شاپائەت قىلىش قىيامەت كۈنىنىڭ ئەڭ چوڭ ھادىسەلىرىن بولۇپ، بۇ شاپائەتنىڭ چوڭ تەسىرى بار. بۇ ئارقىلىق بەندىلەرگە كۆپ ئاسانچىلىق ۋە يەڭگىللىتىش بولىدۇ. بەندىلەر شاپائەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تەقۋادارلارنىڭ سەردارلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ھەتتاكى ئەنبىيائلەرمۇ شاپائەت قىلالمايدىغانلىقى بىلەن ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۈيۈك شاپائەت قىلىش ماقامىغا يەتكۈزىدۇ.
ئۇنداقتا شاپائەت دېگەن نېمە؟
ئۇنىڭ شەرتلىرى قانداق؟
ئۇنىڭ تۈرلىرى قانچە؟
ئۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغىلا خاسمۇ؟ ياكى باشقا ئەنبىيائلەرمۇ قىلالامدۇ؟
ئەنبىيائلەردىن باشقىلارمۇ شاپائەت قىلىشى مۇمكىن بولامدۇ؟
قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىقلار يىغىلىپ، ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن، قاتتىق قورققانلىقتىن تائەت – ئىبادەتكە سەل قارىغان ئىنسانلار يىغلاپ كەتكەن، زىيان تارتقۇچىلار ھالاك بولغان، ئەنبىيائلەرمۇ قورققان، چوڭ پەرىشتىلەرمۇ ئىزتىراپ چەككەن، قەلبلەر بوغۇزلارغا بېرىپ قالغان ۋە كافىرلار، فاجىرلار ھالاك بولغان چاغدا، ئىنسانلار ئەمەللەردىن ھېساب ئېلىشنىڭ باشلىنىشى ۋە نامەئى ئەئماللەرنىڭ تارقىتىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ، مۇتلەق پادىشاھ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەتچىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئىنسانلار باشقا نۇرغۇن ئەنبىيائلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىلتىجا قىلغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ سەييىدى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شاپائەت قىلغان ۋە ھەمد بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە رەببىنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلغان، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا سەجدە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرقانچە شاپائەتلەرنى قىلىدۇ، بۇ شاپائەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنسانلار دوزاختىن جەننەتكە چىقىدۇ ۋە جەننەتتىكى بەزى مۇئمىنلەرنىڭ دەرىجىلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ماڭا مەندىن بۇﺭﯗﻥ ھېچ كىمگە بېرىلمىگەﻥ بەﺵ تۈﺭلۈﻙ ئاﻻھىدىلىك ئاتا قىلىندﻯ. (ئۇﻻﺭ:) بىر ئايلىق مۇساپە نېرىدىكى ﺩﯛشمەنلىرىمنىڭ كۆڭلىگە قوﺭقۇنچ سېلىش بىلەﻥ ماڭا نۇسرﻩﺕ بېرىلدﻯ؛ ﺯېمىننىڭ ھەممە يېرﻯ ماڭا سەجدىگاھ ﯞﻩ پاكلىغۇچى قىلىپ بېرىلدﻯ، شۇڭا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ھەﺭقاندﺍﻕ ئاﺩﻩﻡ قەيەﺭﺩﻩ ناماﺯنىڭ ﯞﺍقتى كىرسە، شۇ يەﺭﺩﻩ ناماﺯنى ئوقۇﯞﻩﺭسۇﻥ؛ غەنىيمەتلەﺭ ماڭا ھاﻻﻝ قىلىپ بېرىلدﻯ، ھالبۇكى مەندىن ئىلگىرىكى ھېچكىمگە غەنىيمەﺕ ھاﻻﻝ قىلىنمىغاﻥ ئىدﻯ؛ ۋە يەنە قىيامەﺕ كۈنى شاپائەﺕ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم؛ بۇرۇن پەيغەمبەﺭ دېگەن پەقەﺕ ئۆﺯ قەۋمىگىلا ئەﯞﻩتىلەتتى، مەﻥ بولساﻡ پۈتۈﻥ ئىنسانلاﺭغا ئەﯞﻩتىلدىم»(1).
شاپائەت قىلىش دېگەن نېمە؟
بۇ ئەرەب تىلىدىكى «شفع يشفع شفاعة» دېگەن پېئىلنىڭ «بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىگە قوشۇش» مەنىسىدىكى «الشفع» يىلتىزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «الشفع/ جۈپ» تاقنىڭ ئەكسىدۇر.
شاپائەت قىلىش — باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەشتۇر. بۇنداق قىلىش «شاپائەت» دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئىنسان دەسلەپتە ھاجىتىنى تىلىگەندە يالغۇز بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ھاجىتىنى تىلەشتە يەنە بىر ئىنسان قوشۇلسا جۈپ بولىدۇ.
شاپائەتنىڭ شەرتلىرى
ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا، شاپائەتنىڭ ئۆزىنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇپ، شاپائەت قىلىنغۇچىغا مەنپەئەت قىلىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىككى تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى زىكىر قىلدى:
بىرىنچى شەرت، ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەتچىگە مەيلى ئۇ پەيغەمبەر بولسۇن، شېھىد بولسۇن ياكى پەرىشتە بولسۇن، شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىدۇر؛ ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(34/«سەبەﺋ»: 23).
ئىككىنچى شەرت، ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلىنغۇچىدىن رازى بولۇشى. يەنى شاپائەت قىلىنغۇچى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتىن باشقا گۇناھلارنى قىلغان ئاسىي – گۇناھكار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كافىر ئىنسان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىرەرىنىڭ شاپائەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شىرك كەلتۈرگەن گۇناھنى مەغفىرەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا كافىرلار ھەققىدە: ﴿شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)﴾(74/«مۇددەسسىر»: 48) دېگەن. يەنە: ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ﴾(19/«مەريەم»: 87) دېگەن.
بۇ ئايەتتىكى ئەھدە — «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بىز بىلەن مۇناپىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ كافىر بولغان بولىدۇ»(2) دېگەن سۆزىگە ئاساسلىنىپ، ئەھدە «ناماز» دەپمۇ ئىزاھلانغان.
دېمەك، كافىرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تەۋھىد ۋە ئىمان ئەھدىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ شاپائىتىم ئۈممىتىمدىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈندۇر»(3) دېگەن. يەنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئومۇمەن ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسىگە، گەرچە ئۇلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر بولسىمۇ، شاپائەت قىلىدۇ. ئەمما، چوڭ گۇناھلاردىنمۇ ئېغىر بولغان ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشكە شاپائەت قىلالمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە شاپائەتنىڭ ئىككى شەرتىنى زىكىر قىلىپ: ﴿بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(20/«تاھا»: 109) دېگەن.
بۇ ئايەتتىكى ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن﴾ دېگىنى «ئاللاھ شاپائەتچىنىڭ شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇشى كېرەك» دېگەنلىك بولسا، ﴿سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان﴾ دېگىنى «شاپائەت قىلىنغۇچى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەي، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغان بولۇشى كېرەك» دېگەنلىكتۇر.
شاپائەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 44) دېگەن.
شاپائەتنىڭ ئەھمىيىتى
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئاندىن شۇھەداﺋ ۋە ئۇلاردىن باشقا ئاللاھ تائالا شاپائەت قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن زاتلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش شاپائەت قىلىنغۇچى ئۈچۈن چوڭ شەرەپ ۋە نىجاتلىقتۇر.
شاپائەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۈممىتىنىڭ يېرىمىنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋەياكى ئۈممىتىگە شاپائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشنى ئېيتقاندا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شاپائەت قىلىشنى تاللىغان ئىدى. ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— رەببىم ماڭا كېچىدە تاللىشىمغا قويغان نەرسىنى بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، بىز:
— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېدۇق.
— رەببىم ماڭا ئۈممىتىمنىڭ يېرىمىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشى بىلەن شاپائەت قىلىشنىڭ ئارىسىنى تاللىشىمغا قويغان ئىدى، مەن شاپائەت قىلىشنى تاللىدىم.
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىمۇ شاپائەتلىرىگە نائىل بولىدىغانلاردىن قىلىشىغا دۇئا قىلسىلا.
— ئۇ ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈندۇر»(4).
ھەربىر نەبىي ئۈچۈن ئىجابەت بولىدىغان بىر دۇئا بار
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شاپائەت قىلىشقا بەك ھېرىسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، شاپائەت قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇشال بولاتتى ۋە دۇنيادىكى ۋاقتىدىلا ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلغان ئىدى. بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھەربىر نەبىي ئۈچۈن ئىجابەت بولىدىغان بىر دۇئا بار بولۇپ، باشقا ئەنبىيائلەر بۇ دۇئانى دۇنيادا قىلغان ئىدى، ئەمما نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا دۇنيادا ئۇ زاتقا تۈرلۈك ئەزىيەتلەر يېتىپ، بۇ دۇئانى قىلىشقا شۇنچىلىك ئېھتىياج بولغان بولسىمۇ، ئۇنى قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەربىر نەبىينىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن ئىجابەت بولىدىغان بىر دۇئاسى بار بولۇپ، ئەنبىيائلەرنىڭ ھەممىسى بۇ دۇئاسىغا ئالدىرىدى. مەن دۇئايىمنى قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمگە شاپائەت بولۇشى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم، شۇڭلاشقا ئاللاھ خاھلىسا ئۈممىتىمدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغانلار ئۇنىڭغا نائىل بولىدۇ»(5).
ئاللاھ تائالانىڭ پەزل – كەرەمىنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ تائالا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۈممىتىدىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك كىشىنى ھېساب ئالماستىن ۋە ئازاب قىلماستىن جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە قىلدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «رەببىم ماڭا ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھېساب ئالماستىن ۋە ئازاب قىلماستىن جەننەتكە كىرگۈزۈدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى، (يەتمىش مىڭنىڭ) ھەربىر مىڭى بىلەن يەتمىش مىڭنى، يەنە رەببىمنىڭ ئوچۇملىرىدىن ئۈچ ئوچۇم ئادەم كىرگۈزۈلىدۇ»(6).
شاپائەتنىڭ تۈرلىرى
قىيامەت كۈنى خالايىقلارنىڭ ھەممىسى شاپائەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شاپائەتكە ئېرىشىدۇ، بىر قىسمى ئېرىشەلمەيدۇ. شاپائەتكە ئېرىشەلمەي زىيان تارتىدىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى دۇنيادىكى ۋاقتىدا قەبرلەرگە، تاغۇتلارغا، تاشلارغا چوقۇنغان، بۇتلاردىن تىلىگەن ۋە ئۈمىد قىلغان ئىنسانلاردۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنغان مەئبۇﺩلار ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شىرك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى). ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ. ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا – جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 165 — 167).
شەرئىي دەلىللەر قىيامەت كۈنىدىكى بۇ شاپائەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ شاپائەتچىدىن قوبۇل قىلىنىپ، شاپائەت قىلىنغۇچىغا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىغا ۋە يەنە بىر قىسمىنىڭ رەت قىلىنىپ، شاپائەتچىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە شاپائەت قىلىنغۇچىغا مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلدى.
دېمەك، شاپائەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى، قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەت؛
بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچۈن بولسۇن ياكى باشقا ئەنبىيائلەر ئۈچۈن بولسۇن، ياكى پەرىشتىلەر ئۈچۈن بولسۇن، ياكى شۇھەداﺋ ئۈچۈن بولسۇن، ياكى مۇئمىنلەر ئۈچۈن بولسۇن، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەن شاپائەتلەردۇر. بۇ شاپائەتلەر بىرقانچە تۈرلۈك ۋە بىرقانچە باسقۇچلاردا بولىدۇ. بۇ شاپائەتلەرنىڭ بەزىسى پۈتۈن ئىنسانلارغا بولىدۇ ۋە بەزىسى پەقەت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈنلا بولىدۇ.
يەنە بىرى، رەت قىلىنىدىغان شاپائەت.
بۇ مۇشرىكلەر ۋە ناسارالارنىڭ ئىلاھلىرىدىن، بىدئەتچىلەرنىڭ پىرلىرىدىن ئۈمىد قىلغان شاپائەتلىرىدۇر، يەنە شۇنداقلا قەبرلەرگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا دۇئا قىلغان، مال بوغۇزلىغان، قەبرلىرىنى سىلىغان ۋە ناماز ئوقۇغان ئىشلىرىدۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ خىلدىكى شاپائەتچىلەرنى يالغانغا چىقىرىپ، قىيامەت كۈنى ھېچكىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە پەقەت ئاللاھ تائالا شاپائەتچىدىن ۋە شاپائەت قىلىنغۇچىدىن رازى بولغان چاغدىلا شاپائەتنىڭ مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتتىكى: ﴿ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 255)، ﴿ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 28). شۇڭا، كىمكى قەبرگە مال قۇربانلىق قىلىش، تىلەش… دېگەندەك ئىبادەت قىلسا، ئۇ بەكلا ئازغان بولىدۇ ۋە شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەتچىلەر
ئاللاھ تائالا ئۆزىگە يېقىن زاتلارنى ھۆرمەتلەپ، قىيامەت كۈنى بەزى دوزاخ ئەھلىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شاپائىتىنى ۋە ۋاستىچىلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئىلگىرى شاپائەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەتچى ئۈچۈن شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
ئايەت – ھەدىسلەردىن قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەتچىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز:
1) ئەنبىيائلەر
ئەنبىيائلەر — ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىغان بەندىلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئىنسانلارنى جاھالەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تاللىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خىلمۇخىل دەرىجىلەردە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن خاھلىغىنىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەنە شۇ ئەنبىيائلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى﴾(2/«بەقەرە»: 253).
قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ كاتتا ھۆرمەتلەش ۋە ئەزىز قىلىش بولسا شاپائەتچىدىن شاپائەتنى قوبۇل قىلىشتۇر.
ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، ئاللاھتىن بىزنى ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى تىلەيمىز، بۇ شاپائەتلەرنىڭ بەزىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىگىلا خاستۇر. يەنە بەزىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن باشقا ئەنبىياﺋ ۋە شۇھەدائلەرگە ئورتاقتۇر.
بۇ شاپائەتلەر تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى شاپائەت
قىيامەت كۈنىدىكى پۈتۈن خالايىقلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ شاپائەتتۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 79) دېگەن سۆزىدىكى شاپائەت ماقامىدۇر.
بۇ شاپائەت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا خاستۇر. چۈنكى، باشقا ئەنبىيائلەرنىڭ ھەممىسى بۇ شاپائەتنى قىلالمايدىغانلىقى بىلەن ئۆزرە ئېيتىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھشەردىكى پۈتۈن خالايىقلار قاتتىق قورقۇپ، ئىزتىراپ چېكىپ تۇرۇۋاتقاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، مەھشەرنىڭ قورقۇنچىسى ۋە غەم – قايغۇسىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر توپ – توپ بولۇشۇپ، ھەربىر ئۈممەت ئۆز پەيغەمبىرىگە ئەگىشىپ مېڭىپ: ‹ئى پالانى (نەبىي)! شاپائەت قىلغايلا، ئى پالانى (نەبىي)! شاپائەت قىلغايلا› دەپ ئاخىرى شاپائەت قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىپ توختايدۇ، ئەنە شۇ كۈن ئاللاھ ئۇنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا تۇرغۇزىدىغان كۈندۇر»(7).
يەنە بىر ئۇزۇن ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھالىنى سۈپەتلەپ: «ئاندىن ئۇ زات (رەسۇلۇللاھ) ئاللاھتىن مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىپ، مېڭىپ بېرىپ (جەننەتنىڭ) دەرۋازىسىنىڭ ھالقىسىنى تۇتىدۇ، شۇ چاغدا ئاللاھ ئۇ زاتنى مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا(8) يەتكۈزىدۇ – دە، جىمى مەھشەرگاھ ئەھلى ئۇ زاتنى مەدھىيەلىشىدۇ» دېگەن(9).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ شاپائەتكە خاس قىلىنغانلىقى ئۇ زاتنىڭ شان – شەرىپىنى ۋە بۈيۈك ماقامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مەن قىيامەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ سەردارىمەن، (بۇنىڭدا) پەخىرلىنىش يوق، مەن قىيامەت كۈنى (چىقىشىم ئۈچۈن) زېمىن يېرىلىدىغان تۇنجى كىشىدۇرمەن، پەخىرلىنىش يوق، مەن تۇنجى شاپائەتچى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇرمەن، پەخىرلىنىش يوق»(10).
بۇ دۇئا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ساقلىغان دۇئاسى بولغانلىقتىن، بىر ئادەم ئۇ زاتتىن سوراپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى رەببىلىرىدىن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىدەك بىر پادىشاھلىق سورىمىدىلىمۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈلۈپ كېتىپ دېدى:
— سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقىدىنمۇ كاتتا بىرنەرسە بار. ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالا قانداقلىكى بىر نەبىينى ئەۋەتسە، ئۇنىڭغا بىر دۇئا ئاتا قىلدى، ئەنبىيائلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ دۇئاسى بىلەن دۇنيا تىلىگەنىدى، دۇنيا بېرىلدى. بەزىلىرى قەۋمى ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان چاغدا قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى تىلىگەنىدى، قەۋمى ھالاك قىلىندى. ئاللاھ تائالا ماڭىمۇ بىر دۇئا بەرگەنىدى، مەن بۇ دۇئانى قىيامەت كۈنى رەببىمنىڭ دەرگاھىدا ئۈممىتىمگە شاپائەت بولۇشى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم»(11).
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا ھەممە ئەنبىيائلەر بۇ شاپائەتنى قىلالمايدىغانلىقى بىلەن ئۆزرە ئېيتىدۇ
بۇ شاپائەت بىرقانچە ھەدىسلەردە تەپسىلىي كەلگەن بولۇپ، بىرىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە خەبەر بېرىپ دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىقنىڭ خوجىسىدۇرمەن، بۇ نېمە سەۋەبتىن بىلەمسىلەر؟ ئاللاھ ئىلگىرى – كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى شۇنداق بىر تۈزلەڭلىككە يىغىدۇكى، ئۇلارغا قارىغان ئادەم ھەممەيلەننى كۆرەلەيدۇ، چاقىرسا ھەممەيلەنگە ئاڭلىتالايدۇ، قۇياش ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ خالايىقنى چىدىغۇسىز غەم ۋە پەرىشانلىق چىرمىۋېلىپ ئېغىر ساراسىمدە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر:
— سىلەر نەقەدەر يامان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقىنىڭلارنى، بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنى تىلىۋالىدىغان بىرەر كىشىنى تاپمامسىلەر؟ — دېيىشىدۇ، بەزىلىرى بەزىلىرىگە:
— ئاتاڭلار ئادەم تىلىۋالىدۇ، — دەپ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:
— ئى ئادەم! سەن ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىسەن، ئاللاھ سېنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، ساڭا ئۆز روھىنى پۈۋلىگەن، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇلار ساڭا سەجدە قىلغان، يەنە سېنى جەننەتتە تۇرغۇزغان، رەببىڭدىن بىزنى تىلىۋالساڭچۇ؟ بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دېگەندە، ئادەم:
— رەببىم شۇنداق غەزەبلەندىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇنداق غەزەبلىنىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەبلەنمەيدۇ. رەببىم مېنى ھېلىقى دەرەختىن چەكلىگەن بولسىمۇ مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلىپ سالدىم، مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاجمەن، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، نۇھنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىڭلار، — دەيدۇ. ئۇلار نۇھنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
— ئى نۇھ، سەن ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتكەن تۇنجى نەبىي، ئاللاھ سېنى شۈكرى قىلىپ تۇرىدىغان بەندە دەپ ئاتىغان. رەببىڭدىن بىزنى تىلىۋالساڭچۇ؟! بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دېگەندە، نۇھ:
— رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەپلەندىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق غەزەبلىنىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەبلەنمەيدۇ، مەن بۇرۇن قەۋمىمنى قارغاپ دۇئا قىلىپ سالغانمەن، ھازىر مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاج، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، ئىبراھىمنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىڭلار، — دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
— ئى ئىبراھىم! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەم ئاللاھنىڭ زېمىندىكى دوستىسەن، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. ئىبراھىم:
— رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەبلەندىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق غەزەبلىنىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەبلەنمەيدۇ، مەن ئۈچ قېتىم يالغان ئېيتىپ سالغانمەن، — ئەبۇ ھەييان ئۇ ئۈچ ئىشنى ھەدىستە بايان قىلغان — ھازىر مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاج، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، مۇسانىڭ يېنىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
— ئى مۇسا! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ سېنى ئۆزىگە نەبىي قىلىش ۋە بىۋاسىتە سۆز قىلىش ئارقىلىق سېنى پۈتۈن خالايىقتىن ئەۋزەل قىلدى، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. مۇسا:
— رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەبلەندىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق غەزەبلىنىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەبلەنمەيدۇ، مەن بۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلمىغان بىر جاننى ئۆلتۈرۈپ قويغانمەن، ھازىر مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاج، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ يېنىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
— ئى ئىيسا! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنىڭ مەريەمگە تاشلىغان سۆزىدۇرسەن، ئۇنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھسەن، سەن كىچىك چېغىڭدىلا بۆشۈكتە تۇرۇپ كىشىلەرگە سۆز قىلغان ئىدىڭ، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. ئىيسا:
— رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەبلەندىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق غەزەبلىنىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەبلەنمەيدۇ، — دەيدۇ. ئۇ بىرەر گۇناھنى تىلغا ئالماي مۇنداق دەيدۇ:
— ھازىر مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاج، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ:
— ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەم ئەنبىيائلەرنىڭ تۈگەنجىسىدۇرسەن، ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن، بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بېرىپ ئەرشنىڭ ئاستىغا كېلىپ رەببىم ئەززە ۋە جەللە ئۈچۈن سەجدىگە باش ئۇرىمەن، ئاندىن ئاللاھ ماڭا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان گۈزەل ھەمدۇسانالار خەزىنىسىدىن مەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ئېچىۋەتمىگەن دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئاندىن:
— ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىدۇ، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن:
— ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! — دەپ شاپائەت قىلسام، ماڭا:
— ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساب – كىتاب قىلىنمايدىغانلارنى جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى دەرۋازىدىن ئەكىرگىن، باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىشتىمۇ ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش كىرەلەيدۇ، — دېيىلىدۇ»(12).
مانا بۇ قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك مەيداندا يۈز بېرىدىغان ئىش بولۇپ، شۇ چاغدىكى قاتتىق ئىزتىراپلىق ۋاقىتتا ئەنبىيائلەرنىڭ سەردارى ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شاپائەت قىلىدۇ.
بۇ بولسا پۈتۈن ئۈممەتلەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ تىلەيدىغان بىرىنچى شاپائەتتۇر.
ئىككىنچى شاپائەت
بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەمىر قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغان بىرىنى ئىزدەيدۇ، مۇئمىنلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاتىمىز! بىزگە جەننەتنىڭ ئېچىلىشىنى تىلىگىن؟» دەيدۇ. يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا خالايىقنى مەھشەرگە توپلايدۇ. مۇئمىنلەر ئۆرە تۇرىدۇ، ئۇلارغا جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:
— ئى ئاتىمىز! بىزگە جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشىنى تىلىگىن! — دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:
— سىلەر جەننەتتىن ئاتاڭلار ئادەمنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى چىقىرىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟! مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر مېنىڭ ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. (ئۇلار بارغىنىدا) ئىبراھىم:
— مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. گەرچە مەن دوستى بولساممۇ، مەرتىۋەم تۆۋەندۇر. سىلەر ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن مۇسا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. ئۇلار مۇسا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. مۇسا:
— مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن، سىلەر ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ۋە روھى بولغان ئىيسانىڭ قېشىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. (ئۇلار باغىنىدا) ئىيسا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن، — دەيدۇ. ئۇلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلىدۇ»(13).
دېمەك، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش ۋە جەننەتكە كىرىشتە شاپائەتچى بولىدۇ. بۇ شاپائەت ماقامىمۇ بۈيۈك ماقامدۇر. بۇ شاپائەتمۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا خاس بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاندىن ئۇ زات (رەسۇلۇللاھ) ئاللاھتىن مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىپ، مېڭىپ بېرىپ (جەننەتنىڭ) دەرۋازىسىنىڭ ھالقىسىنى تۇتىدۇ»(14) دېگەن سۆزىدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. جەننەتنى ساقلىغۇچى پەرىشتە:
— سەن كىم؟ — دەيدۇ. مەن:
— مەن مۇھەممەد، — دەيمەن. ئۇ پەرىشتە:
— ساڭا ئېچىشقا بۇيرۇلدۇم، سەندىن ئىلگىرى ھېچبىرىگە ئېچىپ باقمىغان ئىدىم، — دەيدۇ»(15).
مانا بۇ ئىككىنچى تۈرمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھۆرمەتلەيدىغان شاپائەتلەردىندۇر. بۇ شاپائەت بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جەننەت ئەھلىدىن بولغان مۇئمىنلەر مەنپەئەتلىنىدۇ.
ئۈچىنچى شاپائەت
بۇ ھېساب ئېلىنمايدىغان ۋە جازالانمايدىغان مۇئمىنلەرگە خاس شاپائەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جەننەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شاپائەتچى بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىقنىڭ خوجىسىدۇرمەن، بۇ نېمە سەۋەبتىن بىلەمسىلەر؟ ئاللاھ ئىلگىرى – كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى شۇنداق بىر تۈزلەڭلىككە يىغىدۇكى، ئۇلارغا قارىغان ئادەم ھەممەيلەننى كۆرەلەيدۇ، چاقىرسا ھەممەيلەنگە ئاڭلىتالايدۇ، قۇياش ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ خالايىقنى چىدىغۇسىز غەم ۋە پەرىشانلىق چىرمىۋېلىپ ئېغىر ساراسىمدە قالىدۇ»دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاندىن: ‹ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىدۇ، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ. مەن:
— ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! — دەپ شاپائەت قىلسام، ماڭا:
— ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساب – كىتاب قىلىنمايدىغانلارنى جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى دەرۋازىدىن ئەكىرگىن، باشقا دەرۋازىلاردىنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كىرەلەيدۇ، — دېيىلىدۇ. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەت دەرۋازىلىرىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھىميەر — ياكى مەككە بىلەن بۇسرا — ئارىلىقىدەكتۇر»(16).
دېمەك، بۇ شاپائەتمۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئاتا قىلىنغان بۈيۈك ماقامنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
تۆتىنچى شاپائەت
ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بولغان پەزل – ئېھسانىنىڭ جۈملىسىدىنكى، ئۇلارغا غەزىپى ۋە جازاسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئىلگىرى ئەپۇسى ۋە مەغفىرىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىغا قىلغان رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىن يەنە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچۈن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي تەۋھىدنىڭ ئۈستىدە بولغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلمىغان ئاسىي – گۇناھكار مۇئمىنلەردىن دوزاخقا كىرگەن كىشىلەرگە شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە شاپائەت قىلىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىپ دېدىكى: «… شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلىشىدۇ. مەن بېرىپ رەببىمدىن ئىجازەت سورىسام، ماڭا رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا ئىجازەت بېرىلىدۇ. رەببىمنى كۆرگىنىمدە سەجدىگە بارىمەن. ئاللاھ مېنى خاھلىغان مۇددەت شۇ ھالىتىمدە قويۇپ قويىدۇ. ئاندىن:
— مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، سورىغىن بېرىلىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، رەببىمگە رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ھەمد ئېيتىش قائىدىسى بويىچە ھەمد ئېيتىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلسام، ماڭا مەلۇم قەۋملەر بىلەن چەك قويۇلىدۇ. مەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىمەن، ئاندىن رەببىمنىڭ ئالدىغا قايتا كېلىمەن. رەببىمنى كۆرگىنىمدە سەجدىگە بارىمەن. ئاللاھ مېنى خاھلىغان مۇددەت شۇ ھالىتىمدە قويۇپ قويىدۇ. ئاندىن:
— مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، سورىغىن بېرىلىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، رەببىمگە رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ھەمد ئېيتىش قائىدىسى بويىچە ھەمد ئېيتىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلسام، ماڭا مەلۇم قەۋملەر بىلەن چەك قويۇلىدۇ. مەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىمەن، ئاندىن رەببىمنىڭ ئالدىغا قايتا كېلىمەن. رەببىمنى كۆرگىنىمدە سەجدىگە بارىمەن. ئاللاھ مېنى خاھلىغان مۇددەت شۇ ھالىتىمدە قويۇپ قويىدۇ. ئاندىن:
— مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، سورىغىن بېرىلىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، رەببىمگە رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ھەمد ئېيتىش قائىدىسى بويىچە ھەمد ئېيتىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلسام، ماڭا مەلۇم قەۋملەر بىلەن چەك قويۇلىدۇ. مەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىمەن، ئاندىن رەببىمنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ:
— ئى رەببىم! دوزاختا پەقەت قۇرئان سولاپ قويغان (يەنى قۇرئاندا دوزاختا مەڭگۈ قېلىشى ئىسپاتلانغان) كىشىلەرلا قالدى، — دەيمەن. دوزاختىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەئبۇﺩ يوق› دېگەن، قەلبىدە بىر تال ئارپىچىلىك ياخشىلىق بولغان كىشى چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن كېيىن دوزاختىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەئبۇﺩ يوق› دېگەن، قەلبىدە بىر تال بۇغدايچىلىك ياخشىلىق بولغان كىشى چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن كېيىن دوزاختىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەئبۇﺩ يوق› دېگەن، قەلبىدە بىر تال كىچىك چۈمۈلىچىلىك ياخشىلىق بولغان كىشى چىقىپ كېتىدۇ»(17).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «مېنىڭ شاپائىتىم ئۈممىتىمدىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈندۇر»(18) دېگەن.
يەنە ئېيتتىكى: «ئاندىن: ‹بېرىپ ئۇنىڭدىن قەلبىدە بىر تال ئارپىچىلىك ئىمان بار بولغانلا كىشىنى چىقارغىن› دەيدۇ، مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن، ئاندىن قايتىپ كېلىپ رەببىمگە ماڭا ئۆگەتكەن ئاشۇ ھەمد ئېيتىش قائىدىسى بويىچە ھەمد ئېيتىمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدىگە بارسام. ماڭا:
— ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، ئېيتقىن، تىڭشىلىسەن، سورىغىن بېرىلىسەن، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن:
— ئى رەببىم! ئۈممىتىم! ئۈممىتىم! — دېسەم، ئۇ:
— بېرىپ ئۇنىڭدىن قەلبىدە بىر تال كىچىك قىزىل چۈمۈلىچىلىك ياكى قىچىچىلىك ئىمان بار بولغانلا كىشىنى چىقارغىن، — دەيدۇ، مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن قايتىپ كېلىپ رەببىمگە ماڭا ئۆگەتكەن ئاشۇ ھەمد ئېيتىش قائىدىسى بويىچە ھەمد ئېيتىمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدىگە بارسام:
— ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، ئېيتقىن، تىڭشىلىسەن، سورىغىن بېرىلىسەن، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن:
— ئى رەببىم! ئۈممىتىم! ئۈممىتىم! — دېسەم، ئۇ:
— بېرىپ ئۇنىڭدىن قەلبىدە ئىماندىن بىر تال قىچىدىنمۇ كىچىك ئەڭ ئەقەللىي بىر ئەسەر بولغانلا كىشىنى دوزاختىن چىقارغىن، — دەيدۇ، مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن».
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىدۇ: «مەن:
— ئى رەببىم! ماڭا لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن كىشىنى ئېلىپ چىقىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، — دېسەم، رەببىم:
— مېنىڭ ئىززىتىم، ئۇلۇغلۇقۇم، چوڭلۇقۇم ۋە بۈيۈكلۈكۈم بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن كىشىنى ئېلىپ چىقارماي قويمايمەن، — دەيدۇ»(19).
شاپائەت بىلەن دوزاختىن چىقىدىغانلارنىڭ سۈپىتى
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ دوزاختا ئازابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شاپائىتى بىلەن چىققان چاغدىكى ھالىتىنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: «دوزاختىن شاپائەت بىلەن (بىرمۇنچە كىشىلەر) خۇددى ئۇششاق تەرخەمەكلەردەك ھالەتتە چىقىپ كېتىدۇ»(20). بۇنىڭ مەنىسى، ئۇلار دوزاختا قاتتىق ئازابلانغانلىقى ئۈچۈن، شەكىللىرى ۋە ھەجىملىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەرخەمەككە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەۋھىد ئۈستىدىكى كىشىلەرنىڭ دوزاختا ئازابلانسىمۇ، ھامىنى دوزاختىن چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر دوزاخ ئوتىدا ئازراق پۇچۇلۇنۇپ قارىداپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن چىقىپ جەننەتكە كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلى ئۇلارنى ‹جەھەننەمىيلەر› دەپ ئاتايدۇ»(21).
ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ بولغاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىرىشتىكى بۇ شاپائەت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتىگىلا خاس ئەمەستۇر. بەلكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بولغان مۇئمىنلەرگىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەر، سالىھلەر ۋە ئۇلاردىن باشقا ئاللاھ تائالا خاھلىغان زاتلار بۇ جەھەتتە شاپائەتچى بولىدىغانلىقتا ئورتاقتۇر. لېكىن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچۈن بۇ تۈردىكى شاپائەتتىمۇ چوڭ نېسىۋە بار.
بەشىنچى شاپائەت
بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۈچۈن قىلىدىغان خاس شاپائىتىدۇر. ئاللاھ تائالا كافىرلار ھەققىدە: ﴿شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ﴾(74/«مۇددەسسىر»: 48) دېگەن بولسىمۇ، ئەبۇ تالىبنى بۇنىڭدىن ئىستىسنا قىلدى. دېمەك، ئەبۇ تالىبقا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتى پايدا بېرىدۇ. بۇ شاپائەت ئۇنى دوزاختىن چىقىرىشتا ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئازابنى يەڭگىللىتىش جەھەتتىدۇر، يەنى ئەبۇ تالىب دوزاخنىڭ ئەڭ تېيىز يېرىدە بولىدۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابتا ئازابلىنىدۇ، لېكىن ئۇ دوزاختىن چىقمايدۇ.
ئەبۇ تالىبنىڭ ئەھۋالى باشقا ھەدىسلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ تاغىسى ھەققىدە: «ئۇ ئوشۇققا كېلىدىغان تېيىز ئوتتا، ناۋادا مەن بولمىغان بولسام دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا بولغان بولاتتى» دېگەن(22).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەقەت تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۈچۈنلا ئۇنىڭ دوزاختىن چىقىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن دوزاخ ئازابىنىڭ يەڭگىللىشىگە قارىتا شاپائەت قىلدى. چۈنكى، ئەبۇ تالىب كافىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، كافىرغا ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىشنى ھارام قىلغاندۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئەبۇ تالىبنى دىنغا دەۋەت قىلىشتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمىگەنىدى. ھەتتا ئەبۇ تالىب سەكراتقا چۈشكەن ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرۇپ: «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دېيىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەبۇ تالىب بولسا بۇ كەلىمىنى ئېيتىشقا ئۇنىماي: «مەن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ دىنىدىدۇرمەن» دېگەنىدى(23).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭدىن ئازابنى يەڭگىللىتىشىگە شاپائەت قىلدى، ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوغدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بىلەن دوزاخنىڭ ئەڭ تېيىز يېرىدە بولدى. بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ئورنىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. لېكىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنىلا ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، سەن خاھلىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خاھلىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾(28/«قەسەس»: 56) دېگەندەك ۋە يەنە: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر)، لېكىن ئاللاھ خاھلىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 272) دېگەندەكتۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دوزىخىيلەر ئىچىدە قىيامەت كۈنى ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇنىڭ ئىككى تاپىنىنىڭ ئوتتۇرىغا بىر تال چوغ قويۇلۇپ، ئۇنىڭ دەستىدىن مېڭىسى قايناپ تۇرىدۇ» دېگەن(24). يەنە: «ھەقىقەتەن، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئوتتىن ئىككى كەشى ۋە بوغقۇچى بار بىر كىشى بولۇپ، بۇ ئىككى ئاياغدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قازان قاينىغاندەك قاينايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقان كىشى دەپ قارايدۇ، ھالبۇكى ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنىدۇر» دېگەن(25). يەنە: «ھەقىقەتەن، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى ئەبۇ تالىبتۇر، ئۇ كىيىۋالغان ئىككى كەشتىن ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ» دېگەن(26).
ئاللاھتىن بىزنى ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر دىنىدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.
ئالتىنچى شاپائەت
بۇ گۇناھ – مەئسىيەتلىرىنىڭ ۋە ئىبادەتلەرگە سەل قارىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بىلەن دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولغان كىشىلەرنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەتتۇر. بۇ دوزاخقا كىرگەن مۇئمىنلەرگە چىقىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەتتىن باشقا شاپائەتتۇر.
بۇ شاپائەتمۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا خاس ئەمەستۇر. بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا ئەنبىيائلەر، سىددىقلەر، سالىھلەر ۋە پەرىشتىلەرگە ئورتاق بولغان شاپائەتتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئەنبىيائلەرمۇ ۋە سالىھلەرمۇ شاپائەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگەنلەرنىڭ دوزاختىن چىقىشىغا ۋە دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولغانلارنىڭ دوزاخقا كىرمەسلىكىگە قارىتا قىلغان شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
يەتتىنچى شاپائەت
بۇ جەننەتكە كىرگەن مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتتە دەرىجىلىرىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەتتۇر. ئەبۇ سەلەمە ۋاپات بولغاندىن كېيىن خۇددى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ دېگەندەك: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار قاتارىدا يۇقىرى قىلغىن، ئۇنىڭ قېلىپ قالغان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىگە بولغىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىزنى ۋە ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرسىنى كەڭرى ۋە نۇرلۇق قىلغىن»(27).
سەككىزىنچى شاپائەت
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ يەردىن ئايرىلمىغان كىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەتتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈممىتىمدىن كىم مەدىنەنىڭ ئاچارچىلىقلىرىغا ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا سەۋر قىلسا، قىيامەت كۈنى مەن ئۇنىڭ شاپائەتچىسى ياكى گۇۋاھچىسى بولىمەن» دېگەن(28).
توققۇزىنچى شاپائەت
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەتتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىم مەدىنىدە ئۆلۈشكە ئامال قىلالىسا، ئۇنىڭدا ئۆلسۇن (ۋاپات بولغۇچە ياشىسۇن). چۈنكى، مەن ئۇنىڭدا ئۆلگەن كىشىگە شاپائەت قىلىمەن» دېگەن(29).
ئاللاھ تائالا مەدىنەدە ئولتۇراقلىشىشقا ۋە ئۇ يەردە ۋاپات بولۇشقا نېسىپ قىلغان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن.
بۇ توققۇز تۈرلۈك شاپائەت نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس بولغان ياكى ئۇ زاتنىڭ شاپائىتى باشقىلارنىڭ شاپائىتىدىن كۆپرەك بولغان شاپائەتلەردۇر. قىيامەت كۈنى يەنە باشقا شاپائەتلەر ۋە شاپائەتچىلەرمۇ بار بولۇپ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە سۆزلەيمىز.
2) پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورنى ۋە ھۆرمىتى بار، سالىھلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «… شۇنىڭ بىلەن ئەنبىيائلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر شاپائەت قىلسا، قەھر قىلغۇچى ئاللاھ: ‹مېنىڭ شاپائىتىم قالدى› دەپ ئوتتىن بىر چاڭگال ئېلىپ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئېلىپ چىقىدۇ، ئۇلار جەننەتنىڭ يوللىرىنىڭ ئېغىزلىرىدىكى ھاياتلىق سۈيى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆستەڭگە تاشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، خۇددى كەلكۈننىڭ لاتقىلىرىدا ئۇرۇق بىخ ئۇرغاندەك، ئۆستەڭنىڭ ئىككى ياقىسىدا بىخ ئۇرىدۇ، سىلەر ئۇنداق مايسىلارنى قورام تاشنىڭ تۈۋىلىرىدە، دەرەخنىڭ تۈۋىلىرىدە كۆرگەن، ئۇنىڭدىن قۇياشقا يېقىن بولغانلىرىنىڭ رەڭگى ياپيېشىل، سايىغا يېقىن بولغانلىرىنىڭ رەڭگى ئاق بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۈنچە – مەرۋايىتلاردەك پارقىراپ چىقسا، بويۇنلىرىغا بويانلىق زىننەت سېلىنىپ جەننەتكە كىرىشىدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارنى كۆرۈپ: ‹ئاۋۇلار راھماننىڭ ئازادگەردىلىرى! ئۇلارنى يا قىلغان بىرەر ئەمەللىرى بولمىسىمۇ، ياكى ئالدىن قىلىپ ماڭدۇرغان بىرەر ياخشىلىقى بولمىسىمۇ، جەننەتكە كىرگۈزۈۋەتتى› دېيىشىدۇ، ئاندىن ئاشۇ كىرگەنلەرگە: ‹سىلەر كۆرگەننىڭ ھەممىسى ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدەك بىر ھەسسىسى بىللە بولسۇن› دېيىلىدۇ»(30).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «… ئاللاھ تائالا: ‹پەرىشتىلەر شاپائەت قىلدى، ئەنبىيائلەر شاپائەت قىلدى ۋە مۇئمىنلەر شاپائەت قىلدى، پەقەت ئەڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھ تائالالا (شاپائىتى) قېپقالدى› دەيدۇ ۋە دوزاختىن بىر چاڭگال ئېلىپ، پەقەت ياخشى ئىش قىلىپ باقمىغان، (كۆيۈپ) كۆمۈردەك بولۇپ كەتكەن ئىنسانلارنى چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى جەننەتنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭگە تاشلايدۇ»(31).
3) شۇھەداﺋ
شۇھەداﺋ —ئاللاھنىڭ يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئاللاھ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان جىھادى بىلەن يەككە – يېگانە يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئائىلىسىدىن، ۋەتەنلىرىدىن ۋە دوستلىرىدىن ئايرىلدى ۋە ئايالى، بالا – چاقىلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردا غېرىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قىيامەت كۈنى شاپائەتچىلەردىن قىلىش ئارقىلىق مۇكاپاتلايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شېھىدنىڭ جەمەتىدىن يەتمىش كىشىگە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن(32).
4) سالىھلەر
ئۇلار بولسا پەرۋەردىگارىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ يېقىنلاشتۇرغان ۋە ياردەم قىلغان ئىنسانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورنى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شاپائەتچى بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شاپائەت قىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىدىن بىرى رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنىڭ شاپائىتى بىلەن بەنى تەمىم قەبىلىسىدىكىدىنمۇ كۆپرەك كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ سىلىدىن باشقا بىر كىشىمۇ؟ — دېيىشتى، ئۇ زات:
— ئۇ مەندىن باشقا بىر كىشى، — دېدى». بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىتتا، مەن:
— بۇ كىم؟ — دېگەنىدىم، سورۇندىكىلەر:
—ئەبۇلجەدئائنىڭ ئوغلىدۇر، — دېدى»(33).
5) «قۇرئان»
«قۇرئان» ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغان كىشى ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ. ئوقۇغان كىشىگە ھەربىر ھەرپنىڭ باراۋېرىدە بىر ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. «قۇرئان» ئۇنى ئوقۇغان ئادەمنى دۇنيادا ئەزىز قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولۇش ئارقىلىق نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان› ئوقۇڭلار! چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ…»(34) دېگەن. يەنە دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى ‹قۇرئان› كېلىپ: ‹ئى رەببىم! ئۇنى (قۇرئان ئوقۇغۇچىنى) زىننەتلىگىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىززەت تاجى كىيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ‹قۇرئان›: ‹ئى رەببىم! ئۇنىڭغا زىيادە قىلغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىگە بىر قۇر ئىززەت تونى كىيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ‹قۇرئان›: ‹ئى رەببىم! ئۇنىڭدىن رازى بولغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹ئوقۇغىن، ئۆرلىگىن› دېيىلىدۇ ۋە ھەربىر ئايەتنىڭ باراۋېرىدە بىر ياخشىلىق زىيادە قىلىنىدۇ»(35). يەنە دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى ‹قۇرئان› ئوقۇغان كىشىنىڭ قەبرسى يېرىلىپ چىققان چاغدا، ‹قۇرئان› ئۇنىڭ بىلەن (خۇددى ئۇ دۇنيادا قۇرئان ئوقۇپ چارچىغان ھالىتىدىكىدەكلا) چىرايى سارغىيىپ كەتكەن كىشىدەك ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ ۋە:
— مېنى تونۇمسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:
— سېنى تونۇمايمەن، — دەيدۇ.
— مەن سېنى كۈندۈزنىڭ قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتلىرىدا ئۇسسۇز قويغان ۋە كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قويغان ھەمراھىڭ ‹قۇرئان›دۇرمەن، ھەقىقەتەن، ھەربىر تىجارەتچىنىڭ ئالدىدا قوغدايدىغان تىجارىتى بولىدۇ، مەن بۈگۈن ساڭا نىسبەتەن ھەرقانداق تىجارەتنىڭ ئالدىدىدۇرمەن، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا مۈلك، سول قولىغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلىنىدۇ(36) ۋە بېشىغا ئىززەت تاجى قويۇلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا دۇنياغا تەڭ قىلىنمايدىغان دەرىجىدىكى بىر قۇر تون كىيدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى ئاتا – ئانا:
— نېمە سەۋەبتىن بۇ تون بىزگە كىيدۈرۈلدى؟ — دەيدۇ.
— سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلىگە ‹قۇرئان› ئۆگەتكەنلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى بىلەن، — دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە:
— ئوقۇغىن ۋە جەننەتنىڭ پەلەمپەيلىرىدە ۋە ياتاقلىرىدا ئۆرلىگىن، — دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئىتتىك ئوقۇسۇن ياكى تەرتىل ئوقۇسۇن، ئوقۇپلا تۇرغان مۇددەتتە يۇقىرى ئۆرلەۋېرىدۇ»(37).
دېمەك، «قۇرئان» قىيامەت كۈنى ئۇنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن شاپائەتچى بولىدۇ. «بەقەرە» بىلەن «ئال ئىمران» سۈرىلىرى قىيامەت كۈنى ئۇنى ئوقۇغان كىشىنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. كىمكى «قۇرئان»نى كۆپ ئوقۇسا، بولۇپمۇ «بەقەرە» بىلەن «ئال ئىمران» سۈرىلىرىنى ئوقۇسا، قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىنىشقا لايىق بولۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «‹قۇرئان›نى ئوقۇڭلار، چۈنكى قىيامەت كۈنى ‹قۇرئان› ئۇنى ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ. ‹بەقەرە› بىلەن ‹ئال ئىمران› دىن ئىبارەت ئىككى نۇرلۇق سۈرىنى ئوقۇڭلار. چۈنكى، بۇ ئىككىسى قىيامەت كۈنى خۇددى ئىككى پارچە بۇلۇتتەك ياكى ئىككى سايىۋەندەك ۋە ياكى قاناتلىرىنى ئېچىپ، ئىككى قۇر بولۇپ تىزىلغان قۇشلار توپىدەك ھالەتتە كېلىپ، ئوقۇغان ئىگىلىرىنى ئاقلايدۇ»(38).
6) بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىشى
پەرزەنتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى دادىنىڭ (ۋە ئانىنىڭ) قەلبىدە ساقىيىشى تەس بولغان بىر يارا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچى بۇنىڭغا سەۋر قىلسا ۋە ئاللاھتىن ئەجىر ئۈمىد قىلسا، چوڭ ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە بىر ئادەم ئۇ زاتنىڭ يېنىغا بىر بالىسى بىلەن بىللە كەلدى. مەلۇم زامان ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ زات:
— پالانىنىڭ بالىسى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ بالا ئۆلۈپ كەتتى، — دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ زات ئۇنىڭ دادىسىغا:
— سەن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىدىن بىر دەرۋازىغا كەلسەڭ، بالاڭنىڭ سېنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەمسەن؟! — دېدى. بىرسى:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ھۆكۈم بۇ ئادەمگىلا خاسمۇ ياكى ھەممىمىز ئۈچۈنمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— ياق، ھەممىڭلار ئۈچۈن، — دېدى»(39).
7) پەرزەنتلەرنىڭ دۇئاسى
پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا قىلغان دۇئاسى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەقىقەتەن، نامى ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەتتە سالىھ بەندىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ بەندە:
— ئى رەببىم! بۇ دەرىجە ماڭا قانداق نېسىپ بولدى!؟ — دېگەندە، ئاللاھ:
— پەرزەنتىڭنىڭ سەن ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگەنلىكى بىلەن، — دەيدۇ»(40).
8) روزا تۇتۇش
روزا تۇتۇش ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مەنپەئەتلىك ئىبادەتلەردىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ئەمەلى ئۇنىڭ بولىدۇ. بىر ياخشى ئەمەلنىڭ ئەجرى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹روزا ماڭا خالىس قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئۇنىڭغا ئەجىرنى ئۆزۈم بېرىمەن. روزىدار كىشى شەھۋىتىنى ۋە يېمەك – ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن قويۇپ تۇرىدۇ، روزا قالقاندۇر، روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق باردۇر: بىر خۇشاللىق ئىپتار قىلغان چاغدا، يەنە بىر خۇشاللىق رەببىگە ئۇچراشقان چاغدا. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇيى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇشبۇيراقتۇر»(41). يەنە دېگەنكى: «كىمكى ئاللاھ يولىدا (جىھادتا) بىر كۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىل يىراقلاشتۇرىدۇ»(42).
جەننەتتە «رەييان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازا بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن روزا تۇتقۇچىلارلا كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقا ھېچبىر كىشى كىرمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ دەرۋازا تاقىلىدۇ.
روزا قىيامەت كۈنى بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «روزا ۋە ‹قۇرئان› قىيامەت كۈنى بەندىگە شاپائەتچى بولىدۇ. روزا: ‹ئى رەببىم! مەن ئۇنى كۈندۈزى يېمەكتىن ۋە شەھۋەتلەردىن چەكلىگەنىدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەتچى قىلغىن› دەيدۇ. قۇرئان: ‹مەن ئۇنى كېچىسى ئۇيقۇدىن چەكلىگەنىدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەتچى قىلغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇ بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ»(43).
9) مېيىت نامىزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېيىتكە شاپائەت قىلىشى
ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان كىشىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش مېيىتنىڭ ھاياتلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئادەم كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمكى جىنازىغا ناماز چۈشۈرگۈچە قاتناشسا، بىر قىرات ئەجىر بېرىلىدۇ؛ دەپنە قىلىنغانغا قەدەر قاتناشسا، ئىككى قىرات ئەجىر بېرىلىدۇ، — دېگەنىدى:
— ئىككى قىرات دېگەن قانچىلىك؟ — دېيىلدى. ئۇ زات:
— ئىككى چوڭ تاغدەك كېلىدۇ، — دېدى»(44).
يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن يۈز ئادەم بىرەر مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرسە، ھەممىسى ئۇ مېيىت ئۈچۈن شاپائەت تىلىسە، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ»(45).
بۇ ھەدىستىكى «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ مېيىت ئۈچۈن شاپائەت تىلىسە» دېگەننىڭ مەنىسى «ئۇلار ئۇ مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلسا ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت ۋە رەھمەت تىلىسە» دېگەنلىكتۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى
قىيامەت كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش چوڭ نىجاتلىقتۇر. ئۇ زات بەندىنى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەللەرنى زىكىر قىلدى. بەندىنىڭ بۇ ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى ئۇنىڭ شاپائەتكە ئىمان ئېيتقانلىقىنىڭ ۋە ئۇنى تەستىق قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن:
1) ئەزاندىن كېيىن زىكىر ئېيتىش
ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش پەزىلىتى چوڭ ئەمەلدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئەزاندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇساق، قىيامەت كۈنى ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغان بىر زىكىرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ زات ئېيتتىكى: «كىمكى ئەﺯﺍننى ئاڭلاﭖ بولغاندىن كېيىن: ‹اللَّهُمَّ رَبَّ هَذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاَةِ الْقَائِمَةِ آتِ مُحَمَّدًا الْوَسِيلَةَ وَالْفَضِيلَةَ وَابْعَثْهُ مَقَامًا مَحْمُودًا الَّذِي وَعَدْتَهُ / ئى مۇشۇ مۇكەممەﻝ چاقىرىقنىڭ ﯞﻩ ئوقۇلىدىغان مۇشۇ ناماﺯنىڭ پەﺭﯞﻩﺭﺩىگاﺭﻯ ئاللاھ! مۇھەممەﺩكە جەننەتتىكى ئالىي ئوﺭﯗﻥ بىلەﻥ فەزل – مەرھەمەتلىرىنى ئاتا قىلغىن! ئۇنى سەن ﯞﻩﺩﻩ قىلغاﻥ، مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا يەتكۈزگىن!› ﺩېسە، قىيامەﺕ كۈنى ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم نېسىپ بولىدۇ»(46).
2) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆپ دۇرۇد ئېيتىش
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك زاتتۇر، بەلكى بىزگە جانلىرىمىزدىن ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆپ دۇرۇد ئېيتىش ۋە ئۇ زاتنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈش بۇ زاتنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنىڭ دەلىلىدۇر ۋە قىيامەت كۈنى شاپائىتىگە ئېرىشىشىمىزنىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ماڭا ئەتىگەندە ئون قېتىم، كەچتە ئون قېتىم دۇرۇد ئېيتسا، قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئېرىشىدۇ» دېگەن(47).
3) نەپلە نامازنى كۆپ ئوقۇش
ناماز ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەلدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىلىڭلاركى، ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىسى نامازدۇر» دېگەن(48).
پەرز ۋە نەپلە نامازلار ياخشىلىققا ۋە شاپائەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر. بۇ ھەقتە رەبىئە ئىبنى كەئب ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا قونۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئۇ زاتقا تاھارەت سۈيى ھازىرلاپ بەرسەم، ماڭا:
— سورىغىن، — دېگەنىدى، مەن:
— ئۆزلىرىگە جەننەتتە ھەمراھ بولسام دەيمەن، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنىڭدىن باشقىچۇ؟ — دېدى، مەن:
— ئاشۇنىلا سورايمەن، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن (تەلىۋىڭنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا) ماڭا ياردەم بەرگىن، — دېدى»(49).
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن بۇ ئەمەللەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ئىكەنلىكىدىن خەبەر بەرگەن ئەمەللەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەندە بۇ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشكە ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك.
كۆپ لەنەت قىلىش شاپائەتنى توسۇپ قويىدۇ
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، كۆپ لەنەت قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى گۇۋاھچى ۋە شاپائەتچى بولالمايدۇ» دېگەن(50).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ بەختلىك ئادەم
ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمدىن:
— ئى ﺭﻩسۇلۇللاھ! قىيامەﺕ كۈنى شاپائەتلىرﻯ بىلەﻥ ئەﯓ بەختلىك بولىدىغاﻥ ئاﺩﻩﻡ كىم؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭﺍلغاﻥ ئىدﻯ، ئۇ زات:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! مەﻥ سېنىڭ ھەﺩىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى بىلگەچكە، بۇ گەپنى سەندىن بۇرۇن بىرﻩﺭسى سوﺭىمايدﯗ ﺩﻩﭖ ئويلىغاﻥ ئىدىم، قىيامەﺕ كۈنى شاپائىتىم بىلەﻥ ئەﯓ بەختلىك بولىدىغاﻥ ئاﺩﻩﻡ چىن ﺩىلىدىن ‹ﻻ ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەﻕ مەئبۇﺩ يوقتۇﺭ› ﺩېگەﻥ كىشىدﯗﺭ، — دېدى(51).
ھىممەت
مۇئمىن ئۈچۈن قىيامەت كۈنى شاپائەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشتىنمۇ بەكرەك شاپائەتچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى لايىق بولۇر.
ھەربىر ئۈممەت ئۆزلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغا ئەگىشىدۇ
بۇ مەھشەر كۈنىنىڭ ئاخىرىدا، بەندىلەر جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئايرىلىدۇ. بۇ ئىككىسى بەندىلەرنىڭ ئاخىر بارارجايىدۇر. ئۆلۈمدىن كېيىن جەننەت ۋە دوزاختىن باشقا جاي يوقتۇر.
بۇ بۈيۈك كۈننىڭ ئاخىرىدا، ھەربىر ئۈممەت دۇنيادىكى چاغدا ئىبادەت قىلغان ئىلاھىغا ئەگىشىدۇ. دۇنيادا ئىبادەت قىلىنغان ئىلاھلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. قۇياشقا ئىبادەت قىلغانلار قۇياشقا، ئايغا ئىبادەت قىلغانلار ئايغا ئەگىشىدۇ. بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىلاھلىرى سۈرەتكە كىرگۈزۈلىدۇ ۋە بۇ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىدۇ. پىرئەۋنگە چوقۇنغانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. بۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار بىلەن ماڭىدۇ. ئۇلار دۇنيادا بۇ ئىلاھلارغا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. بۇ تەرىقىدە بۇ ئىلاھلار ئاخىرى دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئارقىدىن ئۇلارغا چوقۇنغانلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ھەققىدە ئېيتىدۇ: ﴿پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!﴾(11/«ھۇد»: 98)
ئۇنىڭدىن كېيىن مۇئمىنلەر ۋە ئەھلى كىتابلار (يەھۇدىي، ناسارالار) قالىدۇ. بۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق بايان قىلغان: «قىيامەت كۈنى بولغاندا بىر جاكارچى چىقىپ: ‹ھەر ئۈممەت ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلىرىنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىدۇ› دەپ جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن غەيرى بولغان بۇت ۋە چوقۇنۇشقا تىكلەنگەن تاشلار قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلغانلاردىن بىرىمۇ قالماي ئارقا – ئارقىدىن دوزاخقا تۆكۈلۈپ، ئىتائەتمەن بەندە بولسۇن، مەيلى ئاسىي بەندە بولسۇن پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن ئەھلى كىتابلارنىڭ قالدۇقلىرىلا قېپقالىدۇ. يەھۇدىيلەر چاقىرىلىپ ئۇلاردىن: ‹كىمگە ئىبادەت قىلاتتىڭلار؟› دەپ سورىلىدۇ، ئۇلار: ‹بىز ئاللاھنىڭ ئوغلى ئۇزەيرگە ئىبادەت قىلاتتۇق›(52) دېيىشىدۇ، ئۇلارغا: ‹يالغان ئېيتتىڭلار، ئاللاھ خوتۇن ئالغان ياكى بالىلىق بولغان ئەمەس، نېمە تەلىۋىڭلار بار؟› دېيىلىدۇ، ئۇلار: ‹رەببىمىز! چاڭقاپ كەتتۇق، سۇ بەرسەڭ› دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئىشارەت قىلىنىپ: ‹سۇ ئىچكىلى بارمامسىلەر؟› دېيىلىپ، بىر – بىرىنى پاچاقلاپ كۆيۈۋاتقان گويا سەرابقا ئوخشاش دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئاندىن بىرىمۇ قالماي ئارقا – ئارقىدىن دوزاخقا تۆكۈلىدۇ، خرىستىئانلار چاقىرىلىپ ئۇلاردىن: ‹كىمگە ئىبادەت قىلاتتىڭلار؟› دەپ سورىلىدۇ، ئۇلار: ‹بىز ئاللاھنىڭ ئوغلى (ئىيسا) مەسىھكە ئىبادەت قىلاتتۇق› دېيىشىدۇ، ئۇلارغا: ‹يالغان ئېيتتىڭلار، ئاللاھ خوتۇن ئالغان ياكى بالىلىق بولغان ئەمەس، نېمە تەلىۋىڭلار بار؟› دېيىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئاخىرىدا ئىتائەتمەن بەندە بولسۇن، مەيلى ئاسىي بەندە بولسۇن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغانلار قېپقالغاندا، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلار بۇرۇن ئاللاھنى كۆرگەن سۈرەتكە ئەڭ يېقىن بىر سۈرەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا: ‹سىلەر نېمىنى كۈتۈپ تۇرىسىلەر، ھەر ئۈممەت ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلىرىنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىدۇ› دېيىلىدۇ. ئۇلار: ‹بىز دۇنيادىكى تۇرمۇشىمىزدا ئازغۇن كىشىلەرگە ئەڭ موھتاج تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولمىدۇق، (ئۇلارغا موھتاج بولمىغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ھەمراھ بولىمىزمۇ؟) بىز ھازىر بۇرۇن دۇنيادا ئىبادەت قىلغان رەببىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار› دەيدۇ. ئۇلار ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم: ‹بىز ئاللاھقا سىغىنىپ سەندىن پاناھلىق تىلەيمىز. ئاللاھقا ھېچكىمنى شىرك قىلمايمىز› دەيدۇ. ھەتتا بەزىلىرى كەينىگە قايتقىلى تاس قالىدۇ (چۈنكى ئاللاھ شۇڭغىچە ئۆزىنى تونۇتمىغان ئىدى). ئاللاھ: ‹سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىدا سىلەر ئۇنى تونۇۋالىدىغان بىرەر بەلگە بارمۇ؟› دېسە، ئۇلار: ‹پاچاق› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پاچىقىنى ئاچسا، ھەربىر مۇئمىن ئۇنىڭغا دەرھال سەجدە قىلىپ، دۇنيادا ئاللاھقا رىياخورلۇق ۋە باشقىلار ئاڭلىسۇن دەپ سەجدە قىلغانلار قېلىپ، سەجدىگە بېرىشقا ئۇرۇنغىنىدا ئومۇرتقىسى بىر تال تاختايدەك قېتىپ قالىدۇ. ئاندىن كۆۋرۈك كەلتۈرۈلۈپ دوزاخ ئۈستىگە قويۇلىدۇ›. بىز:
— يا رەسۇلەللاھ! كۆۋرۈك دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:
— تېيىلغاق، مۈدۈرۈلۈپ كېتىدىغان يەر بولۇپ، ئۈستىدە ئىلمەكلەر، قاماقلار ۋە نەجد دىيارلىرىدا بولىدىغان سەئدان تىكىنىدەك ئۇششاق ئوغرىتىكەنلىرى بار يايپاڭ مىخلار بار، مۇئمىن ئۇنىڭدىن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقاندەك، يەنە چاقماقتەك، يەنە شامالدەك، يەنە يورغا ئاتلاردەك ۋە تۆگىلەردەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ساق – سالامەت قۇتۇلغان، بەزىلىرى سۈركىلىپ زىدىلىنىپ قۇتۇلغان ۋە يەنە بەزىلىرى دوزاخ ئوتىدا دۆۋىلىنىپ قالغان بولىدۇ — دېدى»(53).
بۇ مەھشەر كۈنى پۈتۈن ئۈممەتلەر ئۈچۈن پىلسىراتتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇ يەردە پەقەت ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، سۈننەتكە ئەگەشكەن بولسۇن ۋە بىدئەت ئىش قىلغان بولسۇن، ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان ئىنسانلارلا قېپقالىدۇ ۋە يەنە ئەھلى كىتابلار قېپقالىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
ئۇلار پىلسىراتتىن قانداق ئۆتىدۇ؟
كافىرلار دوزاخقا قانداق ھەشر قىلىنىدۇ؟
بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن تۆۋەندىكى سەھىپىلەردە تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.
نىجاتلىق
قىيامەت كۈنى پەقەت شېرىكى يوق يەككە – يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرلا نىجات تاپىدۇ. باشقا باتىل ئىلاھلار بولسا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاخقا ھەيدەيدۇ.
كافىرلار دوزاخقا قانداق ھەشر قىلىنىدۇ؟
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا بىزگە مۇئمىنلەرنى ھۆرمەت، بەخت – سائادەت، خاتىرجەملىك ۋە زىيان يوق پايدا ئالغان ھالەتلىرىدە جەننەتكە قانداق ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى خەبەر بەردى ۋە يەنە كافىرلارنى دوزاخقا خار بولغان ھالەتلىرىدە قانداق ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى خەبەر بەردى. بۇ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ كىتابىدا ئېنىق بايان قىلىنغان. ئۇلۇغ ئاللاھتىنمۇ راستچىل كىم بار!؟
ئۇنداقتا كافىرلار دوزاخقا قانداق ھەيدىلىدۇ؟
ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟
ئۇلار دوزاخقا يېقىنلاشقاندا دوزاخ ئۇلارغا قانداق ھالەتتە بولىدۇ؟
ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى «قۇرئان» كەرىمنى ئوقۇپ تەپەككۇر قىلغان ئادەم كافىرلارنىڭ دوزاخقا بىرقانچە شەكىلدە ئېلىپ مېڭىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ:
بىرىنچى سۈرەت: ئۇلار ئۇ يەر، بۇ يەردىن چاقىرىلىدىغان بىر توپ چاھارپايلاردەك ھەشر قىلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلار جەھەننەمگە توپ – توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 71)، ﴿ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ﴾(52/«تۇر»: 13)، ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى – ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە توختىتىپ قويۇلىدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 19). يەنى ئىنسانلار ھايۋانلارنى توپلىغاندەك، كافىرلار توپلىنىدۇ، قىستىلىشىدۇ ۋە بىر – بىرىنى ئىتتىرىشىدۇ.
ئىككىنچى سۈرەت: ئۇلار دوزاخقا دۇنيادا پۇتلىرى بىلەن ماڭغاندەك ئەمەس، بەلكى يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر﴾(25/«فۇرقان»: 34).
بىر ئادەم:
— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى كافىر يۈزى دۈم ھالەتتە توپلىنامدۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— دۇنيادا ئۇنى ئىككى پۇتىدا ماڭدۇرغان زات قىيامەت كۈنى يۈزى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟! — دېدى»(^[54]).
كافىرلار بۇ خىل خار، ئەلەملىك ھالەتتە يۈزىچە ئېلىپ مېڭىلىش بىلەن بىرگە، كۆرەلمەيدىغان قارىغۇ، سۆزلىيەلمەيدىغان گاچا، ئاڭلىيالمايدىغان گاس ھالەتتە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 97).
ئۈچىنچى سۈرەت: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرى، ياردەمچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگە) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار﴾(37/«ساففات»: 22، 23). دېمەك، قىيامەت كۈنى ئىنسان ياخشى كۆرگەن قاياشى بىلەن ھەشر قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى سۈرەت: ئۇلار بۇ خىل ئېلىپ مېڭىلىشىدا مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر، قەھر قىلىنغۇچىلاردۇر، خار بولغۇچىلاردۇر ۋە ھۆرمەتلەنمەيدىغان ئىنسانلاردۇر.
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك»﴾(3/«ئال ئىمران»: 12).
بەشىنچى سۈرەت: ئۇلار دوزاخنىڭ قاينىغان ۋە ئېشەكتەك ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئارقىلىق قاتتىق قورقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 12).
ئالتىنچى سۈرەت: ئۇلار دوزاخقا يۈزلىنىپ، ئۇنى ئەينەن كۆرگەن چاغدا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ئىمان ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن دۇنياغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 27).
لېكىن، ئۇلار دوزاختىن قاچىدىغان جاينى تاپالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 53).
يەتتىنچى سۈرەت: گۇناھكارلار قاتتىق خارلىق بىلەن دوزاخقا ئىتتىرىلىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلارنىڭ بارارجايى نېمىدېگەن يامان!﴾(16/«نەھل»: 29)
ئاگاھلاندۇرۇش
پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (335)؛ مۇسلىم (521).
2. تىرمىزىي (2621)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 4143) «سەھىھ» دېگەن.
3. تىرمىزىي (2435). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3714) «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنى ماجە (4317). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3503) «سەھىھ» دېگەن.
5. مۇسلىم (199).
6. ئىبنى ماجە (4286). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3456) «سەھىھ» دېگەن. (ئوچۇم ئىنتايىن كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكتۇر — ت.)
7. بۇخارىي (4718).
8. مەدھىيەلىنىدىغان ماقام (الْمَقَامُ الْمَحْمُودٌ): قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ بۈيۈك شاپائەت قىلىش ماقامى بولۇپ، ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان، مەھشارگاھ ئەھلىنى ھېساب ئېلىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىنىش دەھشەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان كاتتا مەرتىۋەدۇر. جىمى ئەنبىيائلەر ئۆزرە ئېيتقاندىن كېيىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھشەرگاھ ئەھلىگە شاپائەت قىلىدۇ. بۇ پەزىلەتلىك ۋە شاراپەتلىك كاتتا مەرتىۋە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ساڭا نەفلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 79) دېگەن ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ مەرتىۋەنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىلىگەن كىشىنىڭ ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/339؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1594 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003 — ت.
9. بۇخارىي (1475).
10. ئىبنى ماجە (4308). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3496) «سەھىھ» دېگەن.
11. ھاكىم (226)؛ بەيھەقىي: «دەلائىلۇننۇبۇۋۋە»، 5/358. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3635) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4712)؛ مۇسلىم (194).
13.مۇسلىم (195).
14. بۇخارىي (1475).
15.مۇسلىم (197).
16.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4712)؛ مۇسلىم (194). (ھىميەر: يەمەن شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر، بۇسرا بولسا شام شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 19/28 — ت.)
17.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7410)؛ مۇسلىم (193).
18.تىرمىزىي (2435). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3714) «سەھىھ» دېگەن.
19.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7510)؛ مۇسلىم (193).
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6558)؛ مۇسلىم (191).
21. بۇخارىي (6559).
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3883)؛ مۇسلىم (209).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3884)؛ مۇسلىم (24) — ت.
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6561)؛ مۇسلىم (213).
25. مۇسلىم (213).
26. مۇسلىم (212).
27. مۇسلىم (920).
28. مۇسلىم (1378). بۇ ھەدىستىكى «كُنْتُ لَهُ شَفِيعًا أَوْ شَهِيدًا»دىكى «أَوْ» ئۆز مەنىسىدە تەقسىملەش ئۈچۈن بولسا، «مەدىنەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىر قىسمىغا شاپائەت قىلىمەن، بىر قىسمىغا گۇۋاھچى بولىمەن» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر «ۋە» مەنىسىدە بولسا، «مەدىنە ئەھلىگە ھەم گۇۋاھچى، ھەم شاپائەتچى بولىمەن» دېگەنلىك بولىدۇ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 5/28 — ت.
29. تىرمىزىي (3917). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3714) «سەھىھ» دېگەن.
30. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). يەنى ئاللاھ تائالا تەۋھىد ئۈستىدە ۋاپات بولغان بەزى كىشىلەرنى دوزاختا مەلۇم مۇددەت كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، دوزاختىن چىقىرىدۇ. ئاندىن ئۇلار جەننەتتىكى ھاياتلىق سۈيىگە تاشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى خۇددى كەلكۈندىن كېيىنكى لاي ۋە كۆپۈكلەرنىڭ ئارىسىدا قېپقالغان بىر تال دان ئۈنۈپ چىققاندەك ئۈنۈپ چىقىدۇ. يەنى بۇ دان لاي ۋە كۆپۈكلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۆستەڭنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ قالسا، بىر كېچە ۋە كۈندۈزدىلا قايتىدىن كۆكلەپ چىقىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ دوزاختا كۆيگەندىن كېيىن، يەنە تېز ئەسلىگە قايتىدىغانلىقىنى بۇ دانغا ئوخشاتتى. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە گۈزەللىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە ئۈزۈكلەر سېلىنىدۇ. بۇ ئۈزۈكلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بولمىسىمۇ، ئاللاھ مەغفىرىتى ۋە رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتىغا دالالەت قىلىدىغان بەلگىلەردۇر. دېمەك، ئۇلار ھېچقانداق بىر ئەمەل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن جەننەتكە كىرىدۇ. جەننەت ئەھلى ئۇلارغا قارىتا: «ئۇلار مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ ئازاد قىلغان بەندىلىرىدۇر (يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئازاد قىلىپ دوزاختىن قۇتۇلدۇردى)» دەيدۇ. ئاندىن ئاشۇ دوزاختىن قۇتۇلغانلارغا: «سىلەر كۆرگەن بۇ نېئمەتلەر سىلەرگە خاستۇر ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ بىر ھەسسىسى بار» دېيىلىدۇ.
31. مۇسلىم (183).
32. ئەبۇ داۋۇد (2522). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 8093) «سەھىھ» دېگەن.
33. تىرمىزىي (2438). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇلجەدئاﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتتا ساھابەلىرىدىن بولۇپ، ئىبادەتگۇي ۋە راستچىل زات ئىدى. ئۇ قىيامەت كۈنى كۆپ كىشىلەرگە شاپائەت قىلىدۇ.
34. مۇسلىم (804).
35. تىرمىزىي (2915). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1425) «ھەسەن» دېگەن.
36. يەنى: ئۇ كاتتا مۈلككە ۋە مەڭگۈلۈككە ئېرىشىدۇ دېمەكچى — ت.
37. ئەبۇ ئۇبەيد: «فەزائىلۇلقۇرئان»، (84). ئىبنى ھەجەر («ئەلمەتالىبۇل ئالىيە»، 4/66) «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
38. مۇسلىم (804). يەنى، بۇ ئىككى سۈرە ئىككى بۇلۇتتەك ياكى ئىككى قۇشلار توپىدەك ھالەتتە كېلىپ، بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇغان كىشىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شاپائەت قىلىدۇ.
39. ئەھمەد (15633). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
40. ئەھمەد (10610). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
41. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7492)؛ مۇسلىم (1151).
42. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2840)؛ مۇسلىم (1153).
43. ئەھمەد (6626). ئالبانىي («ھىدايەتۇررۇۋاتى»، 1904) «ھەسەن» دېگەن.
44. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1325)؛ مۇسلىم (945).
45. مۇسلىم (947).
46. بۇخارىي (614).
47. تەبەرانىي: («ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»نىڭ نەشر قىلىنمىغان قىسمىدا سەنەدلىك) رىۋايەت قىلغان. سۇيۇتىي: («ئەلجامىئۇسسەغىر»، (8792) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھۇلجامىئ» (6357) تا «ھەسەن»، «زەئىفۇتتەرغىب» (887) تە «زەئىف» دېگەن.
48. ئەھمەد (22432). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
49. مۇسلىم (489).
50. مۇسلىم (2598).
51. بۇخارىي (99).
52.ئۇزەيرگە ئىبادەت قىلغانلار يەھۇدىيلەرنىڭ بىر تائىپىسىدۇر، كۆپچىلىكى ئۇنداق قارىمايدۇ، بەلكى بۇ يەردىكى سوراق ئاشۇ تائىپىگە قارىتىلغان بولۇپ، باشقا تائىپىلەر ئۆزلىرى شىرك كەلتۈرگەن نەرسىلەرنى تىلغا ئالىدىغان بولسا كېرەك. خرىستىئانلاردىنمۇ شۇ تەرىقىدە سورالغان، چۈنكى ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئىبادەت قىلاتتۇق» دېگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بەزىسى: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلىرى: «بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي» 11/449 — ت.
53. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4581، 7439)؛ مۇسلىم (183).
54. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4760)؛ مۇسلىم (2806).

