Ölümge_iman_éytish_we_ölümge_ teyyarliq_qilish

ئۆلۈمگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش

ئۆلۈمگە ئىمان ئېيتىش
كىمكى ئۆلۈم ھەققىدە تەپەككۇر قىلسا، ئۆلۈمنىڭ چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆرە تۇرغان، مېڭىۋاتقان ھەممە كىشىگە كېلىدىغان، بەندىلەرنى دۇنيا ھاياتىدىن ئېلىپ چىقىپ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.

كاشكى ئۆلۈم پەقەتلا يوق بولۇپ كېتىش، روھنىڭ بەدەندىن چىقىپ كېتىشى ۋە گۈزەل كېچە ۋە كۈندۈزلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشلا بولغان بولسىىچۇ!

گەپ ئۆلۈمنىڭ ئۆزىدە ئەمەس. ئۆلۈم بىر ئىشىك بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، لېكىن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۆلۈمدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلاردۇر. خۇددى ئاللاھ تائالا 54 – سۈرە قەمەرنىڭ 24 – ۋە 54 – ئايەتلىرىدە ئېيتقاندەك، بارىدىغان جاي جەننەتكە ياكى دوزاخقا بولىدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتتا بەندە دۇنيادا قانداق ياشىغان بولسا، ئاخىرقى ھاياتى شۇ بويىچە تامام قىلىنىدۇ، كىمكى ھاياتىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش، قىيامدا تۇرۇش، كۆپ سەدىقە بېرىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولسا، ئاخىرقى ھاياتى شۇ ئەمەللەر بىلەن تامام قىلىنىدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتىپ ياخشى ئىشلارنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھاياتى شۇ بويىچە تاماملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۆلۈم دېگەن نېمە؟

ئۆلۈم — ئىنسان، جىن ۋە ھايۋاناتلاردىن تارتىپ پۈتۈن مەخلۇقاتلار بىلىدىغان بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇزۇن شەرھلەشلەرگە موھتاج بولمايدۇ.

ئۆلۈم — قىسقارتىپ ئېيتقاندا، روھنىڭ بەدەندىن چىقىپ كېتىشىدۇر.

ئۆلۈپ كېتىش روھنىڭ يوق بولۇپ كېتىشى ئەمەس. روھ يوقالمايدۇ، بەلكى بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېئمەتكە سازاۋەر بولىدۇ ياكى ئازابقا دۇچار بولىدۇ، بۇ نېئمەت ۋە ئازاب بەزىدە روھنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، بەزىدە روھ ۋە بەدەننىڭ ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ.

ئۆلۈمگە ئىمان ئېيتىش — «پۈتۈن مەخلۇقاتلار چوقۇم ھالاك بولىدۇ، ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» دېگەن ئۇقۇملارغا ئىمان ئېيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(28/«قەسەس»: 88)، ﴿زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ. ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(55/«رەھمان»: 26، 27)، ﴿ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)﴾(3/«ئال ئىمران»: 185).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەنكى، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئاللاھ ئۆلمەيدۇ، جىنلار، ئىنسانلار (ھەممىسى) ئۆلىدۇ»(1) دەيتتى.

ئۆلۈم ئۇنىڭغا ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋەكىل قىلىنغاندۇر.

ئۆلۈم پەرىشتىسى كىم؟

مېھرىبان ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىدىن ھەربىر پەرىشتىنىڭ بىر ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى شۇ ۋەزىپىگە مۇئەككەل قىلغان. جىبرىل ۋەھيىگە، مىكائىل يامغۇرغا، ئىسراپىل سۇر پۈۋلەشكە مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە دېگەندەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يەنە تاغقا مۇئەككەل قىلىنغان ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ جېنىنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە (ئۆلۈم پەرىشتىسى) بار. ئۆلۈم پەرىشتىسىنى ئاللاھ تائالا مۇنداق تىلغا ئالغان: ﴿ئېيتقىنكى، سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(32/«‍سەجدە»: 11).

ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ياردەمچىلىرى بار بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان – ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 61).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «… ئاندىن ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ» دېگەن(2). ئۆلۈم پەرىشتىسى بىر جاننى ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش ۋاقتىدىن بۇرۇن قەبزى قىلمايدۇ، ھەربىر جان ئىگىسىنىڭ ۋاپات بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەت بار بولۇپ، ئۆلۈم پەرىشتىسى ئاشۇ مۇددەتتىن ئىلگىرى ياكى كېچىكىپ جاننى ئالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز﴾(3/«ئال ئىمران»: 145).

بۇ ئەجەل ئىنسانغا ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا پۈتۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەقىقەتەن ھەربىرىڭلار (نىڭ يارىتىلىدىغان ماددىسى) ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈندە جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇنداق ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە ئاشۇنداق بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ تۆت نەرسىنى پۈتۈشكە بۇيرۇلۇپ: ئۇنىڭ ئەمەلىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى ۋە ‹بەختلىك ياكى بەختسىز› دەپ پۈتكىن دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ»(3).

بىر كىشى ئۆزىنىڭ نەدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچكىم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى – يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچكىم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەبەرداردۇر﴾(31/«لۇقمان»: 34).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، ئاللاھ بىر بەندىنىڭ روھىنى مەلۇم بىر زېمىندا قەبزى قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ زېمىندا شۇ بەندىگە بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن(4).

بۇ رېئاللىقتا كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشتۇر. مەلۇم بىر يۇرتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يۇرتقا بېرىپ قېلىشنى خىيالمۇ قىلمىغان نۇرغۇن ئىنسانلار بار، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەزەلىي تەقدىرىدە ئۇ ئىنساننىڭ شۇ زېمىندا ۋاپات بولۇشىنى پۈتۈۋەتكەن بولسا، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن شۇ زېمىندا «داۋالىنىش، تىجارەت قىلىش ياكى خىزمەت قىلىش» دېگەندەك بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنساننى شۇ زېمىندا قەبزى قىلىدۇ.

ئۆلۈمنى ئەسلەش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «لەززەتلەرنى ئۈزگۈچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار» دېگەن(5). يەنە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «دۇنيادا سەن غېرىبتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلغىنىڭدا تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا كەچنى كۈتمىگىن. ساغلام ۋاقتىڭنى بىتاپ ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن، ھايات ۋاقتىڭنى مامات ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن»(6).

ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى يامان كۆرگەنلىك بولامدۇ؟

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ، — دېگەنىدى، مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشمۇ؟ بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنى يامان كۆرىمىز، — دېسەم، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنداق ئەمەس، مۇئمىنگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننىتى بىلەن بېشارەت بېرىلسە، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى بىلەن بېشارەت بېرىلسە، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ، — دېدى»(7).

 

رېئاللىق

كۆپ ئىنسانلار ئۆلۈمنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئاز ئىنسانلار ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىدۇ.

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش
بەندىگە ئۆلۈم ئۈچۈن ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ، بۇ ئۆلۈم شەك – شۈبھىسىز چوڭ – كىچىك ھەممىمىزگە كېلىدۇ، بەندىگە ھالىنى ياخشىلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرمەيدۇ.

ئۇنداقتا ئىنسان ئۆلۈمگە قانداق تەييارلىق قىلىدۇ؟

ئۆلۈمدىن كېيىن مەنپەئەت قىلىدىغان ئەمەللەر قايسىلار؟

 

گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئىنسان ئۈچۈن ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ھالىنىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىرئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلەرگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىڭلار. ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەبەرداردۇر﴾(63/«مۇنافىقۇن»: 10، 11).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەشتىن ئىلگىرى بەشنى غەنىيمەت بىلگىن: قېرىشىڭدىن ئىلگىرى ياشلىقىڭنى، كېسەل بولۇشىڭدىن ئىلگىرى ساقلىقىڭنى، كەمبەغەللىشىپ قېلىشىڭدىن ئىلگىرى باي ۋاقتىڭنى، ئالدىراش بولۇپ قېلىشىڭدىن ئىلگىرى بوش ۋاقتىڭنى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىڭدىن ئىلگىرى ھاياتلىقىڭنى غەنىيمەت بىلگىن» دېگەن(8).

ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر

بەندە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر: پەرزەنتلەرنىڭ سالىھلەردىن بولۇپ ئەھلى تۇغقانلىرىغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەش، مەنپەئەتلىك شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋەيەنە سەدىقە جارىيە بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ پەزىلەتلەرنى جەملەپ: «ئەگەر ئىنسان ۋاپات بولسا، ئۈچ ئىشتىن باشقا ئىشلاردا ئۇنىڭ ئەمەلى (ئەمەلنىڭ ساۋابى) ئۈزۈلىدۇ: سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ بالا» دېگەن(9).

مۇسۇلمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە جارىيەنىڭ جۈملىسىدىن يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدە كەلگەن تۆۋەندىكى بايانلار بار: «مۇئمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەمەلى ۋە ياخشى ئىشلىرىدىن ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدىغان ئىشلار: ئۆگەنگەن ۋە تارقاتقان (مەنپەئەتلىك) ئىلىم، تەربىيەلەپ قويغان سالىھ بالا، مىراس قالدۇرۇپ قويغان مۇسھەف (قۇرئان)، سېلىپ قويغان مەسجىد، مۇساپىرلار ئۈچۈن سېلىپ قويغان ئۆي، سۇ ئاقتۇرۇپ قويغان ئۆستەڭ ۋە ساۋابى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن تېنى ساغلام، ھايات ۋاقتىدا مال – دۇنياسىدىن چىقىرىپ قىلغان سەدىقە»(10).

ۋەسىيەتنامە يېزىش

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن يەنە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قويۇش بار بولۇپ، ئىنسان مېلىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىپ ۋەسىيەت قىلىپ قويۇشى سۈننەتتۇر. بەزى ئەسھابلەر مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى، يەنە بەزىلىرى تۆتتىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلغانىدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، ئاللاھ ئەمەلىڭلارنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن ۋاپات بولىدىغان چېغىڭلاردا مېلىڭلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى» دېگەن(11). يەنە: «قولىدا ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىرنەرسە بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ يېنىدا يېزىقلىق ۋەسىيىتى بولمىغان ھالدا ئىككى كېچە قونۇپ قېلىش ھەققى يوق» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدىن باشلاپ، يېنىمدا ۋەسىيەتنەمە يېزىلمىغان ھالەتتە بىر كېچە ئۆتۈپ باقمىدى» دېگەن(12).

ئۆلۈمنىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى

كىشىلەر بەدەندىكى روھنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ھەر خىل كۆزقاراشلاردا بولدى. ئۇ تىرىك، يەڭگىل بىرنەرسە بولۇپ، گۈلدە سۇ ماڭغاندەك، زەيتۇندا ياغ ماڭغاندەك بەدەندىكى ئەزالاردا ماڭىدۇ. روھ بىلەن تەن ياشايدۇ، روھ بىلەن نەپس بىرنەرسىدۇر، ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايى تەندۇر، ئەگەر روھ تەندىن ئايرىلسا، تەندىن ھاياتلىق ئايرىلغان بولىدۇ.

روھ مەخلۇقتۇر، لېكىن روھ تەننىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئۆلمەيدۇ. روھلارنىڭ ئۆلۈشى ئۇنىڭ تەنلەردىن ئايرىلىشى ۋە چىقىپ كېتىشىدۇر، لېكىن ئۇ يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەن يوقاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ مەۋجۇد بولىدۇ ۋە نېئمەتنىڭ ياكى ئازابنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

ھەقىقەت

كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ.

مېيىتكە ئالاقىدار ئەھكاملار
بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم – پەننىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تېبابەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مېيىتتە كۆرۈلىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدىغان ئالامەتلەر بەك ئېنىق بولۇپ كەتتى. بەزىدە ئىنسان دوختۇر ۋە تېببىي ئەسلىھەلەردىن يىراق بىر جايدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى ھوشىدىن كەتكەن كىشىدىن پەرقلەندۈرەلىشى ئۈچۈن، ئۆلۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.

ئۆلۈم ئۈچۈن شەرئىي ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىقھىي مەسىلىلەر بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەنلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى، مېيىتنى يۇيۇش ۋە كېپەنلەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش بەك مۇھىم.

ئۇنداقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟

مېيىتنى قانداق يۇيىمىز ۋە كېپەنلەيمىز؟

ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە دەپنە قىلىش قانداق بولىدۇ؟

 

ئۆلۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى

ئۆلۈپ كەتكەنلىكنىڭ بىرقانچە ئالامەتلىرى بار بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر روھ تەندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مېيىتتە كۆرۈلىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1) كۆزنىڭ چەكچىيىپ قېلىشى، كۆز يىراققا قارىغاندەك بىرنەرسىگە قاراپ قالىدۇ؛

2) بۇرۇننىڭ ئوڭ ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ قېلىشى؛

3) ئومۇمەن پۈتۈن بەدەننىڭ بوشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاستىنقى جاۋغاينىڭ بوشاپ كېتىشى؛

4) پۈتۈن بەدەننىڭ مۇزلاپ كېتىشى؛

5) يۈرەك سوقۇشنىڭ توختاپ قېلىشى.

بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بەزىسى بىر ئادەمدە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز.

 

جىنازىنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش

جىنازىنى تەييارلاشقا، قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىشقا ۋە مېيىتنى دەپنە قىلىشقا ئالدىراش سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مېيىت جىنازىغا سېلىنىپ، ئەرلەر ئۇنى مۈرىلىرىدە كۆتۈرگەندە، (ئەگەر) مېيىت سالىھ بولسا: ‹مېنى قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ساۋابىغا تېزراق ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ساۋابىغا تېزراق ئېلىپ بېرىڭلار!› دەيدۇ. ئەگەر ئۇ پاسىق بولسا: ‹ھالىمغا ۋاي! مېنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەر!؟› دەپ توۋلايدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسانلاردىن باشقا جىمى مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ، ناۋادا ئۇ (پەرياد)نى ئىنسانلار ئاڭلىيالىغان بولسا، ھوشىدىن كېتەتتى»(13). يەنە ئېيتتىكى: «جىنازىنى تېز ئېلىپ مېڭىڭلار! ئەگەر مېيىت ياخشى بەندە بولسا، ئۇنى ياخشى ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە تېز ئېلىپ بارىسىلەر؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىچە بولسا ياماندۇر، دولاڭلاردىكى يۈكتىن تېز قۇتۇلىسىلەر»(14).

مېيىتكە ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ

ئىنسان ھاياتىدا مال – دۇنيا يىغىش، ئائىلە – سەرەمجانلىرى، ياخشى ماشىنىلارنى سېتىۋېلىش ۋە كەڭرى ئازادە ئۆيلەرگە ئىگە بولۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئائىلىسى ۋە بالا – چاقىلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە يەنە ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، كۆپ ئەمەللەرنى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئەگەر ئادەم بالىسى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭغا ماشىنىسى، باشقا مال – دۇنيالىرى، قېرىنداشلىرى ۋە بالا – چاقىلىرىدىن ئىبارەت ئەھل – تۇغقانلىرى ۋەيەنە ياخشى – يامان ئەمەللىرى ئەگىشىدۇ. ئۇ دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى نەرسە ئارقىسىغا يېنىپ كېتىدۇ، بىرنەرسە بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە قەبرسىگە كىرىدۇ. شۇنداق، ئۇنىڭدىن ئەھلى، دوستلىرى، مال – دۇنيالىرى ۋە ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى كەينىگە يېنىپ كېتىدۇ، ئەمەللىرى بولسا كەينىگە يانماي ئۇنىڭ بىلەن قەبرسىگە بىللە كىرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مېيىتكە ئۈچ نەرسە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىككىسى قايتىپ كېتىپ، بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالىدۇ، ئۇنىڭغا ئائىلە – تاۋابىئاتى، مال – مۈلكى ۋە ئەمەللىرى ئەگىشىپ مېڭىپ، ئائىلە – تاۋابىئاتى بىلەن مال – مۈلكى قايتىپ كېتىپ، ئەمەللىرى قالىدۇ»(15).

ئىنسان ئۇنىڭ روھىنىڭ تېنىدىن ئايرىلىشى بىلەنلا دۇنيا ھاياتىدىن بەرزەخ ھاياتىغا يۆتكىلىدۇ.

بەرزەخ ھاياتى دېگەن نېمە؟ قەبردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.

 

ئەجەبلەنگىن!!

بىز دۇنيادا قەبردە بىز بىلەن تۇرماي ئارقىسىغا يېنىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىمىزيۇ، قەبرگە بىز بىلەن كىرىدىغان نەرسىگە سەل قارايمىز.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7383)؛ مۇسلىم (2717).
2. ئەھمەد (18557). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3208)؛ مۇسلىم (2643).
4. ئەھمەد (15578). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
5. ئەھمەد (2995). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن.
6. بۇخارىي (6416).
7. مۇسلىم (2684).
8. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (7846). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3355) «سەھىھ» دېگەن.
9. مۇسلىم (1631).
10. ئىبنى ماجە (242). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 200) «ھەسەن» دېگەن.
11. ئىبنى ماجە (2709). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 2207) «ھەسەن» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2738)؛ مۇسلىم (1627).
13. بۇخارىي (1380).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1315)؛ مۇسلىم (944).
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6514)؛ مۇسلىم (2960).

Please follow and like us: