Name'-emalni-tarqitish  

نامەئى ئەئمالنى تارقىتىش  

ھەشر كۈنىدە ھەربىر بەندىگە دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئەمەللىرى يېزىلغان نامەئى ئەئمالى(1) بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ﴿بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامەئى ئەئمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)﴾(45/«جاسىيە»: 29) دېيىلىدۇ.

ئۇنداقتا نامەئى ئەئمال دېگەن نېمە؟

ئۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغان؟

بەندىلەر ئۇنى قانداق ئالىدۇ؟

ھەربىر بەندىنىڭ ياخشى – يامان، چوڭ – كىچىك ھەممە ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن بىر نامەئى ئەئمالى بار بولۇپ، مەھشەردە بەندىگە ئوقۇپ چىقىشى ۋە قاراپ چىقىشى ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

ھەربىر بەندىگە نامەئى ئەئمالى بېرىلىدىغان يول ئوخشىمايدۇ. مۇئمىندىن بەك ئاسان ھېساب ئېلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، نامەئى ئەئمالى ئالدى تەرىپىدىن ئوڭ قولىغا بېرىلىدۇ ۋە ئائىلىسىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ. ئەمما، ئاسىي – گۇناھكار ۋە مۇناپىقلارغا بولسا ئارقا تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەربىرى «ۋاي دات!» دەپ توۋلايدۇ.

بەندىلەر ئەمەللىرىدىن سورىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، نامەئى ئەئمالى تارقىتىلىدۇ. «نامەئى ئەئمالنى تارقىتىش» دېگەننىڭ مەنىسى «ئەمەل دەپتەرلىرىنى ئېچىش ۋە قولغا ئېلىش» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿نامەئى ئەئماللار ئېچىلغان چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 10) دېگەن.

ھەربىر ئىنسانغا سەھىپىسىگە يېزىلغان ياخشى – يامان ئەمەللىرىگە قارىتا جازا ۋە مۇكاپات بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامەئى ئەئمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ، (ئۇنىڭغا) «نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ يېتەرلىكتۇر» دېيىلىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 13، 14).

دېمەك، ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئۆزى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇ كىتابنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ قايتىپ بارارجايىنى بىلىپ يېتىدۇ.

نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلار

بۇ تۈردىكى ئىنسانلاردىن بەك ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلغان، خۇشال بولغان ھالدا ئەھلىگە قايتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭدىن قورقۇنچ يوقايدۇ، قەلبى شادلىنىدۇ ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامەئى ئەئمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ. (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال – خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ﴾(69/«ھاققە»: 19 — 24).

نامەئى – ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلىدىغانلار

ئۇ ئۆمرىنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن زايە قىلغان، ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغان، قىيىنچىلىقلار ھەر تەرەپتىن قورشايدىغان ۋە خالايىقلار ئارىسىدا يۈزى قارىداپ خار بولىدىغان، ھالاك بولغۇچى فاجىر ئىنساندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿نامەئى ئەئمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامەئى ئەئمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ! ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم! دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ! مېنىڭ مال – مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»﴾(69/«ھاققە»: 25 — 29)، ﴿نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم «ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، دوزاخقا كىرىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 10 — 12).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كۈندىكى مۇئمىننىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ دېگەنكى: «ئاندىن ياخشىلىق نامەئى ئەئمالى ئۇنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ. كافىرلار بىلەن مۇناپىقلارغا كېلىدىغان بولساق، گۇۋاھچىلار ئۇلارغا: ﴿بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر› دەيدۇ. ‹راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)﴾(11/«ھۇد»: 18) دەيدۇ»(2).

ئادالەت

﴿بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامەئى ئەئمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)﴾(45/«جاسىيە»: 29).

كۆرسىتىش ۋە ھېساب ئېلىش
بەندىلەر نامەئى ئەئماللىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمەللەرنى كۆرسىتىش، ھېساب ئېلىش، ئەمەللەرنى تارازىدا تارتىش، پىلسىراتتىن ئۆتۈش… جەننەت ۋە دوزاخ… ئاندىن كۆرسىتىش باشلىنىدۇ.

ئۇنداقتا كۆرسىتىش دېگەن نېمە؟

كۆرسىتىلىدىغىنى نېمىلەر؟

كۆرسىتىش جەريانىدا بەندىنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

كۆرسىتىش (العرض) نىڭ ئىككى مەنىسى بار:

1) مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشى

بۇ كۆرسىتىشتە ئەمەللەردىن ھېساب ئېلىش بولمايدۇ، بۇ پەقەت مۇتلەق پادىشاھ بولمىش ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىر توختاشتۇر. يەنى ئىنس – جىنلار ۋە ھايۋاناتلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇلارنى تۇنجى قېتىم ياراتقاندىكىدەك كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئىشى مەخپىي قالغان ئەمەستۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) كۆرسىتىلىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر﴾(69/«ھاققە»: 18)، ﴿ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ – سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا كۆرسىتىلىدۇ، (كافىرلارغا): «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر ‹سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ› دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈش، ھېساب بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز﴾(18/«كەھف»: 48).

2) كۆرسىتىش ۋە ھېساب ئېلىش

بۇ كۆرسىتىشتە ئەمەللەردىن بىرمۇبىر ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە بەندىلەردىن: «ئەنبىيائلەرگە قانداق جاۋاب قايتۇرغان ئىدىڭلار؟ نېمە ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار ئېغىر ئەھۋالدا بولىدۇ، قەدەملەر تېيىلىپ، كىچىك بالىلار قېرىپ كېتىدۇ، تىللار كېكەچلەپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز﴾(88/«غاشىيە»: 25، 26).

ھېساب ئېلىشنىڭ مەنىسى

ھېساب — ساناش ۋە ستاتىستىكا قىلىش دېگەنلىكتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ بەندىلەردىن ھېساب ئېلىشى ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنىڭ جۈملىسىدىن بولغاچقا، ياخشى ئەمەل قىلغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشقان بەندە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بەندە بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەللىرى بىرمۇبىر يېزىپ قويۇلغاندۇر.

ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىشنىڭ تۈرلىرى

ئىنسانلار ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىشنىڭ يولىدا ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېساب ئېلىنماستىنلا جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغانلىرىمۇ، ناھايىتى يەڭگىل ھېساب ئېلىنىدىغانلىرىمۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن:

ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرلۈك ئىنسانلار باركى، ئۇلار ھېساب ئېلىنماستىنلا جەننەتكە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار يەتمىش مىڭ كىشى بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىمان، تەقۋادارلىق، سەۋر قىلىش ۋە جىھاد قىلىشلاردا تاللانغان كىشىلەردۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «مەۋسۈمدە ماڭا بارلىق ئۈممەتلەر كۆرسىتىلىۋىدى، مەن ئۈممىتىمنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ تۈزلەڭلىك ۋە تاغلارنى لىق قاپلىغان كۆپلۈكى ۋە تەقى – تۇرقى مېنى زوقلاندۈردى، ئاللاھ ماڭا:

— ئى مۇھەممەد! رازى بولدۇڭمۇ؟ — دېۋىدى، مەن:

— شۇنداق، ئى رەببىم! — دېدىم. ماڭا:

— يەنە تېخى ئۇلار بىلەن بىللە يەتمىش مىڭ ئادەم جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدۇ، ئۇلار (جاھىلىيەتتىكىدەك) دەم سالدۇرمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، داغلىنىپ داۋالانمايدىغان، رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر، — دېدى. ئۇككاشە:

— ئاللاھنىڭ مېنى شۇلاردىن قىلىشىغا دۇئا قىلسىلا، — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئاللاھ! ئۇنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، — دېدى. ئاندىن يەنە بىر كىشىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:

— مېنىمۇ ئاللاھنىڭ شۇلاردىن قىلىشىغا دۇئا قىلسىلا، — دېۋىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇككاشە بۇ ئىشتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى، — دېدى»(3). بۇ يەتمىش مىڭ كىشى ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنمايدىغان، باشقىلاردىن ئېلىنغاندەك ئىنچىكە ھېساب ئېلىنمايدىغانلاردۇر. ئاللاھتىن بىزنى ئۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىنى سورايمىز، ئامىن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھ تائالا ئەمەللىرىدىن ھېساب ئالىدۇ، لېكىن ئىنچىكە، بىرمۇبىر ھېساب ئالماستىن، بەك ئاسان ھېساب ئالىدۇ. ئۇلارغا ئەمەللىرى شۇنداق بىر كۆرسىتىلىدۇ – دە، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇئمىننى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ، ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، گۇناھىنى يۆگەپ: ”پالانى گۇناھنى بىلەمسەن؟ پوكۇنى گۇناھنى بىلەمسەن؟“ دەپ سورايدۇ. بەندە: ”ھەئە، بىلىمەن، ئى رەببىم!“ دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ بەندىنى گۇناھلىرىغا ئىقرار قىلدۇرۇپ، بەندە ”ئەمدى ھالاك بولدۇم“ دەپ تۇرغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ”ئۇنى دۇنيادىكى چېغىڭدا يۆگەپ ئاشكارىلىمىغان ئىدىم. بۈگۈن بولسا ئۇنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن“ دەيدۇ. ئاندىن ياخشىلىق نامەئى ئەئمالى ئۇنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ»(4).

بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىشىغا دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! مەندىن ئاسان ھېساب ئالغىن» دەپ تىلىشى سۈننەت. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدىكى: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى نامىزىدا: ‹ئى ئاللاھ! مەندىن ئاسان ھېساب ئالغىن› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. رەسۇلۇللاھ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ قايتقاندا:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاسان ھېساب ئېلىش دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— (ئۇ بولسىمۇ) ئاللاھ ئۇنىڭ نامەئى ئەئمال دەپتىرىگە بىر قاراپ قويۇپلا، ئاندىن ئۇنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىدۇر. ئى ئائىشە! ئۇ چاغدا كىمدىن ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىپ قالسا ھالاك بولىدۇ. مۇئمىنگە يەتكەن ھەممە نەرسىگە، ھەتتا ئۇنىڭغا كىرىپ كەتكەن تىكەن چاغلىق نەرسىگىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى كەففارەت قىلىۋېتىدۇ، — دېدى»(5).

ئاللاھتىن بىزدىن يەڭگىل ھېساب ئېلىشىنى، بىزگە ئەپۇسى ۋە ھىلمى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمىز. ئامىن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە «نېمە ئۈچۈن نامازغا سەل قارىدىڭ؟ زاكىتىڭنى قانداق ئادا قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئاناڭنى قاقشاتتىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلمىدىڭ؟» دەپ ئەمەللىرىدىن بىرمۇبىر ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىدىغان ۋە قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان كىشىلەر بار. بۇ خىل ھېساب ئېلىشتا بەندە ئازابلىنىدۇ، ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە قاتتىق قورقىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قانداق ئادەمدىن ھېساب ئېلىنسا، ھالاك بولماي قالمايدۇ، — دېۋىدى، مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى نامە – ئەئمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە، پات ئارىدا ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 7، 8) دېگەن ئەمەسمۇ؟ — دېسەم،

— بۇ پەقەت ئەمەللەرنى كۆرسىتىشتۇر. كىمكى ھېساب ئېلىنىدىكەن، ئازابلانماي قالمايدۇ، — دېدى»(6).

بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان ئازاب دوزاختا ئازابلىنىش ئەمەس، بەلكى ئۇ بەندىنىڭ قورقۇش، ئىزتىراپ چېكىش، خاتالىقلىرىغا ۋە يامان ئەمەللىرىگە قاراش نەتىجىسىدە خار بولۇش بىلەن ئازابلىنىشىدۇر.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە گۇناھلىرىنىڭ كۆپ ۋە بۈيۈك بولغانلىقى ياكى داۋاملىق گۇناھ ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە ئاشكارا قىلغانلىقى، ياكى نىيەتلىرىنىڭ بۇزۇق بولغانلىقى ۋە رىيا بىلەن ئەمەل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بەك ئۇزۇن ۋە قىيىن ھېساب ئېلىنىدىغان كىشىلەر بار. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان كىشى شېھىد بولغان كىشىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيادا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇمۇ ئەسلەيدۇ. ئاللاھ:

— ئۇ نېئمەتلەرنى نېمە قىلدىڭ؟ — دەيدۇ، ئۇ:

— سېنىڭ يولۇڭدا ئۇرۇشۇپ شېھىد بولدۇم، — دەيدۇ. ئاللاھ:

—يالغان ئېيتتىڭ، سەن باتۇر ئاتىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشتۇڭ ۋە ئاتالدىڭ، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئىلىم ئۆگەنگەن، ئۆگەتكەن ۋە ‹قۇرئان› ئوقۇغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىنى تونۇتىدۇ، ئۇ تونۇيدۇ. ئاللاھ:

— ئۇ نېئمەتلەرنى نېمە قىلدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ:

— ئىلىم ئۆگەندىم ۋە ئۆگەتتىم، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن ‹قۇرئان› ئوقۇدۇم، — دەيدۇ، ئاللاھ:

— يالغان ئېيتتىڭ، سەن باشقىلار مېنى ئالىم دېسۇن دەپ ئۆگەندىڭ، ‹قۇرئان›نى قارىي دېسۇن دەپ ئوقۇدۇڭ ھەم شۇنداق دېيىلدىڭ، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تۈرلۈك مال – مۈلۈكلەرنى بېرىپ دۆلەتمەن قىلغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاللاھ:

— ئۇ نېئمەتلەرنى نېمە قىلدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:

— سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن سەن سەرپ قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىكى يوللارنىڭ ھەممىسىگە سەرپ قىلدىم، — دەيدۇ. ئاللاھ:

— يالغان ئېيتتىڭ، سەن كىشىلەر سېخىيكەن دېسۇن دەپ سەرپ قىلدىڭ، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ»(7).

مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ھېساب ئېلىنامدۇ؟

ئاللاھ تائالا بىر بۆلۈك مۇئمىنلەردىن ھېساب ئالمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى جەننەتكە ھېسابسىزلا كىرىپ كېتىدۇ، ئۇلار (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغانلاردۇر»(8) دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «(يەتمىش مىڭنىڭ) ھەربىر مىڭى بىلەن يەتمىش مىڭ كىرگۈزۈلىدۇ»(9) دېگەن.

بەندىلەردىن ھېساب ئېلىشنىڭ قائىدىلىرى

قىيامەت كۈنى خالايىقلار تۇنجى قېتىم يارىتىلغاندىكىدەك يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ ۋە خەتنە قىلىنمىغان ھالدا قورقۇنچلۇق مەيداندا مۇتلەق پادىشاھ بولمىش ئاللاھنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ.

بۇ بەك قورقۇنچلۇق مەيداندۇر. بۇ يەردە ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ قەلبلىرى تىترەپ كېتىدۇ، مۇتەكەببىرلەر خار بولىدۇ ۋە زالىملار قاتتىق چۆچۈيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا قادىلىپ قالىدۇ ۋە قەلبلىرى قاتتىق ئىزتىراپ چېكىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەبەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ. (بۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (تېڭىرقىغانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل – ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 42، 43).

شۇنداق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، دىللىرى ئەقىل – ئىدراكتىن خالىي بولۇپ، دىللار بوغۇزلارغا كەپلىشىپ قالىدۇ. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق كۈن!!! بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ﴾(40/«غافىر»: 18). يەنى گەپ قىلالمايدۇ، سۈكۈت قىلىدۇ.

زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا ئالمىشىدۇ، تاغلار توزۇپ، ئاسمانلار ئېچىلىپ، يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، دېڭىزلار ئوت بولۇپ يانىدۇ، قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئۇلۇغ پەرىشتىلەرمۇ چۆچۈيدۇ ۋە ئەنبىيائلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلىنىدۇ.

ھەممە قىيامەت كۈنىنىڭ سوتىدىن ئىبارەت چوڭ سوتىدا تۇرىدۇ. بۇ سوتتا دىللار بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، قۇياش مەخلۇقاتلارغا يېقىن قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالى مۇتلەق پادىشاھ بولمىش ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ ئالدىدا قىيىن بولىدۇ.

بۇ شۇنداق سوتكى، ئۇنىڭغا ئەشەددىي خۇسۇمەتچىمۇ، گۇۋاھچىلارمۇ قاتىنىشىدۇ. ئەمەل دەپتەرلىرى تارقىتىلىپ، ئۆزرىلەر رەت قىلىنىپ، دىللار تىترەپ، تىللار ئىقرار قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى – يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)﴾(2/«بەقەرە»: 281).

«قۇرئان» ۋە سۈننەتنى تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا، بەندىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىكى ئومۇمىي قائىدىلەرنى تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلىيەلەيمىز:

بىرىنچى قائىدە: زۇلۇم ئارىلىشىپ قالمايدىغان تولۇق ئادىللىق

ئادىل بولغۇچى كەرەملىك رەببىمىز ھېچبىر كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى – يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)﴾(2/«بەقەرە»: 281)، ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 40)، ﴿ئەر – ئاياللاردىن مۇئمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)﴾(4/«نىساﺋ»: 124).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھ تائالا دېدىكى: ‹ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇم قىلىشنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم. شۇڭا، زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچى، شۇڭا مەندىن ھىدايەت تىلەڭلاركى، سىلەرنى ھىدايەت قىلاي. ئى بەندىلىرىم! مەن ئوزۇقلاندۇرغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچسىلەر. شۇڭا، مەندىن ئوزۇق تىلەڭلاركى، سىلەرگە تائام بېرەي. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىندۈرگەندىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر. شۇڭا، مەندىن كىيىم تىلەڭلاركى، مەن سىلەرنى كىيىندۈرەي. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە – كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن ھەممە گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمەن. شۇڭا، مەغفىرەت تىلەڭلاركى، سىلەرنى مەغفىرەت قىلاي. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنس – جىنلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئەڭ تەقۋادار كىشىنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى قىلچىلىك نەرسىنىمۇ زىيادە قىلالمايسىلەر. ئەگەر سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنس – جىنلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئەڭ پاسىق ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتسەڭلارمۇ مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنس – جىنلار ھەممىسى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ھەربىر ئىنسانغا سورىغىنىنى بەرسەم، پەقەت دېڭىزغا چىلىنىپ ئېلىنغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى نەرسىلەردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ھەقىقەتەن مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ سانىنى تولۇق ئىگىلەكلىكمەن. ئاندىن ئۇنىڭ ئەجرىنى سىلەرگە تولۇق بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىق كۆرسە، ئاللاھقا ھەمد ئېيتسۇن، كىمكى باشقىچە ئەھۋال كۆرسە، ئۆزىنىلا ئەيىبلىسۇن»(10).

ئىككىنچى قائىدە: بىرئادەم باشقىلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالانمايدۇ

شۇنداق، ھەربىر ئىنسان ئۆز ئەمەلىگە ۋە قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، باشقىلارنىڭ زۇلمى ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن جازالانمايدۇ. مانا بۇ ئادىللىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ)﴾(6/«ئەنئام»: 164)، ﴿كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق)﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15)، ﴿ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەبەردار بولمىدىمۇ؟ ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ). ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ). ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ﴾(53/«نەجم»: 36 — 41).

بۇ ئايەتلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئەمەللەرگىلا قارىتا جازالىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ: ﴿ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)﴾(16/«نەھل»: 25)، ﴿ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) ئۈستىگە ئالىدۇ﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 13) دېگەن سۆزلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ چۈنكى، ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە «ئىنسان بەزىدە باشقىلارنىڭمۇ گۇناھلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دەپ خەبەر بەردى، بۇ قانداق بولىدۇ؟

ئەگەر ئىنسان باشقىلارنى ھاراق ئىچىشكە قىزىقتۇرۇش ياكى بۇزۇق جايلارنى كۆرسىتىپ قويۇش، ياكى ئاياللار بىلەن ھارام ئىشلارنى قىلىشنى زىننەتلەپ بېرىشكە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئېزىپ كېتىشى ۋە يامان يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، ئاشۇ ئادەمنى يامان يولغا باشلىغانلىقى ۋە قىزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى باشقىلارنى توغرا يولغا چاقىرسا، ئۇ كىشىگە (شۇ توغرا يولغا) ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابىدەك ساۋاب بولىدۇ، لېكىن ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابى ھېچ كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا، ئۇنىڭغا (ئازغۇن يولغا) ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ بولىدۇ ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھىدىن ھېچنېمە كېمەيتىلمەيدۇ»(11) دېگەن. شۇنداق، خۇددى بىر ئادەم باشقىلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشكەندەك، باشقىلارنى يامان يولغا باشلىغان ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ گۇناھىنى يۈكلىۋالغان بولىدۇ. ئادىل ھەكەم زات تائالا پاكتۇر.

ئۈچىنچى قائىدە: بەندىلەرنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى كۆرىدىغانلىقى

رەببىمىز ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. نامەئى ئەئماللەر بەندىلەر قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلار بۇ ئەمەللىرىنى ئالدىلىرىدا كۆرىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 30)، ﴿ھەر ئادەم ئىلگىرى – كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 5)، ﴿ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).

بەندىلەرنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن خەبەردار بولۇشى ئۇلارغا نامەئى ئەئماللىرىنى بېرىش ۋە ئۇنى ئوقۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامەئى ئەئمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ. (ئۇنىڭغا) «نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 13، 14).

ئۇ چوڭ – كىچىك قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىشىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامەئى ئەئمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).

تۆتىنچى قائىدە: قىلمىشلارنىڭ ئەمەس، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلەپ بېرىلىدىغانلىقى

مەرھەمەتلىك پادىشاھ بولمىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ غەزىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، ئەپۇسىنىڭ ئازابلىشىغا غالىب كېلىدىغانلىقى ۋە بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىشىنىڭ ئۇ زاتقا جازالاشتىن سۆيۈملۈك ئىكەنلىكى ئېھسانىنىڭ، پەزل – مەرھەمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زات بەندىسىنىڭ ئەمەللىرىگە خۇشال بولىدۇ ۋە ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىدۇ. قىلمىشلىرىنى يامان كۆرىدۇ، لېكىن ھەسسىلەپ گۇناھ يازمايدۇ، بەلكى بەزىدە ئۇنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن سەدىقە بەرسەڭلار) ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ (ساۋابىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ﴾(64/«تەغابۇن»: 17).

بىر ئەمەلگە ئەڭ ئاز بولغاندا ئون ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 160) دېگەن. ئەمما، بىر قىلمىشقا ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 160) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا دېگەنكى: «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىڭلار مېھرىباندۇر، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئۇنى قىلسا، ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يېزىلىدۇ. كىمكى بىر يامانلىقنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى قىلمىغان بولسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئۇنى قىلسا، ئۇنىڭغا بىر يامانلىق يېزىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدە پەقەت ھالاكەتكە لايىق ئادەملا ھالاك بولىدۇ»(12). يەنە ئېيتتىكى: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئېيتىدۇكى، كىمكى بىر ياخشىلىقنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئون ھەسسە يېزىلىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپەيتىپ بېرىمەن. كىمكى بىر يامانلىق قىلسا، پەقەت ئۇنىڭ جازاسى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر ياكى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. كىمكى زېمىن توشقۇدەك خاتالىقلارنى قىلىپ، ئاندىن ئالدىمغا ماڭا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەن ھالەتتە كەلسە، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا زېمىن توشقۇدەك مەغفىرەت بىلەن كېلىمەن. كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن»(13).

بىر ئەمەلنىڭ يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ھەسسىلىنىشى ئاللاھ تائالانىڭ پەزل – مەرھەمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل – مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خاھلىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)﴾(2/«بەقەرە»: 261).

بەشىنچى قائىدە: گۇۋاھچىلارنى تۇرغۇزۇش

قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئېلىش ۋە جازا – مۇكاپات بېرىش سوتىدا گۇۋاھچىلار بولۇپ، بۇ گۇۋاھچىلار دۇنيادا بەندە بىلەن ھەر دائىم بىللە ئىدى. ھالبۇكى بەندە بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايتتى.

بەندىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر، ئەمەللەرنى يېزىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر ۋە بەندىنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ پايدىسىغا ياكى زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇنداق، ئەگەر بەندە ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا، بۇ گۇۋاھچىلار ئۇنىڭ پايدىسىغا، ئەگەر يامان قىلمىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان – زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ۋە چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 41)، ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بايقاپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 33).

ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلىرىدىن ۋە خاھلىغان مەخلۇقاتلىرىدىن بەندىلەرگە گۇۋاھچىلارنى ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلەرنىڭ ئۆز قەۋملىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە دېدىكى: ﴿بىز ھەربىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 41)، ﴿بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەرنى) چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز﴾(28/«قەسەس»: 75)، ﴿ھەر ئىنسان (مەھشەرگە) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگە) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ﴾(50/«قاف»: 21).

 

گۇۋاھلىق بېرىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن يەنە:

زېمىن ئۈستىدە قىلىنغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەبەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى – يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ﴾(99/«زەلزەلە»: 4).

كېچە ۋە كۈندۈزمۇ ئۆزىدە قىلىنغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

مال – دۇنيامۇ ئىگىسىنىڭ ئۇنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەلەرگە ئىشلەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

پەرىشتىلەرمۇ بەندىلەرگە قىلغان ئىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

بەندە قىلغان ئىشلىرىدىن بىرەرىنى ئىنكار قىلىپ قالسا

قىيامەت كۈنى بەزى بەندىلەر دەپتەرلىرىگە خاتىرىلەنگەن ئىشلارنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇنى قىلمىغان ئىدىم، دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر بەندە بۇ ئىنكارىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلارنىمۇ يالغانغا چىقارسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاغزىنى پېچەتلەپ، ئەزالىرىنى سۆزلەشكە بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزالىرى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىرمۇبىر سۆزلەيدۇ.

بۇ نېمىدېگەن قىيىن ھالەت!!!

قول: «مەن ھارامنى سىلىغان ئىدىم» دەپ سۆزلەيدۇ. پۇت: «مەن ھارام ئىشلار ئۈچۈن ماڭغان ئىدىم» دەپ سۆزلەيدۇ. قۇلاق: «مەن ھارام نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم» دەپ سۆزلەيدۇ. بۇرۇن، تېرە ۋە باشقا ھەممە ئەزالار سۆزلەيدۇ. ئى ئاللاھ! بىزگە مەرھەمەت قىلغىن ۋە بىزنى سەتر قىلغىن.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)﴾(36/ياسىن»: 65).

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «قىيامەت كۈنى كافىر ۋە مۇناپىق ھېساب بېرىش ئۈچۈن چاقىرىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا قىلغان ئەمەلىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىنكار قىلىدۇ ۋە:

— ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇ پەرىشتە ماڭا مەن قىلمىغان ئىشنى يېزىپتۇ، — دەيدۇ. پەرىشتە:

— سەن پالانى ئەمەلنى پالانى ۋاقىتتا پالانى ئورۇندا قىلمىغانمىدىڭ؟! — دەيدۇ. ئۇ:

— ياق، ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئەمەلنى قىلمىغان ئىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاغزى پېچەتلىنىدۇ ۋە ئەزالىرى سۆزلەيدۇ». ئاندىن ئەبۇ مۇسا ﴿شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)﴾(36/«ياسىن»: 65) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى(14).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «بەندە:

— ئى رەببىم! مېنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرمىغانمىدىڭ؟! — دەيدۇ، ئاللاھ:

— شۇنداق، — دەيدۇ. بەندە:

— ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمگە پەقەت ئۆزۈمدىن بولغان بىر گۇۋاھچىنىلا كۈچكە ئىگە قىلىمەن، — دەيدۇ، ئاللاھ:

— بۈگۈن ساڭا قارشى گۇۋاھچى بولۇشقا ئۆزۈڭ ۋە كىرامىن كاتىبىن پەرىشتىلەر يېتەرلىكتۇر، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئاغزى پېچەتلىنىپ، ئەزالىرىغا: ‹سۆزلەڭلار› دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەزالىرى ئۇنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئاندىن ئۇ گەپ قىلىشى ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئەزالىرىغا: ‹ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولغايسىلەر! مەن سىلەرنى (دوزاختىن) قوغداشقا تىرىشىۋاتقانتىمغۇ!› دەيدۇ»(15).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 20).

بەندىلەر سورىلىدىغان ئىشلار

ئاللاھ تائالا ﴿ئۇلارنى توختىتىپ قويۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(37/«ساففات»: 24) دېگەن ئايەتىدە ئېيتقاندەك، بەندىلەر قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن، نىيەتلىرىدىن ۋە سۆزلىرىدىن سورىلىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بەندىلەر سورىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىدەك كەلگەن:

بىرىنچى: گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولمىش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش

ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ چوڭ گۇناھ «ئاللاھنىڭ ئوخشىشى بار» دېيىشتۇر. شىرك كەلتۈرۈش گۇناھىنى ئاللاھ تائالا مەڭگۈ مەغفىرەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ، خاھلىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48).

ئۇ كۈندە ئىبادەت قىلىنغان مەئبۇﺩلار ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلغان ئىنسانلاردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا مۇشرىكلەرنى مۇنداق سىلكىيدۇ: ﴿ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 92، 93)، ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ﴾(28/«قەسەس»: 74).

بۇتلارغا ياكى قەبرلەرگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن مال بوغۇزلىغان ئىنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن مال بوغۇزلىغان ئىنسانلارمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇلار بىز ئۆزلىرىگە بەرگەن مال – مۈلۈكتىن بىلىمسىز (بۇتلارغا) نېسىۋە قالدۇرىدۇ، (ئى مۇشرىكلەر!) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلار ئۈچۈن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر﴾(16/«نەھل»: 56).

ئۇلار ئەنبىيائلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقىدىنمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئەنبىيائلەرگە نېمە بىلەن جاۋاب بەردىڭلار؟» ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەبەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا سوراشمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 65، 66).

ئىككىنچى: بەندە دۇنيادا قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ

بەندە دۇنيادا قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز﴾(15/«ھىجىر»: 92، 93).

شۇنداق، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سوراققا تارتىدۇ. باي، كەمبەغەل، پادىشاھ، ئەمىر، ئەرەب، ئەجەم، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، ھۆر ۋە قۇلدىن ئىبارەت ھەممە ئىنسانلار سوئال – سوراق قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.

ۋە يەنە ئەنبىيائلەر قەۋملىرىگە ئاللاھ تائالا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىقىدىن سورىلىدۇ، قەۋملىرىدىن بولسا ئەنبىيائلەرنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەنلىكىدىن سورىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ئەلبەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (ئەنبىيائلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، ئەنبىيائلەردىنمۇ ئەلبەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز . (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەبەرداردۇرمىز). بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى – يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر. ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر﴾(7/«ئەئراف»: 6 — 9).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى بەندە تۆت ئىشنىڭ سورىقىنى بەرمىگىچە قەدەملىرى جايىدىن مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرىنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلغانلىقى، ئۆگەنگەن بىلىمىنى نېمىلەرگە ئىشلەتكەنلىكى، ئىقتىسادىنى قەيەردىن تېپىپ، نېمىلەرگە سەرپ قىلغانلىقى ۋە ئۆز تېنىنى قانداق ئىشلارغا ئۇپراتقانلىقى»(16).

ئۈچىنچى: بەندە بەھرلەنگەن نېئمەتتىن سورىلىدۇ

قىيامەت كۈنى بەندە بەھرلەنگەن كەڭرى ئۆيلەر، ئازادە ماشىنىلار، لەززەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر، يۇمشاق كىيىملەر، خىزمەتكارلار، قورساقنىڭ تويۇشى، مۇزدەك سۇ، سايىلەر، تاتلىق ئۇيقۇ، نورمال قەددى – قامەت ۋە ھەسەل ئىچىشكە ئوخشاش نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن سورىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېئمەتلەردىن سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر﴾(102/«تەكاسۇر»: 8) دېگەن. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى نېئمەتلەر ھەققدە بەندىدىن تۇنجى قىلىپ: ‹جىسمىڭنى ساغلام قىلىپ بەرمىدۇقمۇ؟! سوغۇق سۇ بىلەن ئۇسسۇزلۇقۇڭنى قاندۇرمىدۇقمۇ؟› دەپ سورىلىدۇ»(17) دېگەن.

شۇڭا، بەندىگە ھەرقانداق بىر نېئمەتنى كىچىك ساناش ياراشمايدۇ.

بىر ئادەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سوراپ:

— بىز مۇھاجىرلارنىڭ پېقىرلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ — دېگەنىدى، ئابدۇللاھ:

— سېنىڭ ئۈلپەتلىشىدىغان ئايالىڭ بارمۇ؟ — دېدى.

—بار.

— سېنىڭ تۇرالغۇ ئۆيۈڭ بارمۇ؟

—بار.

— ئۇنداقتا سەن بايلاردىنكەنسەن.

— مېنىڭ بىر خىزمەتچىممۇ بار.

— ئۇنداقتا سەن پادىشاھلاردىنكەنسەن(18).

تۆتىنچى: بەندە قۇلاق، كۆز ۋە قەلب نېئمەتلىرىدىن سورىلىدۇ

ئىنسانلار نېئمەتلەردە، ئىقتىدار ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىدا پەرقلىق بولىدۇ، بەندە قانچە ئىقتىدارلىق بولسا، ئۇنىڭدىن شۇنچە ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 36).

قەتادە دېدى: «كۆرمىگىنىڭنى كۆردۈم، ئاڭلىمىغىنىڭنى ئاڭلىدىم، بىلمىگىنىڭنى بىلدىم دېمىگىن، چوقۇم ئاللاھ قىيامەت كۈنى سەندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن سورايدۇ»(19).

تۇنجى ھېساب ئېلىنىدىغان ئۈممەت

قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە ھېساب ئېلىشنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دوزاخ ئۇلارغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەنبىيائلەرمۇ قورقۇيدۇ، ئەۋلىيائلەر ئىزتىراپ چېكىدۇ، مۇئمىنلەر ھاڭ – تاڭ بولۇپ تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئاسىي – گۇناھكارلار تەرلەپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھالەتتە ناھايىتى ئۇزۇن كۈتۈشتىن كېيىن ھېساب ئېلىش باشلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە رەھمەت قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى بولۇپ ھېساب ئېلىنىدىغان ئۈممەت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز دۇنيادا ئۈممەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى ۋە قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان ئۈممەتتۇرمىز(20). ئۇ ۋاقىتتا: ‹ئۇممىي (ساۋاتسىز) ئۈممەت ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى نەدە؟› دېيىلىدۇ. دېمەك، بىز دۇنيادا ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن ۋە قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان ئۈممەتتۇرمىز»(21) دېگەن. يەنە: «بىز دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن، قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال كېلىپ خالايىقلاردىن بۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئۈممەتتۇرمىز»(22) دېگەن.

ئىنسانلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان قىلمىش

ناھەق قان تۆكۈش ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. ئەپسۇسكى، بۇ زاماندا ئىشلىتىش ئاسان بولغان تۈرلۈك قاتىللىق قوراللىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەزى ئىنسانلار ئالدىراڭغۇلۇق ۋە سەل قاراش تۈپەيلىدىن ناھەق قان تۆكۈش ھادىسەلىرى كۆپىيىپ كەتتى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋاللارنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىن ساناپ: «ھەرج كۆپىيىپ كەتكەنگە قەدەر قىيامەت بولمايدۇ» دېگەن. ئەسھابلەر:

— ھەرج دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ زات:

— قەتل قىلىش، قەتل قىلىش، — دېگەن(23).

قانلارنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «(قىيامەت كۈنى) كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىدىغىنى قان دەۋاسىدۇر»(24) دېگەن. يەنە دېگەنكى: «بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە كېلىپ:

— ئى رەببىم! بۇ مېنى ئۆلتۈرگەن ئىدى، — دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا:

— ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئىدىڭ؟ — دەيدۇ، قاتىل:

— پۈتۈن ئىززەتنىڭ ساڭا مەنسۇپ (كەلىمەڭنىڭ ئۈستۈن) بولۇشى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئىدىم، — دەيدۇ، ئاللاھ:

— پۈتۈن ئىززەت ھەقىقەتەن ماڭا مەنسۇپتۇر(25)، — دەيدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە كېلىپ:

— بۇ مېنى ئۆلتۈرگەن ئىدى، — دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا:

— ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئىدىڭ؟ — دەيدۇ، قاتىل:

— پۈتۈن ئىززەتنىڭ پالانى (پادىشاھ ياكى قوماندان) غا مەنسۇپ بولۇشى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئىدىم، — دەيدۇ، ئاللاھ:

— ئىززەت ھەرگىزمۇ پالانىغا مەنسۇپ ئەمەس، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنىڭ (ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) گۇناھىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ»(26).

شۇنداق بولغانىكەن، ناھەق قان تۆكۈشتىن ھەزەر ئەيلەش، جېدەل – ماجىرالاردىن يىراق تۇرۇش، ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئافىيەت سوراش بەندىگە ۋاجىب بولىدۇ.

ئايرىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش كۈنىدە بەندىلەرنىڭ ھالى

ئىنسانلار ھەشر قىلىنىدىغان، ئۇلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان، ھەق – ناھەق ئايرىلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا تەرەپتىن نىدا قىلىنىدىغان بۇ كۈن بەك ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك كۈندۇر، ئاللاھ تائالا ئاسانلىق بەرگەن كىشىلا بۇنىڭ سىرتىدا. ئىنسانلار بۇ كۈندە تۈرلۈك ئەھۋاللاردا بولىدۇ:

گۇناھكارلار قاتتىق چۆچۈپ كېتىدىغان دەھشەتلىك مەيداندا مەخلۇقاتلار ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھقا كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا ئىنسانلار بىر – بىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ ۋە ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇد بولماي قالىدۇ، بىر – بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 101).

ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھەرقانچە كۈچلۈك ۋە يۇقىرى بولسىمۇ، قىيامەت كۈنى بۇ ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ ۋە ھەربىرى: «ئۆزۈم، ئۆزۈم» دەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ﴾(70/«مەئارىج»: 10) دېگەن.

بەلكى ئىنسان ئۆز ئائىلە – جەمەتىدىن، دوستلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ۋە ھەمراھلىرىدىن قاچىدۇ، ھەممە نەرسە مۇتلەق پادىشاھ ئاللاھ ئۈچۈن بويسۇنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى (مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ﴾(20/«تاھا»: 101) دېگەن.

بۇ نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق مەيدان! ئى ئاللاھ! بىزگە مەرھەمەت قىلغىن.

ئىنسانلار قورقۇنچتىن تىترەپ كېتىدۇ، ئەنبىيائلەر ئاللاھقا يېلىنىدۇ، تىللار تۇتۇلۇپ، ئەقىللەر گاڭگىراپ قالىدۇ ۋە ئەمەللەر ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ كۈندە ئەنبىيائلەرﺩىن باشقا ھېچكىم سۆﺯ قىلمايدﯗ»(27) دېگەن.

ئۇ كۈندە بەندىلەر ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىلىرىدا ھازىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 30). ئۇ كۈندە ئىنساننىڭ ھاياتى دۇنيادا قىلغان ھېچبىر ئەمەلى يوقاپ كەتمەيدۇ.

بەندىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئەمەللىرى

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى – يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز﴾(36/«ياسىن»: 12). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنساننىڭ ھالىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىنى سۈپەتلەپ بەردى. يەنى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ۋە سەدىقەلىرى خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ.

شۇنداق، ئۇ كۈندە ھېساب بەك ئىنچىكە بولىدۇ، ئىنسان ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ۋە سەدىقە – جارىيەلىرى ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولىدۇ. كىمكى بىرەر «قۇرئان»نى ۋەقف قىلىپ قويغان بولسا ياكى قۇدۇق كولاپ قويغان بولسا، ياكى ئۆستەڭ ياساپ قويغان بولسا، ياكى بىرەر يېتىمگە ئىگە بولغان بولسا، ياكى مەنپەئەتلىك بىرەر ئىلىمنى قالدۇرۇپ قويغان بولسا، ياكى بىرەر بالىنى ياخشى تەربىيەلەپ قويغان بولسا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدۇ.

شۇنىڭدەك كىمكى ھاراق دۇكىنى، تانسىخانا، بۇزۇقچىلىقلارنى تارقىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قانىلى ياكى ناچار كىتابلارغا ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىشلارنىڭ گۇناھى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېتىپ تۇرىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى بۇ ئەمەللەرنى ئالدىدا كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى – ئاخىر قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ. بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)﴾(75/«قىيامەت»: 13 — 15).

ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۆتكۈزگەن بىر گۇناھ – مەئسىيەتنى ھەرقانچە كىچىك سانىغان بولسىمۇ، قىيامەت كۈنى ئۇ گۇناھنى بەك چوڭ ھېس قىلىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىچىك سانىلىدىغان گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن، كىچىك سانىلىدىغان گۇناھلارنىڭ مىسالى شۇنداق بىر قەۋمنىڭ مىسالىغا ئوخشاشكى، ئۇلار بىر ۋادىنىڭ ئىچىگە چۈشتى. بىر كىشى بىر تال شاخ، يەنە بىر كىشى بىر تال شاخ ئېلىپ كەلدى، شۇنداق قىلىپ، تاكى ئۇلار نېنىنى پىشۇرالىغۇدەك دەرىجىدە شاخ يىغدى. ھەقىقەتەن، كىچىك سانىلىدىغان گۇناھلار بىلەن ئۇنى قىلغان كىشى جازالىنىپ قالسا، ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ» دېگەن(28).

قىيامەت كۈنى ھەقلەرنى ئادا قىلىشنىڭ تۈرلىرى

ھەق دېگىنىمىز — ئىنسان باشقىلار ئۈچۈن ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىگە قارىتا ئادا قىلىدىغان ۋە بىر – بىرىگە قارىتا ئادا قىلىدىغان نۇرغۇن ھەقلەرنى بېكىتتى ۋە بۇ ھەقلەرگە سەل قارىسا ھېساب ئالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرى

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولسا بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشى، نامازنى ئادا قىلىشى، زاكات بېرىشى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىدۇر. ئىنسانلاردىن تۇنجى سورىلىدىغان ئىش «نېمىگە ئىبادەت قىلدىڭلار، ئەنبىيائلەرگە نېمە بىلەن جاۋاب بەردىڭلار» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنىڭ جۈملىسىدىن يەنە بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىدۇر.

ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېساب ئېلىنىدىغىنى بولسا نامازدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەلى نامىزىدۇر، ئەگەر ناماز جايىدا بولسا ئۇ بەندە نىجات تاپىدۇ، ئەگەر جايىدا بولمىسا، ئۇ بەندە ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ پەرز نامازلىرىدىن بىرئاز كەم بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمىكەن، قاراڭلار› دەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كەم بولۇپ قالغان پەرز نامازلىرى تولۇقلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ باشقا ئەمەللىرىمۇ بۇ شەكىلدە بولىدۇ»(29). نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تۇنجى بولۇپ ھېساب ئېلىنىدىغىنى نامازدۇر. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلىرىگە: ‹بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار، تولۇق ئوقۇپتىمۇ ياكى كەم ئوقۇپتىمۇ؟› دەيدۇ. ئەگەر ئۇ ناماز تولۇق بولسا ‹تولۇق› دەپ يېزىلىدۇ، ئەگەر بەندە نامازنى تولۇق ئوقۇيالمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمىكەن؟ قاراڭلار› دەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ نەپلە نامازلىرى بار بولسا، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەمنىڭ پەرز نامازلىرىنى نەپلە نامازلىرى بىلەن تولۇقلىۋېتىڭلار› دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ باشقا ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ»(30).

بەندىلەرنىڭ ھەقلىرى

ئاللاھ تائالا بەندىلەر ئۈچۈن بىر – بىرىنىڭ ئۈستىگە ھەقلەرنى بېكىتكەن بولۇپ، ئاتا ئۈچۈن بالىسىنىڭ ئۈستىگە، بالا ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە، قوشنا ئۈچۈن قوشنىسىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئەر – ئاياللار ئۈچۈن بىر – بىرىنىڭ ئۈستىگە ھەقلەرنى بېكىتتى. بەلكى يەنە ھايۋانلار ئۈچۈن، دەل – دەرەخلەر ئۈچۈن ھەقلەرنى بېكىتتى ۋە يەنە بەندىلەر ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلارنى مۇباھ، بىر قىسىم ئىشلارنى ھارام قىلدى.

بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنىڭ ئىچىدە بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېساب ئېلىنىدىغىنى قان تۆكۈش ھەققىدە بولىدۇ. كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ يارىلىنىپ قېنى ئاققان بولسا، ياكى بېشى يېرىلغان بولسا، بۇ ئۇلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان تۇنجى ئىشلار بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(قىيامەت كۈنى) كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىدىغىنى قان دەۋاسىدۇر»(31) دېگەن.

1) باشقىلارنى ئۇرغان ئادەم

باشقىلارنى ئۇرغان ئادەمدىن قىيامەت كۈنى ئۇنى ئۇرۇش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى باشقىلارنى زۇلۇم قىلىپ قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ»(32) دېگەن. يەنە: «قانداقلىكى بىر ئادەم قۇلىنى ئۇرىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ»(33) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ ئۆيۈمدە ئىدى، ئۇ زاتنىڭ قولىدا بىر مىسۋاك بار ئىدى، ئۇ زات ئۆزىنىڭ ياكى (ئۇممۇ سەلەمەنىڭ) قىزچاق خىزمەتچىسىنى چاقىردى، ھەتتاكى يۈزىدە ئاچچىقلانغانلىق مەلۇم بولدى. ئۇممۇ سەلەمە ھۇجرىلارغا چىقىپ، بۇ قىزچاقنىڭ بىر چارۋا مالنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

— نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سېنى چاقىرسا، بۇ چارۋا بىلەن ئويناپ ئولتۇرۇپسەنغۇ! — دېگەنىدى، قىزچاق نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ياق، سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، مەن ئاڭلىماپتىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ قىزغا:

— ئەگەر قىساستىن قورقمىغان بولسام، سېنى بۇ مىسۋاك بىلەن ئۇرغان بولاتتىم، — دېدى»(34).

دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇقەررەب نەبىي تۇرۇپ، قىساستىن بۇ ھالەتتە قورققان ئىكەن، باشقا ئىنسانلار تېخىمۇ بەك قورقۇشى كېرەك.

2) قەرزدار

ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى ھەرگىز زايە بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ھەربىر ھەق ئىگىسىگە گەرچە ئۇنىڭ ھەققى ئازغىنە نەرسە بولسىمۇ، ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي، بۈگۈنلا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ»(35).

دېمەك، قايتۇرىدىغان قەرزى بولۇپ، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن قەرزداردىن قىيامەت كۈنى ھەق ئىگىلىرى ھەققىنى ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئالىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بوينىدا بىر دىنار ياكى بىر دىرھەم قەرزى بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئادا قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە دىنارمۇ، دىرھەممۇ يوقتۇر» دېگەن(36).

3) باشقىلارغا تۆھمەت قىلغان كىشى

ئەرەب تىلىدىكى «قذف» دېگەن سۆز — ئايال كىشىگە ياكى ئەر كىشىگە زىنا قىلغانلىق بىلەن ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار بىلەن تۆھمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارغا زىنا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن تۆھمەت چاپلىغان كىشىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى قول ئاستىدىكى ئادىمىگە زىنا تۆھمىتى قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ يالغانچىغا بەلگىلەنگەن ئېغىر جازا ئىجرا قىلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۆزىنىڭ قۇلىنى زىنا بىلەن قارىلىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا، قىيامەت كۈنى قارىلىغۇچىغا بەلگىلەنگەن ئېغىر جازا ئىجرا قىلىنىدۇ»(37) دېگەن.

4) ئاجىزلارنى بوزەك قىلغۇچى

كىمكى كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە نوپۇزى بىلەن ئاجىز ئىنسانلارنى بوزەك قىلغان بولسا ياكى مەنسىپىنى، ئىجىتمائىي مۇناسىۋىتىنى ۋە زېرەكلىكىنى ئاجىز ئىنسانلارنى بوزەك قىلىش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم سېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ قۇللىرىم بار، ئۇلار ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى تىللايمەن ۋە ئۇرىمەن. مېنىڭ ھالىم نېمە بولىدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئۇلارنىڭ ساڭا خىيانەت قىلغىنى، ئاسىيلىق قىلغىنى ۋە يالغان ئېيتقانلىقى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭ ھەممىسى ھېساب – كىتاب قىلىنىدۇ. ئەگەر سېنىڭ بەرگەن جازايىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھىغا تەڭ بولسا، ساڭا ھېچنەرسە بولمايدۇ، ئەگەر جازا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئاز بولسا، بۇ سەن ئۈچۈن ئەۋزەل. ئەگەر بەرگەن جازايىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇقى ئۈچۈن سەندىن ئۇلارغا قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئارقىغا يېنىپ يىغلاشقا ۋە توۋلاشقا باشلىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— سەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىكى: ﴿قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47) دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭمۇ! — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەسۇلۇللاھ! ھەم ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئۈچۈن ئۇلاردىن ئايرىلىشتىن باشقا ياخشى بىر يول ئويلاپ يېتەلمىدىم. سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئازادتۇر، — دېدى»(38).

زۇلۇم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولغانىكەن، بىز زۇلۇم قىلىشتىن قورقۇشىمىز، ھەزەر ئەيلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاتمۇقات زۇلمەتتۇر» دېگەن(39).

قىيامەت كۈنى بەندىدىن قانداق قىساس ئېلىنىدۇ؟

بىر كىشىدە باشقىلارنىڭ ھەقلىرى بولسا، ھەق ئىگىلىرى ھەقلىرىنىڭ مىقدارى بويىچە ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەمەللىرى بولمىسا ياكى ئەمەللىرى تۈگەپ كەتسە، ھەق ئىگىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇ كىشىگە يۈكلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي، بۈگۈنلا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ» دېگەن(40).

ھايۋانلارنىڭ ھەقلىرى

ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى ۋە مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدىكى ھېكمىتىنىڭ ئىنچىكە بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن، ئىنسانلار ئۈچۈن بىر – بىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ بىر – بىرىنىڭ قىساسلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ھەقلەر چوقۇم ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلماي قالمايدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قوينىڭ ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ»(41) دېگەن.

بەلكى يەنە ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدىمۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، كىمكى دۇنيادا بىرەر ھايۋانغا ئەزىيەت بەرگەن بولسا، قىيامەت كۈنى شۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە جازالىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى ئۆلگىچە قاماپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزاختا ئازابلانغان، سولاپ قويغاندىن كېيىن يا ئۇنىڭغا يېمەك – سۇ بەرمىگەن، يا يەردىكى ھاشاراتلارنى يېيىشى ئۈچۈن قويۇۋەتمىگەن» دېگەن(42).

مانا بۇ ئادالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئارىسىدىكى خۇسۇمەتلەرنى ئايرىيدۇ، مەزلۇمغا زالىمغا قارشى ياردەم بېرىدۇ ۋە ئوغرىلانغان كىشى ئۈچۈن ئوغرىدىن ھەققىنى ئېلىپ بېرىش، ئاجىز ئىنسان ئۈچۈن كۈچلۈك ئىنساندىن ھەققىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ.

قىيامەت مەھكىمەسىدىكى گۇۋاھچىلار

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن تەجەللى قىلغان ۋە ئەنبىيائلەر، گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلگەن چاغدا ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ: ﴿مەھشەر پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامەئى ئەئماللار ھازىر قىلىنىدۇ، ئەنبىيائلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 69).

ئاشۇ چوڭ مەھكىمەدە خالايىقلار ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەھكىمەدەدىكى گۇۋاھچىلار كىملەر؟ ئۇلار نېمىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟

بەندىلەرگە ئەمەللىرىدىن تۇنجى بولۇپ خەبەر بەرگۈچى ئاللاھ تائالادۇر، ئۇ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، ئەھۋاللىرىدىن خەبەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر، ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ: ﴿ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 98).

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتى باشقا ئۈممەتلەرگە گۇۋاھچى بولىدۇ

ئەنبىيائلەرنى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارغا رەھمەت قىلىپ، خۇش بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئەنبىيائلەرنىڭ قەۋملىرىدىن بىر قىسمى ھەقنى تونۇپ ھىدايەت تاپقان بولسا، يەنە بىر قىسمى ھەقنى تونۇماي يۈز ئۆرۈدى ۋە ئەنبىيائلەرنى يالغانغا چىقاردى. قىيامەت كۈنى ھەربىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئۈممىتى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چاغدىكى ھالى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە دېگەندەك بولىدۇ: ﴿بىز ئەلبەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (ئەنبىيائلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، ئەنبىيائلەردىنمۇ ئەلبەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز. (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەبەرداردۇرمىز)﴾(7/«ئەئراف»: 6، 7).

ئەگەر قەۋملەر ئەنبىيائلىرىنىڭ ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزگەنلىكىنى يالغانغا چىقىرىپ تانسا، بۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتى ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى نۇھ چاقىرىلىدۇ، ئۇ:

— خوش، تائىتىڭگە تەييار، پۈتۈن ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدا، ئى رەببىم! — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن:

— يەتكۈزدۈڭمۇ؟ — دەپ سورايدۇ، ئۇ:

— ھەئە، — دەيدۇ. ئاندىن ئۈممىتىگە:

— سىلەرگە يەتكۈزدىمۇ؟ — دېيىلىدۇ، ئۇلار:

— ياق، بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كېلىپ باقمىدى، — دېيىشىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا نۇھقا:

— ساڭا كىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟ — دېگەندە، نۇھ:

— مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى، — دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۇنىڭ يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، پەيغەمبەرمۇ سىلەرگە شاھىد بولىدۇ. مانا بۇ نامى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ: ﴿شۇنىڭدەك (يەنى خاھلىغان كىشىنى ھىدايەت قىلغاندەك) بارلىق خالايىققا شاھىد بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىد بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143) دېگەن ئايەتىدۇر». (نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى راۋىيلەردىن بىرى ئېيتىدۇكى: مەزكۇر ئايەتتىكى) «الْوَسَطُ» توغرا، دۇرۇس دېگەن مەنىدە([43]^).

دېمەك، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى قىيامەت كۈنى باشقا ئۈممەتلەرگە قارشى ئەنبىيائلەر ئۈچۈن گۇۋاھچى بولىدۇ. مۇنۇ ھەدىستە شۇنداق كەلگەن: «قىيامەت كۈنى بىر نەبىي يېنىدا بىر كىشى بار ھالەتتە، يەنە بىر نەبىي يېنىدا ئىككى كىشى بار ھالەتتە، يەنە بىر نەبىي يېنىدا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ، ياكى ئاز كىشى بار ھالەتتە كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ نەبىيگە:

— قەۋمىڭگە (دىننى) يەتكۈزدۈڭمۇ؟ — دېيىلىدۇ. ئۇ:

— ھەئە، — دەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ قەۋمى چاقىرىلىپ، ئۇلارغا:

— ئۇ سىلەرگە دىنىنى يەتكۈزدىمۇ؟ — دېيىلىدۇ، ئۇلار:

— ياق، يەتكۈزمىدى، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ نەبىيگە:

— ساڭا كىم گۇۋاھچى بولىدۇ، — دېيىلىدۇ، ئۇ نەبىي:

— مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى، — دەيدۇ. ئاندىن مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى چاقىرىلىپ، ئۇلارغا:

— بۇ نەبىي يەتكۈزدىمۇ؟ — دېيىلىدۇ، ئۇلار:

— ھەئە، — دەيدۇ. ئاللاھ:

— سىلەر بۇنى قانداق بىلدىڭلار؟ — دەيدۇ، ئۇلار:

— بىزگە پەيغەمبىرىمىز ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەرنىڭ دىننى يەتكۈزگەنلىكىنى خەبەر بەرگەن ئىدى، بىز ئۇنى راست دەپ ئىشەنگەن ئىدۇق، — دەيدۇ»(44).

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ئۈممىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتى ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ ئۇلارغا دىننى يەتكۈزگەنلىكىگە، ئۇلارغا بايان قىلىپ بەرگەنلىكىگە، ئۇلارغا ھەممە ياخشى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىگە ۋە ئۇلارنى ھەممە يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿بىز ھەربىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 41) دېگەن. يەنە: ﴿شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە مېھرىبان ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن، بىر قېتىم قىيامەت كۈنى ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدىغانلىقىنى ئەسلەپ يىغلاپ كەتكەن، ياشلىرى ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئاتا – ئانام ۋە روھىم ئۇ زاتقا پىدا بولسۇن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

— ماڭا قىرائەت قىلىپ بەرگىن، — دېۋىدى، مەن:

— قۇرئان سىلىگە چۈشۈرۈلگەن تۇرسا، مەن سىلىگە ئوقۇپ بېرەمدىم، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— مەن ئۇنى باشقىلاردىن ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرە ‹نىساﺋ›نى ئوقۇپ: ﴿بىز ھەربىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 41) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— توختا، — دېدى. قارىسام كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈۋېتىپتۇ»(45).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆزىدىن قۇيۇلغان بۇ ياشلار ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن بەك كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ بىزدىن رازى بولىدىغان خالىس ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا بېرىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

ھەربىر نەبىي ئۆزىنىڭ ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدۇ

بارلىق ئەنبىيائلەر ئۆزلىرىنىڭ قەۋملىرىگە گۇۋاھچى بولغان ھالدا كېلىدۇ، ئۇلار قەۋملىرىگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىگە ۋە ئۇلارنى شىركتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ھەرئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەئبۇﺩلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ﴾(28/«قەسەس»: 75).

بەندىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر

پەرىشتىلەر بەندىدىن مەيلى ئۇ يۇرتىدا بولسۇن ياكى سەپەردە بولسۇن، ئويغاق بولسۇن ياكى ئۇخلاۋاتقان بولسۇن ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى، سۆزلىرى، ئەمەللىرى ۋە ھەربىر ھەرىكەتلىرىگىچە بىرمۇبىر خاتىرىلەپ يېزىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز﴾(10/«يۇنۇس»: 61).

بۇ پەرىشتىلەر قىيامەت كۈنى بەندە ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بەندە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدى، دۇئا قىلىۋاتقاندا ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى، يول ماڭغاندا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى، سەپەر قىلغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىدى ۋە سەپەر قىلمىغان مۇقىم ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇرغان ئىدى. قىيامەت كۈنى بۇ گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ ۋە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئەنبىيائلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 69) دېگەن.

ئىنساننىڭ ئۆزىگە گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئىقرار قىلىشى

قىيامەت كۈنى ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنى ئىقرار قىلىدۇ. كافىرلار ئۆزلىرىگە كافىر بولغانلىقى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاسىي – گۇناھكارلار ئۆزلىرىگە گۇناھ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. باشقا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يالغان ئېيتالمايدۇ. ۋە قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 130) دېگەن.

زېمىننىڭ گۇۋاھلىقى

زېمىنمۇ بەندىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ قىلغان سەدىقىسىگە، ئاللاھنى ئەسلەپ يىغلىغۇچىنىڭ ياشلىرىغا ۋە مۇجاھىدنىڭ ھەربىر قەدىمىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ۋە يەنە زىنا قىلغۇچىنىڭ زىنا قىلغانلىقىغا، ئوغرىلىق قىلغۇچىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىغا ۋە قاتىللىق قىلغۇچىنىڭ جىنايىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

بەندە بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ ئۆزىنى يوشۇرالىسۇن! ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەبەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى – يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ. (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر﴾(99/«زەلزەلە»: 4، 5).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﴿بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەبەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى – يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى ۋە:

— ئۇنىڭ خەبەرلىرى نېمە بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، بىز:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېسەك، ئۇ زات:

— ئۇنىڭ خەبەرلىرى ئۇنىڭ ھەربىر ئەر ۋە ئايال بەندىگە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىشلىرىغا: ‹بۇ بەندە پالانى كۈنى مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئىدى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىدۇر. مانا بۇ ئۇنىڭ خەبەرلىرىدۇر» دېدى(46).

يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق: «زېمىندىن پەخەس بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئاناڭلاردۇر (يەنى سىلەر ئۇنىڭدىن يارىتىلغان)، ھەقىقەتەن قايسىبىر كىشى ئۇنىڭ ئۈستىدە بىرەر ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلغانلا بولسا، ئۇ چوقۇم ھەممىسىنى خەبەر قىلىدۇ» دېگەن(47).

مادامىكى، بەندە قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلسە، قانداقمۇ گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ!!!

بەندىنىڭ ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى

بەندىنىڭ كۆرىدىغان كۆزى، ئاڭلايدىغان قۇلىقى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەدىنىدىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. پاچاق، قورساق، دۈمبە ۋە يوتا ھەممىسى سۆزلەيدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)﴾(36/«ياسىن»: 65)، ﴿شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 24).

بەدەندىكى ئەزالار گۇۋاھلىق بېرىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان بۇ ئورۇندا ھەسرەت – نادامەت كار قىلمايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «بىز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ زات كۈلدى ۋە:

— مېنىڭ نېمىگە كۈلگەنلىكىمنى بىلدىڭلارمۇ؟ — دېدى، بىز:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېدۇق. ئۇ زات دېدىكى:

— بەندىنىڭ رەببى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىدىن كۈلدۈم، بەندە: ‹ئى رەببىم! مېنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرمىغانمىدىڭ؟!› دەيدۇ، ئاللاھ: ‹شۇنداق› دەيدۇ، بەندە: ‹ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمگە پەقەت ئۆزۈمدىن بولغان بىر گۇۋاھچىنىلا كۈچكە ئىگە قىلىمەن› دەيدۇ، ئاللاھ: ‹بۈگۈن ساڭا قارشى گۇۋاھچى بولۇشقا ئۆزۈڭ ۋە كىرامىن كاتىبىن پەرىشتىلەر يېتەرلىكتۇر› دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئاغزى پېچەتلىنىپ، ئەزالىرىغا: ‹سۆزلەڭلار› دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەزالىرى ئۇنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئاندىن ئۇ گەپ قىلىشى ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئەزالىرىغا: ‹ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولغايسىلەر! مەن سىلەرنى (دوزاختىن) قوغداشقا تىرىشىۋاتقانتىمغۇ!› دەيدۇ»(48).

شۇنداق، بەندىنىڭ قول – پۇت قاتارلىق ئەزالىرى ئۈچۈن: «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەزالار سۆزلەپ، ئۇ بەندىنىڭ ھەممە رەسۋاچىلىقلىرىنى ۋە قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. بەندىنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ گەپ قىلىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇلارنى ئاڭلاپ ئېتىراز بىلدۈرەلمەيدۇ. ئاندىن گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغاندا، ئەزالىرىغا مالامەت قىلىشقا باشلايدۇ ۋە: «مەن سىلەرنى دوزاختىن قوغداشقا تىرىشىۋاتقانتىمغۇ!» دەيدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن سوئال – سوراق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ قىلىۋېتىپ دېگەنكى: «… ئاندىن ئاللاھ ئۈچىنچىسىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوخشاش سوئالنى سورايدۇ. ئۇ بەندە: ‹ئى رەببىم! ساڭا، كىتابىڭغا، پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم. ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم› دەيدۇ ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ: ‹ئۇنداقتا، سەن بۇ يەردە بىردەم كۈتۈپ تۇرغىن› دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹ھازىر ساڭا گۇۋاھچىمىزنى ئەۋەتىمىز› دېيىلىدۇ، بەندە ئۆز ئىچىدە: ‹ماڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدىغان كىمدۇ؟› دەپ ئويلايدۇ. (بۇ چاغدا) ئاغزى پېچەتلىنىدۇ ۋە يوتىسىغا، گۆشىگە ۋە ئۇستىخانلىرىغا: ‹سۆزلەڭلار› دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پاقالچىقى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى تىلغا كېلىپ، ئۇ بەندىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى سۆزلەيدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇ بەندىنىڭ ئۆزرە ئېيتىش يوللىرىنى كېسىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇ مۇناپىق كىشى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدىغان كىشىدۇر»(49).

تاشلارنىڭ ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ گۇۋاھلىقى

بۇ نەرسىلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ پايدىسىغا ياكى زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى مۇئەززىنگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمۇ مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ئەزاننىڭ پەزىلىتى بولۇپ، ئەزاننى ئاڭلىغان ئىنس – جىن، دەل – دەرەخ ۋە تاشلار ھەممىسى قىيامەت كۈنى مۇئەززىنگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەزان ئېيتقۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان جىن، ئىنسان ۋە ھەرقانداق نەرسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ» دېگەن(50).

پىچىرلاش

سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلەردىن ھېساب ئېلىڭلار، زىيىنىڭلارغا تارتىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەمەللىرىڭلارنى تارازىدا تارتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى چوڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. نامەئى ئەئمال/ ئەمەل دەپتەرلىرى (صَحَائِفُ الْأَعْمَالِ): ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىگە ئىككى پەرىشتەنى مۇئەككەل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان پۈتۈن ئىشلىرىنى نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندا دەپتەرنى پېچەتلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنسان نامەئى ئەئمالى بويىچە ھېساب بېرىدۇ. ئۇنىڭغا: ﴿نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 14) دېيىلىدۇ. ﴿نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال – خۇرام قايتىدۇ. نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن (سول قولىغا) بېرىلگەن ئادەم ‹ۋايداد!› دەپ توۋلايدۇ، دوزاخقا كىرىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 7 – 12). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 992 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017 — ت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2441)؛ مۇسلىم (2768).
3. ئىبنى ھىببان (6084). ئالبانىي: («سەھىھۇلمەۋارىد»، 2236) «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2441)؛ مۇسلىم (2768).
5. ئىبنى خۇزەيمە (849). ئەئزەمىي: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6537)؛ مۇسلىم (2876).
7. مۇسلىم (1905).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6472)؛ مۇسلىم (220). «دەم سالمايدىغان» دېگەننىڭ مەنىسى، «ئۇلار باشقىلاردىن ئۆزلىرىگە سۈف كۆچ قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ» دېگەنلىكتۇر. دەم سېلىش دېگىنىمىز — بىمارنى «قۇرئان» ئوقۇش ۋە باشقا شەرىئەت يول قويغان زىكىرلەرنى ئوقۇپ سۈف كۆچ قىلىش بىلەن داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلاردىن سۈف كۆچ قىلىشنى تەلەپ قىلىش جائىز. لېكىن، بۇ ھەدىس بىزگە ئەگەر قولىدىن كەلسە ئۆزىگە ئۆزى سۈف كۆچ قىلسا ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغانلىق. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئاغرىپ قالغاندا، پاناھلاندۇرغۇچى سۈرىلەرنى (مۇئەۋۋىزات سۈرىلىرىنى) ئوقۇپ، ئۆزىگە ئۆزى سۈف كۆچ قىلاتتى. كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، بۇ زاتقا ئائىشە ئانىمىز ئوقۇپ، قولىنىڭ بەرىكىتىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن ئۇ زاتنىڭ قولى بىلەن سىلىغان ئىدى. ھەدىستىكى «شۇم پال ئالمايدىغان» دېگەننىڭ مەنىسى — مەلۇم بىرنەرسىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ، ياكى پۇراپ، ياكى تېتىپ شۇم پال ئالمايدىغانلار، دېگەنلىكتۇر. ئەرەبلەردە جاھىلىيەت دەۋرىدە بۇ ئەھۋال بار ئىدى. مەسىلەن، بىر قۇش ئۇچۇپ سول تەرەپكە ئۇچسا، بۇنىڭدىن شۇم پال ئالاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ھارامدۇر. ھەرقانداق بىر كىشى ئۈچۈن مەلۇم كۈنلەر، مەلۇم ئايلار ۋە مەلۇم يۈزلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن شۇم پال ئېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسنى ئۇلار «رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغانلاردۇر» يەنى ئۇلار ھەممە ئىشلىرىدا شېرىكى يوق يېگانە ئاللاھقا تايىنىدىغانلار دەپ ئاخىرلاشتۇردى. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۇپايە.
9. ئىبنى ماجە (4286). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3456) «سەھىھ» دېگەن.
10. مۇسلىم (2577).
11. مۇسلىم (2674).
12. ئەھمەد (2519). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
13. مۇسلىم (2687).
14. تەبەرىي: «ئەتتەفسىر»، 29455.
15. مۇسلىم (2969).
16. تىرمىزىي (2417). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
17. تىرمىزىي (3358). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2022) «سەھىھ» دېگەن.
18. ئىمام تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (11682). ئەھمەد شاكىر: («ئۇمدەتۇتتەفسىر»، 1/657) «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
19. ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 5/75.
20. بۇنىڭ مەنىسى «پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنبىيائلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا مەۋجۇدلۇق جەھەتتە ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەت بولدۇق. قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە يەڭگىللەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان ئۈممەتتۇرمىز» دېگەنلىكتۇر.
21. ئىبنى ماجە (4290). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3482) «سەھىھ» دېگەن.
22. مۇسلىم (856).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1036)؛ مۇسلىم (157).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6864)؛ مۇسلىم (1678).
25. ئاللاھ قاتىلنىڭ نىيىتىنىڭ راستلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېگىنىنى تەستىقلىغان — ت.
26. نەسائىي (3997). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 4008) «سەھىھ» دېگەن.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
28. ئەھمەد (22860). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
29. تىرمىزىي (413). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2020) «سەھىھ» دېگەن.
30. ئەبۇ داۋۇد (864). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2571) «سەھىھ» دېگەن.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6864)؛ مۇسلىم (1678).
32. بەززار (9446). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 6374) «سەھىھ» دېگەن.
33. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (181). ئالبانىي: («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 134) «سەھىھ» دېگەن.
34. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (184)؛ ئەبۇ يەئلا (6944). ئالبانىي: («زەئىفۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 34) «زەئىف» دېگەن.
35. بۇخارىي (2449).
36. ئىبنى ماجە (2414). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 6546) «سەھىھ» دېگەن.
37. مۇسلىم (1660).
38. تىرمىزىي (3165). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2290) «سەھىھ» دېگەن.
39. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2447)؛ مۇسلىم (2579).
40. بۇخارىي (2449).
41. مۇسلىم (2582).
42. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3482)؛ مۇسلىم (2242).
43. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4487)؛ مۇسلىم (2936).
44. ئىبنى ماجە (4284). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3476) «سەھىھ» دېگەن.
45. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4582)؛ مۇسلىم (800).
46. تىرمىزىي (2429). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 4834) «زەئىف» دېگەن.
47. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (4462). ئالبانىي: «زەئىفۇلجامىئ‍»، 2407) «زەئىف» دېگەن.
48. مۇسلىم (2969).
49. مۇسلىم (2968).
50. بۇخارىي (609).