قوليازمىنىڭ ئىسمى: قىرىق ھەدىس تەرجىمىسى.
تۈر: ھەدىس ئىلىملىرى. ئىجتىمائىي ۋە تەربىيىۋى قىممىتى زور بولغان قىرىق ھەدىس شېرىپنىڭ تۈركچە نەزمىي تەرجىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلىشىر ناۋائىي ھەزرەتلىرى پىر ئۇستازى نۇرۇددىن ئابدۇرراھمان (ئىبنى نىزامۇددىن ئەھمەد) جامىي ھەزرەتلىرى (ھ. 810 – 898 / م. 1407 – 1492) نىڭ فارسچە قىرىق ھەدىس (چهل حديث) نەزمىي تەرجىمىسىنى تۈركچە / چاغاتايچە نەزمىي تەرجىمە قىلغان.
ۋاراق سانى: 18 بەت. قوليازمىنىڭ 6 -، 7 – بەتلەر تەكرار يېزىلىپ قالغان.
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: 2 بەت مۇقەددىمەدە ناۋائىي ھەزرەتلىرى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خالايىقنى جاھالەت ۋە زالالەت قاراڭغۇلۇقىدىن ئىلىم ۋە ئىمان يورۇقلۇقىغا چىقىرىش ئۈچۈن نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ۋە ھەدىسنىڭ پەزىلىتى، شۇنداقلا ھەدىس شېرىپنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى پاكلاش ۋە ساغلاملاشتۇرۇشتىكى رولى ۋە تەسىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئاندىن بۇ رىسالەنى تەئلىف قىلىشىدىكى سەۋەبنى بايان قىلىپ، ئەڭ يېقىن ئۇستازى ۋە مۇئەللىمى ئابدۇرراھمان جامىي ھەزرەتلىرىنىڭ ھـ 886 / م. 1481 – يىلى سەھىھۇلبۇخارىي ۋە سەھىھۇ مۇسلىملەرنى ئوقۇپ چىقىپ ئۇنىڭدىن (ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرى)دىن ئاممىنىڭ ھىدايىتىگە ئەڭ پايدىلىق دەپ قارىغان قىرىق ھەدىسنى تاللاپ، رەتلەپ، فارسچە نەسرىي ۋە نەزمىي تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە ھەدىيە قىلغانلىقىنى، بۇ ھەدىس شېرىپلەرنىڭ مەزمۇنىدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ پايدىلىنىپ بەھرلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى تۈركىي تىلغا تەرجىمە قىلىشقا ئۇستازدىن ئىجازەت سورىغانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ ئىجازەت قىلىپ دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
14 بەتنىڭ ھەربىرىدە 3 ھەدىسنى بايان قىلىپ، ھەر بىر ھەدىسكە 4 بېيىت مەسنەۋى بىلەن تۈركىي تەرجىمە بېرىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھەيندىن ئېلىنغانلىرى 17، قالغىنى زەئىف ھەدىسلەردۇر.
باشلىنىشى: بسم الله الرحمن الرحيم.
حمد انكا كيم كلام خير مأل
قيلدى الكا رسولىدىن إرسال
ئاخىرى: بيتسا مقصود مدعا بيرله
مينى ياد اتكيسن دعا بير له
كى نوايىغه اول دعا يتكاي
بلبل روحىغه نوا ايتكاي
قوليازما ساقلانغان ئورۇن: گېرمانىيە، لېبزىگ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى فىھرىسى Universitätsbibliothek Leipzig B. or. 73 – 1.
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: نىزامۇددىن مىر ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىن كىچىك باخشى ناۋائىي ھىرەۋىي.
تەۋەللۇدى: ھىرات، ھ. 844/ م. 1441.
ۋاپاتى: ھىرات، ھ. 906/ م. 1501.
ئەسكەرتىش: قىرىق ھەدىس تەرجىمىسىنى تاشكەنت شەرقىييات ئىنستىتۇتىدىكى مەسئۇد ئەلى ھەكىم جان ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلغان.
(كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتقاي!)
***
اسم المخطوطة: ترجمة الأربعين حديثا.
الفن: علوم الحديث، تشتمل على مقدمة بحمد الله وسبب تأليف الرسالة وأربعين حديثا نبويا بترجمة نظمية باللغة التركية الجغتائية وخاتمة. وهي ترجمة لأربعين حديثا جمعه شيخه نور الدين عبد الرحمن الجامي ابن نظام الدين أحمد (ھ. 810 – 898 / م. 1407 – 1492) وترجمه نظما باللغة الفارسية.
عدد الأوراق: 9 (18 صفحة). والصفحتان 6 و 7 مكررة.
وصف المخطوطة: مقتطعة من مجموعة رسائل عدة لغير المؤلف. كل صفحة تشمل 3 أحاديث وترجمتها التركية بأربع أبيات من المثنوي. عدد الأحاديث المخرجة في الصحيحين 17 حديثا والباقي أحاديث ضعيفة.
أوله: بسم الله الرحمن الرحيم.
حمد انكا كيم كلام خير مأل
قيلدى الكا رسولىدىن إرسال
ئاخىرى: بيتسا مقصود مدعا بيرله
مينى ياد اتكيسن دعا بير له
كى نوايىغه اول دعا يتكاي
بلبل روحىغه نوا ايتكاي
مكان المخطوطة: مكتبة جامعة لايبزيغ، Universitätsbibliothek Leipzig B. or. 73 – 1.
الاسم المؤلف الكامل: هو العالم والشاعر نظام الدين علي شير بن غياث الدين كجك النوائي
تاريخ الولادة: ھىراة، ھ. 844/ م. 1441.
تاريخ الوفاة: ھىراة، ھ. 906/ م. 1501.
ملحوظة: قام الأستاذ مسعود علي حكيم جان من معهد الشرقيات بطاشقند بترجمة هذه الترجمة إلى اللغة الأزبكية الحديثة.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (2) قىرىق ھەدىسنىڭ تۈركچە نەزمىي تەرجىمىسى / ترجمة الأربعين حديثا نظما» pdf
—————
ئەسكەرتىش: بۇ قوليازمىنى بىر قېرىندىشىمىز نەشرگە تەييارلاۋاتىدۇ.

