Heshr_qilish

ھەشر قىلىش

«ھەشر» كەلىمىسى ئۆزى قىسقا، لېكىن مەنىسى چوڭقۇر سۆز بولۇپ، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كۆپ تەكرارلانغان.

ئۇنداقتا ھەشر دېگەن نېمە؟

ئىنسانلار قانداق ھەشر قىلىنىدۇ؟ قەيەرگە ھەشر قىلىنىدۇ؟

مەھشەر قەيەردە؟

ئىنسانلار مەھشەردە قانداق تۈرلەردە بولىدۇ؟

ھەشرنىڭ مەنىسى — چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلەرنى يىغىش ۋە ئۇنى بىر ئورۇنغا توپلاش دېگەنلىك بولىدۇ.

قىيامەت كۈنىدىكى ھەشر قىلىش بولسا مەخلۇقاتلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ۋە ھېساب ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر مەيدانغا يىغىش دېگەنلىك بولىدۇ.

ئاللاھ قىيامەت كۈنىنى يەنە يىغىش كۈنى (يوم الجمع) دەپمۇ ئاتىغان، چۈنكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن ئەلبەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر﴾(11/«ھۇد»: 103).

ئاللاھ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىدۇ. بۇ ھەقتە: ﴿ئېيتقىنكى، ‹ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 49، 50) دېگەن.

ئۇلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بەندىلەر قايسى ئورۇندا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھ ئۇلارنى ھاۋا بوشلۇقىدىن، دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن، زېمىننىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ۋە قۇشلار، ھايۋاناتلار ۋە بېلىقلارنىڭ قورساقلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ مەھشەرگە توپلايدۇ. ئاللاھقا نىسبەتەن بۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقتە: ﴿ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 148) دېگەن.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن ھېچبىر كىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە: ﴿ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر. شەك – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ﴾(19/«مەريەم»: 93 — 95) دېگەن.

شۇنداق، ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ سانىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەركەك – چىشىلىرى، چوڭ – كىچىكلىرى ھەممىسىنىڭ سانىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر ۋە يەنە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى، نەپەسلىرى ۋە سۆزلىرىنىمۇ تولۇق بىلگۈچىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئول ئاللاھنىڭ قەھرى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر. ھەممە مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزى خاھلىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگە) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز﴾(18/«كەھف»: 47) دېگەن.

دېمەك، قىيامەت قايىم بولغاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورۇنغا (مەھشەرگە) يىغىدۇ.

ھەشرنىڭ دەلىللىرى

ھەشرنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىرقانچە ئورۇندا كەلگەن. ئالايلۇق:

﴿ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگە) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز﴾(18/«كەھف»: 47)، ﴿ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 49، 50)، ﴿سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىمىز﴾(18/«كەھف»: 99).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئىلگىرى – كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى شۇنداق بىر تۈزلەڭلىككە يىغىدۇكى، ئۇلارغا قارىغان ئادەم ھەممەيلەننى كۆرەلەيدۇ، چاقىرسا ھەممەيلەنگە ئاڭلىتالايدۇ»(1) دېگەن.

مەھشەرنىڭ سۈپىتى

مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنى ئاپئاق، پاكىز بىر زېمىنغا ھەشر قىلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر بىر تال ئاق توقاچ ناندەك قىزغۇچ ئاق بىر زېمىن ئۈستىگە ھەشر قىلىنىدۇ» دېگەن(2).

مەھشەرنىڭ ئورنى

مەھشەر شامدا بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولى بىلەن شامغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ دېگەنكى: «مانا بۇ يەر، بۇ يەرگە قىيامەت كۈنى ئۇلاغلىق، پىيادە ۋە يۈزۈڭلارچە سۆرەلگەن ھالدا ھەشر قىلىنىسىلەر. قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئاغزىڭلار ئىۋرىقنىڭ ئاغزى ئېتىلگەندەك ئېتىلىدۇ. سىلەر (ئاللاھ ياراتقان) يەتمىش ئۈممەتنىڭ ئاخىرقىسى بولدۇڭلار ، سىلەر ئاللاھ تائالاغا يەتمىش ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىكراقىدۇرسىلەر. ھەقىقەتەن، سىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال سۆز قىلىدىغان يېرى ئۇنىڭ يوتىسىدۇر»(3).

يەنى ئۇلارنىڭ يوتىلىرى سۆزلەپ بولغانغا قەدەر ئۆزلىرى گەپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەشر كۈنىنىڭ مىقدارى

ھەشر كۈنىدە مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ھەقىقەتلەر ئاشكارا بولىدۇ ۋە بەندىلەر ئارىسىدىكى خۇسۇمەتلەر ئايرىلىدۇ. ئۇ بەك ئۇزۇن كۈن بولۇپ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىلدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ﴾(70/«مەئارىج»: 4). ئۇ كۈندە ئاللاھ ئامان قىلغان ۋە رەھىم قىلغان ئىنسانلاردىن باشقا ھەممە ئىنسانلار قورقۇنچ ئىچىدە بولىدۇ.

ئۇ كۈن بەك ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار دۇنيادا ياشىغان زامانىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ۋاقىت بۇ كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقىغا نىسبەتەن ھېچ نەرسە ئەمەستۇر. بۇ كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قورقۇنچلۇقىغا نىسبەتەن ئىنسانلار دۇنيا ھاياتىنى قىسقا ساناپ «دۇنيادا پەقەت كۈندۈزى ئازغىنا ۋاقىتلا تۇرۇپتىمىز» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزى ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى﴾(10/«يۇنۇس»: 45)، ﴿قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ﴾(30/«رۇم»: 55).

ئىنسانلار بۇ ئورۇندا تۇرىدۇ. بىر كىشى بىر كىشىگە بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ. بەلكى ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ نىجاتلىقىنىلا ئويلايدۇ. بۇ كۈندىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەربىر ئادەم قېرىندىشىدىن، دادىسىدىن، ئايالىدىن، بالىلىرىدىن، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم – قېرىنداشلىرىدىن ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلاردىن قاچىدۇ. لېكىن، ھېچكىم ئۇنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. بۇ نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق كۈن!!! دوست دوستىنى، ھەبىب ھەبىبىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئانا ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى، ھامىلىدار قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ). ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ . ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ﴾(80/«ئەبەسە»: 33 — 37)، ﴿(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم – قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾(70/«مەئارىج»: 11 — 14).

گۇناھكار بەندە بالىسى، ئانىسى ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنى فىدىيە قىلىپ بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇ بەك تەس كۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ كۈن ھەققىدە: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز﴾(76/«ئىنسان»: 10) دېگەن.

ھەشرنىڭ تۈرلىرى

باشتا ئېيتىلغاندەك، ھەشرنىڭ مەنىسى «يىغماق» ۋە «توپلىماق» دېگەنلىكتۇر. مەخلۇقاتلار قىيامەت بولغاندا ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈردىكىلەر بولسا بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ۋە قەبرلىرىدە يېتىۋاتقانلار، يەنە بىر تۈردىكىلەر بولسا قىيامەت بولغان چاغدا ھايات ياشاۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار بىرىنچى سۇر پۈۋلەنگەندە ئۆلۈپ كېتىدۇ.

مەلۇمكى، قىيامەت ناچار ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ. ئاللاھ قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى قەبزى قىلىدىغان ياخشى شامالنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىننىڭ ئۈستىدە قېپقالغان ھايات ئىنسانلار ھەشر قىلىنىدۇ.

«قۇرئان» ۋە سۈننەتتە مەخلۇقاتلارنى قانداق ھەشر قىلىش ۋە يىغىشنىڭ تەپسىلاتى كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ بىلجىرلاشلىرى ۋە گۇمانلىرى ئۈچۈن ھېچبىر بوشلۇق قويمىغان. ھەشر قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى تۈر: ھاياتلارنى ھەشر قىلىش

بۇ ھايات مەخلۇقاتلارنى ھەشر قىلىش بولۇپ، ئۇلار زېمىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن شامدىكى مەھشەرگە يىغىلىدۇ. ئۇلارنى ھەيدەيدىغان ۋە يىغىدىغان نەرسە ئەدەن شەھىرىنىڭ يەر ئاستىدىن چىقىدىغان ئوتتۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئون ئالامەت بولمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ» دېگەن. يەنى قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن چوڭ ئون ئالامەتنى كۆرۈسىلەر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئالامەتلەرنى ساناپ كېلىپ: «يەنە بىرى (يەمەندىكى) ئەدەننىڭ قەئرىدىن (تېگىدىن) چىقىدىغان بىر ئوت بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى مەھشەرگە ھەيدەيدۇ، بۇ ئوت ئۇلار قونسا قونىدۇ، چۈشلۈك ئارام ئالسا چۈشلۈك ئارام ئالىدۇ» دېگەن(4). يەنە: «قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا پۈتۈن خالايىقنى كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا سۈرۈپ توپلايدىغان بىر ئوتتۇر»(5) دېگەن. يەنە: «ھەقىقەتەن، سىلەر قىيامەت كۈنى پىيادە، ئۇلاغلىق ۋە يۈزۈڭلارچە سۆرەلگەن ھالدا بۇ يەرگە ھەشر قىلىنىسىلەر» دېگەن ۋە قولى بىلەن شام تەرەپكە ئىشارەت قىلغان([6]).

بۇ ھەدىسلەردىن شۇنى چۈشىنىمىزكى، بۇ ئوت ئىنسانلارنى زېمىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن شامدىكى بىر ئورۇنغا ھەيدەيدۇ، ئاندىن بىرىنچى سۇر چېلىنىدۇ ۋە ئۇلار ئۆلىدۇ.

ئىنسانلاردىن ئەڭ ئاخىرى ھەشر قىلىنىدىغىنى

ئىنسانلارغا ئوت يۈزلىنىپ ئۇلارنى ھەيدەپ ماڭغاندا، ئۇلار ئادىتى بويىچە تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بولىدۇ، ئوت ئۇلارغا تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرىدا ھەشر قىلىنىدىغان كىشى توغرۇلۇق مۇنداق خەبەر بېرىدۇ: «ئەڭ ئاخىرى (مەدىنەدە ئۆلۈپ مەھشەردە) توپلىنىدىغانلار مۇزەينە قەبىلىسىدىن ئىككى پادىچى بولۇپ، ئۇلار قويلىرىنى ‹كۈش – كۈش› دېگىنىچە مەدىنەگە كېلىپ، ئۇ يەرنى ئادەمزاتسىز كۆرىدۇ، ئۇلار سەنىييەتۇل ۋەدائغا(7) كەلگەندە، دۈم چۈشۈپ ئۆلىدۇ»(8).

بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ نەرسىنى ئوچۇقلاپ بەردىكى، بۇ ئىككى قويچى قويلىرىنى بېقىپ يۈرۈپ قويلىرىغا ۋارقىرايدۇ. بۇ چاغدا قويلار ئىلگىرىكى كۆنۈك، يۇۋاش ھالىتىدىن كېيىن بويسۇنمايدىغان يىرتقۇچ ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىككىسى شامغا مېڭىپ، مەدىنەدىن ئۆتىدۇ، سەنىييەتۇل ۋەدائغا كەلگەندە، يىقىلىپ جان ئۈزىدۇ.

مانا بۇ ھەشرنىڭ بىرىنچى تۈرى بولۇپ، بۇ ھايات كىشىلەرنى ھەشر قىلىشتۇر. ئەمما، قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۈچۈن باشقا بىر خىل ھەشر بار.

ئىككىنچى تۈر: ئۆلۈكلەرنى ھەشر قىلىش

بۇ بىرىنچى سۇر چېلىنىپ، مەلۇم زامان ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ. بۇ مەلۇم زامان قىرىقتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئەرشنىڭ ئاستىدىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇ يامغۇر بىلەن زېمىننىڭ ھەممە جايلىرىدا قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ تەنلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تەنلىرى تولۇق ئۈنۈپ بولغاندا، ئىككىنچى سۇر چېلىنىدۇ ۋە ئۆلۈكلەر قەبرلىرىدىن چىقىدۇ ۋە بىرىنچى سۇر پۈۋلەنگەندە ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مەھشەرگە ھەيدىلىدۇ.

مەخلۇقاتلارنى ھەشر قىلىشنىڭ سۈپىتى

مەخلۇقاتلار ئىنسانلار، ھايۋانلار، قۇشلار، بېلىقلار، چوڭلار، كىچىكلەر، مۇسۇلمانلار ۋە كافىرلاردىن ئىبارەت ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بولۇشىدا شەك يوق شۇ كۈن ئۈچۈن (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھەشر قىلىنىدۇ ۋە توپلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلبەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر﴾(11/«ھۇد»: 103)، ﴿ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 49، 50).

ئاللاھ بەك ئۇلۇغدۇر، ھېچ نەرسە ئۇ زاتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بەندىلەر قانداق ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى مەھشەرگە ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممەڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 148).

ئاللاھ بىزگە ھەشرنىڭ تۈرلىرىنى سۈپەتلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:

1) پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ھەشر قىلىش؛ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگە) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز﴾(18/«كەھف»: 47) دېگەن.

2) ھايۋاناتلارنى ۋە يىرتقۇچلارنى ھەشر قىلىش؛ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 5) دېگەن.

3) گۇناھكارلارنى ھەشر قىلىش؛ گۇناھلىرى كۇفرى دەرىجىسىگە بارسۇن ياكى بارمىسۇن، ئۇلار ھەر تۈرلۈك گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن ئاسىيلار بولۇپ، ئۇلار ھەشر قىلىنىشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قىيامەت مەيدانىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿بۇ سۇر چېلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز﴾(20/«تاھا»: 102) دېگەن.

4) زالىملارنى ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارنى ھەشر قىلىش. زىناخورلار زىناخورلار بىلەن، جازانىخورلار جازانىخورلار بىلەن ھەشر قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگە) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار﴾(37/«ساففات»: 22، 23).

ھايۋانلارمۇ ھەشر قىلىنامدۇ؟

شۇنداق، قىيامەت كۈنى باشقا مەخلۇقاتلار ھەشر قىلىنغاندەك، ھايۋانلارمۇ ھەشر قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)﴾(6/«ئەنئام»: 38)، ﴿ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 5)، ﴿ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خاھلىسا، ئۇلارنى جەمئ‍ قىلىشقا قادىردۇر﴾(42/«شۇرا»: 29).

ھايۋانلارنى ھەشر قىلىش ۋە قىيامەت مەيدانىغا يىغىش بولسا ئۇلارغىمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش جازا – مۇكاپات بېرىش ۋە جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمما، مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قويغا قىساس ئېلىپ بېرىش مەھشەردە يۈز بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا: «توپا بولۇپ كېتىڭلار» دېيىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ھەقلەر چوقۇم ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلماي قالمايدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قوينىڭ ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ»([9]) دېگەن.

ئەڭ چوڭ قورقۇنچ قايسى؟

ئۇ بەندىلەرگە قەبرلىرىدىن تىرىلىپ چىققاندا، ئۇلارغا يېتىدىغان دەھشەتلىك ئەھۋالدۇر. ئەمما، سالىھلەر باشقىلار قورقۇپ كەتكەندەك قورقۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ۋە ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز، ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سەۋر – تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 10، 12). نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھ دېدىكى: ‹مېنىڭ ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، بەندەم ئۈچۈن ئىككى ئەمىنلىكنى ۋە ئىككى قورقۇنچنى جەملىمەيمەن: ئەگەر ئۇ دۇنيادا مەندىن ئەمىن بولغان بولسا، بەندىلىرىمنى يىغقان (قىيامەت) كۈندە ئۇنى قورقۇتىمەن. ئەگەر ئۇ دۇنيادا مەندىن قورققان بولسا، بەندىلىرىمنى يىغقان كۈندە ئۇنى ئەمىن قىلىمەن›»(10).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەھشەردىكى بايرىقى

ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەھشەردە ھۆرمەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەنبىيائلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بايرىقىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ. ئۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنى بارلىق ئەنبىيائلەرنىڭ ئىمامى، خەتىبى ۋە شاپائەتچىسىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى بولغاندا مەن ئەنبىيائلەرنىڭ يولباشچىسى، خەتىبى ۋە شاپائەتچىسى بولىمەن، بۇنىڭدا پەخىرلىنىش يوقتۇر»(11) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىدا ھەمد بايرىقى بار بولۇپ، ھەممە ئەنبىيائلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بايرىقىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ سەردارىمەن، (بۇنىڭدا) پەخىرلىنىش يوق، مەن قىيامەت كۈنى (چىقىشىم ئۈچۈن) زېمىن يېرىلىدىغان تۇنجى كىشىدۇرمەن، پەخىرلىنىش يوق، مەن تۇنجى شاپائەتچى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇرمەن، پەخىرلىنىش يوق»(12).

مەھشەردىكى ئىنسانلارنىڭ ھالى

ھەشر كۈنى بۈيۈك، ئۇزۇن ۋە قىيىن كۈن بولۇپ، ئۇ كۈندە ئىنسانلار ھەر تۈرلۈك بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ خۇتبىسىدە سۈپەتلىگەندەك بولىدۇ: «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر، ﴿مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز، بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر. (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104)»(13).

زىتلىق بارمۇ؟

شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئىنسان ۋاپات بولغان چاغدىكى كىيىمى بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. خۇددى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە كەلگەندىكىدەك، ئۇ ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن چاغدا، يېڭى كىيىملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ كىيدى. ئاندىن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ھەقىقەتەن، مېيىت ۋاپات بولغان چاغدىكى كىيىمى بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېدى(14).

ئالدىنقى ھەدىستە، «بەندىلەر يالىڭاچ ھالەتتە تىرىدۈرۈلىدۇ» دەپ كەلدى. ئۇنداقتا بۇ ئىككى ھەدىسنى قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟

ئىنسانلار يالىڭاچ ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا كىيىم كىيگۈزگەندە، تۇنجى كىيىمى ۋاپات بولغان چاغدىكى كىيىمى بولىدۇ.

يەنە بىر قاراشتا: «ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغانلار شۇھەداﺋ بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ۋاپات بولغان چاغدىكى كىيىملىرى بىلەن دەپنە قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار باشقىلاردىن پەرقلىنىشى ئۈچۈن شۇ كىيىملىرى بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ» دېيىلگەن.

يەنە بىر قاراشتا: «ئەبۇ سەئىدنىڭ قىلغىنى ئۇنىڭ ھەدىسنى چۈشىنىشتىكى ئىجتىھادىدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿كىيىمىڭنى پاك تۇت﴾(74/«مۇددەسسىر»: 4) دەپ ئېيتقاندەك، ھەدىستىكى كىيىملەردىن مەقسەت قىلىنغان نەرسە ياخشى ئەمەللەردۇر. يەنى: ‹ئەمەلىڭنى پاكلىغىن› دېگەنلىك» دېيىلگەن. دېمەك، ئادەم ۋاپات بولغان چاغدىكى ئەمەلى بويىچە تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئەمەلى ياخشى بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى ھالى ياخشى، ئەمەلى يامان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى ھالى يامان بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى كۈچلەندۈرىدۇ: «ھەربىر بەندە قانداق ھالەتتە ئۆلگەن بولسا، شۇ ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ»(15).

شۇنىڭ ئۈچۈن، سەكراتتىكى كىشىلەرگە دۇنيادىن كېتىدىغان چاغدىكى ئاخىرقى سۆزى بولۇشى ۋە قىيامەت كۈنى بۇ كەلىمە بىلەن تىرىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دېگەن كەلىمەئى شاھادەتنى تەلقىن قىلىش (ئەگىشىپ تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن ئالدىدا ئوقۇش ۋە ئاغزىغا سېلىپ بېرىش) مۇستەھەب بولىدۇ.

ئىنسانلار يالىڭاچ ھەشر قىلىنسا، بىر – بىرىگە قارامدۇ؟

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغان چاغدا:

— يا رەسۇلەللاھ! ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر – بىرلىرىگە قارىشامدۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، ئۇ زات:

— ئۇ يەردىكى دەھشەتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە بۇ ئىشلار كېلىپ قالمايدۇ، — دېگەن»(16). يەنى ئىنسانلاردىكى قاتتىق قورقۇنچ ئۇلارنى باشقىلارغا قاراتمايدۇ، ھەركىم ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدىغانلىقى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «قىيامەت كۈنى، قۇياش ئىنسانلارغا بىر مىل مىقدارىچە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. ئىنسانلار قىلغان ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ. بەزىلەر ئوشۇقىغىچە، بەزىلەر تىزىغىچە، بەزىلەر بېلىگىچە، يەنە بەزىلەر ئاغزىغىچە تەرلەيدۇ»(17). يەنە: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر تەرلەپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ تەرلىرى زېمىننىڭ ئاستىغا يەتمىش گەز چوڭقۇرلۇقتا سىڭىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئېشىپ، قۇلاقلىرىغىچە چىقىدۇ»(18) دېگەن. يەنە: «ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ تەرىگە قۇلاقلىرىنىڭ يېرىمىغىچە چۆكۈپ كېتىدۇ»»(19) دېگەن. يەنە: «قىيامەت كۈنى بولغاندا قۇياش بەندىلەرگە بىر ياكى ئىككى مىل مىقدارىچە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. قۇياش ئۇلارنى ئېرىتىۋېتىدۇ»(20) دېگەن.

ئاشۇ كۈندە مۇئمىنلەرنىڭ ھالى

مەھشەر كۈنى قاتتىق قورقۇنچ ۋە ئىزتىراپلار بولۇپ، ئىنسانلار بىر – بىرىدىن ئادا – جۇدا بولۇپ كېتىدىغان بولسىمۇ، مۇئمىنلەر ئۈچۈن باشقىچە ئەھۋال بولىدۇ. ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر ئۇلارنى قارشى ئېلىپ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى يوق قىلىدۇ ۋە خاتىرجەم قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 103).

شۇنداق، بۇنداق بولۇشى دۇنيادىكى چاغدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرى پەرۋەردىگارىدىن قورقۇش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بۇ كۈنگە تەييارلىق قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە يەنە ئېيتقانكى: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز﴾(76/«ئىنسان»: 10)، ﴿ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر﴾(70/«مەئارىج»: 27، 28)، ﴿ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 11).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھ دېدىكى: ‹مېنىڭ ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، بەندەم ئۈچۈن ئىككى ئەمىنلىكنى ۋە ئىككى قورقۇنچنى جەملىمەيمەن: ئەگەر ئۇ دۇنيادا مەندىن ئەمىن بولغان بولسا، بەندىلىرىمنى يىغقان (قىيامەت) كۈندە ئۇنى قورقۇتىمەن. ئەگەر ئۇ دۇنيادا مەندىن قورققان بولسا، بەندىلىرىمنى يىغقان كۈندە ئۇنى ئەمىن قىلىمەن›»(21).

كافىرلارنى ھەشر قىلىشنىڭ شەكلى

قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنسان ئۆز ئەمەلىگە قارىتا ھەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھەشر مۇئمىنلەرگە ئاسان، كافىرلارغا قىيىن قىلىنىدۇ. بەلكى كافىرلارغا قاتتىق غەزەپ قىلىنىدىغانلىقى، قەلبلىرىنىڭ قاتتىق ئىزتىراپ چېكىدىغانلىقى، بەدەنلىرىنىڭ تىترەپ كېتىدىغانلىقى ۋە كۆپ تەر ئېقىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ناھايىتى خار ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ.

كافىرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى دۈم ياتقۇزۇلۇپ ھەشر قىلىنىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 97). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر ئادەم:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى كافىر يۈزى دۈم ھالەتتە توپلىنامدۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— دۇنيادا ئۇنى ئىككى پۇتىدا ماڭدۇرغان زات قىيامەت كۈنى يۈزى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟! — دېدى»(22).

ئۇلار يەنە چاڭقىغان ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز﴾(19/«مەريەم»: 86) دېگەن. شاپائەت توغرۇلۇق كەلگەن ئۇزۇن بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلغان ۋە شىرك كەلتۈرگەن كافىرلار توغرۇلۇق دېدىكى: «ئۇلارغا: ‹نېمە تەلىۋىڭلار بار؟› دېيىلىدۇ، ئۇلار: ‹رەببىمىز! چاڭقاپ كەتتۇق، سۇ بەرسەڭ› دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئىشارەت قىلىنىپ: ‹سۇ ئىچكىلى بارمامسىلەر؟› دېيىلىپ، بىر – بىرىنى پاچاقلاپ كۆيۈۋاتقان گويا سەرابقا ئوخشاش دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئاندىن بىرىمۇ قالماي ئارقا – ئارقىدىن دوزاخقا تۆكۈلىدۇ»(23).

قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان ئادەم

تۇنجى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان ئادەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر› دېدى، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئەڭ دەسلەپكى مەخلۇقنى ياراتقىنىمىزدەكلا، ئۇنى قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104). ئاندىن دېدى: ‹قىيامەت كۈنى خالايىق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغىنى ئىبراھىم بولىدۇ»(24).

ئاللاھ مۇئمىنلەرگە كىيىم كىيدۈرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش يالىڭاچ قېلىشتىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا ھۆرمەت كىيىملىرى كىيدۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا مىنىدىغان نەرسىلەر تەييارلىنىدۇ. بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمىن ۋە ئىززەت – شەرەپلىك ماقاملىرىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال چاقىرىلىدىغان كىشى

قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال چاقىرىلىدىغان كىشى ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى ئەڭ دەسلەپ قىلىپ چاقىرىلىدىغان كىشى ئادەم بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كۆرۈنۈپ، ئۇلارغا:

— بۇ ئاتاڭلار ئادەم بولىدۇ، — دېيىلىدۇ. ئادەم:

— خوش، تائىتىڭگە تەييارمەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئادەمگە:

— ئەۋلادلىرىڭدىن دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنى چىقارغىن، — دەپ بۇيرۇيدۇ، ئادەم:

— ئى رەببىم! قانچىلىك چىقىرىمەن؟ — دەيدۇ. ئاللاھ:

— ھەر يۈزدىن توقسان توققۇزنى چىقارغىن، — دەپ بۇيرۇيدۇ. ئەسھابلەر:

— يا رەسۇلەللاھ! ئەگەر بىزدىن ھەر يۈزدىن توقسان توققۇزى ئېلىنسا، بىزدىن نېمە قالىدۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەقىقەتەن، مېنىڭ ئۈممىتىم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قارا ئۆكۈزدىكى بىر تال ئاق تۈكتەك ئاز بولىدۇ، — دېدى»(25).

مەھشەردىكى ئېغىرچىلىقنى يېنىكلىتىدىغان ئەمەللەر

قىيامەت كۈنىدىكى ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن شۇ قورقۇنچ ۋە قىيىنچىلىقنى يېنىكلىتىدىغان ئەمەللەرگە موھتاج بولىدۇ. بۇ يەردە جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدىغان ۋە تارازىنى ئېغىرلىتىدىغان بىرمۇنچە ئەمەللەر بار، شۇنداقلا بۇ ئەمەللەر مەھشەردىكى قورقۇنچ ۋە ئېغىرچىلىقنى يەڭگىللىتىشكىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرى ھەر تۈرلۈك بولىدۇ، بۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىلىرى بەندىگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەمەل قىلغۇچى مۇئمىنلەر تۈرلۈك بولىدۇ:

ئۇلارنىڭ قاتارىدىن ئۇزۇنلۇقى، قىيىنلىقى، ئىسسىقلىقى ۋە قورقۇنچىسى بىلەن دەھشەتلىك بولغان ۋە ئىنسانلار قاتتىق تەرلەپ كېتىدىغان ئاشۇ كۈندە ئاللاھ ئۆز سايىسىدە سايىتىدىغان ئىنسانلار بار. ئاللاھ سالىھ قەۋملەرنى ئايرىپ، ئۇلارنى ئەرشىنىڭ ئاستىدا سايىتىدۇ، ئۇلار كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىنسانلار بولۇپ، ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ (ئۇلار): ئادىل پادىشاھ؛ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت؛ ئەس – يادى ھەمىشە مەسجىدكە باغلانغان كىشى؛ بىر – بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئايرىلىشقان ئىككى كىشى؛ ئېسىل ۋە گۈزەل بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھتىن قورقىمەن› دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى؛ ئوڭ قولى بەرگەن سەدىقەنى سول قولى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەخپىي بەرگەن كىشى ۋە پىنھان جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى»(26).

ئۇلارنىڭ قاتارىدىن يەنە:

1) ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ دوست بولۇشقانلار

يەنى گۈزەللىك ئۈچۈن ياكى مەنسەپ ئۈچۈن، ياكى دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ دوست بولۇشقانلار. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ قىيامەت كۈنى: ‹مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن دوستلاشقانلار قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەمدە سايىدىتىمەن› دەيدۇ»(27).

2) قول ئىلكىدە يوق كىشىگە مۆھلەت بەرگەن ياكى كەچۈرۈۋەتكەن سودىگەر

كەمبەغەل كىشىگە رەھىم قىلىش ۋە ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، قول ئىلكىدە يوق، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشى يېتەرلىك ئىقتىساد تېپىۋالغۇچە ئۇنىڭدىن قەرزنى سۈيلىمەسلىك ياكى قەرزنىڭ بىر قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى سايىدىتىدۇ»(28) دېگەن. يەنە: «كىمكى قەرزدارىدىن يەڭگىللەتسە ياكى ئۇنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، قىيامەت كۈنى ئەرشنىڭ سايىسىدا بولىدۇ»(29) دېگەن.

3) قىيىنچىلىقتا قالغان ئادەمگە ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئادەم

بۇمۇ ئالدىدىكى مەزمۇنغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ كەمبەغەللەرگە قەرز بېرىپ تۇرىدىغان باي سودىگەردۇر. بۇ سودىگەرمۇ قەرزدارلارنى تەڭقىسلىقتا قويمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە قەرزنىڭ بىر قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھالىنى زىكىر قىلىپ دېدىكى: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئاللاھ پۇل – مال بەرگەن بىر بەندە كەلتۈرۈلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا:

— دۇنيادا نېمە ئىش قىلدىڭ؟ — دېدى. ئۇ بەندە:

— ئى رەببىم! سەن ماڭا مېلىڭدىن بەردىڭ، مەن كىشىلەر بىلەن سودا – سېتىق قىلىشاتتىم، بايلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قەرزنىڭ قايتۇرۇش مۆھلىتىنى سۈرۈپ بېرەتتىم، — دېدى. ئاللاھ:

— مەن بۇنداق قىلىشقا سېنىڭدىنمۇ ھەقلىقراق، بۇ بەندەمنى كەچۈرۈڭلار، — دېدى»(30).

يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «بىر ئادەم پەقەتلا ياخشىلىق قىلىپ باقمىغانىكەن، ئەمما كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇرىدىكەن ۋە قەرزنى سۈيلەيدىغان ئادىمىگە: ‹قولىدا بارلاردىن ئالغىن، قىيىنچىلىقتا قالغانلاردىن ئالمىغىن، بەلكى كېچىۋەتكىن. ئاللاھمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزدىن ئۆتۈپ كېتەر› دەيدىكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا:

— سەن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ باقتىڭمۇ؟ ـ دەپتۇ. ئۇ:

— ياق، لېكىن مېنىڭ بىر خىزمەتكارىم بار ئىدى، مەن كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇراتتىم، ئۇ خىزمەتكارىمنى قەرز يىغقىلى ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭغا: ”قولىدا بارلاردىن ئالغىن، قىيىنچىلىقتا قالغانلاردىن ئالمىغىن، بەلكى كېچىۋەتكىن. ئاللاھمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزدىن ئۆتۈپ كېتەر“ دەيتتىم، ـ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ:

ــ مەنمۇ سېنى كەچۈرۈۋەتتىم، ـ دەپتۇ»(31).

4) قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان ئادەم

ئاللاھ ئىنسانلارنى بايلىق ۋە كەمبەغەللىك، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئاجىزلىق، بىلىم – مەرىپەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرقلىق قىلدى.

ئاللاھ بىر كىشىنى مەلۇم بىر نېئمەت بىلەن ئارتۇق قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنى ئەرشىنىڭ ئاستىدا سايىدىتىشى ئۈچۈن، بۇ كىشىگە شۇ نېئمەتتىن مەھرۇم بولغان قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشى لايىق بولۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «كىمكى بىر مۇئمىندىن دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ»(32).

5) ئادىل بولغۇچىلار

ئادىللىق ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، كىمكى بۇنىڭغا ئەمەل قىلسا پايدا ئۇنىڭ سۆھبەتدىشى، مۇۋەپپەقىيەت ئۈلپەتدىشى بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ دۇنيادا قەلبى ئارام تاپىدۇ، ئاخىرەتتە مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ ۋە دۈشمەنلىرى ئاز بولىدۇ، دوستلىرى كۆپ بولىدۇ.

ئەمما، زۇلۇم قىلىش بولسا ئىبلىسنىڭ سۈپىتىدۇر ۋە ئۇلۇغلۇق، پاكلىقنىڭ دۈشمىنىدۇر. زۇلۇم زالىمنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئادىللىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن قىيامەت كۈنى ئادىل بولغۇچىلارنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق قىلىدىغانلىقىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، ئادىللىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، رەھمان تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە ئولتۇرىدۇ. —رەھمان تائالانىڭ ئىككىلا قولى ئوڭدۇر — ئۇلار ئۇلار ئىنسانلارغا قىلغان ھۆكۈملىرىدە، ئائىلىسىدىكى ۋە ئىلكىدىكى ئىشلاردا ئادىل بولغان كىشىلەردۇر» دېگەن(33).

يەنى بۇ ئىنسانلار كىشىلەر ئارىسىدىكى دەتالاشلاردا ھۆكۈم قىلىپ قالسا ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. ئايالى ۋە بالىلىرىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۆز ئىلكىدىكى ئىشلاردا ئادىل بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ بىرەرسى پادىشاھ بولسا ياكى دۆلەت رەئىسى بولسا ياكى شىركەت مۇدىرى ياكى مەكتەپ مۇدىرى بولسا، ئادىل، ھەققانىي بولىدۇ.

دېمەك، ئۇلار ئادىل بولسا ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى نۇردىن بولغان مۇنبەرلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

6) ئاچچىقىنى يۇتقۇچىلار

غەزەپلىنىش ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولغان ناچار سۈپەتتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غەزەپلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسھابلىرىدىن بىر كىشىگە: «غەزەپلەنمىگىن، غەزەپلەنمىگىن، غەزەپلەنمىگىن»(34) دەپ تەكرار ئېيتىپ نەسىھەت قىلغان.

غەزەپلىنىش قانچىلىغان يېقىن دوستلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتتى. قانچىلىغان ئىنسانلارنى ھاياتىدىن ئايرىدى ۋە دۈشمەنلىكلەرنى پەيدا قىلدى. ھەقىقىي باتۇر، ئەقىللىق كىشى غەزەپلەنگەن چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نەپسىنى كونترول قىلالىغان كىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چېلىشقاندا كۆپ يىقىتقان نوچى ئەمەس، ھەقىقىي نوچى دېگەن ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان كىشىدۇر»(35) دېگەن.

ئاچچىقىنى يۇتىدىغان ۋە غەزەپلەنگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغانلارنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى مۇكاپاتلايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى (قارشى تەرەپكە) كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئاچچىقىنى يۇتسا، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەمنى خالايىقلارنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ، شەھلا كۆزلۈك ھۆر پەرىلەردىن خاھلىغىنىنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ» دېگەن(36).

7) مۇئەززىنلەر

نامازغا چاقىرىش قۇربەت ۋە ئىبادەتتۇر. ئەگەر ئىنسانلار ئەزان ئېيتىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن بولسا، ئەلبەتتە بۇ پەزىلەتنى تالىشىپ چەك تاشلاشقان بولاتتى. مۇئەززىن ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئاۋازى بىلەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ياڭرىتىدىغان تۇرسا، قانداقسىگە پەزىلەتلىك بولمىسۇن؟!

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن كىشىلەر مۇئەززىنلەردۇر»(37) دېگەن. بويۇننىڭ ئۇزۇنلۇقى — مۇئەززىنلەرنىڭ ئەزان ئېيتىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئەمەلىگە مۇناسىپ كېلىدىغان گۈزەللىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازلىرى بىلەن تەۋھىدنى ئېلان قىلىدىغان ۋە نامازغا چاقىرىدىغان ئەزان كەلىمىلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. مۇئەززىنگە قىيامەت كۈنى ھەربىر ھۆل ۋە قۇرۇق نەرسە دۇنيادا ئېيتقان ئەزان ئاۋازىنىڭ تىلى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى سائسائەگە: «قارىسام، سەن قويلارنى، سەھرانى ياخشى كۆرىدىكەنسەن، ئەگەر قويلىرىڭ بىلەن سەھرادا بولۇپ قالساڭ، نامازغا ئەزان ئېيتقىنىڭدا ئاۋازىڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەزان ئېيتقىن! چۈنكى، ئەزان ئېيتقۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان جىن، ئىنسان ۋە ھەرقانداق نەرسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ» دېگەن. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان» دېدى(38).

8) ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ ياشانغانلار

ئىسلامنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئىسلامنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولۇش چوڭ بەختتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 102) دېگەن.

ئاللاھ تائالا ياشتا چوڭ ئادەمنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇنىڭ قېرىلىقىغا ئېھتىرام قىلىشقا ۋە ئۇ ئادەمگە قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشقا بۇيرۇدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىر ياش ياشانغان كىشىنى (ياشتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن) ھۆرمەتلەيدىكەن، ئۆزى قېرىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشىنى مۇيەسسەر قىلىدۇ»(39) دېگەن. يەنە: «ياشانغان مۇسۇلماننى، ‹قۇرئان›نى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، تاشلاپمۇ قويماي ئۆزلەشتۈرگەن ئادەمنى ۋە ئادىل ھۆكۈمراننى ھۆرمەتلەش ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر»(40) دېگەن. يەنە: «كىچىكلىرىمىزگە مېھىر ـ شەپقەت قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلار بىزدىن ئەمەس»(41).

ياشانغان مۇسۇلماننى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھۆرمەتلەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىسلامىيەتتە چېچى ئاقارغان بولسا، شۇ ئاق چاچلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى نۇر بولىدۇ»(42) دېگەن.

9) تاھارەت ئالغۇچىلار

تاھارەت بولسا ناماز، «قۇرئان» ئوقۇش، تاۋاپ قىلىش ۋە باشقا بىرقانچە تۈرلۈك ئىبادەتلەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر. تاھارەتنى پەقەت مۇئمىن كىشىلا مۇھاپىزەت قىلىدۇ. تاھارەت ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شوئارىدۇر، تاھارەت ئالغۇچىلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ۋاقىتتا تاھارىتىنىڭ تەسىرىنى تاپىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلار توغرۇلۇق سۆزلەۋېتىپ: «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ تەسىرىدىن چىرايلىرى، پۇت – قوللىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ»(43) دېگەن. يەنە: «مۇئمىننىڭ (جەننەتتىكى) زىبۇزىننىتى تاھارەت ئالغان چاغدىكى سۇ يەتكەن جايغىچە يېتىدۇ»(44) دېگەن. بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغىنى نۇر بولۇپ، بۇ قىيامەت كۈنى مۇئمىنگە نۇر بولۇپ، ئۇنى باشقا ئىنسانلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان زىننەت بولىدۇ.

قىيامەت كۈنى ئىنسانلار بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ ۋە ئۈممەتلەر بىر – بىرى بىلەن ئارىلىشىپ قاتتىق داۋالغۇش بولغان چاغدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنىڭ ئىچىدىكى تاھارەت ۋە ناماز ئەھلىنى ئۇلارغا خاس بولغان سۈپەت بىلەن تونۇيدۇ، ئۇ بولسىمۇ پېشانىسى ۋە پۇتلىرىدىكى نۇردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:

— مەن قىيامەت كۈنى سەجدە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان تۇنجى كىشىمەن ۋە بېشىنى كۆتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان تۇنجى كىشىمەن. (بېشىمنى كۆتۈرگەندىن كېيىن) ئالدىمغا قاراپ، باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدىن ئۈممىتىمنى تونۇيمەن. ئارقا تەرىپىمدىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئوڭ تەرىپىمدىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. سول تەرىپىمدىنمۇ شۇنداق بولىدۇ (يەنى ھەممە تەرەپتىن ئۈممىتىمنى تونۇيمەن). بىر كىشى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى نۇھ (ئەلەيھىسسالام) دىن تارتىپ سىلىنىڭ ئۈممەتلىرىگىچە بولغان ئۈممەتلەر ئارىسىدىن ئۈممەتلىرىنى قانداق تونۇيدىلا؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— تاھارەتنىڭ ئەسەرىدىن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ۋە پۇت – قوللىرى نۇرانە ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنداق ئەمەستۇر، — دېدى»(45).

10) «قۇرئان» ئەھلى

«قۇرئان» ئۇنى ئوقۇغان ئادەم ئۈچۈن دۇنيادا ئىززەت، ئاخىرەتتە نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ. كېچە – كۈندۈز ۋاقتىنى «قۇرئان» ئوقۇش ۋە «قۇرئان»نى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم قىيامەت كۈنى «قۇرئان»غا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئادەم بىلەن باراۋەر بولمايدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈرە «بەقەرە» بىلەن سۈرە «ئال ئىمران»نى ئوقۇغان ئادەمنى مەدھىيەلىگەن. بۇ ئىككى سۈرە ئۇنى ئوقۇغان ئادەمنى ھەشر كۈنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۇ زات دېدىكى: «‹قۇرئان› ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئوقۇغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ. ‹بەقەرە› بىلەن ‹ئال ئىمران›دىن ئىبارەت نۇرلۇق ئىككى سۈرىنى ئوقۇڭلار. چۈنكى، بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى خۇددى ئىككى پارچە بۇلۇتتەك ياكى سايىۋەندەك ۋە ياكى قاناتلىرىنى ئېچىپ، ئىككى قۇر بولۇپ تىزىلغان قۇشلاردەك، ئوقۇغان ئىگىلىرىنى ئاقلايدۇ. ‹بەقەرە›نى ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇنى ئوقۇش بەرىكەت، تاشلاپ قويۇش ھەسرەتتۇر. ئۇنىڭغا سېھىرگەرلەرنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ»(46).

يەنە دېدىكى: «قىيامەت كۈنى ‹قۇرئان› كېلىپ: ‹ئى رەببىم! ئۇنى (قۇرئان ئوقۇغۇچىنى) زىننەتلىگىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىززەت تاجى كىيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ‹قۇرئان›: ‹ئى رەببىم! ئۇنىڭغا زىيادە قىلغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىگە بىر قۇر ئىززەت تونى كىيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ‹قۇرئان›: ‹ئى رەببىم! ئۇنىڭدىن رازى بولغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹ئوقۇغىن، ئۆرلىگىن› دېيىلىدۇ ۋە ھەربىر ئايەتنىڭ باراۋېرىدە بىر ياخشىلىق زىيادە قىلىنىدۇ»(47).

11) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار

ئاجىزلارنى يوقلاپ تۇرۇش، پېقىرلارغا شەپقەت قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش، مەھرۇم بولغان كىشىگە سىلە – رەھىم قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ۋە غەم – قايغۇدا قالغۇچىنىڭ غەم – قايغۇسىنى يەڭگىللىتىش ئارقىلىق يۈز – ئابرۇيى، مېلى ۋە ئىلمى بىلەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كىشىلەردىن ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يەڭگىللىتىپ بېرىدۇ ۋە ئاسانلىق بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «كىمكى بىر مۇئمىندىن دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ»(48).

12) ئاجىزلارغا ياردەم قىلغۇچىلار

ئاللاھ ئىنسانلارنى خىلمۇخىل مەرتىۋىلەردە قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بەزى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋېلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن زۇلۇم قىلىدۇ. لېكىن، يەنە بەزىدە كۈچلۈكلەرنىڭ ئىچىدە تەقۋادار مۇئمىنلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنداق كىشىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «كىمكى قېرىندىشىغا غايىبانە ياردەم بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن(49).

ئاخىرقى سۆز

يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر ئاشۇ كۈندىكى ئىمانلىق ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىدۇر. ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئۇ كۈندە ئاللاھقا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن كىشىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىنسانغا مال، يۈز – ئابرۇي ۋە بالىچاقا ئەسقاتمايدۇ. ساغلام قەلبلىكلەر ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتىن ۋە باشقىلارغا ساختىپەزلىك قىلىش ۋە ھەسەت قىلىشتىن ساغلام بولغان، قەلبى ئىمان، راستچىللىق ۋە تەقۋالىق بىلەن تولغان كىشىلەردۇر.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3340)؛ مۇسلىم (194).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6521)؛ مۇسلىم (2790).
3. ئەھمەد (20025). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
4. مۇسلىم (2901).
5. بۇخارىي (3329).
6. ئەھمەد (20043). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
7. سەنىييە دېگەن «ئېگىز ئورۇن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، تارىخشۇناسلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى «سەنىييەتۇل ۋەداﺋ» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇننىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشتا بولغان. چۈنكى، «سەنىييە»نىڭ لۇغەت مەنىسى، «تاغدىكى يول» دېگەنلىكتۇر. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە بولسا كۆپلىگەن يوللار بار بولۇپ، بۇ يوللارنىڭ بىرى رايە مەسجىدىگە يېقىن جايدىكى مەدىنەنىڭ شەرق تەرىپىدىن سەلئى تېغىغا جايلاشقان يولدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يولدىن خەيبەر شەھىرىگە، تەبۇك شەھىرىگە ۋە شام يولىغا سەپەر قىلغانلار ۋە ئۇ تەرەپلەردىن كەلگەنلەر ئۆتىدۇ ۋە يەنە بۇ يولدىن مەدىنەدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تەربىيە فاكۇلتېتىغا ماڭغانلارمۇ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ يولنى ئەتراپىدىكى باشقا يوللاردىن ئازراق بىر ئېگىزلىكلا ئايرىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ يولغا قاراماي يېيىتىلىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىلدى. بۇ يول مەدىنە ئەھلىنىڭ قارىشىدا «سەنىييەتۇل ۋەداﺋ» دەپ تونۇلغاندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يوللارنى بولسا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىمايدۇ.
8. ىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1874)؛ مۇسلىم (1389). مۇزەينە قەبىلىسى، ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە جاھىلىيەتتىمۇ ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ، نەسەبى ۋە تارىخى ھەققىدە تونۇشلۇق بولغان قەبىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى بولغان ئەدنانغا نىسبەت بېرىلىدىغان ئەدنان قەبىلىلىرىدىندۇر. نەسەبى بۇ قەبىلىگە تۇتىشىدىغان كۆپلىگەن ئەسھابلەر، تابىئىنلار ۋە شائىرلار بار.
9. مۇسلىم (2582).
10. تەبەرانىي: «مۇسنەدۇششامىييىن»، (462)؛ ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسبەھانىي: «ھىليەتۇلئەۋلىياﺋ»، 6/98. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 742) «سەھىھ» دېگەن.
11. تىرمىزىي (3613). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
12. ئىبنى ماجە (4308). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3496) «سەھىھ» دېگەن.
13. ىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4740)؛ مۇسلىم (2860).
14. ئەبۇ داۋۇد (3114). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 3114) «سەھىھ» دېگەن.
15. مۇسلىم (2878).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6527)؛ مۇسلىم (2859).
17. مۇسلىم (2845). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ئۇ كۈندە ئىنسانلار مۇشەققەت تارتىشى ۋە تەرلىشىدە ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تاپىنىغىچە تەرلەپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى تىزىغىچە تەرلەپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى بېلىگىچە تەرلەپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر قىسمىنىڭ يۈزى ۋە بېشىنى تەر قاپلاپ كېتىدۇ» دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى سۇلەيم ئىبنى ئامىر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ زېمىننىڭ مۇساپىسى ئۆلچىنىدىغان مىلمۇ ياكى كۆزگە سۈرمە تارتىلىدىغان مىلمۇ؟ بىلمىدىم» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6532)؛ مۇسلىم (2863). بۇنىڭ مەنىسى: ئىنسانلار قاتتىق تەرلەپ كەتكەنلىكتىن، تەر يەتمىش گەز چوڭقۇرلۇقتا يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ، ئاندىن بۇ تەر يەنە ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ، ھەتتاكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغىچە يېتىدۇ.
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4938)؛ مۇسلىم (2862).
20. تىرمىزىي (2421). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 777) «سەھىھ» دېگەن.
21. تەبەرانىي: «مۇسنەدۇششامىييىن»، (462)؛ ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسبەھانىي: «ھىليەتۇلئەۋلىياﺋ»، 6/98. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 742) «سەھىھ» دېگەن.
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4760)؛ مۇسلىم (2806).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4581)؛ مۇسلىم (183).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3349)؛ مۇسلىم (2860). (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ سەۋەبى ئوتقا يالىڭاچ تاشلانغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئېچىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن دەسلەپ قىلىپ ئىشتان كىيگەن زات بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنلەرمۇ بولغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/390— ت.)
25. بۇخارىي (6529). بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى دېدىكى: «بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان دوزاخقا يوللىنىدىغانلار گۇناھلىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولغانلاردۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ مەغفىرەت قىلىشى بىلەن دوزاخقا كىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدىغانلار بار؛ شاپائەتكە ئېرىشىدىغانلار بار؛ دوزاخقا كىرىپ، كېيىن يەنە دوزاختىن چىقىدىغانلار بار».
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1423)؛ مۇسلىم (1031). ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىدىتىش بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يەتتە تۈرلۈك كىشىگىلا خاس ئەمەستۇر. يەنە كۆپ ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ بۇلاردىن باشقا ئىنسانلارنىمۇ ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىدىتىدىغانلىقى ھەققىدە بايانلار بولۇپ، ئىبنى ھەجەر «معرفة الخصال الموصلة الى الظلال» دېگەن كىتابىدا بۇ خىسلەتلەرنى زىكىر قىلغان.
27. مۇسلىم (2566).
28. مۇسلىم (3006).
29. ئەھمەد (22612). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
30. ئەھمەد (17105). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
31. نەسائىي (4694). ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2078) «سەھىھ» دېگەن.
32. مۇسلىم (2699).
33. مۇسلىم (1827).
34. بۇخارىي (6116).
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6114)؛ مۇسلىم (2609).
36. ئەبۇ داۋۇد (4777). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 4777) «ھەسەن» دېگەن.
37. مۇسلىم (387).
38. بۇخارىي (609).
39. تىرمىزىي (2022). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ‍»، 5012) «زەئىف» دېگەن.
40. ئەبۇ داۋۇد (4843). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 4843) «ھەسەن» دېگەن.
41. تىرمىزىي (1920). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 1920) «سەھىھ» دېگەن.
42. تىرمىزىي (1634). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 6307) «سەھىھ» دېگەن.
43. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (136)؛ مۇسلىم (246).
44. مۇسلىم (250).
45. ئەھمەد (21785). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
46. مۇسلىم (804). بۇ ھەدىستىكى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈرە ‹بەقەرە› توغرۇلۇق سۆزىنىڭ مەنىسى: «سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرلىرى بىلەن سۈرە ‹بەقەرە›نى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرغان كىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېگەنلىكتۇر.
47. تىرمىزىي (2915). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1425) «ھەسەن» دېگەن.
48. مۇسلىم (2699).
49. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (14752). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 6574) «ھەسەن» دېگەن.