(ھ. 1324 – 1386 / م. 1906 – 1966)
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
«قۇرئان سايىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى سەييىد قۇتۇب ئىبراھىم ھ. 1324 / م. 1906 – يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈستۈنكى مىسىرنىڭ ئاسيۇت ئۆلكىسىگە تەۋە مۇشە دېگەن يېزىدا تۇغۇلغان. 1912 – يىلى شۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ، 1918 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئاندىن 1919 – يىلىدىكى قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن ئىككى يىل ئوقۇشتىن توختاپ قالغان. 1920 – يىلى ئوقۇش ئۈچۈن قاھىرەگە بارغان ۋە 1922 – يىلى باشلانغۇچ پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئاندىن 1925 – يىلى دارۇلئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن 1929 – يىلى (قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ) دارۇلئۇلۇم فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1933 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە ئەدەبىياتتا باكلاۋۇرلۇق دىپلومىغا ئېرىشكەن.
مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن داۋۇدىيە مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. كېيىن 1935 – يىلى دىميات مەكتىپىگە، ئاندىن 1936 – يىلى ھەلۋانغا يۆتكەلگەن. 1940 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۆتكىلىپ، باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنى قىلغان. 1945 – يىلى مىنىستىرلىككە قاراشلىق مەدەنىيەت باش ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن. شۇ يىلى ئۇ تۇنجى ئىسلامچە كىتابى بولغان «التصوير الفني في القرآن (قۇرئاندىكى سەنئەتلىك تەسۋىر)»نى يېزىپ چىققان ۋە ئەققاد ئەدەبىيات يۆنىلىشى (رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان رېئالىزم) دىن يىراقلاشقان.
ھ. 1368 / م. 1948 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگرامما ۋە تۈزۈملىرىنى ئىگىلەپ كېلىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ، 1950 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ھ. 1370 – يىلى مىسىرغا قايتىپ كەلگەن. ئاندىن ئۇ تاكى 1952 – يىلى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگۈچە مائارىپ مىنىستىرى ئىشخانىسىدا ئىلىم – پەن تەتقىقات ئىشلىرى مۇئاۋىن نازىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
سەييد قۇتۇبنىڭ ئىسلاھات چاقىرىقى
سەييىد قۇتۇب ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا، ژۇرنالچىلىقتا خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىسىرنىڭ «ئەلئېھرام»، «رىسالە» ۋە «مەدەنىيەت» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللىرىدا نەچچە يۈزلىگەن ماقالىلەرنى نەشر قىلغان ۋە «ئەرەب دۇنياسى»، «يېڭىچە ئىدىيە» قاتارلىق ئىككى ژۇرنال چىقارغان. ئاندىن كېيىن ھ. 1373 / م. 1953 – يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەپتىلىك گېزىتى»نىڭ مۇدىرلىقىنى ئاتقۇرغان. شۇ يىلى ئۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار سېپىگە رەسمىي قېتىلغان بولۇپ، ئۇندىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقۇچى بولغانىدى. ئۇ ماقالىلىرىدە مىسىرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىدىكى چىرىكلىشىش ۋە قايمۇقۇش ھادىسىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، بۇ چىرىكلىشىشنىڭ جاۋابكارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئىسلام ئاساسىدا ئىسلاھاتقا چاقىرغان. ئۇ بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىشلىرى بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىسلاھات ھاياتىدىكى دائىملىق جامائەت ئەربابىغا ئايلانغانىدى. سەييىد قۇتۇب ئىنگلىزلارنى ھەمدە دۆلەت رەئىسلىرى، ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە چوڭ سودىگەرلەردىن ئىبارەت ئىنگلىز غالچىلىرىنى مىسىرنىڭ قالاق قېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل دەپ قارايتتى.
سەييىد قۇتۇب ئەدەبىيات ۋە ئوبزورچىلىقتا يۇقىرى چوققىغا يەتكەن بولۇپ، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتا يېڭىچە ئوبزور نەزەرىيەسىگە دەۋەت قىلغانىدى ۋە بۇنىڭغا «سۈرەت ۋە كۆلەڭگە نەزەرىيەسى» دەپ ئات قويغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە سەنئەتچى، تارىخچى، تىلچى ۋە پىسخىك ئۇسلۇبلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق «ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى مۇكەممەل مېتود»قا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
ھ. 1367 / م. 1947 – يىلى سەييىد قۇتۇب ئىسلامغا تولۇق يۈزلىنىپ، ئىسلامىي ئىسلاھاتچى بولدى. ئاندىن ھازىرقى زامان ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇ ئىسلامىي تىرىلىشكە ۋە ھاياتلىقنى ئىسلام ئاساسىدا قايتىدىن باشلاشقا چاقىراتتى. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىنىڭ «قۇرئان سايىسىدا» ناملىق كاتتا كىتابى ئارقىلىق يېڭىچە شەكىلدە تەفسىرلىدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق تەفسىر ساھەسىدە يېڭىچە يۆنىلىش ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەت ۋە تەربىيەگە ئائىت پىكىر – مەنىلەر قوشۇلغان «ھەرىكەتلىك تەفسىر يۆنىلىشى»دۇر.
سەييىد قۇتۇب بىراۋغا فەتۋا بەرگەن ئەمەس. كىملەرنىدۇر كافىرغا چىقىرىش توغرىسىدا بىرەر نەرسە دېگەنمۇ ئەمەس. دەرۋەقە ئۇنىڭ بۇ خۇسۇستا مۇنداق تەكىتلىگەنلىكى مەشھۇردۇر: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئىنسانلارغا ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ۋەزىپىمىز ئۇلارغا ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ›نىڭ ھەقىقىتىنى تونۇشتۇرۇشتۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي تەقەززاسىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەقەززاسى بولسا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھاكىم قىلىشتۇر».
سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەقىدىسى سەلەف سالىھلەرنىڭ ئەقىدىسىدۇر. بۇلغانمىلاردىن خالىي سەلەفچە ئېرىغ – سىلىغ ئىدىيەگە ئىگە سەييىد قۇتۇب، ساپ تەۋھىد تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھەمدە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ»نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بايان قىلىش، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەن ئىماننىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. شۇنداقلا يەنە يازمىلىرىدا ھاكىمىيەت ۋە سۆيگۈنىڭ يالغۇز ئاللاھقىلا خاس بولۇشى توغرىسىدا كۆپ توختالغان.
سەييىد قۇتۇب يازغان كىتابلىرىدا ھازىرقى زامان جاھىلىيەتىگە قارشى تۇرغان ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ پەقەتلا يەككە ھالەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى سوتسيولوگىك بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، يەر – جاھاننى فىتنە – پاسات قاپلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ بۇ جاھىلىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
سەييىد قۇتۇب جاھىلىيەت جەمئىيەتىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: «قۇلچىلىقنى يالغۇز ئاللاھقىلا خاس قىلمايدىغان ھەرقانداق جەمئىيەت جاھىلىيەت جەمئىيىتىدۇر. بۇ قۇلچىلىق ئېتىقاد ئېڭىدا، دىنىي پائالىيەتلەردە ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەردە گەۋدىلىنىدۇ».
شەھىد سەييىد قۇتۇب نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىكى ئوبزورچىلىق، ئەدەبىيات، شېئىر ۋە قىسسەلەردىن ئىبارەت ئەدەبىي يۆنىلىش غالىب كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىگە ئائىت نەرسە يېزىشقا يۆتكەلگەن. بۇ ئۆزگىرىش ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە مۇبارەك ئىش – ئىزلىرىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. ئۇ شام دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇدۇس ئىسلام قۇرۇلتىيى»غا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئىسلامچە لېكسىيەلىرى بىلەن كۆپچىلىك ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ياشلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ناھايىتى چوڭ تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئۇشبۇ بۈيۈك ئەدىبنىڭ بۇنداق ئىسلامىي يۈزلىنىشىگە ئالقىش ياڭراتقان ئىدى.
ئۇستاز ئەھمەد ھەسەن سەييىد قۇتۇبنىڭ «فقه الدعوة (دەۋەت فىقھىسى)» ناملىق كىتابىغا يازغان مۇقەددىمەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «تارىخ سەھىپىسىگە شۇنداق خاتىرىلەندىكى، سەييىد قۇتۇب دەۋەت تۇپرىقىنى ئۆز قېنى بىلەن سۇغىرىپ، ئۆز پىكرى بىلەن ئوغۇتلىدى. بۇ بارىدا ۋاقتى، زېھنى ۋە راھىتىنى پىدا قىلدى. سەييىد قۇتۇب ئۆلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىزلىرى ئۆلمىدى. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن تارىخ بويى ئۆچمەي ساقلىنىدىغان كىتاب – ئەسەرلەرنى قالدۇردى. چۈنكى، ئۇ بۇ كىتابلىرىنى ئىككى قېتىم يېزىپ چىقتى: بىر قېتىم دۇنيانىڭ سىياھى بىلەن، يەنە بىر قېتىم شەھىدلىك قېنى بىلەن».
دەرۋەقە ئۇ مۇشۇ كىتابلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى «قۇرئان كەرىم»نى تۇنجى چۈشكەن يېپيېڭى، يۇمران ھالىتىدە تېتىيالايدىغان دەرىجىدىكى قويۇق قۇرئانىي مۇھىتقا قايتىدىن ئېلىپ بېرىشنى كۆزلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى ۋە سۆز – ھەرپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى جەۋھەرلەرنى قېزىشتىكى ماھىرلىقى ئارقىلىق، كىشىلەرگە ئېچىلمىغان سىر – مەنالارنى ئېچىپ بەردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ خۇش ھىدىنى پۇراپ تەن – جانلىرى راھەت تاپالايدىغان، 20 – ئەسىردىمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ سايىسىدا ياشىيالايدىغان ھالەتتىكى قايناق قۇرئانىي كەيپىياتقا باشلىدى. ئۇ ئىنسانىيەت ئۇچرىغان ھازىرقى دەۋر مۈشكۈلاتلىرى ۋە جىددىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختىلاتتى ھەم «توغرا» دەپ قارىغان چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.
كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزمنىڭ زەھەرلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «العدالة الاجتماعية في الإسلام (ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت)»، «السلام العالمي والإسلام (دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىسلام)» ۋە «معركة الإسلام والرأسمالية (ئىسلام ۋە كاپىتالىزم ئۇرۇشى)» قاتارلىق كىتابلارنى، مەدەنىيەت قايمۇقۇشلىرى ۋە خاتالىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «الإسلام ومشكلات الحضارة (ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مۈشكۈلاتلىرى)» ناملىق كىتابىنى، ئازغۇن ئەقىدە – تەسەۋۋۇر يوللىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «خصائص التصور الإسلامي ومقوماته (ئىسلام تەسەۋۋۇرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئاساسلىرى)»، «هذا الدين (بۇ دىن)» ۋە «المستقبل لهذا الدين (كېلەچەك بۇ دىنغا مەنسۇب)» قاتارلىق كىتابلارنى، ھەرىكەت نۇقتىسى ۋە قەدەم باسقۇچلار ھەققىدە «معالم فى الطريق (يول بۇ يەردە)» ناملىق كىتابىنى يازغان ئىدى.
مۇھىم ئەسەرلىرى
سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. في ظــــــلال الــــــقرآن ــــــ قۇرئاننىڭ سايىسىدە
2. هــــــــذا الـــــــــدين ــــــ بۇ دىن
3. المستقبـــل لهـــذا الــدين
4. معـــــالم في الــــــطريق
5. التصـوير الفني في الـــقرآن ــــــ قۇرئاندىكى ئەدەبىي تەسۋىرلەر
6. مشاهــد القيامة في الــقرآن ــــــ قۇرئاندىكى قىيامەت كۆرۈنۈشلىرى
7. السـلام العالمي والإســلام
8. كــــــتب وشخصــــيات ــــــ كىتابلار ۋە شەخسلەر
9. أشـــــــــــــــــــــواك ــــــ تىكەنلەر
10. نحــو مجتمـــع إســـــلامي ــــــ ئىسلامىي جەمئىيەتكە يۈزلىنىش
11. طفـــــل مـن القــــــرية ــــــ يېزىدىن بىر بالا
12. الأطــــــياف الأربـــــعة ــــــ تۆت خىيال
13. مهمة الشـاعـر في الحــــياة ــــــ شائىرنىڭ ھاياتتىكى رولى
14. معركة الإسـلام والرأسمالية
15. تفســـير آيـات الــــــربا ــــــ جازانە ئايەتلىرىنىڭ تەفسىرى
16. تفســير سـورة الشــــورى ــــــ شۇرا سۈرىسىنىڭ تەفسىرى
17. دراســــات إســــــلامية ــــــ ئىسلام تەتقىقاتلىرى
18. معـــــركتنا مـع اليهــــود ــــــ يەھۇدىيلەر بىلەن كۈرىشىمىز
19. فى التـــاريخ فكـرة منهـاج ــــــ تارىختىكى ئىدىيە ۋە مېتود
20. لمـــــــاذا أعــــــدموني؟ ــــــ ماڭا نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بەردىلەر؟
21. النقد الأدبي أصوله ومناهجه ــــــ ئەدەبىي مۇھاكىمە – ئاساسلىرى ۋە مېتودلىرى
22. الإسلام ومشكلات الحضارة
23. العدالة الاجتماعية في الإسلام
24. خصائص التصور الإسلامي ومقوماته
قاتارلىقلار.
بۇ كىتابلارنىڭ بەزىسى ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇپ ماڭغان ئىسلامىي يۈزلىنىشىگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ كىتابلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭ ھاياتلىق باسقۇچلىرىدىن بىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
سەييىد قۇتۇب بىلەن تونۇشلۇقۇم
1950 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇ ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ بەختىيار بولغانىدىم. بىر تۈركۈم يېقىن ساۋاقداشلار ئۇنى ھەلۋاندىكى ئۆيىگە يوقلاپ بارغانىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇنىڭ 1947 – يىلى نەشر قىلىنغان كىتابى «العدالة الاجتماعية في الإسلام»نى ئوقۇغان ئىدۇق. زىيارىتىمىزدە بىز ئۇنىڭ ئىسلامغا يۈزلىنىشى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سۆھبەتلەرگە مىسىرلىق قېرىنداشلاردىن سىرت سۇدانلىق، سۇرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە ئىئوردانىيەلىك بىر تۈركۈم قېرىنداشلار، بەھرەين، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە قېرىنداشلارمۇ ھازىر بولغانىدى. ئۇلار ئىسلام مېتودى بىلەن تەربىيەلىنىپ، ئىلگىرىكى قۇرئانچە ياشىغان يېگانە ئەۋلادقا ئوخشاش ئۆزلىرىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىماتلىرى بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاۋانگارت مۇئمىنلەر سۈپىتىدە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىردەك تونۇپ يەتكەنلەردىن ئىدى.
سەييىد قۇتۇب بىزگە ئىمام ھەسەن ئەلبەننانىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئا ق ش لىقلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشىپ، ئۆزئارا تەبرىكلەشكەنلىكىنى، ئۇلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇنىڭغا: «مىسىردا غەرب ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگەنلىكىنى، ھالبۇكى ئۇ «دۈشمەن»نىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ باش يېتەكچىسى شەھىد ھەسەن ئەلبەننا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
سەييىد قۇتۇب ھەسەن ئەلبەننانىڭ بۇنچىلىك داغدۇغا قوزغىيالىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. چۈنكى، ئۇ مىسىردىكى چېغىدا ھەسەن ئەلبەننانى ئۇنچىۋالا يۇقىرى مەقام ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرغا قايتقاندا چوقۇم ھەسەن ئەلبەننا قۇرغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلىدۇ. ئاللاھقا شۈكۈرلەركى، ئۇ شۇ قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندەك قىلاتتى.
قېرىندىشىمىز ئىيسا ئال خەلىفە ۋە بەھرەينلىك قېرىنداشلار، قېرىندىشىمىز مۇھەممەد مەدەنىي ۋە سۇدانلىق قېرىنداشلار ھەلۋاندا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سەييىد قۇتۇبنى كۆپ زىيارەت قىلاتتى. بىز بولساق ئۇنىڭدىن يىراقراق بولغاچقا، ئۇنى ئارىلاپ – ئارىلاپ زىيارەت قىلاتتۇق. لېكىن، بىز ئۇنىڭ ئىسلامغا يۈزلەنگەن ئاخىرقى كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدۇق. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئەدەبىياتتا «رافىئىي يۆنىلىشى»گە قىزىقاتتىم، سەييىد قۇتۇب بولسا «ئەققاد يۆنىلىشى»گە تەۋە بولغاچقا، ئۇنىڭغا قىزىقمايتتىم. بەلكى «رافىئىي يۆنىلىشى»گە قىزىقاتتىم. مەن مىسىرغا كېلىپ، ئۇنىڭ «يېڭى پىكىر» ژۇرنىلىدىكى يازمىلىرى؛ «دەۋەت» ژۇرنىلىدا ھەسەن ئەلبەننا ۋە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» توغرىسىدىكى ماقالىلىرى؛ ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سۆھبەتلەر؛ «مۇسۇلمان ياشلار جەمئىيىتى»دە فرانسىيەگە قارشى سۆزلىگەن قالتىس لېكسىيەلىرى؛ شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فرانسىيەگە ئائىت ئۇنۋان ۋە دىپلوملارنى چۆرۈپ تاشلاش چاقىرىقلىرىنى ئاڭلىغان، تۇل ئاياللار دولقۇنى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەربىر ماقالە ياكى بېسىلغان كىتابلىرىنى زوق ۋە ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. كېيىن ئۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» قاتارىغا قوشۇلۇپ، تەشكىلاتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دەۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان چاغدا، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ چوڭقۇرلاشتى.
ئامېرىكاچە ئىسلام
شەھىد سەييىد قۇتۇب ئېيتىدۇ:
«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرا شەرقتە مۇستەملىكىگە قارشى تۇرىدىغان ئىسلامنى خاھلىمايدۇ، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان ئىسلامنى خاھلىمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ خاھلايدىغىنى كوممۇنىزمغا قارشى تۇرىدىغان ئىسلامدۇر.
ئۇلار ئىسلامنىڭ ھاكىم بولۇشىنى خاھلىمايدۇ. ئۇلار ئامېرىكىچە ئىسلامنى خاھلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستەيدىغىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا پەتۋا سورالمايدىغان، بەلكى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئاددىي ئىشلار ھەققىدە پەتۋا سورىلىدىغان ئىسلامدۇر. نېمىدېگەن كۈلكىلىك ۋە نېمىدېگەن پاجىئەلىك!
ئۆزىنىڭ پۈتۈن قۇلچىلىقىنى يالغۇز ئاللاھقىلا خاس قىلىدىغان، ئاللاھتىن بۆلەككە قۇللۇق بىلدۈرمەيدىغان، جىمى ھاياتىنى شۇ خالىس قۇلچىلىق ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىدىغان بىر توپ كىشىلەر پەيدا بولمىغۇچە بۇ جەمئىيەت تىرىلمەيدۇ».
سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى پىكىردە بولۇش
جامال ئابدۇنناسىر رەئىس مۇھەممەد نەجىبكە قارشى ھەربىي ئىسيان قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، پارلامېنتلىق تۈزۈمنى دىكتاتورلۇق تۈزۈمگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئەدلىيە خادىملىرى، دەۋەتچىلەر، مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارغا قىلىنغان ئېغىر زۇلۇملارنى كۆرگەن سەييىد قۇتۇب بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققانىدى. نەتىجىدە، ئۇمۇ 1954 – يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم قاماققا ئېلىنىپ، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى ئاي تۈرمىداشلىق قىلدى. 1954 – يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» جامال ئابدۇنناسىرغا «سۇيىقەست پىلانلىغان»لىق بىلەن قارىلانغان «مەنشىيە ۋەقەسى» درامماسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جامال سالىم سۇدىيە، ئەنۋەر سادات ۋە ھۇسەين شافىئىيلەر زاستاتىل كۇرسىسىدا ئولتۇرغان زالدا سوتقا تارتىلدى ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. كېيىن ئىراق رەئىسى ئابدۇسالام ئارىفنىڭ ئارىلىشىشى ھەم سەييىد قۇتۇبنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن 1964 – يىلى قاماقتىن بوشىتىلدى.
1965 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جامال ئابدۇنناسىر موسكۋادا تۇرۇپ، سەييىد قۇتۇب باشچىلىقىدا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن بىر قاتار پىلانلىرىنىڭ پاش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەييىد قۇتۇب 1965 – يىلى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىندى. شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ھەربىي سوتتا ئۇنىڭغا قارىتا ئۈچ كۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ 1966 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى فۇئاد دەجۋا سۇدىيەلىكىدە سوتلىنىشقا باشلاپ، شۇ يىلى 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ھۆكۈمنىڭ ئارقىدىنلا ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەپ – تەرەپلىرىدىن جامال ئابدۇنناسىردىن سەييىد قۇتۇبنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇشمۇتۇشتىن نۇرغۇن تېلېگراممىلار كەلدى.
ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سابىق شەھىد قرال فايسال ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد جامال ئابدۇنناسىرغا مەزكۇر ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ تېلېگرامما يوللىغانىدى. سامى شەرەف تېلېگراممىنى شۇ ئاخشىمى ئابدۇنناسىرغا يەتكۈزگەن بولۇپ، جامال ئابدۇنناسىر: «ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەتە سەھەردىلا ئىجرا قىلىڭلار، بۇ تېلېگراممىنى ماڭا جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆرسەت» دېگەنىدى.
ھۆكۈم ھ. 1386 – يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى / م. 1966 – يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تاڭ سەھەردە ئىجرا قىلىندى.
ئاندىن ئابدۇنناسىر تېلېگراممىنىڭ جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، قرال فايسالغا ئۆزرە تېلېگراممىسى يوللىغان ئىدى.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۈنى شەيخ مەۋدۇدى
مەۋدۇدىنىڭ كاتىبى شەيخ خەلىل ئەھمەد ھامىدى مۇنداق دەيدۇ: «شەھىد سەييىد قۇتۇبقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۈنى ئەتىگەندە مەۋدۇدىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەنىدۇق. شۇ كۈنى سەييىد قۇتۇبنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى پاكىستان تاراتقۇلىرى گېزىت – ژۇرناللارنىڭ بىرىنچى بېتىگە چىقارغان ئىدى. شۇ چاغدا جامائەت ئەمىرى مەۋدۇدى مۇنداق بىر گەپنى سۆزلەپ بەرگەن: ‹تۇيۇقسىز، راستتىنلا كانىيىم بوغۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدىم. كېيىن خەۋەرلەردىن كانىيىم بوغۇلغان مىنۇتنىڭ سەييىد قۇتۇب دارغا ئېسىلغان مىنۇتنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم›».
شەيخ خەلىل ھامىدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ: «1966 – يىلى ئۇستاز مەۋدۇدى مەككە مۇكەررەمەدىكى شىبرا مېھمانخانىسىدا تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ قېشىغا مۇسۇلمان بىر ئەرەب ياش كىرىپ، سەييىد قۇتۇبنىڭ ‹يول بۇ يەردە› ناملىق كىتابىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز مەۋدۇدى ئۇنى بىر كېچىدىلا ئوقۇپ بولدى، ئەتىگىنى: ‹گويا بۇ كىتابنى مەن ئۆزۈم يازغاندەكلا ھېس قىلدىم› دېدى ۋە ئۆزى بىلەن سەييىد قۇتۇب ئارىسىدىكى بۇ پىكرىي يېقىنلىقتىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن گېپىنى مۇنداق تاماملىدى: ‹ھەيران قالارلىقى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ پىكىر مەنبەسى بىلەن مېنىڭ پىكىر مەنبەيىم بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر›».
شەھىد سەييىد قۇتۇب: «نامازدا ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانىلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان بارماقلىرىم بىلەن زالىم ھۆكۈمدارنى رازى قىلىدىغان بىر ئېغىز سۆزنىمۇ يازمايمەن. ئەگەر ھەق قامالغان بولسام، مەن ھەقنىڭ ھۆكمىگە رازى، ئەگەر ناھەق قامالغان بولسام، مەن ناھەقتىن رەھىم تىلەشتىن بۈيۈكمەن» دېگەن.
دوكتور ئەھمەد ئابدۇلھەمىد غۇراب دەيدۇكى: «بىز شەھىد سەييىد قۇتۇبنى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئالىم، دەۋەتچىلەرنى مەسۇم دەپ دەۋا قىلمايمىز. مەسۇم پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا ھەركىمنىڭ سۆزى يا قوبۇل قىلىنىدۇ، يا رەت قىلىنىدۇ. بىز شەھىد سەييىد قۇتۇبنى مۇقەددەسلىككە كۆتۈرمەيمىز، لېكىن ئۇنى قەدىرلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھەققىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلمايمىز ۋە ئەيىبلىمەيمىز. خىزمەتكار ئالىملىرى ۋە مۇجاھىد شەھىدلىرىنىڭ ھەققىنى بىلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ ۋەيرانە مىللەت بولماس. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ﴾(47/«مۇھەممەد»: 4).
شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى شۇنداق قاتتىق ئەلەملىك بىر ھادىسە بولغان ئىدىكى، پۈتكۈل ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى تەۋرىتىپ، ئالىملار، دەۋەتچىلەر ۋە كۆپلىگەن مۇسۇلمان خەلقلەرنى قوزغىۋەتكەن ئىدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ھادىسە ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىي، خرىستىيان، ئاتېئىست ۋە كوممۇنىستلارنى ئىچ – ئىچىدىن خۇش قىلىۋەتكەن ئىدى.
مۇسۇلمانلار بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئەيىبلەپ، شەرق ۋە غەربتە نۇرغۇن جايدا ئۇنىڭغا غىيابىي مېيىت نامىزى چۈشۈرگەنىدى. ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردىكى كۆپلىگەن ئىسلامچە گېزىت – ژۇرناللار شەھىد سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سانلارنى ئاجراتقان ئىدى. نۇرغۇن ئالىم – دەۋەتچىلەر قاتىللارغا قارغىش ياغدۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە بىرنەچچە ئاي ئۆتمەيلا، 1967 – يىلى بىر بالا – قازا يۈز بېرىپ، جامال ئابدۇنناسىر ئېغىر مەغلۇپ بولدى. ماراكەش رەھبىرى ئەللال فاسىي: «سەييىد قۇتۇبنىڭ قاتىلى رەھبەرلىك قىلغان ھېچبىر ئۇرۇشقا ئاللاھ ياردەم بەرمەيدۇ!» دەپ يازغان ۋە جاكارلىغان ئىدى.
زالىملار: «دەۋەتچىلەرنى ئۆلتۈرسەك، ئىسلامنى يوق قىلالايمىز» دەپ ئويلاپ قالغانىدى. لېكىن، ئاللاھ بۇنىڭ ئەكسىنى خاھلىدى. نەتىجىدە، سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە كەڭ تارقالدى. كىتابلىرى قايتا – قايتىلاپ بېسىلدى ۋە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. يەر يۈزىدە شەھىد سەييىد قۇتۇبنى، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقى، كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىگەن ھېچيەر قالمىغاندەك قىلاتتى.
يازغۇچى، ئەدىب، شائىر ۋە ئوبزورچىلار سەييىد قۇتۇبنىڭ ئىدىيەسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلىشقا ئاتلاندى. ھەرخىل تىللاردا ئۇنىڭ ئۆزى ۋە پىكىر – ئىدىيەسى، ئەسەرلىرى توغرىسىدا يۈزلىگەن نەشرلەر يورۇق كۆردى، تالاي ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. نەچچە ئونلىغان دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق رىسالەلەر ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتلار سۇنۇلدى. نەشرىياتلار ئۇنىڭ كىتابلىرىنى بېسىشتا بەسلىشىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ «قۇرئان سايىسىدا» ناملىق كىتابى ھەممە كىتاب يەرمەنكىلىرىدە ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ، بىلئومۇم خالايىق، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ياشلار بۇ شېرىن بۇلاقتىن، بۇ زىلال سۇدىن ئىچىشكە باشلىغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىمىز دوكتور سالاھ ئابدۇلفەتتاھ خالىدىي سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ پىكرىي مىراسلىرى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئەللامە دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي گەرچە شەھىد ئەدىب سەييىد قۇتۇبنىڭ بەزى قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى، ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ دەيدۇكى: «سەييىد قۇتۇب ئاللاھ يولىدا نۇرغۇن ئەزىيەت تارتقان بولسىمۇ قەتئىي روھى سۇنمىغان، بوشاشمىغان ۋە باش ئەگمىگەن، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بەردەم ئەركەك؛ پاساھەتلىك قەلەم ۋە يۈكسەك ئەدەبىي ئىستىداد ساھىبى؛ ئەركىن پەرۋاز قىلغۇچى روھ ۋە يورۇق بايان ئىگىسى؛ روشەن مېتود ۋە جۇشقۇن پىكىر سەردارىدۇر. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا شەرق ۋە غەرب تىللىرىدا كەڭ تارقالغان ‹سەنئەتلىك تەسۋىر›، ‹ئادالەت›، ‹قۇرئان سايىسىدا›، ‹يول بۇ يەردە› قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى، چوڭ ئەدىب ۋە شەھىد دەۋەتچىدۇر».يەنە مۇنداق دېگەن: «سىز مەندىن: ‹سەييىد قۇتۇب كىم؟› دەپ سورىسىڭىز، مەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، سەييىد قۇتۇب ھەقىقەتەن ئۈممىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئەڭ بۈيۈك ئەركەكلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر بىز بۈيۈكلۈكنى ئاللاھ يولىدا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربانلىق بېرىش نۇقتىسىدىن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك مۇسۇلماندۇر. ئەگەر دەۋەت ۋە ھەرىكەتتىكى تەسىرچانلىق بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك دەۋەتچىدۇر. ئەگەر پىكىرىي مۇستەقىللىق ۋە ئىلىمىي تېرەنلىك بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر ئالىم ۋە بۈيۈك مۇتەپەككۇردۇر. ئەگەر بىز بۈيۈكلۈكنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى ئىجادىيەت بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك ئەدىبدۇر».
سەئۇدىيلىق ئۇستاز ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇرراھمان بەلھى سەييىد قۇتۇب ھەققىدە «سيد قطب وتراثه الأدبي والفكري (سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي – پىكرىي مىراسلىرى)» نامىدا مەخسۇس بىر تەتقىقات ئەسەرىنى يېزىپ چىققان ئىدى.
شۇنداقلا يەنە مۆتىۋەر ئۇستازلاردىن: يۈسۈف ئەئزەم، ئابدۇللاھ ئەززام، مۇھەممەد ئەلى قۇتۇب، ئەھمەد ئابدۇلغاففار ئەتتار، ئەبۇلھەسەن نەدۋىي، مۇھەممەد ھۇسنى، ئەھمەد ھەسەن فەرھات، ئەھمەد فائىز، سالىم بەھنەساۋى قاتارلىقلار شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ مىراسلىرىنى تونۇتۇشتا كۆپ ھەسسە قوشقان ئىدى. مانا بۇلار ئۇنىڭ ئۈستىمىزدىكى بىر قىسىم ھەقلىرىدۇر.
ئىنساپلىق پوزىتسىيەلەر
بىز ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇللاھ جىبرىن، بەكرى ئەبۇ زەيد، ئابدۇرراھمان دەۋسەرىي قاتارلىق ماشايىخلارنىڭ سەييىد قۇتۇبقا تۇتقان ئىنساپلىق پوزىتسىيەلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايمىز. ئاللاھ ھەممىسىگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!
سەييىد قۇتۇب دېگەنكى: «مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دەۋىتى تەئەسسۇبلۇقتىن خالىي دەۋەتتۇر. ئەكسىچە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ ئۆزى مۇتەئەسسىبلەر ياكى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقمايدىغان جاھىللاردۇر. ھەسەن ئەلبەننانىڭ ئەڭ چوڭ ماھىيىتى بولسا قۇرۇشتۇر، پۇختا قۇرۇشتۇر، بەلكى ئۆزگىچە قالتىس قۇرۇشتۇر. مەن ئىسلام ئەقىدىسىنى دەۋەتچىلەردىن كۆپ تونۇدۇم، لېكىن ئۇلارنىڭ چاقىرىقى قۇرۇش خاراكتېرلىك ئەمەس. ھەرقانداق بىر دەۋەتچى قۇرغۇچى بولالمايدۇ. ھەرقانداق بىر قۇرغۇچى ‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار›دىن ئىبارەت بۇ زور قۇرۇلۇشتا تەجەللى تاپقان كاتتا تالانتقا ئىگە بولالمايدۇ. ‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار› بولسا جامائەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۇشبۇ زور تالانتنىڭ تەجەللىسىدۇر. ھەسەن ئەلبەننا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇللىرىنى مۇكەممەل قىلغانىدى. ئۇ كەتتى، ئۇنىڭ خاھىشىغا مۇۋاپىق شەھىدلىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى قاتارىدىن يېڭى بىر خىزمەت، ئۇلنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاملارنى مەزمۇت قىلىش خىزمىتىدۇر. مەرھۇم شەھىدنىڭ مىڭ بىر خۇتبىسىمۇ، مىڭ رىسالەسىمۇ قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى دەۋەتنىڭ ئوتىنى ئۇنىڭ تۆكۈلگەن پاك قان تامچىلىرى يالقۇنجاتقاندەك يالقۇنجىتالماس ئىدى. بىزنىڭ سۆزلىرىمىز شامقونچاق بولۇپ تۇرىدۇ، قاچانكى، بىز ئۇنىڭ يولىدا ئۆلسەك ئۇنىڭغا جان كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھاياتلىق پۈتۈلىدۇ. ئېغىزلاردا تۇغۇلۇپ تىللار بىلەن ئېتىلغان، لېكىن تىرىك ئىلاھىي بۇلاققا تۇتاشمىغان سۆزلەر ئۆلۈك تۇغۇتتۇر. بۇ ‹قۇرئان› ئۆزى بىلەن بىرگە جەڭگاھلارغا كىرگەن ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە زور كۈرەش قىلغانلاردىن باشقىسىغا سىرىنى بەرمەيدۇ».
سەييىد قۇتۇب ئۆزىنىڭ ئويغاق يۈرىكى ۋە غۇرۇر – ۋىجدانىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىسلام شېئىرىيىتىنىڭ بىر نامايەندىسى سانىلىدىغان تۆۋەندىكى قالتىس شېئىرىنى تۈرمىدىكى چېغىدا يېزىپ چىققان ئىدى.
سەن ئازادسەن توسۇقلارئارا سەن ئازادسەن كىشەنلەرئارا.
گەر تېۋىنساڭ بۈيۈك ئاللاھقا ساق قالىسەن مىكىرلەرئارا.
تەڭرىم تاللىدى بىزنى دەۋەتكە قايتمايلى بۇ يولدىن تا ئەبەتكە
شەھىد كەتكەنلەر بىزنىڭ دوستىمىز قالغانلار سادىق ۋەزىپەسىگە
دوستۇم چېكىنمە، داۋاملىق ئالغا! يولۇڭ تولغاندۇر قىزىل قانلارغا.
قارىماي ئوڭ – سول ئۇياق ـ بۇياققا تېۋىنغىن پەقەتلا بۈيۈك ئاللاھقا(1).
مەنبە: ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة (ھازىرقى زامان ئىسلام دەۋىتى ۋە ھەرىكىتى سەرخىللىرىدىن)».
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھزۇن.

