Sherhul_eqa'id_ennesefiyye_hashiyesi

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (3) باھائۇددىن ئىبنى رەھمەت ئەلخوتەنىي، ئاندىن يۇرۇڭقاشىي – شەرھۇل ئەقائىد ئەننەسەفىييە ھاشىيەسى / حاشية على شرح العقائد النسفية

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇل ئەقائىد ئەننەسەفىييە ھاشىيەسى

تۈر: ئەقىدە، ئۇسۇلىددىن، ئىلمۇلكالام. بۇ كىتاب سەئدۇددىن تەفتازانىينىڭ ئىمام ئۆمەر نەسەفىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئەقائىدۇ ئەننەسەفىييە ئاتلىق تەۋھىد ۋە ئىسلام ئەقىدىسىدە يېزىلغان مەشھۇر مۇختەسەرىگە يازغان شەرھىگە ھاشىيەدۇر.

ۋاراق سانى: 194 (388 بەت)

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: قوليازما تولۇق، ھەر بىر بەت 18 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان. يېزىپ تاماملانغان ۋاقتى قوليازمىنىڭ ئاخىرىدا كەلگىنىدەك: ھ. 1303، 10 – رەجەب/ 1886، 13 – ئاپرىل.

باشلىنىشى: الحمد لله الذي قدرنا في سابق علمه بالإحسان، والصلاة على سيدنا محمد نبيه الذي هو سيد الملائكة والإنسان، وعلى آله وأصحابه عليهم الرضوان، أما بعد، فيقول العبد المذنب الذليل الراجي رحمة ربه الجليل بهاء الدين بن رحمت الخُتَني ثم يورونكقاشي من أدنى طلاب فريد العصر الشيخ سيدنا قطب الملة والدين وأستاذنا ومرشدنا برهان الحق واليقين يولداش آخونلوقوم خلد الله تعالى ظلاله…

ئاخىرى: ولكن هذا آخر ما أريد كتابته وقد تم بتوفيق الله تعالى في سنة ثالثة بعد الألف وثلثمائة 1303 هـ في يوم الأربعاء بعد العشاء الأخيرة من شهر رجب عند ليلة العاشر. الحمد لله وعلى عباده اللذين المصطفى والتزم متابعة أهل الخير والهدى. ربنا أتمم لنا نورنا، واغفرلنا إنك على كل شيء قدير برحمتك يا أرحم الراحمين، آمين.

قوليازما ساقلانغان ئورۇن: رىياد. پادىشاھ مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى مەركەز كۇتۇپخانىسى 122 – نومۇر / المكتبة المركزية، جامعة الملك محمد بن سعود: 122.

مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قوليازمىدا مۇنداق كەلگەن: باھائۇددىن ئىبنى رەھمەت ئەلخوتەنىي، ئاندىن يۇرۇڭقاشىي، دەۋرنىڭ يېگانىسى ئۇستازىمىز شەيخ يولداش ئاخۇنلۇقۇم ئەلخۇتەنىينىڭ ئەڭ تۆۋەن شاگىرتلىرىدىن.

بەلكىم بۇ زات ساجىيە توربېتىدىكى بۇ تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن، ئاتىسىنىڭ فامىلىسى، بەزىبىر يىل، تارىخلەر پەرقلىق، تەتقىقاتچىلار ئىزدىنىپ كۆرگەي:

باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يۇرۇڭقاش
(ھ. 1237 – 1330 / م. 1821 – 1911)

 

مۇھەممەد ئەمىن ئوغلى باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ يۇرۇڭقاش دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بىلىمنى خوتەندە ئالغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قازىلىق، پەتۋا ئىشلىرى قاتارلىق بىرقانچە ئىشلاردا رەھبەرلىك رولىنى ئۆتىگەن. ھىجرىيە 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھەج قىلىش ئىستىكىدە سەپەرگە ئاتلانغان. ھىندىستانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستان مۇفتىسى ئابدۇلھەي مەۋلەۋىي بىلەن كۆرۈشكەن، دىيۇبەند، لوكىنھۇ قاتارلىق ئىلىم دىيارلىرىدىكى مەشھۇر ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان.

شەيخ باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىسىمدىشى شەيخ باھائۇددىن مەخسۇم بىلەن باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئېسىلزادىلەرچە ياشاش، ئىلىم سورۇنلىرىدىكى سۆزمەنلىكى ۋە ئالاھىدە تالانتىنىڭ بارلىقى، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى مەسىلەن، تۇرالغۇ، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك… قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مول بىلىمگە ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، ياخشى ئىشلارغا بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە تەرەققىياتى، مەكتەپ – مەدرىسەلەر، ئىلمىي ئاكادىميە ۋە ئىنستىتۇتلار كەبى ئىلىم – مەرىپەت بۇلاقلىرىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

مەرھۇم ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلغار ئوقۇش – ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىم – مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسلۇبلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ پىروگراممىدىن پايدىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇشى خوتەن ۋىلايىتىدىكى خانلىق مەدرىسەدە بولغانىدى. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، يۇرتنىڭ ھۆكۈم ۋە پەتۋا ئىشلىرىغىمۇ ئىگە بولغانىدى. بۇ  -1931يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى.

رەھمەتلىك باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ھ. 1330 – يىلى 100 ياشقا يېقىن ئۆمۈر كۆرۈپ ۋاپات بولغان.

جانابى ئاللاھ تائالادىن مەرھۇمغا رەھمەت قىلىشىنى، ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يۇرۇڭقاش

تەۋەللۇدى: خوتەن / يۇرۇڭقاش. ھ. 1237 / 1911م.

ۋاپاتى: خوتەن، ھ. 1330 / م. 1911.

 

***

 

اسم المخطوطة: حاشية على شرح العقائد النسفية

الفن: عقيدة، علم الكلام، أصول الدين.

عدد الأوراق: 194

وصف المخطوطة: هذه النسخة المخطوطة كاملة، مكتوبة بخط واضح، في كل صفحة 18 سطر، ووقت إتمام كتابتها كما جاء في آخرها ھ. 1303، 10 – رجب/ 1886، 13 – أبرىل.

أوله: الحمد لله الذي قدرنا في سابق علمه بالإحسان، والصلاة على سيدنا محمد نبيه الذي هو سيد الملائكة والإنسان، وعلى آله وأصحابه عليهم الرضوان، أما بعد، فيقول العبد المذنب الذليل الراجي رحمة ربه الجليل بهاء الدين بن رحمت الخُتَني ثم يورونكقاشي من أدنى طلاب فريد العصر الشيخ سيدنا قطب الملة والدين وأستاذنا ومرشدنا برهان الحق واليقين يولداش آخونلوقوم خلد الله تعالى ظلاله…

آخره: ولكن هذا آخر ما أريد كتابته وقد تم بتوفيق الله تعالى في سنة ثالثة بعد الألف وثلثمائة 1303 هـ في يوم الأربعاء بعد العشاء الأخيرة من شهر رجب عند ليلة العاشر. الحمد لله وعلى عباده اللذين المصطفى والتزم متابعة أهل الخير والهدى. ربنا أتمم لنا نورنا، واغفرلنا إنك على كل شيء قدير برحمتك يا أرحم الراحمين، آمين.

مكان المخطوطة: المكتبه المركزية، جامعة الملك محمد بن سعود: 122.

الاسم المؤلف الكامل: بهاء الدين بن رحمت الخُتَني ثم يورونكقاشي من تركستان الشرقية تلميذ الشيخ قطب الملة والدين برهان الحق واليقين يولداش آخونلوقوم

مكان الولادة: يورونكقاش من ضواحي خُتَن، تركستان الشرقية

مكان الوفاة: يورونكقاش من ضواحي خُتَن

ولعله صاحب هذه الترجمة، فليتأكد الباحث عن نسبته والتواريخ المتعلقة به:

بهاء الدين أعلم آخونوم يورونقاش

(ھ. 1237 – 1330 / م. 1821 – 1911)

 

هو بهاء الدين بن محمد أمين من مواليد يورونقاش في شرق ولاية خُتَن في ناحية لوب. ودرس في ولاية خُتَن، وأتم تحصيله العلمي فيها، وتقلد مناصب قيادية في الأوساط العلمية كالقضاء والإفتاء. وفي الثلث الأخير من القرن الثالث عشر سافر للحج، والتقى في الهند بالمولوي عبد الحي صاحب مفتي ديار الهند آنذاك. والتقى بكبار العلماء في مدينة العلم ديوبند ولكنو. وكان الشيخ بهاء الدين أعلم صنوا معاصرا للشيخ بهاء الدين مخدوم، حيث يجمع بينهما كثير من أوجه الشبه من حيث الغنى والترف وحياة أرستقراطية ومهارة فائقة في إدارة دفة الحديث في المجلس العام، والمجالس المتخصصة للدرس والإلقاء، ومساعدة كبيرة من العلم والحنكة الإدارية والبذل والصرف في وجوه الخير، ولا سِيَّما في النهضة التعليمية أو ما يشبه ذلك، وبناء معاقل العلم ومنابع الأدب والعرفان من دور العلم كالمدارس والمعاهد الدينية.

وقد نقل رحمه اللّه من مناهج التعليم في العالمين العربي والإسلامي، ونفذه في طلبته نحو تحسين أساليب اكتساب العلم والمعرفة. وكان تدريسه في المدرسة الملكية (خانليق مدرسة) في قصبة إلْجِي بولاية خُتَن. وتولى القضاء والإفتاء كما أسلفنا ونوهنا عليه. وذلك قبل ثورة عام 1931م حيث كانت وفاته عام 1930م عن عمر ناهض المائة عام أو فيما يقاربها. نسأل اللّه أن يرحمه ويكرم نزله.

انظر: الإعلام لبعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.

 

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (3) شەرھۇل ئەقائد ئەننەسەفىييە ھاشىيەسى / حاشية على شرح العقائد النسفية» pdf