مۇئمىنلەر پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ھەۋز(1)نىڭ يېنىدا ئۇچرىشىدۇ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا مۇبارەك قولى بىلەن سۇ بېرىدۇ، ئۇلار سۇنى ئىچكەندىن كېيىن مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەۋزىسىدىن مۇناپىقلار ۋە مۇرتەدلەرر قوغلىنىدۇ، ئۇلار سۇ ئىچەلمەيدۇ.
ئۇنداقتا ھەۋزى كەۋسەر دېگەن نېمە؟
ئۇنىڭ ئورنى نەدە؟
ئۇنىڭدىن سۇ ئىچىدىغانلارنىڭ سۈپەتلىرى قانداق؟
قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىدىن ئەڭ ئاخىرى ۋاپات بولغان ئادەمگە قەدەر بولغان نۇرغۇن ئىنسانلار بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاتتىق ئۇسسىغانلىقتىن كالپۇكلىرىنى نەمدىۋالغۇدەك بولسىمۇ بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىشقا تەشنا بولۇپ كېتىدۇ. دەل بۇ چاغدا ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەۋزى كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىن شۇ نەبىينىڭ ئۈممىتىدىكى نەبىيگە ئەگەشكەن ئىنسانلارلا سۇ ئىچەلەيدۇ.
ھەۋز سۇ يىغىلغان كۆلدۇر. ئەمما، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەۋزىسى بولسا ئاللاھ تائالا بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھۆرمەتلەپ قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك ۋاقىتتا ئاتا قىلغان پاك سۇ كۆلىدۇر. ئۇ ئىنتايىن كەڭرى، سۈيى بەك سۈزۈك، سۈيى سۈتتىن ئاق، ھەسەلدىن شېرىن، پۇرىقى ئىپاردىنمۇ پۇراقلىق ۋە ئىۋرىقلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بىر كۆلدۇر. بۇ ھەۋزگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى سۇ ئىچكىلى كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قېتىم سۇ ئىچكەن كىشى ئۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ.
ھەۋز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا خاسمۇ؟
قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا ھەربىر نەبىي ئۈچۈن بىر ھەۋز بولىدۇ. لېكىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ھەۋزىسىگە باشقا ئەنبىيائلەرنىڭ ھەۋزىسىگە قارىغاندا سۇ ئىچىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ھەممىدىن كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، ھەربىر نەبىينىڭ ھەۋزىسى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەۋزىسىگە سۇ ئىچكىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن پەخىرلىنىشىدۇ، مەن ھەۋزەمگە سۇ ئىچكىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»(2) دېگەن.
يەنى بارلىق ئەنبىيائلەر ئۈممىتىنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بەسلىشىدۇ، ئۈممىتىنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەر ئەڭ كۆپ بولغان نەبىي باشقا ئەنبىيائلەرگە قارىغاندا كۆپ خۇشال بولىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبىرى ھەۋزىسىنىڭ ئۈستىدىدۇر
بۇنداق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە باشقا ئىنسانلاردىن قەدىر – قىممىتىنى ئۈستۈن قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ نەبىي قىيامەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ خوجىسىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆيۈم بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىلىقى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم ھەۋزى كەۋسەرىمنىڭ ئۈستىدىدۇر»(3) دېگەن.
مۇئمىن قىيامەت كۈنىنىڭ مەيدانلىرىدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈشكە ۋە ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك قولىدىن مۇبارەك ھەۋزىدىن سۇ ئىچىشكە تەشنا بولىدۇ.
ھەۋزنىڭ جايى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى تەرتىبى
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار مەھشەردە يىغىلغان، قاتتىق قورققان ۋە ئۇسساپ كەتكەن، ئاندىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن ھەۋزگە كېلىشكە تەشنا بولغان چاغدا، مۇئمىنلەرنىڭ ھەۋزدىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن كېلىشى ئۇلار پىلسىراتتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بولامدۇ ياكى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن بولامدۇ؟
ئەھلى ئىلىملەر ھەۋزنىڭ جايى ھەققىدە ھەرخىل قاراشتا بولغان بولۇپ، توغرىسى «ئۇلارنىڭ ھەۋزگە سۇ ئىچىش ئۈچۈن كېلىشى پىلسىراتتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بولىدۇ» دېگەن قاراشتۇر. بۇنداق بولۇشى مۇرتەدلەر، كافىرلار ۋە مۇناپىقلار ھەۋزنىڭ يېنىدىن قوغلانغاندىن كېيىن باشقا ئىنسانلار بىلەن بىللە پىلسىراتتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ماڭىدۇ، ئۇلار كۆۋرۈكتىن ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.
كەۋسەر دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ھەۋز بىلەن بولغان ئالاقىسى
كەۋسەر بولسا بەك كۆپ ئىكەنلىككە دالالەت قىلىدىغان سۈپەتتۇر. كەۋسەر ھەۋزنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان دەريادۇر.
كەۋسەر دەرياسىنى ھەۋزگە ئوخشاش سۈپەتلىگەن ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى «‹قۇرئان›دا تىلغا ئېلىنغان كەۋسەر ھەۋز شۇدۇر» دەپ قارىغان. لېكىن، ئېنىقراق كۆرۈنىدىغىنى شۇكى، ھەۋز قىيامەت كۈنى مەھشەردە بولىدۇ. ئەمما، كەۋسەر بولسا جەننەتتىكى بىر دەريا بولۇپ، ھەۋز بىلەن بۇنىڭ ئالاقىسى بولسا كەۋسەر دەرياسىدىن ھەۋزگە سۇ قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەۋزنىڭ كەۋسەر دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش تەس ئەمەس. بۇ ھەقتىكى بايانلار جەننەتنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى بابتا تەپسىلىي كېلىدۇ.
ھەۋزنىڭ سۈپەتلىرى
ھەۋز بولسا جەننەتتىن چىققان سۇلار يىغىلغان جاي بولۇپ، مۇئمىنلەر مەھشەر كۈنى ئۇنىڭدىن سۇ ئىچىدۇ. ھەۋزنىڭ سۈپىتى، ئۇنىڭدىن سۇ ئىچەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن ھەيدىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ بايانى ھەققىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلدى. ھەۋزنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ يىغىندىسى تۆۋەندىكىچە:
ئۇ كەڭرى كۆلدۇر؛ ھەۋزنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، ھەسەلدىن شېرىن، پۇرىقى ئىپاردىنمۇ پۇراقلىقتۇر؛ ئۇنىڭ ئىۋرىقلىرى ۋە قاچىلىرى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدەك بەك كۆپتۇر؛ ئۇنىڭ بۇ پاك سۈيى كەۋسەر دەرياسىدىن كېلىدۇ؛ ئۇنىڭغا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى سۇ ئىچكىلى كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن بىر قېتىم سۇ ئىچكەن ئادەم ئۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ.
كەڭرى ھەۋز
ھەۋزنىڭ بويىغا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ قىستىلىشىپ قالماي، ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سۇ ئىچەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەك كەڭلىكى ۋە ھەجمىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى كۆپ ھەدىسلەردە كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسىگە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ھەۋزگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەۋزنى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىلەر بىلەن ئۆلچەپ، كۆپ شەھەرلەرنى تىلغا ئالغان:
«(قىيامەت كۈنى) سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا خۇددى جەرباﺋ بىلەن ئەزرۇھنىڭ ئارىلىقىدەك كەڭلىكتە ھەۋزى كەۋسەر بار»(4)، «ھەقىقەتەن، ھەۋزەمنىڭ كەڭلىكى ئەيلە بىلەن يەمەندىكى سانئائنىڭ ئارىلىقىدەكتۇر»(5)، «ھەۋزەمنىڭ ئىككى بويىنىڭ ئارىلىقى سانئاﺋ بىلەن مەدىنە (مۇنەۋۋەرە) نىڭ ئارىلىقىدەكتۇر»(6)، «ھەقىقەتەن، ھەۋزەم ئەيلەدىن ئەدەنگىچە بولغان ئارىلىقتىنمۇ كەڭراقتۇر»(7)، «ھەۋزەم ئەدەندىن ئاممانۇلبەلقائغىچە بولغان مۇساپىدەكتۇر»(8)، «ھەقىقەتەن، ھەۋزەم كەئبەدىن بەيتۇلمۇقەددەسكىچە بولغان مۇساپىدەكتۇر»(9)، «ھەقىقەتەن، مەن (ھەۋزى كەۋسەرگە) ئالدىڭلاردا بېرىپ تۇرغۇچىمەن، ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئەيلەدىن جۇھفەگىچە بولغان مۇساپىدەكتۇر»(10)، يەنە ھەۋزىسىنىڭ كەڭلىكى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇ زات: «مېنىڭ (مەدىنەدىكى) بۇ ئورنۇمدىن ئاممانغىچىلىكتۇر» دېگەن(11).
تۈرلۈك شەھەرلەرنى مىسال قىلىشتىكى سەۋەب
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسلەردە روشەن بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرلۈك شەھەرلەرنى مىسال قىلدى، چۈنكى بىر شەھەرنى بىلمىگەن ئادەم يەنە بىر شەھەرنى بىلىشى مۇمكىن.
ھەۋز تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىدۇر
بۇ ھەدىسلەردىن ھەۋزنىڭ شەكلىنىڭ كەڭلىكى بىر ئايلىق مۇساپىدەك، ئۇزۇنلۇقى بىر ئايلىق مۇساپىدەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. دېمەك، ھەۋزنىڭ ئىككى بويى تەڭ – باراۋەردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەۋزەم بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ بۇلۇڭلىرى باراۋەردۇر»(12) دېگەن.
ھەۋزنىڭ ئىۋرىقلىرىنىڭ سانى
مۇئمىنلەر ھەۋزگە سۇ ئىچكىلى كېلىدۇ ۋە قىستىلىشىپ قالماستىن نۇرغۇن ئىۋرىقلاردا سۇ ئىچىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەۋزدە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىۋرىقلار بار»(13) دېگەن.
ھەۋزنىڭ سۈيىنىڭ مەنبەسى
ھەۋزنىڭ سۈيى جەننەتتىكى كەۋسەر دەرياسىدىن چىقىپ قۇيۇلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەۋزگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتە سۇ قۇيۇلىدۇ»(14) دېگەن.
ھەۋزنىڭ سۈيىنىڭ سۈپىتى
ھەۋزنىڭ سۈيى ئەڭ شېرىن ۋە پاك سۇدۇر، بۇنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق، چۈنكى ئۇ جەننەتتىن چىققان سۇدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەۋزنىڭ سۈيىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە: «ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھەسەلدىنمۇ شېرىن بولۇپ، ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئىككى نوكەشتە سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، نوكەشنىڭ بىرى ئالتۇندىن، يەنە بىرى كۈمۈشتىندۇر»(15) دېگەن. يەنە: «ئۇنىڭ بۇيى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇيدۇر، قەدەھلىرى ئاسمان يۇلتۇزلىرىدەك»(16) دېگەن.
بىر قېتىم ئىچىش ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ
ھەۋزنىڭ سۈيىنىڭ بەك پاك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بىر قېتىم سۇ ئىچكەن ئادەم ئۇنىڭ نەقەدەر لەززەتلىك ۋە پاكلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭدا ئاسمان يۇلتۇزلىرىدەك كۆپ ئىۋرىقلار بار، ئۇنىڭدىن بىر ئىچكەن ئادەم مەڭگۈ چاڭقىمايدۇ»(17) دېگەن.
ھەۋزگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغان ئىنسان
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەۋزىسىنى ئاللاھ تائالا بۇ زاتنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئاتا قىلدى. رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سېخىيدۇر، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا ھۆرمەت ۋە ئېھسانغا لايىق زاتتۇر.
مۇئمىننىڭ ئىمانى قانچە كۈچلۈك بولسا ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلسا، ئۇ ھەۋزدىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئەڭ بالدۇر كەلگۈچىلەردىن بولىدۇ. ھەۋزدىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئەڭ باشتا كېلىدىغان ئىنسانلار بولسا ئاللاھ يولىدا جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ئاتىغان ۋە ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن پېقىر مۇھاجىرلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ زاھىرىنى ۋە باتىنىنى سۈپەتلەپ دېدىكى: ﴿(ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال – مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) سادىق ئادەملەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 8).
بۇ پېقىر مۇھاجىرلارنىڭ ئاۋۋالقىلىرى: ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق زاتلار ۋە باشقا ئەسھاب كىراملەردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەۋزنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدەكتۇر، ئۇنىڭدىن بىر ئىچكەن ئادەم مەڭگۈ چاڭقىمايدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ باشتا ئىچكىلى كېلىدىغانلار چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرى كونا، ھۇزۇر – ھالاۋەتتە چوڭ بولغان قىزلارنى نىكاھىغا ئالالمىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمىغان پېقىر مۇھاجىرلاردۇر» دېگەن(18).
يەمەن ئەھلىنىڭ ئىلگىرى باشلىنىدىغانلىقى
يەمەن ئەھلى ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ مۇلايىم ۋە كۆڭلى يۇمشاق ئىنسانلاردۇر. ئۇلار ئەخلاقى گۈزەل ۋە تەبىئەتلىرى پاك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى پەيدا قىلغان ئىنسانلاردۇر.
ئۇلارمۇ يەنە ھەۋزگە ئەڭ ئاۋۋال كەلگۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلاردىن بۇرۇن سۇ ئىچىشى ئۈچۈن ئۇلارنى باشتا باشلايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، مەن ھەۋزەمنىڭ ئالدىدا يەمەن ئەھلىنىڭ باشتا كېلىشى ئۈچۈن، باشقا ئىنسانلارنى يىراقلاشتۇرۇپ تۇرىمەن. سۇنىڭ ئۇلارغا كۈچلۈك ئېقىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇ سۇنى ھاسام بىلەن ئۇرىمەن»(19) دېگەن.
بۇ يەمەن ئەھلىنىڭ دۇنيادا ئىسلام ئۈچۈن قىلغان ياخشى خىزمىتىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن، ئۇلارغا ئەڭ باشتا كېلىپ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن قىلىنغان ئىززەتتۇر.
ھەۋزگە كېلىدىغان ئىنسانلار
بەندە قانچىلىك تەقۋادار بولسا، قىيامەت كۈنى ھەۋزگە شۇنچە تېز كېلىدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سالىھ ئىنسانلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىدۇر. بولۇپمۇ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئىبارەت توغرا يولدا ماڭغان تۆت خەلىفەدۇر. ئەنسارلارمۇ ھەم ھەۋزگە باشتا كېلىدىغانلاردىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلار ئۈچۈن: «مەندىن كېيىن قاتتىق شەخسىيەتچىلىكلەرنى كۆرىسىلەر، مەن بىلەن ئۇچراشقۇچە سەبر قىلىڭلار»(20) دېگەن.
ۋە يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دىندىن چىقىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەر ۋە قەلبىدە كۇفرىنى يوشۇرۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىيامەت كۈنى سىرلىرىنىڭ ئېچىلىپ رەسۋا بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەۋزنىڭ يېنىدىن ھەيدىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ دېگەنكى: «مەن ھەۋزى كەۋسەرگە ئالدىڭلاردا بېرىپ تەييارلاپ تۇرغۇچىمەن، سىلەردىن بىرمۇنچە كىشىلەر ماڭا ئېلىپ كېلىنىپ، مەن ئۇلارنى تارتىپ ئېلىۋالاي دەپ شۇنداق ئېڭىشسەم، ئۇلار مەندىن تارتىپ ئايرىۋېتىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن:
— ئى رەببىم! بۇلار مېنىڭ ئەسھابلىرىم! — دېسەم، ماڭا:
— ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نېمىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن، — دەيدۇ»(21).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار ئارقىغا يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كېتىشكەن»(22) دەپ كەلگەن.
ئاگاھلاندۇرۇش
بۇ ھەدىسلەردە ئەسھاب كىراملەرگە قىلىنغان تەنقىد يوق. بەلكى بۇنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ھەۋزنىڭ يېنىدىن ھەيدىلىدىغانلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام دىنىدىن چىقىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ۋە كۇفرى ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەردۇر.
ھەربىر مۇئمىنگە مەلۇمكى، مەشھۇر ئەسھابلەردىن بىرەرسىمۇ مۇرتەد بولۇپ كەتمىگەن. پەقەت دىنغا ياردەم بەرمىگەن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشىمىغان، ھەمسۆھبەت بولمىغان، ئىلىم تەلەپ قىلمىغان ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزلەشتۈرمىگەن نادان ئەئرابىيلاردىن بىر قىسمىلا مۇرتەد بولۇپ كەتكەن.
ۋە يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەۋزنىڭ يېنىدا كۆرۈپ تونۇيدىغان ۋە ئەسھابلىرىمتى دەيدىغان ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ۋە ئۇنىڭدەك مۇناپىقلارمۇ بار، ئۇلار بولسا قەلبىدە كۇفرىنى يوشۇرۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغانلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەۋزى پەقەت ئۈممىتىگىلا خاستۇر
قىيامەت كۈنى ھەربىر نەبىينىڭ بىر ھەۋزى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈممىتىنىڭ ئىچىدىكى مۇئمىنلەر سۇ ئىچىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەۋزىسىنىڭ ئۈممىتىگىلا خاس قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈممەتلەرنىڭ سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ھەربىر ئۈممەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەۋزىسىدىن سۇ ئىچىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىپ دېدىكى:
— ئۈممىتىم ھەۋزەمنىڭ بويىغا كېلىدۇ، مەن خۇددى بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمنىڭ تۆگىسىنى ئۆزىنىڭ تۆگىسىدىن يىراقلاشتۇرغاندەك، ھەۋزەمدىن باشقا ئىنسانلارنى يىراقلاشتۇرىمەن، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى تونۇمدىلا؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— شۇنداق، سىلەرنىڭ باشقىلاردا يوق بەلگەڭلار بار، سىلەر يېنىمغا تاھارەتنىڭ ئەسەرىدىن پېشانەڭلار ۋە قول – پۇتلىرىڭلار نۇرلۇق ھالەتتە كېلىسىلەر، يېنىمغا سىلەردىن بىرمۇنچە ئىنسانلار كېلىشتىن توسۇلىدۇ، كېلەلمەيدۇ، مەن: ‹ئى رەببىم! ئۇلار مېنىڭ ئەسھابلىرىم ئىدى! دەيمەن›، ماڭا بىر پەرىشتە جاۋاب قايتۇرۇپ: ‹ئۇلار سەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟› دەيدۇ، — دېدى»(23).
بۇ ھەدىس شۇنى كۈچلەندۈرىدۇكى، ھەۋزنىڭ يېنىدىن ھەيدىلىدىغانلار قەلبىدە كۇفرىنى يوشۇرۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغان ۋە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمسۆھبەت بولغان مۇناپىقلاردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى دۇنيادا: «ئى مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇۋاتقانلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرمۇنچىسى قىيامەت كۈنى ھەۋزەمنىڭ يېنىدىن ھەيدىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغاندەك بولدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئۆز ھەقىقىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ مۇناپىقلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە رەسۋا قىلىندى، ئۇلار ئۇ زات بىلەن ئوھۇد جېڭىگە بىللە چىقىپ، جەڭ مەيدانىغا يېتىپ بارغاندا كەينىگە يېنىپ كەتكەنلەرگە ئوخشاش. ئۇلار ئۈچ يۈز كىشى ئىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن چوقۇم بىرمۇنچە (ئازغۇن) ئادەملەرنى خۇددى پادىغا قوشۇلۇپ قالغان يات تۆگە كۆلدىن قوغلانغاندەك ھەۋزىمدىن قوغلىۋېتىمەن»(24) دېگەن.
قىيامەت كۈنى ئۈممەتلەر بەك كۆپ بولۇپ، زور قىستاڭچىلىق بولىدۇ، خالايىقلارنىڭ سانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەت كۈنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى باشقا ئۈممەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەك ئازدۇر.
قىيامەت كۈنىنىڭ ئاشۇ دەھشەتلىك مەيدانلىرىدا ئىنسانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا شاپائەتچىلەرگە موھتاج بولىدۇ. بۇ شاپائەتچىلەر ئەنبىيائلەر، پەرىشتىلەر، شۇھەداﺋ ۋە سالىھلەردۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى بابتا تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئەقىدە
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسھابلىرى بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ياخشىلىرىدۇر، ئۇلار يەنە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەۋزىگە تۇنجى بولۇپ سۇ ئىچكىلى كېلىدىغانلاردۇر.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. ھەۋزى كەۋسەر (الْحَوْضُ وَالْكَوْثَرُ): ئەرەبچىدە «كۆل» مەنىسىدىكى «ھەۋز» كەلىمەسى بىلەن «بەك، كۆپ، نۇرغۇن» مەنىسىدىكى «كەۋسەر» كەلىمەسىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان، قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانىدا ئۈممەتى مۇھەممەد سۇ ئىچىشكە كېلىدىغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇئمىنلەرنى مۇبارەك قولى بىلەن ئۇنىڭ سۈيىدە سۇغىرىدىغان؛ جەننەتتىكى كەۋسەر دەرياسىدىن ئىككى نودىن سۇ قۇيۇلىدىغان، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى شام بىلەن يەمەن ئارىلىقىدەك ناھايىتى كاتتا، قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك ساناقسىز، سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق، كىم ئۇنىڭدىن ئىچسە مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان ئالاھىدە بىر كۆلدۇر. ھەۋزى كەۋسەرنىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتىگە ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلىقى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر شۇنداقلا ئەھلىسۈننەت ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن سابىت بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىدە ئاخىرەتكە ئالاقىدار ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ پىلسىراتنىڭ ئالدىدىراق ئىكەنلىكىنى، خالايىق قەبرىدىن چاڭقىغان ھالدا قوپۇپ سۇ ئىچكىلى ئۇنىڭ بويىغا كېلىدىغانلىقىنى، كافىرلار، دىندا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلغان ئازغۇن پاسىقلارنىڭ ئۇنىڭدىن قوغلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 580 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 725 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017 — ت.
2. تىرمىزىي (2443). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 2156) «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1196)؛ مۇسلىم (1391).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6577)؛ مۇسلىم (2299). «جەرباﺋ ۋە ئەزرۇھ» ئىككىسى خۇددى، «مەككە ۋە مەدىنە»، «دەجلە ۋە فۇرات» دېيىلگەندەك بىللە تىلغا ئېلىنىدىغان، كۈنىمىزدە ئىئوردانىيە مەملىكىتىدىكى ئىككى يېزا بولۇپ، مەئان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 22 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. بۇ ئىككى يېزىنىڭ يولى مەئان شەھىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6580)؛ مۇسلىم (2303). «ئەيلە» ئىئوردانىيەدىكى ئەقەبە قولتۇقىنىڭ تۆپىلىكلىرىگە جايلاشقان ئەقەبە شەھىرىنىڭ قەدىم ئىسمىدۇر. بۇ تاغلار بىلەن قورشالغان شەھەر بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ شەھەرنى ھ. 10 / م. 631 – يىلى فەتىھ قىلغان. ئۇ ئىئوردانىيە مەملىكىتىنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى بىردىنبىر پورتىدۇر.
6. مۇسلىم (2303). «سانئاﺋ» بۈگۈنكى يەمەننىڭ پايتەختىدۇر. «مەدىنە» سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان پەيغەمبەر شەھىرىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ شەھەرنى «تەيبە» دەپمۇ ئاتىغانىدى.
7. مۇسلىم (247). «ئەدەن» يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر. «ئەيلە» ئىئوردانىيەدىكى ئەقەبە شەھىرىدۇر.
8. تىرمىزىي (2444). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 2060) «سەھىھ» دېگەن. «ئاممان» بۈگۈنكى ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختىدۇر. ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان «ئاممانۇلبەلقاﺋ» بولسا ئىئوردانىيەنىڭ شام زېمىنىدىكى بىر ئىقلىم بولۇپ، ئاممان شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىقلىمنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن يەنە: ئاممان، سەلەت، مادبا، زەرقاﺋ ۋە رەسىيفە قاتارلىقلار بار.
9. ئىبنى ماجە (4301). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3470) «سەھىھ» دېگەن. «كەئبە» مەككەدىكى مەسجىدۇلھەرامنى كۆرسىتىدۇ. «بەيتۇلمۇقەددەس» پەلەستىندىكى مەسجىدۇلئەقسانى كۆرسىتىدۇ.
10. مۇسلىم (2296). «جۇھفە» جىددە شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەر بولۇپ، جىددە شەھىرىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەھەرنىڭ بەلگىلىرى يوقاپ كەتكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى مەشھۇر شەھەرلەردىن رابىغ شەھىرى بار بولۇپ، رابىغ بۇ شەھەردىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىدۇر.
11. مۇسلىم (2301).
12. مۇسلىم (2292). يەنى ئىنسان ھەۋزنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن يەنە بىر بۇلۇڭىغا بىر ئايدا مېڭىپ بارىدۇ» دېگەنلىكتۇر. «ئۇنىڭ بۇلۇڭلىرى باراۋەردۇر» دېگەنلىك «ئۇنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن ھەربىر بۇلۇڭنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە باراۋەردۇر» دېگەنلىكتۇر.
13. مۇسلىم (2303).
14. مۇسلىم (2300).
15. مۇسلىم (2301).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6579)؛ مۇسلىم (2292).
17. مۇسلىم (2299).
18. تىرمىزىي (2444). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3162) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: پېقىر، ئاجىز مۇھاجىرلار بولسا ۋەتىنىنى ۋە مال – مۈلكىنى تەرك ئەتكەن ۋە دىنىنى دەپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردۇر، ئۇلار بولسا ھەۋزگە ئەڭ باشتا كېلىدىغان ئىنسانلاردۇر. ئۇلار پېقىر بولغانلىقى ئۈچۈن چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرى كونا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ پېقىرلار ئىدى. ئۇلار يەنە ئادەتتە بايلارغا ئېچىلىدىغان ئۆيلەر ئۇلارغا ئېچىلمىغان ئىنسانلاردۇر.
19. مۇسلىم (2301).
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2377)؛ مۇسلىم (1059). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، سىلەر ئەڭ ھەقلىق بولساڭلارمۇ، سىلەردىن ئىنئام ۋە ھەدىيەلەرنى بېرىشتە ئىلگىرى قىلىنىدۇ. سىلەرنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبى، سىلەر ئىسلامغا ياردەم بەرگەن تۇنجى ئىنسانلار بولغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. لېكىن، سىلەر ئىشنى ئۇنىڭ ئەھلىدىن تالاشماڭلار ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار ۋە ھەۋزنىڭ يېنىدا ماڭا مۇلاقات بولغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار، دېگەنلىكتۇر.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7049)؛ مۇسلىم (2287).
22. بۇخارىي (6586).
23. مۇسلىم (247). ھەدىسنىڭ مەنىسى: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئۈممەتلەرنى ھەۋزىسىدىن سۇ ئىچىشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. سەۋەبى ئەگەر ئۇلار مۇئمىنلەردىن بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئەنبىيائلىرىنىڭ ھەۋزىسىدىن سۇ ئىچەلەيدۇ. ئەسھابلەر: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى بىزنى تونۇمدىلا؟» دەپ سورىغاندا، ئۈممىتىنىڭ باشقا ئۈممەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر بەلگىسى بارلىقىدىن خەبەر بەردى. بۇ بەلگە بولسا تاھارەتنىڭ ئەسەرىدىن قول – پۇت ۋە پېشانىلىرىنىڭ نۇرلۇق ھالەتتە بولۇشىدۇر.
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2367)؛ مۇسلىم (2302). بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى «باشقا ئۈممەتلەرنى ھەۋزەمدىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئەگەر ئۇلار مۇئمىن بولسا، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەلىرىنىڭ ھەۋزىسىدىن سۇ ئىچىدۇ ۋەيەنە بىرمۇنچە ئىنسانلارنى يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار دۇنيادا مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقان، لېكىن دىنغا دۈشمەنلىك قىلغان مۇناپىقلاردۇر» دېگەنلىكتۇر.

