Axiret_dunyasi_néme_uchun

ئاخىرەت دۇنياسى نېمە ئۈچۈن؟

قىسسە

بىر يىگىت ماڭا بىرقانچە قېتىم تېلېفون قىلدى. بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. ئۇ تېلېفونۇمغا ئارقا – ئارقىدىن ئۇچۇر يوللىغىلى تۇردى.

مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، قارشى تەرەپ تولىمۇ جىمجىت بولۇپ، ئاۋازىدىن بەك غەمكىن ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ئۇ ماڭا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

— ئۇستاز، ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىمىز؟

— ئەجەبلىنەرلىك گەپقۇ! ئۆلىمىز، ئاندىن قايتىدىن تىرىلىمىز، ئاندىن قىيامەت مەيدانىغا ھەشر قىلىنىمىز ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىمىز، ئاندىن… — مەن شۇنداق دېدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دەرھاللا گېپىمنى ئۈزۈۋەتتى ۋە گاڭگىراش ئىچىدە مۇنداق دېدى:

— ئىشەنمەيمەن، ئىشەنمەيمەن.

گەپ قىلىش ئۇسلۇبىدىن ئۇنىڭ بەزى كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ قېلىپ ياكى ئاللىقانداق توغرا بىلەن خاتا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن تور بەتلەرگە كىرىپ قېلىپ تېڭىرقاپ قالغان ياكى توغرا ئىلىم ۋە ھۆججەت – دەلىللەرنى بىلمەي تۇرۇپ دىنسىزلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يېڭىلىپ قالغان بىر ياش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم:

— بالام! نېمە ئۈچۈن ئىشەنمەيسەن؟

— ئۇستاز! مەن دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەت توغرۇلۇق سۆزلەنگەن تور بەتلەرگە كىردىم ۋە بەزى شەخسلەر بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باردىم. مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ۋە تەربىيە ئالغان «جەننەت، دوزاخ، پىلسىرات، ھېساب ئېلىش ۋە ئازاب بولۇش» دېگەن ئەقىدىلەر ئۈستىدە سوئال قويۇپ تەپەككۇر قىلدىم.

— بالام! ئۆزۈڭنى باس، ئۆزۈڭ تولۇق بىلمىگەن ئىلىمدە مۇنازىرە ئېلىپ بارمىغىن — دېدىم – دە ئۇنىڭغا ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەردىم، — ﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)﴾(17/«ئىسرائ‍»: 36).

ئۆزى ياخشى بىلمەيدىغان بىر ساھەدە گەپ قىلغان كىشىلەر بىردەك قايمۇقۇپ قالىدۇ، كاللىسىدا توغرا بىلەن خاتا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى ئازدۇرماقچى ۋە پىكرىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولغان ئادەملەرگە يەمچۈك بولۇپ قالىدۇ.

بالام! تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە ئىمان بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ يىلتىزىدۇر. كۆڭۈل پەقەت مۇشۇ ئەقىدە بىلەنلا خاتىرجەم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا كىرىدىغانلارنىڭ توختاۋسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەتتاكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئۇستازلىرى، چوڭ كەشپىياتچىلار، دىپلوماتلار ۋە مىنىستىرلارمۇ بار.

ھېچكىم مەجبۇرلىمىسىمۇ ياكى مۇكاپات ۋەدە قىلمىغان بولمىسىمۇ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جەننەت، دوزاخ، ھېساب ۋە ئازابنىڭ بارلىقىغا دەۋەت قىلىدىغان بۇ دىنغا كىرىشكە ئېلىپ بارغان نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ دەل تەۋھىد ۋە ئىنساندىكى تەبىئىي فىترەتتۇر. ئۇ كۆڭۈلنىڭ تەسكىن تېپىشى، روھنىڭ راھەتلىنىشى ۋە قەلبنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئاتىمىز ئادەمدىن ئىبارەت بىر جاندىن ياراتتى، ئاندىن ئانىمىز ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككىسىدىن ئىنسانلار كۆپەيدى. بىز بۇ دۇنيانى ئاۋات قىلىمىز، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىمىز ۋە ھاياتىمىزنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا تىرىلىمىز ۋە قىلغان – ئەتكەنلىرىمىزدىن ھېساب بېرىمىز. بۇنىڭ ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللىرى باردۇر.

دوستۇم خۇددى تېلېفوننى ئېتىۋەتكەندەك دەرىجىدە جىمىپ كەتكەنىدى، مەن پات – پات ئۇنىڭغا: «ئاڭلاۋاتامسىز؟ گېپىم توغرىمۇ؟» دەپ تۇردۇم.

ئۇ چوڭقۇر ئويغا غەرق بولغان ئىدى.

مەن مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاخىرەت ئالەمى ھەققىدە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بىر كىتابقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنى تۈزۈشكە كىرىشتىم.

ئاللاھتىن بۇ كىتابنى مول مەنپەئەتلىك ۋە ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەمگەك قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن، ئامىن(1).

ئاخىرەت دۇنياسى نېمە ئۈچۈن؟

 جىمى ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالاملار ئەنبىيائلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ پاك ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.

سۆزىمىزگە كەلسەك: ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ۋە ئەمەللىرىگە قارىتا جازا، مۇكاپات بېرىلىدىغان بىر كۈندە قايتىدىن تىرىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا بىرلىككە كەلدى. زالىم باشقىلارغا قىلغان زۇلمىغا قارىتا جازاغا ئۇچرايدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچى قىلغان ياخشىلىقىغا قارىتا مۇكاپاتلىنىدۇ. دېمەك، بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرقى نۇقتا ئەمەستۇر.

ھەقتائالا ئېيتتىكى: ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟﴾(38/«ساد»: 28)، ﴿ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەبەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 7).

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ رۇكنلىرىدىن بىرىدۇر. كىمكى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشنى ۋە ئەمەللەردىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقنى يالغانغا چىقارسا، ئۇلۇغ ئاللاھقا كافىر بولغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 45) دېگەن.

ئۇنداقتا ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى نېمە؟

ئۆلۈم دېگەن نېمە؟

قەبردە نېمىلەر بولىدۇ؟

ھەۋز دېگەن نېمە؟ تارازا دېگەن نېمە؟

پىلسىرات دېگەن نېمە؟ نامەئى ئەئماللەر دېگەنچۇ؟

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپىتى قانداق؟

ئاخىرەتتىكى ئاجايىب ئىشلار قايسىلار؟ ئاخىرەتتە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىمىزنى قاچان كۆرىمىز؟

خوش ئۇنداقتا ئاخىرەت دۇنياسى ھەققىدىكى سەپىرىمىزگە ئاتلىنايلى!

بىز نېمە ئۈچۈن ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىمىز؟
ئاللاھ تائالا دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن ئاخىرەت ھاياتىدىن ئىبارەت يەنە بىر ھاياتلىقنىڭ بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولۇپ، ئۇ كۈندە بولىدىغان ئەھۋاللاردىن بىزگە خەبەر بەردى ۋە بۇ خەبەرلەر بىلەن بىزگە ۋەز – نەسىھەت قىلدى. يەنە ئۇ كۈنگە ئىمان ئېيتىشنى ۋە تەييارلىق قىلىشنى بىزگە ۋاجىب قىلدى.

ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە خەيرلىك ئىشلارغا ئالدىراشقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئىنساندىن غەم – ئەندىشىنى يوق قىلىدۇ، يەنە ئىنساننى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشتىن يىراق قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەقتائالا ئېيتتىكى: ﴿قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47)، ﴿گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى (مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ﴾(20/«تاھا»: 111).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي، بۈگۈنلا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ»(2).

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىنساننى بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە دىنسىزلىق قىلىشتىن توسىدۇ. ئەمما، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدىغان كافىرغا كەلسەك، ئۇ ھەرقانداق قەبىھ ۋە مۇنكەر ئىشتىن ئۆزىنى تارتمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 74) دېگەن.

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىنساننى ئەخلاقىنى گۈزەل قىلىشقا، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشقا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا ساۋابنىڭ بارلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيادا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ھەسرەت چەكمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمانغا كەلگەن ھەرقانداق بىر مۇسىبەت بولىدىكەن، ھەتتا بەدىنىگە كىرىپ كەتكەن بىر تىكەن چاغلىق نەرسە بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ»(3) دېگەن.

يەنە شۇنداقلا ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئادەمنى گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە شۇ گۇناھلاردىن ئۆزىنى پاكلاشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەسھاب كىراملەر نەپسىدىن ھېساب ئېلىش ۋە نەپسىنى پاكلاشتا جانلىق ئۈلگىلەردىن ئىدى.

قىسسە

مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسھابلەردىن ئىدى، بىر كۈنى شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ، ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ دېدىكى بىلەن بىللە بولۇشقا قىزىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مائىز كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق بىر جايدا بۇ دېدەك بىلەن خالىي بولدى. بۇ ۋاقىتتا شەيتان بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى – دە، بۇ ئىككىسى زىنا قىلدى.

مائىز بۇ گۇناھ ئىشتىن پارىغ بولغان چاغدا، شەيتان ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاپ، نەپسىدىن ھېساب ئالدى ۋە ئۆز – ئۆزىگە مالامەت قىلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقتى. ھەتتاكى گۇناھ ئۇنىڭ قەلبىنى كۆيدۈرۈپ، ھاياتى ئۇنىڭغا تار كەلدى ۋە قىلغان خاتالىقى ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالدى. ئاندىن قەلبلەرنىڭ دوختۇرى بولغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ زاتقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولغان كىشى زىنا قىلدى، مېنى پاكلاپ قويسىلا.

بۇ چاغدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈپ تەتۈر قارىۋالدى. مائىز يەنە ئۇ زاتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كېلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم، مېنى پاكلاپ قويسىلا.

— ساڭا ۋاي! قايتقىن، ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىگىن ۋە تەۋبە قىلغىن.

مائىز قايتىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە كېلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنى پاكلاپ قويسىلا.

— زىنانىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا توۋلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى ۋە بۇيرۇق قىلىپ ئۇنى يېنىدىن چىقىرىۋەتتى. كېيىن ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە كېلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم، مېنى پاكلاپ قويسىلا.

— سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! زىنانىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېدى ۋە بۇيرۇق قىلىپ ئۇنى يېنىدىن چىقىرىۋەتتى. كېيىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قېتىم كېلىپ يۇقىرىقى سۆزىنى تەكرار دەۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ زات ئۇنىڭ قەۋمىدىن مۇنداق سورىدى:

— مائىزدا ساراڭلىق بارمۇ؟

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئەھۋالنى بايقىمىدۇق.

— ئۇ ھاراق ئىچتىمۇ؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەنىدى، بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى پۇراپ بېقىپ، ھېچقانداق ھاراقنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلمىدى.

شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مائىزدىن مۇنداق سورىدى:

— زىنانىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

— شۇنداق بىلىمەن، خۇددى بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىغا ھالال يېقىنچىلىق قىلغاندەك، مەن يات بىر ئايالغا ھارام يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم.

— بۇ سۆزۈڭ بىلەن نېمىنى مەقسەت قىلىسەن؟

— مېنى پاكلاپ قويۇشلىرىنى مەقسەت قىلىمەن.

— بولىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دەپ بولۇپ، ئۇنى چالما – كېسەك قىلىشقا بۇيرۇۋىدى، ئۇ ئۆلگەنگە قەدەر چالما – كېسەك قىلىندى.

مۇسۇلمانلار بۇ ساھابەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئەسھابلىرى بىلەن ئۇ چالما – كېسەك قىلىنغان جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئەسھابلىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ بىر – بىرىگە: «ئاللاھ تائالا سەتىر قىلسا، نەپسى ئۇنىمىغانلىقى سەۋەبتىن ئىتلار چالما – كېسەك قىلىنغاندەك، چالما – كېسەك قىلىنغان بۇ كىشىگە قارا» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى ۋە گەپ قىلماي سۈكۈت قىلدى. ئاندىن بىرەر سائەت ماڭغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قىزىپ قورساقلىرى كۆپۈپ، ئىككى پۇتى كۆتۈرۈلۈپ قالغان بىر ئېشەك تاپىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. بۇ چاغدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى:

— پالانى، پالانى ئىككى كىشى قېنى؟

— مانا بىز، ئى رەسۇلۇللاھ!

— چۈشۈپ بۇ ئېشەكنىڭ تاپىدىن يەڭلار!

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ سىلىنى مەغفىرەت قىلسۇن، كىممۇ بۇنى يەيدۇ؟

— باياتىن ئىككىڭلارنىڭ (ئۆلۈپ كەتكەن) قېرىندىشىڭلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىغا تېگىپ غەيۋىتىنى قىلغىنىڭلار ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېگەندىنمۇ قاتتىق ئېغىر گۇناھتۇر. ئۇ شۇنداق بىر تەۋبە قىلدىكى، ئەگەر بۇ تەۋبە پۈتۈن ئۈممەتكە تەقسىم قىلىنىپ قالسا، ئۇلارنىڭ تەۋبىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ ھازىر جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرىدە ئۈزۈپ يۈرۈۋاتىدۇ(4).

مائىز ئىبنى مالىكقا خۇش مۇبارەك بولسۇن! شۇنداق، ئۇ زىنادىن ئىبارەت ئېغىر گۇناھنى سادىر قىلىپ، ئۆزى بىلەن رەببى ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى بۇزۇۋەتتى. بۇ گۇناھتىن پارىغ بولغان چاغدا، گۇناھنىڭ لەززىتى كېتىپ، ھەسرەتلىرى قەلبىدە قېپقالدى. لېكىن، ئۇ شۇنداق بىر تەۋبە قىلدىكى، ئەگەر بۇ تەۋبە پۈتۈن ئۈممەتكە تەقسىم قىلىنىپ قالسا، ئۇلارنىڭ تەۋبىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولاتتى.

خۇلاسە كەلام

ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىنساننى ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە رىيادىن ئۆزىنى تارتىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتقاندەك: ﴿ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 18).

يورۇتما

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش دۇنيادا راھەت، ئاخىرەتتە سائادەتتۇر.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. «ئۇ دۇنيا» ئاتلىق بۇ كىتابنى قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئاياغلىشىشى ھەققىدە توختالغان «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا» ئاتلىق كىتابىمنى تولۇقلىغۇچى دېيىشكە بولىدۇ.
2. بۇخارىي (2449). ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا قىلىدىغان رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىن زۇلۇم قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى رازى قىلىشى ئۈچۈن دۈشمەنلىشىپ قالغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدىكى: «بىر كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئولتۇرۇۋاتقان ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇ زاتنىڭ كۈلۈپ، ھەتتاكى ئۇدۇل چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ زاتقا: ‹نېمە ئۈچۈن كۈلدىلە؟ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!› دېيىلگەنىدى، ئۇ زات مۇنداق دېدى: ‹ئۈممىتىمدىن ئىككى كىشى پەرۋەردىگارىمنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىرى:

— ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا قېرىندىشىمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن، — دېدى، ئاللاھ تائالا يەنە بىرىگە:

— قېرىندىشىڭغا ھەققىنى بەرگىن، — دېدى. ئۇ (ھەقنى بەرگۈچى):

— ئى رەببىم! مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمدىن ھېچ نەرسە قالمىدى، — دېدى. ھەق ئىگىسى:

— ئى رەببىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمدىن ئۇنىڭغا يۈكلىگىن، — دېدى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش تۆكۈلدى، ئاندىن دېدى:

— ھەقىقەتەن، ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئىنسانلار گۇناھلىرىنىڭ باشقىلارغا يۈكلىنىشىگە موھتاج بولىدىغان كۈندۇر.

ئاندىن ئاللاھ تائالا ھەققىنى تەلەپ قىلغۇچىغا:

— بېشىڭنى كۆتۈرگىن، — دېدى. ئۇ كىشى بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ:

— ئى رەببىم! مەن ئالتۇن شەھەرلەرنى ۋە مەرۋايىتلار يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن قەسىرلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، بۇ قايسى پەيغەمبەر ئۈچۈن؟ ياكى قايسى سىددىق ئۈچۈن؟ ياكى قايسى شېھىد ئۈچۈن؟ — دېدى. ئاللاھ تائالا:

— بۇ ئۇنىڭ پۇلىنى بەرگەن ئادەم ئۈچۈن، — دېدى.

— بۇنىڭ پۇلىغا كىممۇ ئىگە بولالايدۇ؟

— سەن ئىگە بولىسەن.

— ئۇنداقتا نېمە بىلەن ئىگە بولىمەن؟

— قېرىندىشىڭنى ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئىگە بولىسەن.

— ئى رەببىم! مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتتىم.

— سەن قېرىندىشىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن.

ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى:

— ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئاراڭلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار، ئاللاھمۇ قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ› دېدى». (قاراڭ: ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8718). ھاكىم: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىفۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب» تە (1469، 2103) «بەك زەئىف» ۋە «زەئىف» دېگەن. مۇئەللىف پۈتۈن كىتابتا ھەدىس نومۇرلىرىنى بايان قىلمىغاندىن سىرت، گاھىدا ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنى تولۇق تەخرىج قىلمىغان بولۇپ، نومۇرلارنى ۋە كېرەك بولغان يەردە ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ تەخرىجلىرىنى تەھرىرات مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان (— ت) بەلگىسى بىلەن تولۇق بايان قىلىپ ماڭىمىز — ت.)
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5640)؛ مۇسلىم (2572).
4. ئەبۇ داۋۇد (4428). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 1686) «زەئىف» دېگەن — ت.

Please follow and like us: