ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: راست سۆزلىگۈچى ھەم راست سۆز يەتكۈزۈلگۈچى زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇنداق ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇنداق بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ تۆرت نەرسىنى پۈتۈشكە بۇيرۇلۇپ: ئۇنىڭ ئەمەلىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى ۋە ‹بەختلىك ياكى بەختسىز› دەپ پۈتكىن دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇڭا، بىرىڭلار ئەمەل قىلىپ جەننەتكە كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ قېلىپ، ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ قالىدۇ. يەنە بىرىڭلار ئەمەل قىلىپ كېلىۋېتىپ، دوزاخقا كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ قېلىپ، ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ قالىدۇ» («سەھىھەين»).
كۆپلىگەن ئالىملار بۇ ھەدىسنى: «تۆرەلمە 120 كۈندە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ھەربىر باسقۇچ قىرىق كۈن بولىدۇ. سۈرىتى مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەندە، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئۈچ باسقۇچنى بىرقانچە سۈرىدە (22/«ھەج»: 5؛ 23/«مۇئمىنۇن»، 14) بىر مۇددەت توختاتماستىن بايان قىلغان. دېمەك، روھ تۆرت ئايدىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ» دەپ چۈشەنگەن.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، «سۈرەتكە كىرگۈزۈش ۋە يارىتىش ھەقىقەتەن ئىككىنچى قىرىقنىڭ بېشىدا بولىدۇ، ئەمما ئۇندىن ئىلگىرىكى ئۈچ باسقۇچ دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە بولىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان تەرىپى يوق» دەپ قارىغان. قاراڭ: «فەتھۇلبارىي»، 11/483.
ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى مۇسلىم (2644، 2645) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرىشتەنىڭ يېزىشىنى: «قىرىق نەچچە»؛ «قىرىق بەش» كۈندە دەپ بېكىتكەن. ئەمەلىيەتتە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بىلەن ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئوتتۇرىدا ياكى ھەدىس بىلەن تېبابەت ۋە ئىلىم – پەن ھەقىقەتلىرى ئوتتۇرىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق. چۈنكى، ھەر ئىككى ھەدىسنى قىرىق كۈن ئىچىدە تۆرەلمىنىڭ ئۈچ باسقۇچى ئۆتۈپ بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەمەلىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى ۋە بەختلىك ياكى بەختسىز دەپ پۈتۈش بىلەن باشقا بىر مەخلۇق ھالىتىگە ئۆتۈش بولىدۇ دەپ چۈشىنىلگەندە، ھەر ئىككى ھەدىس بىر – بىرىگە ماسلاشقان ۋە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى تەپسىلىي ئىزاھلىغان بولىدۇ. بولمىسا، ئىبنى مەسئۇد ھەدىسىدىكى «ئاشۇنداق» دېگەن ئىشارەتنى قىرىق كۈنگە قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ – دە، ئىككى ھەدىس بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالىدۇ ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئۈچ باسقۇچنى 120 كۈندە بولىدۇ دېسە، ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىنى 40 كۈندە بولىدۇ دېگەن بولىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ماسلاشتۇرۇپ چۈشىنىشنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە (2643) مۇنداق ئىبارە بىلەن كەلگەن: «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ. ئاندىن ئاشۇنىڭدا ئاشۇنداق ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن ئاشۇنىڭدا ئاشۇنداق بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ. ئاندىن بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ رىزقى، ئەجىلى، ئەمەلى ۋە بەختلىك ياكى بەختسىز دەپ تۆرت كەلىمەنى پۈتۈشكە بۇيرۇلىدۇ…» دېمەك، بۇ رىۋايەتتە «ئاشۇنىڭدا» دېگەن ئىبارە زىيادە كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ھەدىسنى: «يارىتىلىش ماددىسى جەملەنگەن ئاشۇ قىرىق كۈن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇيۇل قان ۋە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ» دەپ چۈشىنىش مۇئەييەنلىشىدۇ. بۇ رىۋايەتتىكى «ئاشۇنىڭدا» دېگەن ئىشارەنىڭ دەسلەپكى قىرىق كۈننى كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ئابىمەنى بالىياتقۇدا قىرىق كۈن ياكى قىرىق كېچە بەرقارار بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ: ئى رەببىم! ئۇنىڭ رىزقى نېمە؟… » دەپ رىۋايەت قىلغان. (ئەھمەد، 15269. شۇئەيب ئەلئارنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن) مانا بۇ ھەدىس پۈتۈشنىڭ دەسلەپكى قىرىق كۈندىن كېيىن بولىدىغانلىقى جەھەتتىن ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە ئۇدۇل كېلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇيۇل قان ۋە بىر چىشلەم گۆش بولۇشتەك ئىككى باسقۇچ تاماملىنىپ، تۆرەلمە ئىنسان شەكلىگە كىرىدۇ. مانا بۇ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى: «يارىتىلىش ماددىسى جەملىنىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسىدۇر.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مۇسلىم (2645) دىكى يەنە بىر ۋارىيانتىدا «ئابىمەنى چۈشۈپ قىرىق ئىككى كېچە ئۆتسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قۇلىقىنى، كۆزىنى، تېرىسىنى، گۆشىنى ۋە ئۇستىخىنىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن: ئى رەببىم! ئەركەكمۇ چىشىمۇ؟ دەيدۇ… » دەپ كەلگەن. قۇرئان كەرىمدىمۇ ئۇستىخانلارنى بىر چىشلەم گۆش باسقۇچىنىڭ ئارقىدىنلا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئارقىدىنلا ئۇيۇل قاننى بىر چىشلەم گۆش قىلىپ ياراتتۇق، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا بىر چىشلەم گۆشنى ئۇستىخان قىلىپ ياراتتۇق، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئۇستىخانغا گۆش قوندۇردۇق﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 14). ئۇستىخان قىلىپ يارىتىش بولسا ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە قىرىق نەچچە كۈندىن كېيىن بولىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، بىر چىشلەم گۆشنىڭ پەيدا قىلىنىشى ئۈچىنچى قىرىق كۈندىن كېيىن ئەمەس، دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە بولۇشى كېرەك. بۇنى ھازىرقى يېڭى ئاناتومىيە تېبابىتىمۇ تەكىتلىگەندۇر. ئۇنداق بولغاندا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى مۇنداق بولىدۇ: «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ… ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىدۇ». بۇ چېكىتلەر ئورنىدىكى ئىككى جۈملە بولسا قىستۇرما جۈملە ئورنىدا بولىدۇ ۋە ئۇ ئىككى جۈملە «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ داۋامى ۋە بىر پارچىسى، بەلكى ئىزاھاتى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇب قۇرئان كەرىمدە، ھەدىس شەرىفلەردە ۋە ئەرەب تىلىدا مەۋجۇدتۇر. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/489.
بۇ ھەدىستىكى «ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن جۈملە بىر چىشلەم گۆشتىن كېچىكىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى، تۆرەلمە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان باسقۇچلار تەرتىپ بويىچە تىلغا ئېلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بۇ باسقۇچلار ئارقىمۇئارقا بايان قىلىنسا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. قاراڭ: «مىرئاتۇل مەفاتىھ شەرھۇ مىشكاتۇل مەسابىھ»، 1/416.
«ئاندىن» دېگەن كەلىمە ئەرەب تىلىدا ئادەتتە تەرتىپ بويىچە ئارقىدىن كېلىشىنى بىلدۈرسىمۇ، بىرەر قەرىنە تېپىلغاندا تەرتىپ بويىچە ئارقىدىن كېلىشنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىن مىسالى، 32/«سەجدە»: 9 – ئايەتتىكىگە ئوخشاش. ئۇ ئايەت 8 – ئايەتتىن كېيىن تەرتىپ بويىچە كېلىشنى كۆرسەتمەستىن، 7 – ئايەتتىن كېيىنكى تەرتىپنى، 8 – ئايەت بولسا 9 – ئايەتتىن كېيىنكى تەرتىپنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 6/22.
بۇ ئايەتلەردىكى ئۇسلۇبنىڭ ئۆزى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى تەرتىپتۇر. بۇنىڭ بىلەن يەنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى ئىككى «ئاندىن» كەلىمەسىنى مۇشۇ تەرىقىدە چۈشىنىش بىلەن ئۇ ھەدىسنى ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە ئوخشاش ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىنى دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە بولىدۇ دېگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ چۈشەنچە تۆرەلمە ئىلمىدە كەسكىن مەلۇم بولۇپ كەتكەن «تۆرەلمىنىڭ ئۈچ باسقۇچنى دەسلەپكى قىرىق كۈننىڭ ئۆزىدە بېسىپ بولىدىغانلىقى ۋە ئارقىدىنلا ئىنسان شەكلىنىڭ مۇكەممەللىشىپ بولىدىغانلىقى»دىن ئىبارەت يەكۈنگە ئۇدۇل كېلىدۇ. چۈنكى، ئىلىم – پەن يەكۈنىدە دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئاساسلىق ئۈچ باسقۇچ مۇنداق تاماملىنىدۇ: تۆرەلمە دەسلىپىدە يەتتىنچى كۈنىگىچە ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان ئابىمەنىدىن ئىبارەت بولىدۇ ۋە ئابىمەنىنىڭ ھۈجەيرىلىرى يەتتىنچى كۈندىن 13 – كۈنگىچە تۆرەلمە توقىچىدا جەملىنىدۇ. ئاندىن تۆرەلمە توقىچى 15 – كۈندىن 24 – كۈنگىچە ئابىمەنى شەكلىدىن ئۇيۇل قانغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن 25 – كۈندىن 42 – كۈنگە قەدەر ئەتراپىدا ئۇيۇل قان بىر چىشلەم گۆشكە ئايلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يېڭى ئىلىم – پەن بايقاشلىرى قۇرئان ۋە ھەدىس ھەقىقەتلىرى بىلەن كەسكىن جىپىسلىشىدۇكى، ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. شۇڭا، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئىزاھلاشتا ئىلىم – پەننىڭ كەسكىن بولغان يەكۈنلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. قاراڭ: كەرىم نەجىب ئەغەر: «بالىياتقۇلار يوشۇرغان تۆرەلمىلەردىكى قۇرئان مۆجىزىلىرى / إعجاز القرآن في ما تخفيه الأرحام: وما جاء في علم الوراثة والرضاعة وبدء الخلق»، 427 – بەت.
تۆرەلمە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ» دېگەن تۇنجى جۈملىمۇ تۆرەلمىنىڭ قىرىق كۈنگە يېقىن مۇددەتتە يارىتىلىش ماددىسى شەكىللىنىپ، ئىنسان شەكلىگە كىرىپ بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلارنىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ قىرىق كۈن ئىچىدە تەن قۇرۇلۇشىڭلار جەملەنگىنىدەك جەملەنگەن ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ قىرىق كۈن ئىچىدە يارىتىلىش مادداڭلار جەملەنگىنىدەك جەملەنگەن بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن تۆرەلمە بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچلار ھەققىدىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئايان بولىدۇ. ئۇنداقتا، روھ قاچان پۈۋلىنىدۇ؟ جىمى ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلىنگەن مەزكۇر ئېنىق ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بىردەك ئىتتىپاق بولغىنى شۇكى، روھ بىر چىشلەم گۆش باسقۇچى تاماملانغاندا پۈۋلىنىدۇ. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى ئۈچ باسقۇچنى 40 كۈندىن جەمئىي 120 كۈن دەپ چۈشەنگەچكە، «سۈرىتى 120 كۈندىن كېيىن مۇكەممەللەشكەندە ئاندىن روھ پۈۋلىنىدۇ» دەپ قارىغان. قازى ئىياز ۋە ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق دەپ قارىغان. قاراڭ: نەۋەۋىي: شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم، 8/489؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/484. ئەلبەتتە بۇلار ئۆز زامانىدىكى تېبابەت ئىلمىنىڭ يەكۈنلىرىدىنمۇ پايدىلانغان.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى ھەدىسىنىڭ زاھىرى تۆرەلمىنىڭ ئۈچ باسقۇچنى 120 كۈندە بېسىپ بولىدىغانلىقى ۋە ئارقىدىن ئىنسان شەكلىنىڭ مۇكەممەللىشىپ، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە، ئۇنىڭ مۇسلىمدىكى ھەدىسىنىڭ زاھىرى بۇ ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە تاماملىنىپ، ئارقىدىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا مۇسلىمدىكى ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەسلەپكى قىرىق ئىككى كۈن ئىچىدە تۆرەلمىنىڭ قۇلىقىنى، كۆزىنى، تېرىسىنى، گۆشىنى ۋە ئۇستىخىنىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسىمۇ قوشۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھازىرقى بەزى ئالىملار «ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى قىرىق كۈن ئىچىدە تاماملىنىپ بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن روھ پۈۋلىنىدۇ» دېگەن قاراشنى تەرجىھ قىلسىمۇ، روھنىڭ قاچان پۈۋلىنىشى ھەققىدە كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئاندا ﴿روھ پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىشىدۇر. سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەندۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 85)، ﴿ئاندىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 14) دەپ روھنىڭ پۈۋلىنىشىگە ئىشارەت قىلغان. لېكىن، سەھىھ ھەدىسلەردە قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىنلىكى ئېنىق. ئەمما، 120 كۈندىمۇ ياكى 42 كۈن بىلەن 120 كۈن ئارىلىقىدىمۇ كېسىپ ئېيتىش ئېنىق دەلىلگە موھتاج. ئۇ ھەدىسلەردىكى روھ پۈۋلىنىش ھەققىدىكى بايانلار ھەرگىزمۇ «روھ تۆرت ئايدىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ» دېگەن قاراشقا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈش بىلەن پۈتۈك ۋاقتى ئايرىم، روھنى پۈۋلەش ۋاقتى ئايرىم دېيىش مۇمكىندۇر. روھ ھەرگىزمۇ شەكىلگە كىرگۈزۈش بىلەن پۈتۈك ۋاقتىنىڭ ئارقىدىنلا پۈۋلىنىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىمۇ ئارقىدىنلا پۈۋلىنىدىغانلىقىغا دەلىل يوقتۇر. ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلار تۆرەلمە 12 – ھەپتىسى (84 كۈن) ئەتراپىدا مۇھىم بىر باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. شۇ چاغدا ئاندىن ئۇنىڭدا ئىنسانىي ھايات باشلىنىدۇ دەپ قارىماقتا. قاراڭ:
Gad – El – Hak, Abortion: E Medical and Fekh study on the light of Holy Quran and Prophetic sonna. P 27.
ئۇنداق بولىدىكەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: «ھەربىرىڭلارنىڭ يارىتىلىش ماددىسى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ قىرىق كۈن ئىچىدە يارىتىلىش مادداڭلار جەملەنگىنىدەك جەملەنگەن ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ قىرىق كۈن ئىچىدە يارىتىلىش مادداڭلار جەملەنگىنىدەك جەملەنگەن بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئىبنى فەرىد زەريۇخ: «المعارضات الفكرية لأحاديث الصحيحين»، 3/1542 – 1556.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1447، 8 – سەفەر / م. 2025، 2 – ئاۋغۇست

