Qiyamet-künide-asiy - gunahkarlarning-ehwali

قىيامەت كۈنىدە ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ ئەھۋالى

چوڭ – كىچىك ھەر تۈرلۈك گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەي، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلماي تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھلىشىدا بولىدۇ، ئاللاھ خاھلىسا ئۇنداق كىشىلەرنى ئازابلايدۇ، خاھلىسا مەغفىرەت قىلىدۇ.

كۆپ ھەدىسلەردە مەھشەردە ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇلار مەھشەردە ھەر تۈرلۈك، ھەرخىل شەكىللەردە ۋە ھەر خىل ئەھۋاللاردا بولىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ھەدىسلەردە ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىدىغان، يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بايانلار كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھشەردە يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەمەللەردىن ئاگاھلاندۇردى. ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن:

1) زاكاتتىن باش تارتقۇچىلار

ئۇلار بەك خەتەرلىك ئەھۋالدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار مالدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىدىن ۋە كەمبەغەلنىڭ ھەققىدىن باش تارتتى. ئۇلار ئاچكۆز، بېخىل ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقلەردىن باش تارتتى. شۇڭا، مەھشەردە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل – مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل – مېلى قىيامەت كۈنى ئىككى جاۋىغىيىدا كۆپۈك ئۆرلەپ تۇرغان بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى قاماللاپ تۇرۇپ، مەن سېنىڭ پۇل – مېلىڭمەن، مەن سېنىڭ يىغقان دەپنە – دۇنيايىڭمەن، دەيدۇ» دېدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەننى سەرپ قىلماي بېخىللىق قىلىدىغانلار ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەكسىچە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر، قىلىدىغان بارلىق ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ خەۋەرداردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 180)(1).

ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتقانكى: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن – كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلەر ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن – كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن – كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 34، 35).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە:

— ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن كىشى قىيامەت كۈنى ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان كۈندە ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغانغا قەدەر ئالتۇن – كۈمۈش پەتنۇستەك كەڭ قىلىنىپ جەھەننەمنىڭ ئوتى بىلەن قىزىتىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بېقىنى، يۈزى ۋە دۈمبىسى داغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار سوۋۇپ قالغان ھامان قايتا ئوتتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا تۆگىچۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ زات:

— تۆگىسىدىكى ھەقنى ئادا قىلمىغان كىشى جازالىنىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەققىنىڭ بىرسى ئۇنى سۇغارغىلى ئەكەلگەن كۈنى ئۇنى سېغىپ سۈتىنى كىشىلەرگە بېرىشتۇر. قىيامەت كۈنى ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان كۈندە ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇ كىشىنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى ئىكەنلىكى بەلگىلەنگۈچە ئۇ كىشى تۈپتۈز دۈم ياتقۇزۇلۇپ، تۆگىگە تاشلاپ بېرىلىدۇ. تۆگە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر بولۇپ بارلىق بوتىلاقلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئۆز ئىگىسىنى دەسسەپ چىشلەپ ئۆتىدۇ. ھەممىسى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن ئىگىسىنى دەسسەپ چىشلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى. ئەسھابلەر:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا قوي – كالىلارچۇ؟ — دەپ سورىغانىدى، ئۇ زات:

— قوي، كالىلىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان كۈندە ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇ كىشىنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەنگە قەدەر مال ئىگىسى ئۆزىنىڭ كالا، قويلىرىغا تاشلاپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ موزاي ۋە پاقلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەگرى مۈڭگۈزلۈك ياكى مۈڭگۈزسىز، ياكى سۇنۇق مۈڭگۈزلۈك بولمايدۇ. ئۇلار مال ئىگىسىنى بىر – بىرلەپ ئۈسسۈپ دەسسەپ ئۆتىدۇ. ھەممىسى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن شۇنداق ئۆتۈشكە باشلايدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(2).

2) مۇتەكەببىرلەر

كىبىر بىر خىل ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ئىللەت بولۇپ، مۇتەكەببىرنى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلمايدۇ. بەلكى قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بار كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. مۇتەكەببىردىن كىشىلەر قاچىدۇ، دانالار ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە چوڭ – كىچىك ھەممە ئادەملەر ئۇنى يامان كۆرىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇتەكەببىرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: «مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى ئادەم سۈرىتىدە، ئەمما ھەجىمدە كىچىك چۈمۈلىلەردەك ھەشر قىلىنىدۇ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن خارلىق قاپلايدۇ»(3) دېگەن.

بۇ ھەدىستىكى «الذر / كىچىك قىزىل چۈمۈلىلەر» بولۇپ، بۇ چۈمۈلىلەرگە كىشىلەر پەرۋا قىلماستىن بىلىپ – بىلمەي دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى قاتتىق خار بولىدىغانلىقى ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئىنسانلار ئۇلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

قىلغۇچىلارغا ئالاھ تائالا گەپ قىلمايدىغان گۇناھلار

نۇرغۇن ئىنسانلار باركى، ئۇلار كۆپ گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدىغان ھالدا بارىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ بەك پەس كۆرۈلىدىغانلىقى، مەرتىۋىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ۋە ئەمەللىرىنىڭ قەبىھ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقارغۇچى ئاسىي – گۇناھكارلارغا يېتىدىغان ئازاب تۈرلۈك بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا گەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە قارىمايدىغانلىقى بۇ ئازابلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كىتاب ۋە سۈننەتتە بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ قىلمىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ قاتارىدىن:

1) پوپلار، راھىبلار ۋە ئالىملار

ئۇلار بىرەرسىنى رازى قىلىش ياكى شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن شەرئىي ئىلىمنى يوشۇرغان ۋە پەتىۋانى ئۆزگەرتىپ، ھەقنى سۆزلىيەيدىغان تۇرۇقلۇق ھەقنى سۆزلىمىگەن كىشىلەردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 174)، ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 77).

2) ئىشتىنىنى ئۇزۇن قىلىۋالغۇچى

بۇ ئىشتىنىنى ئوشۇقلىرىنىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈۋالىدىغان ئادەمدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ: «ئىزارنىڭ ئىككى ئوشۇقتىن تۆۋەنلەپ كەتكىنى دوزاختىدۇر» دېگەن(4).

دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىشتاننى ئۇزۇن قىلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق قىلغۇچىلارغا مەھشەر كۈنى ئازاب بولىدىغانلىقى بىلەن خەبەر بەردى.

3) يالغان قەسەم بىلەن مېلىنى ساتقۇچى

ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپ قەسەم قىلىش يامان كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە – كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار)﴾(5/«مائىدە»: 89) دېگەن. بۇنداق بولغانىكەن، ناۋادا بىر ئادەم يالغان قەسەم قىلىۋەرسە، ئۇ بەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

يالغان قەسەم قىلىپ مال ساتقۇچى «مېلىم ياخشى» دەپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ باشقىلارغا مېلىنى ساتىدۇ، شۇڭا ئۇ كاززابتۇر.

4) مىننەت قىلغۇچى

بۇ باشقىلارغا بىرنەرسە بېرىپ، كەينىدىن بەرگىنىگە مىننەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى خىجالەتتە قويۇش ئۈچۈن، قىلغان ياخشىلىقىنى تىلغا ئالىدىغان كىشىدۇر.

يۇقىرىدىكى كىشىلەر ھەققىدە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاخىرەت كۈنى ئاللاھ ئۈچ خىل ئادەملەر بىلەن سۆزلەشمەيدۇ ۋە ئۇلارغا قارىمايدۇ ھەم ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دېگەنىدى، مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار ياخشىلىقتىن قۇرۇق قېلىپ زىيان تارتىپ كەتتىلەر،— دېدىم، ئۇ زات بۇ سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن:

— ئىشتىنىنى ئۇزۇن قىلىۋالغان ئادەم، يالغان قەسەم ئىچىپ مېلىنى ساتقان ئادەم ۋە مىننەت قىلغۇچى ئادەم، — دېدى(5).

5) سۇغا بېخىللىق قىلغۇچى

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بېخىللىق ئىنسان نەپسىنىڭ پەسلىكىگە ۋە تەبىئىتىنىڭ ناچارلىقىغا دالالەت قىلىدىغان قەبىھ ئىشتۇر. ئەگەر ئىنسان باشقىلار قاتتىق ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بەرسە ئۇنىڭغا ھېچقانداق زەرەر يەتمەيدىغان نەرسىگە بېخىللىق قىلسا، ئۇنىڭ قەبىھلىكى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدا شېرىكتۇر» دەپ(6) خەبەر بەرگەن سۇغا بېخىللىق قىلىشتۇر.

6) بەيئەتكە سادىق بولمىغان ئادەم

باشقىلار بىلەن پۈتۈشكەن توختام – كېلىشىملەر ۋە ئەمىرلەرگە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت قىلىش قاتارلىقلار ۋەزنى چوڭ ئىشلار بولۇپ، توختام – كېلىشىملەر بىلەن ئوينىشىش ۋە ئۇنىڭغا ھىيلە ئىشلىتىش ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان خەتەرلىك ئىشلاردۇر.

يۇقىرىدىكىلەر ھەققىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك ئادەم باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قارىمايدۇ. ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، يەنە ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب باردۇر: بىرى، يول بويىدا ئېشىنچە سۈيى تۇرۇپمۇ ئۇنى يولۇچىلارغا بەرمەي تۇرۇۋالغان ئادەم؛ يەنە بىرى، ئىسلام خەلىفەسىگە بۇ دۇنيالىقنى كۆزلەپ بەيئەت قىلىپ، خەلىفە ئۇنىڭغا بىرنەرسە بەرسە رازى بولۇپ، بەرمىسە نارازى بولغان ئادەم؛ يەنە بىرى، ناماز دىگەردىن كېيىن تاۋىرىنى بازارغا سېلىپ قەسەم قىلغان ئادەم» دېگەن(7).

7) زىناخور قېرى

بۇ يەردىكى قېرى ياشتا چوڭ ياشانغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئىنسانلار نەپسىنىڭ پەسلىكى، ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى، پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلىقى ۋە دىننى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھ – مەئسىيەتكە چاقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاجىز بولسىمۇ، گۇناھ ئىشلارغا پېتىپ كېتىدۇ. مىسال بىلەن سۆز ئايدىڭلىشىدۇ: ياشانغان، قېرى بىر ئادەم سۆڭەكلىرى شالاڭشىپ كەتكەن، شەھۋىتى ئاجىزلاشقان ۋە شەھۋىتىنىڭ قوزغىلىشى ئازلاپ كەتكەن تۇرۇقلۇق زىنا قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى شەھۋىتى زىناغا ئۈندەپ تۇرىدىغان ياش ئادەمنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر بولىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، زىنا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭ گۇناھتۇر. زىنا قىلغۇچى قېرى بولسۇن ياكى ياش بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇ گۇناھى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلىغان ۋە مەخلۇقاتتىن يوشۇرۇنۇپ، ياراتقۇچىنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزگە ئىلمىغان بولىدۇ.

8) يالغانچى پادىشاھ

يالغانچى پادىشاھ ھەققىدە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى. چۈنكى، ئىنساننى يالغانچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قىزىقىش بولۇپ، ئۇ بۇ مەقسەتتە نۇرغۇن ئەپسانىلەرنى ۋە باتۇرلۇقلارنى توقۇپ چىقىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، ياكى مال – دۇنيا تېپىش ئۈچۈن يالغان ئېيتىدۇ. ئەمما، پادىشاھنىڭ بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجى يوق. چۈنكى، ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرىدۇ، ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە مال – دۇنيا ئۆزلىكىدىن ئالدىغا كېلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇ نەپسىنىڭ پەسلىكى، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە پەرۋەردىگارىنى ئۇلۇغلىمىغانلىقى ئۈچۈنلا يالغان گەپ قىلىدۇ.

بۇ ھەرگىزمۇ «پادىشاھتىن باشقىلار يالغان گەپ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى يالغانچىلىق تېخىمۇ ئېغىر گۇناھلارغا، ئېغىر گۇناھلار دوزاخقا باشلايدۇ.

9) كىبىرلىك پېقىر

بۇنداق ئادەمنىڭمۇ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىق، كۆرپىسى يىرىك، ماشىنىسى ۋە ئۆيى كونا، كىبىرلىك قىلغۇدەك بىرنەرسىسى بولمىسىمۇ، باشقىلارغا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ، تەكەببۇرلىق قىلىپ قولىنى پۇلاڭلىتىپلا سالام قىلىدۇ ۋە زېمىندا غادايغان ھالدا ماڭىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، كىبىرلىك مەيلى بايدىن ياكى كەمبەغەلدىن سادىر بولسۇن، مۇتلەق ناچار ئىللەتتۇر. يۇقىرىدىكىلەر ھەققىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ سۆز قىلمايدىغان، گۇناھلىرىنى پاكلىمايدىغان، قارىمايدىغان ۋە دەھشەتلىك ئازابقا قالىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان پاھىشۋاز، يەنە بىرى يالغانچى پادىشاھ، يەنە بىرى كىبىرلىك نامرات»(8) دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ.

ئاللاھ قىلغۇچىلارغا (رەھمەت نەزەرى بىلەن) قارىمايدىغان گۇناھلار

قىيامەت كۈنى ئاللاھ گەپ قىلمايدىغان بىرمۇنچە ئىنسانلار بولغاندەك، يەنە بىرمۇنچە ئىنسانلار باركى، ئۇلارنى ھاقارەتلەش، كۆزگە ئىلماسلىق ۋە خار قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قارىمايدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرقاتار گۇناھلارنى زىكىر قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى قىلغان كىشىلەرگە قارىمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ بەندىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا قارىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندە خار بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ.

ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ئاشۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ جۈملىسىدىن:

1) تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىشتىنىنى ئۇزۇن قىلىۋالغۇچى

كىيىمىنىڭ پۇشقىقىنى ئۇزۇن قىلىش ۋە ئۇنى ئوشۇقلىرىنىڭ ئاستىدا قىلىپ سۆرەپ مېڭىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئەسلىدە مۇسۇلمان كىشى كىيىمىنى ئوشۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ كىيىشى كېرەك.

ئەگەر كىيىمىنىڭ پۇشقىقىنى ئۇزۇن قىلىپ كىيىش بىلەن كىبىرلىك بىرلىشىپ قالسا، گۇناھ تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھاقارەتلەش ۋە جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ قىيامەت كۈنى تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىزارىنى سۆرىۋالغان كىشىگە (رەھمەت نەزەرى بىلەن) قارىمايدۇ»([9]) دېگەن. يەنە: «تەكەببۇرلۇقتىن ئىزار، كۆينەك ۋە سەللىنى ئۇزۇن قىلىۋالغان ئادەمگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ»(10) دېگەن.

2) ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى

ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش ئېغىر گۇناھ ۋە تۇزكورلۇق بولۇپ، ئاللاھ «قۇرئان»دا ئاتا – ئانىنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ ھەققىگە ئەگەشتۈرۈپ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى﴾(17/«ئىسراﺋ»: 23) دېگەن. ئاللاھ يەنە ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشنى ئاتا – ئانىغا شۈكۈر قىلىش بىلەن يېقىن قىلىپ: ﴿(ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر﴾(31/«لۇقمان»: 14) دېگەن.

ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولسا، خىش – ئەقرىبالىرىغا سىلە – رەھىم قىلسۇن» دېگەن(11). ۋە مەھشەردە قاقشاتقۇچىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىغمايدىغانلىقىنى خەبەر بەردى.

3) ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئايال

ئەر، ئايال ئىككى جىنسنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىگە كىيىملىرىدە، گەپ – سۆزلىرىدە ۋە باشقا ئىشلىرىدا ئوخشىۋېلىشى ناچار ئىش بولۇپ، بۇ ئىنسان خاراكتېرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتۇر.

بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدا بىر قىسىم ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى ۋە ناچار سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلار كەڭ ئومۇملىشىپ، ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيىدىغان، ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولغىنى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ ئەر، ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان تەبىئىي جىنسنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىدۇر. بۇ ئوپىراتسىيە، ھورمۇن دورىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۆزىنى ئايالغا، ئايال كىشى ئۆزىنى ئەرگە ئۆزگەرتىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئەر، ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بىر – بىرىگە ئوخشىۋېلىشنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى ۋە ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى قارىمايدىغانلىقى بىلەن خەبەر بەردى.

4) دەييۇس

بۇ ئايالى ۋە قىزلىرىنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمىدىغان، ئائىلىسىنى بۇزۇقچىلىقتىن قوغدىمايدىغان، ئاياللىرىنى كۈنلىمەيدىغان ۋە ئاچچىقلانمايدىغان، ئۇلارنى ئورۇنۇشقا، ھىجابلىنىشقا بۇيرۇمايدىغان، كىشىدۇر. بۇنداق ئادەم ئادەمىيلىكىنى ۋە ئەركەكلىكنى يوقاتقان بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىقىلار ھەققىدە: «ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بار بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا قارىمايدۇ: ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئايال ۋە دەييۇس. يەنە ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ: ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، داۋاملىق ھاراق ئىچكۈچى ۋە بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلغۇچى» دېگەن(12).

5) ئايالىنىڭ ئارقىسىغا يېقىن كەلگەن كىشى

ئاللاھ تائالا ئەر، ئاياللارنى بىر – بىرىگە مايىل بولىدىغان قىلىپ ياراتتى ۋە ئۇ ئىككىسنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈن شەرئىي يوللارنى بېكىتىپ بەردى، بۇنىڭدىن باشقا يوللارنى ھارام قىلدى. ئەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ ئارقىسىغا (مەقئىتىگە) يېقىن كېلىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايالىنىڭ ئارقىسىغا يېقىن كەلگەن كىشى لەنەت قىلىنغۇچىدۇر»(13) دېگەن. يەنە بۇنداق قىلغان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قارىمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھەقىقەتەن، ئايالىنىڭ ئارقىسىغا يېقىن كەلگەن كىشىگە ئاللاھ (رەھمەت نەزەرى بىلەن) قارىمايدۇ»(14) دېگەن.

سادىر قىلغۇچىلارغا يۈگەن سېلىنىدىغان گۇناھلار

بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ ئېغىزلىرىغا قىيامەت كۈنى ئوتتىن بولغان يۈگەن سېلىنىدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ ئوتتىن پاناھلىق تىلەيمىز. ئۇلار بولسا باشقىلار دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا سورىسا، ئىلىمنى يوشۇرغان ۋە ئىلمىنى ئۆگىتىشكە قۇدرىتى يېتىدىغان، ئىلىم ئۆگەتسە ھېچقانداق زەرەر يەتمەيدىغان تۇرۇقلۇق باشقىلارغا ئىلىم ئۆگەتمىگەن كىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىرەر ئىلىم توغرۇلۇق سورالسا ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان بولسا، قىيامەتتە ئۇنىڭغا ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ» دېگەن(15).

ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا غەزەپ قىلىنغان ھالدا بارىدىغانلار

ئاللاھقا سىغىنىپ، ئۇنىڭ غەزىپىدىن پاناھلىق تىلەيمىز ۋە ئاللاھتىن ھەممىمىزگە رەھمەت قىلىشىنى سورايمىز. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۇل – مېلىنى يۇلۇۋېلىش مەقسىتىدە يالغاندىن قەسەم ئىچسە، ئۇ ئاللاھقا ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا ئۇچرىشىدۇ»(16) دېگەن.

1) كۆپ نېئمەت ئاتا قىلىنغان بايلار

ئاللاھ ئاتا قىلغان نېئمەتلەردىن نورمال ھالدا ئىسراپ قىلماستىن مەنپەئەتلىنىش مۇباھ ئىش بولۇپ، ئىنسان بۇ نېئمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلسا ۋە ئاللاھقا ھەمد ئېيتسا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

لېكىن، يەپ – ئىچىشتە بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئىسراپ قىلىش ناچار ئادەتتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېكىرىپ كەتكۈدەك كۆپ تاماق يەيدىغان بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، بۇ ئەھۋالنى يامان كۆرگەندەك قىلىپ: «بىزنىڭ قېشىمىزدا كېكىرمە! بۇ دۇنيادا قورسىقى بەك تويغانلار قىيامەت كۈنى ئەڭ ئۇزۇن ئاچ قالىدىغانلاردۇر»(17) دېگەنىدى. يەنە: «ھەقىقەتەن، دۇنيادا پۇل – مېلى كۆپ بولغان كىشىلەر ئاخىرەتتە ساۋاب جەھەتتىن نامرات ئادەملەردۇر، پەقەتلا ئاللاھ مال – دۇنيا بەرسە، مال – دۇنيانى ئوڭ تەرىپىگە، سول تەرىپىگە، ئالدىغا ۋە ئارقىغا سەرپ قىلغان، ئۇنى ياخشىلىققا خەجلىگەن كىشى بۇنىڭ سىرتىدا»(18) دېگەن. يەنە: «دۇنيادا پۇل – مېلى كۆپ بولغان كىشىلەر ئاخىرەتتە ساۋاب جەھەتتىن نامرات ئادەملەردۇر، لېكىن مالنى مۇنداق، مۇنداق سەرپ قىلغان ئادەملەر بۇنىڭ سىرتىدا»(19) دېگەن.

2) خىيانەتكارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالى

خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ سۈپىتىدۇر. مۇناپىق باشقىلار ئۇنىڭغا بىرنەرسىنى ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قىيامەت كۈنى قاتتىق رەسۋا قىلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئەھدىگە خىيانەت قىلغۇچىغا بىر تۇغ تىكلىنىپ: ‹بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پوكۇنىنىڭ خىيانىتى› دېيىلىدۇ»(20) دېگەن.

دېمەك، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ خىيانەتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان بايراق كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇ كىشى بۇ بايراق بىلەن رەسۋا قىلىنىدۇ. بۇ بايراق ئۇنىڭ ساغرىسىغا قادىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ھەر بىر خىيانەتكارنىڭ ساغرىسىغا بىردىن بايراق تىكىلىدۇ»(21) دېگەن.

ئىنساننىڭ قىلغان خىيانىتى قانچە چوڭ بولسا، بايراقمۇ شۇنچە ئېگىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەربىر خىيانەتكار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر بايراق بولۇپ، ئۇنىڭ خىيانىتىگە قارىتا ئېگىزلىتىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئومۇمنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان كىشىنىڭ خىيانىتىدىنمۇ چوڭ خىيانەت يوق» دېگەن(22).

بۇ ھەدىستە دېيىلگەن خەلقكە باشلىق بولغان كىشى بولسا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى رەئىستۇر. ئەگەر ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئۇنىڭ زىيىنى كۆپ ئىنسانلارغا يېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاپاسىزلىق قىلىشقا ھاجىتى يوق. يەنە كېلىپ، ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپ قالسا، كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشقا ۋە ھەققىنى ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ.

بۇ ھەدىستىكى «مەسئۇل» شىركەت باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى خىيانەتكار

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر، خىيانەتكار ئۈچۈن ئىجىتمائىي سورۇنلاردا ۋە ھەج مەۋسۈملىرىدە بايراق كۆتۈرەتتى ۋە جىنايەتچىنى جىنايىتى بىلەن سازايى قىلدۇراتتى. ئەگەر جىنايەتچى ئوغرىلىق قىلغان كىشى بولسا، ئۇنى رەسۋا قىلىش ۋە يەنە ئوغرىلىق قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، ئوغرىلىغان نەرسىسى بىلەن قوشۇپ كىشىلەر ئارىسىدا سازايى قىلدۇراتتى.

3) غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغۇچى

غەنىيمەت مۇسۇلمان مۇجاھىدلار دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەردىن ئولجا ئالغان مال بولۇپ، ئۇنى مۇجاھىدلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئوغرىلاش ئېغىر گۇناھتۇر.

ئاللاھ تائالا غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان كىشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ دېگەنكى: ﴿كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 161).

غەنىيمەتتىن ئوغرىلاش ئېغىر گۇناھ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنى بۇنداق قىلىشتىن ھەردائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئارىمىزدا تۇرۇپ غەنىيمەتكە قارا ساناشنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ئېغىر ئېلىپ ۋە ئۇنى ئېغىر قىلمىش دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ‹قىيامەت كۈنى ھېچبىرىڭلارنى گەدىنىگە مەرەپ تۇرغان قوي ئارتىلغان، كىشنەپ تۇرغان ئات ئارتىلغان ھالدا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قۇتقۇزغايلا!“ دېگەن تۇرقىدا ئۇچرىتىپ قالمىغايمەن. مەن ئۇنىڭغا: ”سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) يەتكۈزگەن ئىدىم“ دەيمەن. يەنە ھېچبىرىڭلارنى گەدىنىگە بوقىراپ تۇرغان تۆگە ئارتىلغان ھالدا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قۇتقۇزغايلا!“ دېگەن تۇرقىدا ئۇچرىتىپ قالمىغايمەن. مەن ئۇنىڭغا: ”سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا يەتكۈزگەن ئىدىم“ دەيمەن. يەنە ھېچبىرىڭلارنى گەدىنىگە ئالتۇن – كۈمۈش ئارتىلغان ھالدا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قۇتقۇزغايلا!“ دېگەن ھالدا ئۇچرىتىپ قالمىغايمەن. مەن ئۇنىڭغا: ”سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا يەتكۈزگەن ئىدىم“ دەيمەن ياكى ئۇ گەدىنىگە لەپىلدەپ تۇرغان رەختلەر ئارتىلغان ھالدا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قۇتقۇزغايلا!“ دېگەن ھالدا ئۇچرىتىپ قالمىغايمەن. مەن ئۇنىڭغا: ”سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا يەتكۈزگەن ئىدىم“ دەيمەن›»(23).

بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى غەنىيمەت ئوغرىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى دۈمبىسىدە ۋە بوينىدا ئوغرىلىغان نەرسىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا كېلىدۇ. ئۇلار ئوغرىلىغان نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈش بىلەن ئازابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن چارچىتىلىدۇ، ئاۋازى بىلەن قورقۇتۇلىدۇ ۋە خالايىقلار ئالدىدا جىنايىتىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن رەسۋا قىلىنىدۇ.

ۋالىيلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مال – مۈلكىگە خىيانەت قىلىشىمۇ خىيانەتنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، تۆۋەندىكى ھەدىستە بۇ ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇلغان:

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئەسھابلىرىنى يېزا – قىشلاق ۋە قەبىلىلەردىن زاكات يىغىش ئۈچۈن ئەۋەتەتتى. بىر قېتىم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىييە دېيىلىدىغان بىر كىشىنى زاكات يىغىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئۇ تۆگە ياكى قوي ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن پەرز زاكاتنى ئالغان ئىدى. تۆگە ياكى قوينىڭ ئىگىسى پەرز زاكاتنى بەردى ۋە يەنە ئىبنى لۇتبىييەگە ئايرىم ھەدىيە بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى لۇتبىييەنىڭ يېنىدا پەرز زاكاتتىن بولۇپ، ھەدىيەلەردىن بولۇپ نۇرغۇن قوي ۋە تۆگىلەر يىغىلدى. ئۇ بۇ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە: ‹مانا بۇ يىغىلغان زاكات بولسا سىلەرنىڭدۇر، بۇ بولسا ماڭا ھەدىيە قىلىنغىنىدۇر› دېدى.

بۇ چاغدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بەيتۇلمالدىن ھەققىنى ئالىدىغان خىزمەتچى تۇرۇقلۇق ھەدىيە ئالغانلىقىغا ئاچچىقلاندى. ئەگەر خىزمەتچىلەرنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلسا، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە سەل قارىشىغا ياكى پارا قوبۇل قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ خىل ئەھۋالغا قەتئىي يول قويماسلىقنى ئويلاپ، مۇنبەرگە چىقىپ: «بىر زاكاتچىنى ئەۋەتسەك، قايتىپ كېلىپ: ‹ماۋۇ سىلىنىڭ، ماۋۇ مېنىڭ› دەپ تۇرۋالغىنى قانداق گەپ؟! ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ سوۋغا قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ قاراپ باقسا بولمامدۇ؟! جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، زاكاتتىن نېمىنى ئېلىۋالسا، قىيامەت كۈنى ئاشۇ ئالغان نەرسىنى چوقۇم بوينىدا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، بوزلاپ تۇرغان تۆگە بولامدۇ ياكى مۆرەۋاتقان كالا بولامدۇ، ياكى مەرەۋاتقان قوي – ئۆچكە بولامدۇ بوينىدا كۆتۈرۈپ كىلىدۇ» دېدى(24).

بۇ كاتتا ھەدىستۇر. چۈنكى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغىنىغا ئوخشاش ۋە بازار باشقۇرۇش، ئاممىۋى دوختۇرخانا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلغىنىغا ئوخشاش خىزمەتچىلەرنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلىشتا يەڭگىلتەكلىك قىلىشى ھەدىيە بەرگەن كىشىنى ياخشى كۆرۈپ، باشقا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە ۋە بايلارنى، كۈچلۈكلەرنى ھۆرمەتلەپ، پېقىرلارغا، ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

ساڭا خىزمىتىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن بىرنەرسە ھەدىيە قىلىنغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلىشىڭ قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلغان بولساڭ، ئۇنى قىيامەت كۈنى گەدىنىڭدە كۆتۈرگەن ھالدا ئېلىپ كېلىسەن. كىمكى خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى شۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن بىللە كېلىدۇ.

4) زومىگەرلىك بىلەن يەر تارتىۋالغۇچى

بىز بۈگۈنكى كۈنىمىزدە باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى ياكى ئومۇمىي خەلق مەنپەئەتلىنىدىغان يەرلەرنى زومىگەرلىك بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئادەملەرنى كۆپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىمكى زېمىندىن ئازغىنە نەرسىنى ناھەق ئېلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ تەكتىگە يۇتقۇزۇۋېتىلىدۇ»(25) دېگەن.

5) ئىلكىدە بار تۇرۇپ تىلىگەن كىشى

ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقى بىلەن كۇپايە قىلىپ، باشقىلاردىن سورىمىغان ۋە باشقىلارغا ئۆزىنى خار قىلمىغان پاك پېقىر باشقىلاردىن سوراپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پېقىرلىقى ۋە ھاجىتىنى شىكايەت قىلغان پېقىردىن ياخشىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ بولىدىغىنى ئۆزىنىڭ يېنىدا كىيىم – كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمەكتىن يېتەرلىك نەرسىسى بار تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ تىلىگەن كىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىمكى يېنىدا باشقىلاردىن بىھاجەت بولغۇدەك نەرسىسى بار تۇرۇپ تىلىگەن بولسا، تىلىگەن نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يۈزىدە تارتۇق بولغان ھالدا كېلىدۇ، — دېدى.

— ئى رەسۇلۇللاھ! باشقىلاردىن بىھاجەت بولغۇدەك نەرسە نېمە؟ — دەپ سورالغانىدى، ئۇ زات:

— ئەللىك دىرھەم ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدىكى ئالتۇندۇر، — دېدى(26).

6) نامازنى قولدىن بېرىدىغان ئادەم

ناماز — ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغان مۇئمىنلەرنىڭ كۆز نۇرى، ئاللاھنى ياخشى كۆرگۈچىلەرنىڭ جانلىرىنىڭ ھۇزۇرى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەسىيەت قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئىسلامىيەتتىن قولدىن كېتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى بەندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا سورىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىدۇر.

ئاللاھ نامازنى بۈيۈك ئىبادەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى شەرەپلىك قىلدى.

بىزنى نامازدا ئالدىدا تۇرۇپ، قەلبلىرىمىز بىلەن ئۆزىگە يۈزلىنىشىمىزگە ۋە ھاجەتلىرىمىزنى تىلىشىمىزگە مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا ھەمد ئېيتىمىز.

ھەقىقەتەن، ناماز زېمىندىكى بەندىنىڭ ئاسماندىكى ئاللاھ بىلەن ئۇلىنىشى ۋە ئۇچرىشىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ناماز ئوقۇيتتى.

ناماز ئۇنى مۇھاپىزەت قىلغانلارغا مەھشەردە مەنپەئەت قىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ھەققىدە دېدىكى: «كىمكى نامازنى تەرك قىلماي، ۋاقتىغا رىئايە قىلىپ ئوقۇسا، ناماز قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە نۇر، ھۆججەت ۋە نىجاتلىق بولىدۇ. كىمكى نامازغا بىپەرۋالىق قىلسا، ناماز ئۇ كىشىگە نۇر، ھۆججەت ياكى نىجاتلىقنىڭ ھېچ بىرى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى پىرئەۋن، قارۇن، ھامان ۋە ئۇبەي ئىبنى خەلەفلەر بىلەن بىللە بولىدۇ»(27).

7) غەيۋەتخور ۋە سۇخەنچى

غەيۋەت قىلىش — قېرىندىشىڭ يوق يەردە ئۇ يامان كۆرىدىغان گەپنى قىلىشىڭدۇر. سۇخەنچىلىك بولسا كىشىلەر ئارىسىدا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان گەپ تارقىتىشتۇر.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن چوڭ بالا – قازا ۋە بۇزغۇنچىلىق كېلىپ چىقىدىغان ئىشلاردۇر. بۇ تۈردىكى ئىنسانلار ھاۋايى – ھەۋىسى ۋە شەھۋىتى بىلەن سۆزلەيدىغان ناچار ئىنسانلاردۇر.

ئۇلارنىڭ ھالى مەھشەردە قورقۇنچلۇق بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى دۇنيادا قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېسە، قىيامەت كۈنى قېرىندىشى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە: ‹سەن خۇددى ئۇنىڭ گۆشىنى ھايات ۋاقتىدە يېگەندىكىدەك، ئۆلۈك ھالىتىدىمۇ يېگىن› دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى قاتتىق ھومايغان ۋە ۋارقىرىغان ھالەتتە يەيدۇ»(28) دېگەن.

8) ئىككى يۈزلىمچى

ئىككى يۈزلىمچى دېگىنىمىز — ئۇلارغا بىر يۈزى بىلەن، بۇلارغا بىر يۈزى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھىيلىگەر، رەڭۋاز كىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمنىڭ دۇنيادا ئىككى يۈزى بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئوتتىن ئىككى تىلى بولىدۇ» دېگەن(29).

9) رەسساملار

رەسىم سىزىش ھەر تۈرلۈك بولۇپ، ئەھلى ئىلىملەر ئۇنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىگە قارىتا تۈرلۈك ھۆكۈملەرنى بەرگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيكەل ياساشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، بولۇپمۇ بۇ ھەيكەللەر رەئىسلەر ۋە ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۈرىتىدە بولسا، تېخىمۇ ھارام بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن مۇشۇ سۈرەتلەرنى تەييارلىغانلار قىيامەت كۈنى ئازابلىنىدۇ. ئۇلارغا: ‹ياراتقان نەرسەڭلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار› دېيىلىدۇ» دېگەن(30). يەنە: «كىمكى دۇنيادا بىر جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈشكە بۇيرۇلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇ جان كىرگۈزەلمەيدۇ»(31) دېگەن.

يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ھەشر كۈنىدىكى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋاللىرىدۇر.

ئەمدىكى گەپ، ھېساب ئېلىش قانداق باشلىنىدۇ؟ نامەئى ئەئماللەر قانداق تارقىتىلىدۇ؟ ئىنسانلار ئەمەللىرىنىڭ سەھىپىلىرىنى قاچان ئوقۇيدۇ؟ ئۇ ئەمەللىرىدىن قانداق سورىلىدۇ؟ تۆۋەندىكى قۇرلاردا بۇ ھەقتە توختىلىمىز.

قەلبنىڭ پىچىرلىشى

ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغىنى ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1403)؛ مۇسلىم (987).
2. مۇسلىم (987).
3. تىرمىزىي (2492). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 8040) «ھەسەن» دېگەن.
4. بۇخارىي (5787). (كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئىزارنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىشنىڭ ھاراملىقىنى كىبىرگە باغلىغان بولۇپ، كىبىر بولمىغاندا ھارام بولمايدۇ دەپ قارىغان. چۈنكى، «سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىزارىنى سۆرىۋالغان كىشىگە ئاللاھ (رەھمەت نەزەرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېگەن. بۇ مۇتلەق ھەدىسنى مۇقەييەدكە باغلاپ چۈشىنىش، دەلىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ يەكۈن چىقىرىش ۋە بىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى تاشلاپ قويماسلىقتىن ئىبارەت ئۇسۇلىي قائىدىگە ئۇيغۇندۇر— ت.)
5. مۇسلىم (106).
6. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمانلار ئوت – چۆپ، سۇ ۋە ئوتتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىدە شېرىكتۇر» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (3479). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 3477) «سەھىھ» دېگەن — ت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2358)؛ مۇسلىم (108). بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنىڭ بىرى يولۇچىغا سۇ بەرمىگەن كىشىدۇر. بۇ يولۇچى سەپەردە كېتىۋېتىپ، ئۇسساپ كەتكەندە بىر كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ سۇ سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئارتۇق سۈيى بولسىمۇ بېخىللىق قىلىپ سۈيىدىن بەرمەيدۇ. يەنە بىرى، ئەسىردىن كېيىن مال ساتىدىغان ۋە مېلىنى كۆرسەتكەندە خېرىدارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، يالغان قەسەم قىلىدىغان سودىگەردۇر. مال ساتقاندا راستچىل بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ قەسەم قىلىش ھارامدۇر، ئەگەر يالغان ئېيتقان بولسا، گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەسىردىن كېيىن كىشىلەرنىڭ سودا – سېتىق قىلىشى كۆپرەكتۇر. ئۇنىڭسىزمۇ ھەممە ۋاقىتلاردا سودىغا قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكمى ئوخشاش ھارامدۇر. يەنە بىرى، خەلىفەگە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت قىلغان كىشى بولۇپ، ئەگەر بۇ خەلىفە ئۇنىڭغا پۇل – مال ۋە سوۋغىلارنى بېرىپ تۇرسا، بەيئىتىگە ۋاپا قىلىدۇ. ئەگەر بىرنەرسە بەرمىسە خىيانەت قىلىدۇ ۋە ئەھدىنى بۇزىدۇ.
8. مۇسلىم (107).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5788)؛ مۇسلىم (2087).
10. نەسائىي (5334). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 5349) «سەھىھ» دېگەن.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2067)؛ مۇسلىم (2557).
12. نەسائىي (2562). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 2561) «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
13. ئەبۇ داۋۇد (2162). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 2162) «سەھىھ» دېگەن.
14. ئەبۇ داۋۇد (2162). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 1691) «سەھىھ» دېگەن.
15. ئەبۇ داۋۇد (3658). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 3658) «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2416)؛ مۇسلىم (138).
17. تىرمىزىي (2478). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 4491) «ھەسەن» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6443)؛ مۇسلىم (94).
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6268)؛ مۇسلىم (990).
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6178)؛ مۇسلىم (1735).
21. مۇسلىم (1738).
22. مۇسلىم (1738).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3073)؛ مۇسلىم (1831).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7174)؛ مۇسلىم (1832).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2454)؛ مۇسلىم (1610).
26. ئەبۇ داۋۇد (1626). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 1438) «سەھىھ» دېگەن.
27. ئەھمەد (6576). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
28. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (418). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6316) «زەئىف» دېگەن.
29. ئەبۇ داۋۇد (4873). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 4873) «سەھىھ» دېگەن.
30. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5951)؛ مۇسلىم (2108).
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5963)؛ مۇسلىم (2110).