Beni_isra'il_bolmighan_bolsa_gösh_ purap_qalmaytti

«بەنى ئىسرائىل بولمىغان بولسا، گۆش پۇراپ قالمايتتى. ھەۋۋاﺋ بولمىغان بولسا، ئايال كىشى ئېرىگە خىيانەت قىلمىغان بولاتتى» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلدىكى: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەنى ئىسرائىل بولمىغان بولسا، گۆش پۇراپ قالمايتتى. ھەۋۋاﺋ بولمىغان بولسا، ئايال كىشى ئېرىگە خىيانەت قىلمىغان بولاتتى» دېگەن. («سەھىھەين»).

ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملار بۇ ھەدىسنى تەھلىل قىلىپ ئىزاھلاشقان بولۇپ، ئۇنى زاھىرەن چۈشىنىش ياكى تەئۋىل قىلىشتا ئوخشىمىغان يول تۇتۇشقان. بىر قىسىم ئالىملار زاھىرىي مەنىسىدە چۈشىنىپ: «ساقلانغان گۆشنىڭ پۇراپ، سېسىشى ئىلاھىي تەقدىر بىلەن بەنى ئىسرائىل سەۋەبلىك بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇنداق بولمايتتى. ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنى جازالاپ گۆشنى سېسىپ پۇراپ قالىدىغان قىلىۋەتكەن. شۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭمۇ گۆشلىرى سېسىپ پۇرايدىغان بولۇپ قالغان» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە: «ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا تەرەنجىبىن (يانتاق شېكىرى) بىلەن بۆدۈنىنى (كۈنلۈك) چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئارتۇق ئېلىپ ساقلاشتىن چەكلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئارتۇقچە ساقلىۋالغان، شۇندا گۆشلەر پۇراپ سېسىپ كەتكەن، شۇ چاغدىن تارتىپ گۆش پۇراپ سېسىيدىغان بولۇپ قالغان» دەيدۇ. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 5/211. بەنى ئىسرائىلنىڭ گۆش ساقلىۋېلىشتىن چەكلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلماي جازاغا ئۇچرىغانلىق جەريانىنى قەتادە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنە بەنى ئىسرائىلغا تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا قار ياغقاندەك ياغاتتى. ئۇلار شۇ كۈنلۈك ئۆزلىرىگە يەتكۈدەكنى ئېلىۋېلىشاتتى. جۈمە كۈنىلا شەنبە كۈنى ئۈچۈنمۇ ئېلىۋالاتتى. ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئېلىپ ساقلىۋالسا كۆكىرىپ سېسىپ قالاتتى. شۇندىن تارتىپ ھەم ئۇلارنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ساقلاندۇق گۆشلىرى سېسىپ پۇريدىغان بولۇپ قالغان». سېسىشقا قايسى قىلمىش سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە يەنە بەزىلەر: «بەنى ئىسرائىلغا ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈلگەندە ‹ساقلىۋالماڭلار› دەپ چەكلەنگەندە، ئۇلار ساقلىۋالغان» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «بەنى ئىسرائىل شەنبە كۈنىدىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن شۇنداق بولغان» دېگەن. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 15/211. سەۋەب قايسى قىلمىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «گۆشنىڭ سېسىپ پۇرىشى ئىلگىرى يوق ئىش ئىدى، بەنى ئىسرائىلدىن باشقىلاردىمۇ ئۇنداق بولمىغان. بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە ئىسيانكارلىقى تۈپەيلى سېسىش جازا سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ھادىسە جىمى ئىنسانلارغا ئورتاق بولۇپ قالغان». بۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قارىتا ھەدىستە كەلگەن خەۋەرگە ۋە غەيبكە مۇتلەق ئىشىنىش ئاساسىدىكى چۈشىنىش بولۇپ، ئىلمىي ھەقىقەتلەرگىمۇ زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، سېسىش ئەقلىي جەھەتتىن ۋاجىب ئىش ئەمەس. گەرچە كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ماددىنىڭ سېسىش ئەھۋالى بۇنىڭغا زىت كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىي رېئاللىق ھازىر شۇنداق سېسىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ سېسىشنىڭ ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دەرۋەقە، بۇرۇنقى ئەھۋال بىز ئۈچۈن غەيب. ئۇنى ھازىرقىلار كۆرۈپ باقمىغان. زادى قاچاندىن تارتىپ باكتېرىيە چۈشۈپ گۆش سېسىيدىغان بولۇپ قالغانلىقى ھازىرقى ئىلىم – پەن تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلىيالايدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنى ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى خەۋەر بەرگەن. ھەدىسمۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ جىنايىتىنى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بولغان زىيىنىنى بايان قىلغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھمۇ («ھادىل ئەرۋاھ»، 32 – بەت) مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

بىر قىسىم ئالىملار مەزكۇر ھەدىسنى يۇقىرىقى زاھىرىي چۈشەنچىگە يېقىن تەئۋىل قىلىپ مۇنداق چۈشەنگەن: تۇنجى بولۇپ گۆشنى تىقىپ ساقلىۋالغانلار ئىسرائىل ئوغۇللىرىدۇر. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر گۆشنى ساقلىۋالماي ئۆزى يەپ، ئېشىپ قالغىنىنى سەدىقە قىلىپ باشقىلارغا بېرىۋېتەتتى. شۇڭا، گەرچە گۆش ئەزەلدىنلا ئۇزۇن تۇرسا سېسىپ پۇرايدىغان بولسىمۇ ئىلگىرىكىلەر بۇنىڭغا دۇچ كەلمىگەن ئىدى. دېمەك، بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن، گۆش ساقلىۋېلىش بەنى ئىسرائىلدىن بۇرۇن بولۇپ باقمىغان. ئۇلار بېخىللىق ۋە ئىسيانكارلىق قىلىپ شۇ ئادىتىنى پەيدا قىلغان بولغاچقا، گۆشلىرى سېسىپ پۇراپ كەتكەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ مەنىسى: ناۋادا بەنى ئىسرائىل گۆشنى سېسىغۇچە ساقلىۋېلىشنى پەيدا قىلمىغان بولسا ئىدى، گۆش ساقلىۋېلىش بولمايتتى – دە، سېسىشمۇ بولمايتتى» دەيدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/367. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن، مەزكۇر ھەدىس «سېسىپ پۇراش ئەزەلدىن بارمىدى ياكى قاچان باشلانغان ۋەياكى زادى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىسيانكارلىقى بىلەن باشلانغانمۇ» دېگەن مەسىلىگە ئىشارە قىلمىغان. پەقەتلا ئۇلار دەسلەپ قىلىپ پەيدا قىلىنغان ئىش گۆشنى سېسىغانغا قەدەر ساقلىۋېلىش دەپ كۆرسەتكەن ۋە باشقىلارغا يامان ئۈلگە بولغانلىقى ئەيىبلەنگەن، ھەرگىزمۇ سېسىشنىڭ شۇ چاغدا پەيدا قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلمىغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار بولسا بۇ ھەدىسنى تەئۋىل قىلىپ مۇنداق چۈشەنگەن: ھەدىستە بەنى ئىسرائىلدىن بۇرۇن گۆش سېسىمايتتى، پۇرىمايتتى دېمەكچى ئەمەس. بەلكى بەنى ئىسرائىلدىكىدەك تېز سېسىمايتتى. ۋاقتاكى ئاللاھ تائالا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلغاندا، ئۇلار بۇ نېئمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشتى ۋە نېئمەت بەرگۈچى زاتقا تولۇق ئىشەنمىدى – دە، بۆدۈنە گۆشلىرىنى پىلانلىق ھالدا ساقلىۋالدى. بۇ قىلمىش تۈپەيلى ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ نورمالدىن تېزرەك سېسىپ پۇرايدىغان قىلىۋەتتى ۋە ئاقىۋەتتە بۇ جازا باشقا قەۋملەرگىمۇ ھەمدە كېيىنكىلەرگىمۇ ئوخشاش بولدى. قاراڭ: قەستاللانىي: «ئىرشادۇسسارىي»، 5/322.

كېيىنكى ئىككى خىل چۈشەنچىنى ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن كۆپلىرى قوللىغان. دەرۋەقە، بۇ خىل چۈشىنىش ئەڭ ئۇيغۇن. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئاللاھ تائالا سېسىش سەۋەبىنى خاھلىغان زاماندا يارىتىپ، شۇ بىلەن گۆشلەرنىڭ نورمال چىرىشىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تېزلىتىشكە، شۇنداقلا ئىلگىرى بولمىغان يېڭى مىكروپ ۋە باكتېرىيەلەرنى يارىتىپ، شۇ ئارقىلىق سېسىتىش ۋە بۇزۇلۇشىنى يەنىمۇ ئېغىر قىلىشقا قادىردۇر. بۇنىڭ ئەقىلەن ئىنكار قىلىنىدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوق. يېڭى ئىلىم – پەنمۇ بۇنى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيدۇ، مەۋجۇت ئەمەلىي رېئاللىقمۇ ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ۋەقەلىك ئۆتمۈشتە ئۆتكەن بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا ئەمەستۇر. بۇ خۇددى، ئۆتمۈشتە مەلۇم بىر جايدا يېڭى بىر كېسەللىك پەيدا بولۇپ، كېيىن يېقىن يىراقتىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا تارقىغان، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قاچان، قەيەردە قانداق پەيدا بولغانلىقى ئۇنتۇلۇپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ. بەلكىم بۇرۇنلاردا خام گۆش ياكى ئۆلۈك ھايۋان دەسلەپتىلا تېز سېسىپ پۇرىماستىن، ئۇزۇنراق ۋاقىتتا ئاستا – ئاستا چىرىيدىغان بولسا، كېيىنچە تېزلا سېسىپ پۇرايدىغان بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ كېسىپ ئېيتىۋەتكىلى بولمايدىغان غەيبىي ئىشتۇر. بىئولوگلار بۇنىڭغا تارىخىي ئىسپات كەلتۈرۈشتىن ئاجىز، پەقەتلا «ھازىرقى قانۇنىيەت ئەزەلدىن بار بولۇشى كېرەك» دەپ باقىدۇ، ھالبۇكى بۇ شەرت ئەمەس. قاراڭ: در. مۇھەممەد فەرىد زەريوھ: «المعارضات الفكرية المعاصرة لأحاديث الصحيحين»، 3/1566 – 1567.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل چۈشەنچە بىلەن ھەدىس مەزمۇنى ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ ۋە باشقا ھېچقانداق ئايەت، ھەدىس ياكى ئىلمىي ھەقىقەتكە زىت كەلمەيدۇ. خوش، بەزىلەر: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يېمەك – ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان. ئېشىكىڭگىمۇ قارىغىن (چىرىپ كەتمىگەن)﴾(2/«بەقەرە»: 259) دېگەن سۆزى خاراب بولغان بىر شەھەردىن ئۆتكەن بىر بەنى ئىسرائىللىققا ئېيتىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ 100 يىلدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرگەندە، شۇنچە ۋاقىت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي يېمەك – ئىچمىكىنىڭ شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. مانا بۇ مۇئجىزە، گەرچە تاماقنىڭ بۇزۇلۇشى بەنى ئىسرائىلدىن بۇرۇنلا بار بولسىمۇ، ئىلاھىي تەقدىر بىلەن بۇزۇلمىغان ۋە شۇ بەندىگە كۆرسىتىلگەندۇر» دېيىشى مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بۇ ئايەتتىمۇ گۆشنىڭ بۇزۇلۇشى بەنى ئىسرائىلدىن بۇرۇنمۇ بار ئىكەنلىكىگە دەلىل يوق. بەزى مۇفەسسىرلەر خارابلىكتىن ئۆتكەن بۇ كىشىنى «ئۇزەير ئىدى» دەيدۇ. بۇ كەڭ تارقالغان قاراشتۇر. يەنە بەزىلەر: «ئىرمىيا ئىبنى ھەلقىيا يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالام ئىدى» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «بەنى ئىسرائىلدىن مەلۇم بىر كىشى ئىدى» دەيدۇ. قاراڭ: ئىبنى كەسىر: «ئەتتەفسىر»، مەزكۇر ئايەت تەفسىرى. يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى بەنى ئىسرائىلدىندۇر. ئىسپاتلانماقچى بولغىنى «گۆش بەنى ئىسرائىلدىن ئىلگىرىمۇ ساقلىۋېلىش سەۋەبىدىن سېسارمىدى؟» دېگەن مەسىلە بولۇپ، مەزكۇر ئايەتتە ئۇنىڭغا ئىشارە يوق. شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ئىلگىرى، قايسىسىنىڭ كېيىن ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلاپ بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئايەت ئارقىلىق «سېسىش بەنى ئىسرائىلدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى» دەپ ھەدىسكە قارشى چىقىش توغرا بولمايدۇ. بۇ يۇقىرىقى ئۈچ خىل چۈشىنىشنىڭ بىرىنچىسى بولغان زاھىرىي چۈشىنىشكە ئاساسەن بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ، كېيىنكى ئىككى خىل چۈشەنچە بىلەن مەزكۇر ئايەت تېخىمۇ زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بەنى ئىسرائىلنىڭ گۆشلەرنى ساقلىۋېلىش قىلمىشىنى پەيدا قىلىۋالغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارغا نۇرغۇن نەرسىلەر ھارام قىلىنغان ۋە نۇرغۇن نېئمەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغان. 4/«نىسائ‍»: 160، 2/«بەقەرە»:57 – ئايەتلەر بۇنى ئېنىق كۆرسەتكەن. دېمەك، مەزكۇر ھەدىس قۇرئانغا زىت كەلمەيلا قالماي، بەلكى قۇرئاننى شەرھلەيدۇ.

بەنى ئىسرائىلنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى گۆشنىڭ تېز پۇراپ كېتىش چۈشەنچىسىنى يەنە بىر ھەدىسكىمۇ قىياسلاش مۇمكىن. سەھىھ سەنەد بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇكى: «بەنى ئىسرائىل ئاياللىرى مەسجىدلەردە ئەرلەرگە بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراش ئۈچۈن ياغاچ پۇت ياسىتىۋالغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا مەسجىدلەرنىمۇ ھارام قىلىپ، ئۇلارغا ھەيزنى مۇسەللەت قىلغان». قاراڭ: «مۇساننەفۇ ئابدۇرراززاق»، (5114). بۇ ھەدىستە ھەيز بەنى ئىسرائىل ئاياللىرىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى باشلانغان دېمەكچى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇلارغا ھەيز مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق جازا بەرگەن دېمەكچى. چۈنكى، بىز ھەيزنىڭ ھەۋۋاﺋ ئانىمىز زامانىدىن تارتىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىز پەرزەنتلىرىدە بارلىقىنى ئېنىق بىلىمىز. قاراڭ: نبيل أحمد بلهي: مجلة الميزان للدراسات الإسلامية والقانونية – شبهات المعاصرين حول حديث لَوْلاَ بَنُو إِسْرَائِيلَ لَمْ يَخْنَزِ اللَّحْمُ، المجلد الأول العدد 2 آيار 2014م، 511 – 518 – بەتلەر.

ھەيران قالارلىقى، بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ قىلمىشى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جازا خرىستىيانلارنىڭ قولىدىكى بەزى ئىنجىللەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «بەنى ئىسرائىل مۇشۇنداق قىلدى ۋە قوللىرى بىلەن كۆپ ئېلىۋالغانلارمۇ، ئاز ئېلىۋالغانلارمۇ بولدى. ئۆيلىرىگە قايتىشقاندا كۆپ ئېلىۋالغانلارنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئالالمىغانلىقى، ئاز ئالغانلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاز ئالمىغانلىقىنى بىلىشتى. دېمەك ھەربىرى يەنىلا ئۆزى يېگۈدەك توپلىغان ئىدى. مۇسا ئۇلارغا: ”ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئەتىگەنگىچە ساقلىۋالمىسۇن“ دېدى. لېكىن، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى ۋە بەزىلەر ئۇنىڭدىن ئەتىگەنگىچە ساقلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا قۇرت پەيدا بولۇپ، پۇراپ كەتتى. شۇندا مۇسا ئۇلارغا غەزەپلەندى. ئەسلىدە ئۇلار ئۇنى ئەتىگىنى ھەربىرى يېگۈدەك توپلىۋالاتتى. كۈن قىزىغاندا ئېرىپ كېتەتتى». «چىقىش كىتابى»، 16: 17 – 21.

مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى «ھەۋۋاﺋ بولمىغان بولسا، ئايال كىشى ئېرىگە خىيانەت قىلمىغان بولاتتى» دېگەن قىسمىغا كەلسەك، بۇ ھەۋۋانىڭ ھەزرىتى ئادەمنى چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشكە قىزىقتۇرغانلىقى ۋە ئادەمنىڭ ئۇنى يەپ سالغانلىقىغا ئىشارەتتۇر. يەنى، ھەۋۋانىڭ ئىبلىسنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ھەزرىتى ئادەمنى قىزىقتۇرغانلىقى خىيانەت سانالغان. دېمەك، ئۇ ئادەم قىزلىرىنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئايال زاتى ئۇنىڭ تەبىئىتىنى تارتىپ كېتىپ ھېچبىرى ئېرىگە يا سۆز ياكى ئىش – ھەرىكەت بىلەن خىيانەت قىلىشتىن خالىي بولالمايدىغان بولغان. بۇ يەردىكى خىيانەتنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ زىنا – پاھىشە قىلىپ خىيانەت قىلىش ئەمەستۇر، ھەۋۋاﺋ ئانىمىز بۇنىڭدىن پاكتۇر. بىراق ھېلىقى مېۋىنى يېيىشنى كۆڭلى تارتىپ، نەپسىنىڭ ئارقىغا كىرىپ بۇ ئىشنى ھەزرىتى ئادەمگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىيانەت ھېسابلانغان. ئەمما، ھەۋۋادىن كېيىن كەلگەن ئاياللارنىڭ خىيانىتى بولسا ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بولىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/368.

بەزى ئالىملار مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «ھەۋۋاﺋ ئانىمىزنىڭ ئېرىگە قىلغان خىيانىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ (چەكلەنگەن) مېۋىدىن يېمەكچى بولغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى توسۇشتا سەمىمىي نەسىھەت قىلمىغانلىقىدۇر. چۈنكى، سەمىمىي نەسىھەت قىلماسلىقمۇ خىيانەتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر مۇئمىن قېرىندىشىنى ئاشۇنداق بىر يولغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى توسۇپ، سەمىمىي نەسىھەت قىلمىسا، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ ۋە”ھەقىقەتەن ئاللاھ خىيانەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ“ دەپ كېسىپ ئېيتىلغان كەلىمەتۇللاھ دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. پەقەتلا قورقۇپ نەسىھەت قىلالمىسا، بۇنىڭ ھۆكمى ئايرىمدۇر». قاراڭ: ئىبنى ھۇبەيرە: «ئەلئىفساھ ئەن مەئانىسسىھاھ»، 7/23.

ئىمام ئىبنۇلجەۋزىيمۇ: «ھەۋۋائنىڭ ئادەمگە قىلغان خىيانىتى باشقا ئىشتا ئەمەس، بەلكى مېۋە مەسىلىسىدە سەمىمىي نەسىھەت قىلمىغانلىقى بولۇپ، ھەۋۋاﺋ ئېرىگە خىيانەت قىلغاندىكىن، ئۇنىڭ قىزلىرىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقان» دەيدۇ. قاراڭ: ئىبنۇلجەۋزىي: «كەشفۇل مۇشكىل»، 995 – بەت.

دېمەك، بۇ يەردىكى خىيانەت ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىككى خىل مەنادا چۈشىنىلگەن. بىرى، (چەكلەنگەن) مېۋىنى يېيىشكە قىزىقتۇرۇش. يەنە بىرى، سەمىمىي نەسىھەت قىلماسلىق. دېمەك، مەيلى قايسى مەنادا چۈشىنەيلى، بۇ يەردىكى خىيانەت ھەۋۋاﺋ ئانىمىزنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇشتا بولۇپ، ئۇ (چەكلەنگەن) مېۋىنى يېيىش ئىشىدا ئېرىنى توسۇشى كېرەك ئىدى. توسماق تۈگۈل ئەكسىچە قىزىقتۇرۇشى ئايال كىشىنىڭ بۇ ھاياتتىكى ۋەزىپىسىگە نىسبەتەن بىر خىل خىيانەت ھېسابلىنىدۇ.

ئەلبەتتە ئەينى چاغدا ھەۋۋاﺋ بىلەن ئادەم ئىككىيلەندىن باشقا ئادەمزاتى بولمىسا، كىم بىلەن خىيانەت قىلماقچىدى؟ بۇ ھەدىستىكى «خىيانەت» كەلىمەسى بىز كۈنىمىزدە چۈشەنگەن ئىپپەت خىيانىتى ئەمەسلىكى ئېنىقتۇر. دەرۋەقە، ئۆتمۈشتىن تا بۈگۈنگىچە تۈرلۈك مەنالاردا قوللىنىلىپ كەلگەن خىيانەت كەلىمىسىنىڭ خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىشەنمەسلىك مەنالىرىمۇ بار. مەسىلەن، نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئاياللىرى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن 66/«تەھرىم»: 10 – ئايەتتىكى «خىيانەت» دىندا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىشەنمەسلىك، ئىمان كەلتۈرمەسلىك مەنىسىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئاياللار كافىر ئىدى. دېمەك مەزكۇر ھەدىستىكى «خىيانەت» زىنا مەنىسىدە بولماستىن، ئىبلىس ئۇنىڭغا چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ۋەسۋەسە سالغاندا، ھەۋۋاﺋ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يېيىشتىن توسمىغان، بەلكى مايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان. بۇ «قۇرئان»دا كەلگەن مەزمۇنغا قەتئىي زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئاندا شەيتاننىڭ ئۇلارغا ۋەسۋەسە سالغانلىقى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويغانلىقى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككىلىسى بۇ ھەقتە جازالانغان. «قۇرئان» (20/«تاھا»: 121) دا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالاملا ئاسىيلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، «ھەۋۋاﺋ ئادەمنى توسمىغان» دېگەن قاراش بۇ ھەدىسكە تامامەن چۈشىدۇ. «قىزىقتۇرغان» دېگەن ئىككىنچى چۈشىنىش بويىچە، ئائىلىگە قوماندانلىق قىلىش ۋە شەيتانغا ئەگەشمەسلىك ھەققىدىكى ئەھدۇپەيمانلار ئادەمگە تاپشۇرۇلغان بولغاچقا، «قۇرئان»دا ئادەم ئەلەيھىسسالاملا ئاسىيلىق بىلەن ئەيبلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.

ھەدىستىن «ھەۋۋانىڭ قىلمىشى تۈپەيلى پۈتۈن ئادەمزات قىزلىرىغا خىيانەت مىراس قالغان» دېگەن مەزمۇن چىقامدۇ؟ ياق. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا زۇلۇم قىلىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ھەدىستىكى خىيانەتنىڭ مەنىسى نەسىھەت قىلماسلىق ياكى مەئسىيەتكە قىزىقتۇرۇش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولدى. ئۇنداق بولىدىكەن، ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ھەۋۋائدىكى بۇ تەبىئەت داۋاملىشىدۇ. ئەسل تېگىدىن پۇشتىغا يۆتكىلىدۇ. ئادەمزاتنىڭ ھەرقانداق قىزىدا مۇشۇنداق تەبىئەت بولىدۇ. قەدىمكىلەر بولسۇن ياكى كېيىنكى ئەسىرلەردىكىلەر بولسۇن، ئىنسانىي تەبىئەت ھەممىسىدە بىر بولىدۇ» دېگەنلىك. لېكىن بۇ، «چوقۇم ھەممىسى خىيانەت قىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. بۇ خۇددى «ئادەمدە ئۇنتۇش تەبىئىتى بار بولغاچقا، ئەۋلادىدىمۇ ئۇنتۇش بولىدۇ» دېگەندەكلا سۆزدۇر.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1447، 10 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2025، 2 – سېنتەبىر