Axiret_küni

ئاخىرەت كۈنى

ئىنسان ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان مۇددەتتە بەرزەخ ھاياتىدا تۇرۇپ، ئاللاھ قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندە سۇر پۈۋلىنىدۇ، ئىنسانلار ھەشر قىلىنىدۇ ۋە قىيامەت قايىم بولىدۇ.

ئۇنداقتا قىيامەت قاچان بولىدۇ؟

سۇرنى پۈۋلەشنىڭ مەنىسى نېمە؟

ئۇلار قەبرلىرىدىن قانداق چىقىدۇ؟

غەرق بولۇپ كەتكەن ۋە كۆيۈپ كەتكەنلەرگە ئوخشاش قەبرگە قويۇلمىغانلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار قانداق تىرىلدۈرۈلىدۇ؟

ئاللاھ پەقەت ئىنسانلارنىلا قىيامەت مەيدانىغا يىغامدۇ ياكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىمۇ؟

جىنلارنى ھەشر قىلىشنىڭ يولى قانداق؟

تۆۋەندە بۇ تۈرلۈك كاللىغا كېلىدىغان سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلىدۇ.

ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئورنى
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ بىر رۇكنىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، ئەنبىيائلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش – ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل – مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل – مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 177).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىماننى شەرھلەپ: «ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەنبىيائلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشىڭ ۋە ياخشىلىق – يامان تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشىڭدۇر» دېگەن(1).

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى

قىيامەت كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ كۈندە بولىدىغان ئىشلارنى جەزملىك تەستىق قىلىش، ئۆلۈمگە ۋە ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئىمان ئېيتىش ۋە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى تەستىق قىلىشتۇر. كىمكى ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلسا ياكى ئۇنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا شەك قىلسا، ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ، كافىر بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 136).

ئاخىرەت كۈنى شەكسىز يۈز بېرىدۇ، كىمكى ئۇنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا شەك قىلسا، كافىر بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقارغۇچىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ «كافىرلار ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدۇ ۋە ئاللاھ مەخلۇقاتلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ» دەپ بايان قىلدى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار﴾(45/«جاسىيە»: 45).

ئاخىرەت كۈنىنىڭ شەكسىز كېلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولۇپ، ئاللاھ نىجات تاپىدىغان مۇئمىنلەر ھەققىدە: ﴿ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (ئەنبىيائلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 4) دېگەن.

ئاخىرەت كۈنىنىڭ شەكسىز كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بولسا ئاللاھ تائالا: ﴿شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر﴾(22/«ھەج»: 7) دېگەن.

يورۇتما

كىمكى قايتا تىرىلدۈرۈشكە، جەننەت ۋە دوزاخقا ئىمان ئېيتمىسا، ئۇ ئىسلام دىنىغا كافىر بولغان بولىدۇ.

ئاخىرەت كۈنىنىڭ سۈپەتلىرى
ئاللاھ تائالا كىتابىنى ھەممە نەرسىنى بايان قىلغۇچى قىلىپ چۈشۈردى ۋە ھۆرمەتلىك ئەنبىيائلىرىنى خۇش بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالا بىزگە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەھۋالنى سۈپەتلەپ بەردى.

ئۇنداقتا ئاخىرەت كۈنىنڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن بۇ قورقۇنچلۇق سۈپەتلەر بىلەن كەلدى؟

بۇ سۈپەتلەرنى ئوقۇغىنىدا مۇئمىن نېمە قىلىشى كېرەك؟

ئاخىرەت كۈنى — ئۇ سۇر پۈۋلىنىدىغان ۋە قىيامەت قايىم بولىدىغان كۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى نۇرغۇن سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى سۈپەتلەر ئۇ كۈننىڭ ۋە ئۇ كۈندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ:

1) بولىدىغانلىقىدا شەك يوق ھەق كۈن

شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ شەك – شۈبھىسىز كېلىدىغان كۈندۇر. خۇددى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋەدە قىلغاندەك: ﴿ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار﴾(35/«فاتىر»: 5).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت ھەقتۇر»(2) دېگەن.

2) كافىرلارغا ئېغىر كۈندۇر

ئۇ كۈندە ئەمەللەر ئۈزۈلىدۇ، ئەجەللەر ئاخىرلىشىدۇ ۋە ھەربىر ئىنسان ئۆزى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ياخشىلىقىنى ئاۋۇتۇش ۋە يامانلىقىنى ئازايتىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سۇر چېلىنغان ۋاقىت – ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر، كافىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 9، 10).

ئەمما، مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن بۇ ئاسان كۈندۇر، چۈنكى ئۇ كۈندىكى چوڭ قورقۇنچ ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەرشنىڭ سايىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئەھۋاللار بار.

3) ھەربىر كىشىگە قىلغىنىنىڭ مۇكاپات – جازاسى تولۇق بېرىلىدىغان كۈندۇر

ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتى ۋە جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. ھەممە ئەمەللەر ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان ۋە يالغان ئېيتمايدىغان كىتابتا يېزىلغاندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟﴾(3/«ئال ئىمران»: 25).

4) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋاقتى بەلگىلەنگەن كۈندۇر

بۇ كۈن بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئىلگىرى – كېيىن قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئېيتقىنكى، سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى – كېيىن بولمايسىلەر﴾(34/«سەبەﺋ»: 30) دېگەن.

5) يېقىن كۈندۇر

شۇنداق ئۇ كۈن، بىز بەك يىراق دەپ قارىساقمۇ، بەك يېقىن كۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ ۋەدە قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ زامانى ئۆتۈپ كېتىپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىنىڭ زامانى كەلدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقىدىن كېيىنكى بىگىز بارمىقىنى مۇنداق قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹مەن ئەۋەتىلگەن ۋاقىت بىلەن قىيامەت ئارىلىقى مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىچىلىك› دېگەن»([3]).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز﴾(70/«مەئارىج»: 6، 7).

6) تۇيۇقسىز كېلىدىغان كۈندۇر

بەندىلەر ئىلىم – پەن ۋە چۈشەنچىدە قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلىرىگىمۇ ۋە پەرىشتىلىرىگىمۇ بىلدۈرمىگەن چوڭ بىر سىر بولۇپ، بۇ مەسىلىدە جاۋاب بەرگۈچى سورىغۇچىدىن ئارتۇق بىلمەيدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿لېكىن، قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ – دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 40)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ. گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 187).

7) بۈيۈك كۈندۇر

ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بۈيۈك بىر كۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ ئۇنداق بىر كۈن بولمايدۇ. ئۇ كۈندە چوڭ ھادىسەلەر ۋە قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 5، 6) دېگەن.

8) قۇياش بەندىلەرگە يېقىن قىلىنىدۇ

قىيامەت كۈنى ھەممە نەرسە ئۆزگىرەيدۇ، كائىناتنىڭ رىتىمى بۇزۇلىدۇ، ئاسمان قىپقىزىل بولۇپ لاۋۇلدايدۇ ۋە قۇياش مەخلۇقاتلارغا يېقىن قىلىنىدۇ. مىقداد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹قىيامەت كۈنى قۇياش بەندىلەرگە بىر ياكى ئىككى مىل مىقداردا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. — (راۋىيلاردىن) سۇلەيم: ”بۇ زېمىننىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچەيدىغان مىلمۇ ياكى كۆزگە سۈرمە تارتىدىغان مىلمۇ؟ بىلمىدىم“ دېگەن. — ئىنسانلار قىلغان ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ. بەزىلەر ئوشۇقىغىچە، بەزىلەر تىزىغىچە، بەزىلەر بېلىگىچە، يەنە بەزىلەر ئاغزىغىچە تەرلەيدۇ›». بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (تەرنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن) قولى بىلەن ئاغزىغا ئىشارەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن(4).

9) ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ كىشى گەپ قىلالمايدىغان كۈن

شۇنداق، بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئىنس – جىنلار (ئۇلارنىڭ ياخشىلىرى، يامانلىرى ھەممىسى)، پەرىشتىلەر ۋە ئەنبىيائلەر ھەممىسى سۈكۈت قىلىپ گەپ قىلالمايدۇ. پەقەت مۇتلەق پادىشاھ ئاللاھ گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلغان كىشىلا گەپ قىلالايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ﴾(11/«ھۇد»: 105)، ﴿بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگە) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن﴾(20/«تاھا»: 108).

10) پۈتۈن پادىشاھلىق يېگانە ئاللاھ ئۈچۈنلا بولىدىغان كۈن

پادىشاھلارنىڭ پادىشاھلىقى يوقايدۇ، پارىس پادىشاھلىرىنىڭ بەللىرى سۇنىدۇ، رۇم ۋە رۇس پادىشاھلىرىنىڭ ئارمانلىرى يوق بولىدۇ. يۈز – ئابرۇي، ھۆكۈمرانلىق، پادىشاھلىق، پادىشاھلىق تەختى ۋە ھۆكۈم پەقەت مۇتلەق پادىشاھ ۋە ئەڭ چوڭ ھۆكۈم چىقارغۇچى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.

شۇنداق، پادىشاھلىق يەككە – يېگانە قەھر قىلغۇچى ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار قەبرلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر﴾(40/«غافىر»: 16)، ﴿پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كافىرلارغا قىيىندۇر﴾(25/«فۇرقان»: 26).

11) ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر پۇشايمان قىلىدىغان كۈن

ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتقان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئازغۇن يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ ۋە خاراب بولىدۇ. ئىنسان پەيغەمبەر چاقىرسا باش تارتىپ، باشقا بىرسى چاقىرسا ئاۋاز قوشقانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿شۇ كۈنى زالىم (يەنى كافىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك – شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 27 — 29).

نەتىجە

ئاخىرەت كۈنىنىڭ سۈپەتلىرى بىزگە ئاشۇ كۈننىڭ تەبىئىتىنى ۋە ئۇ كۈندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

قىيامەت قاچان بولىدۇ
مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىرى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت يېگانە ئاللاھ بىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى – يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەبەرداردۇر﴾(31/«لۇقمان»: 34)، ﴿ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟ ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر .سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر﴾(79/«نازىئات»: 42 — 45).

ئۇنداقتا بىرەرسىنىڭ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىندۇ؟

قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىزمۇ؟

جىبرىل ئەلەيھىسسالام نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ زات:

— بۇ ھەقتە سورالغۇچى سوﺭىغۇچىدىن بەكرەك بىلمەيدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەن(5).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى بەشتۇر› دېگەن، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇغان: ﴿قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى – يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەبەرداردۇر﴾(31/«لۇقمان»: 34)»(6).

قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

كىمكى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت بولغان بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان تۇرسا، قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلسە پايدىسى بولامدۇ؟! مەسىلەن، پەرەز قىلايلى، ئۇ كىشى «بىر يىلدىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ» دەپ بىلگەن بولسا، ئۇنىڭ قىيامەت بولغىچە ياشايدىغانلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىغان كىشىلەرنى «قىيامەت كۈنى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىمەن» دېگەندەك پايدىلىق سوئاللارنى سوراشقا يۈزلەندۈرگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت توغرۇلۇق سوراپ:

— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دېدى. ئۇ كىشى:

— ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۆيۈشتىن باشقا تەييارلىغىنىم يوق، — دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— سەن (قىيامەت كۈنى) سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن بىللە بولىسەن، — دېدى». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «بىز ھېچ نەرسىگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹سەن سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن بىللە بولىسەن› دېگەن سۆزىگە خۇش بولغاندەك، خۇشال بولۇپ باقمىدۇق»(7).

قىيامەت قايسى كۈنى بولىدۇ؟

ھەدىسلەردە قىيامەتنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان مەزمۇنلار كەلگەن بولۇپ، قىيامەت جۈمە كۈنى بولىدۇ. بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە بولمايدۇ»(8) دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممە مەخلۇقاتلار ئاشۇ كۈندىن قورقىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئېيتىدۇ: «قۇياش چىققانلىكى كۈنلەرنىڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر. شۇ كۈندە ئادەم يارىتىلدى. شۇ كۈنى زېمىنغا چۈشۈرۈلدى. شۇ كۈنى تەۋبىسى قوبۇل قىلىندى. شۇ كۈنى ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى قىيامەت قوپىدۇ. ئىنس – جىندىن باشقا ھەرقانداق جانلىق جۈمە كۈنى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ، كۈن چىققۇچە قىيامەت بولۇپ قېلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ۋارقىرايدۇ»(9).

ئۇ كۈننىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى

قىيامەت كۈنى بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ كۈندۇر، بەلكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە تەس كۈندۇر. ئۇ كۈننىڭ مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولۇپ، بەندىلەر ئارىسىدا سوت ئېچىلىدىغان ۋە خۇسۇمەتلەر بىر تەرەپ قىلىنىدىغان كۈندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئالتۇن ياكى كۈمۈشى بار ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان بىر كۈندە بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغانغا قەدەر ئالتۇن – كۈمۈشلەردىن لېگەنلەر ياسىلىپ، جەھەننەم ئوتلىرى بىلەن قىزىتىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىپ تۇرىدۇ، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ»(10).

بۇ كۈن ئۇزۇن ۋە قىيىن بولسىمۇ، بىراق مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئاسان كۈندۇر. بۇ كۈن مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىتچىلىكلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرگە پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىلىقىچىلىكتۇر»(11) دېگەن.

خەبەر

«قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىشىڭ پايدىسىز، پايدىلىق بولغىنى «ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىم» دەپ سورىشىڭدۇر.

ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرى
ئاخىرەت كۈنى دۇنيادا مەخلۇقاتلار بېشىدىن كەچۈرىدىغان ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ قورقۇنچلۇق كۈندۇر. بۇ كۈن بۈيۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسىملىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلار ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرى ھەم سۈپەتلىرىدۇر، چۈنكى ئىسىم سۈپەتكە دالالەت قىلىدۇ.

ئۇنداقتا ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرى كۆپ بولىدۇ؟

ئەرەب تىلىدا مەلۇمكى، بۈيۈك نەرسىنىڭ ئىسىملىرى كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكى زىيادە بولغانسىرى ئۇنىڭ ئىسىملىرى شۇنچە زىيادە بولىدۇ. تۆۋەن، پەس نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى كۆپ بولمايدۇ.

قىيامەت كۈنىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسمى «قىيامەت (ئورنىدىن تۇرۇش) كۈنى» دېگەن ئىسمىدۇر. چۈنكى، ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى﴾(75/«قىيامەت»: 1) دېگەن.

ئاللاھ ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆرە تۇرىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىپ: ﴿ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 6) دېگەن.

ئۇ كۈننىڭ ئىسىملىرىدىن يەنە:

1) ئاخىرەت كۈنى (اليوم الاخر)

چۈنكى، بۇ كۈندىن كېيىن دۇنيا كۈنلىرىدىن بىر كۈن بولمايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم – قايغۇ يوقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 62).

2) جازا كۈنى (يوم الدين)

چۈنكى، بۇ كۈندە بەندىلەرگە جازا – مۇكاپات بېرىلىدۇ ۋە ھېساب ئېلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازا – مۇكاپات ۋە ھېساب كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر﴾(1/«فاتىھە»: 4).

3) توپلاش كۈنى (يوم الجمع)

چۈنكى، ئاللاھ بۇ كۈندە ئاۋۋالقىلارنى ۋە كېيىنكىلەرنى جازا – مۇكاپات بېرىش ۋە ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ ئۆزئارا زىيان ئۇرىدىغان كۈندۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 9) دېگەن.

4) فەتھ كۈنى (يوم الفتح)

چۈنكى، بۇ كۈندە ئەمەللەر ئاشكارا بولىدۇ، پەردىلەنگەن، ئېتىلگەن نەرسىلەر ئېچىلىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبىسى (فەتھى) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «فەتھ كۈنى كافىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 29).

5) ئەمەلگە ئاشقۇچى كۈن (الواقعة)

بۇ كۈن، ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەمەلگە ئاشقۇچى كۈن بولغان چاغدا﴾(56/«ۋاقىئە»: 1).

6) ھەق – ناھەقنى ئايرىش كۈنى (يوم الفصل)

چۈنكى، بۇ كۈندە ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئەنبىيائلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟ خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)﴾(31/«لۇقمان»: 34).

7) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋاز (الصاخة)

چۈنكى، بۇ كۈندە قۇلاقلارنى پاڭ قىلغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق ئاۋاز چىقىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)﴾(80/«ئەبەسە»: 33).

8) بۈيۈك باستۇرۇش كۈنى (الطامة الكبرى)

چۈنكى، بۇ كۈن ھەرقانداق بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك ئىشنىمۇ باستۇرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۈيۈك باستۇرۇش كەلگەن چاغدا﴾(79/«نازىئات»: 34).

9) بۈيۈك چەككۈچى (القارعة)

چۈنكى، بۇ كۈن ئۆزىدىكى قورقۇنچلار بىلەن قەلبلەرنى چېكىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿بۈيۈك چەككۈچى نېمىدۇر﴾(101/«قارىئە»: 1، 2) دېگەن.

10) دەھشەتلىك ئەھۋال (الحاقة)

چۈنكى بۇ كۈندە ۋەدە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿دەھشەتلىك ئەھۋال نېمىدۇر﴾(69/«ھاققە»: 1، 2).

11) سائەت (الساعة)

چۈنكى، بۇ كۈن مەخلۇقاتلارغا تۇيۇقسىز بىر سائەتتە كېلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سائەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر﴾(31/«لۇقمان»: 34).

12) ئاخىرەت (الآخرة)

چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا كۈنى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (ئەنبىيائلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 4).

13) زىيان تارتىش كۈنى (يوم التغابن)

چۈنكى، بۇ كۈندە جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە زىيان ئۇرىدۇ. ھەقتائالا: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ ئۆزئارا زىيان ئۇرىدىغان كۈندۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 9) دېگەن.

14) ھەسرەت كۈنى (يوم الحسرة)

چۈنكى، بۇ كۈندە ئىبادەتكە سەل قارىغانلار ۋە ئاسىي – گۇناھكارلار قىلالماي قالغان ياخشى ئەمەللىرىگە ۋە گۇناھ – مەئسىيەت قىلغانلىقلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ھەسرەت چېكىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر﴾(75/«قىيامەت»: 39).

ئۇنىڭدىن باشقا قىيامەت كۈنىنىڭ كۆپ ئىسىملىرى بار بولۇپ، ھەربىر ئىسىم شۇ كۈندە يۈز بېرىدىغان بىر ئىشنى سۈپەتلەيدۇ ياكى ئۇ كۈندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەھۋاللىرىدىن بىر ھالەتكە ياكى ئۇ كۈننىڭ بۈيۈكلىكىگە ۋە دەھشەتلىرىنىڭ قاتتىقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

قىيامەت كۈنىنىڭ مەيدانلىرى

قىيامەت كۈنى بەك ئۇزۇن بىر كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە ئىنسانلار نۇرغۇن مەيدانلاردا ۋە نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بولىدۇ. بۇ مەيدان ۋە ئەھۋاللار ئىنسانلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئەھۋاللىرىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. بەزىدە بىر ئادەم بىرقانچە مەيداندا بولىدۇ. بەزى مەيدانلاردا ھېچ كىشى ئەمەلىدىن سورالمايدۇ، بەلكى مۇناقەشە قىلىنماستىن (قاتتىق ھېساب ئېلىنماستىن) ئەمەللىرى يۈزىگە سېلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنس – جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ (يەنى گۇناھلىرىنىڭ ئالاھىدە ئالامىتى بولغانلىقتىن مۇنداق سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ)﴾(55/«رەھمان»: 39).

يەنە بەزى ئورۇندا ئىنسانلار ئەمەللىرىدىن سورىلىدۇ، لېكىن بۇ بىلىۋېلىش ئۈچۈن سوراش بولماستىن، ئېتىراپ قىلدۇرۇش، خار قىلىش ۋە مات قىلىش ئۈچۈن سورالغان سوئالدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(37/«ساففات»: 24)، ﴿بىز ئەلبەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (ئەنبىيائلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، ئەنبىيائلەردىنمۇ ئەلبەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز﴾(7/«ئەئراف»: 6).

يەنە بەزى ئورۇندا مەخلۇقاتلار سورىلىدۇ، ئۇلار ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿كافىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 42).

قىيامەتنىڭ يەنە بەزى ئورۇنلىرىدا كافىرلار سورىلىدۇ. ئۇلار يالغان ئېيتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىنى تېنىۋالىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان، پىچىرلاشقانلىقلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىدىغان ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغان زاتنىڭ ئالدىدا تۇرسا، بۇ تېنىۋېلىش قانداقمۇ ئۇلارغا كار قىلسۇن؟! بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 23، 24).

يەنە بەزى ئورۇنلاردا ھالاك بولغۇچى ۋە يالغانغا چىقارغۇچىلارغا بارلىق خەبەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار داۋالغۇشۇپ چۆچۈپ كېتىشىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەھۋاللار نائېنىق بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئەنبىيائلەرگە نېمە بىلەن جاۋاب بەردىڭلار؟» ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەبەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا سوراشمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 65، 66).

ئۇلار پەرۋەردىگارى ئۈچۈن نېمە دېيىشنى بىلەلمەيدۇ، ئۇلارغا ھۆججەت قاراڭغۇ بولىدۇ، نېمە بىلەن ھۆججەت كەلتۈرۈشنىمۇ بىلەلمەيدۇ ۋە قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.

رەھمەت

قىيامەت كۈنى ئۇزۇن ۋە قىيىن بولسىمۇ، مۇئمىنلەرگە ئاساندۇر.

سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى
سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى — قىيامەتنىڭ ۋاقتى كېلىپ، كائىنات ئۆزگىرىپ، دۇنيا پاتپاراقلاشقان چاغدا يۈز بېرىدىغان تۇنجى ھادىسەدۇر.

ئۇنداقتا سۇر دېگەن نېمە؟ سۇرنى كىم پۈۋلەيدۇ؟

سۇر قانچە قېتىم پۈۋلىنىدۇ؟ ھەربىر پۈۋلەشتىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟

بەندىلەرنىڭ ھەممىسى بىھوش قىلىنامدۇ؟

سۇر — پۈۋلىنىدىغان مۈڭگۈز شەكلىدىكى بىرنەرسە بولۇپ، ئەرەب تىلىدا «قَرْنٌ» دېگەن سۆز قوينىڭ مۈڭگۈزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «بىر ئەئرابىي نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— سۇر دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— پۈۋلىنىدىغان مۈڭگۈز، — دەپ جاۋاب بەردى»(12).

سۇرنى پۈۋلىگۈچى

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۇرنى پۈۋلەشكە مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىدۇر. بۇ پەرىشتە ھەممە ۋاقىتتا سۇرنى پۈۋلەشكە تەييار ھالەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارىمىزدىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇرنى پۈۋلىگۈچى پەرىشتىنىڭ ئاللاھ ئۇنى ياراتقاندىن تارتىپ، سۇرنى پۈۋلەشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەبەر بېرىپ دېگەنكى: «سۇر ئىگىسى بولغان پەرىشتىنىڭ كۆزى ئاللاھ ئۇنى (سۇرنى پۈۋلەشكە) مۇئەككەل قىلغاندىن تارتىپ تەييار ھالەتتە تۇرغۇچىدۇر. ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئارىلىقتا بۇيرۇق قىلىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئەرش تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى گوياكى ئاسماندا چاقناپ تۇرغان چوڭ ئىككى يۇلتۇزدەكتۇر»(13).

قىيامەت يېقىنلىشىپ قالغان بۇ زاماندا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۇرنى پۈۋلەشكە تېخىمۇ بەك تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سۇر ئىگىسى (ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام) سۇرنى ئاغزىغا قويۇپ، بېشىنى ئېگىپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، سۇرنى پۈۋلەش ئۈچۈن ئۆزىگە كېلىدىغان بۇيرۇقنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تۇرسا، مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولاي؟! — دېگەنىدى، مۇسۇلمانلار:

— ئى رەسۇلۇللاھ! (ئۇ چاغدا) نېمە دەيمىز، — دېگەن ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— حسبُنا اللهُ ونعمَ الوكيلُ توكَّلْنا على اللهِ ربِّنا / ئاللاھ بىزگە كۇپايىدۇر، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل، بىز رەببىمىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق، دەڭلار! — دېدى(14).

سۇرنىڭ پۈۋلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى

سۇرنى پۈۋلەش ھەقىقىي پۈۋلەش بولۇپ، بۇ پۈۋلەشنى پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئاڭلاپ قورقۇنچتىن يىقىلىدۇ.

«قۇرئان» ۋە سۈننەتتە سۇرنىڭ پۈۋلىنىدىغانلىقىغا دەلىللەر بار. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خاھلىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 68)، ﴿ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خاھلىغانلاردىن (يەنى پەرىشتىلەر، ئەنبىيائلەر ۋە شۇھەدائدىن) باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ﴾(27/«نەمل»: 87)، ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 51).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاندىن سۇر چېلىنىدۇ. ئۇنى پەقەت بوينىنىڭ بىر تەرىپىنى پەس قىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن تۆگىسىنى سۇغىرىدىغان كۆلنى ئوڭلاۋاتقان كىشى ئاڭلايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ئادەم سۇر ئاۋازىدىن ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆلۈشكە باشلايدۇ»(15).

سۇرنىڭ پۈۋلىنىش قېتىم سانى

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۇرنى ناھايىتى قاتتىق ئىككى قېتىم پۈۋلەيدۇ:

بىرىنچى پۈۋلەش

ئۇنىڭدىن پۈتۈن جانلىقلار قورقۇپ كېتىدىغان ۋە ئۆلۈپ كېتىدىغان پۈۋلەش: بۇ پۈۋلەشتە پۈتۈن جانلىقلار ئۆلىدۇ ۋە ئالەم ھالاك بولىدۇ. بۇ پۈۋلەش بىلەن ئىنس – جىن، پەرىشتىلەر، ھايۋاناتلار، قۇشلار ۋە ھاشاراتلارنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ، پەقەتلا غالىب ۋە قەھر قىلغۇچى ئاللاھ قالىدۇ.

ئىككىنچى پۈۋلەش

قەبرلەردىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن پۈۋلەش بولۇپ، بۇ پۈۋلەشتە ئۆلۈكلەر قايتىدىن تىرىلىپ قەبرلىرىدىن چىقىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى پۈۋلەشنى ۋە بۇ ئىككى پۈۋلەشتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى زىكىر قىلىپ دېدىكى: ﴿سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خاھلىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 68).

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى سۇر پۈۋلەنگەندىن كېيىن قەبرلىرىدىن تۇرۇش ھالىتىنى سۈپەتلەپ دېگەنكى: ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 51).

ئاللاھ تائالا بىرىنچى پۈۋلەشنى ‹راجفة›، ئىككىنچى پۈۋلەشنى «رادفة» دەپ ئاتاپ: ﴿بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە تەۋرىگۈچى (زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا (ئاسمان ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) يەنە بىرى ئەگىشىپ تەۋرەيدۇ﴾(79/«نازىئات»: 6، 7) دېگەن.

يەنە بىر ئورۇندا ئاللاھ تائالا بىرىنچى پۈۋلەشنى «صيحة / قاتتىق ئاۋاز»، ئىككىنچى قېتىمدا «النفخ بالصور» دەپ كەلتۈردى. ﴿ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا – سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 49 — 51).

ئىككى پۈۋلەشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنىڭ مىقدارى

ئىككى پۈۋلەشنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئوچۇق بىر بايان كەلمىدى. لېكىن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇنىڭغا بىرئاز ئىشارەت كەلگەن. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئىككى پۈۋلەشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت قىرىق» دېگەنلىكىنى ئېيتقانىدى، بىرى:

— قىرىق كۈنمۇ؟ — دېسە، ئۇ (ئەبۇ ھۇرەيرە):

— (بىلمىگەچكە) تەيىنلىمەيمەن، — دېدى.

— قىرىق ئايمۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— تەيىنلىمەيمەن، — دېدى.

— قىرىق يىلمۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— تەيىنلىمەيمەن، — دېدى. ئۇ (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ) يەنە دېدى: «ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار خۇددى ئوت – چۆپ ئۈنگەندەك ئۈنىشىدۇ، پەقەت بىرلا ئۇستىخاندىن باشقا ئىنساننىڭ ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئىنسان قىيامەت كۈنى قايتا قوراشتۇرۇلىدۇ» دېدى(16).

سۇر قايسى كۈنى پۈۋلىنىدۇ؟

ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جانلىقلار ئۆلۈپ كېتىدىغان بىرىنچى سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلار قايتا تىرىلىپ قىيامەت قايىم بولىدىغان ئىككىنچى سۇرنىڭ پۈۋلىنىشى ھەر ئىككىلىسى جۈمە كۈنى بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەرنىڭ كۈنىڭلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جۈمە كۈنىدۇر. ئۇ كۈندە ئادەم يارىتىلدى، يەنە شۇ كۈندە قەبزى قىلىندى. ئۇ كۈندە سۇر پۈۋلىنىدۇ ۋە ئۇ كۈندە خالايىقلار ئۆلىدۇ. ئۇ كۈندە ماڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتىڭلار، سىلەرنىڭ ئېيتقان دۇرۇدىڭلار ماڭا كۆرسىتىلىدۇ، — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى چىرىپ كېتىدىغان تۇرسىلا، بىزنىڭ ئېيتقان دۇرۇدىمىز سىلىگە قانداق كۆرسىتىلىدۇ؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن ئاللاھ زېمىنغا ئەنبىيائلەرنىڭ تەنلىرىنى يېيىشنى ھارام قىلغان، — دېدى(17). يەنە: «قىيامەت جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە بولمايدۇ»(18) دېگەن. يەنە: «جۈمە كۈنى ئىنس – جىندىن باشقا بارلىق جانلىقلار قىيامەت قايىم بولۇشتىن قورقۇپ، تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ جىمجىت تۇرىدۇ»(19) دېگەن.

بىرىنچى قېتىم پۈۋلەنگەن سۇرنى ئاڭلايدىغان تۇنجى كىشى

سۇر بىرىنچى قېتىم پۈۋلىنىدۇ، ھالبۇكى ئۇ چاغدا ئىنسانلار ۋە باشقا مەخلۇقاتلار ئادەتتىكىدەك ياشاۋاتقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بازاردا كىيىم ئېلىۋاتقان، بىر قىسمى تۆگىسىنى سېغىپ سۈتىنى ئىچىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىۋاتقان، بىر قىسمى سۇ يىغىپ تۆگىسىنى سۇغىرىش ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى كۆلچەكنى ئوڭشاۋاتقان، يەنە بىر قىسمى خاتىرجەم ھالدا بىر لوقما، بىر لوقمىدىن تاماق يەۋاتقان بولىدۇ.

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام تۇيۇقسىز سۇرنى پۈۋلەيدۇ. بۇ پۈۋلەشتە شۇنداق بىر قورقۇنچ باركى، ئۇنىڭدىن جانلار تىترەپ كېتىدۇ، يۈرەكلەر يېرىلىپ كېتىدۇ ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىن چىقىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغۇچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغۇچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشى كۆلچىكىگە لاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىغىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ»(20).

ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە رەھمەت قىلىدىغانلىقى

سۇر پۈۋلەنگەن چاغدىكى قورقۇنچ بەك قاتتىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ بۇ سۇر پۈۋلىنىشتىن ئىلگىرى مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن قەبزى قىلىدۇ. پەقەت مەخلۇقاتلارنىڭ ناچارلىرىلا قېپقالىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۇر پۈۋلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە سۇر پۈۋلىنىش جەريانىدا بولىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىپ دېگەنكى: «دەججال ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ ۋە 40 ۋاقىت تۇرىدۇ (راۋىي: 40 كۈن، 40 ئاي ياكى 40 يىل دېگىنىنى بىلەلمىدىم، ـ دەيدۇ)(21). شۇ چاغدا، ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇدقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ(22). ئاندىن ئىنسانلار (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن) ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي يەتتە يىل ئىناق – ئىتتىپاق ياشايدۇ. ئاندىن ئاللاھ شام تەرەپتىن سوغۇق شامال ئەۋەتىدۇ. ئۇ شامال يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررىچىلىك ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ، ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ(23). يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقىنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۆركىرەيدىغان ئىنسانلار قالىدۇ، بۇ چاغدا، يامان ئىشقا ئوتتەك ئالدىرايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك ۋەھشىي ئىنسانلار قالىدۇ. ئۇلار نە ياخشىلىققا بۇيرۇمايدۇ، نە يامانلىقتىن توسمايدۇ(24). ئاندىن شەيتان ئۇلارغا بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ:

— مېنىڭ سۆزۈمگە كىرمەمسىلەر، — دەيدۇ، ئۇلار:

— بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟ — دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۇر چېلىنىدۇ. ئۇنى پەقەت بوينىنىڭ بىر تەرىپىنى پەس قىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن تۆگىسىنى سۇغىرىدىغان كۆلنى ئوڭلاۋاتقان كىشى ئاڭلايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ئادەم سۇر ئاۋازىدىن ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆلۈشكە باشلايدۇ. ئاندىن ئاللاھ شەبنەمدەك بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ. ئاندىن: ‹ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە كېلىڭلار› دېيىلىدۇ. پەرىشتىلەرگە: ‹ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، ئۇلار (جىمىكى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراققا تارتىلىدۇ› دېيىلىدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹دوزاخقا يوللىنىدىغانلارنى چىقىرىڭلار› دېيىلسە، ‹قانچىلىكتىن قانچىنى› دەپ سورىلىدۇ. ھەر مىڭدىن 999 نى دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، ئۇ شۇنداق بىر كۈندۇركى، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئىشلار قىيىنلىشىدۇ»(25).

ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ۋەكىل!

سۇرنىڭ چېلىنىشى قورقۇنچلۇق ئىشتۇر، ئۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە «حسبنا الله ونعم الوكيل / ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ۋەكىل بولغۇچى!» دېيىشنى ئۆگەتتى. يەنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشىمىز بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ ئاللاھ قورققانلارغا ئامانلىق بەرگۈچىدۇر.

بىردەم توختاش

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام بەك ھەيۋەتلىك، دەرىجىسى ئۈستۈن ۋە داۋاملىق ئىبادەت قىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ياراتقۇچى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقى ۋە قورققانلىقى ئۈچۈن تىترەيدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. مۇسلىم (8).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1120)؛ مۇسلىم (92).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4936)؛ مۇسلىم (2950).
4. مۇسلىم (2864).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (50)؛ مۇسلىم (9).
6. بۇخارىي (1039).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3688)؛ مۇسلىم (2639).
8. مۇسلىم (854).
9. ئەبۇ داۋۇد (1046). ئالبانىي: («ھىدايەتۇررۇۋاتى»، 1307) «سەھىھ» دېگەن.
10. مۇسلىم (987).
11. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (283). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 8193) «سەھىھ» دېگەن.
12. تىرمىزىي (2430). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2430) «سەھىھ» دېگەن.
13. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8901). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1078) «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
14. تىرمىزىي (3243). ئالبانىي: (سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3243) «سەھىھ» دېگەن.
15. مۇسلىم (2940).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4935)؛ مۇسلىم (2955).
17. ئەبۇ داۋۇد (1531)؛ نەسائىي (1375). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 1047) «سەھىھ» دېگەن. ھەدىسنىڭ مەنىسى «ئەنبىيائلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنى ۋە مەرتىۋىسى ئۇلۇغ ۋە كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن، زېمىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىنى يېمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەنلىرى چىرىپ كەتمەيدۇ».
18. مۇسلىم (854).
19. مالىك (243)؛ ئەھمەد (23842). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6506)؛ مۇسلىم (157).
21. دەججال زېمىندا قىرىق كۈن تۇرىدۇ. لېكىن، ئۇ قىرىق كۈننىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگە ئوخشاش ئەمەستۇر. ئۇنىڭ بىر كۈنى بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ئايدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ھەپتىدەكتۇر. قالغان كۈنلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگە ئوخشاشتۇر. دەججالنىڭ ئەھۋاللىرىنى «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا» ئاتلىق كىتابىمدا تەپسىلىي بايان قىلدىم.
22. «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا» ئاتلىق كىتابتا دەججال، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە كاتتا ئەسھابلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان بېرىلدى.
23. يەنى بۇ شامال مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنى بەك سىلىقلىق بىلەن قەبزى قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ روھلىرىنى قەبزى قىلىش ئۈچۈن، ھەممە جايدىن ئۇلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ھەتتاكى ئۇلار تاغنىڭ باغرىغا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ شۇ يەرگە كىرىپ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
24. بۇنىڭ مەنىسى، شامال مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنى قەبزى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە ناچار ئىنسانلارلا قېپقالىدۇ. ئۇلار بەك ئالدىراڭغۇ ۋە تەنتەك ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەقىللىرى يولۋاس ۋە شىرلاردەك يىرتقۇچ ۋەھشىي ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ھەرقانداق مۇنكەر ئىشنى قىلىشتىن قورقمايدۇ، بەلكى مۇنكەر ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ ۋە قىلمايدۇ.
25. مۇسلىم (2940).