتۇركى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېرىپ – چارچاش يوقتۇر. جەننەتكە جەننەت ئەھلى خۇرسەن بولغان ۋە ئاللاھتىن دۇنيادا ئارقىسىدا قالغانلارغا خۇش – خەبەر بېرىشىنى تىلىگەن ۋە پۈتۈن غەم – قايغۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ھالدا كىرىدۇ.

ئۇنداقتا ئۇلار جەننەتكە قانداق ماڭدۇرۇلىدۇ؟

ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنىڭ ۋە بويلىرىنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟

جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ ھەجمى قانچىلىك؟

ئۇلار قىستىلىشامدۇ؟

ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ – توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 73).

دېمەك، ئۇلار قەلبلىرىگە خۇشاللىق تولغان، چىرايلىرىنى تەبەسسۇم قاپلىغان ھالدا، توپ – توپ بولۇپ جەننەتكە قاراپ ماڭىدۇ.

جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ كەڭلىكى

جەننەتكە كىرگۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىش بىلەن خۇشال بولۇشى ھەممىسىنىڭ قىستىلىشمايلا جەننەتكە كىرىپ كېتەلەيدىغان دەرىجىدە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ كەڭرى ۋە چوڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: «جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ ھەر ئىككى قاناتىنىڭ ئارىلىقى يەتمىش يىللىق مۇساپەدۇر، ھەقىقەتەن، جەننەتتە سۇ دېڭىزى بار، شاراپ دېڭىزى بار، سۈت دېڭىزى بار ۋە ھەسەل دېڭىزى بار. ئاندىن ئۇ دېڭىزلاردىن تارماق دەريا – ئۆستەڭلەر بولىدۇ»(12). يەنە ئېيتىدۇ: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەت دەرۋازىلىرىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھىميەر — ياكى مەككە بىلەن بۇسرا — ئارىلىقىدەكتۇر»(13).

جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى جەننەتكە كىرگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىشىنىڭ سۈپىتى

جەننەت ئەھلى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولىدۇ، بىر ئەقىدىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ ياكى ئۆچمەنلىك بولمايدۇ. ئۇلار جەننەتكە بىر – بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشقان ۋە بەدەنلىرى بىر – بىرىگە يېقىن بولغان ھالدا كىرىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ — ياكى يەتتە يۈز مىڭ — ئادەم بىر – بىرلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ھەممىسى جەننەتكە جەزمەن بىر يولىلا كىرىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك نۇرانە بولىدۇ»(14).

جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر﴾(38/«ساد»: 50). شۇنداق، جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتكە خاتىرجەم ھالەتتە كىرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇق بولىدۇ.

جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار

جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى كەڭرى، گۈزەل ۋە ئارىسىدىن ئۆتۈش ئاسان بولسىمۇ، ئۇ يەنە سەككىز دەرۋازىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ««جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ‹رەييان› دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، ئۇ ئىشىكتىن پەقەت روزىدارلارلا كىرىدۇ» دېگەن(15). يەنە:

— كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر جۈپ نەرسە خەجلىسە(16)، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ‹ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ يەرمۇ ياخشى› دەپ چاقىرىلىدۇ. كىمكى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ، — دېۋىدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئاتام بىلەن ئانامنى ئۆزلىرىگە پىدا قىلاي، ئى رەسۇلۇللاھ! مۇشۇ ئىشىكلەرنىڭ قايسىبىرىدىن چاقىرىلغان كىشىگە زىيان يوق ئىكەن، بىرەر كىشى مۇشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلارمۇ؟(17) — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە (چاقىرىلىدۇ)، مەن سېنىڭ ئاشۇلاردىن بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى»(18).

كىمكى ناماز، روزا، سەدىقە ۋە جىھاد قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جەملىگەن بولسا، جەننەتنىڭ قايسى دەرۋازىسىدىن چاقىرىلىدۇ؟

بىر مۇسۇلمان ناماز، روزا ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ قايسىسىنى كۆپ قىلغان بولسا، شۇ ئىبادەتنىڭ دەرۋازىسىدىن چاقىرىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرگەن چاغدىكى يېشى

جەننەت ئەھلى جەننەتكە ياشلىقنىڭ قىران ۋە گۈزەل مەزگىلى بولغان ئوتتۇز ئۈچ ياش ھالىتىدە كىرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە ساقالسىز، تۈكسىز ۋە كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان، ئوتتۇز — ياكى ئوتتۇز ئۈچ — ياشلىق ئوغلانلارنىڭ ھالىتىدە كىرىدۇ» دېگەن(19). ئۇلارنى زىننەتلىگەن زات ئاللاھ تائالا پاكتۇر.

ئۇلار قېرىمايدىغان ياشلاردۇر

جەننەت ئەھلى ھەممىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلارغا قېرىلىق يەتمەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەت ئەھلى ساقالسىز، تۈكسىز ۋە سۈرمە تارتىلغان، ئۇلارنىڭ ياشلىقى يوقاپ كەتمەيدۇ ۋە كىيىملىرى كونىراپ قالمايدۇ» دېگەن(20). دېمەك، ئۇلار تەقى – تۇرقىغا، بەدەن قۇرۇلۇشىغا ياكى گۈزەللىكىگە قېرىلىق يېتىپ قېلىشتىن قورقمايدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە كىيىملىرى كونىراپ قالمايدۇ، بەلكى كۆركەم ۋە گۈزەل ھالەتتە تۇرىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى

جەننەت ئەھلىنىڭ بەدەنلىرى ئۇزۇنىغا ۋە توغرىسىغا مۇكەممەل ھالەتتە بولۇپ، گۈزەللىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە ساقالسىز، تۈكسىز، ئاق، چاچلىرى بۈدرە ۋە سۈرمە تارتىلغان ئوتتۇز ئۈچ ياشلىق ئوغلانلارنىڭ ھالىتىدە كىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يەتتە گەز كېلىدىغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە كىرىدۇ»(21).

دېمەك، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان، تېرىلىرى سۈزۈك، رەڭلىرى ئاق ۋە بۈدۈرچاچ بولىدۇ. شۇنداقلا ياشلىرى ئوتتۇز ئۈچ ياش، ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز ۋە كەڭلىكى يەتتە گەز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ جەننەتتە كۆپ ھۇزۇرلىنىشى ۋە راھەتلىنىشى ئۈچۈن، بەدەنلىرىنى دۇنيادىكى چاغدىكىدىن يوغان قىلىدۇ.

گۈزەللىك

جەننەت ئەھلىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە بەدەنلىرىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۇلارنىڭ نېئمىتىنى زىيادە قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

جەننەتنىڭ دەرىجىلىرى توغرىسىدا
جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىلىرى بار بولۇپ، جەننەت ئەھلى ئۇ دەرىجىلەرگە ئەمەللىرىگە قارىتا لايىق بولۇر. خۇددى مۇئمىنلەر دۇنيادا تائەت – ئىبادەتلەرگە قىزغىن بولۇش ۋە باشقا ئەمەللەرگە ئالدىراشتا پەرقلىق بولغىنىدەك، ئاخىرەتتىمۇ جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىدە ئەمەللىرىگە قارىتا پەرقلىق بولىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى مۇئمىن بولۇپ، ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ﴾(20/«تاھا»: 75)، ﴿سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل – مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار (مەككە پەتھى قىلنغاندىن كېيىن پۇل – مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر – بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى﴾(57/«ھەدىد»: 10).

ئۇنداقتا جەننەتنىڭ دەرىجىلىرى قايسىلار؟

ئۇ دەرىجىلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە قانچىلىك؟

ئىنسان دەرىجىلەرگە قانداق ئۆرلەيدۇ؟

جەننەت ئۈستۈنلۈك، نېئمەت ۋە ھۇزۇر جەھەتلەردە بىر – بىرىدىن ئارتۇق دەرىجە ۋە مەرتىۋىلەردە بولۇپ، مۇئمىنلەر ئىمانى ۋە تەقۋالىقىغا قارىتا ئۇ دەرىجىلەرگە لايىق بولۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن جەننەت ئەھلى يۇقىرى دەرىجىلىك قەسىرلەردىكى كىشىلەرنى ئۆز ئۈستىدىن خۇددى ئۇپۇقتا كۈن چىقىش ياكى كۈن پېتىش تەرەپكە كېتىۋاتقان نۇرلۇق يۇلتۇزلارغا قارىغاندەك كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يۇقىرى – تۆۋەن مەرتىۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقى سەۋەبلىك بولغان، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ دېگەن ئەنبىيائلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن باشقىلار يېتەلمەيدىغاندۇ، — دېدى، رەسۇلۇللاھ:

— ياق، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئەنبىيائلەرگە ئىشەنگەنلەردۇر، — دېدى(22).

جەننەتتە يۈز دەرىجە بار

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەردىكى، جەننەتنىڭ دەرىجىلىرى يۈز دەرىجە بولۇپ، ئۇ دەرىجىلەرنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرقلەر بار. ئۇ زات:

— كىمكى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرىدىكەن، پەرز نامازلارنى جايىدا ئوقۇيدىكەن، رامازان روزىسىنى تۇتىدىكەن، مەيلى ئۇ ئادەم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسۇن، مەيلى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يېرىدە ئولتۇرسۇن، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەرگە بېشارەت بەرمەيلىمۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەقىقەتەن جەننەتتە يۈز دەرىجە باركى، ئۇلارنى ئاللاھ ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئۈچۈن تەييارلىغان. ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئوتتۇرىدا ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىدىكىدەك ئارىلىق بار، شۇڭا ئاللاھتىن تىلىگىنىڭلاردا ئۇنىڭدىن فىردەۋسنى تىلەڭلار! چۈنكى، ئۇ جەننەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسى ۋە ئەڭ ئالىيسىدۇر. راھماننىڭ ئەرشى ئۇنىڭ ئۈستىدەدۇر، جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئاشۇنىڭدىن (فىردەۋستىن) ئېتىلىپ چىقىدۇ — دېدى(23).

فىردەۋس قانداقسىگە جەننەتنىڭ ھەم قاپ ئوتتۇرىسى، ھەم ئەڭ ئالىيسى بولىدۇ؟

شۇنداق، فىردەۋس جەننەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، جەننەتنىڭ باشقا جايلىرى ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ. فىردەۋسنىڭ جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىيسى ۋە ئۈستۈنى بولۇشى ئۇنىڭ جەننەتنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، فىردەۋسنىڭ تورۇسى مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىدۇر.

ئۈستۈن دەرىجىلەر مۇجاھىدلارغىلا خاسمۇ؟

دەرىجىلەرنىڭ ئۈستۈن ۋە يۇقىرى بولۇشى مۇجاھىدلارغىلا خاس ئەمەس. بەلكى مۇئمىنلەردىن ئىبارەت نىجات تاپقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەتتە يۈز دەرىجە بولۇپ، ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىلىقى يۈز يىللىق مۇساپىدۇر» دېگەن(24).

جەننەتتە كۆپ دەرىجىلەر بار

ھارىسە ئىبنى سۇراقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدر غەزۋىسىدە ئەنسارلاردىن شەھىد بولغان تۇنجى ساھەبەدۇر. ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ئاجايىب. يېشى كىچىكلىكى سەۋەبلىك بەدر غەزۋىسىگە جەڭچى بولۇپ قاتنىشالمىغان ھارىسە ئۇرۇش مەيدانىدىن نېرىراقتىكى بىر كۆلچەكتىن سۇ ئىچىۋاتقاندا غايىبتىن كەلگەن بىر ئوق تېگىپ شەھىد بولىدۇ. بەدردىن مەدىنەگە قايتقاندىن كېيىن ھارىسەنىڭ ئانىسى رەسۇل ئەكرەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئوغلى ھەققىدە مۇشۇ ھەدىستە كەلگەندەك سورايدۇ:

— ئى ئاللاھنىڭ نەبىيسى! ماڭا ھارىسە توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەمدىلا؟ — ھارىسە بەدر ئۇرۇشىدا غايىبتىن كەلگەن بىر ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى ــ ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولسا، سەبر قىلاي. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مەن ئۇنىڭغا ئېچىنىپ قاتتىق يىغلاي، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! ئۇ جەننەتتە نۇرغۇن جەننەتلەر باردۇر. سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك فىردەۋس دېگەن جەننەتكە ئېرىشتى، — دېدى(25).

ئادىللىق

مۇئمىنلەر ئەمەللىرىگە قارىتا جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىدە پەرقلىق بولىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. ئىبنى ماجە (97). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 82) «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7024)؛ مۇسلىم (2394). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى بولسا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەشھۇر ئەخلاقلىرىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ياكى ھەمشىرىلىرىدىن بىرەرىنى بىر ئەر كىشى كۆرۈپ قالسا بەك غەزەپلىنەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەردە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ قەسرىڭگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، ئى ئۆمەر! قەسىردە سېنىڭ ئاياللىرىڭنى كۆرۈپ قالسام، سېنىڭ غەزەپلىنىشىڭدىن قورقتۇم، شۇنىڭ بىلەن قەسىرگە كىرمەي ئۆتۈپ كەتتىم» دېدى. ئۆمەر جاۋابەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سىلىگىمۇ كۈندەشلىك قىلامدىم. يەنى مەن سىلىنىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكلىرىگە ۋە كۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلايدىغانلىقلىرىغا شەك قىلمايدىغان تۇرسام، قانداقسىگە سىلىگە كۈندەشلىك قىلىمەن» دېدى.
3. تىرمىزىي (3768). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 47) «سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4890)؛ مۇسلىم (2494).
5. ھەممىڭلارغا مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. بىر قاراشتا: «ئۇ مۇنافىق جىد ئىبنى قەيستۇر». «مۇسلىم»دىكى يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى ئىزدەپ كەلگەن بىر ئەئرابىي ئىدى» دېيىلگەن — ت.
6. تىرمىزىي (3747). ئالبانىي: («شەرھۇتتاھاۋىيە»، 550) «سەھىھ» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7497)؛ مۇسلىم (2432).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3769)؛ مۇسلىم (2431).
9. ئىبنى ھىببان (7095). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2255) «سەھىھ» دېگەن.
10. تىرمىزىي (3781). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2257) «سەھىھ» دېگەن.
11. ئەھمەد (2668). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
12. ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەلئاھاد ۋەلمەسانىي»، (1475). ئىسنادى سەھىھ.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4712)؛ مۇسلىم (194). (ھىميەر: يەمەن شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر، بۇسرا بولسا شام شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 19/28 — ت.)
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6543)؛ مۇسلىم (219).
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3257)؛ مۇسلىم (1152).
16. مەسىلەن، «ئىككى تۇياق كالا، ئىككى تۇياق ئات، ئىككى دانە تىللا، ئىككى دانە نان ياكى ئىككى پارچە كىيىم دېگەندەك ھەرقانداق نەرسىدىن ئىككىنى بىراقلا ياكى ئارقىمۇئارقا سەرپ قىلسا ياكى سەرپ قىلىشنى ئادەت قىلىۋالسا» دېمەكتۇر. چۈنكى، بىر قېتىم سەرپ قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سەرپ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئادەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى قېتىم سەرپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئادەت ھېسابلاشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت يۈزىسىدىن ئىككى قېتىمنى ھېساب قىلغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/264؛ كەشمىيرىي: «فەيزۇلبارىي»، 4/299 — ت.
17. يەنى بىر كىشى ئۇ دەرۋازىلارنىڭ بەك كەڭرى بولغانلىقى ۋە قىستاڭچىلىق بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلسا ھېچنېمە بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاشۇ دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلسا بولامدۇ، دېمەكچى.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1897)؛ مۇسلىم (1027).
19. تىرمىزىي (2545). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2545) «ھەسەن» دېگەن.
20. تىرمىزىي (2539). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2539) «ھەسەن» دېگەن.
21. ئەھمەد (7920). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3256)؛ مۇسلىم (2831).
23. بۇخارىي (2790).
24. تىرمىزىي (2529). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 4245) «سەھىھ» دېگەن.
25. بۇخارىي (2809).