ئىككىنچى قېتىم سۇر پۈۋلەنگەندىن كېيىن بەندىلەر قىيامەت مەيدانىغا يېيىش ئۈچۈن قەبرلىرىدىن چىقىدۇ.
ئۇنداقتا قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟
ئۇنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى نېمە؟
قىيامەت مەيدانىغا يېيىشنىڭ مەنىسى نېمە؟
ئۇ قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟
قەبرگە قويۇلمىغانلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟
«البعث / قايتا تىرىلدۈرۈش» ۋە «النشر / يېيىش» دېگەن سۆز — ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرلىرىدىن چىقىرىش ۋە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن، غەرق بولۇپ كېتىپ بېلىقلارغا يەم بولۇپ كەتكەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كەتكەنلەردىن تارتىپ ھەممە ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ھېچ نەرسە نامى ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھتىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. بۇنىڭغا كۇفۇرلۇق قىلىش ۋە يالغانغا چىقىرىش ئاللاھنى يالغانغا چىقارغانلىق ۋە كۇفۇرلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق﴾(25/«فۇرقان»: 11).
ئاللاھ بەندىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرلەردىن چىقىرىدىغانلىقىنى كۆپ ئايەتلەردە زىكىر قىلغان. بۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
﴿ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104)، ﴿ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(32/«سەجدە»: 11)، ﴿كافىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەبەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 7).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەر بىر بەندە نېمە ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن بولسا، شۇ ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ» دېگەن(1). يەنە: «ئاندىن ئۇلار نىيىتى بويىچە تىرىلدۈرۈلىدۇ»(2) دېگەن.
قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنىڭ رېئال دەلىللىرى
ئاللاھ تائالا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان كۆپ دەلىل – ئىسپاتلارنى كۆز ئالدىمىزدا ئايان قىلدى. بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:
1) قۇرغاق زېمىننىڭ يامغۇر بىلەن ياشىرىدىغانلىقى
بىز ھېچقانداق زىرائەت، ئۆسۈملۈك ۋە ھاياتلىق بولمىغان ئۆلۈك، قاغجىراپ كەتكەن زېمىنلاردىن ئۆتۈپ قالىمىز. ئەگەر ئاللاھ ئۇ زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇنىڭغا ھاياتلىق قايتىپ كېلىدۇ ۋە يېشىللىققا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاشۇ چىرىپ كەتكەن ئۇستىخانلارنى، قۇرۇپ كەتكەن جەسەتلەرنى تىرىلدۈرۈپ، قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك – تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرلىرىدىن چىقىرىمىز﴾(7/«ئەئراف»: 57).
ئەبۇ رەزىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟ — دېگەنىدىم، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سەن قۇرۇپ كەتكەن، ئاندىن يېشىللىققا ئايلانغان، ئاندىن يەنە قۇرۇپ كەتكەن، ئاندىن يەنە يېشىللىققا ئايلانغان چۆللۈكتىن ئۆتۈپ باقتىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدۇ، — دېدى»(3).
2) دەسلەپكى يارىتىشنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە دەلىل قىلىش
مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئۆزىنىڭ خاھلىغىنى بويىچە ياراتقان ۋە ئۆزى خاھلىغان شەكىلدە سۈرەتكە كىرگۈزگەن زات ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم خاھلىغىنى بويىچە خاھلىغان ۋاقىتتا قايتا يارىتىشقا قادىردۇر. شەك – شۈبھىسىزكى، قايتا يارىتىش دەسلەپكى يارىتىشتىن كۆپ ئاساندۇر.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104)، ﴿مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(30/«رۇم»: 27).
3) بەزى ئۆلۈكلەرنىڭ دۇنيادا تىرىلدۈرۈلگەنلىكى
بەنى ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئادەمنى كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇرغاندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلگىنىگە ئوخشاش([4])، ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 73).
يەنە تام، ئۆگزىلىرى يىقىلاي دەپ قالغان خارابە شەھەردىن ئۆتكەن كىشىگە يۈز بەرگەن ئەھۋالمۇ بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇنى ئاللاھ بۇ سۆزىدە زىكىر قىلغان: ﴿ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۇئجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 259)، ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 260).
4) ئاللاھنىڭ بىرنەرسىنى ئۇنىڭغا زىت بىرنەرسىدىن چىقىرىشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىدىغانلىقى
بۇ ئاللاھنىڭ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكتىن تىرىك جانلىقنى چىقىرىشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خۇددى ئاللاھنىڭ يېشىل دەرەختىن ئوتنى چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەربىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر». ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر﴾(36/«ياسىن»: 78 — 80).
5) ئاللاھنىڭ ئۆز قۇدرەت – كامالى بىلەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى ئاجايىب كاتتا مەخلۇقاتلارنى يارىتىش ئەلبەتتە ئىنساننى يارىتىشتىن چوڭدۇر. دېمەك، چوڭ، كاتتا نەرسىنى يارىتىشقا قادىر زات ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان نەرسىنى يارىتىشقا ئەلبەتتە قادىردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾(36/«ياسىن»: 81).
قەبرگە قويۇلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى
غەرق بولۇپ بېلىقلارغا يەم بولۇپ كەتكەن ياكى ئوتتا كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن، ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئەھۋاللاردا ئۆلۈپ كېتىپ قەبرگە دەپنە قىلىنمىغان ئىنسانلارمۇ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ مەھشەرگە يىغىلىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرىكىلەردىن بىر كىشىنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ دېگەنكى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال – دۇنيا، پەرزەنت بەرگەن. ئۇ كىشى ئۆلۈش ئالدىدا بالىلىرىغا:
— سىلەرگە قانداقراق ئاتا بولغان ئىدىم؟ — دېگەن ئىدى، بالىلىرى:
— ياخشى ئاتا، — دېدى. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساۋابىنى كۈتكۈدەك بىرەر ياخشىلىق قىلىپ قويالمىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا ئۇنى چوقۇم ئازابلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ:
— ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، مېنى كۆيدۈرۈڭلار، كۈلگە ئايلانغىنىمدا كۈلۈمنى ئېزىپ كۈچلۈك شامال چىققاندا مېنى سورۇۋېتىڭلار، — دەپ ۋەسيەت قىلىپ بالىلىرىدىن ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئەھدۇپەيمانلارنى ئالغان، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بالىلىرى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلغان. ئاللاھ دەرھال:
— پەيدا بول، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇ ئادەم شۇ ھامان ئۆرە تۇردى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن:
— ئى بەندەم! ئۇنداق قىلشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ — دېگەندە، ئۇ:
— سەندىن قورقۇش، — دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشىلا قۇتقۇزۇپ قالغان»(5).
شۇنداق، قىيامەت كۈنى خالايىقلارنىڭ ھەممىسى قايتا تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئەمەللىرىگە قارىتا جازا ۋە مۇكاپات ئېلىشى ئۈچۈن قىيامەت مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قايتا تىرىلدۈرۈش قانداق بولىدۇ؟
غەيبكە ئالاقىدار ئىشلار پەقەت ۋەھيى ئارقىلىقلا بىلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بىرقانچە ھەدىسلەردە قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئىككى سۇر پۈۋلەشنىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقىدىن خەبەر بەردى ۋە بۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:
«‹(قىيامەت بولغاندا چېلىنىدىغان) ئىككى سۇرنىڭ ئارىسىدا 40 بار›. ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە دېدى: ‹ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار خۇددى ئوت – چۆپ ئۈنگەندەك ئۈنىشىدۇ، پەقەت بىرلا ئۇستىخاندىن باشقا ئىنساننىڭ ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئىنسان قىيامەت كۈنى قايتا قوراشتۇرۇلىدۇ›»(6).
دېمەك، ھايات قالغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىقدارىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مەلۇم زامان قېپقالىدىغان بىرىنچى قېتىملىق سۇر پۈۋلەنگەندىن كېيىن، ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇ يامغۇر بىلەن ئۇلارنىڭ تەنلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ ئېيتقاندەك بولىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104).
مەيلى قەبرلەردىكى ياكى دېڭىزلاردىكى، ياكى تاغلاردىكى، ياكى چۆللەردىكى بولسۇن، جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى قايتا يارىتىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىدۇ.
ئارقىدىنلا روھلار جەسەتلەرگە ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇ جەسەتلەرگە ھاياتلىق قايتىپ كېلىدۇ ۋە زېمىن يېرىلىپ قەبرلىرىدىن ھايات ھالەتتە چىقىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر﴾(50/«قاف»: 44)، ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 51).
دېمەك، ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ مەھشەرگە بارىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ئاندىن سۇر چېلىنىدۇ. ئۇنى پەقەت بوينىنىڭ بىر تەرىپىنى پەس قىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن تۆگىسىنى سۇغىرىدىغان كۆلنى ئوڭلاۋاتقان كىشى ئاڭلايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ئادەم سۇر ئاۋازىدىن ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆلۈشكە باشلايدۇ. ئاندىن ئاللاھ شەبنەمدەك بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ. ئاندىن: ‹ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە كېلىڭلار› دېيىلىدۇ. پەرىشتىلەرگە: ‹ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، ئۇلار (جىمىكى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراققا تارتىلىدۇ› دېيىلىدۇ»(7).
جەسەتلەر ئۆسۈملۈك ئۈنۈپ چىققاندەك ئۈنۈپ چىقىدۇ
شۇنداق، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى تىرىلىپ ئۈنۈپ چىققاندەك، ئاللاھ تائالا جەسەتلەرگە يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن جەسەتلەر تۇغۇر سۆڭىكىدىن ئۈنۈپ چىقىپ تولۇق ئەسل ھالىتىگە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى سۈپەتلەپ دېگەنكى: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك – تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرلىرىدىن چىقىرىمىز﴾(7/«ئەئراف»: 57).
ئىنسان سامساق، پىياز، يالپۇز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىققاندەك تۇغۇر سۆڭىكىدىن قايتا ئۈنۈپ چىقىدۇ.
بۇ بايانلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلگىرىكى مۇنۇ ھەدىسلىرىدە سۆزلەندى: «(قىيامەت بولغاندا چېلىنىدىغان) ئىككى سۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا 40 بار. ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار خۇددى ئوت – چۆپ ئۈنگەندەك ئۈنىشىدۇ، پەقەت بىرلا ئۇستىخاندىن باشقا ئىنساننىڭ ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئىنسان قىيامەت كۈنى قايتا قوراشتۇرۇلىدۇ»(8).
ئۇ زات يەنە ئېيتتىكى: «ئادەم بالىسىنىڭ ھەممە ئەزاسىنى زېمىن يەپ كېتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تۇغۇر سۆڭىكىلا قالىدۇ. ئۇ شۇ تۇغۇر سۆڭىكىدىن يارىتىلغان ۋە يەنە شۇ سۆڭەكتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ»(9).
مەخلۇقاتلار ئاۋۋالقى يارىتىلىشىدىن پەرقلىق يارىتىلامدۇ؟
«قۇرئان» ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت شەرئىي مەنبەلەرنىڭ دالالەتلىرىنى تەپەككۇر قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئايدىڭ بولىدۇكى، مەخلۇقاتنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تەبىئىتى تەننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە كۆتۈرۈشچانلىقى جەھەتتە دەسلەپتە يارىتىلغاندىكى تەبىئىتىدىن پەرقلىق بولىدۇ.
بۇ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغان، ھېساب ئېلىنىدىغان ۋە جازا – مۇكاپات بېرىلىدىغان ئىنسانلار دۇنيادا ياشىغان خەلققە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خەلق دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئاللاھ دۇنيادا ياشىغان بەندىلەرنىڭ ئۆزىنى تىرىلدۈرىدۇ، لېكىن ئۇلار بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارلىرى جەھەتتە دۇنيادىكى چاغدىكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ مىساللىرى:
1) بەندىلەر ئۇ كۈندە دۇنيادا كۆرمىگەن پەرىشتىلەرنى، جىنلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛
ئۇلارغا خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: ﴿ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ﴾(50/«قاف»: 22).
2) جەننەت ئەھلى تۈكۈرمەيدۇ ۋە چوڭ – كىچىك تاھارەت قىلمايدۇ؛
3) قىيامەت كۈنى بەك ئۇزۇن بولسىمۇ بەندىلەر قاتتىق ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛
4) ئاسىي – گۇناھكارلار ۋە كافىرلار ئوتتا كۆيىدۇ، لېكىن ئۆلۈپ قالمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: ﴿(ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئىچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 17).
زېمىن يېرىلىپ ئەڭ ئاۋۋال ھوشىغا كېلىدىغان ئادەم
ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىپ، ئىنسانلار قەبرلىرىدە تولۇق يارىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن قەبرلەر يېرىلغان چاغدا، تۇنجى تىرىلدۈرۈلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن زېمىن يېرىلىدىغان كىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ زات دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ خوجىسىدۇرمەن، قەبرىسى تۇنجى بولۇپ يېرىلىدىغانمۇ مەن، تۇنجى شاپائەتچىمۇ ۋە تۇنجى شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىمۇ مەن»(10).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر مۇسۇلمان بىلەن بىر يەھۇدىي بىر – بىرىنى ھاقارەتلىشىپ، مۇسۇلمان:
— مۇھەممەدنى پۈتۈن جاھان ئەھلىدىن تاللىغان زات بىلەن قەسەم، — دېۋىدى، يەھۇدىي:
— مۇسانى پۈتۈن جاھان ئەھلىدىن تاللىغان زات بىلەن قەسەم، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان قولىنى كۆتۈرۈپ يەھۇدىينى بىر كاچات ئۇردى، يەھۇدىي نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇسۇلمان بىلەن ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى دېگەن ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ ئۆزىدىن سورىدى، ئۇمۇ شۇنداق جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مېنى مۇسادىن ئەۋزەل قىلىۋەتمەڭلار. چۈنكى، جىمى ئادەملەر قىيامەت كۈنى ھوشىدىن كېتىدۇ، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ھوشۇمدىن كېتىمەن، ئاندىن ئەڭ ئاۋۋال ھوشىغا كېلىدىغىنى مەن بولىمەن، ھوشۇمغا كېلىپ شۇنداق قارىسام، مۇسانىڭ ئەرشنىڭ بىر تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇ ھوشىدىن كەتكەنلەر قاتارىدا بولۇپ، مەندىن بۇرۇن ھوشىغا كەلگەنمۇ ياكى ئاللاھ (بىھوش قىلىشتىن) مۇستەسنا قىلغانلاردىنمۇ؟ بىلمەيمەن› دېدى»(11).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «سۇر چېلىنغاندا، ئاللاھ خاھلىغان كىشىلەردىن باشقا پۈتۈن ئادەملەر قىيامەت كۈنى ھوشىدىن كېتىدۇ، ئاندىن ئۇ يەنە بىر قېتىم چېلىنغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ھوشىغا كېلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن، ھوشۇمغا كېلىپ شۇنداق قارىسام، مۇسانىڭ ئەرشنىڭ بىر تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمەن. مۇسا كىشىلەر بىلەن ھوشىدىن كېتىپ، مەندىن بۇرۇن ھوشىغا كەلگەنمۇ ياكى تۇر كۈنى بىھوش قىلىنغىنى ھېساب بولۇپ، بىھوش قىلىنمىغانمۇ، بىلمەيمەن» دېدى(12).
قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى
قايتا تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلغان كىشى ئاللاھنى يالغانغا چىقارغان ۋە «قۇرئان»نى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھ ئېيتىدۇ: ‹ئادەم بالىسى مېنى يالغانچىغا چىقاردى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇ مېنى تىللىدى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مېنى يالغانچىغا چىقارغىنى بولسا ”ئاللاھ مېنى بۇرۇنقى ھالىمغا ئوخشاش قايتا تىرىلدۈرەلمەيدۇ“ دېگەنلىكىدۇر. ھالبۇكى ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىش ئۇنى قايتا تىرىلدۈرگەندىنمۇ ماڭا ئاسان ئەمەسمۇ؟! ئۇنىڭ مېنى تىللىغىنى بولسا ”ئاللاھنىڭ بالىسى بار“ دېگىنىدۇر. ھەقىقەتتە مەن بىردۇرمەن، سامەددۇرمەن، (ھەممە ماڭا موھتاجدۇر) مەن بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ›»(13).
قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئىمان ئېيتىش — ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ھېساب، جازا – مۇكاپات، جەننەت ۋە دوزاخقا ئىمان ئېيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخىرى، سۇر چېلىنىپ، زېمىننىڭ ھەممە جايلىرىدا ئىنسانلار قەبرلىرىدىن تىرىلىپ چىققان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنى بۇيرۇپ بىر ئورۇنغا يىغىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئورۇن نەدە؟
ئۇ ئورۇندا نېمە ئىشلار بولىدۇ؟
بەندىلەر ئۇ ئورۇنغا قانداق يېتىپ بارىدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى بابتا سۆزلىنىدۇ.
ھۆججەت
قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەر كۆپ بولۇپ، بۇ دەلىللەر ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار نىڭ ئۈستىدىن ھۆججەت بولىدۇ.
قىيامەت بولغان چاغدىكى قورقۇنچلۇق ئىشلار
قىيامەت كۈنى زېمىن باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، كائىناتنىڭ ھەرىكىتى پاتپاراقلىشىدۇ ۋە ئەلجەببار جەللە جەلالۇھۇ بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدۇ.
ئۇنداقتا ئاسمانلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟
زېمىن قانداق ئايلىنىپ كېتىدۇ؟
ئۇ ۋاقىتتا بەندىلەرگە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟
ئاللاھ بىزگە ئىنسانلارنى قاتتىق قورقۇتىدىغان ۋە قەلبلەرنى تىترىتىۋېتىدىغان قىيامەت كۈنىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللاردىن خەبەر بەردى.
دېمەك، زېمىن تەۋرىتىلىدۇ، تاغلار كۇكۇم – تالقان قىلىنىدۇ، دېڭىزلارغا ئوت كېتىدۇ، ئاسمان يېرىلىدۇ، قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئاينىڭمۇ نۇرى ئۆچىدۇ ۋە تۇتىلىدۇ، يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ، نۇرى يوقايدۇ. پەرۋەردىگارىمىز زېمىننى چاڭگاللاپ تۇتىدۇ ۋە ئاسمانلارنى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ.
قىيامەت كۈنىدىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھالى
«قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ تېكىستلىرى ئاللاھنىڭ زېمىننى چاڭگاللاپ تۇتىدىغانلىقىنى ۋە ئاسمانلارنى قاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسمانلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى قاتلىغاندەك قاتلايمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104)، ﴿ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 67).
بۇ ئايەتتىكى «سجل» كەلىمەسى قەغەزگە خەت يازىدىغان پۈتۈكچى دېگەنلىكتۇر. ئۇ خەتنى يېزىپ بولغان چاغدا، قەغەزنى قاتلايدۇ. شۇنىڭدەك قىيامەت كۈنىمۇ نامى ئۇلۇغ ئاللاھ ئاسمانلارنى بىر – بىرىگە قاتلايدۇ ۋە چاڭگاللاپ تۇتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسمانلارنى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئاندىن: ‹پادىشاھ مەندۇرمەن، زېمىن پادىشاھلىرى قېنى؟› دەيدۇ» دېگەن(14). يەنە: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئاسمانلارنى قاتلايدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى ھەددىدىن ئاشقانلار؟ قېنى مۇتەكەببىرلەر؟› دەيدۇ. ئاندىن زېمىنلارنى سول قولى بىلەن قاتلاپ: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى ھەددىدىن ئاشقانلار؟ قېنى مۇتەكەببىرلەر؟› دەيدۇ» دېگەن(15).
زېمىنغا كەلسەك، زېمىن قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى ھەدىستە كەلگەندەك بولىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— قىيامەت كۈنى زېمىن بىر تال كۆمەچ ناندەك بولىدۇ. قەھرى قىلغۇچى ئاللاھ ئۇنى جەننەت ئەھلىگە كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن خۇددى بىرىڭلار سەپەردە كۆمەچ نېنىنى ئۆرۈپ تۇرغاندەك ئۆز قولى بىلەن ئۆرۈپ تۇرىدۇ، — دېگەن ئىدى، ئارقىدىنلا بىر يەھۇدىي كېلىپ:
— جانابلىرىغا راھمان بەرىكەت قىلغاي، ئى ئەبۇلقاسىم! مەن ئۆزلىرىگە قىيامەت كۈنى جەننەت ئەھلىنىڭ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ؟! — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— بولىدۇ، ئېيتىپ بەرگىن، — دېۋىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەكلا:
— زېمىن بىر تال كۆمەچ ناندەك بولىدۇ، — دېدى. بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قارىدى، ئاندىن ئېغىز چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالغىچە كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن ھېلىقى يەھۇدىي:
— جانابلىرىغا ئۇلارنىڭ نانغا قوشۇپ يەيدىغان تامىقىنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ؟ — دەپ:
— ئۇلارنىڭ قوشۇمچە تامىقى بالام بىلەن نۇن، — دېدى. ئەسھابلەر:
— نېمە ئۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدى، يەھۇدىي:
— كالا بىلەن كىت، بۇ ئىككىسىنىڭ جىگەرلىرىنىڭ كىچىك تىلىنى يەتمىش مىڭ كىشى يەيدۇ، — دېدى»(16).
تاغلارنىڭ كۇكۇم – تالقان قىلىنىشى
قىيامەت كۈنى سۇر پۈۋلەنگەن چاغدا زېمىن ئۆزىدىكى ئېگىز تاغلار، بۈك – باراقسان دەرەخلەر، زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆتۈرۈلۈپ بىر – بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتۈرۈلۈپ (بىر – بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ﴾(69/«ھاققە»: 13 — 15).
تاغلار قۇمدەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە تارقاق قۇمغا ئايلىنىدۇ﴾(73/«مۇززەممىل»: 14).
بەلكى بۇ مۇستەھكەم، قاتتىق تاغلار بەك قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئېتىلغان يۇمشاق يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تاغلارنى ئۆز ئورۇنلىرىدىن يوق قىلىۋېتىدۇ، زېمىندا بىرمۇ تاغ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللا تائالا: ﴿تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)﴾(78/«نەبەﺋ»: 20) دېگەن.
شۇنداق، تاغلار يىراقتىن قارىغان ئادەم ئۈچۈن سۇدەك كۆرۈنىدىغان سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئىنسان يېقىنلاشسا ھېچ نەرسىنى تاپالمايدۇ. ئاندىن تاغلار كۇكۇم – تالقان قىلىنىپ، شاماللار ئۇچۇرۇپ يۈرۈيدىغان توپا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۇكۇم – تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ). ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەرلەردە چوڭقۇرلۇقمۇ، ئېگىزلىكمۇ كۆرمەيسەن»﴾(20/«تاھا»: 105 — 107).
بۇ قىيامەت بولغان چاغدىكى تاغلارنىڭ ئەھۋالى. ئەمدى يەر شارىنىڭ تۆتتىن ئۈچىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان دېڭىزلارغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاغلارنىڭ ھالىدىنمۇ ئاجايىبراق بىر ئەھۋال باردۇر.
دېڭىزلارنىڭ پارتلايدىغانلىقى ۋە كۆيىدىغانلىقى
بۇ ھەيۋەتلىك، كۈۋەجەپ تۇرىدىغان چوڭقۇر دېڭىزلار ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ساناقسىز جانلىقلار ئالەمى بىلەن قوشۇلۇپ پارتلايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿دېڭىزلار بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا﴾(82/«ئىنفىتار»: 3) دېگەن.
دېڭىزلارنىڭ پارتلايدىغانلىقى — ئۇنىڭ قۇرۇقلۇققا تېشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇنىڭ سۈيىنىڭ ئوكسىگېن ۋە ھىدروگېندىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنتى بولغانلىقى ئۈچۈن پارتلايدىغانلىقى ۋە بۇ ئىككى گازنىڭ زەررىچىلىرىنىڭ پارتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 1) دېگەن.
دېڭىزلارغا ئوت كېتىش — دېڭىزلارنىڭ ئەڭ ئاستىدىن يېرىلىش ۋە پارتلاش بولۇپ، دېڭىزنىڭ سۈيى زېمىننىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى ئوت ئالىدىغان ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ ئۈستىدە ئوت ئېلىش پەيدا بولىدۇ.
ئاسماننىڭ ئايلىنىشى ۋە يېرىلىشى
قىيامەت كۈنى ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ ۋە قاتتىق قالايمىقانلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ﴾(52/«تۇر»: 9) دېگەن.
ئاسمان ھەرىكەتلىنىپ، ئۆز ئورنىدا تۈگمەن ئايلانغاندەك ئايلىنىدۇ ۋە يېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئاسمان يېرىلغان چاغدا﴾(82/«ئىنفىتار»: 1)، ﴿شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 25) دېگەن.
ئاسماننىڭ قانداق يېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھالەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاسمان يېرىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا﴾(84/«ئىنشىقاق»: 1، 2)، ﴿ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ﴾(69/«ھاققە»: 16). يەنى ئاسمان يېرىلىپ ئىلگىرىكى قاتتىق ۋە كۈچلۈك ھالىتىدىن كېيىن، ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتىكى ئاسماننىڭ رەڭگى
چىرايلىق كۆك ئاسماننىڭ رەڭگى قىيامەت كۈنى ئۆزگىرىپ، بوياقلارنىڭ رەڭگىدەك ھەرخىل رەڭدە بولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە قىزىل، بەزىدە سېرىق، بەزىدە يېشىل ۋە بەزىدە كۆك رەڭدە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿(قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ﴾(55/«رەھمان»: 37) دېگەن. يەنى ئاسمان يېرىلىپ بىر رەڭدىن كېيىن باشقا بىر رەڭدە بولىدۇ.
قۇياشنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچۈشى
قىيامەت قايىم بولغاندا قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچۈپ يورۇقلۇقى كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر نۇقتىغا يىغىلىپ قالىدۇ. ئەرەبچىدىكى «تكوير» نىڭ مەنىسى — بىرنەرسىنىڭ بىر – بىرىگە يىغىلىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. سەللىنى يۆگەش دېگەن سۆزمۇ «تكوير» كەلىمىسى بىلەن ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش «تكوير الشمس»مۇ قۇياشنىڭ قورۇلۇپ قېلىپ، نۇرىنىڭ ئۆچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزىدە ئاللاھ تائالا: ﴿كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 1) دېگەندەك، بۇنىڭ مەنىسى «قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچۈپ سوۋۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتاپسىز بولۇپ قالىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنىڭدىن باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئاي
ئاينىڭمۇ نۇرى ئۆچۈپ، يورۇقلۇقى كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ. ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر. بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر﴾(75/«قىيامەت»: 7 – 12). يەنى «قۇياش بىلەن ئاي بىر تەرەپكە يىغىلىپ، غەرب تەرەپتىن نۇرى يوق قارا ھالەتتە چىقىدۇ» دېگەنلىكتۇر.
يۇلتۇزلار ۋە پىلانېتالار
تۈرلۈك شەكىل، ھەجىم، يورۇقلۇق ۋە گۈزەللىكتىكى يۇلتۇزلار قىيامەت بولغاندا تۆكۈلىدۇ. يورۇقلۇقى كېتىدۇ ۋە تارتىش كۈچى يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 2)، ﴿يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن چاغدا﴾(77/«مۇرسەلات»: 8) دېگەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشۇ يۇلتۇزلارنىڭ تارتىش كۈچىگە چېتىلغان بارلىق پىلانېتالار تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: ﴿يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا﴾(82/«ئىنفىتار»: 2)، ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(82/«ئىنفىتار»: 2).
بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلىدىغان يۇلتۇزلار قايسى يۇلتۇزلار؟
بۇنى ئاللاھ ئۆزى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. بۇ بەلكى بىز ھازىر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان يۇلتۇزلار بولۇشى مۇمكىن ۋەياكى ئاسماندىكى پۈتۈن يۇلتۇزلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى بىز بىلمەيمىز. يۇلتۇزلارنىڭ سانى ۋە ئورۇنلىرىنى پەقەت ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلبەتتە كاتتا قەسەمدۇر﴾(56/«ۋاقىئە»: 75، 76) دېگەن. لېكىن، يۇلتۇزلارنىڭ تۆكۈلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىمىز.
بۇ ھادىسە ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇقاتلار قىيامەت مەيدانىغا يېيىلىشتىن بۇرۇن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار مەھشەرگە يىغىلىدۇ. ئۇلار قانداق ھەشر قىلىنىدۇ؟ مەھشەردە نېمە ئىشلار بولىدۇ؟
ئەقىدە
پەرۋەردىگارىمىزنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ كائىناتتا خاھلىغىنىنى قىلىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. مۇسلىم (2878).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2118)؛ مۇسلىم (2884).
3. ئەھمەد (16238). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 1334) «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
4. بەنى ئىسرائىلدا بالىلىق بولالمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ مال – دۇنياسى بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر جىيەنى ئۇنىڭ بىردىبنىر مىراسخورى ئىدى. جىيەنى مىراس ئېلىشقا ئالدىراپ كېتىپ، تاغىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن جەسىتىنى كېچىدە ئاپىرىپ، بىر كىشىنىڭ ئىشىكىگە قويۇپ قويدى. تاڭ ئاتقاندا بۇ بالا «سىلەر تاغامنى ئۆلتۈرۈپسىلەر» دەپ دەۋا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېدەللىشىپ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوراللاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى دانا كىشىلەر: «ئىچىڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بار تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بىر – بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈسىلەر» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئېيتتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلايھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ، ئۇلارنى بىر كالىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇشىنى ئېيتتى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى﴾(2/«بەقەرە»، 67). ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىپ، قانداقلىكى بىر كالىنى بوغۇزلىغان بولسا، كۇپايە قىلغان بولاتتى. لېكىن، ئۇلار ئىشنى تەسلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىش تەسلىشىپ كەتتى. ئاخىرى ئۇلار سۈپەتلەنگەن كالىنى بىر كىشىنىڭ يېنىدىن تاپتى. ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭدىن باشقا كالا يوق ئىدى. ئۇ كىشى: «ئۇنى ئۇنىڭ تېرىسى توشقۇدەك ئالتۇنغا بېرىمەن» دېدى. ئۇلار كالىنى تېرىسى توشقۇدەك ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ بوغۇزلىدى ۋە مېيىتنى ئۇنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇرغان ئىدى، ئۇ مېيىت قوپتى. ئۇلار:
— سېنى كىم ئۆلتۈردى؟ — دېگەنىدى، ئۇ:
— بۇ ئۆلتۈردى، — دەپ جىيەنىگە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن يەنە ئۆلدى. (قاراڭ: تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر: «سۈرە بەقەرە»نىڭ تەفسىرى، 1/145).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6481)؛ مۇسلىم (2757).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4935)؛ مۇسلىم (2955).
7. مۇسلىم (2940).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4935)؛ مۇسلىم (2955).
9. مۇسلىم (2955).
10. مۇسلىم (2278).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2411)؛ مۇسلىم (2373). بۇنىڭ مەنىسى «مۇسا ئەلەيھىسسالام بىرىنچى سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ قاتارىدىنمۇ ياكى ئاللاھ تائالا: ﴿سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ تائالا خاھلىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ﴾ دەپ ئېيتقاندەك، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىستىسنا قىلىنغانلار قاتارىدىنمۇ، بىلمەيمەن» دېگەنلىكتۇر. باشتا ئېيتىلغاندەك، ئۆلمەيدىغان مەخلۇقاتلار: روھ، ئەرش ۋە ھۆر پەرى قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنى سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى ھەققىدىكى بابتا تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3414)؛ مۇسلىم (2373). ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۇر تېغىدا گەپ قىلغان چاغدا، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ئاللاھقا قاراشنى تىلىگەن. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ دۇنيادىكى ۋاقتىدا ئۆزىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايدىغانلىقىنى خەبەر بەرگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالا تاغقا تەجەللى قىلغان، تاغ (ئاللاھ تائالانى كۆرگەن چاغدا) كۇكۇم – تالقان بولۇپ كەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ھوشىدىن كەتكەن. ئاللاھ بۇنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ﴿مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆ قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى﴾(7/«ئەئراف»: 143).
13. بۇخارىي (4974).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4812)؛ مۇسلىم (2787).
15. مۇسلىم (2788).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6520)؛ مۇسلىم (2792).

