يەجۈج – مەجۈجلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدە كەلگىنىدەك، ئىككى چوڭ قەبىلە ياكى ئادەم ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىككى خەلقتۇر. ئەمما، ئۇلار ھەققىدە بەزى كىتابلاردا كەلگەن: «ئۇلارنىڭ بەك پاكار ۋە كىچىكلىرى ۋە يەنە بەك چوڭلىرى بار، بەزىلىرى بىر قۇلىقىنى كۆرپە، يەنە بىر قۇلىقىنى يوتقان قىلىپ ياتىدۇ…» دېگەندەك گەپلەرنىڭ ھېچقايسسىنىڭ ئاساسى يوقتۇر. ئۇلار ئادەم ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئادەم بالىلىرىنىڭ قىياپىتىدە بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار زۇلقەرنەيننىڭ ۋاقتىدا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خەلق بولغاچقا، يەجۈج – مەجۈجلەرگە قوشنا خەلقلەر زۇلقەرنەيندىن ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىغا توسما سېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بېرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئاخىر زاماندا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن، يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى، ئاندىن زېمىنغا تارىلىپ مەريەم ئوغلى ئىيسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىغان مۇئمىنلەرنى بەيتۇلمۇقەددەستىكى بىر تاغقا قورشىۋالىدىغانلىقى، مۇئمىنلەرنىڭ ناھايىتى تەس ئەھۋالدا قالىدىغانلىقى، دەل شۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ يەجۈج – مەجۈجلەرگە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى يەيدىغان قۇرتلارنى ئەۋەتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەم ئۆلگەندەكلا بىراقلا ئۆلىدىغانلىقى، شۇنداق قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ھەمراھلىرىنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن خەبەر بەرگەن. تۆۋەندە مۇشۇ ۋەقەلىكلەر ھەققىدە بىرمۇ – بىر توختىلىمىز.
يەجۈج – مەجۈجلەرگە قارشى توسما سېلىش قىسسەسى
ئاللاھ تائالا سالىھ پادىشاھ زۇلقەرنەيننىڭ تارىخىي ۋەقەلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى. زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرىي تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۈج – مەجۈجلەر يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى. زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ – قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي. ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى. ئۇلار (يەنى يەجۈج – مەجۈجلەر) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى﴾(18/«كەھف»: 92 – 97).
زۇلقەرنەين كىم؟
ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدىغان، دىندار پادىشاھ بولۇپ، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ سۆزلىرىدىكى توغرا قاراشقا ئاساسلانغاندا پەيغەمبەر ئەمەس. ئۇ شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدىغان ۋە پاتىدىغان جايلار بولغان كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش زېمىنلىرىغىچە يېتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، «زۇلقەرنەين (ئىككى مۈڭگۈزلۈك)» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئىسكەندەر مەقدۇنىي (ئىسكەندەر ماكىدونىسكى) ئەمەس، چۈنكى ئىسكەندەر مەقدۇنىي كافىر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسكەندەر مەقدۇنىينىڭ ياشىغان دەۋرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭكىدىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ئاللاھ تائالا «كەھف» سۈرىسىدە ئۇنىڭ پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى تارىخىنى بايان قىلغان بولۇپ، بىز بۇيەردە يەجۈج – مەجۈجلەر ۋەقەلىكىگە ئالاقىدار ئايەتلەر ھەققىدىلا توختىلىمىز.
﴿ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى﴾ — يەنى ئۈچىنچى بىر يولغا، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى شىمال تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ۋە ناھايىتى ئېگىز تاغلارغا يېتىپ كەلدى.
﴿زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا﴾ — يەنى ئۇ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە تۈرك زېمىنىنىڭ ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىلىنىدىغان يېرىدىكى ئىككى چوڭ تاغ ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كەلدى.
ئىككى چوڭ تاغ ئارىسىدا يېرىق بار بولۇپ، يەجۈج – مەجۈجلەر ئاشۇ يېرىقتىن تۈرك زېمىنىغا چىقىپ، ئۆكتەملىك قىلىپ فىتنە – پاسات تېرىپ، ئېتىز – ئېرىق، مال – چارۋىلارنى ۋەيران قىلىشاتتى. تۈركلەر زۇلقەرنەيننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقى، پاراسىتى، ياخشىلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن يەجۈج – مەجۈجلەر چىقىپ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئۆتۈشمە يول تەرەپكە بىر توسما سېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. بۇنىڭ بەدىلىگە پۇل – ماللارنى توپلاپ ئۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، زۇلقەرنەين دىندار پادىشاھ بولغاچقا توسمىنى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، بىكارغا سېلىپ بەرمەكچى بولدى. توسما تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ قولاي ئۇسۇلىنىڭ ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ يوچۇقنى تىندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، كىشىلەردىن ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: ﴿ماڭا ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي﴾ دېدى.
ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن تولدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا: ﴿كۆرۈكلەرنى بېسىڭلار﴾ دېدى. يەنى تۆمۈر پارچىلىرىنى كۆرۈكلەر (تۆمۈرچىلەر تۆمۈر تاۋلىغاندا ئوتنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن پۈۋلەشكە ئىشلىتىدىغان بىر خىل سايمان) بىلەن پۈۋلەڭلار. ﴿تۆمۈر پارچىلىرى ئوتتەك بولغاندا﴾ يەنى ئاشۇ تۆمۈر دۆۋىسى كۆيۈپ ئوتتەك بولۇپ يانغان چاغدا، ﴿ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي﴾ دېدى. تۆمۈر ۋە مىسلار بىر – بىرىگە يېپىشىپ ناھايىتى پۇختا بىر توسما ھاسىل بولدى. توسما بەك ئېگىز بولغاچقا، يەجۈج – مەجۈجلاردىن ئىبارەت بۇزغۇنچىلار ئۇنىڭغا يامىشالمايتتى، ئۈستىگىمۇ چىقالمايتتى. مۇستەھكەم ۋە ھىم بولغاچقا ئاستىنىمۇ تېشەلمەيتتى. زۇلقەرنەين بۇ توسما ئارقىلىق يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىش يوللىرىنى ئېتىۋەتكەن ئىدى.
يەجۈج – مەجۈجلەر كىم؟
بەزىلەر: «‹يەجۈج – مەجۈج› دېگەن خۇددى ‹تالۇت ۋە جالۇت› دېگەندەك ئەرەب تىلىغا يات بىر تىلدىكى ئىككى ئىسىم» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: «بۇ ئىككى سۆز ئەرەبلەرنىڭ ‹ئوت ئۇلغايدى› دېگەننى ‹ئەججەتىننار / أجت النار» دەپ ئاتىغىنىدىكى ‹ئەججە› دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ناھايىتى ناچار خەلق بولۇپ، ئوت قويۇپ، باغۇ – بوستانلارنى كۆيدۈرۈپ زېمىننى خارابلاشتۇراتتى. يەنە بەزىلەر: «‹مائۇل ئۇجاج / الماء الأجاج ‹ناھايىتى تۇزلۇق سۇ›دىكى ‹ئۇجاج› دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹ئەلئەججۇ / الأج› دېگەن سۆزدىن چىققان» دەيدۇ. بۇ «ناھايىتى يۈگۈرۈك، يەلتاپان» دېگەن مەنىدە.
يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ دىنى قايسى؟ ئۇلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋىتى يېتىپ بارغانمۇ – يوق؟
يەجۈج – مەجۈجلەر ئادەم ئەۋلادىدىندۇر.
ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ توغرا دەپ قارىغان كۆز قارىشى: ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىككى قەبىلىدۇر(1).
ئۇلار ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ نەسلىدىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىس دەلىل بولىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە ئىدى، ساھابەلەر بىلەن ئالدى – كەينى بولۇپ ئايرىلىپ قالدى، ئاندىن: ﴿ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر. ئۇ كۈندە ھەربىر ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەربىر ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەس كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتەن) مەس ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس – ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(22/«ھەج»: 1، 2) دېگەن ئىككى ئايەتنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ئۈنلۈك قىلىپ ئوقۇۋىدى، ساھابەلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر گېپى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلاغلىرىنى تېزلىتىشتى. ساھابەلەر توپلىشىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۇ كۈننىڭ قانداق كۈنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام چاقىرىلىدۇ. پەرۋەردىگارى ئاللاھ تەبارەك ۋە تائالا ئۇنىڭغا:
— ئى ئادەم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغان كىشىلەرنى دوزاخقا ئەۋەتكىن!› دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئادەم:
— ئى رەببىم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغان كىشىلەر قانچىلىك؟ — دەپ سورىغاندا، ئاللاھ تائالا:
— ھەر مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى دوزاختا، بىرى جەننەتتە، — دەيدۇ».
ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساھابەلەر جىمىپ، لام – جىم دېيىشمىدى (چىرايلىرىدا خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا: ‹(ياخشى) ئەمەل قىلىڭلار ۋە خۇش بېشارەت ئېلىڭلار. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر باشقىلار بىلەن بىللە بولسىلا ئۇلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك تائىپە بىلەن بىللەسىلەر. ئۇلارنىڭ بىرى يەجۈج – مەجۈجلەر، يەنە بىرى ئادەم ۋە ئىبلىس ئەۋلادىدىن ھالاك بولغانلار› دېدى». ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن ساھابەلەر يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇددى تۆگىنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال مەڭچىلىك ياكى ئۇلاغنىڭ ئالدى پۇتىدىكى ئەنچىلىك كېلىسىلەر› دېدى»(2).
ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەجۈج – مەجۈجلەر ئادەم ئەۋلادىدىندۇر. ئەگەر ئۇلار قويۇپ بېرىلسە، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرسى مىڭدىن ئارتۇق ئەۋلاد قالدۇرماي ئۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاۋىل، تارىيس ۋە مەنسەكتىن ئىبارەت ئۈچ ئۈممەت كېلىدۇ»(3).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ئون بۆلەككە بۆلۈپ، ئۇنىڭ توققۇز بۆلىكىنى پەرىشتىلەردىن، قالغان بىر بۆلىكىنى باشقا مەخلۇقاتلاردىن قىلدى. پەرىشتىلەرنى ئون بۆلەككە بۆلۈپ، توققۇز بۆلىكىنى كېچە – كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدىغان، قالغان بىر بۆلىكىنى دىننى يەتكۈزىدىغان قىلدى. باشقا مەخلۇقاتلارنى ئونغا بۆلۈپ، توققۇز بۆلىكىنى جىن، بىر بۆلىكىنى ئادەم ئەۋلادلىرى قىلدى. ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئون بۆلەككە بۆلۈپ، توققۇز بۆلىكىنى يەجۈج – مەجۈج، قالغان بىر بۆلىكىنى باشقا ئادەملەر قىلدى»(4).
بۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ سۆزى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەس ھەم ھەدىسنىڭ ھۆكمىدىمۇ ئەمەس. چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بەزىدە بەنى ئىسرائىل قىسسەلىرىنى ئالىدىغانلىقى ۋە سۆزى ئىچىگە قوشۇپ قويىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىم مەزمۇنغا چېتىشلىق بولغانلىقىدىندۇر.
ئۇلارنىڭ قىياپىتى
خالىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەرمەلە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ھاممىسى مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چايان چېقىۋالغانلىقتىن بېشىنى تاڭغان ھالەتتە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر دۈشمەن يوق دەۋاتامسىلەر؟ يەجۈج – مەجۈجلەر چىقمىغۇچە سىلەرنىڭ ئۇرۇشلىرىڭلار ئاياغلاشمايدۇ. يەجۈج – مەجۈجلەر يۈزى كەڭ، كۆزى كىچىك، چاچلىرى قىزغۇچ قارا بولۇپ، ھەربىر تۆپىلىكتىن چىقىپ تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى بازغانلانغان قالقانغىلا ئوخشايدۇ»(5).
«ئۇلارنىڭ يۈزلىرى بازغانلانغان قالقانغىلا ئوخشايدۇ» — ئۇلارنىڭ يۈزلىرى كەڭ، يۇمىلاق ۋە گۆشلۈك بولغاچقا بازغاندا ئۇرۇلغان قالقانغا ئوخشىتىلغان.
«ھەربىر تۆپىلىكتىن چىقىپ تارقىلىدۇ» — يەنى ھەربىر ئېگىز جايدىن تېز سۈرئەتتە چىقىپ، زېمىنغا تارقىلىدۇ.
ئۇلار توسمىنى قانداق تېشىدۇ؟
يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ئىككى قەبىلە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، شۇڭا زۇلقەرنەيننىڭ ئۇلارغا قارشى توسما سالغانلىقى، توسمىنىڭ ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ يېنىغا چىقىشتىن چەكلەپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئىلگىرى بايان قىلىنغان ئىدى. شەكسىزكى، توسمىنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ يەيدىغان – ئىچىدىغىنى ۋە ئۆزىگە خاس ھاياتى، تۇرمۇشى بار. ئۇلار توختىماستىن بۇ توسمىنى ئۆرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، تېشىپ باقىدۇ، كولاپ باقىدۇ، توختىماي تىرىشىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توسما ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار توسمىنى كۈندە كولايدۇ، ھەتتا تېشىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ باشلىقى: ‹قايتىڭلار! ئەتە داۋاملىق كولايسىلەر› دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ توسمىنى بۇرۇنقىدىنمۇ پۇختىراق قىلىپ ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويىدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ (چىقىدىغان) ۋاقتى كېلىپ، ئاللاھ ئۇلارنى ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىش بېشى: ‹قايتىڭلار! ئەتە داۋاملىق كولايسىلەر، ئىنشائاللاھ› دەيدۇ. (ئەتىسى) ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، توسمىنىڭ ئۆزلىرى تاشلاپ كەتكەن ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توسمىنى تېشىپ، ئادەملەر تەرەپكە چىقىدۇ، سۇلارنى ئىچىپ (قۇرۇتۇۋەتكىلى تاس قالىدۇ)، ئادەملەر ئۇلاردىن قاچىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئوقلىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىدۇ، ئوقلار قانغا مىلەنگەن ھالدا قايتىپ چۈشىدۇ»(6).
بۇ ھەدىستىن ئۈچ ئىشنى بىلىۋالالايمىز:
1. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كولاشتىن توسقان، ناۋادا ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى بەلكىم تېشەلىگەن بولار ئىدى؛
2. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەنە توسمىدىن شوتا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئارتىلىپ ئۆتۈشتىن توسۇپ، ئۇنداق قىلىشنى ئۇلارغا بىلدۈرمىگەن ۋە ئۆگەتمىگەن. بەلكىم ئۇلار ئارتىلىپ ئۆتۈشكە تىرىشىپ باقسىمۇ، توسما بەك ئېگىز ھەم سىلىق بولغاچقا قادىر بولالمىغان گەپ؛
3. ئاللاھ تائالا «ئىنشائاللاھ» دېگەن سۆزنى تاكى قىيامەت يېقىنلىشىپ، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئۇلارغا بىلدۈرمەيدۇ. ئۇلار تاكى قىيامەت يېقىنلىشىپ، چىقىش ۋاقتى كەلگەنگە قەدەر «ئىنشائاللاھ» دېگەن سۆزنى دېيىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان.
ھەدىستە يەنە مۇنۇ مەزمۇنلارمۇ بار: ئۇلاردىن سانائەتچىلەر، مەنسەپدار – ھۆكۈمرانلار، ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرگە بويسۇنىدىغان پۇقرالار بار. ئۇلاردىن يەنە ئاللاھنى تونۇيدىغان، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلارمۇ بار.
يەنە شۇنداق ئېھتىماللىقمۇ باركى، «ئىنشائاللاھ» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ ئاغزىغا مەنىسىنى ئۇقماستىن شۇنداقلا كېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ سۆزنىڭ بەرىكىتىدىن كۆزلىگەن مەقسەت ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن(7).
يەجۈج – مەجۈج توغرىسىدا كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر
ئايەتلەر
ئاللاھ تائالا يەجۈج – مەجۈجلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھيى ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن. ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق. زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى. ئۇ كۈن پېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق. زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ. كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز». ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسان قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى. زۇلقەرنەين كۈن چىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق. ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈن چىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈن پېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەبەردار ئىدۇق. ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسان قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى. زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۈج بىلەن مەجۈج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى. زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ – قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر. ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي. ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا كۆرۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى. ئۇلار (يەنى يەجۈج – مەجۈجلەر) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى. زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بىنا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېئمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر». ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر – بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىمىز﴾(18/«كەھف»: 83 – 99).
﴿ھەرقانداق سۆزنى چۈشىنەلمىگىلى تاس قالىدىغان﴾ — يەنى ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ گېپىنى ناھايىتى تەستە، بەك ئاستا چۈشىنەلەيدىغان.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿يەجۈج – مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 96).
﴿ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ﴾ يەنى ھەربىر ئېگىز جايدىن ئالدىراپ چىقىپ زېمىندا تارقىلىپ كېتىدۇ.
ھەدىسلەر
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالاقزادە بولغىنىچە يېنىمغا كىرىپ:
— لا ئىلاھە ئىللەللاھ! ئەرەبلەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان يامانلىقتىن ۋاي! بۈگۈن يەجۇج ـ مەجۇجنىڭ توسمىسىدىن مۇنچىلىك ئېچىلىپ كەتتى، — دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باش بارمىقىنى دۈگىلەك ھالقا قىلدى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر تۇرسىمۇ ھالاك بولامدۇق؟ — دەپ سورىسام:
— ئەگەر يامان ئىش كۆپىيىپ كەتسە، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(8).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئاللاھ تائالا يەجۈج – مەجۈج توسمىسىدىن مۇنچىلىك ئېچىۋەتتى› دەپ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ھالقا قىلدى»(9).
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹ئاللاھ تائالا:
— ئى ئادەم! — دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام:
— لەببەي، يا رەببىم! مانا مەن تەييار، بارلىق ياخشىلىق سىلىنىڭ قوللىرىدا، — دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ:
— ئى ئادەم! دوزاخ ئەھلىنى ئەۋەتكىن! — دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:
— قانچىلىكى دوزاخ ئەھلى؟ — دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:
— ھەر مىڭ ئادەمدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى دوزاخقا، بىرى جەننەتكە كىرىدۇ، — دەيدۇ. شۇ چاغدا كىچىك بالىلارنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدۇ. ھەربىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. كىشىلەرنى مەست ھالەتتە كۆرىسەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەست ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر›. بۇ چاغدا ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى قايسىمىز بولىمىز؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— خۇش بېشارەت ئېلىڭلار، جەننەت ئەھلى بولىدىغان بىر كىشى سىلەردىن، دوزاخ ئەھلى بولىدىغان مىڭلارچە كىشى يەجۈج – مەجۈجلەردىن بولىدۇ، — دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ تۆتتىن بىرى بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېگەندە، بىز تەكبىر ئېيتىپ كەتتۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈچتىن بىرى بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېگەندە، بىز تەكبىر توۋلاپ كەتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا خۇددى ئاق كالىدىكى قارا تۈككە ياكى قارا كالىنىڭ تېرىسىدىكى ئاق تۈككە ئوخشاش بولىسىلەر، — دېدى»(10).
ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە ئىدى، ساھابەلەر بىلەن ئالدى – كەينى بولۇپ ئايرىلىپ قالدى. ئاندىن: ﴿ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر. ئۇ كۈندە ھەربىر ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەربىر ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەس كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتەن) مەس ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس – ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(22/«ھەج»: 1، 2) دېگەن ئىككى ئايەتنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ئۈنلۈك قىلىپ ئوقۇۋىدى، ساھابەلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر گېپى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلاغلىرىنى تېزلىتىشتى. ساھابىلەر توپلىشىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: ‹ئۇ كۈننىڭ قانداق كۈنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام چاقىرىلىدۇ. پەرۋەردىگارى ئاللاھ تەبارەك ۋە تائالا ئۇنىڭغا:
— ئى ئادەم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغان كىشىلەرنى دوزاخقا ئەۋەتكىن! —دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئادەم:
— ئى رەببىم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغان كىشىلەر قانچىلىك؟ — دەپ سورىغاندا، ئاللاھ تائالا:
— ھەر مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى دوزاختا، بىرى جەننەتتە، — دەيدۇ›».
ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساھابىلەر جىمىپ، لام – جىم دېيىشمىدى (چىرايلىرىدا خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارغا: ‹(ياخشى) ئەمەل قىلىڭلار ۋە خۇش بېشارەت ئېلىڭلار. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر باشقىلار بىلەن بىللە بولسىلا ئۇلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك تائىپە بىلەن بىللەسىلەر. ئۇلارنىڭ بىرى يەجۈج – مەجۈجلەر، يەنە بىرى ئادەم ۋە ئىبلىس ئەۋلادىدىن ھالاك بولغانلار› دېدى». ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن ساھابەلەر يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇددى تۆگىنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال مەڭچىلىك ياكى ئۇلاغنىڭ ئالدى پۇتىدىكى ئەنچىلىك كېلىسىلەر› دېدى(11)».
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: ‹مەن بىر تائىپە بەندىلىرىمنى چىقاردىمكى، ھېچكىم ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ، شۇڭا سەن بەندىلىرىمنى (يېنىڭدىكى مۇئمىنلەرنى) تۇر تېغىغا ئېلىپ كەل› دەيدۇ»(12).
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا يەجۈج – مەجۈجلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ھەرقايسى تۆپىلىكلەردىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى پىرقىلىرى تەبەرىيە كۆلىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ سۈيىنى بىراقلا ئىچىۋېتىدۇ، كېيىنكى پىرقىلىرى ئۆتكەندە: ‹ئەسلىدە بۇ كۆلدە سۇ بولغان ئىكەن› دېيىشىدۇ»(13).
تەبەرىيە كۆلى «جەلىل دېڭىزى» ياكى «جەلىل كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىچىك كۆل بولۇپ، پەلەستىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان. تەبەرىيە كۆلىگە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ سۈيى ئېقىپ كىرىپ، ئىئوردانىيەنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. تەبەرىيە كۆلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر، كەڭلىكى 13 كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭقۇرلۇقى 44 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 210 مېتىر تۆۋەن.
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «كېيىن ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەستىكى بىر تاغقا، يەنى خەمەر تېغىغا يېتىپ بېرىپ: ‹بىز يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇق، ئەمدى ئاسماندىكىلەرنى ئۆلتۈرىمىز› دېيىشىدۇ ۋە ئاسمانغا ئوق ئېتىشقا باشلايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنى قانغا بويالغان ھالەتتە ئارقىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قورشاۋغا ئېلىنىدۇ، ھەتتاكى، ئۆكۈزنىڭ بېشى ئۇلار ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھازىرقى 100 دىنارىڭلاردىنمۇ قىممەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا يەجۈج – مەجۈجلەرگە قۇرتلارنى ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى خۇددى بىر ئادەم ئۆلگەندەك بىراقلا ئۆلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پەسكە چۈشكەندە، زېمىننىڭ ھەممە يېرىنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ۋە بەدبۇي پۇراقلىرى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بۇ جەسەتلەرنىڭ ۋە بەدبۇي پۇراقلارنىڭ يوقىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇ يەرگە تۆگە بوينىدەك يوغان قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. قۇشلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ خاھلىغان يەرگە تاشلايدۇ، ئاندىن ئاللاھ شۇنداق بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋەياكى بىرەر چېدىرنىمۇ ساق قالدۇرمايدۇ. زېمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ. ئاندىن زېمىنغا: ‹مېۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن، بەرىكەتلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن› دېيىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە بىر تال ئانارنى بىر جامائەت كىشىلەر يەپ تويىدۇ، شۈپەكلىرى بىلەن سايىدايدۇ، سۈتكە شۇنداق بەرىكەت بېرىلىدۇكى، ھەتتا بىر سۈتلۈك تۆگە زور بىر تۈركۈم كىشىلەرگە يېتىپ ئاشىدۇ. سىيىرنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە، بىر ساغلىقنىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلەرگە يېتىدۇ. ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىزلا مەيىن بىر شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ھەربىر مۇئمىن مۇسۇلماننى قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن زېمىندا ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، مانا شۇ ۋاقىتتا قىيامەت قايىم بولىدۇ»(14).
باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا تۆگە بوينىدەك يوغان قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. قۇشلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ چوڭقۇر ئورەكلەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىدۇ. مۇسۇلمانلار يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ئوقيالىرى، ئوقلىرى ۋە ئوقدانلىرىنى يەتتە يىل كۆيدۈرىدۇ»(15).
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە ئېلىپ بېرىلغان كېچىسى ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار قىيامەت ھەققىدە سۆزلەشتى، ئۇلار سۆز قىلىش نۆۋىتىنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا بەردى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى بايان قىلدى، ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹كىشىلەر شەھەرلىرىگە قايتىدۇ، يەجۈج – مەجۈجلەر ھەربىر تۆپىلىكلەردىن ئالدىراپ چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. يەجۈج – مەجۈجلەر بىرەر سۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالسىلا، ئۇنى ئىچىپ تۈگىتىۋېتىدۇ، بىرەر نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالسىلا ئۇنى بۇزۇۋېتىدۇ. كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا پاناھلىق ئىزدەپ كېلىدۇ. ئاندىن مەن ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن. ئاندىن يەجۈج – مەجۈجلەر ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلايدۇ، كىشىلەر جەسەتلەرنىڭ پۇرىقىدىن بىزار بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ، مەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىمەن. ئاللاھ ئاسماندىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، يامغۇر سۈيى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئېقىتىپ، دېڭىزغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ»(16).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «يەجۈج – مەجۈجلەر كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، سۇلارنى ئىچىپ تۈگىتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئۇلاردىن قاچىدۇ. ئۇلار ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئاتسا ئوقلىرى قانغا بويالغان ھالدا قايتىپ چۈشىدۇ. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ: ‹زېمىندىكىلەرنى يەڭدۇق، ئاسماندىكىلەردىنمۇ غالىب كەلدۇق› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قۇرت ئەۋەتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھالاك بولىدۇ. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، زېمىندىكى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ سەمىرىپ كېتىدۇ»(17).
يەجۈج – مەجۈجلەر ھەققىدە كەلگەن زەئىف ھەدىسلەردىن بىرى
يەجۈج – مەجۈجلەر ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەر ئارىسىدا بىر قىسىم زەئىف ھەدىسلەرمۇ تارالغان. مەن بۇ يەردە يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن:
ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يەجۈج – مەجۈجلەر ھەققىدە سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— يەجۈج بىر ئۈممەت، مەجۈج بىر ئۈممەت بولۇپ، ھەربىر ئۈممەت 400 مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى نەسلىدىن قورال كۆتۈرەلەيدىغان مىڭ ئەرنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆلمەيدۇ، — دەپ جاۋاپ بەردى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە، — دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلار ئۈچ گۇرۇھ بولۇپ، بىر گۇرۇھى ئەرزگە ئوخشاش، — دېدى. مەن:
— ئەرز دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇ شامدىكى بىر دەرەخ بولۇپ، 120 مىڭ گەز ئۆسىدۇ. بۇ گۇرۇھقا نە تاغ، نە تۆمۈر تەڭ كېلەلەيدۇ. ئىككىنچى گۇرۇھ بىر قۇلىقىنى يەرگە سېلىپ ياتسا، يەنە بىر قۇلىقىنى يوتقان قىلىپ ياتىدۇ. ئالدىغا ئۇچرىغان پىل، ياۋايى ھايۋان، تۆگە ۋە چوشقا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يەيدۇ. ئىچىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىمۇ يەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ئۇچى شامدا، يەنە بىر ئۇچى خۇراساندا بولىدۇ. شەرقتىكى دەريالارنىڭ ۋە تەبەرىيە كۆلىنىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ (ۋە ئۇلارنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ)، — دېدى»(18).
يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ھالاك بولۇشى
يەجۈج – مەجۈجلەر ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، كىچىك بالىلار بولسۇن، ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ھارام ئىشلارنى بار كۈچى بىلەن قىلىپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ياشايدۇ. ھەتتاكى ئۇلارنىڭ كۇفۇرلۇقى چېكىدىن ئېشىپ: «زېمىندىكىلەرنى مەغلۇپ قىلغاندەك، ئاسماندىكىلەرنىمۇ مەغلۇپ قىلىمىز» دەپ ئاسمانغا ئوق ئېتىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن مۇھاسىرە ئېلىنغان ياكى يوشۇرۇنۇۋالغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالالايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر مۇھاسىرە ئېلىنغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇلارغا ئاچلىق، موھتاجلىق ۋە ئېغىر چارچاش يېتىدۇ.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يۇقىرىقى ھەدىسلەردە كەلگەندەك، ئاللاھقا يالۋۇرغان ۋاقىتتا ئاللاھ يەجۈج – مەجۈجلەرگە قۇرتلارنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار (شۇ قۇرتلارنىڭ سەۋەبى بىلەن) ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تۆگىنىڭ بوينىدەك قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ بۇيرۇغان يەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇ يەرلەرنى ئەينەكتەك پاك – پاكىز قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن زېمىنغا: «مېۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن، بەرىكىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن» دېيىلىدۇ.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەجۈج – مەجۈج توسمىسى ئېچىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلار ھەربىر تۆپىلىكتىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ﴾ دېگىندەك، ئۇلار كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ھالدا چىقىدۇ. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىگە، قورغانلىرىغا كۆزى چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ چارۋىلىرىنى ئېلىۋالىدۇ. يەجۈج – مەجۈجلەر زېمىندىكى سۇلارنى ئىچىپ تۈگىتىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى مەلۇم بىر دەريادىن ئۆتىدۇ ۋە سۇلارنى پاك – پاكىز ئىچىپ دەريانى قۇرۇقداپ قويىدۇ. قالغانلىرى بۇ دەريادىن ئۆتكەندە: ‹ئەسلىدە بۇيەردە سۇ بولغان ئىكەن› دېيىشىدۇ». ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدە ئىنسانلاردىن پەقەت قورغان ۋە شەھەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان ياكى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ. يەجۈج – مەجۈجلەر: ‹زېمىندىكى كىشىلەرنى مەغلۇپ قىلدۇق، ئاسماندىكىلەر قالدى› دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرى نەيزىنى ئوينىتىپ ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىدۇ، نەيزە قانغا بويالغان ھالدا چۈشىدۇ. يەنى ئۇلارغا ئاللاھتىن بالايى – ئاپەت كېلىدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قۇرتلارنى ئەۋەتىدۇ، قۇرتلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈن چىقمايلا ئۆلىدۇ. مۇسۇلمانلار: ‹ئارىمىزدىن بىرەر كىشى دۈشمەنلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا بىر قاراپ باققان بولسا – ھە› دەيدۇ. ئاندىن مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى جەزم قىلغان ھالدا دۈشمەنلەرگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن ماڭىدۇ. پەسكە چۈشكەندە ئۇلارنىڭ بىر – بىرسىنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان ھالەتتە ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ: ‹ئى مۇسۇلمانلار! خۇش خەبەر! ئاللاھ سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلاپ قالدى› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار شەھەرلەردىن ۋە قورغانلاردىن چىقىدۇ، چارۋىلىرىنى ئوتلاشقا قويۇپ بېرىدۇ. چارۋىلار ئۈچۈن پەقەت يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ گۆشلىرىلا قالغان بولۇپ، چارۋىلار سەمىرىتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى يېگەندەك، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ سەمىرىپ كېتىدۇ»(19).
ئەتىييە ئەۋفىدىن قىلىنغان رىۋايەتتە: ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۇلار زېمىندىكىلەردىن قورغانلارغا يامىشۋالغان كىشىلەردىن باشقىلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. زېمىن ئەھلىنى ھالاك قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر – بىرىگە يۈزلىنىپ: ‹پەقەت قورغانلاردىكىلەر ۋە ئاسمانلاردىكىلەرلا قالدى› دېيىشىدۇ – دە، ئوقلىرىنى (ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىدۇ)، ئوقلىرى قانغا بويالغان ھالدا چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇلار: ‹ئاسماندىكىلەرنى مەغلۇپ قىلدۇق، قورغانلاردىكىلەرلا قالدى› دەيدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا قۇرتلارنى ئەۋەتىدۇ – دە، قۇرتلار ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان ھالەتتە ئۆلۈشكە باشلايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلاردىن بىرى:
— كەئبەنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆلتۈردى، — دەيدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى:
— يەجۈج – مەجۈجلەر بىزنى ئالداۋاتىدۇ، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقساق، ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنى ھالاك قىلغاندەك بىزنىمۇ ھالاك قىلىۋېتىدۇ، — دەيدۇ. ھېلىقى كىشى (يەنى ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى دېگەن كىشى):
— ماڭا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭلار، — دەيدۇ. باشقىلار:
— ئېچىپ بەرمەيمىز، — دەيدۇ. ئۇ كىشى:
— ئۇنداقتا مېنى ئارغامچا ئارقىلىق پەسكە چۈشۈرۈڭلار، — دەيدۇ. ئۇ چۈشكەن ۋاقىتتا يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرىدۇ»(20).
يەجۈج – مەجۈجلەر ھالاك بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئۇرۇش بولمايدۇ
ئاللاھ تائالا يەجۈج – مەجۈجلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا پەقەت مۇئمىنلەرلا قالىدۇ. بەرىكەت ۋە ياخشىلىقلار كەڭ تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھلىرى پاكلىنىدۇ، ئۇرۇش ۋە جەڭلەر ئاخىرلىشىدۇ.
سەلەمە ئىبنى نۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتىم، بىر ئادەم كېلىپ:
— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ئاتلارنى قويۇۋەتتى، قوراللارنى تاشلىدى ۋە: ‹بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش (جىھاد) بولمايدۇ، چۈنكى ئۇرۇش تۈگىدى› دېيىشىۋاتىدۇ، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلار يالغان ئېيتىپتۇ، شۇ تاپتا جىھاد ئەمرى كەلدى. مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تۈركۈم جامائەت ھەمىشە ھەق ئۈستىدە ئۇرۇش قىلىدۇ، قىيامەت بولغۇچە ئاللاھ ئۇلارغا مەلۇم قەۋملەرنىڭ دىللىرىنى مايىل قىلىپ بېرىدۇ ۋە شۇلار ئارقىلىق رىزق بېرىپ تۇرىدۇ. يەجۈج – مەجۈجلەر ئاشكارا بولمىغۇچە ئۇرۇش تۈگىمەيدۇ، — دېدى»(21).
يەجۈج – مەجۈجلەر چىققاندىن كېيىنمۇ ھەج پائالىيىتى داۋام قىلىدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەجۇج ۋە مەجۇج پەيدا بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ بەيتۇللاھقا ھەج ۋە ئۆمرە داۋاملىشىدۇ» دېگەن(22).
زۇلقەرنەين يەجۈج – مەجۈجلەرگە قارشى سالغان توسمىنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ ئۇنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
ساھابەلەرنىڭ بىرى ئۇنى كۆرگەن. ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:
— مەن توسمىنىڭ يوللۇق كىيىمگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ توغرا سۈپەتلىگەنلىكىنى تەستىقلاپ:
— ئۇنى كۆرۈپسەن، — دېگەن»(23).
ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبى ئۆمەر سەئىد ئىبنى ئەبى ئەرۇبەدىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ مەدىنەلىك بىر ئادەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ‹ئۇ ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن يەجۈج – مەجۈج توسمىسىنى كۆردۈم، — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنى قانداق كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:
— ئاق ۋە قىزىل يوللۇق كىيىمگە ئوخشاش كۆردۈم، — دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ:
— ھەقىقەتەن سەن ئۇنى كۆرۈپسەن، — دېگەن›»(24).
ھافىز ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىر قىسىم پادىشاھلارنىڭ ئۇ توسمىنى تاپماقچى بولغانلىق قىسسەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خەلىفە ۋاسىق(25) ئۆز زامانىسىدا بىر قىسىم ۋالىيلىرىنى توسمىنى ئىزدەپ تېپىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خەۋىرىنى بېرىش ئۈچۈن بىر كىچىك قوشۇن بىلەن ئەۋەتكەن. ئۇلار يۇرتمۇ – يۇرت كېزىپ يۈرۈپ ئۇنى تاپقان. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار ئۇنىڭ تۆمۈر ۋە تۇچتىن بىنا قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدا چوڭ قۇلۇپ سېلىنغان چوڭ بىر ئىشىكنىڭ بارلىقىنى ۋەيەنە قالدۇق كېسەكلەرنى كۆرگەن. ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېقىن پادىشاھلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بار ئىكەن، ئۇ ناھايىتى مۇستەھكەم، ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئەتراپىدا ھېچبىر تاغ يوق ئىكەن. ئۇلار ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يوقاپ كېتىپ، ئاجايىب – غارايىب ئىشلارنى كۆرۈپ يۇرتلىرىغا قايتقان»(26).
ھافىز ئىبنى كەسىر بۇ قىسسەنىڭ سەنەدىنى بايان قىلمىغان ۋە ھېچقانداق باھامۇ بەرمىگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
زۇلقەرنەين توسمىسى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
زۇلقەرنەين توسمىسى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتىن پەرقى بار:
1. زۇلقەرنەين توسمىسىنى يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سالغان. سەددىچىن سېپىلىنى بولسا چىن پادىشاھلىرى دۆلەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن سالغان.
2. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان توسمىنىڭ ماتېرىيالى تۆمۈر ۋە تۇچتۇر. سەددىچىن سېپىلىنىڭ ماتېرىيالى بولسا تاش ۋە پىششىق خىشتۇر.
3. يەجۈج – مەجۈج توسمىسى ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بىردىنبىر ئۆتۈشمە ئېغىزىنى توسۇش ئۈچۈن ئىككى تاغ ئارىسىغا سېلىنغان. ئەمما، سەددىچىن سېپىلى بولسا تاغ چوققىلىرى ۋە ئۆتۈشمە يوللارغا سېلىنغان بىر توسما بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ شەرقىدىن غەربىگە نەچچە مىڭ مىل سوزۇلغان.
4. يەجۈج – مەجۈج توسمىسىنى ئاخىر زاماندا ئاللاھ خاھلىغان ۋاقىتقىچە تېشىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، سەددىچىن سېپىلىنىڭ بەزى جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە كىشىلەر ئۇنىڭغا بىمالال كىرىپ – چىقالايدۇ، ھەتتا كىشىلەر ئۇنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بۇزۇۋەتكەن.
نېمە ئۈچۈن سۈنئىي ھەمرا يەجۈج – مەجۈج توسمىسىنى بايقىيالمىدى؟
پۈتكۈل زېمىننى ۋە بارچە مەخلۇقاتنى پەقەت ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى ئاللاھلا تولۇق بىلىدۇ. بىزنىڭ يەجۈج – مەجۈج توسمىسىنىڭ ئورنىنى بايقىيالمىغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنى يەجۈج – مەجۈجلەرنى ۋە توسمىسىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويغان بولۇشى ياكى ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنى چۆللۈككە مەھكۇم قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشمىغۇچە كىچىككىنە ئورۇندا 40 يىل ئېزىپ يۈرگەنلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى بايقىيالمىغىنىغا ئوخشاش كىشىلەرنى يەجۈج – مەجۈجلەرنى ۋە توسمىسىنى بايقاپ قېلىشتىن چەكلەيدىغان نەرسىلەرنى ياراتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇ زات ھەر نەرسىنىڭ ۋاقتى – سائىتىنى بېكىتكەن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن. (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەربىر خەبەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر﴾(6/«ئەنئام»: 66، 67).
ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەر بايقىغان نەرسىلەرنى بايقىيالمىغان. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ قەرەلىنى بېكىتكەن.
قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: «يەجۈج – مەجۈجلەر ھەققىدىكى بۇ خەبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: ‹ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەجۈج – مەجۈجلەرگە بەددۇئا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گەدىنىگە چۈشكەن قۇرت بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سېسىق پۇرىقى زېمىننى قاپلايدۇ ۋە مۇئمىنلەرنى بىئارام قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ قۇشلار ئۇلارنى ئاللاھ خاھلىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ›»(27).
ئاخىرقى بىر مەسىلە
مۇسۇلمانلارغا يەجۈج – مەجۈجلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ۋاجىبمۇ؟
ۋاجىب ئەمەس. چۈنكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىسسەسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: «ھەقىقەتەن مەن ھېچقانداق كىشى ئۇرۇشالمايدىغان بىر جامائە بەندىلىرىمنى چىقاردىم، سەن مۇئمىن بەندىلىرىمنى تۇر تېغىغا ئېلىپ بارغىن» دەپ ۋەھيى قىلىدىغانلىقى(28) ئىلگىرى بايان قىلىنغان.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. «فەتھۇلبارىي»، 13/106.
2. ئەھمەد (19915). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس» دېگەن. تىرمىزىي (3168). تىرمىزىي «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (3348)، مۇسلىم (222) لەردە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىخچامراق رىۋايەت قىلغان.
3. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1508)؛ «ئىبنى ھىببان»، (6828). ھەيسەمى: «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىشەنچىلىكتۇر» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
4. «ئەلمۇستەدرەك» (8516). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
5. ئەھمەد (22687). ھەيسەمى: «بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ۋە تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. بۇسەيرىيمۇ «ئەلئىتھاف»تا: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
6. ئەھمەد (10640). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىككى شەيخ شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي (3153). تىرمىزىي «ھەسەن غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «فەتھۇلبارىي»، 13/109.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3346)؛ مۇسلىم (2880).
9. مۇسلىم (2881).
10. بۇخارىي (3348)؛ مۇسلىم (222).
11. ئەھمەد (19915). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس» دېگەن. تىرمىزىي (3168). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. مۇسلىم (2937).
13. مۇسلىم (2937).
14. مۇسلىم (2937).
15. تىرمىزىي (2406). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ غەرىب» دېگەن. بۇ سەھىھ ھەدىستۇر.
16. «ئەلمۇستەدرەك» (8502). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
17. ئەھمەد (10640). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىككى شەيخ شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي (3153). تىرمىزىي: «ھەسەن غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. «ئەلمۇستەدرەك» (8501). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (3855)؛ ھەيسەمىي: «زەئىف» دېگەن.
19. ئەھمەد (11749)؛ «ئەلمۇستەدرەك» (8504). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ» دېگەن. (چارۋىلارنىڭ گۆش يېيىشىمۇ ئەدەتتىن تاشقىرى ئەھۋالدۇر -ت)
20. ئەلمەتالىبۇل ئالىيە (4648). سەنەدى زەئىف. لېكىن باشقا ھەدىسلەر بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
21. نەسائىي (8659)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (6233)؛ ئەھمەد (17090)؛ شەيخ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1935) : «سەھىھ» دېگەن.
22. بۇخارىي (1593).
23. «سەھىھۇل بۇخارىي»، ئىمام بۇخارىي (3345 تىن كېيىن) مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. (ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىفلىك بار ھەمدە بۇ ھەدىستىكى كۆرۈش چۈشىدە كۆرۈشنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار)
24. «فەتھۇلبارىي»، 10/129.
25. خەلىفە ۋاسىق «ئابباسىيلار دۆلىتى»گە ھ. 227 — 232 / م. 842 — 847 – يىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ ئابباسىي خەلىفەلەرنىڭ توققۇزىنچىسى.
26. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 7/126.
27. موللا ئەلى قارىي ئۇنىڭدىن نەقىل قىلغان. «مىرقاتۇل مەسابىھ»، 2/16.
28. مۇسلىم (2937).