Chong_we_kichik_qiyamet

چوڭ ۋە كىچىك قىيامەت

قىيامەت

«قىيامەت» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىككى نەرسىگە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بىرسى بىز كۆز ئالدىمىزدا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان (ئۆلۈمدىن ئىبارەت) قىيامەت. يەنە بىرسى بىرلا قېتىم يۈز بېرىدىغان قىيامەت بولۇپ، پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۇ كۈندىن قورقىدۇ. ئۇنداقتا قىيامەت — كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەت دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

كىچىك قىيامەت

بۇ خاس قىيامەت بولۇپ، ئەگەر بىر بەندە ۋاپات بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت بولغان بولىدۇ. مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك: «ئۇلار ‹قىيامەت، قىيامەت› دېيىشىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىنىڭ قىيامىتى ئۇنىڭ ئۆلۈشىدۇر»(1).

«كىچىك قىيامەت» دېگەن بۇ سۆز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستىمۇ زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ دېگەنكى: «بىرمۇنچە قوپال ئەئرابىيلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇ زاتتىن قىيامەت توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىگە قاراپ: ‹بۇ (بالا) ياشاپ قالسا، قىيامىتىڭلار قايىم بولمىغۇچە ئۇنىڭغا قېرىلىق يەتمەيدۇ› دېدى»(2). يەنى «بۇ بالا چوڭ بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئۆلۈم كېلىدۇ، بۇ بالا ھەممىڭلارنىڭ ئاخىرىدا ئۆلىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

چوڭ قىيامەت

بۇ ئومۇمىي قىيامەت بولۇپ، بۇ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى بىلەن زېمىن ئۈستىدىكى ھاياتلىق پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالا خالايىقلارنى جازا، ھېساب، جەننەت ۋە دوزاخ ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرنى بەرپا قىلدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خاھلىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ﴾(80/«ئەبەسە»: 21، 22) دېگەن سۆزىدە كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنى تىلغا ئالغان.

پىچىرلىما

كىمكى كىچىك قىيامەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلسا، ئۇنىڭغا چوڭ قىيامەت ئاسان بولىدۇ.

كىچىك قىيامەت
كىچىك قىيامەت — ئۆلۈمدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ روھنىڭ تەندىن ئايرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن مەخلۇقاتلار بۇ قىيامەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆپ ئەھۋاللىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەكرات ھالەتتە قىلغان نەسىھەتلىرى بار.

ئۇنداقتا كىچىك قىيامەت (ئۆلۈم) يۈز بەرگەندە، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋاللىرى قانداق بولىدۇ؟

سەكرات ھالەتلىرىگە ئالاقىدار قىسسەلەر

ئاخىرقى ھالىتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟

روھنىڭ ھەقىقىتى نېمە؟

ئۇ شەك – شۈبھىسىز ئۆلۈمدۇر
زىكىر قىلىنىشىچە، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قەدىر – قىممىتى ناھايىتى ئۈستۈن بىر ۋەزىر بولغانىكەن. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ۋەزىر بوپتۇ.

بىر كۈنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام چاشگاھ ۋاقتىدا تەختىدە ئولتۇرغانىكەن. يېنىدا بۇ ۋەزىرمۇ بار ئىكەن. تۇيۇقسىز بىر كىشى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام قىپتۇ ۋە سۆزلىشىشكە باشلاپتۇ. سۆزى جەريانىدا بۇ ۋەزىرگە شۇنداق بىر قاراپ قويۇپتۇ. ۋەزىر بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىپتۇ. بۇ كىشى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋەزىر ئورنىدىن تۇرۇپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدىن سوراپتۇ:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھۇزۇرلىرىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ كىشى كىم؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى مېنى قورقۇتۇۋەتتى.

— بۇ ئۆلۈم پەرىشتىسى بولۇپ، ئەر كىشىنىڭ سىياقىدا مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كىردى.

ۋەزىر بۇ گەپتىن چۆچۈپ كېتىپ يىغلاپتۇ ۋە:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىدىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، شامالغا بۇيرۇق قىلسىلا، مېنى ئەڭ يىراق جايغا، ھىندىستانغا ئاپىرىۋەتسۇن، — دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام شامالغا بۇيرۇق قىپتىكەن، بۇ ۋەزىرنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئۆلۈم پەرىشتىسى يەنە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئاۋۋالقى قېتىمقىدەك سالام قىپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەپتۇ:

— سەن تۈنۈگۈن ھەمراھىمنى قورقۇتۇۋەتتىڭ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆتكۈر نەزەرىڭ بىلەن قارىغان ئىدىڭ؟

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ھۇزۇرۇڭغا چاشگاھ ۋاقتىدا كىردىم. ھالبۇكى ئاللاھ چۈشتىن كېيىن ھىندىستاندا ئۇنىڭ روھىنى قەبزى قىلىشىمغا بۇيرۇغان ئىدى، ئۇنىڭ سېنىڭ يېنىڭدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلەندىم.

— قانداق قىلدىڭ؟

— ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى قەبزى قىلىشىمغا بۇيرۇغان جايغا باردىم، ئۇنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئاندىن ئۇنىڭ روھىنى قەبزى قىلدىم(3).

ئۆلۈم پەرىشتىسى شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ.

شۇنداق، بۇ ئۆلۈم ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئېلان قىلغان، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەڭ چوڭ جەڭدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ، دېگىن﴾(62/«جۇمۇئە»: 8) دېگەن.

دېمەك، پادىشاھلار، ئەمىرلەر، ۋەزىرلەر، شەرەپلىكلەر، ئادەتتىكى ئىنسانلار، بايلار، كەمبەغەللەر، ھەتتاكى پەرىشتىلەر، جىن – شەيتانلار، ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلاھىي ئاقىۋەتنىڭ ئالدىدا ئاجىزدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلەردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»﴾(3/«ئال ئىمران»: 168)، ﴿قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 78).

قېنى ئۇ قوشۇنلار، پادىشاھلىق، يۈز – ئابرۇي!

قېنى ئۇ كىسرالار، قەيسەرلەر!

قېنى ئۇ داھىيلار، تىجارەتچىلەر ۋە تېخى دوختۇرلار!

ھەممىگە قاچالماس بىر ئۆلۈم كەلدى،

ھۆكمىنى كەستى، يوقتەكلا بولدى.

ئىگە بولغان، بولۇنغان يوقاپلا كەتتى،

بىر بارمىش، بىر يوقمىش دېگەندەك بولدى.

باشلىنىش

ئۆلۈم ئۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىدۇر.

سەكرات ھالىتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى
سەكرات ۋە روھنىڭ بەدەندىن چىقىش ھالىتى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاجايىب بىر مۇقەررەرلىكتۇر. بولمىسا، ئۆلۈم كەدەرىدىن سۈزۈك بولغان ھايات بارمۇ؟ ئۆلۈم پۇتلىمىغان قەدەم بارمۇ؟ ئۇ ئابا – ئەجدادلارنى ئېلىپ كەتمىدىمۇ؟ مەھبۇبلارنى تارتىۋالمىدىمۇ؟ سۆيگۈ رىشتىلىرىنى ئۈزۈۋەتمىدىمۇ؟ ئاياللارنى تۇل، سەبىيلەرنى يېتىم قىلمىدىمۇ؟

روھ بەدەندىن چىققان ۋاقىتتا ھەربىر ئىنساندا ھەر خىل ھالەتلەر بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەججەتۇلۋەدائدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كېسىلى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىشقا باشلىدى. ئۇ زات ھەربىر سۆزى ۋە ھەربىر قاراشلىرىدا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزىتمىسى ئۆرلەپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، كىشىلەر بىلەن خوشلىشىشنى ئويلاپ بېشىنى تاڭدى، ئاندىن فەزل ئىبنى ئابباسنى كىشىلەرنى مەسجىدكە يىغىشقا بۇيرۇدى. فەزل كىشىلەرنى يىغقاندىن كېيىن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا يۆلىنىپ مېڭىپ كېلىپ، مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئى ئىنسانلار! مېنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن كېتىدىغان ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالدى، (بۇنىڭدىن كېيىن) بۇ ئورۇندا مېنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسىلەر. بىرەرىڭلارنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قالغان بولسام، مانا بۇ مېنىڭ دۈمبەمدۇر، قىساسىنى ئېلىۋالسۇن. بىرەرىڭلارنى تىللاپ يۈز – ئابرۇيىغا تەگكەن بولسام، مانا بۇ مېنىڭ يۈز – ئابرۇيۇمدۇر، قىساسىنى ئېلىۋالسۇن. ھېچبىر كىشى مېنى بېخىللىقتىن قورقىدۇ دەپ قالمىسۇن. ئاگاھ بولۇڭلاركى، بېخىللىق مېنىڭ شەنىم ۋە ئەخلاقىم ئەمەس. سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنىڭلار مەندە ھەققى بولسا، مەندىن ھەققىنى ئېلىپ مېنى گۇناھتىن خالاس قىلغان كىشىدۇر، شۇندىلا مەن ئۈستۈمدە بىرسىنىڭ ھەققى قالمىغان ھالدا ئاللاھقا ئۇچرىشىمەن». ئۇنىڭدىن كېيىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردىن چۈشۈپ، مۇبارەك ئۆيىگە كىرىپ كەتتى(4).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسىلى

قىزىتما بۇ مۇبارەك زاتنىڭ بەدىنىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ چىقىپ، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى ئويلاپ تۇردى. بىر جۈمە كۈنى قىزىتمىسى بەك ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەسھابلىرى بىلەن نامازشامنى ئوقۇدى، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ ئۆيىدىكىلىرى سېلىپ بەرگەن كۆرپىگە چىقىپ ياتتى، قىزىتما پاك بەدىنىنى قىيناپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆرپىدە ئۇزۇن يېتىپ قالدى. جامائەت خۇپتەن نامىزىغا يىغىلدى ۋە ئىمامى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن، ئۇ زاتنى ساقلاشقا باشلىدى. ھالبۇكى ئۇ زات كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرالماي ئۇلارنىڭ يېنىغا بالدۇر چىقالماي قالدى.

بەزىلەر:

— ناماز! ناماز! — دەپ توۋلاشقا باشلىدى. ئۇ زات ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئەتراپىدىكىلەرگە قارىدى ۋە:

— جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار سىلىنى ساقلاۋاتىدۇ، — دېدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدىنىنىڭ ھارارىتىنىڭ ئۆرە تۇرۇشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

— چوڭ بىر قاچىدا سۇ ئەكىلىپ، ئۈستۈمدىن قۇيۇڭلار، — دېدى. ئۇلار چوڭ قاچىدا سوغۇق سۇ ئەكىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن قۇيدى. ئۇ زات بەدىنى سوۋۇپ، بىرئاز ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئەسھابلىرىگە:

— بولدى، كۇپايە، — دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ قۇيۇشنى توختاتتى. ئاندىن ئۇ زات ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قولىغا تايانغان ئىدى، ھوشىدىن كەتتى. بىرئازدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن (ئەتراپىدىكىلەردىن):

— جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار سىلىنى ساقلاۋاتىدۇ.

— ماڭا چوڭ قاچىدا سۇ ئەكىلىڭلار.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇيۇندى، ئەسھابلىرى ئۈستىدىن سۇ قۇيۇپ بەردى. بەدىنىدە بىرئاز ياخشىلىنىش ھېس قىلغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى، يەنە ھوشىدىن كەتتى. بىرئازدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، تۇنجى بولۇپ يەنە:

— جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار سىلىنى ساقلاۋاتىدۇ.

— ماڭا چوڭ قاچىدا سۇ ئەكىلىڭلار.

ئۇلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۈستىدىن قۇيۇشقا باشلىدى. خېلى كۆپ سۇ قۇيغاندىن كېيىن، ئۇ زات قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، سۇ قۇيۇشنى توختاتتى. ئاندىن ماغدۇرى قالمىغان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى، يەنە ھوشىدىن كەتتى. ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى قەلبلىرى ئۆرتەنگەن، كۆزلىرى ياش تۆككەن ھالدا پەيغەمبىرىمىزگە قاراپ تۇراتتى. مەسجىدتىكى جامائەت بولسا ئۇزۇندىن بۇيان تەكبىر ئېيتىشىغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىپ، رۇكۇ، سەجدىلەرنى بىللە قىلىپ ناماز ئوقۇپ كەلگەن بۇ ئىمامىنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ مەسجىدتە ئولتۇرۇۋاتقانىدى. ئۇ زات ھوشىدىن كېتىپ، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ھوشىغا كەلدى ۋە:

— جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟ — دېدى.

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار سىلىنى ساقلاۋاتىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدىنىگە قاراپ ئويلاندى، بۇ ۋاقىتتا قىزىتما بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.

شۇنداق، كېسەل دىنغا ياردەم بەرگەن ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بۇ مۇبارەك بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇ شۇنداق بەدەنكى، ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ۋە ھاياتلىقنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرگەن، كېچىلىرى ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقتىن پۇتلىرى قاپىرىپ كەتكەن، مېھرىبان ئاللاھتىن قورقۇپ كۆزلىرى ياش تۆككەن، ئاللاھ يولىدا ئازاب چەككەن، ئاچ قالغان ۋە جىھاد قىلغان بىر بەدەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ بۇ ھالىنى ۋە كېسەلنىڭ بەدىنىگە چىرمىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەرگە بۇرۇلۇپ:

— ئەبۇبەكرىنى بۇيرۇڭلار، ئۇ جامائەتكە ناماﺯ ئوقۇﭖ بەﺭسۇﻥ! — دېدى(5).

شۇنىڭ بىلەن بىلال نامازغا تەكبىر ئېيتتى، ئەبۇبەكرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھرابىغا ئۆتۈپ، ئىمام بولۇپ جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بەردى. ئۇنىڭ غەمكىنلىكى ۋە قاتتىق يىغلىغانلىقى سەۋەبىدىن جامائەت قىرائىتىنى ئاڭلىيالماي قېلىشقا تاس قالدى. شۇنداقتىمۇ خۇپتەن نامىزى ئوقۇلۇپ بولدى.

بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغاندا، جامائەت مەسجىدكە يىغىلدى. ئەبۇبەكرى يەنە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نامازلارنىڭ ھەممىسىدە بىرقانچە كۈن ئەبۇبەكرى ئىمام بولۇپ جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بەردى، بۇ چاغدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرپىسىدە يېتىۋاتاتتى.

جامائەت نامىزى

دۈشەنبە كۈنى پېشىن ياكى ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدىنىدە بىرئاز ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئابباس ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى چاقىردى، بۇ ئىككىيلەن ئۇ زاتنى ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن يۆلىدى. ئۇ زات ئىككى پۇتىدا يەرنى جىجىپ، بۇ ئىككى ساھابەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭدى ۋە ئۆيى بىلەن مەسجىدنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى ئاچتى. بۇ چاغدا نامازغا تەكبىر ئېيتىلىپ بولغان، جامائەت ناماز ئوقۇۋاتقان ئىدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنىڭ سەپ – سەپ بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا قارىدى. بۇ ئەسھابلەر بولسا مۇبارەك يۈزلەر ۋە پاك بەدەنلەرنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇ زات بىلەن ناھايىتى كۆپ بىللە ناماز ئوقۇغان، بىللە جىھاد قىلغان ۋە ھەمسۆھبەت بولۇشقان ئىدى. كېچىلىرى بىللە قىيامدا تۇرغان ۋە كۈندۈزلىرى بىللە روزا تۇتۇشقان ئىدى. بالا – قازالارغا بىللە سەۋر قىلىشقان ۋە ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىشقان ئىدى. شۇنداقلا دىنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئائىلە – تاۋابىئاتىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىدىن ۋە يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى. ھالا بۈگۈن بولسا ئۇ زات ئۇلاردىن ئايرىلىپ، ئاخىرەت دىيارىغا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ نامازدىكى ھالىتىنى كۆرۈپ زوقلاندى ۋە يۈزى ئاينىڭ بىر پارچىسىدەك نۇرلۇق تەبەسسۇم قىلدى. ئاندىن پەردىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، كۆرپىسىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۆلۈم پەرىشتىسى ئەڭ پاك ۋە پاكىز يارىتىلغان بۇ روھنى قەبزى قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشتى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆلۈم سەكراتى

ئۆلۈمنىڭ سەكراتلىرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سەكراتتىكى ھالىتىدە كۆردۈم. ئۇ زاتنىڭ يېنىدا بىر قەدەھ سۇ بار ئىدى، قولىنى قەدەھكە كىرگۈزدى. ئاندىن يۈزىنى شۇ سۇ بىلەن سىلىدى ۋە:

— بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنىڭ قىيىن سەكراتلىرى بار، — دېدى(6).

— كۆڭۈلنى ئەزدىلىغۇ دادا! — دەپ يىغلاشقا باشلىدى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا.

ــ دادىڭىزغا بۈگۈندىن كېيىن قىيىنچىلىق بولمايدۇ، ــ دېدى(7) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قاراپ. مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۈزىنى سىلاشقا ۋە شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ زات:

— بولدى قىلىڭ، ئاللاھتىن جىبرىل، مىكائىل ۋە ئىسرافىللار بىلەن بىللە بولىدىغان رەفىيقۇلئەئلا (يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە بولۇش) نى سورايمەن، — دېدى»(8).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زاتنىڭ نەپسى قىيىنلىشىپ ئۆلۈمنىڭ سەكراتلىرى ئېغىرلاشقان چاغدا، ئۆزى ئۈچۈن دۇنيادىن خوشلىشىۋاتقانلىققا دالالەت قىلىدىغان، ئۈممەتلىرى ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان ۋە شىركتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى: «ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار ئەنبىيائلىرىنىڭ قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالدى»(9)، «ئەنبىيائلىرىنىڭ  قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىپى قاتتىق بولدى»(10).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دېگەن سۆزلىرىنىڭ جۈملىسىدىن: «ناماز، نامازنى قولدىن بەرمەڭلار ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار»(11) دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

شۇنداق، ئەنبىيائلەرنىڭ سەييىدى، تەقۋادارلارنىڭ يولباشچىسى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دوستى بولغان بۇ زات ھېچبىر كىشى «مېنىڭ ھەققىم بارتى» دەپ ھەق تەلەپ قىلمىغان، ھېچبىر كىشىگە بىرەر ئېغىز سۆز بىلەنمۇ ئەزىيەت بەرمىگەن، ھارام ماللار بىلەن، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەت قىلىش بىلەن ئۆزىنى بۇلغىمىغان، بەلكى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان، رەببىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان، باشقىلارنى ناماز ئوقۇشقا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتىن، بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسقان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ زاتنى سۈپەتلەپ ئېيتتىكى: ﴿(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر)﴾(9/«تەۋبە»: 128).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرۈش ئۈچۈن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يۆتكىلەيلى، بۇ بولسا دىنغا ياردەم بەرگەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە مەجۇسىيلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرگەن زاتتۇر.

بۇ زاتقا كافىرلار ھەسەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھەسەت قىلغىنى ئەبۇلۇئلۇئە ئىسىملىك بىر مەجۇسىي بولۇپ، ئۇ مەدىنەدە تۆمۈرچىلىك ۋە ياغاچچىلىق قىلىدىغان بىر قۇل ئىدى ۋە تۈگمەن ياسايتتى.

بۇ كافىر قۇل ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ يۈردى. بىر كۈنى ئۆمەر ئۇنىڭغا يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ:

— ئاڭلىسام، سەن «ئەگەر خاھلىسام، شامال بىلەن ئايلىنىدىغان تۈگمەن ياسايمەن» دەپسەن! — دېگەنىدى، ئۇ قۇل:

— سەن ئۈچۈن شۇنداق بىر تۈگمەن ياسايمەنكى، بۇ تۈگمەن مەشرىق بىلەن مەغرىب ئەھلىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ، — دېدى.

— بۇ قۇل مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى.

ئۆمەر ھەمراھلىرىغا قاراپ شۇنداق دېدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ قۇل كېتىپ، ئىككى بىسلىق تۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر خەنجەر ياسىدى. بۇ خەنجەرنىڭ بۇ تەرىپىنى تىقسىمۇ، ئۇ تەرىپىنى تىقسىمۇ ئوخشاشلا مەقسەتكە يەتكىلى بولاتتى ۋە بۇ خەنجەرنى بىر ئادەمگە تىققاندا خەنجەرنىڭ كۈچى بىلەن ياكى زەھەرنىڭ كۈچى بىلەن ئۆلتۈرەلەيدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى زەھەر بىلەن سۇغاردى.

ئاندىن بىر كۈنى قاپقاراڭغۇ كېچىدە ئۆيىدىن چىقىپ، مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۆمەرنى پايلاپ تۇردى. تاكى ئۆمەر جامائەتنى بامدات نامىزىغا ئويغىتىش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرگەنگە قەدەر بۇ يەردە تۇردى. بامدات نامىزىغا تەكبىر ئېيتىلدى ۋە ئۆمەر جامائەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ نامازغا قۇلاق قاقتى. بۇ زات قىرائەتنى باشلىغاندا، بۇ مەجۇسىي قۇل ئۇنىڭغا ئېتىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئۈچ يېرىگە خەنجەر تىقىۋەتتى، بىرىنچىسى كۆكرىكىگە، ئىككىنچىسى يان تەرىپىگە، ئۈچىنچىسى كىندىكىنىڭ ئاستىغا تىقىلغان ئىدى.

ئۆمەر ۋارقىرىدى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 38) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇغان ھالدا يەرگە يىقىلدى.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف جامائەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇپ بەردى. ئەمما، قۇل بولسا پىچىقىنى تۇتقان پېتى ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سەپلىرىنى يېرىپ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى مۇسۇلمانلارغا تىقىپ، ئۇچقاندەك چىقىپ كېتىۋاتاتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئون ئۈچ كىشىگە خەنجەر تىقتى، ئۇلاردىن يەتتىسى شېھىد بولدى، ئاندىن خەنجىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا توختىدى. ئۇنىڭغا بىرەرسى يېقىنلاشسىلا خەنجەر تىقاتتى، بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قېلىن بىر توننى تاشلىغان ئىدى، ئۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىگىمۇ خەنجەر تىقتى – دە، قانلىرى ئېتىلىپ چىققان ھالدا ئۆلدى.

ئۆمەر ھوشسىز ھالەتتە ئۆيىگە ئېلىپ مېڭىلدى، جامائەتمۇ يىغلاشقان ھالدا بىللە ماڭدى، ئۇ تاكى كۈن چىقىشقا ئاز قالغانغا قەدەر ھوشسىز ياتتى.

جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىگە قارىدى ۋە تۇنجى سۆزى:

— جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟ — بولدى.

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شۇنداق جامائەت ناماز ئوقۇپ بولدى.

ــ ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇن، نامازنى تەرك ئەتكەن ئادەمنىڭ ئىسلامى بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇ ئەكەلدۈرۈپ تاھارەت ئالدى ۋە ناماز ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى، تۇرالمىدى، ئاندىن ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يۆلەندى. ئوغلى ئۇنى ئارقىسىدا ئولتۇرغۇزدى، ئۇنىڭ يارىلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بارماقلىرىمنى قويغان ئىدىم، يارىنى ئېتەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن يارىسىنى سەللىلەر بىلەن تاڭدۇق. ئۆمەر بامدات نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن:

— ئى ئىبنى ئابباس! مېنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا قارىغىن؟ — دېگەنىدى، ئىبنى ئابباس:

— سىلىگە بىر مەجۇسىي قۇل خەنجەر تىقتى، ئاندىن يەنە بىرمۇنچە جامائەتلەرگە تىقتى، ئاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، — دېدى.

ــ ماڭا خەنجەر تىققان قاتىلنى دەرگاھىدا ماڭا ھۆججەت قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بىر قېتىممۇ سەجدە قىلىۋېلىشقا نېسىپ قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن».

ئاندىن تېۋىپ ئۆمەرنىڭ يارىسىنى كۆرۈپ، خەنجەرنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيلىرىگە يەتكەن ۋە يەتمىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىردى ۋە خورما ئارىلاشتۇرۇلغان سۇنى ئىچۈرگەن ئىدى، سۇ قورسىقىنىڭ ئاستىدىكى يارىسىدىن چىقىپ كەتتى. تېۋىپ «بۇ چىققان سۇ قان ۋە يىرىڭكەن» دەپ بىلدى. ئاندىن بىر قاچا سۈت ئەكەلدۈرۈپ ئىچۈرگەن ئىدى، سۈتمۇ كىندىكىنىڭ ئاستىدىكى يارىسىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا تېۋىپ «خەنجەر ئۇنىڭ بەدىنىنى تىتىۋېتىپتۇ، قورسىقى ھەرگىزمۇ يېمەك ۋە سۇنى كۆتۈرەلمەيدىكەن» دەپ بىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ۋەسىيەت قىلسىلا، سىلى بۈگۈن ياكى ئەتە ۋاپات بولۇپ كېتىشلىرى مۇمكىن.

— راست ئېيتتىڭ، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا بىر گەپنى قىلغان بولساڭ، سېنى يالغان ئېيتتى دېگەن بولاتتىم، — دېدى ئۆمەر ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ھالدا تولۇق ئىشەنچىسى بىلەن. ئاندىن:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋە بولغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرغان چاغدىكى قورقۇنچنىڭ بەدىلىگە فىدىيە قىلىۋەتكەن بولاتتىم، — دېدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەدھىيەلىگەنلىكى

ئىبنى ئابباس ئۆمەرنىڭ كەمتەرلىك بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابقا قىزىقىپ ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ سىلىگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، مۇسۇلمانلار مەككەدە قورققان چاغدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ سىلى ئارقىلىق دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلىشىغا دۇئا قىلغان ئەمەسمىدى؟! سىلى مۇسۇلمان بولغان چاغدا، مۇسۇلمان بولغانلىقلىرى ئىززەت بولدى ۋە سىلىنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن ئىسلام ئاشكارا بولدى، سىلى ھىجرەت قىلغاندا ھىجرەتلىرى غەلىبە بولدى، يەنە كېلىپ سىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشرىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن قېلىپ قالمىدىلا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلىدىن رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىنكى خەلىفەگە ۋەزىر بولدىلا، ئۇمۇ سىلىدىن رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئاندىن خەلىفە بولدىلا، ئاللاھ سىلى ئارقىلىق شەھەرلەرنى ئاۋات قىلدى، ماللارنى يىغدى ۋە دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى، ئاندىن سىلىگە شېھىدلىكنى نېسىپ قىلدى، سىلىگە مۇبارەك بولسۇن.

— مېنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، — دېدى ئۆمەر ئىبنى ئابباس سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ۋە:

— سۆزۈڭنى قايتا دېگىن، — دېدى ئولتۇرۇپ بولۇپ.

ئىبنى ئابباس سۆزىنى قايتا دېگەندىن كېيىن:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەغرۇر كىشى سىلەر مەغرۇرلاندۇرغان كىشىدۇر، — دېدى.

ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئابباسقا قارىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمىنى ۋە تەقۋالىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

— سەن ئاللاھقا ئۇچراشقان كۈنى دەرگاھىدا مەن ئۈچۈن شۇنداق گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟

— ھەئە.

— ئى ئاللاھ! ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر.

ھەزرىتى ئۆمەر خۇشال بولۇپ شۇنداق دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر كېلىپ ئۆمەرگە مەدھىيە ئوقۇشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا باشلىدى(12).

ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى نەسىھىتى

بىر يىگىت ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھنىڭ بېشارىتى بىلەن خۇش بېشارەت ئالغايلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولۇش بىلەن ئىسلامىيەتكە كۆرسەتكەن نۇرغۇن تۆھپىلىرى ئۆزلىرىگە ئايان، ئاندىن كېيىن خەلىفە قىلىنىپ، ئادىللىق بىلەن باشقۇردىلا، ئاندىن مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن شېھىدلىككە ئېرىشتىلە، — دېگەنىدى، ئۆمەر:

— ئى جىيەنىم! ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ زىيىنىمغىمۇ، پايدامغىمۇ بولماستىن گۇناھىمغا ئۇدۇل بولۇپ كەتسىلا، ئالمىغان بەرمىگەن بولۇپ، قۇتۇلغان بولسام، كاشكى! — دېدى. ئۇ يىگىت قايتىۋىدى، ئۇنىڭ ئىزارىنىڭ يەرگە تېگىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

— ماۋۇ بالىنى قايتۇرۇپ كېلىڭلار، — دەپ بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا:

— ئى جىيەنىم! كىيىمىڭنى كۆتۈرۈۋالغىن، كىيىمىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن چىدايدۇ ھەم پەرۋەردىگارىڭغا تەقۋادارلىق قىلىشقا يېقىن بولىدۇ، — دەپ نەسىھەت قىلدى(13).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەرنىڭ ئاغرىقى ئاۋۇپ ھوشىدىن كېتىشكە باشلىدى. (بۇ ھەقتە) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەيدۇكى: «دادام ھوشىدىن كەتتى، بېشىنى تۇتۇپ قۇچىقىمغا قويدۇم. بىرئازدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ:

— بېشىمنى يەرگە قويغىن، — دېدى. كېيىن ھوشىدىن كېتىپ، بېشى مېنىڭ قۇچىقىمدىكى ھالەتتە يەنە ھوشىغا كەلدى ۋە مۇنداق دېدى:

— بېشىمنى يەرگە قويغىن.

— ئى دادا! قۇچىقىم بىلەن يەر ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

— يۈزۈمنى توپىغا قويغىن، شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ ماڭا رەھىم قىلىشى مۇمكىن، جان ئۈزگىنىمدىن كېيىن مېنى دەرھال يەرلىكىمگە قويۇڭلار! چۈنكى، ئەگەر خەيرلىك بولۇپ قالسا، مېنى ئۇنىڭغا ئاپارغان بولىسىلەر، ئەگەر يامانلىق بولۇپ قالسا، ئۇنى گەدىنىڭلاردىن تېز ئېلىۋەتكەن بولىسىلەر».

ئاندىن يەنە مۇنداق دېدى:

— ئەگەر ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنماي قالسا، ئۆمەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىغىمۇ ۋاي! (ئانىسى ئۇنى تۇغقانلىقى ئۈچۈن دېمەكچى)(14).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەرنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى ۋە قاتتىق سەكرات ئازابى تارتىپ جان ئۈزدى. مۇسۇلمانلار ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئەبۇبەكرىدىن ئىبارەت ئىككى ھەمراھىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.

شۇنداق ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆلدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدەكلەر ئۆلمىدى. ئۇ ياخشى ئەمەللەرگە ۋە كاتتا دەرىجىلەرگە نائىل بولدى. ئۇنىڭغا قەبرسىدە «قۇرئان» ئوقۇغانلىقى ۋە مېھرىبان ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغانلىقلىرى ھەمراھ بولىدۇ، ئوقۇغان نامازلىرى ئۈلپەت بولىدۇ، قىلغان جىھادلىرى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دۇنيادا ئۇ ئاز چارچىمىدى، لېكىن ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئارام ئالدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابەنىڭ قاتارىدىن ساناپ دېدىكى: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدىكى چېغىمىزدا ئۇ زات:

— چۈشۈمدە ئۆزۈمنى جەننەتتە كۆردۈم. بىر ئايال بىر قەسىرنىڭ يېنىدا تاھارەت ئېلىۋېتىپتۇ. ‹بۇ كىمنىڭ قەسرى؟› دېۋىدىم، پەرىشتىلەر: ‹ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ› دېيىشتى. مەن ئۇنىڭ قاتتىق كۈنلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئارقامغا ياندىم، — دېگەنىدى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر يىغلاپ كېتىپ:

— سىلىدىنمۇ كۈنلەيمەنمۇ، يا رەسۇلەللاھ! — دېدى»(15).

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېسەل بولۇپ قېلىپ كېسىلى ئېغىرلاشتى. بالىلىرى دوختۇر ئېلىپ كېلىشنى ئېيتقانىدى، ئۇ ئۇنىمىدى. كېيىن كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئۆلۈمنىڭ سەكراتىغا چۈشكەن چاغدا، ئوغۇللىرىغا توۋلاپ: «تېۋىپىڭلار قېنى؟ ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، مېنى ساقايتىپ باقسۇن» دېدى(16).

ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير

ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئۆلۈم كۆرپىسىدە يېتىپ، ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئېلىپ، ئائىلىسى ئەتراپىدا يىغلىشىپ تۇرغان چاغدا، مۇئەززىننىڭ نامازشامغا ئەزان توۋلىغىنىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ بەدىنى قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى:

— قولۇمنى تۇتۇڭلار!

— نەگە بارىمىز؟

— مەسجىدكە بارىمىز.

— سەن بۇ ھالەتتە تۇرساڭمۇ بارىمىزمۇ؟!

— شۇنداق، سۇبھانەللاھ! نامازغا چاقىرىۋاتسا ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمايمەنمۇ! قولۇمنى تۇتۇڭلار!

ئۇلار ئۇنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ مەسجىدكە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئىمام بىلەن بىر رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە جان ئۈزدى(17).

شۇنداق، ئۇ سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە جان ئۈزدى. كىمكى ناماز ئوقۇسا ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىگە سەۋر قىلسا، ئۇنىڭ ھاياتى پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەسۋەد

سالىھلەر ۋاپات بولىدىغان چاغدا ياخشى ئەمەللەردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا ھەسرەت چېكىشىدۇ ۋە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن «ئۆمرىمىز ئۇزۇن بولسىكەن!» دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەسۋەد سەكراتقا چۈشكەن چاغدا يىغلىدى، ئۇنىڭدىن:

— نېمىگە يىغلايدىلا؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناماز ۋە روزىدىن (ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمغا) ئەپسۇسلىنىپ يىغلايمەن، — دېدى، ئاندىن جان ئۈزگەنگە قەدەر «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىپ تۇردى(18).

يەزىد رەققاشىي

يەزىد رەققاشىي ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن چاغدا يىغلاشقا باشلىدى ۋە ئۆز – ئۆزىگە: «ئى يەزىد! ئۆلۈپ كەتسەڭ، كىم سەن ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن روزا تۇتىدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىدۇ؟» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شاھادەت ئېيتتى ۋە جان ئۈزدى(19).

ئاللاھتىن بىزگە گۈزەل خاتىمە نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز، ئامىن.

ۋەز

﴿ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ﴾(16/«نەھل»: 32).

ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ سەكراتتىكى نەسىھەتلىرى

ئۆلۈم چوڭ بىلەن كىچىكنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايدۇ، پادىشاھ بولسۇن، ۋەزىر بولسۇن، تىجارەتچى بولسۇن ياكى ئەمىر بولسۇن، ئەجىلى توشقاندا يۈز – خاتىرە قىلمايدۇ. تۆۋەندىكىلەر پادىشاھلارنىڭ سەكرات ھالىتىدىكى ۋەز – نەسىھەتلىرى:

ھارۇن رەشىد

بۇ كۆپلىگەن زېمىنلارغا ئىگە بولغان ۋە ئۇ زېمىنلارنى لەشكەرلەر بىلەن توشقۇزغان پادىشاھ ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتقا قاراپ: «سەن يامغۇرۇڭنى ھىندىستانغا ياغدۇرغىن ياكى چىنغا ياغدۇرغىن، ياكى ئۆزۈڭ خاھلىغان بىر يەرگە ياغدۇرغىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قايسىبىر زېمىنغا يامغۇرۇڭنى ياغدۇرساڭ، ئۇ زېمىن مېنىڭ پادىشاھلىقىم ئاستىدىدۇر» دېگەنىدى.

ھارۇن رەشىد بىر كۈنى ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن چىقتى، بۇھلۇل ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

— ئى بۇھلۇل! ماڭا نەسىھەت قىلغىىن.

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تارتىپ داداڭغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاتا – بوۋىلىرىڭ قېنى؟

— ئەنە ئاۋۇلار ئۇلارنىڭ قەسىرلىرى.

— ئۇلارنىڭ قەبرلىرى قېنى؟

— مانا بۇ ئۇلارنىڭ قەبرلىرى.

— ئاۋۇلار ئۇلارنىڭ قەسىرلىرى، بۇ ئۇلارنىڭ قەبرلىرى بولسا، قەسىرلىرى قەبرلىرىدە نېمىگە ئەسقاتتى؟

— ئى بۇھلۇل! راست ئېيتتىڭ، يەنە نەسىھەت قىلغىن، — دېدى ھارۇن.

بۇھلۇل مۇنداق دېدى:

دۇنيادىكى قەسىرلىرىڭ كەڭرى،

ئۆلگىنىڭدە كەڭرى بولسىچۇ قەبرەڭ!

ھارۇن بۇنى ئاڭلاپ يىغلىدى ۋە:

— يەنە نەسىھەت قىلغىن، — دېدى.

بۇھلۇل مۇنداق دېدى:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!

كىسرانىڭ خەزىنىلىرىگە ئىگە بولدۇڭمۇ دەيلى،

يىللارچە ياشاپسەن نېمىلەر بولدى،

تىرىكلەرنىڭ بارارگاھى قەبر ئەمەسمۇ؟

سورالماسسەنمۇ بىر – بىرلەپ ئۆلۈمدىن كېيىن؟!

— شۇنداق، — دېدى ھارۇن.

ھارۇن رەشىد بۇ سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغرىپ قالدى. سەكراتقا چۈشكەن چاغدا، قوماندان ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى چاقىرىپ:

— لەشكەرلىرىمنى يىغىڭلار، — دېدى.

لەشكەرلەر قىلىچ ۋە قالقانلىرى بىلەن كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ، ھەممىسى ھارۇننىڭ قوماندانلىقىدا ئىدى. ھارۇن ئۇلارنى كۆرگەندە يىغلىدى ۋە:

— ئى پادىشاھلىقى يوقاپ كەتمەيدىغان زات! پادىشاھلىقى يوقاپ كېتىدىغان بەندەڭگە رەھىم قىلغىن، — دېدى.

بۇ خەلىفە تاكى جان ئۈزگەنگە قەدەر يىغلىدى. ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنياغا پادىشاھ بولغان بۇ كىشىنىڭ تاۋۇتى كۆتۈرۈلدى ۋە جەسىتى تار قەبرگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭغا ۋەزىرلىرى ھەمراھ بولمىدى، ئۆلۈمىگە ئېچىنغانلار بىللە ياتمىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قاچا تاماق بىللە دەپنە قىلىنمىدى ۋە ئاستىغا كۆرپە سېلىپ بېرىلمىدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ۋە مال – مۈلكى ئۇنىڭغا قىلچە ئەسقاتمىدى.

ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان

خەلىفە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋانغا ئۆلۈم سەكراتى كەلگەندە، قاتتىق قايغۇرۇشقا ۋە نەپسى قىيىنلىشىشقا باشلىدى. ئۇ ياتاق ئۆيىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇدى، دېرىزىلەر ئېچىۋېتىلدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان كەمبەغەل بىر كىر يۇيغۇچىنى كۆردى، ئۇ كىشى كىيىملەرنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇتۇش ئۈچۈن تاملارغا ئۇرۇۋاتاتتى.

ئابدۇلمەلىك دېدىكى: «كاشكى مەن كىر يۇيغۇچى بولۇپ قالسامچۇ! كاشكى مەن ياغاچچى بولۇپ قالسامچۇ! كاشكى مەن ھاممال بولۇپ قالسامچۇ! كاشكى مەن مۇئمىنلەرنىڭ ئىشىغا ئىگە (خەلىفە) بولمىغان بولسامچۇ!». شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋاپات بولدى.

شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بىر دىيارغا يۆتكىلىپ كەتتىكى، ئۇ دىياردا ئۇلارغا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتكارلار يوق، ئىززىتىنى قىلىدىغان ساھىپخانلار يوق، ھەمسۆھبەت بولىدىغان ۋەزىرلەر يوق. ئۇلار شۇنداق بىر دىيارغا يۆتكىلىپ كەتتىكى، ئۇ دىياردا ئۇلارغا پەقەت ياخشى ئەمەللىرىلا ئەسقاتىدۇ ۋە قىلمىشلىرى يېزىلغان سەھىپىلىرى ئۇلارغا خۇسۇمەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر﴾(41/«فۇسسىلەت»: 46) دېگەن.

دۇنيادا بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلدى، تېنىنى سالامەت قىلدى. لېكىن، ئۇلار رەھىمسىز ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشتىن غەپلەتتە قالدى. ئۇلار ئۆلۈمنى ئەينەن كۆرگەن چاغدا دۇنياغا قايتىشنى تىلىدى. بۇ تىلىكى تىجارەت، مال – دۇنيا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە بالىچاقا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن، ياراتقۇچى ۋە ھەممىدىن بۈيۈك ئاللاھ شۇنداق ھۆكۈم قىلغانكى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلمايدۇ.

سەكراتنىڭ باشقا ھالەتلىرى

ئاسىي – گۇناھكار، ئويۇن – تاماشاغا بېرىلگەن ۋە ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلىپ، دۇنياغا بولغان مۇھەببىتى ئۇلارغا غالىب كەلگەن ئىنسانلارغا كەلسەك، سەكرات ھالىتىدە ئۇلارغا ئازاب بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبىي ئېيتىدۇ: «دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن، ئۇزۇن ئارزۇ – ئارمانلار مەغرۇرلاندۇرۇپ قويغان بىر كىشىگە ئۆلۈم سەكراتى كېلىپ قاتتىق قىينالغان ۋاقىتتا، بالىلىرى رازىلىق ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئەتراپىغا يىغىلدى ۋە:

— ‹لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگىن، — دېدى.

ئۇ نەپسى بوغۇلۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى. بالىلىرى يۇقىرىدىكى سۆزنى قايتا دېگەنىدى، ئۇ توۋلاپ تۇرۇپ:

— پالانى زېمىنغا مۇنداق قۇرۇلۇش قىلىڭلار، پالانى يەرگە مۇنداق نەرسە تېرىڭلار، پالانى دۇكانغا مۇنداق نەرسە ئەكىلىڭلار، — دېدى. ئاندىن داۋاملىق بۇ سۆزىنى دېگىنىچە ئۆلۈپ كەتتى»(20).

شۇنداق، ئۇ يەر – زېمىن ۋە دۇكانلىرىنى تەرك ئەتكەن ھالدا ئۆلۈپ كەتتى، بۇ نەرسىلەردىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى پايدىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بولسا ھەسرىتى داۋاملىشىدۇ.

ھاراقكەش

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «داۋاملىق ھاراقكەشلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولىدىغان بىر كىشى سەكرات ھالىتىدە تۇرغان چاغدا، ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن بىرسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى پالانى! ئى پالانى! ‹لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگىن، — دېدى.

ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، رەڭگى تاتىرىپ، تىلى ئېغىرلاشتى. يېنىدىكى كىشى ئۇنىڭغا:

— ئى پالانى! ‹لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگىن، — دەپ تۇردى، ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ:

— ياق، سەن ھاراق ئىچكىن، ئاندىن ماڭا ھاراق بەرگىن، سەن ھاراق ئىچكىن، ئاندىن ماڭا ھاراق بەرگىن، — دەپ توۋلىدى. ئۇ روھى ياراتقۇچىسىنىڭ تەرىپىگە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر بۇ سۆزنى داۋاملىق دېدى»(21).

مۇھەممەد ئىبنى مۇغىس پاسىق، كۆپ ھاراق ئىچىدىغان، ھاراقكەشلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقمايدىغان بىر كىشى ئىدى. ئۇ كېسەل بولۇپ ئۆلۈمنىڭ سايىسى يېقىنلىشىپ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقان چاغدا، ئەتراپىدىكىلەردىن بىرسى ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىدى:

— بەدىنىڭدە قۇۋۋەت بارمۇ؟ ماڭالامسەن؟

— شۇنداق، خاھلىسام بۇ يەردىن ھاراقكەشلەرنىڭ ئۆيىگە مېڭىپ بارالايمەن.

— ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيمەن، «مەسجىدكە مېڭىپ بارالايمەن» دېسەڭچۇ!

— بۇنداق قىلىش ماڭا غالىب كەلدى، ھەربىر ئادەم ئادەتلەنگەن ئىشىغا كۆنۈپ قالىدىكەن، مەن مەسجىدكە بېرىشقا ئادەتلەنمىدىم.

ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى(22).

ئىبنى ئەبۇ رەۋۋاد ئېيتىدۇ: «سەكرات ھالىتىدە تۇرغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگەن كەلىمىنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ كەلىمىنى ئېيتىشى ئۈچۈن توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى. ئۇلار قايتا – قايتا ئۆگەتتى ۋە ئاللاھنى ئەسلەتتى. ئۇ قاتتىق قىينىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ نەپسى قىيىنلاشقان چاغدا توۋلاپ: ‹مەن ”لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق“ دېگەن كەلىمىگە كۇفرىلىق قىلىمەن› دېدى. ئاندىن نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ جان ئۈزدى».

ئىبنى ئەبۇ رەۋۋاد دەيدۇكى: «ئۇنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەھلىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇلار: ‹ئۇ ھاراقكەش ئىدى› دېدى»(23).

ئاللاھقا سىغىنىپ، ھاياتىمىزنىڭ يامانلىق بىلەن ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمىز ۋە يەنە پاسكىنچىلىقلارنىڭ ئانىسى، ناچار ئىشلارنىڭ بېشى بولغان ھاراقتىن پاناھلىق تىلەيمىز. كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچسە، ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچەلمەيدۇ. كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچسە، ئاللاھ ئۇنى ئاخىرەتتە تىينەتۇل خەبال بىلەن سۇغىرىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— تىينەتۇل خەبال دېگەن نېمە؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ زات:

— دوزاخ ئەھلىنىڭ قان – يىرىڭلىرى، — دېگەن(24).

پەقەت ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغان ۋە پەرۋەردىگارىمىز ئەپۇ قىلغان كىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

نەغمە – ناۋا چالىدىغان ۋە ناخشا ئېيتىدىغان ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ ۋاپات بولۇشىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە سىناقلار بولىدۇ.

نامازنى تەرك ئەتكۈچى

ئەڭ چوڭ جىنايەت ئەھلى بولسا نامازنى تەرك ئەتكۈچى شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرىدۇر. ئىسلام بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر. نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ۋە ئاخىرەتتە ھالى بەك خاراب بولىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتىدۇكى: «نۇرغۇن گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ۋە ئىبادەتلەرگە سەل قارىغان بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ سەكراتتىكى ۋاقتىدا، ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاللاھنى ئەسلىتىشكە ۋە ‹لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگەن كەلىمىنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئۇ كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ روھى چىقىشقا باشلىغان چاغدا يۇقىرى ئاۋازى بىلەن توۋلىدى ۋە: ‹”لا اله الا الله / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق“ دەيمەن، لېكىن ماڭا مەنپەئەت قىلمايدۇ، مەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ باققىنىمنى بىلمەيمەن› دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاپات بولدى»(25). مانا بۇ ئۆلۈم ئاخىرەت يولىنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئىنسان مېلىغا ۋە بەدىنىگە كەلگەن زىيان – زەخمەتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟

ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان بىلمەيدۇ، بەلكى بىر تەسلىكتىن كېيىن چوڭ ئاسانلىق كېلىشى مۇمكىن. ئۇ كىشىگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ: «سىلەردىن بىركىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر چوقۇم شۇنداق قىلىدىغان بولسا: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا ھاياتلىق خەيرلىك بولىدىغانلا بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ماڭا ئۆلۈم خەيرلىك بولىدىغان بولسا، جېنىمنى ئالغىن› دېسۇن»(26). ئۇ زات يەنە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن ۋە ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى چاقىرمىسۇن. شەك – شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلى ئۈزۈلىدۇ، مۇئمىنگە ئۇنىڭ ئۆمرى پەقەت ياخشىلىقنىلا زىيادە قىلىدۇ» دېگەن(27).

بايان

ئىنسىاننىڭ ھاياتىدا قىلغان ئەمەلىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. ئىمام تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (35857) — ت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6511)؛ مۇسلىم (2952). (دېمەكچى بولغىنى شۇكى: «ئى سورىغۇچى! قىيامەت قاچان بولسا بولسۇن، سەن مۇشۇ بالىنىڭ كۆرىدىغان ئۆمرىدىن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرمەيسەن، ئەنە شۇ چاغدا سېنىڭ ئۆلۈمۈڭ قىيامىتىڭنىڭ قوپقىنى بولىدۇ. شۇڭا، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال قانچىلىك ئەمەل قىلىۋالالىغىنىڭغا قارىغىن» — ت.)
3. ئىبنى ئەبى شەيبە (35409)؛ ئەھمەد: «ئەززۇھد» (220). بۇ تابىئىن شەھر ئىبنى ھەۋشەبنىڭ سۆزى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ئەمەس. كۆپىنچە ئېھتىمالدا بۇ بىز يا راست، يا يالغان دېمەسلىككە بۇيرۇلغان ئىسرائىلىييات بولسا كېرەك — ت.
4. ئەبۇ يەئلا (6824). (ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى زەئىف» دېگەن — ت.)
5. بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (664، 687)؛ مۇسلىم (418) — ت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4459) ؛ مۇسلىم (2443) — ت.
7. بۇخارىي (4462) — ت.
8. ئىبنى ھىببان (6591). ئىبنى ھەجەر: («ئەلفۇتۇھاتۇررەببانىييە»، 4/100) «سەھىھ» دېگەن — ت.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (437)؛ مۇسلىم (530)— ت.
10. مالىك: «مۇۋەتتا»، (593). ئالبانىي: («مىشكات»، 750) «سەھىھ، مۇرسەل» دېگەن — ت.
11. ئەھمەد (26526). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن — ت.
12. ئەبۇ يەئلا (2731). ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەھىھ» دېگەن — ت.
13. بۇخارىي (3700) — ت.
14. ئىبنى ئەلمۇبارەك: «ئەززۇھد ۋەررەقائىق»، (435، 436) — ت.
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3242)؛ مۇسلىم (2395).
16. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «المحتضرين/ سەكراتقا چۈشكەنلەر»، (128) — ت.
17. ئىبنۇلجەۋزىي: «سىفەتۇسسەفۋە»، (174) — ت.
18. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «المحتضرين/ سەكراتقا چۈشكەنلەر»، (186) — ت.
19. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (184) — ت.
20. ئىمام قۇرتۇبىي: «التذكرة في أحوال الموتى وأمور الآخرة»، 217 – بەت.
21. ئىبنۇلقەييىم: «الجواب الكافي»، 143 – بەت.
22. ئىبنۇلقەييىم: يۇقىرىقى مەنبە، 254 – بەت.
23. ئىبنۇلقەييىم: يۇقىرىقى مەنبە، 165 – بەت.
24. مۇسلىم (2002).
25. ئىبنۇلقەييىم: «الجواب الكافي»، 215 – بەت.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6351)؛ مۇسلىم (2680) — ت.
27. مۇسلىم (2682) — ت.

Please follow and like us: