sirat

پىلسىرات

قىيامەت كۈنىنىڭ ھادىسەلىرىدىن بىرى پىلسىراتتىن ئۆتۈشتۇر. بۇ ئۆتۈش بەك تەس بولغان، كۆرۈنۈشى قورقۇنچلۇق بىر جايدۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىنى دۇنيادا دىندا مۇستەھكەم قىلغاندەك، ئۇلارنىڭ قەدەملىرىنى پىلسىراتتىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. زىيانكارلارنىڭ قەلبلىرى دۇنيادا ئىمان ۋە تەستىقتىن يىراق بولغاندەك، ئۇلارنىڭ قەدەملىرى پىلسىراتتا تېيىلىپ كېتىدۇ. بۇ چوڭ تاسقاش ۋە ئىمتىھان ئورنىدۇر. سالامەت ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئەڭ چوڭ مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئۆتەلمىگەن كىشى ئازابقا لايىق بولۇر.

ئۇنداقتا پىلسىرات دېگەن نېمە؟

ئۇنىڭ سۈپىتى قانداق؟

ئۇنىڭ ئورنى نەدە؟

ئۇنىڭ ئۈستىدە كىشىلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە مەيدانلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، پىلسىراتتىن ئۆتۈش بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئەنبىيائلەرنىڭمۇ قورقىدىغانلىقى ۋە ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۈممىتىنىڭ بولسا بۇ زاتنىڭ شاپائىتىدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. پىلسىراتنىڭ كۆپ سۈپەتلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشىمىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

«سىرات» ئەرەب تىلىدا «داغدام يول» دېگەن مەنىدە. ئاخىرەتتىكى سىرات بولسا جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتىدۇ.

پىلسىراتنىڭ سۈپەتلىرى

بۇ جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، قىلىچنىڭ بىسىدىن ۋە قىلدىن ئىنچىكىدۇر. ئۇنىڭدا ئادەملەرگە چاپلىشىۋالىدىغان ئوغرىتىكەنلەر ۋە قاماقلار بار. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر ئايلىق مۇساپىدەك بولۇپ، ئۇنى زۇلمەت قاپلىغاندۇر.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— … ئاندىن كۆۋرۈك كەلتۈرۈلۈپ دوزاخ ئۈستىگە قويۇلىدۇ› —دېدى. بىز:

— يا رەسۇلەللاھ! كۆۋرۈك دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:

— تېيىلغاق، مۈدۈرۈلۈپ كېتىدىغان يەر بولۇپ، ئۈستىدە ئىلمەكلەر، قاماقلار ۋە نەجد دىيارلىرىدا بولىدىغان سەئدان تىكىنىدەك ئۇششاق ئوغرىتىكەنلىرى بار يايپاڭ مىخلار بار، — دېدى»(1). ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاڭلىشىمچە، كۆۋرۈك (يەنى پىلسىرات) قىلدىنمۇ، قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ ئىنچىكە ئىكەن» دېگەن(2).

پىلسىراتنىڭ ئورنى

پىلسىراتتىن ئۆتۈش نامەئى ئەئماللەر تارقىتىلىپ، ئەمەللەر تارازىغا قويۇلۇپ، بەزى شاپائەتنىڭ تۈرلىرى ھاسىل بولۇپ، ھەۋزگە كېلىپ، ھېساب ئېلىنىپ ۋە بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ.

مۇشرىكلەر پىلسىراتتىن ئۆتەلمەيدۇ

بۇنداق بولۇشى، قىيامەت كۈنى ئىنسانلار بىرقانچە قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ: ئۇلار يەككە – يېگانە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەن ھالدا ئىبادەت قىلغان ئىخلاسمەن مۇئمىنلەر، مۇناپىقلار ۋە ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ ئىبادەت قىلغان مۇشرىكلەردۇر.

مۇشرىكلەر بولسا پىلسىراتتىن ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەن، ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان مۇئمىنلەر ۋە مۇناپىقلار بولسا بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

مۇناپىقلار ۋە پىلسىرات

بارلىق ئەنبىيائلەرنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى توختايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇناھكارلار ۋە مۇناپىقلار بولىدۇ. پىلسىرات قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ. ئاندىن ئۇلارغا نۇرلار تارقىتىلىدۇ. بۇ نۇر ھەربىر ئادەمگە ئۇنىڭ ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا بېرىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدىغان كۈندە ئىنسانلار نەدە بولىدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ زات:

— ئۇلار كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە زۇلمەتتە، — دېدى»(3).

مانا بۇ ئورۇندا مۇناپىقلار مۇئمىنلەردىن ئايرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ. مۇئمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسى مۇناپىقلارنى مۇئمىنلەرگە يېتىشىۋېلىشتىن توسۇيدىغان بىر تام بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ﴾(57/«ھەدىد»: 13).

دېمەك، «قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ نۇرىغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە قىيامەت كۈنى نۇر ئاتا قىلىنىدۇ، بۇ نۇر ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدىكى زۇلمەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ ۋە پىلسىراتتا قەدەملىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.

ئەمما، دۇنيادا «قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ نۇرىدىن يۈز ئۆرۈگەن مۇناپىقلارغا كەلسەك، ئۇلار خۇددى دۇنيادا ئۆزلىرىنى نۇردىن مەھرۇم قىلغاندەك، قىيامەت كۈنى قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە تېڭىرقاپ قالىدۇ.

مۇناپىقلار مۇئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ نۇرىدىن ئېلىشى ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ، نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناپىقلار نائۈمىد قايتىدۇ. مۇئمىنلەر ئىلگىرىلەپ كېتىدۇ. مۇئمىنلەر بىلەن مۇناپىقلاردىن ئىبارەت ئىككى پىرقە ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقىدۇ. سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ. دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ. مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ بارارجايى جەننەت بولىدۇ. مۇناپىق ئەر ۋە مۇناپىق ئاياللارنىڭ بارارجايى دوزاخ بولىدۇ.

مۇئمىننىڭ نۇرىنىڭ مىقدارى

پىلسىراتتىن ئۆتىدىغان مۇئمىنلەر ۋە مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسىگە نۇر ئاتا قىلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنى كۆرۈش ھەققىدىكى دېگەنكى: «… ئاندىن ئاللاھ تائالا كۈلۈپ تەجەللى قىلىدۇ، ئارقىدىنلا ئاللاھ ئۇلارنى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئۇلار ئۇ زاتقا ئەگىشىدۇ. ئۇلاردىن مۇناپىق بولسۇن، مۇئمىن بولسۇن، ھەربىر ئىنسانغا نۇر ئاتا قىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلار نۇرغا ئەگىشىدۇ. جەھەننەم كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستىدە ئاللاھ تائالا خاھلىغان ئادەمنى ئىلىپ كېتىدىغان قاماقلار ۋە ئوغرىتىكەنلەر بولىدۇ. ئاندىن مۇناپىقلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلىدۇ. ئاندىن مۇئمىنلەر نىجات تاپىدۇ. نىجات تاپىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ يۈزلىرى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك بولىدۇ. ئۇلار يەتمىش مىڭ كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنمايدۇ»(4).

ھەربىر مۇئمىنگە ئۇنىڭ نۇرى ياخشى ئەمەلىنىڭ مىقدارى بويىچە بېرىلىدۇ. مۇئمىن ئالدىدىكى نۇرنىڭ يورۇتۇش مىقدارى قانچىلىك بولسا، پىلسىراتتا شۇنچە تېز ماڭىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىغا تاغدەك نۇر ئاتا قىلىنىدىغانلار بار؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن كۆپرەك نۇر ئاتا قىلىنىدىغانلار بار؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوڭ قولىغا خورما دەرىخىدەك نۇر ئاتا قىلىنىدىغانلار بار؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوڭ قولىغا ئۇنىڭدىن ئازراق نۇر ئاتا قىلىنىدىغانلار بار. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىغا پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا نۇر ئاتا قىلىنىدۇ، بۇ نۇر بىردەم يورۇپ، بىردەم ئۆچۈپ قالىدۇ. يورۇسا قەدەم ئالىدۇ. ئۆچسە ئورنىدا تۇرىدۇ. شۇ تەرىقىدە ئۇلار پىلسىراتتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ»(5).

پىلسىراتنىڭ ئۈستىدىكى مۇئمىنلەرنىڭ دۇئاسى

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ ئالدىلىرىدا نۇرى ماڭغان چاغدىكى دۇئاسىدىن خەبەر بەردى: ﴿ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغفىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 8).

پىلسىراتتىن ئۆتىدىغانلارنىڭ تۈرلىرى

ئىنسانلار دوزاخقا كېلىدۇ ۋە ئەمەللىرى بىلەن دوزاختىن چىقىدۇ. ئۇلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: سالامەت قۇتۇلغۇچى؛ زىدىلىنىپ قۇتۇلغۇچى؛ دوزاخقا چۈشۈپ كەتكۈچى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە پىلسىرات قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە سەئدان تىكىنىدەك ئوغرىتىكەنلىرى بولىدۇ. ئاندىن ئىنسانلار ئۆتىدۇ: سالامەت قۇتۇلىدىغانلار، يارىلىنىپ قۇتۇلىدىغانلار، ئۆتەلمەي تىك موللاق دوزاخقا چۈشىدىغانلار بولىدۇ»(6).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىلسىرات توغرۇلۇق: «تېيىلغاق، مۈدۈرۈلۈپ كېتىدىغان يەر بولۇپ، ئۈستىدە ئىلمەكلەر، قاماقلار ۋە نەجد دىيارلىرىدا بولىدىغان سەئدان تىكىنىدەك ئۇششاق ئوغرىتىكەنلىرى بار يايپاڭ مىخلار بار، مۇئمىن ئۇنىڭدىن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقاندەك، يەنە چاقماقتەك، يەنە شامالدەك، يەنە يورغا ئاتلاردەك ۋە تۆگىلەردەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ساق – سالامەت قۇتۇلغان، بەزىلىرى سۈركىلىپ زىدىلىنىپ قۇتۇلغان ۋە يەنە بەزىلىرى دوزاخ ئوتىدا دۆۋىلىنىپ قالغان بولىدۇ»(7) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىلسىراتنىڭ ئۈستىدىكى بۇ تىكەنلەرنىڭ ھەجمىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى خەبەر بېرىپ:

— سىلەﺭ سەئدﺍننىڭ تىكىنىنى كۆﺭگەنمىدىڭلاﺭ؟ — ﺩېگەنىدى، ئەسھابلەﺭ:

— ھەئە كۆﺭگەنمىز، — ﺩېيىشتى. ﺭﻩسۇلۇللاھ:

— لېكىن، ئۇنىڭ نەقەﺩﻩﺭ چوڭلۇقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدﯗ. قاﺭماقلاﺭ كىشىلەﺭنى قىلمىشلىرىغا قاﺭﺍﭖ ئىلىۋالىدۇ. ئۇﻻﺭﺩىن قىلمىشلىرﻯ تۈپەيلىدىن ھاﻻﻙ قىلىنىدىغانلىرىمۇ، قىچىنىڭ ﺩﺍنىسىدﻩﻙ چېچىۋېتىلگەندىن كېيىن قۇتۇلىدىغانلىرىمۇ بولىدﯗ»(8).

پىلسىراتتىن ئۆتىدىغانلارنىڭ سۈرئىتى

پىلسىراتتىن ئۆتىدىغانلار ئالدىلىرىدا كۆرۈپ ماڭىدىغان نۇرنىڭ يورۇتۇش مىقدارىغا قارىتا، ئۆتۈش سۈرئىتىدە پەرقلىق بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ مېڭىشتىكى ئەھۋاللىرىنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: «… پىلسىرات قىلىچنىڭ بىسىدەك ئىنچىك، تېيىلغاق، مۈدۈرۈلۈپ كېتىدىغان يەر بولۇپ، ئۇلارغا: ‹نۇرۇڭلارنىڭ مىقدارى بويىچە مېڭىڭلار› دېيىلىدۇ. بەزىلىرى يۇلتۇزلار ئاققاندەك ئۆتۈپ كەتسە، بەزىلىرى شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرى ئىلدام ماڭغان ئادەمدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەربىرى مىقدارى بويىچە ئۆتىدۇ. ھەتتا نۇرى پۇتىنىڭ باش بارمىقىدا بولغان كىشى بىر قولى چۈشۈپ كەتسە، يەنە بىر قولى بىلەن ئېسىلىپ، بىر پۇتى تېيىلىپ كەتسە، يەنە بىر پۇتى بىلەن ئىلنىشىپ، بەدىنىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئوت چاچراپ، ئاخىرى ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ بولغاندا: ‹بىزگە سېنى (دوزاخنى) كۆرسەتكەندىن كېيىن، سەندىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالەر بولسۇن، ئۇ زات بىزگە ھېچكىمگە بەرمىگەننى بەردى› دەيدۇ»(9).

پىلسىراتتىن تۇنجى بولۇپ ئۆتىدىغان كىشى

پىلسىرات قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ ئىززەتلەنگەن ۋە تېيىلىپ كەتمىگەن ھالدا ئۆتۈپ كېتىدىغان زات پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دوزاخنىڭ ئۈستىگە پىلسىرات كۆۋرۈكى سېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن بىلەن ئۈممىتىم دەسلەپ قىلىپ سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغانلار بولىمىز. ئۇ كۈنى ئەنبىيائلەردىن باشقا ھېچ ئادەم سۆز قىلمايدۇ. ئەنبىيائلەرنىڭ سۆزلىرىمۇ: ‹ئى ئاللاھ! ئامان قىلغىن! ئامان قىلغىن!› دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ» دېگەن(10).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىلسىراتتا ئۈممىتىگە دۇئا قىلىدۇ

پىلسىراتتىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇچار قۇش ئۆتكەندەك، شامالدەك، چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدىغانلار بار. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىلسىراتتا ئۆرە تۇرۇپمۇ: ‹ئى ئاللاھ! ئامان قىلغىن! ئامان قىلغىن!› دەيدۇ.

ھەدىستە كەلدىكى: «سىلەرنىڭ باشتىكىلەر چاقماقتەك، ئۇندىن كېيىن كەلگەنلەر شامالدەك، ئۇندىن كېيىنكىلەر قۇشنىڭ ئۇچۇشىدەك، ئۇندىن كېيىنكىلەر تېز يۈگۈرگەندەك تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممىسىنى ئەمەللىرى (مەلۇم سۈرئەتتە) ئۆتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا نەبىييىڭلار پىلسىراتتا تۇرۇپ: ‹ئى ئاللاھ! ئامان قىلغىن! ئامان قىلغىن!› دەيدۇ. ئاخىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنى ئۆتكۈزەلمەي، بەزىلەر ئاران ئۆمىلەپ ئۆتىدۇ»(11).

سىلە – رەھىم بىلەن ئامانەت پىلسىراتنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ

بەزى ئەمەللەر پىلسىراتتا ھازىر بولىدىغان بولۇپ، ئۇ ئەمەللەردىن ئۇنى قىلغۇچىلار مەنپەئەتلىنىدۇ. بۇنىڭ جۈملىسىدىن: سىلە – رەھىم بىلەن ئامانەت پىلسىراتنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «… سىلە – رەھىم بىلەن ئامانەت (سۈرەتكە كىرگۈزۈلۈپ) ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ئىككىسى پىلسىراتنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ» دېگەن(12).

ئاخىرىدا دەيمىزكى: سەن ئۆزۈڭنى پىلسىراتنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، ئاستىڭدىكى قاپقاراڭغۇ ھاڭدا يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان دوزاخقا قاراپ تۇرغان، بىردەم مېڭىپ، بىردەم ئۆمىلەۋاتقان، خالايىقلارنىڭ بولسا ئالدىڭدا بىرلىرى تېيىلىپ، بىرلىرى يىقىلىۋاتقان، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىلمەكلەر ۋە قاماقلار بىلەن تارتىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ دوزاخقا تىك موللاق چۈشۈپ كېتىۋاتقان ھالەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ئويلاپ باققىن. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈش – ھە!

ھەقىقەت

جەننەتكە پەقەت مۇۋەھھىد مۇئمىنلەرلا كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.

پىلسىراتتىن كېيىن مۇئمىنلەرنىڭ بىر – بىرىدىن قىساس ئالىدىغانلىقى
مۇئمىنلەر پىلسىراتتىن ئۆتۈپ، دوزاختىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنيادىكى چاغدا بىر – بىرىدە قالغان ھەقلەر قالىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنىڭ بىر – بىرىدىكى ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە قارىتا كۆڭۈللىرىنى ئاداۋەتتىن پاكلاشنى ئىرادە قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان – ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز﴾(15/«ھىجىر»: 46، 47).

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىساس قانداق ئېلىنىدۇ؟

بۇ يېڭىدىن ھېساب ئېلىشمۇ؟

ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئازابلىنامدۇ ياكى ئاغرىق تارتامدۇ؟

مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى بىر – بىرىدىن قىساس ئېلىشىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «مۇئمىنلەر (پىلسىراتتىن ئۆتۈپ) دوزاختىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، دوزاخ بىلەن جەننەت ئارىسىدىكى چوڭ بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، دۇنيادىكى چاغلىرىدا بىر – بىرىدە قالغان ھەقلىرىنى ئېلىشىدۇ، ئاخىرى تازىلىنىپ پاكلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەھلى جەننەت بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى تۇرالغۇسىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ ياخشىراق تونۇيدۇ»(13).

دېمەك، ئۇلار توختايدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردىن ھېساب ئېلىپ، دۇنيادىكى چاغدا بىر – بىرىدە قېپقالغان ھەقلەردىن قىساس ئېلىپ بېرىدۇ. ئاخىرى ھەربىرى قېرىندىشىغا قەلبىدە ئۆچمەنلىك ساقلىماي، قەلبلىرى پاكلانغان ھالەتتە جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كىن – ئاداۋەتلەرنىڭ ھەممىسى يوقاپ كېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىساس ئېلىشىشنىڭ شەكلى

مۇئمىنلەر ئارىسىدا قىساس ئېلىشىدىغان كۆۋرۈك جەننەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا مەھشەرنىڭ ئېغىرچىلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولىدۇ.

ئۇ كۈندە مال – دۇنيا، بالىچاقا، دىنار ۋە دىرھەم يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىساس ئېلىشىش ياخشى ئەمەللەر ۋە يامان قىلمىشلار بىلەن بولىدۇ. كىمدە باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋېلىش، تىللاش ۋە ئۇرۇش دېگەندەك ھەقلىرى بار بولسا، ھەق ئىگىلىرى ھەقلىرىنىڭ مىقدارى بويىچە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئالىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ پەقەت ياخشى ئەمەللىرى قالمىغان چاغدا، ھەق ئىگىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇ كىشىگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى زۇلۇم قىلغۇچىدىن رازى بولۇپ ئەپۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ.

ئۆچەكىشىپ قالغانلارنى رازى قىلىش

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئولتۇرغان ئىكەن، مەن تۇيۇقسىز ئۇ زاتنىڭ كۈلۈپ، ئىككى ئۇدۇل چىشىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زاتقا:

— ئى رەسۇلۇللاھ! نېمىگە كۈلىلا؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ زات دېدىكى:

— ئۈممىتىمدىن ئىككى كىشى پەرۋەردىگارىمنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىرى: ‹ئى رەببىم! ماڭا قېرىندىشىمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن› دېدى، ئاللاھ تائالا يەنە بىرىگە: ‹قېرىندىشىڭغا ھەققىنى بەرگىن› دېدى. ھەق ئىگىسى: ‹ئى رەببىم! مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمدىن ھېچ نەرسە قالمىدى› دېدى. ھەق ئىگىسى: ‹ئى رەببىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمدىن ئۇنىڭغا يۈكلىگىن› دېدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش تۆكۈلدى، ئاندىن دېدى:

— ھەقىقەتەن، ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئىنسانلار گۇناھلىرىنىڭ باشقىلارغا يۈكلىنىشىگە موھتاج بولىدىغان كۈندۇر. ئاندىن ئاللاھ تائالا ھەققىنى تەلەپ قىلغۇچىغا: ‹بېشىڭنى كۆتۈرگىن› دېدى. ئۇ كىشى بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ: ‹ئى رەببىم! مەن ئالتۇن شەھەرلەرنى ۋە مەرۋايىتلار يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن قەسىرلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، بۇ قايسى پەيغەمبەر ئۈچۈن؟ ياكى قايسى سىددىق ئۈچۈن؟ ياكى قايسى شېھىد ئۈچۈن؟› دېدى. ئاللاھ تائالا: ‹بۇ ئۇنىڭ پۇلىنى بەرگەن ئادەم ئۈچۈن› دېدى. ئۇ كىشى: ‹بۇنىڭ پۇلىغا كىممۇ ئىگە بولالايدۇ؟› دېدى. ئاللاھ تائالا: ‹سەن ئىگە بولىسەن› دېدى. ئۇ كىشى: ‹ئۇنداقتا نېمە بىلەن ئىگە بولىمەن؟› دېدى. ئاللاھ تائالا: ‹قېرىندىشىڭنى ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئىگە بولىسەن› دېدى. ئۇ كىشى: ‹ئى رەببىم! مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتتىم› دېدى. ئاللاھ تائالا: ‹سەن قېرىندىشىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن› دېدى.

ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى:

— ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئاراڭلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار! ئاللاھمۇ قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ»(14).

بۇ پىلسىراتتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى باشلانغان ئەمەللەردىن ئېلىنىدىغان ھېسابنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر. مەلۇمكى، ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىساس ئېلىنغان كىشى بۇنىڭدىن ئەلەم تارتىدۇ. لېكىن، بۇ ئەلەملەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىش بىلەنلا يوقاپ كېتىدۇ.

 

ئىسلاھ قىلىش

ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئاراڭلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار. ئاللاھمۇ قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ.

 

ئەھلى فەترەتنىڭ ئەھۋالى

مەھشەر كۈنى ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق بىر قەۋملەر بولىدۇكى، ئۇلار ئىسلامنى پەقەتلا بىلمىگەن ياكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا ياشىغان ئىنسانلاردۇر. بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنى ئەھلى ئىلىملەر فەترەت ئەھلى(15) دەپ ئاتىغان ياكى ئۇلارغا ئىسلام دىنى سەلبىي شەكىلدە يەتكەن ئىنسانلاردۇر.

ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر؟

ئۇلارنىڭ ھۆججىتى نېمە؟

ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟

ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلەرنى خۇش بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەنبىيائلەرگە تۇتقان مەيدانىغا قارىتا ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15).

ئاللاھ تائالا خالايىقنى مەيلىگە تاشلاپ قويمىدى. بەلكى ئەنبىيائلەرنى ئەۋەتتى ۋە كىتابلارنى چۈشۈرۈپ بەردى. ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئۈممەتنى پەيغەمبەر ئەۋەتمەي، ئاگاھلاندۇرماي تۇرۇپ ھالاك قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى دوزاخ ھەققىدە ئېيتىدۇكى: ﴿دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ﴾(67/«مۇلك»: 8، 9).

دېمەك، كىمكى ئۇنىڭغا ھەقىقەت يەتكەندىن كېيىن، ئىمان ئېيتقان ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلگەن نۇرغا ئەگەشكەن بولسا، ئۇ توغرا يولدا بولغان بولىدۇ ۋە توغرا يولدا بولغانلىقىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا ھەقىقەت يەتكەندىن كېيىن، ھەقىقەتكە ئەگەشمەي توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ ۋە بۇ قىلمىشىنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ. ھەر ئادەم نېمە ئىش قىلسا، پەقەت ئۆزىگىلا قىلىدۇ.

ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى

ئافرىقا ئورمانلىقلىرىدا ياكى يىراق ئورمانلىقلاردا، ياكى شىمالىي قۇتۇپ ۋەياكى جەنۇبى قۇتۇپ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىسلام دەۋىتى يەتمەي، ئىسلامدىن ھېچ نەرسىنى بىلمىگەن، ياكى بەزى غەرب تەشۋىقاتلىرىدا ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە تارقىتىلىۋاتقاندەك سەلبىي شەكىلدە ئاڭلاپ، خاتا چۈشىنىپ قالغان، ياكى تۇغۇلۇشىدا گاس، گالۋاڭ تۇغۇلۇپ قېلىپ ساقايمىغان، ياكى ئەتراپىدىكى ئىشلارنى بىلەلمەيدىغان دەرىجىدە بەك قېرىپ كەتكەن ئىنسانلارغا كەلسەك، بۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى تەتبىقلىنىدۇ: ﴿ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى﴾(20/«تاھا»: 134)، ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)﴾(28/«قەسەس»: 47).

دېمەك، ئاللاھ ھېچبىر كىشىنى پەيغەمبەر ئەۋەتمەي، ئاگاھلاندۇرماي تۇرۇپ ئازابلىمايدۇ. ئالىملارنىڭ ئىچىدە: «ئاللاھ بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنى قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانلىرىدا سىنايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلسا، جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدە: ‹بەختلىك ئىنسانلاردىن بولىدۇ› دېگەن ئىلمى ئەزەلىيسى ئايان بولىدۇ. كىمكى ئىتائەت قىلمىسا، خار ھالەتتە دوزاخقا كىرىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلار ھەققىدە: ‹بەخىتسىز ئىنسانلاردىن بولىدۇ› دېگەن ئىلمى ئەزەلىيسى ئايان بولىدۇ» دەپ قارىغانلار بار. بۇ سۆز ھەممە دەلىللەرنى جەملىگەندۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

ئادىللىق

﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15).

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4581، 7439)؛ مۇسلىم (183).
2. مۇسلىم (183).
3. مۇسلىم (315).
4. مۇسلىم (191).
5. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9647). سۇيۇتىي («ئەلبۇدۇۋرۇسسافىرە»، 158) ۋە ئالبانىي («شەرھۇتتاھاۋىيە»، 469) لەر «سەھىھ» دېگەن.
6. ئىبنى ماجە (4280). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3472) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، پىلسىراتتىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنىڭ بىر قىسمى، پىلسىراتنىڭ ئازابىغا يولۇقماي، سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمى، پىلسىراتتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ-يۇ، بەدىنىگە دوزاخنىڭ ئوتلىرى تەگكەن ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا، نۇرى ئۆچۈپ قالغانلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ، دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھقا سىغىنىمىز. سەئدان تىكىنى، ئادەتتە تېرىگە ۋە كىيىملەرگە چاپلىشىۋالىدىغان، بەك سانجىلىدىغان كىچىك تىكەندۇر.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرىي ﴿سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ﴾(19/«مەريەم»: 71) دېگەن ئايەت ھەققىدە: «بۇ دوزاخنىڭ ئۈستىدىكى پىلسىراتتىن ئۆتۈشتۇر» دېگەن. ئاندىن «ئۇلارنىڭ ئاخىرى قاتتىق سۆرەلگەن ھالدا ئۆتىدۇ» دېگەن ھەدىس ھەققىدە قەتادەنىڭ: «ماڭالماي ياكى ئۆمىلىيەلمەي، قاتتىق سۆرۈلىدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
9. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (3424). ھاكىم ۋە زەھەبىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7437)؛ مۇسلىم (182).
11. مۇسلىم (195).
12. مۇسلىم (195). دېمەك، بۇ ئىككى ئەمەل پىلسىراتتا ھازىر بولۇپ، بۇ ئىككى ئەمەلنى قىلغانلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
13. بۇخارىي (2440).
14. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8718). ھاكىم: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىفۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب» تە (1469، 2103) «بەك زەئىف» ۋە «زەئىف» دېگەن — ت.

15. ئەھلى ئىلىملەر «فەترەت ئەھلى» دەپ ئاتىلىدىغان قەۋملەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشتا بولغان. بەزىسى: «ئىنسانلار ئارىسىدا پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالمىغان، بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئاللاھ يەنە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ دىنى مەۋجۇد ئىدى» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ئىنسانلار ئارىسىدا پەقەت پەيغەمبەر كېلىپ باقمىغان ۋە ئەسلا دىننى ئاڭلاپ باقمىغان ئادەملەر مەۋجۇد» دېگەن.