دوكتور شەرىف فەۋزىي سۇلتان
ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 37).
ئاللاھ تائالا يەنە دېدىكى: ﴿ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟﴾(9/«تەۋبە»: 104).
ئاللاھ تائالا يەنە دېدىكى: ﴿رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمد ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر﴾(110/«نەسر»: 3).
ئاللاھنىڭ «ئەتتەۋۋاب» ئىسمىنىڭ مەنىسى
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچى زاتتۇر. قانداقلىكى بىر بەندە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھى چېكىدىن ئاشسىمۇ، تەۋبە قىلىشنى خاھلىسا، مادامىكى ئۇ بەندە ئۆلۈم تۆشىكىدە ياتمىغان ياكى قۇياش غەربتىن چىقمىغانلا بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ ۋە (تەۋبە قىلىپ) توغرا يولغا قايتقانلىقىدىن خۇرسەن بولىدۇ. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ كۈندۈزى گۇناھ قىلغانلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىسى قولىنى يايىدۇ، كېچىسى گۇناھ قىلغانلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزى قولىنى يايىدۇ، تاكى قۇياش غەربتىن چىققانغا قەدەر شۇنداق داۋاملىشىدۇ»(1).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالمىغانلا بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن(2).
كىم ئاللاھقا تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمىغان؟! كىم ئاللاھقا دۇئا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمىغان؟! كىم ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمىغان؟! كىم ئۇنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە تۇرسا، ئۇ زات ئۇنى ئىشىكىدىن قوغلىۋەتكەن؟!
(قارىمامسىز!) بىر كىشى ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىپ ياكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە قۇلاق سېلىپ، گۇناھلىرىنى ۋە ئاسىيلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، پۈتۈن گۇناھ ئىشلارنى قىلدى، ئاندىن ئۇ تەۋبە قىلىۋېدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇردى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(25/«فۇرقان»: 68 — 70).
ئەبۇتتەۋىل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ھېچبىر گۇناھنى قويماي، ھەرقانداق گۇناھنى قىلغان، ھەر تۈرلۈك ھارامنى ئىشلىگەن كىشى ھەققىدە خەۋەر بەرسىلىچۇ؟ ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بارمۇ؟ — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سەن مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:
— مەن ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا سەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، يامان ئىشلارنى تەرك ئەتكەيسەن، شۇندىلا ئاللاھ ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، — دېدى. ئۇ كىشى:
مېنىڭ ئىشلىگەن ھەر تۈرلۈك گۇناھلىرىمچۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
شۇنداق، (ئۇنىڭغىمۇ سەمىمىي تەۋبە قىلساڭ، ئاللاھ تەۋبەڭنى قوبۇل قىلىدۇ)، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قارىسى يۈتكەنگە قەدەر (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ يۈرۈپ كەتتى(3).
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئەگەر بەندە تەۋبە قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇنى دەسلەپتىلا تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ. دېمەك، بەندىنىڭ تەۋبىسى ئاللاھ تەرەپتىن ئىككى خىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا دېدىكى: «جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»(9/«تەۋبە»: 118)(4).
دېمەك، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئالدى بىلەن تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ۋە ئۇلارنى قەلبلىرى بىلەن ئۆزىگە يۈزلەندۈرگۈچى بولسا، ئۇ زات يەنە ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كېيىن خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر(5).
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ بەندىسىنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، تەۋبە قانچە كۆپ تەكرارلانسا، قوبۇل قىلىنىشمۇ شۇنچە كۆپ تەكرارلىنىدۇ(6).
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ بەندە تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى بىلەن خۇرسەن بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ مەنىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆل – باياۋاندا كېتىۋېتىپ، ئۈستىدە يېمەك – ئىچمىكى بولغان ئۇلىغى يۈتۈپ كېتىپ، نائۈمىد ھالدا بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا ياتقان چېغىدا، توساتتىنلا ئۇلىغى كېلىپ قالسا، شۇ چاغدا ئۇ چاققان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلىغىنىڭ ئارغامچىسىنى تۇتۇپ، قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنى يوقىتىپ، خاتا ھالدا: ‹ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ› دەپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن ئاشۇ كىشىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن بولىدۇ»(7).
ئاللاھنىڭ بۇنداق خۇرسەن بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، بۇ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشتۇر. قاچانىكى بەندە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ناۋادا بەندە ئىتائەتكە قايتىپ كەلسە، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشقا قايتىپ كەلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشى ۋە خۇرسەنلىكى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ ئۇلۇغ مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر ۋەقەنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەزى ئارىفلار شۇنداق زىكىر قىلغانكى، ئۇ بىر كوچىدا ئىشىكى ئوچۇق بىر ئۆينى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئىشىكتىن بىر بالا نالە قىلىپ يىغلىغان ھالدا چىقىپتۇ. ئانىسى بولسا ئۇ بالىنى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر، ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۇرۇپتۇ. ئارقىدىن ئانىسى بالىنىڭ يۈزىگىلا ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋېتىپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بالا ئانچە ئۇزاققا كەتمەي توختاپ، ئويلاپ تۇرۇپ قاپتۇ. قارىسا چىقىرىۋېتىلگەن ئۆيدىن باشقا پاناھلىنىدىغان بىر جاي، ئانىسىدىن باشقا پاناھلاندۇرىدىغان بىر كىشى يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى سۇنۇق، غەمكىن ھالدا قايتىپ كەپتۇ. ئىشىكنىڭ تاقاقلىقىنى كۆرۈپ، مەڭزىنى ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر چاغدا ئانىسى چىقىپ، بالىسىنى شۇ ھالەتتە كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قۇچاقلاپ سۆيۈپ، يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە: ‹ئەي بالام! مەندىن ئايرىلىپ نەگىمۇ كېتەرسەن؟ سېنى مەندىن باشقا كىم پاناھلاندۇرىدۇ؟ مەن ساڭا: ماڭا قارشى چىقما، ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، مېنى ساڭا بولغان مېھىر – شەپقەت، مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق قىلىش تەبىئىتىمگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىما دېمىدىممۇ؟!› دەپتۇ، ئاندىن بالىسىنى يېتىلەپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
ئانىنىڭ: ‹ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، مېنى ساڭا بولغان مېھىر – شەپقەت، مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق قىلىش تەبىئىتىمگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىما›، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئاللاھ بەندىلىرىگە بۇ ئايال بالىسىغا مېھرىبان بولغانلىقىدىنمۇ ئارتۇق مېھرىباندۇر›(8) دېگەن سۆزىنى چوڭقۇر ئويلاپ باقايلى!»(9)
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشىنى خاھلايدۇ. ئۇ زات ئېيتىدۇكى: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 222)، ﴿ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خاھلايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغان فاجىرلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خاھلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 27).
ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ سىزدىن خاھلايدىغان نەرسە بىلەن يامان دوستلار، (ئەخلاقنى) بۇزىدىغان تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ھاياسىز ۋىدىيولار ۋە نومۇسسىز ئېلان – تەشۋىقاتلارنىڭ سىزدىن نېمىنى خاھلايدىغانلىقى ئارىسىدىكى پەرقنى بىلمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئايەت بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ.
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى قانچىلىك چوڭ ۋە كۆپ بولسىمۇ مەغفىرەت قىلىدۇ. ئۇ زات ئېيتىدۇكى: ﴿(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ نامىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53).
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
ئۇ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ، تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر: «تەۋبە قىلغۇچى بارمۇ؟ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. مەغفىرەت تەلەپ قىلغۇچى بارمۇ؟ ئۇنى مەغفىرەت قىلىمەن. سورىغۇچى بارمۇ؟ سورىغىنىنى بېرىمەن»(10) دەيدۇ.
ئەتتەۋۋاب جەللە جەلالۇھۇ:
«ئەتتەۋۋاب» كەلىمىسى «مۇبالىغە (مەنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەش)» فورمىسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ئىچىدە «ئەتتائىب» دېگەن ئىسىم يوق. چۈنكى، بەندىلەردىن سادىر بولىدىغان گۇناھلار تەكرار – تەكرار، كۆپ يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، بۇنچىۋالا كۆپ گۇناھلارغا ۋە چوڭ خاتالىقلارغا قارىتا تەۋبىگە كەڭ يول قويۇشنى ئىپادىلەيدىغان مۇشۇ ئىسىم مۇناسىپ بولغاندۇر.
ئاللاھنىڭ «ئەتتەۋۋاب» ئىسمىنىڭ «ئەرراھىم»، «ئەلھەكىم» دېگەن ئىسىملىرى بىلەن بىرگە كېلىشى
بەزىدە ئاللاھنىڭ «ئەتتەۋۋاب» ئىسمى «ئەرراھىم» ئىسمى بىلەن بىرگە كېلىدۇ، بۇ ئايەتتە كەلگەندەك: ﴿ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟﴾(9/«تەۋبە»، 104).
بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇلارغا قىلغان رەھمىتى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جازالىماسلىقى ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت بار.
يەنە بەزىدە ئاللاھنىڭ «ئەتتەۋۋاب» ئىسمى «ئەلھەكىم» ئىسمى بىلەن بىرگە كېلىدۇ، بۇ ئايەتتە كەلگەندەك: ﴿ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى (چوقۇم رەسۋا بولاتتىڭلار)، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 10).
ئىمام بەغەۋىي بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتە ‹لولا› دېگەن شەرت كەلىمىسىنىڭ جاۋابى ھەزف قىلىنغان، يەنى ‹سىلەرنى تېز جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر»(11). بۇ يەردىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھكارلارنى دەرھال جازالىماي، ئۇلارغا تەۋبە قىلىۋېلىشى، ئۆزى تەرەپكە قايتىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىندۇر. ئۇ بۈيۈك ئاللاھ گۇناھكارلارنى دەسلەپتىلا رەسۋا قىلمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر. بۇمۇ ھەم جىمى نۇقسانلاردىن پاك ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىندۇر.
بەندىلەرنىڭ تەۋبىگە بولغان ئېھتىياجى
تەۋبە دېگەن بەندە بىر كۈن ياكى بىر ئاي قىلىپ، ئاندىن ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىبادەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان دائىملىق ئىبادەتتۇر. چۈنكى، تەۋبە پەقەت ئاسىي – گۇناھكارلارغىلا خاس بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە تەۋھىد ئەھلىنىڭ يولىدىكى بەلگىدۇر. ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشىگە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(9/«تەۋبە»، 117).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەڭلار. مەن ھەر كۈنى ئاللاھقا 100 قېتىم تەۋبە قىلىمەن»(12).
دېمەك، مەئسۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كۈنى يۈز قېتىم تەۋبە قىلىپ تۇرغان يەردە، بىزدەك غەپلەتتە قالغان، گۇناھلارغا پېتىپ كەتكەن ئىنسانلار قانچىلىغان تەۋبىلەرگە موھتاجمىز – ھە! ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 31).
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەت مەدىنەدە چۈشكەن بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭدا ئىمان ئەھلىگە ۋە ياخشى بەندىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمانى، سەۋرىسى، ھىجرىتى ۋە جىھادىدىن كېيىن يەنە ئۇلارنى ئۆزىگە تەۋبە قىلىشقا چاقىرغان. ئاندىن بەختكە ئېرىشىشنى تەۋبىگە باغلاپ، ‹لعل› كەلىمىسى بىلەن كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ‹سىلەر ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، بەختكە ئېرىشىشىڭلار مۇمكىن› دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشتۇر. دېمەك، بەختكە ئېرىشىشنى پەقەت تەۋبە قىلغۇچىلارلا ئۈمىد قىلالايدۇ. ئاللاھ بىزنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن»(13).
تەۋبىگە ئالدىراش بەك زۆرۈر
چۈنكى، ئۆلۈم تۇيۇقسىز كېلىپ قالىدۇ: ئۆلۈم سەن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتقان ھالەتتە كېلەمدۇ ياكى سەن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان، ئىماندا شەكلىنىپ قالغان چېغىڭدا كېلەمدۇ؟ (بۇنى بىلمەيسەن). ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزەرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر – بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۇئمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 11).
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرمەي دەرھال قىلىش ۋاجىبتۇر. ئۇنى كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بەندە ئۇنى كېچىكتۈرسە، كېچىكتۈرگەنلىكى بىلەن گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ گۇناھىغا تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە باشقا بىر تەۋبە قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قىلىدىغان تەۋبىدۇر. بۇ ئىش تەۋبە قىلغۇچىنىڭ كاللىسىغا بەك كېلىپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇ ‹گۇناھىمغا تەۋبە قىلدىم، ئۈستۈمدە ھېچنەرسە قالمىدى› دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ گەدىنىدە تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن يەنە بىر تەۋبە قالىدۇ»(14).
گۇناھكارلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئىش ئۇلارنىڭ تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشىدۇر. بەزىلەر: «پات پۇرسەتتە توغرىغا قايتىمەن، تەۋبە قىلىۋالىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى ئۆلۈم كۆپلىگەن ئىنسانلارغا تۇيۇقسىز كەلگەندەك، ئۆزىگىمۇ تۇيۇقسىز كېلىپ قېلىشىنى ئويلىمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، «‹سَوْفَ / پات ئارىدا قىلىمەن› دېگەن سۆز شەيتاننىڭ قوشۇنلىرىدىن» دېيىلگەن. يەنە: «دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى تەۋبىنى كېچىكتۈرگۈچىلەردۇر» دېيىلگەن. دېمەك، تەۋبىگە ئالدىراش گۇناھنىڭ قەلب زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىپ، كۈندىن كۈنگە ئاينىپ كېتىشتىن بۇرۇن قومۇرۇپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
تەۋبىنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ مىسالى شۇنداق بىر كىشىگە ئوخشايدۇكى، ئۇ بىر دەرەخنى يۇلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ بەك تەستە قومۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن: «بولدى كېلەر يىلى قومۇراي» دەيدۇ. بۇ ئىش بولسا ئىككى نۇقتىدىن ھاماقەتلىك ھېسابلىنىدۇ:
بىرى، دەرەخ قانچە ئۇزۇن تۇرسا، شۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ؛
يەنە بىرى، ئۇ كىشى قانچە ئۇزۇن ياشىسا، بەدىنى شۇنچە ئاجىزلاپ ماڭىدۇ.
تەۋبە ئىشىكى ھەر دائىم كەڭرى ئېچىۋېتىلگەندۇر
ئاللاھ تائالا چەكسىز سېخىيلىقى ۋە كەڭ رەھمىتى بىلەن تەۋبە قىلغۇچىلارغا تەۋبە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن. شۇنداقلا گۇناھكارلارغا ئۆز پەزلى – رەھمىتى ۋە سېخىيلىقى بىلەن نىدا قىلغان، ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ نامىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53).
سەفۋان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سۆزلەپ بېرىپ، مەغرىبتىكى بىر ئىشىكنى تىلغا ئالدىكى، ئۇنىڭ كەڭلىكىنىڭ مۇساپىسى ياكى كەڭلىكى بويىچە يول يۈرگۈچى 40 يىل ياكى يەتمىش يىل ماڭىدىكەن. سۇفيان دېدىكى: بۇ ئىشىك شام تەرەپتە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈنى تەۋبە ئۈچۈن ئوچۇق ھالەتتە ياراتقاندۇر. ئۇ قۇياش غەربتىن چىققانغا قەدەر تاقالمايدۇ»(15).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرەيش خەلقى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ‹سەن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىز ئۈچۈن سەفا تېغىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بەرسۇن، ئەگەر ئۇ ئالتۇنغا ئايلانسا، ساڭا ئەگىشىمىز› دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەببىگە دۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جىبرىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ ساڭا سالام ئېيتتى ۋە: ‹ئەگەر خاھلىساڭ، سەفا تېغى ئۇلار ئۈچۈن ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن كېيىن كۇپرىلىق قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ئالەملەردە ھېچكىمنى ئازابلاپ باقمىغان بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەن. ئەگەر خاھلىساڭ، ئۇلارغا تەۋبىنىڭ ۋە رەھمەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچىمەن› دېدى› دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹تەۋبە ۋە رەھمەتنىڭ ئىشىكىنى (ئېچىپ بېرىشىنى خاھلايمەن)› دېدى(^[16]).
تەۋبىنىڭ ھەقىقىتى ۋە شەرتلىرى
تەۋبە ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن سەمىمىي، چىن تەۋبە بولۇشى لازىم؛ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشمۇ قىلغۇچىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن دۇرۇس قايتىش بولۇشى كېرەك؛ ئاللاھقا يۈزلىنىشمۇ ئاللاھ ئۇنى سەندىن قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا لايىق يۈزلىنىش بولۇشى ۋاجىبتۇر.
ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 8).
سەمىمىي تەۋبە دېگەن، ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، قەلب بىلەن پۇشايمان قىلىش، تىل بىلەن مەغفىرەت تىلەش، ئەزالار بىلەن گۇناھنى تەرك ئېتىش ۋە قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاشتۇر.
دېمەك، تەۋبە — ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە قايتىپ، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە يۈزلىنىشتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق ياخشىلىق ۋە بەخت – سائادەتنىڭ ئۆكسىمەس بۇلىقىدۇر؛ ئۇ مۇۋەپپەقىيەت يولىنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇ قىلىپ سالغان ئىشقا پۇشايمان قىلىش، گۇناھتىن قول ئۈزۈش ۋە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتۇر.
سەمىمىي تەۋبىنىڭ شەرتلىرى
بىلىڭلاركى، سەمىمىي، راستچىل تەۋبىنىڭ بىرقانچە شەرتلىرى بار:
1. ئىخلاس قىلىش
تەۋبە قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان نەرسە ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىڭىز، ئۇنىڭغا بولغان ئۇلۇغلىشىڭىز، ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا بولغان ئۈمىدىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن بولغان قورقۇنچىڭىز بولۇشى كېرەك. بىرەر مەخلۇققا يېقىنلىشىش ياكى دۇنيانىڭ بىرەر نەرسىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان تەۋبە بولماسلىقى لازىم.
2. گۇناھتىن قول ئۈزۈش
بىراۋنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەي تۇرۇپ، تەۋبىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىر بەندىنىڭ جازانە يەپ، (جائىز بولمايدىغان) ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، ھاراق ئىچىپ تۇرۇپ: «ئى رەببىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن» دېيىشى نېمىدېگەن يالغانچىلىق – ھە! يەنە بىر ياشنىڭ بىر قىز بىلەن ھارام مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى رەببىم! مېنى مەغفىرەت قىلغىن» دېيىشى نېمىدېگەن رەسۋالىق – ھە! دېمەك، كىشى گۇناھ – مەئسىيەتتىن ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان پۈتۈن ۋاسىتىلەردىن قول ئۈزگەندىن كېيىنلا ھەقىقىي تەۋبە قىلغۇچى بولالايدۇ.
گۇناھ ئورۇنلىرىنى، گۇناھكار كىشىلەرنى ۋە گۇناھنىڭ بارلىق سەۋەبلىرىنى ئومۇمەن تاشلاش گۇناھتىن قول ئۈزۈش قاتارىغا كىرىدۇ.
ھەقىقەتەن نىجاتلىقنى مەقسەت قىلغان كىشى ۋابا كېسىلى تارقالغان يەردە تۇرمايدۇ. چۈنكى، (ئۇ يەردە تۇرۇۋەرگەن ھالەتتە) كېسەللىك مىكروبلىرى ئۇنىڭغا چوقۇم يۇقىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، زىنادىن تەۋبە قىلغان كىشى ئۇسسۇلخانا ۋە تىياتىرخانىلارغا بېرىشنى تاشلىمىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قانداقمۇ راستچىل بولسۇن؟! ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن تەۋبە قىلغان كىشى ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئارىلاش سورۇنلارغا بېرىشنى تاشلىمىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قانداقمۇ سەمىمىي بولسۇن؟ تاماكا چېكىشتىن تەۋبە قىلغان كىشى بەڭگىلەرنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ يا ئۇلارنى توسمىسا، يا ئۇ سورۇندىن قوپۇپ كەتمىسە، ئۇنىڭ تەۋبىسى قانداقمۇ چىن تەۋبە بولسۇن؟!
مانا بۇ بىر رەببانىي ئالىمنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ: «ماڭا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بارمۇ؟» دەپ سورىغان تەۋبە قىلغۇچى كىشىگە: «ھەئە، سېنىڭ تەۋبە قىلىشىڭغا نېمە توسالغۇ بولىدۇ؟! پالانى، پالانى يەرگە بارغىن، ئۇ يەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار، ئۇلار بىلەن بىرگە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، ئۆز يۇرتۇڭغا قايتمىغىن، چۈنكى ئۇ يامان يەردۇر» دېگەن نەسىھىتىدۇر(17).
قىسقىسى، ھەمراھ دېگەن كىشىنى تارتقۇچىدۇر. شۇڭا، سىزنى ياخشىلىققا تارتىدىغان كىشى بىلەن ھەمراھ بولۇڭ، شۇندىلا ياخشىلىققا ئېرىشىپ، تەۋبىڭىز دۇرۇس بولىدۇ. ئەي قېرىندىشىم! گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ! چۈنكى، ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى — گەرچە ئەسلىدە ھالال بولسىمۇ — ھارامدۇر. مەسىلەن، كېچىچە ئۇخلىماي يۈرۈش ئەسلىدە ھالال، ئەمما بامدات نامىزىنى ئوقۇيالماسلىققا ئېلىپ بارسا، ھارام بولىدۇ. دېمەك، مەئسىيەتنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرىدىن قول ئۈزگەنلىك گۇناھ – مەئسىيەتتىن تامامەن قول ئۈزگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
3. پۇشايمان قىلىش
نامى ئۇلۇغ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىدىنمۇ پۇشايمان قىلىشقا ھەقلىق ئىنسان بارمۇ؟! بەندە پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى زايە قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلمامدۇ؟! بەندە ۋاقتىنى ۋە دەسمايىسىنى بىھۇدە زايە قىلغانلىقىغا، مۇباھ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپلا قالماي، ھاياتىنىڭ شامىنى كۆيدۈرىدىغان ۋە يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھارام ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلمامدۇ؟!
دېمەك، پۇشايمانسىز تەۋبە بولمايدۇ. شۇڭا، ئەي بۇرادىرىم! كېچىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سەھەرلەردە تۇرۇپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ يېلىنىڭ.
4) كەسكىن بەل باغلاش
گۇناھقا تەكرار قايتماسلىققا كەسكىن بەل باغلاڭ. ھەقىقىي ئەركەك بولۇڭكى، ۋەدە قىلسىڭىز ۋاپا قىلىڭ، نىيەت قىلسىڭىز راستچىل بولۇڭ، بەل باغلىسىڭىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ.
ناۋادا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە گۇناھقا قايتىپ قالسىڭىز، ئۇ قانچە ئۇزىراپ كەتسىمۇ، يېڭىدىن تەۋبىگە ئالدىراڭ. ھەدىستە كېلىشىچە: «ھەرقانداق بىر مۇئمىن بولىدىكەن، ئۇنىڭ بىر گۇناھى بولىدۇ، ئۇ گۇناھتىن قول ئۈزىدۇ، كېيىن يەنە سادىر قىلىدۇ. ياكى دۇنيادىن ئايرىلغۇچە دائىم گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ. ھەقىقەتەن مۇئمىن سىناققا مۇپتىلا بولىدىغان، تەۋبە قىلىپ تۇرىدىغان، ئۇنتۇپ قالىدىغان قىلىپ يارىتىلدى، ئەگەر ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئازابى) ئەسلىتىلسە، قەلبى ئېرىپ گۇناھتىن قايتىدۇ»(18).
5) ھەق ئىگىلىرىگە ھەقلىرىنى قايتۇرۇش
ئەگەر گۇناھ كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار بولسا، ھەقلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي، بۈگۈنلا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ»(19).
6) تەۋبە قوبۇل قىلىنىدىغان زاماندا بولۇشى كېرەك
تەۋبە ئىنسانغا ئەجەل كېلىشتىن ۋە كۈن غەربتىن چىقىشتىن ئىلگىرى قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال بىزنى ئۆلۈمگە تەييارلىنىشقا ۋە ھازىرلىق كۆرۈشكە چاقىرىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم ھېچكىمدىن ئىجازەت سورىمايدۇ. ئەجەللەر بەلگىلىنىپ بولغاندۇر، ئۆمۈر چەكلىكتۇر، كۈنلەر ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
دېمەك، ھەر ئىنساننىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈم خەۋىرى ئاڭلىنىدۇ، ئۇنىڭغا باشقىلار قايغۇرۇپ يىغلايدۇ. ھەممە مەخلۇق يوقىلىدۇ، تىلغا ئېلىنغانلا نەرسە بولىدىكەن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، پەقەت ئاللاھلا مەڭگۈ قالىدۇ. ھەرقانداق ئۈستۈن كىشى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈندۇر.
تەۋبە ھەققىدە بىر قىسسە
بۇ قىسسە مۇئمىنلەرگە ئىبرەت ۋە ئەسلىتىش، ئاسىي – گۇناھكارلارغا ۋەز – نەسىھەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مالىك ئىبنى دىنارنىڭ قىسسىسىدۇر. سىيەر ئەھلىنىڭ بايان قىلىشىچە، مالىك ئىبنى دىنار ھاراق ئىچەتتى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توساتتى… ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزى بەك ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىشىنى خاھلىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلدى. بۇ قىزچاق ئۇنىڭ قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىگىلىدى: ئۇ سىرتقا چىقسا ياكى ئۆيگە كىرسە قىزى بىلەن ئوينىشاتتى. ئەگەر قىز ئۇنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى قۇچاقلايدىغاندەك يېنىغا كېلەتتى، ئاندىن «ئى دادا! ئاللاھتىن قورققىن» دەۋاتقاندەك ھاراقنى قولىدىن چۈشۈرۈۋېتەتتى.
بىر كۈنى ئۇ ئىشىدىن قايتىپ كېلىپ، بىللە ئوينىشى ئۈچۈن قىزىنى سورىسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ، قاتتىق غەمگە پاتتى ۋە ئادىتى بويىچە كېچىچە ھاراق ئىچىپ، ئاندىن ئۇخلاپ قالدى. ئۇ دېدىكى: «شۇنداق چۈش كۆردۈمكى، قىيامەت قايىم بوپتۇدەك، كىشىلەر قەبرلىرىدىن چىقىۋاتقۇدەك. تۇيۇقسىز چوڭ بىر يىلان ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئارىسىدىن ماڭىلا قاراپ، مېنى يۇتۇۋېتىدىغاندەك قىياپەتتە يېنىمغا كېلىۋاتقۇدەك. مەن قېچىۋاتىمەن، ئۇ قوغلاۋاتىدۇ. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. تۇيۇقسىز كېلىشكەن، سالاپەتلىك بىر كىشىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى قۇتقۇزغىن› دېدىم، ئۇ: ‹قىلالمايمەن، سېنى قۇتقۇزالايدىغان كىشىنىڭ يېنىغا بارغىن› دېدى. يىلان يەنە مېنى قوغلاشقا باشلىدى، مەن جەھەننەمنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالدىم. يىلان ئارقامدا، جەھەننەم بولسا ئالدىمدا ئىدى. مەن ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹ئۆزۈمنى جەھەننەمگە ئاتاي› دېدىم. شۇ ئەسنادا بىرسى: ‹قايتقىن، سەن جەھەننەم ئەھلىدىن ئەمەس› دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قىيامەت مەيدانلىرىدا ئايلىنىش ئۈچۈن قايتتىم، يىلان بولسا ئارقامدىن مېنى قوغلاۋەردى. تۇيۇقسىز سالاپەتلىك بىر مويسىپىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى قۇتقۇزغىن ياكى ماڭا يول كۆرسەتكىن› دېدىم. ئۇ: ‹سېنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن سېنى بۇ قەسىرگە باشلاپ قوياي، سېنىڭ ئۇ يەردە بىر ئامانىتىڭ بار› دېدى. شۇنداق قىلىپ، مەن قەسىرگە قاراپ ماڭدىم، يىلان تېخىچە مېنى قوغلاۋاتاتتى. قەسىر بولسا ئۈنچە – مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلەنگەن، زەبەرجەد ۋە ياقۇتتىن ياسالغان ئىكەن. قەسىرنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئىچىدە تاڭنىڭ نۇرىدەك (پارقىراق) چىرايلىق بالىلار بار ئىكەن. تۇيۇقسىز قىزىم ئۆزىنى مەن بىلەن يىلاننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاتتى ۋە ‹دادا!› دەپ توۋلىدى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن يىلاننى ھەيدىۋەتتى. ئاندىن مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: ‹ئى دادا! ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟﴾(57/«ھەدىد»: 16) دېدى. مەن: ‹ھەئە، كەلدى› دېدىم. ئاندىن ‹بۇ نېمە يىلان› دېدىم. ئۇ ‹بۇ سېنىڭ يامان ئەمەلىڭ› دېدى. مەن ‹بۇ سالاپەتلىك مويسىپىت كىم؟› دېدىم. ئۇ ‹بۇ سېنىڭ ياخشى ئەمەلىڭ، سەن ئۇنى شۇنچە ئاجىزلاشتۇردۇڭكى، سېنىڭ قىلمىشلىرىڭغا قارشى تاقابىل تۇرالمىدى› دېدى. ئاندىن ئىككىنچى قېتىم مەيدەمگە يەنە ئۇرۇپ تۇرۇپ: ‹ئى دادا! ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟﴾(57/«ھەدىد»: 16)› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ‹ھەئە، ۋاقتى كەلدى، ھەئە ۋاقتى كەلدى› دېگەن ھالەتتە ئۇيقۇمدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، مەسجىدكە يول ئالدىم. مەسجىدكە بارسام، ئىمام: ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟﴾(57/«ھەدىد»: 16) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۆز – ئۆزۈمگە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئايەت خۇددى ماڭىلا خىتاب قىلىۋاتقاندەك دېدىم. ئاندىن ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقەمنى تۈزەتتىم».
ئەجەل كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىرايلى! دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش ئىشىكى تاقىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتايلى! موھتاجلىق كۈنى كېلىشتىن ئىلگىرى ھوشىمىزنى تاپايلى!
مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ التواب جل جلاله
alukah.net/sharia/0/121507
تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات
1. مۇسلىم (2759).
2. تىرمىزىي (3537)؛ ئەھمەد (6160). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3537) «ھەسەن» دېگەن.
3. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 7/314. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3164) «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنۇلقەييىم ئەلجەۋزىي: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/319.
5. ئەللۇھەيمىيد: «تەفسىرۇل قۇرئانىل كەرىم»، 4/370.
6. ئەلخەتتابىي: «شەئنۇددۇئاﺋ».
7. مۇسلىم (2747).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5999)؛ مۇسلىم (2754).
9. ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/229.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (887)؛ مۇسلىم (252).
11. بەغەۋىي: «مەئالىمۇتتەنزىل».
12. مۇسلىم (2702).
13. ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/196.
14. ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/283.
15. تىرمىزىي (3535)؛ نەسائىي (158). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3535) «ھەسەن» دېگەن.
16. ئەھمەد (2166). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3142) «سەھىھ» دېگەن.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3470)؛ مۇسلىم (2766).
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (11810). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 5735) «سەھىھ» دېگەن.
19. بۇخارىي (2449).

