«بەرزەخ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرغۇچى چېگرا» دېگەنلىكتۇر. خۇددى ئاللاھ تائالا تاتلىق دېڭىز بىلەن تۇزلۇق دېڭىز ھەققىدە: ﴿ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ﴾(55/«رەھمان»: 20) دەپ ئېيتقاندەك. يەنى «تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق سۇنىڭ ئارىسىدا ئۇ ئىككىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر توساق بار بولۇپ ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ» دېگەنلىكتۇر.
بەرزەخ ھاياتى — دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتىدىن ئىبارەت ئىككى ھاياتلىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ھاياتلىقتۇر. ئۇ ئىنسان ۋاپات بولغاندىن باشلاپ، مەيلى بۇ ئىنسان يەرگە دەپنە قىلىنغان بولسۇن ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولسۇن، ياكى سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن بولسۇن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسۇن، قايتا تىرىلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتۇر.
دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەرزەخ ھاياتىغا كىرىدۇ ۋە ئۇ ھاياتلىقتا قايتا تىرىلىدىغان كۈن (قىيامەت كۈنىگىچە) قېپقالىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ (يەنى كافىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن. مەن قويۇپ كەلگەن مال – مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»:99، 100).
قەبر
قەبر ئۇ قىيامەت قايىم بولغىچە ئىنساننىڭ ئۆيى ۋە تۇرالغۇسىدۇر. ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ دەپنە قىلغاندىن تارتىپ قەبرنى بىلگەن ۋە مېيىتنى دەپنە قىلغان ئىدى. سالىھلەر قەبرلەرنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىپ ياش تۆكىدۇ ۋە قەلبلىرى ئېرىيدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ قەبرلەرگە كىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇنداقتا قەبر دېگەن نېمە؟
ئىنساننىڭ قەبردىكى ھالى قانداق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى قەبرلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇيرۇدى؟
قىسسە
«ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر تۇغقىنىنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ چىققان ئىدى، ئۇ دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە بۇرۇلۇپ قاراپ مۇنداق دېدى: ‹ئى خالايىق! قەبر ماڭا نىدا قىلىپ:
— ئى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز! مېنىڭ دوستلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سورىمامسەن؟ — دېگەنىدى، مەن:
— قېنى دېگىن، — دېدىم.
ئۇ دېدىكى:
— كېپەنلەرنى يىرتىپ تاشلىدىم، بەدەنلەرنى تىتما – تىتما قىلىۋەتتىم، قانلارنى شوراپ، گۆشلەرنى يېدىم.
— ئۈگە – بوغۇملارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سورىمامسەن؟
— قانداق قىلدىڭ؟
—ئالىقانلارنى بېغىشلاردىن، بېغىشلارنى جەينەكلەردىن، جەينەكلەرنى تاغاقلاردىن، كاسىلارنى يوتىلاردىن، يوتىلارنى تىزلاردىن، تىزلارنى پاچاقلاردىن، پاچاقلارنى يوتلاردىن ئايرىدىم›.
ئاندىن ئۆمەر يىغلىدى ۋە دېدىكى: ‹ئاگاھ بولۇڭلاركى، دۇنيانىڭ باقاسى ئازدۇر، ئەزىز ئادىمى خاردۇر، ياشلىرى قېرىيدۇ، ھاياتلار ئۆلىدۇ، مەغرۇر ئادەم دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغان ئادەمدۇر.
نۇرغۇن شەھەرلەرنى بىنا قىلغان ئاھالىلەر قېنى؟! تۇپراق ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى نېمە قىلدى؟! قۇرتلار ئۇلارنىڭ سۆڭەك – بوغۇملىرىنى نېمە قىلدى؟! ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا كەڭرى، ئېسىل، چىرايلىق ۋە رەتلىك كرېسلولاردا ئولتۇرۇشقان، نۇرغۇن خىزمەتكارلار خىزمىتىنى قىلغان ۋە يېقىنلىرى ھۆرمىتىنى قىلغان ئەمەسمىدى؟! ئەگەر ئاشۇ جايلاردىن ئۆتۈپ قالساڭ، ئۇلارنى توۋلاپ باققىن، ئۇلارنىڭ قەبرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىگە قارىغىن، بايلىرىدىن سوراپ باققىنكى، بايلىقىدىن نېمە قالدى؟! پېقىرلىرىدىن سوراپ باققىنكى، پېقىرلىقىدىن نېمە قالدى؟!
ئۇلاردىن سورىغىن! گەپ قىلغان تىللىرى قېنى؟ گۈزەللەرگە قارىغىن! كۆزلىرى، سىلىق تېرىلىرى، گۈزەل يۈزلىرى ۋە يۇمران تەنلىرى قېنى؟! قۇرتلار بۇ ئەزالارنى نېمە قىلدى؟! توپا ئاستىىدا رەڭلەر ئۆچتى، ئەتلەر چىرىدى، چىرايلىق يۈزلەر توپىغا ئايلاندى، گۈزەللىكلەر يوق بولدى، بويۇنلار سۇندى ۋە ئەزالار پارە – پارە بولۇپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە قۇللىرى قېنى؟! يىغىپ ساقلاپ قويغان خەزىنىلىرى قېنى؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرپە قىلىپ سېلىپ باقماي، ياستۇقمۇ قىلىپ باقمايلا ئۆلۈپ كەتتى. مانا ھازىر ئۇلار جاڭگاللاردا توپىلارنىڭ ئاستىدا قەبرلىرىدە يالغۇز ئەمەسمۇ؟! كېچە بىلەن كۈندۈز ئۇلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟! ھېچ ئەمەل قىلالمايدىغۇ؟! ئۇلار دوستلىرىدىن ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئايرىلدى، ئاياللىرى باشقا ئەرلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتتى، بالىلىرى كوچا – كويلاردا تەمتىرەپ يۈرۈشتى ۋە مال – مۈلكى مىراسخورلىرىغا تارقىتىلدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە قەبرسى كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە كەڭرى قىلىنغان، قەبردە ھۇزۇر سۈرۈۋاتقانلارمۇ بار›.
ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يىغلىدى ۋە: ‹ئى ئەتە قەبرنى ماكان تۇتقۇچى! سېنى دۇنيادا نېمە مەغرۇرلاندۇردى، سېنىڭ سىلىق كىيىملىرىڭ قېنى؟ خۇش پۇراقلىرىڭ قېنى؟ توپىنىڭ ئاستىدا ھالىڭ نېچۈك؟! كاشكى قۇرتلار قايسى مەڭزىڭدىن باشلاپ يەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولسامچۇ! كاشكى دۇنيادىن ئايرىلغان ۋاقتىمدا ئۆلۈم پەرىشتىسى ماڭا قانداق ۋە نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسامچۇ!› دېدى.
ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاتتىق يىغلىدى ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى… ئۇنىڭدىن كېيىن بىر جۈمە ئۆتۈپ ۋاپات بولۇپ كەتتى… ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن»(1).
ئىبرەت
قەبر سېنىڭ بارارگاھىڭدۇر. ئۇنى ئاۋات قىلامسەن ياكى خاراب قىلامسەن، ئۇ ساڭا قالدى.
ئىنساننىڭ قەبردىكى ھالى
قەبر تۈرلۈك ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ، ئۇ جايغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئەھۋاللارنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى ھەر خىل بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ قەبردىكى ئەھۋالىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنىڭ ئەھۋاللىرىنى، روھنىڭ تەندىن قانداق چىقىدىغانلىقىنى، پەرىشتىلەرنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقى ۋە ئاسمان ئىشىكلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قانداق ئېچىلىدىغانلىقىنى، كافىرلارغا قانداق تاقىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى.
ئۇنداقتا مۇئمىن بىلەن باشقىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟
روھنىڭ تەن بىلەن بولغان ئالاقىسى قانداق؟
مۇئمىننىڭ ھالى
بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر جىنازىغا ئەگىشىپ چىقتۇق. مېيىت يەرلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چاغدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، بىزمۇ خۇددى بېشىمىزدا بىر قۇش باردەك جىم ئولتۇردۇق. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەڭلار! — دېدى، بىز:
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمىز، — دېدۇق.
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەڭلار!
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمىز.
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەڭلار!
— ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمىز.
ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى: ‹شەك – شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بەندە دۇنيادىن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە يۈزلەنگەن چاغدا، ئۇ بەندىگە ئاسماندىن ھەربىرىنىڭ يۈزى قۇياشتەك، ئاق يۈزلۈك بولغان، جەننەتنىڭ كېپەنلىرىدىن بىر كېپەننى ۋە خۇش پۇراقلىرىدىن بىر خۇش پۇراقنى بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرىشتىلەر چۈشىدۇ. ئۇلار بۇ بەندىنىڭ يېنىدا كۆز يەتكۈسىز ھالەتتە (روھنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ) ئولتۇرىدۇ. ئاندىن ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ ۋە: ”ئى پاك جان! ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە رازىلىقى بىلەن چىققىن“ دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ روھ تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن بىر تامچە سۇ (ئاستا) ئېقىپ چۈشكەندەك سىلىق ھالەتتە چىقىدۇ. ئۆلۈم پەرىشتىسى بۇ روھنى ئالىدۇ، ئۆلۈم پەرىشتىسى بۇ روھنى ئالغاندىن كېيىن، قالغان پەرىشتىلەر كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئۇنى ئېلىپ، ئېلىپ كەلگەن كېپەنگە ۋە خۇش پۇراققا ئورايدۇ ۋە ئۇ روھتىن يەر يۈزىدە مەۋجۇد بولغان ئەڭ پۇراقلىق ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك پۇراق چىقىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەر بۇ روھنى ئېلىپ ئۆرلەيدۇ، ئۇلار ھەربىر پەرىشتىلەر جامائىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتىلەر جامائىتى: ”بۇ نېمە خۇش پۇراق؟“ دەپ سورايدۇ، (روھنى ئېلىپ كەلگەن) رەھمەت پەرىشتىلىرى: ”ئۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانى“ دەپ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئاتاشقان ئەڭ چىرايلىق ئىسىملىرى بىلەن ئاتايدۇ. تاكى ئۇ روھنى دۇنيا ئاسمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاسماننىڭ ئېچىلىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلارغا ئاسمان ئېچىلىدۇ، ھەربىر ئاسماندىن ئۇ ئاسماننىڭ مۇقەررەب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاسمانغىچە ئۇ (روھقا) ھەمراھ بولىدۇ. ئاخىرى يەتتىنچى ئاسمانغا يېتىپ كېلىدۇ، بۇ چاغدا ئاللاھ: ”بەندەمنىڭ كىتابىنى ئىللىييىن(2)غا يېزىڭلار ۋە ئۇنى زېمىنغا قايتۇرۇڭلار، شەك – شۈبھىسىزكى مەن ئۇنى زېمىندىن ياراتتىم، زېمىنغا قايتۇرىمەن ۋە يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمەن“ دەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ روھ بەدىنىگە قايتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ:
— رەببىڭ كىم؟ — دەيدۇ. ئۇ بەندە:
— رەببىم ئاللاھ، — دەيدۇ.
— دىنىڭ نېمە؟
— دىنىم ئىسلام.
— سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى كىم؟
— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
— ئەمەلىڭ نېمە؟
— ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىم ۋە تەستىق قىلدىم.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسماندىن بىر نىدا: ”بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن كۆرپە سېلىپ بېرىڭلار، جەننەتنىڭ كىيىمىدىن كىيگۈزۈڭلار ۋە جەننەتكە قارىتىپ دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار“ دەيدۇ. ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ خۇش پۇراقلىرىدىن كېلىپ تۇرىدۇ، قەبرسى كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە كەڭرى قىلىنىدۇ ۋە يۈزى چىرايلىق، كىيىملىرى چىرايلىق، خۇش پۇراق پۇراپ تۇرىدىغان بىر ئادەم كېلىپ:
— سېنى خۇرسەن قىلىدىغان نەرسە بىلەن خۇشال بولغىن، بۇ سېنىڭ ۋەدە قىلىنغان كۈنۈڭدۇر، — دەيدۇ. ئۇ بەندە:
— سەن كىم؟ يۈزۈڭ خەيرلىك ئېلىپ كېلىدىغان يۈزكەن، — دەيدۇ.
— مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەلىڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ئاللاھنىڭ تائىتىگە بەك ئالدىرايتتىڭ. ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتاتتىڭ، ئاللاھ ساڭا مۇكاپات بەرسۇن›.
شۇنداق ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا: ‹مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەلىڭ› دەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇ بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى قايسىلار؟
ئۇ ياخشى ئەمەللەر: ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى، تۇتقان روزىسى، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرى، سەدىقىلىرى، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان يىغىسى، ھەج ۋە ئۆمرەلىرى، «قۇرئان» ئوقۇغانلىقى، مېھرىبان ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلىكى، كېچىلەردە قىيامدا تۇرغانلىقى، ھەممىدىن غالىب، جەببار ئاللاھتىن قورققانلىقى، ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغانلىقى، ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىقىدۇر. مۇئمىن بەندە خۇش بېشارەت بېرىدىغان بۇ يۈزنى كۆرگەندىن كېيىن ئەتراپىغا قاراپ، قەبرسىنىڭ جەننەتنىڭ سېلىنچىلىرى سېلىنغان ھالدا كەڭرى قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە جەننەتنىڭ كىيىملىرىدىن كىيگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسە، بۇ نېئمەتنىڭ جەننەتتىكى ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان نېئمەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە باراۋەر ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ ۋە رەببىگە دۇئا قىلىپ: ‹ئى رەببىم! مەن ئەھلىم ۋە ماللىرىمغا قايتىشىم ئۈچۈن قىيامەتنى قايىم قىلغىن› دەيدۇ.
كافىر ياكى پاسىقنىڭ ھالى
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ داۋامىدا) ئېيتىدۇ: ‹شەك – شۈبھىسىزكى، كافىر ياكى پاسىق بەندە دۇنيادىن خوشلىشىپ، ئاخىرەتكە يۈزلەنگەن چاغدا، ئاسماندىن يۈزى قارا، قوپال، يىرىك كىيىملەرنى كىيگەن پەرىشتىلەر چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىدا كۆز يەتكۈسىز ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. ئاندىن ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىپ، ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: ”ئى نىجىس جان! ئاللاھنىڭ غەزىپى بىلەن چىققىن“ دەيدۇ، روھ (چىقىشنى يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن) ئۇنىڭ بەدىنىگە تارقاپ كېتىدۇ. پەرىشتە ئۇ روھنى خۇددى كاۋاپ زىخىدىن ھۆل يۇڭ تارتىپ ئېلىنغاندەك تارتىپ ئالىدۇ(3). ئۇ روھقا ئاسمان – زېمىن ئارىسىدىكى ھەممە پەرىشتىلەر ۋە ئاسماندىكى ھەممە پەرىشتىلەر لەنەت قىلىدۇ.
ئۆلۈم پەرىشتىسى بۇ روھنى ئالغاندىن كېيىن، ئازاب پەرىشتىلىرى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۇنى ئېلىپ، قوپال يىرىك كىيىملەرگە يۆگەيدۇ، ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدە مەۋجۇد بولغان ئەڭ سېسىق تاپنىڭ پۇرىقىدەك سېسىق پۇراق چىقىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇنى ئېلىپ ئۆرلەيدۇ، ھەربىر پەرىشتىلەر جامائىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار: ”بۇ نېمىدېگەن نىجىس پۇراق؟“ دەيدۇ، ئۇ روھنى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتىلەر: ”بۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانى“ دەپ ئۇنى دۇنيادىكى ئىنسانلار ئاتايدىغان ئەڭ سەت ئىسىم بىلەن ئاتايدۇ. تاكى ئۇ روھنى دۇنيا ئاسمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاسماننىڭ ئېچىلىشىنى تىلەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇ روھ ئۈچۈن ئاسمان ئېچىلمايدۇ›.
بۇ يەرگە كەلگەندە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز﴾(7/«ئەئراف»: 40).
‹ئاللاھ: ”ئۇنىڭ كىتابىنى يەتتىنچى زېمىندىكى سىججىن(4)غا يېزىڭلار“ دەيدۇ ۋە ئۇ قاتتىق تاشلىۋېتىلىدۇ›.
بۇ يەرگە كەلگەندە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شىرك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ﴾(22/«ھەج»: 31).
‹ئاندىن ئۇنىڭ روھى بەدىنىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ:
— رەببىڭ كىم؟ — دەپ سورايدۇ. ئۇ بەندە:
— ھا، ھا بىلمەيمەن — دەيدۇ.
— دىنىڭ نېمە؟
— ھا، ھا بىلمەيمەن.
— بىلمىدىڭ ۋە ئوقۇمىدىڭ.
ئاندىن ئاسماندىن بىر نىدا: ”ئۇ يالغان ئېيتتى، ئۇنىڭا ئوتتىن كۆرپە سېلىپ بېرىڭلار ۋە دوزاخقا قارىتىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قويۇڭلار“ دەيدۇ.
دوزاخنىڭ قاتتىق ھارارىتى ئۇنىڭ قەبرسىگە كېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەبرسى تارايتىلىدۇ، ھەتتاكى قوۋۇرغىلىرى بىر – بىرسىگە كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە يۈزى، كىيىمى سەت، پۇرىقى سېسىق بىر كىشى كېلىپ:
— سېنى ئوسال قىلىدىغان نەرسىنى بىلىۋالغىن، بۇ دۇنيادىكى چېغىڭدا ۋەدە قىلىنغان كۈنۈڭدۇر. سەن ئاللاھنىڭ تائىتىگە ئالدىرىمايتتىڭ، ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا ئالدىرايتتىڭ، ئاللاھ ساڭا قاتتىق جازا بەرسۇن، — دەيدۇ. ئۇ بەندە:
— سەن كىم؟ يۈزۈڭ يامانلىق يېغىپ تۇرىدىغان يۈزكەن، — دەيدۇ.
— مەن سېنىڭ ناچار ئەمەلىڭ›.
ئۇنداقتا ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرى قايسىلار؟
يامان ئەمەللىرى: ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلىقى، قەبرلەرنى تاۋاپ قىلغانلىقى، ھاراق ئىچكەنلىكى، زىنا قىلغانلىقى، ئۆسۈم يېگەنلىكى، ناخشا ئاڭلىغانلىقى، نەسىھەت قىلغۇچىلارغا قۇلاق سالمىغانلىقى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىدۇر. بۇ ۋاقىتتا بۇ بەندە ھەسرەت چېكىدۇ، لېكىن بۇ ھەسرەت ھېچ نەرسىگە كار قىلمايدۇ. ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن كۆز ياشلىرى مەنپەئەت قىلمايدۇ.
ئى بەندە! سەن ھارامغا قارىغان ۋە شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن ۋاقتىڭدا بۇ كۆز ياشلىرىڭ نەدە قالغان ئىدى، ئەۋرىتىڭنى ھارامدىن ساقلىشىڭ ۋە كۆز – قۇلاقلىرىڭنى ھارامدىن ساقلىشىڭ ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ نەسىھەت قىلىنغان ئىدىڭ، ھازىر يىغلىغىن ياكى يىغلىمىغىن، بەرىبىر ئازابتىن ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن. ﴿دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر (دېيىلىدۇ)﴾(52/«تۇر»: 16).
بەندە بۇ چاغدا قەبردىن كېيىنكى ئەھۋاللارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.
(يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ داۋامىدا) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى: ‹ئۇ بەندە (پاسىق ياكى كافىر): ”ئى رەببىم! قىيامەتنى قايىم قىلمىغىن“ دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەبرسىگە قارىغۇ، گاس، گاچا بىرەيلەن كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا ئەگەر تاغ ئۇرۇلسا تاغنى تالقان قىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدىكى يوغان بىر بولقا بار بولۇپ، بۇ بولقا بىلەن ئۇنى (پاسىق ياكى كافىرنى) شۇنداق بىر قاتتىق ئۇرۇدىكى، ئۇ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ (گاس، قارىغۇ) بىرەيلەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇرىدۇ. ئۇ قاتتىق توۋلايدۇ، ئۇنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئىنس – جىندىن باشقا ھەممە مەخلۇقات ئاڭلايدۇ›»(5).
مانا بۇلار ئىنسانلارغا قەبرلىرىدە بولىدىغان ئەھۋاللاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى بۇنى ياخشى بىلىپ، تەييارلىق قىلىشى، ئىمان ئېيتىشى، قەبرسىنىڭ جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچا بولۇشى ئۈچۈن ئىشتىياق باغلىشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك.
دۇئا
ئى ئاللاھ! قەبرلىرىمىزنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن قىلغىن، بىزلەرنى دوزاخ ئازگاللىرىدىن ساقلىغىن.
روھ بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى
قەبر ئازابى ۋە قەبردىكى نېئمەت شەك – شۈبھىسىز ھەق بولۇپ، بۇ، مەيلى دەپنە قىلىنغان بولسۇن ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسۇن، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا قەبر ئازابى روھقا بولامدۇ ياكى بەدەنگىمۇ؟
روھلارنىڭ تۇرىدىغان جايى نەدە؟
مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى نەدە تۇرىدۇ، كافىرلارنىڭ روھلىرىچۇ؟
روھ — ئۇنىڭ ماھىيتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ» دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 85) دېگەن.
قەبر ئازابى ۋە قەبردىكى نېئمەت ئەسلىدە روھقا بولىدۇ. ئەگەر تەن كۆيۈپ كەتكەنلىك ۋە پارچىلىۋېتىلگەنلىك سەۋەبىدىن، روھ تەن بىلەن بىر بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بەرىبىر ئوخشاش. چۈنكى، روھ بەدەنسىزمۇ نېئمەتكە سازاۋەر بولىدۇ ياكى ئازابلىنىدۇ، يەنى نېئمەت ۋە ئازابنى ھېس قىلىدۇ.
روھلارنىڭ تۇرىدىغان جايى نەدە؟
ئىنسانلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن روھلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايى ئوخشاشمايدۇ، بەزىلىرى جەننەتتە تۇرىدۇ، بەزىلىرى دوزاختا تۇرىدۇ، بەزىلىرى زېمىندا تۇرىدۇ ۋە بەزىلىرى باشقا جايلاردا تۇرىدۇ.
ئەنبىيائلەرنىڭ روھلىرى
«سەھىھەين»دە ئىسپاتلىنىشىچە، ئەنبىيائلەرنىڭ روھلىرى بەرزەخ ھاياتىدا رەفىيقۇلئەئلادا تۇرىدۇ، ئۇ ئەڭ ئۈستۈن ئىللىييىندۇر. خۇددى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئىسراﺋ – مىئراج كېچىسىدە كۆرگەنگە ئوخشاش. ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بىرىنچى ئاسماندا، يەھيا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىككىنچى ئاسماندا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئۈچىنچى ئاسماندا، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى تۆتىنچى ئاسماندا، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى بەشىنچى ئاسماندا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئالتىنچى ئاسماندا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يەتتىنچى ئاسماندا كۆردى.
شۇھەدائنىڭ روھلىرى
شۇھەدائنىڭ روھلىرى بەرزەخ ھاياتىدا يېشىل قۇشنىڭ قارنىدا بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاللاھنىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن – ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ)﴾(3/«ئال ئىمران»: 169) دېگەن سۆزى ھەققىدە سورالغاندا ئېيتتىكى: «ئۇلارنىڭ روھلىرى يېشىل قۇشنىڭ قارنىدا بولىدۇ، ئۇ روھلار ئۈچۈن ئەرشكە ئېسىپ قويۇلغان چىراغلار بار بولۇپ، جەننەتنىڭ ئىچىدە خاھلىغان ئورۇنغا ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ چىراغلارغا قايتىپ كېلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئاشكارا بولۇپ:
— بىرەر نەرسىنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟ — دەيدۇ، ئۇلار:
— بىز جەننەتنىڭ ئىچىدە خاھلىغانچە ئۇچۇپ يۈرۈۋاتساق، يەنە نېمىنى ئارزۇ قىلاتتۇق، — دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ، ئۇلار جاۋاب بەرمىسە داۋاملىق سورىلىدىغانلىقىنى بىلىپ:
— ئى پەرۋەردىگارىمىز! جانلىرىمىزنى تەنلىرىمىزگە قايتۇرساڭ، بىز سېنىڭ يولۇڭدا يەنە بىر قېتىم ئۆلتۈرۈلسەك، بىزنىڭ مۇشۇلا ئارزۇيىمىز بار، — دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقا ئارزۇسى يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىدۇ»(6).
شۇھەدائنىڭ روھلىرىنىڭ تەپسىلاتى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەرزەخ ھاياتىدا ئىككى قانىتى بار بولۇپ، ئۇ ئىككى قانىتى بىلەن جەننەتتە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
جەئفەر ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ ۋە ئايالى ئەسماﺋ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئىدى، جەئفەر ئۇ ۋاقىتتا 21 ياش ئەتراپىدا ئىدى. مەككەدە ئۇنىڭغا ئېغىر ئەزىيەت يەتتى، شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ناتونۇش ۋە يىراق كىشىلەرنىڭ زېمىنى بولغان ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. ئۇ قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئابرۇيلۇق كىشى بولسىمۇ، تىلى ئەرەب تىلى بولمىغان ناتونۇش ئىنسانلارنىڭ بۇ يۇرتىغا ھىجرەت قىلىپ چىقتى. ئۇ ھەبەشىستاندا ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن «قۇرەيشلەر مۇسۇلمان بوپتۇ» دېگەن خەبەرنى ئاڭلاپ، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ مەككەگە قايتتى، ھالبۇكى قۇرەيشلەر تېخى كۇفرى ھالىتىدە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى يەنە ھەبەشىستانغا قايتۇردى، بۇ قېتىم ئۇ ھەبەشىستانغا قايتىپ كېلىپ تولۇق يەتتە يىل تۇردى.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ھ. 7 / م. 628 – يىلى) خەيبەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ھەبەشىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇلار مەدىنەگە كىرگەن چاغدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەئفەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن بەك خۇشال بولدى. زىكىر قىلىنىشىچە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەئفەرنى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىغا سۆيۈپ ۋە قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «قايسىسىغا خۇشال بولۇشۇمنى بىلمىدىم: خەيبەرنىڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىغىمۇ ياكى جەئفەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگىمۇ؟» دېگەن ئىدى(7). جەئفەر ئۇ زاتقا بەك ئوخشايتتى، ئۇ زات ئۇنىڭغا: «سەن چىرايىمدىمۇ، ئەخلاقىمدىمۇ ماڭا ئوخشىدىڭ» دەيتتى(8).
مۇئتە غازىتىغا چىقىش
جەئفەر مەدىنەگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «رۇملار مۇسۇلمانلارغا قارشى لەشكەر توپلاۋېتىپتۇ» دېگەن خەبەر يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئتە دېگەن جايغا بېرىپ رۇملۇقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇن تەييارلىدى ۋە ئۇلارغا زەيد ئىبنى ھارىسەنى ئەمىر قىلىپ: «ئەگەر زەيد مۇسىبەتكە ئۇچرىسا، جەئفەر كىشىلەرگە ئەمىر بولسۇن، جەئفەرگىمۇ مۇسىبەت يەتسە، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئەمىر بولسۇن»(9) دېدى. مۇسۇلمانلار تەييارلىق قىلدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭچى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
مۇسۇلمانلار مۇئتە دېگەن جايغا يېتىپ باردى، رۇم قوشۇنى يۈز مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن ئىدى. ئۇرۇش باشلاندى، جەڭ تۇغىنى زەيد تۇتتى، ئۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ شېھىد قىلىندى. ئاندىن جەئفەر تۇغنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ جەڭ مەيدانىغا كىردى، جەڭ بەك قىزىپ كەتكەن چاغدا:
جەننەت گۈزەل، يېقىن نەقەدەر،
شاراب خۇشبۇي مۇزدەك شۇ قەدەر.
رۇملار رۇمدۇر، ئازابى يېقىن،
كافىر ئۇلار، نەسەبى يىراق.
ئۇچراپ قالسام بىر كۈن ئۇلارغا،
قىلىچ بىلەن چاپىمەن بىراق.
دېگەن شېئىرنى ئوقۇغان ھالدا ئۆزىنى ئېتىدىن ئاتتى.
جەئفەر تۇغنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتقان ھالەتتە قىلىچى بىلەن رۇملۇقلارنى ئۇرۇۋەردى. بىر رۇملۇق كېلىپ ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇرغان ئىدى، قولى ئۈزۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇغنى سول قولى بىلەن تۇتتى، سول قولىمۇ مۇسىبەتكە يولۇقۇپ ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى بىلىكى بىلەن تۇتۇپ، تاكى شېھىد بولۇپ كەتكەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ئوتتۇز ياشتا ئىدى(10).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەيدۇكى: «مەن جەئفەرنى يىقىلغان ۋاقتىدا بەدىنىدە توقساندىن كۆپرەك ئورۇندا نەيزە سانجىلغان، ئۇرۇلغان ۋە ئوقيا تەگكەن ھالەتتە كۆردۈم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ گەدىنىدە بىرمۇ ئۇرۇلغان ئىز يوقكەن. ئۇ شېھىد بولۇپ كەتكەندىن كېيىن تۇغنى ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە تۇتتى، ئۇمۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ شېھىد قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن خالىد ئىبنى ۋەلىد تۇغنى ئېلىپ قوشۇننى چېكىندۈردى»(11).
مەدىنەدە شۇھەدائنىڭ خەبىرى
يۇقىرىدا سۆزلەنگىنى مۇئتەدىكى مۇجاھىدلارنىڭ خەبىرى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا مەدىنەدە بولغان ئەھۋاللارنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا چىقتى، ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ:
— بۇ غازات قىلغۇچى قوشۇننىڭ خەبىرىنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ — دېگەنىدى، بىز:
— بولىدۇ، — دېدۇق.
— تۇغنى زەيد تۇتقانىدى، ئۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ شېھىد قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەڭلار!
جامائەت:
— ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن! — دېدى.
— ئاندىن بايراقنى جەئفەر تۇتقانىدى، ئۇمۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ شېھىد قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەڭلار!
— ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن!
— ئاندىن بايراقنى ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە تۇتقانىدى، ئۇمۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ شېھىد قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەڭلار!
— ئى ئاللاھ ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن.
ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆز يېشى قىلىپ مۇنبەردىن چۈشتى، ئۇنىڭدىن كېيىن جەئفەرنىڭ ئۆيىگە باردى».
جەئفەرنىڭ ئايالى ئەسماﺋ بىنتى ئۇمەيس دەيدۇ: «مەن بالىلىرىمنى يۇيۇپ تازىلاپ، مايلاپ ۋە خېمىر يۇغۇرۇپ جەئفەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئىدىم. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا كىرىشكە ئىجازەت سوراپ ئۆيگە كىردى ۋە: ‹جىيەنلىرىمنى چاقىرىڭ› دېدى. مەن چۈجەكتەك ئۇ بالىلارنى ئېلىپ كەلدىم. ئۇلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن چاغدا: ‹دادىمىز جەئفەركەن› دەپ ئويلاپ ئالدىغا كېلىپ ئېسىلىشقا ۋە سۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ زات ئۇلارنىڭ باشلىرىنى سىلاپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئەسماﺋ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىگە جەئفەر توغرۇلۇق بىر خەبەر يەتتىمۇ؟ — دېدى.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈكۈت قىلدى. ئەسماﺋ يەنە:
— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىگە جەئفەر توغرۇلۇق بىر خەبەر يەتتىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— جەئفەر شېھىد قىلىندى، — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىم قالدىمۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىم قالدىمۇ!
— ئۇلارغا كەمبەغەللىكتىن قورقۇۋاتامسىز، مەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ۋەلىيسىدۇرمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹يىغلايدىغان ئاياللار جەئفەرگە ئوخشاشلارغا يىغلىسۇن› دېگەن ھالەتتە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى»(12).
ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ: ‹جەئفەرنىڭ ئائىلىسىگە تاماق تەييارلاپ بېرىڭلار، ئۇلار مۇسىبەتلىك بولدى› دېدى»(13).
شۇنداق، جەئفەر شېھىد قىلىنىپ ئەھلىدىن ۋە مال – دۇنياسىدىن ئايرىلدى، لېكىن ئۇ كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە كىردى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن جەئفەرنى جەننەتتە كۆردۈم، ئۇنىڭ قانغا بويالغان ئىككى قانىتى بار بولۇپ، شۇ ئىككى قانىتى بىلەن جەننەتتە پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئۇچۇپ يۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن(14).
ھەمزەمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشتۇر
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇھەدائنىڭ سەردارى بولمىش تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنى بەرزەخ ھاياتىدا كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ: «مەن كېچىدە جەننەتكە كىرىپ قارىدىم، جەئفەر پەرىشتىلەر بىلەن بىللە ئۇچۇۋېتىپتۇ، ھەمزە بولسا كارىۋاتقا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرۇپتۇ» دېگەن(15).
بەرزەخ ھاياتىدىكى شۇھەدائنىڭ روھلىرى
بۇ روھلارنىڭ بەزىلىرى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدا يېشىل گۈمبەزنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۇھەداﺋ يېشىل گۈمبەزنىڭ ئىچىدە جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدىكى ئۆستەڭنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئۇلارغا رىزقى جەننەتتىن ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا چىقىپ تۇرىدۇ» دېگەن(16).
شۇھەدائدىن باشقا مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى
بەزى مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى بەرزەخ ھاياتىدا قۇش بولۇپ، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەك – شۈبھىسىزكى، مۇئمىننىڭ روھى بىر قۇش (پوكىنىدا) بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى بەدىنىگە قايتۇرغانغا قەدەر جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيدۇ» دېگەن(17).
جەننەتتە مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشامدۇ؟
شۇنداق، مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى بەرزەخ ھاياتىدا ئۆزئارا بىر – بىرسىنى زىيارەت قىلىپ ئۇچرىشىدۇ ۋە گەپلىشىدۇ. بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مۇئمىن سەكراتقا چۈشسە، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىر پارچە ئاق يىپەك رەختنى ئېلىپ كېلىپ: ‹ئى جان! رازى بولغان ۋە رازى قىلىنغان ھالدا ئەڭ ئاسان ۋە ياخشى يول بىلەن ئاللاھقا ئۇچرىشىش ئۈچۈن چىققىن› دەيدۇ، ئۇ ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك خۇش پۇراق بىلەن چىقىدۇ. ھەتتاكى پەرىشتىلەر ئۇ روھنى بىر – بىرسىگە سۇنۇپ، ئاسماننىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە: ‹زېمىندىن سىلەرگە كەلتۈرۈلگەن بۇ پۇراق نېمىدېگەن خۇشبۇي!› دەيدۇ. ئاندىن ئۇنى مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ يېنىغا كىرگۈزىدۇ. مۇئمىن روھلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كەلگىنىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار يۈتۈپ كەتكەن ئادىمى كەلگەندە، خۇشال بولغاندىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدۇ ۋە:
— پالانى قانداق بولدى؟ پوكۇنى قانداق بولدى؟— دەپ سورىشىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا:
— ئۇ دۇنيانىڭ غېمى بىلەنلا بولۇپ كەتكەنىدى، — دەيدۇ.
يېڭى كەلگەن روھ:
— ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدىغۇ؟ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلتۈرۈلمىدىمۇ؟ — دەيدۇ.
مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى جاۋاب بېرىپ:
— ئۇ كىشى دوزاخقا ئېلىپ كېتىلدى، — دەيدۇ.
شەك – شۈبھىسىزكى، كافىر سەكراتقا چۈشكەندە، ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئوتتىن بولغان كېپەنلەرنى ئېلىپ كېلىپ: ‹سەن غەزەپلەنگەن ۋە ساڭا غەزەپ قىلىنغان ھالدا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ ئازابىغا چىققىن› دەيدۇ، ئۇ تاپنىڭ پۇرىقىدىنمۇ سېسىق پۇراق بىلەن چىقىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇ روھنى زېمىننىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كافىرلارنىڭ روھلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلگەنگە قەدەر ‹بۇ نېمىدېگەن سېسىق پۇراق› دېيىشىدۇ»(18).
شۇنداق، مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ ۋە بىر – بىرىنى تونۇيدۇ.
شۇھەداﺋ
ئاللاھ تائالا شۇھەداﺋ ھەققىدە ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن – ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ). ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىد بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەبەر بېرىشنى تىلەيدۇ. ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېئمەت ۋە پەزلنى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەبەر بېرىشنى تىلەيدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 169 − 171).
بۇ ئايەتلەردە شۇھەدائنىڭ پەزىلىتى، ئۇلارغا قىلىنىدىغان ھۆرمەت ۋە ئاللاھ ئۆز پەزل – ئېھسانىدىن ئۇلارغا ئاتا قىلىدىغان نېئمەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، يەنە ھايات كىشىلەرگە شېھىد بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىغا قارىتا تەسەللى بېرىش، سەۋر قىلىشقا ئۈندەش، شۇنداقلا ئۇلارنىمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ۋە شېھىد بولۇشقا ئۆزىنى ئاتاشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر» دېگەنلىكتۇر.
﴿أَمۡوَٰتَۢاۚ﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى — «سېنىڭ كۆڭلۈڭگە ‹ئۇلار ئۆلۈپ كەتتى، يوقاپ كەتتى ۋە ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ لەززەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىش ئاخىرلاشتى› دېگەن خىيال كەلمىسۇن، بەلكى ئۇلار ھازىر ھۆرمەتلىنىش دىيارى بولغان پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھاياتتۇر» دېگەنلىكتۇر.
﴿ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى — «جەننەتتە تۈرلۈك نېئمەتلەر بىلەن ئەڭ ئالىي دەرىجىدە ھۇزۇرلىنىدۇ» دېگەنلىكتۇر.
﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى — «ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىدىن خۇشال بولىدۇ، بۇ نېئمەتلەر گۈزەل، كۆپ ۋە كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ نېئمەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭۈللىرى خۇشال بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر.
ئۇلارنىڭ نېئمەت ۋە خۇشاللىق تولۇق بولغاندىن كېيىنكى ھالىنى سۈپەتلەپ، ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا خۇش – خەبەر بېرىشنى تىلەيدۇ﴾ يەنى ئۇلار بىر – بىرىگە تېخى دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان، ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ھامىنى بۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپ بۇلار ئېرىشكەن نېئمەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بېرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن رەببىنىڭ دەرگاھىدا نېئمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقۇش يوق ۋە دۇنيادا قېلىپ قالغان بالىلىرىغا غەم قىلىش يوق (غەم قىلمايدۇ).
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھالىنى سۈپەتلەپ ئايەتنى بۇ سۆزى بىلەن تاماملىدى: ﴿ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېئمەت ۋە پەزلنى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش – خەبەر بېرىشنى تىلەيدۇ﴾(19).
ئاللاھتىن سائادەتمەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، شۇھەدائنىڭ ئۆلۈمىنى، تەقۋادارلار بىلەن ھەشر قىلىشىنى ۋە ئەنبىيائلەرگە ھەمراھ قىلىشىنى سورايمىز.
نەتىجە
قەبردىكى نېئمەت ۋە ئازاب روھقا بولىدۇ، بەزىدە بەدەنگە بىللە بولىدۇ.
قەبردە ئازاب ۋە نېئمەت بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى
قەبر ئاخىرەت مەنزىللىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەمگە ئۈلپەت ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئۆيدۇر. يامان ئەمەل قىلغان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىگە بىپەرۋالىق قىلغان ئادەم ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ۋە زۇلمەت ئۆيدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەقىقەتەن، قەبر ئاخىرەت مەنزىللىرىنىڭ ئەۋۋىلىدۇ، ئەگەر بەندە شۇ يەردىن قۇتۇلسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئاسان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ يەردىن قۇتۇلالمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس بولىدۇ»(20).
ئۇنداقتا قەبردە بولىدىغان ئىشلارنىڭ دەلىللىرى نېمە؟
قەبردىكى سوئال – سوراق قاچان باشلىنىدۇ؟
ئۆلۈكلەر ھايات كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلەمدۇ؟
قەبردە بولىدىغان ئازاب ۋە نېئمەتكە ئىمان ئېيتىش غەيبكە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىن ۋە يەنە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش ئاساسلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭغا قۇرئاندا ۋە ھەدىسلەردە كۆپ دەلىللەر بار.
قەبردە ئازاب ۋە نېئمەت بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى
ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ئائىلىسى ھەققىدە ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا تەڭلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(40/«غافىر»: 46).
دېمەك، ئۇلار قەبرلىرىدە ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا دوزاخقا تەڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ.
يەنە بىر ئايەتتە ئېيتىدۇ: ﴿ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 101).
بىرىنچى ئازاب كافىرلار ۋە مۇناپىقلارغا دۇنيادا غەم – قايغۇغا مۇپتىلا قىلىش بىلەن بولىدىغان ئازاب؛ ئىككىنچى ئازاب بولسا قەبردە بولىدىغان ئازاب. ئاندىن ئۇلار قىيامەت كۈنى بولغاندا دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «(مۇئمىن) بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، ئۇ تېخى قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كىرىپ بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا:
— سەن ماۋۇ كىشى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ:
— مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
— دوزاختىكى ئورنىڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، — دەيدۇ».
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدىكى: «شۇنداق قىلىپ ئۇ دوزاختىكى ئورنى بىلەن جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئەمما، كافىر ياكى مۇناپىق بولسا:
— بىلمەيمەن. كىشىلەر نېمە دېسە شۇنى دېگەنىدىم، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
— يا ئەقىل ئىشلىتىپ بىلىۋالمىدىڭ، يا بىلىدىغانلارغا ئەگەشمىدىڭ، — دېيىلىدۇ.
ئاندىن مېڭىسىگە بازغان بىلەن شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلىدۇكى، ئۇ ئىنس – جىندىن باشقا يېقىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغۇدەك قاتتىق چىرقىراپ كېتىدۇ»(21).
يەنە بىر ھەدىستە: «(قەبرىدىكى ئازابتىن قورقۇپ) بىر – بىرىڭلارنى دەپنە قىلماي تاشلاپ قويۇشۇڭلاردىن ئەنسىرىمىگەن بولسام، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، قەبرىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى سىلەرگىمۇ ئاڭلىتىپ قويغان بولاتتىم» دېگەن(22). يەنە: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن» دېگەن(23). يەنە: «قەبر ئازابى ھەقتۇر»(24) دېگەن.
قەبردىكى نېئمەت كىمگە بولىدۇ؟
مۇئمىنلەرگە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ﴾(16/«نەھل»: 32).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «(مۇئمىن) بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، ئۇ تېخى قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كىرىپ بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا:
— سەن ماۋۇ كىشى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ:
— مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
— دوزاختىكى ئورنىڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، — دېيىلىدۇ»(25).
يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مۇئمىن كىشى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاسماندىن بىر نىدا: ‹بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن كۆرپە سېلىپ بېرىڭلار، جەننەتكە قارىتىپ دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ۋە جەننەتنىڭ كىيىملىرىدىن كىيگۈزۈڭلار› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ خۇش پۇراقلىرىدىن كېلىپ تۇرىدۇ ۋە كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە ئېچىپ بېرىلىدۇ»(26).
قەبر ئازابى كىمگە بولىدۇ؟
ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئىنسانلارنى قەبر ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ ئازاب ئەسلىدە كافىرلارغا بولىدۇ ۋە يەنە ئاسىي – گۇناھكار مۇئمىنلەرگىمۇ بولىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹ئىككىسى ئاﺯﺍبلىنىۋﺍتىدﯗ، (لېكىن) چوﯓ گۇناھ سەﯞﻩبىدىن ئاﺯﺍﺏ چېكىشىۋﺍتقىنى يوﻕ› ﺩﻩﭖ بولۇﭖ، ئاندىن: ‹ياق! (دەرۋەقە) ئۆز ۋاقتىدا ئىككىسىنىڭ بىرﻯ سۈيدﯛكىدىن ساقلانمايتتى، يەنە بىرﻯ بولسا سۇخەنچىلىك قىلاتتى› دېدى. ئاندىن خوﺭما ﺩﻩﺭىخىنىڭ بىر شېخىنى ئەكەلدﯛﺭﯛﭖ سۇندۇرۇپ، ھەﺭ قەبرگە بىرﺩىن سانجىپ قويدﻯ.
— ئى ﺭﻩسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈﻥ بۇندﺍﻕ قىلدىلا؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىلىۋىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھ دېدىكى:
— بۇ شاخلاﺭ قۇرۇپ قالمىسىلا ــ ياكى قۇﺭﯗﭖ قالغانغا قەﺩﻩﺭ ــ ئۇﻻﺭنىڭ ئاﺯﺍبى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن»(27).
قەبرگە خورما شېخىنى سانجىپ قويۇش ئازابتىن قۇتۇلدۇرامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ، ئەمما نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق قىلىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئىشتۇر. چۈنكى، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «مېىنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆل شاخلار قۇرۇپ كەتكىچە بولسىمۇ ئارام تېپىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم» دېگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبردىكى ئىككى كىشىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولغاچقا، خورما ياغىچىنى سانجىپ قويدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلار قەبردىكى ئادەمنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟ ئۇ قەبرگە خورما شېخىنى سانجىپ قويسا، ئۆزىنى ئۇلۇغ سانىغاندەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قەبر ئازابىنى يەڭگىللەتكۈدەك ئۇلۇغ زاتمىدى؟!(28)
مېيىتنى قەبرسىدە سوئال – سوراق قىلىش قاچان باشلىنىدۇ؟
مېيىت قەبرسىگە قويۇلۇپ دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن روھى بەدىنىگە قايتىدۇ ۋە سوئال – سوراق باشلىنىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندا، ئۇنىڭ قەبرسىنىڭ يېنىدا توختايتتى ۋە: ‹قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن مەغفىرەت ۋە سەباتلىق تىلەڭلار! چۈنكى ئۇ ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ› دەيتتى»(29).
ئىنسانلار قەبر ئازابىنى ئاڭلامدۇ؟
قەبر ئازابىنى ئىنس – جىنلارنىڭ ئاڭلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كافىر ھەققىدە: «… ئۇ ئىنس – جىندىن باشقا يېقىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغۇدەك قاتتىق چىرقىراپ كېتىدۇ» دېگەن(30).
لېكىن، ھايۋانلار قەبر ئازابىنى ئاڭلايدۇ، مەدىنەدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا يەھۇدىيلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئىككى قېرى ئايال كىرىپ، قەبر ئازابى توغرۇلۇق گەپلەشتى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئائىشە ئۇ زاتتىن قەبر ئەھلىنىڭ ئازابى توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ ئىككىسى راست ئېيتىپتۇ. ئۇلار شۇنداق قاتتىق ئازابلىنىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئازابىنى بارلىق ھايۋانلار ئاڭلاپ تۇرىدۇ» دېدى(31).
مېيىت ھايات كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلامدۇ؟
بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا بىرنەچچە قاراش بار. كۈچلۈكرەكى «ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ» دېگەن قاراشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۇئمىنلەر بىلەن كافىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خاھلىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرلەردىكىلەرگە (يەنى كافىرلارغا) ئاڭلىتالمايسەن﴾(35/«فاتىر»: 22) دېگەن.
لېكىن، مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرىنىڭ ئاياغلىرىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «… ئۇ قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا…» دېگەن(32).
مېيىت ئەھلىنىڭ ئۇنىڭغا يىغلىغانلىقى بىلەن ئازابلىنامدۇ؟
شۇنداق ئازابلىنىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېيىت ئۇنىڭغا ئۈن سېلىپ يىغا – زار قىلىنغانلىقتىن قەبرىسىدە ئازابلىنىدۇ» دېگەن(33).
ئەسلىدە مېيىت ئۆز ئەمەللىرىگە قارىتا ھېساب ئېلىنىدۇ، نېئمەت بېرىلىدۇ ياكى ئازابلىنىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ ھەدىستە «باشقىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئازابلىنىدۇ دەپ» زىكىر قىلىندى؟
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىنسانلار «باشقىلار مېنى ئائىلەم ياخشى كۆرىدىغان ۋە داۋاملىق ياشىشىمنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەمكەن دەپ قالسۇن» دەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئائىلىسىگە: «ماڭا يىغلاڭلار ۋە ياقاڭلارنى يىرتىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلاتتى(34).
بۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر مۇسۇلمان كىشى جاھىلىيەت ئەھلى قىلغان ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئازابلىنىشقا لايىق بولىدىغان گۇناھ – مەئسىيەت بولىدۇ.
ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«مېيىت ئەھلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە يىغلايدىغان ۋە ياقىلىرىنى يىرتىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلسە ۋە كۆرگەن بولسا، ئاندىن ئۆزىگىمۇ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن كېيىن يىغلايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىغانلىقى ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ».
يەنە: «‹مېيىت ئازابلىنىدۇ› دېگەننىڭ مەنىسى: ‹مېيىت باشقىلارنىڭ يىغلىغىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئەلەم تارتىدۇ› دېگەنلىك» دەپمۇ ئىزاھلانغان.
ئاللاھتىن بىزنى رەھمىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشتۈرۈشىنى سورايمىز.
ئەقىدە
قەبر ئازابى ۋە نېئمىتى ئىنساننىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىلەلمەيدىغان بولسىمۇ، ئۇ ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولغان غەيب ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بەرزەخ ھاياتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى
بەرزەخ ھاياتى ئىنسان مەيلى دەپنە قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن، ئۆلگەندىن تارتىپ تاكى قايتا تىرىلدۈرۈلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى پاسىل دەۋر بولۇپ، ئىنس – جىنلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر.
كىشىلەرنىڭ بەرزەخ ھاياتىدىكى ئەھۋالى ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا ھەر خىل بولىدۇ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمىدىن بىزگە خەبەر بەرگەن.
ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ قەبرلىرىدىكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
قەبردىكى نېئمەت ۋە ئازابنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى كۆرگەنمۇ؟
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى سۆزلىگەنلىرى ھەممىسى ئاللاھ تەرەپتىن ئۇ زاتقا ۋەھيى قىلىنغان ۋەھيىدۇر. ئۇ زات ئاللاھ ۋەھيى قىلغان ۋە ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن بەرزەخ ھاياتىنىڭ خەبەرلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. بەرزەخ ھاياتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقى بۇ خەبەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
پەرۋەردىگارىمىزنىڭ رەھمىتى غەزىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇ مەغفىرەت قىلغۇچى، رەھىم قىلغۇچى ۋە سېخىي زاتتۇر. لېكىن، جەببار (قەھر قىلغۇچى دېگەن مەنىدە) سۈپەتكىمۇ ئىگە بولغان ئاللاھ غەزەپلىنىپ قالسا، ئۇ غەزىپىنى پەقەت ئۆزىلا قايتۇرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن، چۈشىدە كۆرگەن بەزى ئازابنىڭ تۈرلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. ئەنبىيائلەر چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارمۇ ۋەھيىدۇر.
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىگە: ‹قايسىڭلار چۈش كۆردۈڭلار؟› دەپ كۆپ سوراپ تۇراتتى، ئاللاھ چۈش كۆرسەتكەن كىشىلەر چۈشلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، بىر كۈنى ئەتىگەندە رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ‹بۇ كېچە ماڭا ئىككى كىشى كېلىپ مېنى قوپۇرۇپ ماڭا:
— يۈر، يۈر، — دېدى. مەن ئۇلار بىلەن يۈردۈم، بىز ياتقان بىر كىشىنىڭ قېشىغا باردۇق، قارىساق يەنە بىر كىشى ئۇنىڭ بېشىدا يوغان تاشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ، ئۇ تاشنى ئۇنىڭ كاللىسىغا تاشلاپ كاللىسىنى مىجىۋېتىپ، تاش دومىلاپ كەتسە ئۇنىڭ ئارقىدىن بېرىپ يەنە ئۇنى قولىغا ئالدى، مىجىلغان كاللا ئەسلىگە كېلىشىگە ئۇ يەنە قايتىپ كېلىپ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا قىلغان ئىشىنى تەكرارلايتتى. مەن ئىككىيلەنگە:
— سۇبھانەللاھ! بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەملەر؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ ئوڭدىسىدا ياتقان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا كەلدۇق، قارىساق بىر ئادەم ئۇنىڭ بېشىدا تۆمۈر قەلەمتۇراچلارنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ، ئۇ ياتقان ئادەمنىڭ يۈزىنىڭ بىر تەرىپىگە يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىلىپ گەدىنىگىچە تىلدى، بۇرنىدىن ئىلىپ گەدىنىگىچە تىلدى، كۆزىدىن ئىلىپ گەدىنىگىچە تىلدى، ئاندىن يۈزىنىڭ ئۇ تەرىپىگە يۆتكىلىپ ئۇنىمۇ يەنە بىر يۈزىنى تىلغاندەك تىلدى، ئۇ يۈزىنى تىلىپ بولغىچە دەسلەپتە تىلغان يۈزى ئەسلىدىكىدەك ساقىيىپ بولدى، ئۇ يەنە ساقايغان يۈزى تەرەپكە قايتىپ دەسلەپتە قىلغاندەك قىلغىلى تۇردى، مەن ئىككىيلەنگە:
— سۇبھانەللاھ! بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەملەر؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ بىر تونۇرغا ئوخشاش نەرسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، ئۇنىڭدىن قىيا – چىيا ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىچىگە قارىساق، ئۇنىڭدا يالىڭاچ ئەر ۋە ئاياللار بار ئىكەن، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئاستىدىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت كېلىۋىدى، ئۇلار قىيا – چىيا قىلىشىپ كەتتى، مەن ئىككىيلەندىن:
— بۇلار كىملەر؟ — دېسەم، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ قاندەك قىپقىزىل بىر دەرياغا كەلدۇق، قارىساق ئۇ دەريادا بىر ئادەم سۇ ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ، ئۇ سۇ ئۈزۈۋاتاتتى، قىرغاقتا بىر ئادەم نۇرغۇن تاشلارنى يىغىۋاپتۇ، سۇ ئۈزگەن ئادەم سۇ ئۈزۈپ تاش يىغىۋالغان ئادەمنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئاغزىنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر تاش تىقىپ قوياتتى، ئۇ يەنە سۇ ئۈزۈپ كېتىپ ھەر قېتىم قايتىپ كەلسە ئاغزىنى يوغان ئاچاتتى، قىرغاقتىكى ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىغا تاش تىقىپ قوياتتى، مەن ئىككىيلەندىن:
— سۇبھانەللاھ! بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەملەر؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ كۆرۈنۈشى سەن كۆرگەن ئەڭ قەبىھ ئادەم شەكلىدە بولغان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا كەلدۇق، ئۇنىڭ قېشىدا ئوت بار بولۇپ، ئۇ ئوتقا ئوتۇن سېلىپ قالاپ ئوتنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈرەتتى، مەن ئىككىيلەندىن:
— سۇبھانەللاھ! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ بۈك – باراقسان بىر باغقا كەلدۇق، ئۇنىڭدا باھارنىڭ رەڭگارەڭ گۈللىرىدىن بار ئىدى، قارىساق باغنىڭ ئوتتۇرىدا بويى ئىنتايىن ئېگىز، ئېگىزلىكىدىن بېشى ئاسمانغا تاقىشىپ بېشىنى كۆرەلمەي قالغۇدەك بىر ئادەم تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەن كۆرۈپ باققان ئەڭ كۆپ بالىلاردىنمۇ كۆپ بالىلار تۇرۇپتۇ، مەن ئىككىيلەندىن:
— بۇ نېمە؟ بۇلار نېمە ئادەملەر؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— يۈر، يۈر، — دېدى. بىز يۈرۈپ شۇنداق چوڭ بىر باغقا كەلدۇقكى، مەن ئۇنداق چوڭ باغ كۆرۈپ باقمىغان، ئىككىيلەن ماڭا:
— ئۆرلە، — دېدى، بىز ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىپ ئاخىرى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قىشلاردىن سېلىنغان بىر شەھەرگە كەلدۇق، شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ ئېچىشنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا دەرۋازا بىزگە ئېچىلدى، بىز ئۇنىڭدىن كىردۇق، بىزنى شۇنداق بىر ئەرلەر كۈتۈۋالدىكى، ئۇلارنىڭ يېرىمى سەن كۆرەلەيدىغان ئەڭ چىرايلىق كىشىلەر، يېرىمى سەن كۆرەلەيدىغان ئەڭ سەت كىشىلەر ئىدى، مەن بىلەن كەلگەن ئىككىيلەن ئۇلارغا:
— بېرىپ ئاۋۇ دەرياغا سەكرەڭلار، — دېۋىدى، ئۇ يەردە توغرىسىغا ئېقىۋاتقان سۈيى خۇددى ساپ سۈتتەك ئاپئاق بىر دەريا بار ئىدى، ئۇلار بېرىپ دەرياغا چۆمۈلۈپ بىزگە قايتىپ كېلىشتى، ئۇلاردىكى قەبىھلىك يوقاپ ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە كەلگەن ئىدى، ئىككىيلەن ماڭا:
— بۇ ئەدن جەننىتىدۇر، مانا بۇ ئىككىسى سېنىڭ تۇرالغۇڭ، — دېدى. كۆزۈمنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسام، ئاق بۇلۇتتەك بىر قەسىر تۇرۇپتۇ، ئىككىيلەن ماڭا:
— مانا بۇ ئىككىسى سېنىڭ تۇرالغۇڭ، — دېدى. مەن ئۇ ئىككىيلەنگە:
— ئاللاھ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي، ماڭا رۇخسەت قىلساڭلار ئۇنىڭغا كىرىپ باقسام، — دېدىم. ئىككىيلەن ماڭا:
— ھازىرچە كىرسەڭ بولمايدۇ، سەن كېيىن چوقۇم كىرىسەن، — دېدى. مەن ئۇ ئىككىيلەنگە:
— مەن بۇ كېچە ئاجايىب ئىشلارنى كۆردۈم، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم قانداق ئىشلار؟ — دېسەم، ئۇلار دېدى:
— بىز ساڭا چۈشەندۈرۈپ قويىمىز، سەن كەلگەندە كاللىسى تاش بىلەن يانجىلىۋاتقان ئادەم بولسا ”قۇرئان“نى ئۆگىنىپ تاشلىۋەتكەن ۋە پەرز نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماي ئۇخلايدىغان ئادەمدۇر(35). سەن كەلگەندە ئاغزى، بۇرنى ۋە كۆزى گەدىنىگىچە تىلىنغان ئادەم بولسا ئۆيىدىن ئەتىگەن چىقىپ ھەممە يەرگە يېيىلىپ كېتىدىغان بىر يالغان سۆزنى قىلغان ئادەمدۇر(36). تونۇرغا ئوخشاش نەرسىنىڭ ئىچىدىكى يالىڭاچ ئەر ۋە ئاياللار بولسا زىناخور ئەر ۋە ئاياللاردۇر، سەن كەلگەندە دەريادا سۇ ئۈزۈپ ئاغزىغا تاش تىقىلغان ئادەم بولسا جازانە يېگۈچىدۇر. ئوت قالاۋاتقان، ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىۋاتقان كۆرۈمسىز ئادەم بولسا جەھەننەم گۇندىپايلىرىنىڭ چوڭىدۇر. باغدىكى ئېگىز بوي ئادەم بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلار بولسا تۇغۇلما ئىمان بىلەن ۋاپات بولغان ھەممە بالىلاردۇر›. مۇسۇلمانلاردىن بەزىسى:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مۇشرىكلەرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللىمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مۇشرىكلەرنىڭ بالىلىرىمۇ بىللە، يېرىمى چىرايلىق، يېرىمى قەبىھ كىشىلەر بولسا ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكەندۇر، — دېدى»(37).
ئاللاھتىن ھەممىمىزگە رەھمەت قىلىشىنى سورايمىز، ئامىن.
ۋەز
قەبر ئازابى قاتتىق ئەلەملىك، لېكىن ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر.
قەبر ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار
قەبردىكى ئازاب ۋە نېئمەتكە سەۋەب بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار بولۇپ، ئاللاھ بىزگە ھالال – ھارامنى بايان قىلىپ بەردى ۋە توغرا يولغا، ئازغۇنلۇققا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بايان قىلىپ بەردى، پەرۋەردىگارىمىز ھېچبىر كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
ئۇنداقتا قەبردىكى ئازابقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
قەبردىكى نېئمەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
ئىنسان بۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەك؟
شەرىئەتنىڭ ئەسل مەنبەلىرىنى تەپەككۇر قىلغان كىشى قەبردىكى ئازابقا ۋە نېئمەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ يېتىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1) ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە تېنىش
ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش — گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، بۇ بەندىنىڭ دۇئا، ناماز، مال بوغۇزلاش ۋە ياردەم تىلەشتىن ئىبارەت بەزى ئىبادەتلەرنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كافىرغا قەبردە ئازاب بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلىۋېتىپ دېدىكى: «ئاندىن ئۇنىڭغا قولىدا تۆمۈردىن ياسالغان بولقا تۇتۇۋالغان گاس، گاچا بىرسى مۇسەللەت قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بولقا بىلەن تاغقا ئۇرۇلسا، تاغ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى، ئۇ كافىرنى بولقا بىلەن شۇنداق بىر ئۇرۇدىكى، ئۇ ئۇرغانلىقنىڭ ئاۋازىنى ئىنس – جىنلاردىن باشقا مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە ئاڭلايدۇ، بۇ ئۇرۇشتىن ئۇ كافىر توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە روھى قايتۇرۇلىدۇ»(38).
بۇ تۆمۈر بولقىنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق سۈپەتلىگەن: «ئەگەر بۇ بولقىنى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلسىمۇ كۆتۈرەلمىگەن بولاتتى. بۇ بولقىدىن ئۇنىڭ قەبرسىگە ئوت يانىدۇ ۋە قوۋۇرغىلىرى بىر – بىرسىگە كىرىشىپ كەتكىچە قەبرسى تارايتىلىدۇ»(39).
2) سۈيدۈك تېگىپ كېتىشتىن ساقلانماسلىق
بۇ سىيىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈكنىڭ ئەسەرىنى تازىلىۋېتىشكە ئەھمىيەت بەرمەي، كىيىمگە تېگىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەبر ئازابىنىڭ كۆپىنچىسى سۈيدۈكتىن بولىدۇ» دېگەن(40).
مۇسۇلمان كىشىگە بەدىنى، كىيىمى ۋە نامازگاھىدىن نىجاسەتلەرنى تازىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى يارىشىدۇ.
3) سۇخەنچىلىك قىلىش
سۇخەنچىلىك قىلىش — كىشىلەر ئارىسىدا دۈشمەنلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن گەپ توشۇشتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹ئىككىسى ئاﺯﺍبلىنىۋﺍتىدﯗ، (لېكىن) چوﯓ گۇناھ سەﯞﻩبىدىن ئاﺯﺍﺏ چېكىشىۋﺍتقىنى يوﻕ› ﺩﻩﭖ بولۇﭖ، ئاندىن: ‹ياق! (دەرۋەقە) ئۆز ۋاقتىدا ئىككىسىنىڭ بىرﻯ سۈيدﯛكىدىن ساقلانمايتتى، يەنە بىرﻯ بولسا سۇخەنچىلىك قىلاتتى› دېدى. ئاندىن خوﺭما ﺩﻩﺭىخىنىڭ بىر شېخىنى ئەكەلدﯛﺭﯛﭖ سۇندۇرۇپ، ھەﺭ قەبرگە بىرﺩىن سانجىپ قويدﻯ.
— ئى ﺭﻩسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈﻥ بۇندﺍﻕ قىلدىلا؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىلىۋىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھ دېدىكى:
— بۇ شاخلاﺭ قۇرۇپ قالمىسىلا ــ ياكى قۇﺭﯗﭖ قالغانغا قەﺩﻩﺭ ــ ئۇﻻﺭنىڭ ئاﺯﺍبى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن»(41).
4) غەيۋەت قىلىش
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مەن (مىئراج كېچىسى) ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن يۈز ۋە مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ: ‹ئى جىبرىل! بۇلار كىملەر؟› دېگەنىدىم، جىبرىل: ‹ئۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشلىرىنى يېگەن (غەيۋىتىنى قىلغان) ۋە غەيۋىتىنى قىلىپ گۆشلىرىنى يەيدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىززەت ـ نومۇسى ھەققىدە گەپ قىلىدىغانلار› دېدى»(42).
5) غەنىيمەتتىن ئوغرىلاش
بۇ مۇجاھىدلار ئۇرۇشتا غەنىيمەت ئالغان غەنىيمەتلەردىن تەقسىملىنىشتىن ئىلگىرى ئوغرىلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇ: ﴿ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ھەر كىشنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 161).
غەنىيمەتتىن ئوغرىلاش قەبر ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە خەيبەر غازىتىغا چىقىپ ئالتۇن ياكى كۈمۈش غەنىيمەت ئالماي، ئۇلاغ مال، كىيىم – كېچەك ۋە ھەرخىل نەرسە – كېرەكلەرنى غەنىيمەت ئالدۇق. بەنى زۇبەيب ئايمىقىدىن رىفائە ئىبنى زەيد دېگەن بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىدئەم دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇلىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەدىيە قىلدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋادى قوراغا قاراپ يۈزلەندى، ۋادى قوراغا كەلگىنىدە مىدئەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك – تاقىلىرىنى چۈشۈرۈۋاتقان چاغدا بىر ياۋا ئوق كېلىپ ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان ئىدى، قوشۇندىكىلەر:
— ئۇنىڭغا شەھىدلىك مۇبارەك بولغاي، — دېيىشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ياق، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ خەيبەر غازىتىدا غەنىيمەتتىن ئېلىۋالغان، تەقسىمات قىلىنماي قالغان تون ئۇنى لاۋۇلداپ كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، — دېدى. قوشۇندىكىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ئادەم بىر — ياكى ئىككى — تال كەش بوغقۇچنى ئېلىپ كېلىۋىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بۇ ئوتتىن بولغان بىر تال – ياكى ئىككى تال – كەش بوغقۇچ، — دېدى»(43).
6) رامازاندا روزىنى قەستەن بۇزۇش
رامازان ئېيىدا تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغۇچە روزا تۇتۇش ۋاجىب بولۇپ، روزا تۇتۇش ۋاجىب بولغان كىشىگە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ، بەلكى گۇناھ ۋە جازاغا لايىق بولۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «چۈشۈمدە يېنىمغا ئىككى كىشى كەلدى. ئۇ ئىككى كىشى بىلىكىمدىن تۇتۇپ، بىر تاغنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە:
— تاغقا چىققىن، — دېگەنىدى، مەن:
— چىقالمايمەن، — دېدىم.
— ساڭا ئاسان قىلىپ بېرىمىز.
مەن چىقىپ تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، قاتتىق توۋلاش ۋە ۋارقىراشلارنى ئاڭلاپ:
— بۇ نېمە ئاۋازلار؟ — دېگەنىدىم، ئۇلار:
— بۇ دوزاختىكىلەرنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى، — دېدى. ئاندىن مېنى ئېلىپ مېڭىپ، پۇتىنىڭ بۆلجۈڭگۆشلىرىدىن ئېسىپ قويۇلغان، ئاغزىلىرى يېرىلىپ قان ئېقىپ تۇرۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. مەن:
— ئۇلار نېمە ئادەملەر؟ — دېدىم، ئۇ:
— ئۇلار كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر، — دېدى»(44).
يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەر بەرزەخ ھاياتىدىكى ئەھۋاللارنى شەرھلەپ بېرىدىغان بىر قىسىم شەرئىي كۆرسەتمىلەردۇر.
پايدىلىق سۆز
مۇسۇلماننىڭ قەبردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى ئۇنى قەبر ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
قەبر ئازابىدىن قۇتۇلۇش
مۇسۇلمان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش ۋە يېقىنلىشىش ئۈچۈن، بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇلغاندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قەبر ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەمەللەرنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇنداقتا بۇ ئەمەللەر قايسىلار؟
بۇ ئەمەللەر نېمە ئۈچۈن باشقا ئەمەللەردىن ئالدىن ئورۇنغا قويۇلدى؟
بۇ ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى نېمە؟
ئومۇمەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى بەندىگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتتە دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. ياخشى ئەمەللەر بىر – بىرىدىن پەرقلىقتۇر. بۇ ئەمەللەر تۆۋەندىكىچە:
1) ناماز
ناماز — ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولۇپ، نامازنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشى دىنىنى مۇھاپىزەت قىلغان بولىدۇ، نامازنى مۇھاپىزەت قىلمىغان كىشى باشقا ئىبادەتلەرنى تېخىمۇ بەك مۇھاپىزەت قىلمايدۇ. ناماز ئۇنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىنى قەبر ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
2) زاكات
زاكات — ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرى ۋە چوڭ ئاساسلىرىدىندۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ مالدىكى ھەققى بولۇپ، «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغان سەككىز ئورۇنغا بېرىلىدۇ.
3) روزا
روزىمۇ ئىسلامنىڭ چوڭ رۇكنىلىرىدىن بولۇپ، رامازان ئېيىنىڭ روزىسى ۋاجىب روزىدۇر. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى، ئاشۇرا كۈنى، ئەرەفات كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەزىلەتلىك كۈنلەرنىڭ روزىسى نەپلە روزىلاردۇر.
4) ياخشى ئىشلارنى قىلىش
ياخشى ئىش — بۇ ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، ئىبادەتلەر، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5) سەدىقە ۋە سىلە – رەھىم قىلىش
سەدىقە قىلىش — بۇمۇ ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، مال، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىلە – رەھىم قىلىش — ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا مۇلايىم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
6) مەئرۇپ ئىشلار
بۇمۇ ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، ئاللاھ قىلىشقا بۇيرۇغان ھەممە ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراش مەئرۇپتۇر، نەسىھەت قىلىش مەئرۇپتۇر ۋە سەدىقە قىلىش مەئرۇپتۇر.
7) باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش
بۇمۇ ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، باشقىلارغا ھەدىيە بېرىش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ھەدىسكە جەملەپ ئېيتتىكى: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن مېيىت ھەمراھلىرى قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇئمىن بولسا، ناماز بېشى تەرەپتە، زاكات ئوڭ تەرىپىدە، روزا سول تەرىپىدە، ياخشى ئىشلىرى ۋە كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ئىككى پۇتى تەرەپتە بولىدۇ. ئاندىن ئازاب بېشى تەرەپتىن كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ناماز: ‹مېنىڭ تەرىپىمدىن كىرىش مۇمكىن ئەمەس› دەيدۇ. ئاندىن ئازاب ئوڭ تەرىپىدىن كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا زاكات: ‹مېنىڭ تەرىپىمدىن كىرىش مۇمكىن ئەمەس› دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئازاب سول تەرىپىدىن كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا روزا: ‹مېنىڭ تەرىپىمدىن كىرىش مۇمكىن ئەمەس› دەيدۇ. ئاندىن ئازاب ئىككى پۇتى تەرەپتىن كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ياخشى ئىشلار ۋە باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرى: ‹مېنىڭ تەرىپىمدىن كىرىش مۇمكىن ئەمەس› دەيدۇ…»(45)
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئېيتتىكى: «ئىنسان قەبرسىگە كىرگەندە، ئەگەر ئۇ مۇئمىن بولسا، ناماز ۋە روزىدىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئەتراپىدا بولىدۇ. پەرىشتە نامىزى تەرەپتىن كەلسە، ناماز ئۇنى قايتۇرىدۇ، روزا تەرەپتىن كەلسە، روزا ئۇنى قايتۇرىدۇ…»(46)
8) ئاللاھقا سىغىنىپ قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەش
دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇش بەندىگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھتىن قەبر ئازابىدىن ساقلاشنى سوراش كېرەك. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بېخىللىقتىن، قېرىپ كېتىشتىن ۋە قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»(47).
سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «خۇددى خەت يېزىش ئۆگىتىلگەندەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بۇ كەلىمىلەرنى ئۆگەتكەن ئىدى: ‹ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ بېخىللىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ قورقۇنچاقلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ ئۆمۈرنىڭ ئەڭ خار دەۋرىگە قايتۇرۇلۇپ قېلىشىمىزدىن پاناھلىق تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ دۇنيانىڭ فىتنەسىدىن ۋە قەبر ئازابىنىڭ فىتنەسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»(48).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇ كەلىمىلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى: ‹ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ دوزاخنىڭ فىتنەسىدىن(49)، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، قەبرنىڭ فىتنەسىدىن، قەبر ئازابىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن، پېقىرلىقنىڭ فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بايلىقنىڭ فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن›»(50).
شۇنىڭدەك مېيىت نامىزى ئوقۇغاندا، مېيىت ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى قەبرنىڭ فىتنەسىدىن قۇتۇلدۇرۇشىغا دۇئا قىلىشىمىز يولغا قويۇلدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇغاندا مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنىڭغا ئافىيەت بەرگىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنىڭ زىياپىتىنى ئېسىل قىلغىن، قەبرسىنى كەڭرى قىلغىن. ئۇنى سۇ بىلەن، قار بىلەن، مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن. ئۇنى خاتالىقلاردىن ئاق كىيىمنى پاسكىنىچىلىقلاردىن پاكىزلىغاندەك پاكىزلىغىن. ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىكى قارارگاھىنى ياخشىراق قارارگاھقا، ئەھلىنى ياخشىراق ئەھلگە، جۈپتىنى ياخشىراق جۈپكە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن ۋە ئۇنى قەبر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»(51).
قەبر ئازابىدىن قۇتۇلغۇچىلار
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبر ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەمەللەرنى سۆزلەپ بەرگەندەك، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىدە يەنە بىر قىسىم ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ قەبر ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىنىڭ بايانى كەلدى. ئۇلارنىڭ قاتارىدىن:
1) شېھىد
ئۇ — ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىخلاس قىلىپ، كەينىگە يانماي ئالدىغا ئىلگىرىلەپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىدۇر. بىر كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراپ:
— مۇئمىنلەرنىڭ ھالى نېمە؟ ئۇلار قەبرلىرىدە فىتنەگە ئۇچرايدۇ، شېھىد بولسا فىتنەگە ئۇچرىمايدۇ، — دېگەندە، ئۇ زات:
— ئۇنىڭ بېشىدا ئوينىتىلغان قىلىچلارنىڭ يالت – يۇلتلىرى ئۇنىڭغا يېتەرلىك، — دېدى(52).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشتا مۇئمىن مۇجاھىدنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇپ جەڭ مەيدانىدىن قاچمىغانلىقى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭ چوڭلۇقىغا ۋە ئۆلۈپ كەتكۈچە دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قەبرسىدە سىنىلىشقا ياكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىدىن ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تەستىق قىلغانلىقىدىن سورىلىشقا موھتاج بولمايدۇ.
2) ئاللاھ يولىدا چېگرا ساقلىغۇچى
ئاللاھ يولىدا چېگرا ساقلاش دېگىنىمىز — دۈشمەنلەرنى مۇسۇلمانلاردىن توسۇش ئۈچۈن، ئىسلام يۇرتلىرىنىڭ چېگرالىرىدا ئايرىلماي مۇستەھكەم تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامنى ھىمايە قىلىش يولىدا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە ماللىرىدىن ئايرىلىپ جىھاد قىلغان ۋە چېگرا ساقلىغانلار ئۈچۈن كاتتا پەزىلەت بار.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەرقانداق كىشى ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمەل دەپتىرى يېپىلىدۇ. پەقەت ئاللاھ يولىدا چېگرا ساقلىغان ھالدا ۋاپات بولغان كىشى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنىگىچە زىيادە قىلىنىدۇ ۋە قەبرنىڭ فىتنەسىدىن ئەمىن بولىدۇ» دېگەن(53). يەنە: «بىر كېچە – كۈندۈز چېگرا ساقلاش بىر ئاي روزا تۇتۇپ، قىيامدا تۇرغاندىن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇ (چېگرا ساقلاپ) ئۆلۈپ كەتسە، قىلغان ئەمەلى ئۇنىڭ ئۈچۈن مېڭىپ تۇرىدۇ، رىزقىمۇ ئۇنىڭغا بېرىلىپ تۇرىدۇ ۋە (قەبردىكى) سوراق قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ سوراققا تارتىشىدىن ئەمىن بولىدۇ» دېگەن(54).
3) قورساق ئاغرىقى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى
بالا – قازا ۋە سىناقلارنى ئاللاھ تائالا خاتالىقلارغا كەففارەت قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن دەرىجىلەرنى كۆتۈرىدۇ. كېسەل بولۇش ۋە كېسەلنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولۇپ كېتىش بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىم قورساق ئاغرىقىدىن ئۆلسە، ئۇ قەبرسىدە ھەرگىز ئازابلانمايدۇ»(55) دېگەن. يەنە: «قورساق ئاغرىقىدا ۋاپات بولغان كىشى شېھىدتۇر»(56) دېگەن. يەنى ئۇنىڭغا شېھىدنىڭ ئەجرى بولىدۇ.
4) ھەر كېچىسى سۈرە مۇلكنى ئوقۇش
«قۇرئان»نىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر، لېكىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى سۈرىلەرگە ئايرىم پەزىلەتنى خاس قىلغان بولۇپ، سۈرە مۇلكنى ئوقۇش بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ سۈرىنى ئوقۇش قەبر ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۈرە مۇلك قەبر ئازابىدىن ساقلىغۇچىدۇر»(57) دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «كىمكى ﴿تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ﴾نى ھەر كېچىسى ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قەبر ئازابىدىن ساقلايدۇ. بىز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە بۇ سۈرىنى توسقۇچى (مانعة) دەپ ئاتايتتۇق. جەزمەنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى سۈرە بولۇپ، كىمكى بۇ سۈرىنى ھەر كېچىسى ئوقۇسا كۆپ ۋە ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ»(58).
ھەرقانداق دەپنە قىلىنغۇچىنى قەبر قىسىدۇ
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە: «بۇ ئەرش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتلەنگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە نامىزىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە قاتناشقان كىشى ئىدى، ئۇ قەبردە قاتتىق بىر قىسىلىپ، ئاندىن قويۇپ بېرىلدى» دېگەن(59).
نۇر
كىمكى قەبر ئازابىدىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرسا، ئۇ سائادەت ۋە نېئمەت ئەھلىدۇر.
يوقاپ كەتمەيدىغان مەخلۇقاتلار
پەرۋەردىگارىمىز جەللە جەلالۇھۇ ھەمىشە تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پادىشاھلىقىدىن باشقا ھەممە پادىشاھلىق يوقىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ، ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(55/«رەھمان»: 26، 27).
شۇنداق، زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ، ئۆلىدۇ، يوق بولىدۇ ۋە توپا يەپ كېتىدۇ. لېكىن، شەرئىي كۆرسەتمىلەردە بەزى نەرسىلەر يوقالمايدۇ دەپ مۇستەسنا قىلىنغان.
ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەر قايسىلار؟
ئۇنى يوقىلىپ كەتمەيدۇ دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟
ئاللاھ تائالا ئۆزى خاھلىغان نەرسىنى يوق قىلىدۇ، خاھلىغان نەرسىنى يوقاتماي قالدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز خاھلىغان نەرسىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ. مەخلۇقاتلاردىن ھەممە نەرسە ئۆلىدۇ ۋە يوقاپ كېتىدۇ، پەقەت سەككىز تۈرلۈك نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:
1) تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچى
بۇ دۈمبىنىڭ ئومۇرتقىلىرىدىن ئەڭ ئاستىدىكى ئاخىرقى ئومۇرتقا بولۇپ، «ئۇسئۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنساننىڭ بەدىنىدىن بۇ ئەزادىن باشقىلىرىنى توپا يەپ يوقاپ كېتىدۇ، بۇ ئەزادىن بولسا ئىنسان قايتا تىرىلىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەقەت بىرلا ئۇستىخاندىن باشقا ئىنساننىڭ ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئىنسان قىيامەت كۈنى قايتا قوراشتۇرۇلىدۇ» دېگەن(60).
2) روھلار
روھنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەقىقىتى ھەققىدىكى ئىلىمنى پەرۋەردىگارىمىزلا بىلىدۇ. لېكىن، تەننىڭ ئۆرە تۇرۇشى ۋە ھاياتلىقى تەندە روھنىڭ مەۋجۇد بولۇشى بىلەن بولىدۇ.
ئەگەر روھ تەندىن ئايرىلسا تەن ئۆلىدۇ، روھ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ئۇ روھ سالىھ بولسا، ئۇنىڭغا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، سالىھ بولمىسا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ. لېكىن، ھەر ئىككىلا ھالەتتە روھ تەنگە قايتىپ كېلىدۇ.
دېمەك، روھ يوقالمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۇھەدائنىڭ روھلىرى يېشىل قۇشنىڭ قارنىدا بولىدۇ، ئۇ روھلار ئۈچۈن ئەرشكە ئېسىپ قويۇلغان چىراغلار بار بولۇپ، جەننەتنىڭ ئىچىدە خاھلىغان ئورۇنغا ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇ چىراغلارغا قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن(61).
ئەمما، مۇئمىننىڭ روھىغا كەلسەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «شەك – شۈبھىسىزكى، مۇئمىننىڭ روھى بىر قۇش (پوكىنىدا) بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى بەدىنىگە قايتۇرغانغا قەدەر جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيدۇ» دېگەن(62).
3) جەننەت ۋە دوزاخ
جەننەت ۋە دوزاخنى ئاللاھ تائالا ئىتائەت قىلغانلارنى ئىززەتلەش، ئاسىيلىق قىلغانلارنى خار قىلىش ئۈچۈن ياراتقان بولۇپ، ئۇ ئىككىسى يوقالمايدۇ، بەلكى مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 57) دېگەن.
4) ئەرش
ئەرشنىڭ لۇغەت مەنىسى — پادىشاھ ئولتۇرىدىغان كارىۋات دېگەنلىكتۇر. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەرشى ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا لايىق رەۋىشتە بولۇپ، «قۇرئان»دا يەتتە ئورۇندا ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشنىڭ ئۈستىدە بەرقارار بولغانلىقى زىكىر قىلىنغان. ئالايلۇق:
﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) بەرقارار بولدى﴾(20/«تاھا»: 5)، ﴿ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە بەرقارار بولدى﴾(7/«ئەئراف»: 54).
ئەرش مەخلۇقاتلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى يوق بولۇپ كېتىش ئۈچۈن ئەمەس، مەڭگۈ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى، ئۇ سۇر پۈۋلەنگەندە باشقا مەخلۇقاتلار يوقاپ كەتكەندەك يوقاپ كەتمەيدۇ.
5) كۇرسى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تەفسىرلىگەندەك(63)، ئۇ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئورنىدۇر. دېمەك، كۇرسى باقىيدۇر، يوقاپ كەتمەيدۇ.
6) شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر
ئۇلار جەننەت ئۈچۈن يارىتىلغان جەننەتنىڭ ئاياللىرىدۇر، ئۇلار باشقا مەخلۇقاتلار يوقاپ كەتكەندەك يوقاپ كەتمەيدۇ.
7) لەۋھە
ئۇ — ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەقدىرلىرىنى يازغان لەۋھۇلمەھپۇز بولۇپ، بۇ لەۋھەمۇ يوقاپ كەتمەيدىغان مەخلۇقاتلارنىڭ قاتارىدىندۇر.
8) قەلەم
ئاللاھ تائالا قەلەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى يېزىشقا بۇيرۇغان. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تۇنجى ياراتقان نەرسە قەلەمدۇر، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:
— يازغىن! — دېدى، قەلەم:
— رەببىم! نېمىنى يازىمەن؟ — دېدى، ئاللاھ تائالا:
— قىيامەت بولغۇچە بولىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يازغىن، — دېدى»(64).
ئىمام سۇيۇتىي بۇنى تۆۋەندىكى بېيتقا جەملەپ دېگەنكى:
مەخلۇقاتتىن سەككىز تۈرگە باقىيلىق ھاكىم،
قالغانلىرى يوقلۇق ئىچرە تارۇ – مار بولۇر.
ئۇلار ئەرش، كۇرسى، جەننەت ۋە دوزاخ،
تۇغۇر سۆڭەك، روھ ۋە قەلەم، لەۋھۇلمەھپۇزدۇر.
ئەقىدە
رەببىمىز خاھلىغاننى يارىتىپ، خاھلىغاننى باقىي، خاھلىغاننى پانىي قىلىدۇ.
قەبر توغرۇلۇق يەتتە مەسىلە
ئىنسانلاردىن قەبرلەرگە ئالاقىدار شەرىئەتكە خىلاپ، خاتا ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بەزىبىر خاتا ئەقىدىلەر بەزى يۇرتلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇشنى مۇناسىپ كۆردۈم.
ئۇنداقتا بۇ قايسى مەسىلىلەر؟
قەبر توغرۇلۇق شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلار قايسىلار؟
بۇ ئىشلارنى قانداق تۈزىتىمىز؟
ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلەرنى ئىنسانلارغا ئۆگەتكۈچى ۋە نەسىھەت قىلغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلارنى ياخشىلىققا ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ، خاتا يوللاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن قەبرلەرگە ئالاقىدار تۆۋەندىكى يوليورۇقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر:
بىرىنچى مەسىلە
شەك – شۈبھىسىزكى، قەبر ئازابى ۋە قەبردىكى نېئمەت غەيب ئىشلار بولۇپ، ئەقىل بىلەن قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. غەيبكە ئىمان ئېيتىش مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىندۇر، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: ﴿ئەلىف لام، مىم، بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر، ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 1 — 3).
شۇ نەرسىنى بىلىۋېلىش مۇھىمكى، قەبر ئازابى ئۇ بەرزەخ ئازابىدۇر. ئۆلۈپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئازابقا لايىق بولۇپ، قەبرگە دەپنە قىلىنغان بولسۇن ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسۇن، ئۇنىڭغا ئازابتىكى نېسىۋىسى يېتىدۇ. ئەگەر بىر كىشىنى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسۇن ياكى كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسۇن ياكى دارغا ئېسىلغان بولسۇن، ياكى دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتكەن بولسۇن، ھامىنى ئۇنىڭ روھى ۋە بەدىنىگە قەبرگە دەپنە قىلىنغان كىشىگە يەتكەن قەبر ئازابى بولىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە
ئۈن سېلىپ يىغلاش ۋە ۋارقىراش ھارام بولۇپ، بۇ ئەھۋال بەزى ئىنسانلاردىن، بولۇپمۇ ئاياللاردىن كۆپ يۈز بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يۈزلىرىنى كاچاتلاپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەتنىڭ يىغا – زارىنى قىلغان ئادەم بىزدىن ئەمەس» دېگەن(65). يەنە: «ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچى ئايال تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنى كۇكستىن ئىشتان، قوتۇر كېسىلىدىن كۆينەك كىيگۈزۈلۈپ تۇرغۇزۇلۇپ قويۇلىدۇ» دېگەن(66).
يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى سەۋر قىلىشى ۋە ئەجىر ئۈمىد قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا سەۋر قىلسا كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ‹مۇئمىن بەندەمنىڭ دۇنيادىكىلەردىن تاللاپ سۆيگەن ئادىمىنىڭ جېنىنى ئالسام، ئاندىن ئۇ مېنىڭ ساۋابىمنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭغا سەۋر قىلسا، مەندە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوق›»(67).
ئۈچىنچى مەسىلە
قەبرلەرنى زىيارەت قىلىش يوللۇق ئىش بولۇپ، قەبرلەرنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسەت قەبرنى ياكى قەبرنىڭ توپىسىنى تەبەررۇك بىلىش ۋە قەبردىكى مېيىتتىن مەنپەئەت كۈتۈش بولماستىن، ئىبرەت ئېلىش ۋە ئۆلۈمنى ئەسلەش بولۇشى كېرەك.
قەبر زىيارىتى ئۈچۈن مەلۇم بىر كۈننى خاس قىلىۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زىيارەت ئۈچۈن مەلۇم كۈنلەرنى خاس قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. ئۇ زات: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) ئۇنىڭدا بولمىغاننى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېگەن(68).
بەزىلەر قەبرلەرنى زىيارەت قىلغاندا «فاتىھە»نى ئوقۇيدۇ، بۇ بىدئەتتۇر. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرلەرنى زىيارەت قىلغاندا «قۇرئان» ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان، بەلكى قەبردىكى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى ۋە مەغفىرەت تىلەيتتى(69).
بىرەر قەبرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدكە ئالاھىدە سەپەر قىلىنمايدۇ، (ئۇلار) مەسجىدى ھەرەم، مېنىڭ مەسجىدىم ۋە مەسجىدى ئەقسا» دېگەن(70).
تۆتىنچى مەسىلە
جىنازىدىكى بىدئەتلەر ۋە شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلار:
1) جىنازىغا ياكى قەبرگە گۈللەرنى قويۇش(71)؛
بۇ كافىرلارنىڭ دىنى ۋە شوئارلىرىغا ئوخشاپ قېلىش بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر قەۋمگە قەستەن ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر»(72) دېگەن.
2) شۇنىڭدەك شۇھەدائغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارغا رەھمەت تىلەش ئۈچۈن قىسقا مۇددەت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ روھلىرىغا قارىلىق تۇتۇش؛
بۇمۇ چوڭ بىدئەت ۋە كافىرلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوخشاپ قېلىشتۇر. ئۇنداق قىلماستىن روھلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە مەغفىرەت تىلەش كۇپايە قىلىدۇ.
3) شۇنىڭدەك خاتىرە بولسۇن دەپ ياكى باشقا بىر مەقسەتتە ئۆلۈكلەرگە ۋە تىرىكلەرگە رەسىملەرنى ئېسىپ قويۇش دۇرۇس بولمايدۇ؛
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ماڭ بېرىپ، ھەرقانداق سۈرەتنى يوقات، ئېگىز ياسالغان قەبرلەرنى تۈزلىۋەت!» دېگەن(73).
4) جىنازىغا ئەگىشىپ ماڭغاندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كوللېكتىپ تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىش؛ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش يوللۇقتۇر.
5) قەبرىستانلىقتا ياكى مېيىتنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئەزان ئېيتىش؛
بۇمۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياكى ئەسھابلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىش ئەمەس، بەلكى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) ئۇنىڭدا بولمىغاننى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېگەن(74).
6) جىنازا نامىزىدىن ۋە دەپنىدىن كېيىن كوللېكتىپ دۇئا قىلىش؛
ئۇنداق قىلماستىن، ھەربىر ئادەم ئايرىم دۇئا قىلىشى يوللۇقتۇر(75).
7) مېيىتنى ساندۇق بىلەن دەپنە قىلىش.
ئەسلىدە مېيىت ساندۇققا سېلىنماستىن كېپەنلىنىپ قەبرگە دەپنە قىلىنىشى كېرەك. ئەمما، مېيىتنىڭ بەدىنى پارچىلىنىپ كەتكەن ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنى مېيىتنى ساندۇق بىلەن دەپنە قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان، مېيىت ئىگىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلالمايدىغان ئەھۋاللاردا ساندۇق بىلەن دەپنە قىلىنسا بولىدۇ.
بەشىنچى مەسىلە
ئىنسان بىر ياخشى ئەمەلنى قىلىپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى مېيىتكە ھەدىيە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، بۇ «مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج – ئۆمرە قىلىش، سەدىقە قىلىش، قۇربانلىق قىلىش، تۇتالمىغان ۋاجىب روزىلىرىنى تۇتۇپ قويۇش» دېگەندەك شەرىئەت يول قويغان دائىرىدە بولۇشى كېرەك.
ئەمما، «ساۋابى مېيىت ئۈچۈن بولسۇن» دېگەن نىيەت بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلمىگەن. شۇنىڭدەك ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن «قۇرئان» ئوقۇيدىغان قارىيلارنى ئىجارىگە ئېلىش بىدئەتتۇر.
ئالتىنچى مەسىلە
مىراسنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ چىقىملىرىنى چىقىرىش، قەرزلىرىنى تۆلەش ۋە ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر (يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن) ئېسىلىپ تۇرىدۇ»(76) دېگەن.
ئاخىرقى مەسىلە:
بۇ ئاخىرقى مەسىلە چوڭ مەسىلە ۋە چوڭ مۇسىبەتتۇر. ئۇ بولسىمۇ قەبرلەرنى تاۋاپ قىلىش، ئۆلۈكلەردىن ھاجەتلەرنى سوراش ۋە «ئۆلۈپ كەتكەن ئەۋلىيائلەر ھاجەتلەرنى راۋا قىلىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى راۋا قىلىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ئوخشاش شىرك ئەمەللەردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن﴾(7/«ئەئراف»: 194).
بەزى قەبرنى تاۋاپ قىلغۇچىلار قەبرنى تاۋاپ قىلىپ، تۈۋرۈكلىرىنى سىلاپ، ياغاچلىرىنى سۆيىدۇ ۋە سەجدە قىلىدۇ. شۇنداقلا «كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشى ۋە پەرزەنتلىك بولۇش» دېگەندەك ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. بەزىدە قەبرنى زىيارەت قىلغۇچى قەبردىكى ئۆلۈككە: «ئى سەييىدىم! مەن يىراق يۇرتتىن كەلدىم، مېنى قۇرۇق قول قايتۇرمىغىن» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا، يوقاپ كەتكەن ئادىمىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىشىنى سوراپ دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ، ھالبۇكى نامىزىدا ئاللاھتىن بۇ ئىشلارنى سوراپ دۇئا قىلىشتىن غەپلەتتە قالىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر﴾(46/«ئەھقاف»: 5).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھنى قويۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن(77). «پالانى پېقىر كىشى پالانى قەبرنىڭ يېنىدا دۇئا قىپتىكەن، قەبردىكى ئۆلۈك ئۇنىڭغا ياردەم قىپتۇ ياكى پالانى كېسەل كىشى قەبرنىڭ يېنىدا دۇئا قىپتىكەن، كېسىلى ساقىيىپتۇ ياكى بالىلىق بوپتۇ» دېگەندەك گەپلەرگە ئالدانماسلىق كېرەك. بەلكى ھېچبىر شېرىكى يوق ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك. ئاللاھقا نامازدا، مەسجىدتە، ھەج ۋە ئۆمرە قىلغاندا دۇئا قىلىش كېرەك، قەبرنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بەرىكىتىنى ئۈمىد قىلىپ دۇئا قىلماسلىق كېرەك.
قەبرلەرگە مەسجىد سېلىش ھارام بولىدۇ
مەسجىدنىڭ ئىچىدە ياكى سەيناسىدا، ياكى قىبلە تەرىپىدە قەبر بولسا، ئۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ(78). چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئەنبىيائلىرىنىڭ ۋە سالىھلىرىنىڭ قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالاتتى، سىلەر قەبرلەرنى مەسجىد قىلىۋالماڭلار. ھەقىقەتەن مەن ئۇنداق قىلىشتىن توسىمەن» دېگەن(79). يەنە ھەرقانداق شەكىلدە قەبر قاتۇرۇش ھارام بولىدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرنى گەج بىلەن قاتۇرۇشتىن ۋە قەبر ئۈستىگە بىنا سېلىشتىن توسقان(80).
شەرىئەتنىڭ ئەسل قائىدىسىدە مېيىت قەبرسىگە دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان توپىنىلا دۆۋىلەپ قويۇش ۋە ئېگىزلىكىنى بىر غېرىچتىن ئارتۇق قىلماسلىق كېرەك.
شۇنىڭدەك قەبرلەرگە قۇببە بىنا قىلىش ھارام بولىدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ھەرقانداق سۈرەتنى يوقات، ئېگىز ياسالغان قەبرلەرنى تۈزلىۋەت!» دېگەن(81). باشتا دېيىلگەندەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرنى گەج بىلەن قاتۇرۇشتىن، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش قىلىشتىن توسقان.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شىرك كەلتۈرەمدۇ! ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر). سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن. ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن ئاللاھقا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 191 — 198).
راستچىللىق
سېنىڭ «ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يەككە – يىگانە زاتتۇر» دەپ ئىمان ئېيتقانلىقىڭ بىۋاسىتە ئاللاھقا دۇئا قىلىشىڭنى تەقەززا قىلىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسبەھانىي: «ھىليەتۇلئەۋلىياﺋ ۋە تەبەقاتۇلئەسفىيائ»، 5/261 — ت.
2. ئىللىييىن / ئىللىييۇن (عِلّيُّون): «ئۈستۈن، يۇقىرى جاي؛ يەتتىنچى ئاسمان؛ مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ ئىتائەتمەنلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالىدىغان يەر» دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/444 — ت.
3. كاۋاپ پىشىپ بولغاندىن كېيىن زىختىكى گۆشنىڭ قالدۇقلىرىغا ھۆل يۇڭنى يۆگەپ تارتسا، يۇڭ تىتىلىپ كېتىدۇ.
4. سىججىن (السِّجِّينُ): تارچىلىق؛ جەھەننەمدىكى بىر ۋادىنىڭ ئىسمى؛ فاجىرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ يامانلارنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالغان يەر دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/440 — ت.
5. ئەبۇ داۋۇد (4753)؛ ئەھمەد (18557). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3558) «سەھىھ» دېگەن.
6. مۇسلىم (1887).
7. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 2/139. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»: «جەئفەر ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ خىسلەتلىرى» بابى)، 3/230.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2699)؛ مۇسلىم (1783) — ت.
9. ئەبۇ داۋۇد (438)؛ ئەھمەد (22551). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
10. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە»، 5/28 — ت.
11. بۇخارىي (4261، 4262) — ت.
12. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىيئاب»، 1/243.
13. تىرمىزىي (998)؛ ئىبنى ماجە (1610)؛ ئەھمەد (1751). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 998) «سەھىھ» دېگەن.
14. سۇيۇتىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر»، (4367). ئىمام سۇيۇتىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. ھاكىم: ««ئەلمۇستەدرەك»»، (4890). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 3363) «سەھىھ» دېگەن.
16. ئەھمەد (2390). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
17. نەسائىي (2075). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 2373) «سەھىھ» دېگەن.
18. نەسائىي (1833). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3559) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسكە بىنائەن ئېيتىمىزكى، كافىرنىڭ روھى ئاسمانغا ئۆرلىيەلمەيدۇ، چۈنكى، ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئۇنىڭغا ئېچىلمايدۇ. ئۇ ئەڭ ئاستىنقى زېمىننىڭ ئىشىكلىرىدە بولىدۇ.
19. شەيخ سەئدىي: «تيسير الكريم الرحمن» ئاتلىق تەفسىر.
20. تىرمىزىي (2308)؛ ئىبنى ماجە (4267). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3461) «ھەسەن» دېگەن.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870).
22. مۇسلىم (2868). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەبر ئازابىنى ئاڭلىيالايدىغان قۇۋۋەت بەرگەچكە، ئۈممىتىگىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، قەبر ئازابىنى ئاڭلىتىشىغا دۇئا قىلىشنى ئويلىدى. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە پەيدا بولغان قورقۇنچ سەۋەبىدىن بىر – بىرىنى دەپنە قىلماي قېلىشىدىن قورقتى» دېگەنلىكتۇر.
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1377)؛ مۇسلىم (588).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1372)؛ مۇسلىم (903).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى: «ئەگەر سەن ئاسىي – گۇناھكار بەندە بولغان بولساڭ، دوزاختىكى بۇ ئورۇن ساڭا تەييارلانغان ئىدى. ئاللاھ بۇنى جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى» دېگەنلىكتۇر.
26. ئەبۇ داۋۇد (4753). ئالبانىي («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 4753) «سەھىھ» دېگەن.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (216)؛ مۇسلىم (292). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ قەبردىكى ئىككى كىشىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، خوﺭما ﺩﻩﺭىخىنىڭ ھۆل بىر شېخىنى ئېلىپ، ئۇنى ئىككى پارچە قىلدى ۋە ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت ۋە ياخشىلىق بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىر قەبرگە بىر پارچىنى سانجىپ قويدى» دېگەنلىكتۇر.
28. ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىدە ئوخشىمىغان قاراشتا. بىرقىسىم ئالىملار «شاپائەتنى تىلغا ئالغان ھەدىسكە ئاساسەن، بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس بىر ئىش ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى مەكرۇھ (ياكى بىدئەت ۋە ھەتتا ھارام) دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھۆل شاخلا تىلغا ئېلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتى قوشۇپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى بىر ۋەقەلىك بولماستىن، بەلكى ئايرىم – ئايرىم ۋەقەلىكلەردۇر. (قاراڭ: قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 154 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/320). ئەسھابلەردىن بۇرەيدە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە ئىككى تال خورما شېخىنى قويۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. (قاراڭ: «سەھىھۇلبۇخارىي»، «جىنازا ئەھكاملىرى» بۆلۈمى، «قەبرىگە خورمىنىڭ ھۆل شېخىنى سانجىپ قويۇش» بابى.) ئەبۇ بەرزە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ، تابىئىنلاردىن ئەبۇل ئالىيەمۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىلغان. (قاراڭ: سۇيۇتىي: «شرح الصدور بشرح حال الموتى والقبور»، 305 – بەت؛ ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» (8742). يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ۋە ساھابەنىڭ ئەتەي ۋەسىيەت قىلغانلىقىغا تايىنىپ، كۆپچىلىك ئالىملار گەرچە قانداق يەڭگىللىتىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار تەپسىلاتنى ئېنىق بېكىتەلمىگەن بولسىمۇ: «بۇ جىرىم ۋە گىياھلار قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتچە قەبر ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇڭا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ جىرىم تىكىش ياكى ھۆل شاخ سانجىپ قويۇش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئىش» دەپ قارىغان — ت.
29. ئەبۇ داۋۇد (3221). ئالبانىي («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 3221) «سەھىھ» دېگەن.
30. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870).
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6366)؛ مۇسلىم (586).
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870).
33. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1292)؛ مۇسلىم (927).
34. «مىشكاتۇلمەسابىھ»، (5/966).
35. بۇ ئادەمنىڭ ئازابلىنىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ «قۇرئان»نى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي ۋە ئەھكاملىرىغا، بۇيرۇقلىرىغا ئەگەشمەي تاشلىۋەتكەن كىشىدۇر ياكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ ۋە باش تارتىپ «قۇرئان»نى تىلاۋەت قىلماي تاشلاپ قويغان كىشىدۇر، ياكى «قۇرئان»غا قانائەت قىلمىغانلىقى ۋە ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى تاشلاپ قويغان كىشىدۇر. شۇنىڭدەك ئۇ بامدات نامىزى بولسۇن ياكى باشقا نامازلار بولسۇن، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماي ئۇخلايدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ جازاسى بولسا نامازغا ئېغىرلىق قىلغان، نامازغا ئويغىنىش ئۈچۈن ئاكتىپ بولمىغان ۋە ئۇيقۇنى ئارتۇق كۆرگەن، شۇنىڭدەك «قۇرئان»دىن ۋە «قۇرئان»غا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقان بۇ ئىنساننىڭ بېشىغا ئۇرۇشتۇر.
36. ئاغزى، بۇرنى ۋە كۆزى گەدىنىگىچە تىلىنىدىغان بۇ ئادەم يالغان گەپ قىلىپ، يالغان خەبەرلەرنى ئويدۇرۇپ، كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ ياكى سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى، ئېنتېرنېت، گېزىت – ژورنال ۋە تېلېفون دېگەندەك ئىجىتمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يالغان خەبەر بىردەمدىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «پالانى ماڭا مۇنداق دېگەن ياكى مۇنداق كۆرگەنىدىم، ياكى مۇنداق نەرسىنى پۇرىغانىدىم» دەپ ئويدۇرۇپ چىققان يالغان خەبىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قىيامەت كۈنى ئاغزى، بۇرنى ۋە كۆزى تىلىنىپ جازالىنىدۇ.
37. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7047)؛ مۇسلىم (2275).
38. ئەبۇ داۋۇد (4753). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 4753) «سەھىھ» دېگەن.
39. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىيمان»، (391). ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىف.
40. ھاكىم: ««ئەلمۇستەدرەك»»، (654). سۇيۇتىي: («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 5353) «سەھىھ» دېگەن.
41. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (216)؛ مۇسلىم (292).
42. ئەبۇ داۋۇد (4878). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2839) «سەھىھ» دېگەن.
43. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6707)؛ مۇسلىم (115).
44. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، (3286). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1005) «سەھىھ» دېگەن.
45. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (2630)؛ ئىبنى ھىببان: «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (5058). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3561) «سەھىھ» دېگەن.
46. ئەھمەد (27021)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (19762). سەنەدى ھەسەندۇر.
47. مۇسلىم (2722).
48. بۇخارىي (6390).
49. دوزاخ فىتنەسىدىن قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان فىتنەلەر كۆزدە تۇتۇلغان. يەنە ﴿دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ﴾(67/«مۇلك»: 8، 9) دېگەن ئايەتتىكى تاپا – تەنە، سوئال – سوراقلار كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى ئېھتىمال. قاراڭ: مۇبارەكفۇرىي: «مىرئاتۇلمەفاتىيھ»، 8/469 — ت.
50. بۇخارىي (6375).
51. مۇسلىم (963).
52. نەسائىي (2053). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 2052) «سەھىھ» دېگەن.
53. ئەبۇ داۋۇد (2500)؛ تىرمىزىي (1621). تىرمىزىي: «سەھىھ» دېگەن. يەنى مۇنكەر، نەكىر ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال – سوراق قىلىشىدىن ئەمىن بولىدۇ. «بۇ ئەمىن بولۇش قانداق بولىدۇ» دېگەنگە قارىتا بىر قاراشتا: «ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا پەقەت كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ چېگرا ساقلىغان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ساغلاملىقىغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر» دېيىلگەن. يەنە بىر قاراشتا: «ئىككى پەرىشتە ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن فىتنە ھاسىل بولمايدۇ» دېيىلگەن. قاراڭ: ئەزىم ئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 7/178 — ت.
54. مۇسلىم (1913).
55. نەسائىي (2052). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 2051) «سەھىھ» دېگەن.
56. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5733)؛ مۇسلىم (1914).
57. تىرمىزىي (2890). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 887) «زەئىف» دېگەن.
58. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، (10479). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1589) «ھەسەن» دېگەن.
59. نەسائىي (2055). ئالبانىي: («سەھىھۇننەسائىي»، 2054) «سەھىھ» دېگەن.
60. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4935)؛ مۇسلىم (2955).
61. مۇسلىم (1887).
62. نەسائىي (2075). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 2373) «سەھىھ» دېگەن.
63. ئەلەۋىي سەققاف: «كىتاب ۋە سۈننەتتە كەلگەن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى»، 223 – بەت. (قاراڭ: ئىمام تەبەرىي: «ئەتتەفسىر»، 2601 — ت.)
64. ئەبۇ داۋۇد (4700)؛ تىرمىزىي (3319). ئالبانىي: («شەرھۇتتاھاۋىيە»، 264) «سەھىھ» دېگەن.
65. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (1294)؛ مۇسلىم (103).
66. مۇسلىم (934).
67. بۇخارىي (6424).
68. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2697)؛ مۇسلىم (1718).
69. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق بولغان كۆپ مەسىلىلەردە مۇئەللىف مەلۇم بىر قاراشنى ياقلىغان. بۇ مەسىلىنى مىسالغا ئالساق، ئۆلىمالار قەبر بېشىدا «فاتىھە» ۋە «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشنىڭ ھۆكمىدە «مەكرۇھ» ۋە «جائىز» دېگەندەك قاراشلاردا بولغان. كۈچلۈك قاراشتا بۇ ئىش بىدئەت ياكى مەكرۇھ ئەمەس. شۇڭا، قەبر بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلسا بولىدۇ — ت.
70. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1864)؛ مۇسلىم (827).
71. ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىدە ئوخشىمىغان قاراشتا. كۆپچىلىك بۇنى مۇستەھەب دەپ قارىسا، بىرقىسىم ئالىملار «شاپائەتنى تىلغا ئالغان ھەدىسكە ئاساسەن، بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس بىر ئىش ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى مەكرۇھ (ياكى بىدئەت ۋە ھەتتا ھارام) دەپ قارىغان — ت.
72. ئەبۇ داۋۇد (4031)؛ ئەھمەد (5115). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.
73. مۇسلىم (969).
74. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2697)؛ مۇسلىم (1718).
75. كوللېكتىپ دۇئا قىلىشنى چەكلەش ئورۇنسىزدۇر. چۈنكى، ئەبۇ داۋۇد (3221) رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇرۇپ:
«قېرىندىشىڭلارغا مەغفىرەت تىلەڭلار! ئاللاھتىن ئۇنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ» دېگەن بولغاچقا، بىر كىشى دۇئا قىلسا، قالغانلار ئامىن دېسە ياكى كوللېكتىپ دۇئا قىلسا ياكى ھەركىم ئۆز ئالدىغا دۇئا قىلسا ھەدىستىكى كۆرسەتمىگە ئۇيغۇن بولىدۇ— ت.
76. تىرمىزىي (1078). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 1078) «سەھىھ» دېگەن.
77. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4497)؛ مۇسلىم (92).
78. ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىدە ئوخشىمىغان قاراشتا. كۆپچىلىك «قەبر بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇش دۇرۇس» دەپ قارىغان بولۇپ، پاسىل تام بولمىغان ئەھۋالدا «مەكرۇھ»، «جائىز» ۋە «ھارام» دېگەندەك قاراشلاردا بولغان. ئەمما، مۇئەللىف كەلتۈرگەن ھەدىس بولسا قەبرنىڭ ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، قەبرنىڭ ئۆزىگە چوقۇنۇش ئەھۋالىغا قارىتىلغاندۇر— ت.
79. مۇسلىم (532).
80. مۇسلىم (970).
81. مۇسلىم (969).