ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى ۋە ھېكمىتىنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھ تائالا توغرا يول بىلەن باتىل يولدىن ئىبارەت ئىككى يولنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىنسان توغرا يول تېپىپ شۈكۈر قىلغۇچىدۇر ياكى ئېزىپ كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت، رەھمەت ۋە مەغفىرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ۋە ھەسرەت – نادامەتتە قالىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. كىم ھىدايەت تاپقان بولسا، ئۆزى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازسا ئازغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزى ئۈچۈندۇر.
ئۇنداقتا دوزاخ دېگەن نېمە؟
ئۇنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟
دوزاخ ئەھلى كىملەر؟
ئۇلار نېمە ئۈچۈن دوزاخقا كىردى؟
ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ: ﴿ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت (قىيامەت كۈنى) باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 20) دېگەن.
ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە مۇئمىنلەرگە جەننەتنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇردى. شۇنداقلا خۇش بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەنبىيائلەرنى ئەۋەتتى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مەن بىلەن كىشىلەرنىڭ مىسالى شۇكى، بىر كىشى ئوت قالاپ، ئەتراپنى يورۇتقاندا، پەرۋانە ۋە باشقا ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدىغان ھاشاراتلار ئوتقا چۈشۈپ كەتكىلى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇ نەرسىلەرنى ئوتتىن تارتىپ چىقارغىلى تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ نەرسىلەر يەنىلا ئۇ كىشىگە ئۇنىماي ئوتقا ئۆزىنى ئاتقىلى تۇرغان، دېمەك مەن سىلەرنىڭ ئىشتان باغلىرىڭلارنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتىن توسۇپ قالغۇچىمەن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئوتقا ئېتىۋاتىسىلەر»(1).
دوزاختىن ئاللاھقا سىغىنىش
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دوزاختىن ئاللاھقا سىغىناتتى ۋە ئەسھابلىرىنىمۇ دوزاختىن سىغىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئەسھابلىرىگە خۇددى «قۇرئان»دىن بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك، بۇ دۇئانى ئۆگەتكەن ئىدى: «ئېيتىڭلار: ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمىز، ساڭا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ مەسىھ دەججالنىڭ فىتنەسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن ۋە ساڭا سىغىنىپ ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق فىتنەلىرىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»(2).
دوزاختىن قورقۇتۇش
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دوزاخقا كىرىشتىن قورقۇتۇپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا قىزىقتۇرۇپ، دوزاخنىڭ سۈپىتىنى زىكىر قىلىپ تۇراتتى. ئاللاھقا ئۆزىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى بۇ ئىدى: «ئى ئاللاھ! پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»(3).
ئەسھابلەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ بەردى. ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دوزاخنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئازابىدىن پاناھلىق تىلەپ، يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. ئاندىن يەنە دوزاخنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئازابىدىن پاناھلىق تىلەپ، يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. ئاندىن: ‹خورمىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، ئەگەر ئۇنىمۇ تاپالمىساڭ بىر ئېغىز چىرايلىق سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانغىن› دېدى»(4).
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەۋېتىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ‹مەن سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇردۇم. مەن سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇردۇم. مەن سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇردۇم›. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزنى تەكرارلاۋەردىكى، مۇبادا ئۇ زات مېنىڭ بۇ ئورنۇمدا بولغان بولسا ئىدى، بۇ سۆزىنى جىمى بازار ئەھلى ئاڭلىغان بولاتتى. ھەتتا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇچىسدىكى رىداسىمۇ پۇتىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى»(5).
دۇئا
ئى ئاللاھ! بىزنى دوزاختىن ساقلىغىن، ئامىن.
دوزاخنىڭ ئىسىملىرى
بىرنەرسىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئەرەب تىلىدا مەشھۇردۇر.
ئۇنداقتا دوزاخنىڭ باشقا ئىسىملىرى بارمۇ؟
بۇ ئىسىملارنىڭ دالالىتى نېمە؟
دوزاخنىڭ شەنىنىڭ چوڭ، ئازابىنىڭ قاتتىق بولغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتتىق ھەسرەت چېكىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسىملىرى كۆپ بولدى. ئاللاھ تائالا بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن «قۇرئان»دا دوزاخنىڭ بىرقانچە ئىسىملىرىنى زىكىر قىلدى. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:
1) جەھەننەم
بۇ دوزاخنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرىدىندۇر. ئاللاھقا سىغىنىپ بۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمىز. «جەھەننەم» كەلىمىسى، «جھم» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، تەرىنى تۈرمەك، ھومايماق، قوپاللىق قىلماق ۋە زۇلمەت مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. «وجە متجھم» دەپ كەلسە، «ھومايغان چىراي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا دوزاخنى بۇ ئىسىم بىلەن بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلغان. گۇناھكارلار توغرۇلۇق ئېيتقاندەك: ﴿ئۇ كۈندە ئۇلار جەھەننەمگە قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ﴾(52/«تۇر»: 13).
2) لەزا (لظي)
بۇ دوزاختىن لاۋۇلدىغان ئۇچقۇندۇر. دوزاخنىڭ ئوتىدىن بەدەنلەرنى كۆيدۈرۈپ، تېرىلەرنى پىشۇرۇۋېتىدىغان ئۇچقۇنلار چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ياق، ئۇ مۇقەررەر لەزادۇر. (يەنى بۇ گۇناھكار كافىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ﴾(70/«مەئارىج»: 15، 16).
3) ھۆتەمە (الحطمة)
«الحطمة» پارچىلىماق، سۇندۇرماق ۋە ۋەيران قىلماقنى بىلدۈرىدىغان «تحطيم» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەندۇر. دېمەك، دوزاخنىڭ ئوتى ھارارىتىنىڭ قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر – بىرىنى پاچاقلىۋېتىدۇ ۋە ئىچىدىكى ئىنسانلارنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ، ھۆتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ. ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ﴾(104/«ھۇتەمە»: 4 — 9).
4) سەئىر (السعير)
«السعير» بولسا قاتتىق يالقۇنجىماق ۋە كۆيمەكنى بىلدۈرىدۇ. ئەرەبلەر ئەگەر ئوت يېقىپ، ئوتنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇششاق ئوتۇنلارنى قويغان بولسا، «سَعَّرْتُ النَّارَ / ئوتنى يالقۇنجاتتىم» دەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر سەئىردە بولىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 7).
5) ھاۋىيە (الهاوية)
«الهاوية» بولسا «هوي» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، چوڭقۇر بىر جايغا قاتتىق چۈشۈپ كېتىشنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، دوزاخ ئەھلىنىڭ قارارگاھى ھاۋىيەدۇر، يەنى دوزاختۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر﴾(101/«قارىئە»: 8 — 11).
6) جەھىم (الجحيم)
«الجحيم» بولسا «جحم» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئوتنىڭ قاتتىق يالقۇنجاپ كۆيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى جەھىمگە تاشلاڭلار﴾(69/«ھاققە»: 30، 31).
يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «بۇ گۇناھكارنى تۇتۇڭلار ۋە ئىشكەللەر بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى بوينىغا باغلاڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ قاتتىق ئازابلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى جەھىمگە تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ.
7) سەقەر (سقر)
ئەرەبلەر ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كەتكەن بولسا، «يوم مسقر / تىنجىق كۈن» دەپ ئاتايدۇ. دېمەك، «سەقەر» نەرسىلەرنى ئېرىتىۋېتىدىغان قاتتىق ئىسسىقنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «سەقەرنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)﴾(54/«قەمەر»: 48). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن. سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ). ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 26 — 30).
يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار دوزاخنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئاللاھقا سىغىنىپ، دوزاختىن پاناھلىق تىلەيمىز.
ئوچۇق سۆز
دوزاخنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىگە دالالەت قىلىدۇ.
دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەمەللەر
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى يارىتىپ، بۇ ئىككى جاينى بىزگە سۈپەتلەپ بەردى. ئاندىن بىزگە جەننەت ۋە دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان يوللارنى بايان قىلىپ بەردى. لېكىن، بىزنى بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىگە مەجبۇر قىلمىدى، بەلكى بىزگە بۇ يوللارنى ئۆگەتتى، قىزىقتۇردى ۋە ئاگاھلاندۇردى. بۇ خاتا يولدا ماڭغانلارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا مالامەت قىلىشى ئۈچۈندۇر.
ئۇنداقتا دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەر قايسىلار؟
ئۇ ئەمەللەرنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش دوزاختا مەڭگۈ قېلىشنىڭ سەۋەبى بولغانلىقى ئۈچۈن، دوزاختىن قۇتۇلۇش ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن، ئىمان ئېيتقانلىقىنى ۋەسىلە قىلىپ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 16).
«قۇرئان» ۋە سۈننەتتە دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ بايانى كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن:
1) ئىخلاس بىلەن ئىككى شاھادەتنى ئېيتىش
«بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئىماننىڭ ئالامىتى ۋە جەننەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ شاھادەت ئاللاھنىڭ مۇستەھكەم ئارغامچىسى ۋە توغرا يولىدۇر. بۇ شاھادەت ئىسلامنىڭ شەرتى ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ كارتىدۇر ۋە بۇ شاھادەت يەنە دوزاختىن قۇتۇلدۇرغۇچى ۋە رەھمان ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرگۈچى كەلىمىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، شەكسىزكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر› دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن(6).
2) ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش
سۆيۈش قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىن بولۇپ، بەندە بۇ ئارقىلىق غەيبلەرنى بىلگۈچى ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ. دېمەك، بەندە جەننەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ جامالىنى كۆرۈشى ئۈچۈن، ئول پەرۋەردىگارىنى سۆيۈشىدە راستچىل بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيسە، بۇ سۆيگۈ ئۇنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئەگىشىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت توغرۇلۇق سوراپ:
— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دېدى. ئۇ كىشى:
— ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۆيۈشتىن باشقا تەييارلىغىنىم يوق، — دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ:
— سەن (قىيامەت كۈنى) سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن بىللە بولىسەن، — دېدى». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «بىز ھېچ نەرسىگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹سەن سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن بىللە بولىسەن› دېگەن سۆزىگە خۇش بولغاندەك، خۇشال بولۇپ باقمىدۇق. مەنمۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرنى سۆيىمەن، مەن گەرچە ئۇلاردەك ئەمەل قىلالمىساممۇ، ئۇلارنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى تىلەيمەن»(7).
3) سەدىقە قىلىش
سەدىقە قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ قەلبنىڭ پاكلىقى ۋە ساپلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «يېرىم خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار»(8). يەنە ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تەرجىمان بولمايدۇ. ئاندىن ئۇ قارايدۇ – يۇ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئالدىغا قارىسا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتلا چىقىدۇ، شۇڭا قايسىبىرىڭلار خورمىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنالىسا (ساقلانسۇن)›»(9). بۇ ھەدىستە سەدىقە قىلىشقا تەرغىب قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى ئاز دەپ تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. ھەقىقەتەن، ئاز سەدىقىمۇ دوزاختىن ساقلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.
4) نەپلە روزا تۇتۇش
روزا بولسا ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىلارنى دوزاختىن ساقلايدىغان چوڭ ئىبادەتلەرنىڭ بىرىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «روزا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ جەڭدىكى قالقىنىدەك، دوزاختىن قالقاندۇر» دېگەن(10).
نەپلە روزىنىڭ پەزىلىتى چوڭ بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىل يىراقلاشتۇرىدۇ»(11) دېگەن.
«ئاللاھ يولىدا» دېگىنى «ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس قىلغان ھالدا روزا تۇتسا» ياكى «ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا روزا تۇتسا» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىشى ئېھتىمالغا يېقىندۇر.
5) داۋاملىق جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش
جامائەت نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)﴾(9/«تەۋبە»: 18).
قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىدىن نېمە ئۈچۈن دوزاخقا كىرگەنلىكىدىن سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ﴿ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق»﴾(74/«مۇددەسسىر»: 42، 43).
دېمەك، ناماز دوزاختىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرىنچى تەكبىرگە ئۈلگۈرۈپ جامائەت بىلەن قىرىق كۈن ناماز ئوقۇسا، ئۇ ئادەم ئۈچۈن دوزاختىن قۇتۇلۇش ۋە نىپاقتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇلۇش پۈتۈلىدۇ» دېگەن(12).
يەنە ناماز ھەققىدە دېدىكى: «كىمكى نامازنى تەرك قىلماي، ۋاقتىغا رىئايە قىلىپ ئوقۇسا، ناماز قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە نۇر، ھۆججەت ۋە نىجاتلىق بولىدۇ. كىمكى نامازغا بىپەرۋالىق قىلسا، ناماز ئۇ كىشىگە نۇر، ھۆججەت ياكى نىجاتلىقنىڭ ھېچ بىرى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى پىرئەۋن، قارۇن، ھامان ۋە ئۇبەي ئىبنى خەلەفلەر بىلەن بىللە بولىدۇ»(13).
6) بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش
نامازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى بار بولۇپ، ئەرلەرگە بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىب(14). بولۇپمۇ كىشىلەر كۆپ سەل قارايدىغان بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزى بەكرەك تەكىتلىنىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ناماز ئوقۇغان ئادەم ھەرگىزمۇ دوزاخقا كىرمەيدۇ» دېگەن(15).
7) ئەتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش دوزاختىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى ئەتىگەن ۋە كەچتە: ‹ئى ئاللاھ! مەن تاڭ ئاتقۇزدۇم. سېنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، سېنىڭ ئەرشنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلىرىڭنى، بارلىق پەرىشتىلىرىڭنى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلىرىڭنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سەن ئاللاھتۇرسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ھەقىقەتەن مۇھەممەد سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭدۇر› دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تۆتتىن بىرىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. كىمكى بۇنى ئىككى قېتىم دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭ يېرىمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. كىمكى بۇنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. كىمكى بۇنى تۆت قېتىم دېسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن (پۈتۈن) ئازاد قىلىدۇ»(16).
8) دوزاختىن ئامانلىق تىلەش
دۇئا ئۆتكۈر قىلىچ، قۇرۇماس بۇلاق، مۇئمىنلەرنىڭ قورالى ۋە كافىرلارغا نىسبەتەن غەزەپ – نەپرەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر﴾(25/«فۇرقان»: 65، 66).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «بىر مۇسۇلمان ئاللاھتىن ئۈچ قېتىم جەننەتنى سورىغانلا بولسا، جەننەت چوقۇم: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن› دېمەي قويمايدۇ. بىر مۇسۇلمان ئاللاھقا سىغىنىپ، ئۈچ قېتىم دوزاختىن پاناھلىق تىلىگەنلا بولسا، دوزاخ چوقۇم: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنى دوزاختىن ساقلىغىن› دېمەي قويمايدۇ»(17).
9) يەتتە قېتىم «ئى ئاللاھ! مېنى دوزاختىن ساقلىغىن» دېيىش
بۇمۇ ئىجابەت قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان دۇئالارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، بىر كىشىگە گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى: ‹اللهم أَجِرْني من النار / ئى ئاللاھ! مېنى دوزاختىن ساقلىغىن› دەپ يەتتە قېتىم ئېيتقىن، ھەقىقەتەن، سەن شۇ كۈنى ۋاپات بولۇپ كەتسەڭ، ئاللاھ سەن ئۈچۈن دوزاختىن ساقلىنىشنى پۈتىدۇ. شام نامىزىنى ئوقۇپ، بىر كىشىگە گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى: ‹اللهم أَجِرْني من النار / ئى ئاللاھ! مېنى دوزاختىن ساقلىغىن› دەپ يەتتە قېتىم ئېيتقىن، ھەقىقەتەن، سەن شۇ كېچىسى ۋاپات بولۇپ كەتسەڭ، ئاللاھ سەن ئۈچۈن دوزاختىن ساقلىنىشنى پۈتىدۇ»(18). يەنى «ئاللاھ تائالا سەن ئۈچۈن دوزاختىن نىجات تېپىپ، پىلسىراتتىن ئۆتۈپ كېتىشنى پۈتىدۇ».
10) پېشىن نامىزىدىن ئىلگىرى تۆت، كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇش
ناماز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەلدۇر. بەندە ئاللاھقا نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ، ئاخىرى ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل پەرز نامازلار، ئاندىن قالسا نەپلە نامازلاردۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت (سۈننەت)نى ۋە پېشىندىن كېيىن تۆت رەكئەت(سۈننەت)نى ئىزچىل ئوقۇسا، ئۇ دوزاخقا ھارام بولىدۇ»(19).
11) ئاللاھنىڭ يولىدا قەدەملىرىنىڭ توپا بولۇشى
جىھاد ئىسلامنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىدۇر ۋە جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. كىمكى ئاللاھ يولىدا تۆگىنى ساغقان مۇددەتچىلىك بولسىمۇ جىھاد قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەت ۋاجىب بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قاندﺍﻕ بىر كىشىنىڭ ئىككى پۇتى ئاللاھ يولىدﺍ چاﯓ – توﺯﺍﻥ بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ﺩﻭﺯﺍخنى ھاﺭﺍﻡ قىلىدﯗ»(20) دېگەن. يەنە: «قانداق بىر بەندىنىڭ ئىككى پۇتى ئاللاھ يولىدا چاڭ – توزان بولسا، ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتى تېگىپ قالمايدۇ»(21) دېگەن.
12) ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش
ھېكمەتنىڭ بېشى ئاللاھتىن قورقۇش بولۇپ، بۇ جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار﴾(55/«رەھمان»: 46).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېغىلغان سۈت يېلىنگە قايتىشى يوق گەپ بولغىنىدەك، ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن ئادەمنىڭ دوزاخقا كىرىشىمۇ يوق گەپ. ئاللاھ يولىدىكى بەندىنىڭ بەدىنىگە قونغان چاڭ – توزان بىلەن دوزاخ تۈتۈنى بىر يەردە جەم بولمايدۇ» دېگەن(22). يەنە «دوزاخقا دۇچار بولمايدىغان ئىككى تۈرلۈك كۆز بولۇپ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كۆز ۋە ئاللاھ يولىدا چېگرا ساقلىغان كۆزدىن ئىبارەت» دېگەن(23).
13) قۇل ئازاد قىلىش
قۇللارنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردىن بولۇپ، بۇمۇ دوزاختىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئاللاھ ئۇ مۇسۇلمان قۇلنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە، ئۇ كىشىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىۋېتىىدۇ، ھەتتا ئەۋرىتىنىڭ بەدىلىگە ئەۋرىتىنى ئازاد قىلىۋېتىدۇ»(^[24]).
بىر كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ماڭا مېنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ، دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— سۆز قىلغان بولساڭمۇ مەقسەتنى ئۇقتۇردۇڭ. بىر ئىنساننى ئازاد قىلغىن ياكى بىر قىسمىنى ئازاد قىلغىن، — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئىككىسى بىر گەپ ئەمەسمۇ؟
— ياق بىر گەپ ئەمەس، ‹بىر ئىنساننى ئازاد قىلىش› سېنىڭ بىر ئىنساننى ئۆزۈڭ يالغۇز ئازاد قىلىشىڭدۇر. ‹بىر قىسمىنى ئازاد قىلىش› ئازاد قىلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭدۇر. يەنە سۈتى كۆپ تۆگىنى سەدىقە قىلىش ۋە زۇلۇم قىلغان تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشتۇر، ئەگەر ئۇنى قىلالمىساڭ، ئاچ قالغانلارغا تائام، ئۇسسۇزغا سۇ بەرگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ، تىلىڭ ياخشى گەپتىن باشقىنى قىلمىسۇن»(25).
14) ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىنى ئادا قىلىش
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سەپەردە ئىدى. ئۇ زاتقا بىر ئەئرابىي ئۇچراپ، تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتتى. ئاندىن:
— ماڭا ئورۇنلىسام، مېنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دېگەنىدى، سورۇندىكىلەر:
— ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ — دېيىشىپ كەتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇنىڭ مەلۇم ھاجىتى بار، — دەپ، ئۇ ئادەمگە:
— بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەيسەن، نامازلارنى ئادا قىلغايسەن، زاكات بەرگەيسەن، خىش – ئەقرىبالىرىڭغا سىلە – رەھىم قىلغايسەن، تۆگىنى قويۇۋەت! — دېدى»(26).
15) مۇسۇلماننىڭ يۈز – ئابرۇيىنى قوغداش
مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇ مۇسۇلمان يوق چاغدا ئۇنىڭ ھەققىنى ساقلاش، ئۇنى قوغداش، ياردەم بېرەلەيدىغانلا بولسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنىڭ يۈز – ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈشىگە، كەمسىتىلىشىگە رازى بولماسلىقتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشى يوق يەردە، ئۇنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى قوغدىغان بولسا، ئاللاھقا ئۇنى دوزاختىن ئازاد قىلىشى ھەق بولىدۇ» دېگەن(27).
16) تەپ كېسىلى
كېسەللىكلەر — بەندە ئۇنىڭ بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنى بەندىنىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت قىلىدىغان مۇسىبەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، تەپ كېسىلىمۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ بەدەننىڭ ھارارىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەپ كېسىلى جەھەننەمدىن بىر ئوچاق بولۇپ، مۇئمىنگە تەگكەن تەپ كېسىلى ئۇنىڭ جەھەننەمدىكى نېسىۋىسىدۇر»(28) دېگەن.
17) گۈزەل ئەخلاق
ئىنسانلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپىنچىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سورۇن جەھەتتە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغانلىرى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. كىمكى ئەخلاقى گۈزەل، باغرى يۇمشاق ۋە مۇلايىم بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەرگە دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام بولىدىغان كىشىنى دەپ بېرەيمۇ؟ چىقىشقاق، مۇلايىم، باغرى يۇمشاق ۋە كەچۈرۈمچان ئادەم» دېگەن(29).
18) ھەق گەپ قىلىش ۋە ئارتۇقىنى بېرىش
بىر ئەئرابىي نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ماڭا مېنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— ئۇ ئىككى ئىش سېنى بۇ سوئالنى سورىغۇزدىمۇ؟ — دېدى.
— شۇنداق.
— ھەق گەپ قىلغىن ۋە ئارتۇق نەرسىلىرىڭنى باشقىلارغا بەرگىن.
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەر ۋاقىت ھەق گەپ قىلالمايمەن ۋە ئارتۇق نەرسىلىرىمنى بېرەلمەيمەن.
— باشقىلارغا تاماق بەرگىن ۋە سالامنى قانات يايدۇرغىن.
— بۇمۇ ئېغىر كېلىدۇ.
— سېنىڭ تۆگەڭ بارمۇ؟
— ھەئە.
— سەن تۆگەڭگە مىنىپ، تۇلۇمۇڭنىمۇ ئېلىپ، ئاندىن كۈن ئاتلاپ ئاران سۇ ئەكىلەلەيدىغان بىر ئائىلەگە سۇ ئاپىرىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ، سەن تۆگەڭ ئۆلۈپ، تۇلۇمۇڭ تېشىلىپ بولغۇچە ساڭا جەننەت ۋاجىب بولۇشى مۇمكىن.
ئاندىن ئەئرابىي تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە يۈرۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ شېھىد بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر، ئۇنىڭ تۇلۇمى تېشىلمىدى ۋە تۆگىسى ئۆلمىدى»(30).
19) پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەندە سەۋر قىلىش
مۇسىبەتلەر قىلمىشلارغا كەففارەت بولغۇچى ۋە دەرىجىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچىدۇر. مۇسىبەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى جىگەر پارىلىرىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدۇر. پەرزەنتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى يۈرەكتە ئېغىر دەرت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دوزاختىن ساقلايدىغان پەردە بولىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداقلىكى بىر ئادەمنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلغانلىقىدىن ساۋاب ئۈمىد قىلسا، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاختىن قالقان بولىدۇ» دېگەن(31).
يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا:
— ئاﺭﺍڭلاﺭﺩىن قايسىبىر ئاياﻝ ئۈﭺ بالىسىنى ئۆﺯىدىن ئىلگىرﻯ (ئاخىرەتكە) يولغا سېلىپ قويسا، ئۇ بالىلاﺭ ئۇنىڭ ئۈچۈﻥ ﺩﻭﺯﺍختىن توسالغۇ بولماﻱ قالمايدۇ، — دېگەنىدى، بىر ئاياﻝ:
— ئىككى بولسىچۇ؟ — ﺩېگەندﻩ، ﺭﻩسۇلۇللاھ:
— ئىككى بولسىمۇ (شۇنداق)، — ﺩېدﻯ(32).
20) قىزلارنى تەربىيەلەشتە سەۋر قىلىش
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر قىزلارنى تەربىيەلەشتىن قاچاتتى ۋە ئۇلارنى يامان كۆرەتتى. چۈنكى، ئوغۇل بالىنى ئۆزى ئۈچۈن تەربىيەلەيدۇ ۋە يەنە ئوغۇل بالا چوڭ بولسا، دادىسىغا ئەسقاتىدۇ ۋە دادىسنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قىز بالا چوڭ بولسا، باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ دادىسىنىڭ يېنىدىن كېتىدۇ ۋە كۆپىنچە ۋاقىتتا ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتىدۇ. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن، جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ بۇ قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلدى ۋە ئوغۇل بالا ئۈچۈن ھەق بېكىتكەندەك، قىز بالا ئۈچۈنمۇ ھەق بېكىتتى. شۇنداقلا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزلارنى تەربىيەلەشنى ئوغۇللارنى تەربىيەلەشتىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى ۋە بۇنى دوزاختىن ساقلايدىغان پەردە قىلدى. ئۇ زات ئېيتتىكى: «كىمنىڭ ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى، ياكى ئىككى قىزى يا ئىككى ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە ئاللاھتىن قورققان بولسا ۋە ئۇلار توي قىلىپ ئايرىلغىنىغا قەدەر ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكىنىگە قەدەر ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈﻥ دوزاختىن توسالغۇ بولىدۇ»(33).
دوزاختىن ساقلايدىغان باشقا ئەمەللەر
ئومۇمەن ياخشى ئەمەللەر جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ۋە دوزاختىن ساقلايدىغان يولدۇر. ئەسھابلەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنى سوراپ تۇراتتى.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بەندىنى دوزاختىن نېمە قۇتۇلدۇرىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم، ئۇ زات:
— ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە باشقا بىر ئەمەل بارمۇ؟
— ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن بىر قىسمىنى باشقىلارغا بېرىش.
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر سەدىقە قىلغۇدەك نەرسە تاپالمايدىغان پېقىر بولسىچۇ؟
— ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسسۇن.
— ئى رەسۇلۇللاھ! ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسالمايدىغان تىلى ئاجىز بولسىچۇ؟
—قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەمگە ئىشىنى قىلىشىپ بەرسۇن.
— ئۇ ئۆزى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم بولسىچۇ؟
— بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بەرسۇن.
— ئۇ ئۆزى بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرەلمەيدىغان ئاجىز بولسىچۇ؟
— سەن باشقىلارغىمۇ بىرەر ياخشىلىقنى قالدۇرۇپ قويۇشنى خاھلىمامسەن؟ (ئۇنداقتا) باشقىلاغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن نېرى تۇرغىن.
— ئى رەسۇلۇللاھ! بەندە بۇ ئىشلارنى قىلسا جەننەتكە كىرەمدۇ؟
— قانداقلىكى بىر مۇسۇلمان يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن بىرىنى بولسىمۇ قىلىدىكەن، ئۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ»(34).
زىكىر سورۇنلىرى
زىكىر ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنىڭ سورۇنلىرى ياخشىلىق، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ، شۇنداقلا دوزاختىن ساقلىنىشنىڭ يولىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ھەقىقەتەن، ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكىر ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى: ‹تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى› دەپ توۋلىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:
— بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ — دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:
— ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمد ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا، ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇنداقتا ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز! ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇنداقتا ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— دوزاختىن، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز! ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ — دەيدۇ. پەرىشتىلەر:
— ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇنداق بولسا مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىۋەتتىم، — دەيدۇ. پەرىشتىلەردىن بىرى:
— ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، — دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
— ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، — دەيدۇ»(35).
باقىي قالىدىغان ئەمەللەر
ھەقتائالا بىزنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشىمىز ئۈچۈن ئېيتقانكى: ﴿باقىي قالىدىغان ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر﴾(19/«مەريەم»: 76).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— قالقىنىڭلارنى ئېلىڭلار، — دېگەنىدى، بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارىتا قالقىنىمىزنى ئالىمىزمۇ؟ — دېسەك، ئۇ زات:
— ياق، دوزاختىن ساقلايدىغان قالقىنىڭلارنى ئېلىڭلار. ‹سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر› دەڭلار، ھەقىقەتەن بۇ كەلىمىلەر قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئوڭ – سولىدا ۋە ئالدىدا بولىدۇ. بۇ باقىي قالىدىغان سالىھ ئەمەللەردۇر، — دېدى»(36).
دېمەك، يۇقىرىقىلار دوزاختىن ساقلايدىغان ۋە راھماننىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلار بولۇپ، دوزاختىن ساقلىنىشقا ھېرىسمەن كىشىگە ئەنبىيائلەرنىڭ ۋە سالىھلەرنىڭ يولىدا مېڭىشى لايىق بولۇر.
بىردەم توختاش
راستچىل مۇئمىن دوزاختىن پاناھلىق تىلەش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنىمۇ قىلىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6483)؛ مۇسلىم (2284).
2. مۇسلىم (590). «ھاياتلىقنىڭ فىتنەسى ئىنساننىڭ مال – دۇنيا، شەھۋەت ۋە نادانلىق قاتارلىقلار بىلەن فىتنەگە ئۇچرىشىنى، ھاياتىنىڭ كۇفرى بىلەن ئاياغلىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھقا سىغىنىمىز. ماماتلىق فىتنەسىمۇ ھاياتىنىڭ كۇفرى بىلەن ئاياغلىشىپ قېلىشى ۋە قەبرنىڭ فىتنەسىنى كۆرسىتىدۇ». قاراڭ: شەۋكانىي: «نەيلۇلئەۋتار»، 4/382.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6389)؛ مۇسلىم (2690).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6023)؛ مۇسلىم (1016).
5. دارىمىي (2854). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3659) «سەھىھ» دېگەن.
6. مۇسلىم (29).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3688)؛ مۇسلىم (2639). ئىمام نەۋەۋىي دېدى: «بۇ ھەدىستە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى، ۋە سالىھلەرنى، مەيلى ئۇلار ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، ئۇلارنى سۆيۈشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى سۆيۈش ئۇلار بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدۇ. سالىھلەرنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۇلار قىلغان ئەمەلنىڭ ئۆزىنى قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇلار قىلغان ئەمەلنىڭ ئۆزىنى قىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ قاتارىدىن ياكى ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالغان بولاتتى». قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 16/186.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1417)؛ مۇسلىم (1016).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6539)؛ مۇسلىم (1016).
10. نەسائىي (2231). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3879) «سەھىھ» دېگەن.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2840)؛ مۇسلىم (1153).
12. تىرمىزىي (241). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3879) «ھەسەن» دېگەن.
13. ئەھمەد (6576). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
14. ئەرلەرگە بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى بىر قىسىم ئۆلىمالار «پەرز كۇپايە»، يەنە بىر قىسمى «ۋاجىب»، يەنە بىر قىسمى «پەرز ئەين» دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك «سۇننەتى مۇئەككەدە» دەپ قارىغاندۇر. قاراڭ: نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/189 — ت.
15. مۇسلىم (634).
16. ئەبۇ داۋۇد (5069). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 383) «زەئىف» دېگەن.
17. ئەھمەد (12462). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
18. ئەھمەد (18083). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن.
19. ئەبۇ داۋۇد (1269). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 6195) «سەھىھ» دېگەن.
20. بۇخارىي (907).
21. بۇخارىي (2811).
22. تىرمىزىي (1633). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 7778) «سەھىھ» دېگەن.
23. تىرمىزىي (1639). ئالبانىي: («سەھىۇتتەرغىب»، 3322) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6715)؛ مۇسلىم (1509).
25. ئەھمەد (18670). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5983)؛ مۇسلىم (13).
27. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (19916). مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 4/16) «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
28. ئەھمەد (22328)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
29. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (10410). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1744) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
30. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (15753). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 563) «مۇرسەل، زەئىف» دېگەن.
31. مالىك (557). ئىبنى ئابدۇلبەر: («ئەلئىستىزكار»، 2/602) «سەنەدىدە مەسىلە بولسىمۇ بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى كۆپ ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر» دېگەن.
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (101)؛ مۇسلىم (2633).
33. ئەھمەد (24037). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
34. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (1627). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 2317) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6408)؛ مۇسلىم (2689).
36. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، (10684). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1567) «ھەسەن» دېگەن.

