ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ پەيلاسوپى مالىك ئىبنى نەبى

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ پەيلاسوپى مالىك ئىبنى نەبىي

(ھ. 1323 – 1393 / م. 1905 – 1973)

 

ئىسلام مۇتەپەككۇرى مالىك ئىبنى نەبىي 1905 – يىلى ماراكەشنىڭ كونستانتىن شەھرىدە ھال – ئەھۋالى تۆۋەن بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر تەبەسسە شەھرى مەمۇرىيىتىدە ئاددىي بىر خىزمەتچى ئىدى. ئانىسى زۇھەيرە بولسا توقۇمىچىلىقتا ئىشلەيدىغان ئۆي ئايالى ئىدى. لېكىن، بۇ ئائىلە ناھايىتى دىيانەتلىك ۋە غۇرۇرلۇق ئائىلە ئىدى. مالىك ئۆزىنىڭ «ئەسىرنىڭ شاھىدى / شاهد القرن» ئاتلىق ئەسلىمىلىرىدە ئەجدادلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا ئىززىتىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، فرانسىيە ئىشغالىيىتىنىڭ دەسلىپىدە تۇنىس ۋە ماراكەشكە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. مومىسىنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرى مالىكنىڭ فرانسىيە ئىشغالىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى، شۇنداقلا ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئەرەب تىلىنى سۆيۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىپ يېتىش پەنجىرىسى بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ۋە سوپى تەرىقەتلىرى، بولۇپمۇ، ئىيسا خانىقاسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇنىڭ ئىسلاھات، گۈللىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولغانىدى. ئانىسىنىڭ بىر قېتىم مۇئەللىمنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن كارۋىتىنى گۆرۈگە قويغۇدەك درىجىدە، ئۇنىڭغا «قۇرئان» ئۆگىتىش قىزغىنلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىدە «قۇرئان»نى چوڭقۇر سۆيۈش ۋە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابى «قۇرئانىي ھادىسە / الظاهرة القرآنية»دە شەرقشۇناسلارغا قارشى «قۇرئان»نى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانىدى. مالىك قارىيخانا ئوقۇشى بىلەن ماراكەشتىكى فرانسۇز مەكتەپلىرىدە ئوقۇشنى ئۆزىدە بىرلەشتۈرگەن ئىدى. ئاندىن ئۇ ماراكەشتىكى بىر ئىسلامىي ئىنستىتۇت يەنى «سەييىدۇل جەلىس مەدرەسەسى / مدرسة سيد الجليس»نى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى فرانسىيەدە داۋاملاشتۇرغان ۋە 1935 – يىلى ئىنژېنېرلىقنى پۈتتۈرگەن. توغرىسى، مالىك ئۆزىگە ئۆزى مۇئەللىم بولغانىدى. چۈنكى، ئۇ كىتاب ئوقۇشقا تولىمۇ ئاشىق ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ناھايىتى خۇشتار ئىدى. مانا بۇ ئۇنىڭدىكى مەرىپەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئىدى.

شەرق ۋە غەرب ئارىسىدا

فرانسىيەدە 30 يىل ياشىغاندىن كېيىن، پەيلاسوپىمىز 1956 – يىلى مىسىرغا كۆچۈپ كەلدى. قاھىرەدە ئەرەب تىلىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىلگىرى ئۇنىڭ تىلى ۋە قەلىمىدە فرانسۇزچە ھۆكۈمران ئىدى. ئۇ مىسىرغا كەلگىنىدىن كېيىن، دوكتور ئابدۇسسەبۇر شاھىن ئۇنىڭ خېلى كۆپ، مۇھىم كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاتىقى چىقىپ، مىسىر ۋە شامدىكى چوڭ ئەربابلار ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتى. ئاندىن ئۇ رەئىس ئابدۇناسىر بىلەن ئالاقە ئورناتتى. مىسىر رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا ئايلىق مائاش بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ مائاشلار ئۇنىڭ يەتتە يىل يېزىقچىلىق ۋە لېكسىيە سۆزلەش ئىشلىرىغا ئاجرىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى. ئۇ قاھىرەدىكى مەزگىلىدە شانلىق ماراكەش ئىنقىلابى پارتلىدى. شۇنىڭ بىلەن مالىك قەلىمىنى ئىنقىلابقا بېغىشلاپ، ئۇ توغرىدا كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يازدى. 1963 – يىلى ئۇ ماراكەشكە قايتتى ۋە ئۇ يەردە ئالىي مائارىپ مەسلىھەتچىسى ئاندىن ماراكەش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاندىن ئالىي مائارىپنىڭ مۇدىرى قاتارلىق بىرقانچە ئاكادېمىك مەنسەپلەردە ئولتۇردى. لېكىن، ئۇ 1967 – يىلى پىكرىي ئەمگەككە ئاجرىلىشنى ئەلا بىلىپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە 1973 – يىلى 31 – ئۆكتەبىر بېشىغا ئەجەل كەلگۈچىلىك شۇ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى. مالىك ئوتتۇزچە كىتابتىن ئىبارەت قالتىس پىكرىي بايلىقنى ئارقىسىدا قالدۇرغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن يىگىرمىسى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە بەزى ئەمگەكلىرى نەشر قىلىنماي قوليازما سۈپىتىدە تۇرماقتا. «قۇرئانىي ھادىسە / الظاهرة القرآنية»، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۆنىلىشى / وجهة العالم الإسلامي»، «قەد كۆتۈرۈش شەرتلىرى / شروط النهضة»، «ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىدىيە مەسىلىسى / مشكلة الأفكار في العالم الإسلامي» قاتارلىقلارنى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەمگەكلىرى دەپ ساناش مۇمكىن.

غەزەپلىك ۋە ئىللىق

مالىك دەرۋەقە ئۆز ھاياتىدا ۋە شەخسىي ئالاقىلىرىدە كەمتەر ۋە ئاددىي – ساددا ئىدى. فاسنىڭ ئەللامىسى ۋە تارىخچىسى دوكتور ئابدۇسسالام ھەرراس (ئۇ مىسىردا بىر تۇرالغۇدا مالىك ئىبنى نەبىي بىلەن بىللە ياشىغانلاردىن بىرى ئىدى): «مالىك ئىبنى نەبىي بىز بىلەن بىللە ئىنتايىن ئاددىي – ساددا ياشايتتى» دېگەنىدى. مالىك ئۆزى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان پىكىر ۋە ئىلىمنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان ئالىيجاناب ۋە غۇرۇرلۇق كىشى ئىدى. گاھىدا ئۇنىڭدا يىرىكلىك ۋە تېز ئاچچىقلىنىشمۇ بولۇپ قالاتتى، ئۇ چاغدا ھەمراھلىرى ئۇنىڭ غەزىپى بېسىققۇچە ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتاتتى. لېكىن، غەزىپى كەلمىگىنىدە، ئۇ ئىللىق ۋە باغرى يۇمشاق، يارەنلىرىگە ناھايىتى ۋاپادار ئىدى. ھەرراس ئېيتىدۇ: «مېنىڭ سۆيىنىدىغان يېرىم شۇكى، مەن (باكالاۋرلىق) ئوقۇشۇمنى تاماملاپ، ماراكەشكە قايتماقچى بولغىنىمدا، مالىك ئىبنى نەبىي مەن بىلەن قاھىرەدىكى قورۇدا خوشلىشىشقا ئۇنىماي، ئاتايىن بورسەئىدكە چىقىپ، پاراخوتنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە ئۇزىتىپ قويغانىدى».

ئويغىنىش يولىنىڭ يورۇتقۇچىسى

مالىك ئىبنى نەبىينىڭ ئىسلاھات تىرىشچانلىقلىرىنى ئىككى ساھەگە يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن: بىرى، «قۇرئان» تەتقىقاتى ساھەسى؛ يەنە بىرى، ئويغىنىش پىكرى ساھەسى. «قۇرئان» تەتقىقاتىدا مالىك ئۇنىڭ «قۇرئانىي ھادىسە / الظاهرة القرآنية» ناملىق كىتابىغا مۇقەددىمە يېزىپ بەرگەن شەيخ مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز بىلەن يانمۇيان ھالدا، قۇرئانىي دىننىڭ توغرىلىقىغا پاكىت كەلتۈرۈشتە يېڭىچە مېتود ياراتقان ئىدى. ئۇ تىلشۇناسلىق ۋە بايان ئۇسلۇبى تەھلىلىدىن كۆپرەك تارىخىي ۋە مەنتىقىي تەھلىلگە تايىناتتى. مالىك كىتابلىرىنىڭ كۆپىنى ئويغىنىش ساھەسى ھەققىدە يازغان. بۇ بىز بۇ يەردە توختىلىدىغان نۇقتىدۇر.

مالىك ئىبنى نەبىي چاغداش ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى يېڭىلاش ۋە 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى تايانغان پىكرىي مەنبەلەرنى تازىلاپ چىقىش جەھەتلەردە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مالىك ياساپ چىققان بەزەن ئاتالغۇلار ھەر تىللاردا جارى بولغانىدى. ئۇنىڭ «مۇستەملىكە» بىلەن «مۇستەملىكىگە ماسلىشىشچان بولۇش» ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە؛ «ئۆلۈك پىكىرلەر» بىلەن «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر» ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت؛ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ «روھ ۋە ئۆرلەش» باسقۇچىدىن «ئەقىل ۋە كېڭىيىش» باسقۇچىغىچە، «خاراكتېر ۋە چۈشكۈنلىشىش» باسقۇچىغىچە قەدەر تەرەققىيات باسقۇچلىرى .. قاتارلىقلار توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغان كىم بار؟!

مالىك ئىبنى نەبىي مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ كرىزىسى ئاساسەن ئەمەلىي پىلان كرىزىسىدۇر، مۇسۇلمانلاغا يۈزلىنىۋاتقان ئاساسلىق رىقابەت ئويغىنىش رىقابىتىدۇر، دېگەن يەرگە كەلگەنىدى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات توغرىسىدىكى نەزەرىيەسىنى ئىجابىيلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇپ چىققانىدى. مالىك 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ نوقۇل كونا ئىلمىكالام ئۇسۇلىدىكى ئەقىدىلەر توغرىسىدىلا سۆز ئېچىشقا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ چاقىرغان «تارىخنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلاشتۇرىدىغان ئىلمىي پىكىر»گە سەل قارىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ۋە تارىخىي رولىنى يوقىتىپ قويغانىدى. مالىك ئېيتقاندەك: «چۈنكى، مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسىدىن زىنھار ۋاز كەچمىگەن ۋە مۇئمىن پېتى داۋام ئەتكەن… لېكىن، ئۇنىڭ ئەقىدىسى پائالىيەتچانلىقىدىن يالىڭاچلانغان. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئىجتىمائىي پارلاقلىقىنى يوقىتىپ قويغان… بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ يەردىكى مەسىلە مۇسۇلمانغا ئۆزى ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان بىر ئەقىدىنى ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى مۇھىمى بۇ ئەقىدىگە ئۇنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى، ئىجابىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشتۇر. بىر سۆز بىلەن ئېيتساق: بىزنىڭ مەسىلىمىز مۇسۇلمانغا ئاللاھنىڭ بارلىقى توغرىسىدا پاكىت كۆرسىتىش ئەمەس».

ئىنساننىڭ جەۋھىرىنى ئۆزگەرتىش

مالىك مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ تۇتقان يولى بىلەن مۇھەممەد ئىقبالنىڭ تۇتقان يولىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئىككى مەسلەك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بايقىغان: بىرى، ئىسلامىي مەسىلىلەرگە نوقۇل زېھنىي رامكا ئىچىدە مۇئامىلە قىلىدىغان كالامىي مەسلەك. يەنە بىرى، ئىنساننىڭ جەۋھىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان بىر ئەمەلىي مەسلەك. مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «(شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ باشچىلىقىدىكى) ئىسلاھات مەسلىكى ئىلمىكالام نۇقتىئىينەزەرى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان بولسا، ئۇنى ئىقبال باشقىچە ئاتالغۇلار بىلەن قۇرۇپ چىققان. ھالبۇكى، ئىقبال نىشاننىڭ ئاللاھنى بىلىشلا ئەمەسلىكىنى، بەلكى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئىنچىكە مەنىدە ئاللاھقا باغلىنىش ئىكەنلىكىنى، نىشاننىڭ كالامىي چۈشەنچە ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا: ‹نىشان بۇ يۈكسەك زاتنىڭ تەجەللىي تېپىشىدۇر›». شۇڭلاشقا، مالىكنىڭ تەبىرى بويىچە دېسەك: «مۇھەممەد ئابدۇھ باشچىلىقىدىكى ئىسلاھات يۆنىلىشى ئىخلاسمەن دەۋەتچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يۈزلىنىشتىن كۆپرەك ئۇستا مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلىدىغان تەلىماتلار بولۇپ كەلدى». ئۈستىگە نە غەم ۋە نە ۋەزىپە يۈكلىمىگەن ئۇستا مۇتەخەسسىس ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئورنىغا بەس – مۇنازىرىنىڭ ئوتىنى ياقىدۇ، خالاس.

مالىك ئىبنى نەبىي «ئىسلاھات مەسلىكى»نىڭ ئىسلامىي جەمئىيەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە كۆپ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى، دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇ مەسلەك پىكىر – ئىدىيەلىرىنى بىرىكتۈرەلىگەن، ئېلمېنېتلىرىنى توپلىيالىغان بولسا ئىدى، شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ ئېسىلغان پىكىر – ئۇسۇللار بىلەن جامالىددىن ئافغانىي چاقىرغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قاراشلار بىرلەشكەن بولاتتى ۋە بۇ ئەھۋال نوقۇل ئەقىدە پىرىنسىپلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل بىر يولغا چوقۇم ئېلىپ بارغان بولاتتى».

كۆڭۈللەرگە «قۇرئان»نى مۇلاھىزە قىلىش ۋە «قۇرئان» بىلەن ئەمەلىي يوسۇندا سۆزلىشىش شىپا بەرمىسە، ئۇنى سوپىلارچە زوقنىڭ قاندۇرالمايدىغانلىقى، كالامىي بەس – مۇنازىرىنىڭمۇ پايدا قىلمايدىغانلىقىنى ئىقبال مالىكتىن ئىلگىرى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىقبال ئۆزىنىڭ «جىبرىلنىڭ قانىتى» ناملىق دىۋانىدا ئېيتىدۇ:

گەر بىر كۆڭۈل «قۇرئان»دىن پايدا ئالالماس،

ئۇنىڭغا نە كەششاف، نە كەشف پايدا قىلماس.

ئىقبال، مالىك ۋە ئۇندىن باشقا ئىلغار مۇسۇلمان ئەقلىيەتلەر بىرلىككە كەلگەن بۇ دېئاگىنوزدىكى سىر شۇكى، ئىقبال زەمەخشەرىينىڭ كىتابى«كەششاف» ئارقىلىق ئىشارە قىلغان ئىلمىكالام ئىسلامىي مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ئەنە شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. مالىك ئېيتقاندەك: «بەس – مۇنازىرە قىلغۇچىلار ھەقىقەتلەرنى ئىزدىگەن ئەمەس، بەلكى پاكىتلارنى ئىزدىگەن». چۈنكى، «ئىلمىكالام دىننىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىپە مەسىلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ». ھالبۇكى، بۇ مەسىلە ھازىرقى مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ نېگىزلىك كرىزىسى بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى بەزى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى شۇ كرىزىسنى ياتقان يېرىدىن قوزغاش ئۈچۈن پەيدا بولدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىلمىكالام ئىلمىي جەھەتتىن كېسىپ ئېيتىشقا ھېچبىر ماجال يوق ۋە ھېچقانداق ئەمەلىي مېۋىمۇ چىقمايدىغان غەيبىي ئىشلار ھەققىدە كىشىلەرنى بەس – مۇنازىرە بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ.

ئاللاھ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ پەيلاسوپى مالىك ئىبنى نەبىيگە رەھمەت قىلسۇن!

 

مەنبە: مۇھەممەد ئىبنى مۇختار شىنقىيتىنىڭ «خيرة العقول السليمة في القرن العشرين» ناملىق كىتابچىسى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ