ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈن ئولتۇرغان چاغدا مەندىن:
— كۈننىڭ قەيەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ — دەپ سورىۋىدى، مەن:
— بۇنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئوبدان بىلىدۇ، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداق بولسا بىلگىنكى، قۇياش ماڭا – ماڭا ئەرشنىڭ ئاستىغا بېرىپ ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئاندىن (مەشرىقتىن چىقىشقا) ئىجازەت سورايدۇ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلىدۇ. سەجدە قىلسا قوبۇل قىلىنماي قېلىشقا، ئىجازەت سورىسا ئىجازەت بېرىلمەي قېلىشقا تاس قالىدۇ. ئىجازەت بېرىلمىسە، ئۇنىڭغا: ‹كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايت› دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاتىدىغان يېرىدىن چىقىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ: ﴿قۇياش قارارگاھىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، ئىززەت ئىگىسى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ بەلگىلىشىدۇر﴾(36/«ياسىن»: 38) دېگەن بۇ سۆزىدە بايان قىلىنغاندۇر، — دېدى» («سەھىھەين»).
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا شەيخ رەشىد رىزا قاتارلىق بەزىلەر: «يېڭى ئىلىم – پەن تەرەققىياتىدىن ۋە كۆز بىلەن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈن بىر جايغا نىسبەتەن پاتسا، يەنە بىر جايغا چىقىدۇ، ھەدىستە كەلگىنىدەك باشقا يەرگە يوقاپ كەتمەيدۇ. ‹يوقاپ كېتىدۇ› دېيىش ئىلىم – پەنگە ۋە كۆز بىلەن كۆرۈنگىنىگە زىت كېلىدۇ. يەنە كۈننىڭ ئەقىل – ئىدراكى بولمىسا، قانداقمۇ ئەقىل – ئىدراكلىق مەخلۇققا ئوخشاش سەجدە قىلسۇن؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ بىلەن ھەدىسنى رەت قىلماقچى بولغان. قاراڭ: «مەنار ژۇرنىلى توپلىمى»، 27/610.
ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى: «قاچانكى ھەدىسنىڭ غەيبىي ۋە مېتافىزىكىلىق تەرىپى ئىلمىي ئۇسۇلدا كەسكىن ئىسپاتلانسا، ئاندىن ھەدىسنى ئىلىم – پەنگە ۋە كۆز بىلەن كۆرۈنگىنىگە زىت كېلىدۇ» دېگىلى بولاتتى. ھالبۇكى، ھەدىسنىڭ بۇ تەرىپىنى ئىلىم – پەن كېسىپ ئىنكار قىلمىغان بولغاچقا، زىتلىق بولمايدۇ. چۈنكى، كۆز ۋە تۇيغۇ ئەزالىرى غەيبىي تەرەپنى كۆرەلمىگەن بولغاچقا، ئىلىم – پەن بۇ ھەقتە كېسەلمەيدۇ. نەتىجىدە ‹زىت كېلىدۇ› دېيىش توغرا بولمايدۇ. قارايدىغان بولساق، ھەدىس بىزگە غەيب بولغان ئەرشنىڭ ھەقىقىتى، كۈننىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىتى ۋە كۈننىڭ ئەرش ئاستىدا سەجدىگە بېرىشى قاتارلىق 3 ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىل ئۇنى رەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. ئەرشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پەقەت ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدۇ. ئەقىل پەقەتلا قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلتۈرۈلگەن ‹ئىنتايىن يوغان ۋە ئېغىر› دېگەندەك ئەرشنىڭ سۈپەتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. بۇ سۈپەتلەرنىڭ بىر قىسمى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەقىلنىڭ كەسكىن ھالدا چۈشىنىپ يېتىشى مۇھالدۇر. كۈننىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىتىنىمۇ كەسكىن ھالدا چۈشىنىپ يېتىشى ئوخشاشلا مۇھال، چۈنكى بۇ مۇشۇ قۇياش سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، ئۇنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كۆزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان بۇنى قانداقمۇ قىلالىسۇن؟! بىز يۇقىرىقى ئىككى ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنى كېسىپ بىلەلمىگەنلىكتىن، كۈننىڭ ئەرش ئاستىدا سەجدىگە بېرىشى بىزگە نامەلۇم بولىدۇ ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى جەزملەشتۈرۈپ تولۇق چۈشىنىشنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ بارلىقىنى رەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۆزى بار نەرسىنى ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ بىلىمسىزلىكى نەفيى قىلالمايدۇ. ھەدىسنى رەت قىلغۇچىلار سەجدە قىلىشقا بېرىش ئۈچۈن قۇياشنىڭ پۈتۈن زېمىن ئەھلىدىن غايىب بولۇشىنى شەرت قىلىۋالغان. ھالبۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇياشنىڭ پېتىشىنى بېرىش بىلەن ئىپادىلىگەن. بېرىشتىن ئۇنىڭ بەزىلەرنىڭ كۆزىدىن غايىب بولۇشتەك ھەرىكىتى يەنى نىسبىي غايىب بولۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ پۈتۈن زېمىن ئەھلىنىڭ كۆزىدىن غايىب بولۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ. دېمەك، ھەدىستىكى غايىب بولۇش ۋە پېتىش سەير قىلىپ ھەرىكەت قىلىشنى كۆزدە تۇتۇدۇ. چۈنكى، قۇياشنىڭ مۇقىم پاتىدىغان جايى يوق. قۇياش ئەرشنىڭ ئاستىدا سەير قىلىپ ئەرشنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە ئۇدۇللاشقىنىدا، سەجدىگە بېرىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بىز ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلەلمەيمىز. شۇنداقلا بۇ سەجدە ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ۋاقىتنىمۇ بىلمەيمىز. بۇ سەجدىگە بېرىشتىن ئۇنىڭ سەيرىنىڭ توختاپ قېلىشى كېرەك ئەمەس. دېمەك، سەجدىگە بېرىشى ئۇنى سەير قىلىشتىن ۋە ئوربىتىدا ئايلىنىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ جەھەتتىن زىتلىق يوق.
ئەمەلىيەتتە ھەدىسكە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ كاللىسىدىكى زىتلىق ‹قۇياشنىڭ سەجدە قىلىشى ئىنساننىڭ سەجدە قىلىشىغا ئوخشاش› دېگەندىن ئىبارەت خاتا مۇقەددىمىگە تايانغان. ھەقىقەت شۇكى، قۇياشنىڭ سەجدە قىلىشى ۋە ئىجازەت سورىشى بىز ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. بىز ئەتراپىمىزدىكى دەل – دەرەخ، تاش ۋە جانلىقلارنىڭ سەجدە قىلىشىنىڭ ۋە تەسبىھ ئېيتىشىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان تۇرساق، بىزدىن ئىنتايىن ئۇزاقتا بولغان قۇياشنىڭكىنى قانداق بىلىمىز؟ شۇڭا، ‹كۈننىڭ ئەقىل – ئىدراكى بولمىسا، قانداقمۇ ئەقىل – ئىدراكلىق مەخلۇققا ئوخشاش سەجدە قىلسۇن؟› دېگەن ئېتىرازنىڭ جاۋابى شۇكى، يا نەقىلدىن، يا ئەقلىي جەھەتتىن قۇياشنىڭ سەجدە قىلالايدىغان ۋە ئىجازەت سورىيالايدىغان دەرىجىدە ئەقىل – ئىدراكقا ئىگە بولۇشىنى رەت قىلىدىغان بىرەر پاكىت يوق. پۈتۈن جانسىز نەرسىلەرنىڭ شۇنداقلا ئەقىلسىز ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئەقىل – ئىدراكى بارلىقى، تەسبىھ ئېيتىشى ۋە سەجدە قىلىشى قۇرئاندىكى دەلىللەر (2/«بەقەرە»: 27؛ 24/«نۇر»: 41؛ 17/«ئىسراﺋ»: 44؛ 22/«ھەج»: 18) ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەتتۇر. بۇلارنىڭ سەجدىسى چوقۇم بىز ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئەمەس. بەلكى پەرۋەردىگارىغا ئۆز ھالىغا مۇناسىپ بويسۇنۇشتۇر. ئىلىم – پەن پەقەتلا تەجرىبىگە بويسۇندۇرغىلى بولىدىغان شەيئىلەرنىڭلا ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ. ئۇ تېخى بۇ مەسىلىنى تەجرىبە قىلىش پەللىسىگە يەتمىگەن تۇرسا، بىز ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخى بىلەلمىگەن «قۇياشنىڭ سەجدە قىلىشى»نى قانداقمۇ «ئىلىم – پەنگە زىت» دەپ تۇرۇۋالالايمىز؟!
ئىمام خەتتابىي بۇنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا مۇنداق ئىپادىلىگەن: «قۇياشنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا بىز كۆرمەيدىغان تەرىقىدە بەرقارار بولۇشى ئىنكار قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇ غەيبىي خەۋەر بولۇپ، بىز ئۇنى يالغان دېيەلمەيمىز، ئۇنىڭ كەيپىيىتىنىمۇ بېكىتەلمەيمىز. بىزنىڭ بىلىمىمىز ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ». ئۇ يەنە دەيدۇكى: «ھەدىستە قۇياشنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سەجدىگە بارىدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، سەجدە قىلىشنىڭ ئۇنىڭ سەير قىلىۋاتقاندا ئەرشنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ۋۇجۇدقا چىقىشى ئىنكار قىلىنمايدۇ. يەنە ئۇنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سەجدىگە بېرىشى ئۇنىڭ سەير قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارغا يۈزلىنىشىگە توسالغۇ بولالمايدۇ». قاراڭ: «شەرھۇسۈننە»، 15/94 – 95؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 15/119؛ دوكتور مۇھەممەد فەرىد زوريۇخ: «المعارضات الفكرية لأحاديث الصحيحين»، 2/1124.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1447، 6 – سەفەر / م. 2025، 31 – ئىيۇل

